Wednesday, February 20, 2019

قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟

خەلقىمىزنىڭ پىسخىكا ھالىتىگە نەزەر
مەمەت ئىمىن

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك لاگىر مەسىلىسىنىڭ ئورتىغا چىقىشى ۋە ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزىلىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىز ھەقىقىتەن زور دەرىجىدە ئويغاندى. بىراق بۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.

ۋەتەن سىرتىدا ئەڭ كەم دىگەندە بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار. ئورتا ئاسىيادىن باشقا دۆلەتلەردە كەم دىگەندە 100 - 200  مىڭ ئۇيغۇر بار. دىموكىراتتىك دۆلەتلاردە كەم دىگەندە 50 - 100 مىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر بولىشى مۈمكىن. بىراق ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن بىر ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا  5 - 10  مىڭ ئەتىراپىدا بولىشى مۈمكىن؛ بۇ دىموكىراتتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 10% تى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل پالىيەتلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 ئەتىراپىدا بولىشى مۈمكىن. بۇ سان دىموكىراتتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ 1% گە يەتمەيدۇ.

مەن 2018 - يىلى 12 - ئايدىن 2019 - يىلى 1 - ئايغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە ئىلىپ بارغان راي سىناشقا جەمى 1100 دىن ئاتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار "تۇققانلىرىڭىز ئىچىدە لاگىر ياكى تۈرمىگە سولانغانلار بارمۇ دىگەن سوئالغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن.



يۇقارقى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 71% نىڭ 
ئائىلىسىدە  كەم دىگەندە بىر كىشى لاگىر ياكى تۇرمىدە. 24% تى تۇقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز. پەقەت 4% نىڭ ئاھىلىسىدىكىلەر ھازىرچە ساق سلامەت. بىراق يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك، ھەركەتكە ئۆتكەنلەر، مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 10% گە يەتمەيدۇ.

بۇ نىڭ سۋەبى نىمە؟

ۋەتەندىكى ئىغىر زۇلۇمنى تىخى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىنمۇ؟
 ياكى مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلمىغانلىقتىنمۇ؟

بۇنىڭ ئەڭ موھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بىزدىكى روھىي ئاسارەت، روھىي چۈشكۈنلۈك،  ئۈمۈتسىزلىك؛ ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنمەسلىك، ۋە بىزدىكى "تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ"  پەلسەپىسى.

ئۇ قىتىمقى راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ سىز ئۆلىۋىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ دەپ سورىغان 
.سوئالغا بەرگەن جاۋاپ تۆۋەندىكىچە



يۇقارقى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 4% تى
 داۋاملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىكەن. 19% بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت ئالدىنقى قىتىم ئىلىپ بارغان راي سىناشقا سىلىشتۇرغاندا 5% ئاشقان. ھازىر جەمى 23% ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققان. بۇ سان ئامىركىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلاردىن 6 ھەسسە يقۇرى






ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىش كىرەك؟

  .بىرىنجىدىن، خەلقنى روھىي ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كىرەك

خىتتاي ئۇزۇندىن بىرى پۇخرالارنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تۆۋەندىكى شاڭجۇنشۇنىڭ خەلىقنى كونتۇرل قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇل بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن

شاڭ جۈن شۇ: خەلقنى كونتۇرۇل  قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
1. ئاجىزلار ئارقىلىق كۈچلىكلەرنى، نادانلار ئارقىلىق بىلىملىكلەرنى، ئەسكىلەر ئارقىلىق ياخشىلارنى يوق قىلىش.
2. بىرلا دىن ياكى بىرلىككە كەلگەن ئىتىقاد بەرپا قىلىش  كىرەك (ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كىلىش).
3. شەخسىنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، خۇسۇسى مال مۈلىك ۋە ئەقلى  بايلىق بولمىغان جەمىيەت يارىتىش.
4. خەلقنى پەس، كەمبىغەل ۋە ئاجىز تۇتۇش.
5. ئۇرۇش قىلىش، ئۆلتۈرۈش.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ

ئىككىنجىدىن، ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى بىلىشىمىز كىرەك



ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش دىگەندە، ئاسالىقى پاسىسپ ھەركەتلىنىش، يەنى باشقىلار 
.تەرىپىدىن ھەركەتلەندۈرۈش كۆزدە تۇتىلىدۇ

ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشنىڭ ئككى خىل ئۇسۇلى بار



قايسى خىل ئۇسۇل تىخىمۇ ئۈنۈملۈك؟

ئۇ،  ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ مەخسىتىگە باغلىق.
ئەگەر باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ مەخسىتى، قارشى تەرەپنى نادان قالدۇرۇپ، ئۇلارنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بولسا، پاسسىپ ئۇسۇل تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىشى مۈمكىن.

ئەگەر مەخسەت، قارشى تەرەپكە كۆيۈنۈش، ئۇلارغا  مەنپەت ئىلىپ كىلىش بولسا، ئاكىتىپ ئۇسۇلنى ئاساس قىلىپ قوللۇنغاندا، تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈنمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.



ئۈچىنجىدىن، ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك



ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بەك مۇرەككەپ ۋە نازۇك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. ئىنسانلار، ئىتىراپ قىلىنىشقا، ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا، ھۆرمەت قىلىنىشقا، ئىناۋەتكە، شان شەرەپكە، غۇرۇرغا، پەخىرلىنىشكە، كۆيۈنۈشكە، دوستلۇققا، مىھرى مۇھاببەت ۋە سۆيگۈ قاتارلىقلارغا ئىھتىياجلىق.

تۆتىنجىدىن، ئىنسانلارنىڭ قابىلىيىتىنى، نىمە قىلايلايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىش،
ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى نامايەن قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش، ئۇلاردا ئىشەنچ  پەيدا قىلىش كىرەك.


باشقىلارغا، ”سەن قىلالمايسەن ئەمەس، سەن قىلاللايسەن “ دىگەننى كۆپ تەشۋىق قىلىش، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ”مەن قىلالمايمەن ئەمەس، مەن قىلالايمەن “ دىگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش كىرەك.

”#مەنمۇ ئۇيغۇر“ ھەركىتىگە شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئاۋاز قوشىشى ۋە شۇنچە چوڭ تەسىر يارىتىشى، بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بەشىنجىدىن، باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانلار:  سۆزى بىلەن ھەركىتىدە بىردەك بولۇش، سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمىلى ھەركەت بىلەن باشقىلارنى قائىل قىلىش، "موللامنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما" نەزىريەسىدىن ۋاز كىچىشىمىز كىرەك.


  

 ئالتىنجىدىن، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا دەستەك بولۇش، ئجابى خەۋەر ۋە ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلىپ تەشۋىق قىلىش، خەلقنى ئۈمۈتلەندۈرۈش كىرەك.



بۇ مەسىلە توغۇرسىدا ھەممەيلەن ئورتاق ئىزدىنەيلى.

ھەممىڭلەرگە رەخمەت

No comments: