«ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» دىن مۇھاجىرەتتىكى
ئۇيغۇرلانىڭ روھىي ھالىتىگە نەزەر
مەمەت ئېمىن
ھازىرقى زامان پىسخىكا
ئىلىمىدا «ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ،
بۇ ئاتالغۇ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلاردا، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا
ئۇرۇشى مەزگىلدە گېرمانىيە
ناتسىستلىرىنىڭ ئىرقى
قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغان يەھۇدىلاردا كۆرۈلگەن پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەرنى
كۈزۈتۈش نەتىجىسىدە ئوتۇرغا چىققان بولۇپ، شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتە ئىزچىل
تەتقىتقاتلار ئىلىپ بىرىلغان.
ئۇنداقتا «ھايات قالغانلارنىڭ
گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» قانداق بىر تۇيغا؟ ئۇ قانداق ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ؟ كىملەر
بۇ ھايات قالغانلار قاتارىغا كىرىدۇ؟ ئۇنىڭ كونكىرىت ئالامەتلىرى نېمىلەردىن
ئىبارەت؟
«ھايات قالغانلارنىڭ
گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» دىگىنىمىز خەتەرگە ياكى تەھدىتكە يولۇققان ئىنسانلار ئىچىدە
ھايات قالغانلاردا پەيدا بولىدىغان گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇ ئاسالىقى مەلۇم
پاجەلىك ۋەقەدە ھايات قالغانلارنىڭ، ئۇ پاجەدە زەخمە بولغان ياكى ئۆلۈپ
كەتكەنلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر ئىش قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن پەيدا
بولغان ئۆز ئۆزىنى ئەيىپلەش تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇ بىزىدە «تەلەيلىكلەرنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» دەپمۇ
ئاتىلىدۇ. «ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» ئادەتتە ئۇرۇش، تەبىې ئاپەت،
قاتناش ۋەقەسى قاتارلىق ھەر خىل خەتەر ياكى پاجەلەرنى باشتىن كۆچۈرگەن، بىراق ئۆزلىرى
زەخمىگە ئۇچۇرمىغان ياكى ھاياتتا قالغانلاردا، ھەم شۇنداقلا ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست
بۇرادەرلىرىنىڭ خەتەر، تەھدىت ۋە پاجەلەرگە دۇچ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ
تۇرۇپ، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلالمىغانلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ بۇنداق
دىگەنلىك ھەرەۈزمۇ زەخمىگە ئۇچۇرمىغان ۋە ياكى ھايات قالغانلارنىڭ ھەممىسىدە
شۇنداق تۇيغا پەيدا بولىدۇ ياكى پەيدا بولغان ئۇ خىل تۇيغىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش
بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بەزىلەردە يەڭگىل بولسا، بەزىلەردە ئەھۋال بىر ئار ئىغىر
بولىدۇ؛ بەزىلەردە تىز بولسا، يەنە بەزىلەردە ئاستا ئاتسا پەيدا بولىدۇ؛ يەنى
بەزىلەردە بولسا ئۇ خىل تۇيغا ئۇنچە ئىنىق بولماسلىقى مۇمكىن.
«ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» نىڭ كونكىرىت ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە
1. زەخىمە پەيدا قىلغان ھادىسە ۋە ياكى پاجە يۈز بەرگەن نەق مەيدان كۆز ئالدىندىن كەتمەسلىك؛
2. زەخىمە
پەيدا قىلغان ھادىسە ۋە ياكى پاجە توغرىسىدا ھەددىدىن زىيادا ئويلاش ۋە ياكى
ئۇلارنى ئويلاشتىن ئۆزىنى توختىتالماسلىق؛
3. كەيپىياتى ئاسان بۇزۇلۇش ۋە ئاسان
ياكى سەۋەپسىز ئاچچىقلىنىش؛
4. چارەسىزلىك ۋە يالغۇزلۇق ھىس
قىلىش، ئۈمۈتسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش؛
5. ئۆز ئۆزىنى ئەيىپلەش ۋە ئۆز
ئۆزىنى ئىنكار قىلىش؛ بىر تەرەپتىن ئۆزىنى «يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدىم» دەپ
ئىيىپلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن «مەن نېمە قىلسام باكار» دەپ ئۆز ئۆزىنى ئىنكار
قىلىش؛
6. قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا بولۇش ۋە روھىي
كەيپىياتى قالايمىقان بولۇش؛
7. ماغدۇرسىزلىق ھىس قىلىش ياكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ
كۈچ كەم بولۇش؛
8. ھاياتتتىن ھوزۇرلىنالماسلىق، ھەر
دائىم زىدىيەتلىك تۇيغىدا بولۇش؛ بىر تەرەپتىن «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا» دەپ،
ئۆز ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ، ئۆزىنى ھاياتتىن ھوزۇر ئىلىشقا دەۋەت قىلسىمۇ، بىراق
ئارقىدىنلا زەخىمە پەيدا قىلغان ھادىسە ۋە
ياكى پاجەلەر كۆز ئالدىغا كىلىپ، ھەر خىل كۆڭەل ئىچىش پالىيەتلىرىدىن ۋاز كىچىش
ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىش؛ ئۆزى ياقتۇردىغان مۇزىكىنى ئاڭلاپ ياكى ئۆزى ياخشى
كۆرىدىغان كونسىرتنى كۆرۈپ، يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇشتۇمتۇت ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقىنى
خاتا دەپ قاراپ، دەرھال ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش، ھەتتا باشقىلارنىڭ شۇنداق قىلىشىنى
ئەيىپلەش ۋە ئۇلارغا قارشى چىقىش؛
9. ئۇقۇ بىنورمال بولۇش، يەنى بەزىدە
كۆپ ئۇخلاش، بەزىدە ئۇخلىيالمالىق؛ داۋاملىق قاباھەتلىك چۈش كۆرۈش؛ يېرىم كىچىدە
ئۇشتۇمتۇت ئويغىنىپ كىتىش؛
10. باش ياكى مۇسكۇللار ئاغرىش،
دائىم راھەتسىزلىك ھىس قىلىش؛
11. سەۋەپسىز كۆڭلى ئاينىش ياكى
ئاشقازان ئاغرىش؛
12. ئىشتىھاسى ئبىنورمال بولۇش،
بەزىدە كۆپ تاماق يىسە، بەزىدە تاماق يىگىسى كەلمەسلىك؛
13. ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئازلىتىش،
باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، يالغۇزلىقنى خالاش؛
14. ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالى پەيدا بولۇش ياكى ئۆزىنى
ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاش؛
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئىچىدە
كىملەر ھايات قالغانلار ياكى تەلەيلىكلەر ھىساپلىنىدۇ؟
ۋەتەندە يۈز بىرىۋاتقان ئىرقى
قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن دۇنياغا چىققان لاگىر شاھىتلىرى ۋە گەرچە لاگىردا
يىتىپ باقمىغان بولسىمۇ ۋەتەندىكى پاجەلەرگە شاھىت بولغان ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىپ
ئەركىن دۇنياغا قىچىپ چىققانلارنىڭ ھەممىسى ھايات قالغانلار ھىساپلىنىدۇ. ئۇندىن
باشقا ۋەتەندە ئۇرۇق تۇققانلىرى، دوست بۇرادەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، لاگىرلارغا
قامالغان ياكى ھەر خىل جازالارغا ئۇچۇرغان، ئەمما ئۆزلىرى ۋەتەن سىرتىدا بولغاچقا،
ئۇ پاجەلەرگە دۇچ كەلمىگەن، جۈملىدىن ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان،
مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر تەلەيلىكلەر ھىساپلىنىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئەگەر ۋەتەن ئىچىدە بولسا، ۋەتەندىكىلەر دۇچ كەلگەن
پاجەلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن بولغاقچا، ئەگەر ۋەتەندىكى ۋەزىيەت ياخشىلانمىسا، ئۇرۇق
تۇققان دوست بۇرادەرلەر ئۇ پاجەلەردىن قۇتۇلمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپ ساندا
ئۇيغۇردا ئازدۇر كۆپتۇر «ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» ياكى«تەلەيلىكلەرنىڭ
گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» پەيدا بولۇشى مۇمكىن
مەن 2018 – يىلى يىل ئاخىردا توردا بىر تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان ئىدىم؛ ئۇ تەكشۈرۈشكە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان 1100 دىن ئارتۇق قىرىنداشلار قاتناشقان بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ 56% تى ئائىلەمدە بىرنەچچە ئادەم لاگىر ياكى تۈرمىدە دەپ جاۋاپ بەرگەن؛ 15% تى كەم دىگەندە بىر ئادەم لاگىر ياكى تۈرمىدە دەپ جاۋاپ بەرگەن؛ 24% تى ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان؛ پەقەت 4% تى ئائىلەمدە تۇتۇلغانلار يوق دەپ جاۋاپ بەرگەن. دېمەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرمىغانلار ناھايتى ئاز.
ئەگەر بىز مۇھاجىرەتتىكى
ئۇيغۇرلارنى پىسخىكا ئەھۋالىغا يىقىندىن دىققەت قىلساق، بىر قىسىم قىرىنداشلاردىكى
«ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» نى پەرىق ئەتمەك ئۇنچە قىيىن ئەمەس.
مەسىلەن ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا بىر قىسىم قىرىنداشلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئاسان
بۇزۇلىدىغانلىقىنى، ناھايتى ئاسان رەنجىدىغانلىقىنى، خاپا بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى
سەۋەپسىز ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز. بەزى
قىرىنداشلار ئەگەر ھاياتىدا يۈز بەرگەن خوشاللىق ئىشلارنى ياكى ئۆز ياخشى
كۆرىدىغان مۇزىكا ۋە سەنئەت كىچىلىكلىرىنى ئىجتىمايى تارارقۇلاردا باشقىلار بىلەن
ئورتاقلاشسا، بەزىلىرىمىز دەرھاللا «ۋەتەندە خەلقىمىز قىرىلىۋاتسا، بىز چەتەلدە
يەنە مەشرەپ ئوينايمىزمۇ؟» دىگەندەك تەنە سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئەيىپلەيمىز ياكى ئۆزىمىز
بۇرۇن ھوزۇرلىنىدىغان ھەر خىل كۆڭەل ئىچىش پالىيەتلىرىدىن بۇرۇنقىدەك
ھوزۇرلىنالمايمىز؛ بىز بىر تەرەپتىن «ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن يىتەرلىك
تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدۇق» دەپ ئۆز ئۆزىمىزنى ئەيىپلەيمىز، يەنە بىر تەرەپتىن «بىز
نېمە ئىش قىلساق، چوڭ پايدىسى يوق» دەپ ئۆز ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىمىز ۋە چارەسىز
ھىس قىلىمىز. مەسىلەن يۇقارقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە
مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىرىنداشلارنىڭ ئائىلىسىدە بىر ياكى بىر نەچچە
ئادەم لاگىر ياكى تۈرمىگە سولانغان بولسىمۇ، بىراق تۇتۇلغان ئۇرۇق تۇققانلىرى
ئۈچۈن گۇۋاھلىق بىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان قىرىنداشلار
ناھايتى ئاز ساندا؛ يەنى كۆپ سانداق قىرىنداشلار گەرچە ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرى
ئۈچۈن قولدىن بىر ئىش كەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنسەكمۇ، ئەمىلىيەت كۆپۈنچىمىز بىز نېمە
قىلساق بېكار دەپ ئۆز ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىپ، سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان بولۇشىمىز
مۇمكىن. ئۇندىن باشقا بىز دۇنيانىڭ ئاسالەتسىزلىكىدىن، باشقىلارنىڭ بىزگە ياردەم
قىلمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ، ئاخىردا ھەممە نەرسىدىن ئۈمۈتىمىزنى ئۈزۈپ، ئېغىر
دەرىجىدە چۈشكۈنلىككە چۆمىشىمىز، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ 4% تى دائىم ئۆزەمنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسا، 19% تى بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزەمنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن بولۇپ، جەمى 23% ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققان. بۇ نىسبەت ئامېركىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلار نىسبىتىدىن تەخمىنەن 6 ھەسسە يۇقۇرى بولغان. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئولىغان بەزى قىرىنداشلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاتا ئانىسى ئۇلارنى مىڭ بىر مۇشاقەتتە بىقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بىشىغا دەرت ئەلەم كەلگەندە ئۇلارنىڭ يىنى بولالمىغان، ئۇلار ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلالمىغانلىقىدىن بەك ئۆكۈنىدىغانلىقى، ۋە شۇ سەۋەپتىن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق. ئۇ ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان. بۇ تىپىك «ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» بولۇپ، ئىشىنىمەنكى بۇ خىل تۇيغىدىكى قىرىنداشلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەرگۈز ئاز ئەمەس.
ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ بۇ
«ھايات
قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» دىن غالىپ كىلەلەيمىز؟
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار
ئارىسىدا «ھايات
قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» نىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋەتەندە
يۈز بىرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئۇ ئاخىرلاشمىغىچە، خەلقىمىز ھەقىقى
تۈردە ئەركىنلىككە چىقمقغقچە، بىزدىكى بۇ «ھايات
قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى» تۈگۈمەسلىكى مۇمكىن؛ بىراق شۇنداقتىمۇ ئەگەر
بىز بۇ مەسىلىنى تونۇپ يىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن چارا تەدبىر قوللانمىساق، خەلقىمىز
روھىي جەھەتتە ئېغىر مەسىلەلەرگە دۇچ كىلىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز
روھىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچۇرسا، ئۈمۈدىنن يوقاتسا، چۈشكۈنلەشسە، بۇ دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ
ئۈمۈت قىلغىنى بولۇپ، بىز ھەر جەھەتتى قوشلاپ زىيان تارتىشىمى مۇمكىن. چۈنكى ئىنساننىڭ
روھىي ھالىتى ۋە پىسخىكىسى ساغلام بولمىسا، ئۇنىڭ تەپەككۇرى ساغلام بولمايدۇ؛
تەپەككۇرى ساغلام بولمىسا، توغرا ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ ۋە نەتىجىدە توغرا تەدبىر
ئىلىشقا تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست
بۇرادەرلىرى ئۈچۈن روھىي جەھەتتە ساغلام ياشىشى ۋە ھەر خىل پىسخىكىلىق
مەسىلىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك؛ «ھايات قالغانلارنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسى»
ئۈستىدىن غالىپ كىلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.
1. جاۋاپكارلىقنىڭ كىمدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەر داىم ئۆزىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ
قولىمىزدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە تىرىشىشىمىز كىرەك.
2. كۆڭەلسىزلىكلەرنى يىڭىپ،
قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ھەر داىم ئۆزىمىزنى ئەسكەرتىپ
تۈرىشىمىز، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويساق، دوستىمىز ئەمەس دۈشمىنىمىزنى خوش
قىلىدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەك.
3. بىزنىڭ ھايات قىلىشىمىزنىڭ
بىزنى سۆيگەنلەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى
يوقۇتۇپ قويساق، ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئۈمۈدىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىشىمىز
كېرەك.
4. ئۆزىمىزنى ئەيىپلەشنىڭ ھىچ
ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىشىمىز، ئۇنىڭ ئورنىغا قولىمىزدىن كىلىشچە
ھەركەت قىلىشىمىز كېرەك.
5. ئۆز ئارا ئەيىپلەش ۋە ئۆز
ئارا ئىنكار قىلىشنى توختۇتۇپ، بىر
بىرىمىزگە دەستەك بولۇشىمىز كېرەك.
6. زۆرۈر بولغاندا پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىگە
ئىرىشىشىمىز كېرەك.
ئاخىردا يازمامنى ئامېرىكالىق
داڭلىق يازغۇچى ۋە ئەڭ ياخشى سىتىلغان كىتاپ ئاپتۇرى جەسىكا ئورتنانىڭ تۆۋەندىكى
سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچى.
گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئۆتمۈشنى
ئۆزگەرتمەيدۇ
گۇناھكارلىق تۇيغۇسى
كەلگۈسىنى ياخشىلىمايدۇ
گۇناكارلىق تۇيغۇسىنىڭ يا
باشقىلارغا يا ئۆزىمىزگە ياردىمى بولمايدۇ
گۇناكارلىق تۇيغۇسى، مەسىلەمىزنى
ھەل قىلمايدۇ
گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىزنىڭ
ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش، كۈچلىنىش ۋە تەرەققى قىلىش ئىقتىدارىمىزنى توسۇپ قويۇدۇ.
گۇناكارلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك