Thursday, July 18, 2019

قۇربان ھېيىت باناسىدا چوقۇم كۆپ گۆش يېيىش شەرتمۇ؟

قۇربان ھېيىت باناسىدا چوقۇم كۆپ گۆش يېيىش شەرتمۇ؟

?Qurban héyit banasida choqum köp gösh yéyish shertmu
مەمەت ئىمىن

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ئالدىمىزدا قۇربان ھېيىت كىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنەنىۋى قائىدىسى بويىچە قۇربان ھېيىتتا شارائىتى يار بەرگەن ئائىلە قۇربانلىقى قىلىدۇ ۋە بايرام جەريانىدا كۆپلىگەن گۆش ۋە گۆش يېمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلىدۇ. ئىختىزادى ئەھۋالى ياخشى ئائىلىلەر ئىختىزادى تۆۋەن ئائىلىلەرگە گۆش ھەدىيە قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.

يىقىندا توردىن ئۇچۇر ئىزدەۋىتىپ، مۇنداق ئىككى ماقالىغا كۆزۈم چۈشتى؛ بىرىنىڭ تېمىسى  "گۆش يىمەيدىغانلار ئىسلامغا تەۋە ئەمەسمۇ؟" بولۇپ، ئۇنىڭدا گۆش يېيىشنىڭ ئىسلام دىنىدا دىننى مەجبۇريەتمۇ يوق دىگەن مەزمۇندا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتۇرغا قويۇلغان. يەنە بىرىنىڭ تېمىسى "گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ھازىرقى ئەھۋالى"، بۇ بىر ئىلمى ماقالە بولۇپ، ئۇنىڭدا گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋال بايان قىلىنغان.

ھازىر گۆش يېمەيدىغانلار پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 20% نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلىرىدە، يىقىنقى 20-30 يىلدىن بۇيان گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. بىراق مۇسۇلمانلار ئىچىدە گۆش يېمەسلىك پەقەتلا ناھايتى ئايرىم ئەھۋال بولۇپ، تەخى بۇنداق بىر ئىقىم شەكىللەنگىنى يوق.

ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئەيىيقاندا، ئىنسانلار گۆش ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ۋە ماي ماددىسىغا ئېرىشىدۇ. گۆش تەركىۋىدە ئاقسىل ۋە ماي ماددىسىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ۋىتامىنلار (ۋىتامىن 12، ۋىتامىن د) ۋە بەزى مىنىرال مادىلار بار. ئادەم بەدىنى كۈنىگە ھەر بىر كىلو بەدەن ئىغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 0.8 گىرام ئاقسىلغا ئىھتىياجلىق؛  يەنى 50 كىلولۇق بىر ئادەم كۈنىگە 40 گىرام ئاقسىلغا، 100 كىلولىق بىر ئادەم كۈنىگە 80 گىرام ئاقسىلغا ئىھىتىياجلىق. ئاقسىل ئادەم بەدىنىدە ناھايتى موھىم خىزمەتلەرنى ئۆتەيدىغان ماددا بولۇپ، بەدەندە ئاقسىل ۋە باشقا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق ئادەم بەدىنى بۇ ماددىلارغا ئىرىشىش ئۈچۈن چوقۇم كۈندە كۆپلەپ گۆش يىيىش ھاجەتسىز. گۆشتىن باشقا ئادەم بەدىنىنى ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدىغان يىمەكلىكلەر سۈت، تۇخۇمنىڭ ئېقى ۋە بارلىق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملىكلەردۇر. ئەگەر گۆش يىيىش چوقۇم زۆرۈر بولغاندىمۇ ھەر خىل گۆشتىن ئوتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە 70 گىرام گۆش بەدەننىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن يىتەرلىك.

بەدەننىڭ فىزولوگىيەلىك ئىھتىياجى نۇقتىسدىن ئېيىتقاندا، بالاغەتكە يەتكەن بىر ئىنسان، كۈنىگە تەخمىنەن 1500 - 2200 كىلوكالىرى ئېنىرگىيەگە ئىھتىياجلىق. بىز بۇ ئېنىرگىيەنى ئاساسلىقى ئاقسىل، ماي ۋە كاربون سۇ بىرىكمىسى (شىكەر) قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى ئارقىلىقى ئېرىشىمىز. ئادەم بەدىنى يۇقارقى بەدەننى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىدىن باشقا يەنە سۇ، ھەر خىل ۋىتامىن، تاللا ۋە تۆمۈر، ناتىرى، كالتسى قاتارلىق ھەر خىل مىنىرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق.

كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىتقاتلار نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا، ئوزۇقلۇق نورمالدىن ئىشىپ كىتىش كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن ھەر خىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلار سانى، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك يەنى يەيدىغان يىتەرلىك يېمەكلىك يوق سەۋەبىدىن ھەر خىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلار سانىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، گۆشتىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشكەن، بىراق گۆش يېيەلمەسلىك سەۋەبىدىن كىسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاساسەن يوقتا يەرلىك. ئەكسىنچە گۆشنى يوقتا يەرلىك يەيدىغانلارنىڭ ئوتۇرچە ئۆمۈرى گۆشنى كۆپ يەيدىغانلاردىن كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇن بولۇپ، نۇرغۇن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە گۆشنى ئاز يىيىش ياكى گۆش يىمەسلىك ساغلام ياشاشنىڭ سېموۋۇلىغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئەڭ موھىمى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەت قىلىش ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەردىن، بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارغا يىتەرلىك ئىرىشىشتۇر.


يۇقارقىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2018 - يىلى ئىلان قىلغان 2016 - يىلى پۈتۈن دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان 10 كىسەللىك توغۇرسىدىكى سانلىق مەلۇمات بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئۇ 10 خىل كىسەللىك ئىچىدە ئوزۇقلۇق نورمالدىن ئىشىپ كىتىش يەنە كۆپ يېيىش ۋە ياكى سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىسەللىك ئۈچ خىل؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ئورۇندىكى كىسەللىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى ۋە مىڭە قان تومۇر كىسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۆش ۋە ماينى كۆپ ئىستىمال قىلىش بىلەن بەلگۈلىك مۇناسىۋىتى بار.

بەلكىم بەزىلەر ئاتا بوۋىلىرىمىز بىر قوينىڭ گۆشىنى يەۋاتىدىغان باتۇر مىللەت ئىدى دېيىشى مۈمكىن. شۇنداق، ئىنسانلار دىخخانچىلىق دەۋرىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئاساسەن گۆشكە تايىنىپ ياشاپ كەلگەن. 100 يىللار ئىلگىرى، يالغۇز بىز ئەمەس، بۇدداھ ۋە ھىندى دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا، نۇرغۇن مىللەتلەر گۆشنى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئىسىل يېمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىپ كەلگەن. بۇرۇن ئىنسانلار گۆش، ماي ۋە شىكەر قاتارلىق يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلسىمۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەركەت قىلاتتى، جاپالىق ئىشلەيىتتى. يىقىنقى 100 يىلدىن بۇيان قاتناش قورالىنىڭ تەرەرققى قىلىشىغا ۋە ئىشلەپ چىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ماشىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ھەركەت قىلىش پۇرسىتى تەدىرىجى ھالدا ئازلاپ كەتتى؛ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە بولسا، ھەركەت قىلىش ھەتتا پەقەت جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇنۇشقا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تەلەپلىرى بۇرۇنقى ياخشى ئوزۇقلۇنۇش ئۇقۇمىدىن ساغلام ئوزۇقلۇنۇش ئۇقۇمىغا قاراپ ئۆزگەردى. گۆش، ماي قاتارلىق يۇقۇرى ئېنىرگىيەلىك يىمەكلىك تەدىرىجى ھالدا ئىنسانلارنىڭ داستىخانلىرىدىن ئازلاشقا باشلىدى. تارىختىن بېرى ساغلام ياشاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولغاچقا، ئىنسانلار بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىشلەر ئىلىپ بىرىپ، بۈگۈنكى زاماندا گۆش، ماي ۋە شىكەر قاتارلىق يۇقۇرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى كونتۇرۇل قىلىش ۋە تەركىۋىدە ھەر خىل ۋىتامىن ۋە تاللا مول بولغان ئۆسۈملىك يېمەكلىكلىرىنى نىسبەتەن ئاساس قىلىپ ئىستىمال قىلغاندا، ساغلام ياشىغىلى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغانلىقى توغۇرسىدا يەكۈن چىقىرىشتى.

ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، بىز ياشىغان جەمىيەت گەرچە ئىختىزادى جەھەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان بىر جەمىيەت بولسىمۇ، ھەم خەلقىمىز ئۇنچە باي بىر خەلق بولمىسىمۇ، بىراق خەلقىمىز ساغلاملىق جەھەتتە، ئىختىزادى تەرەققى قىلغان باي دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچۇرايدىغان سىمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قان تومۇر كىسىلى، مىڭە قان تومۇر كىسىلى، يۇقۇرى قان بىسىمى، جىگەرنى ماي قاپلاش، دىيابىت كىسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن ئىختىزادى تەرەققى قىلمىغان كەمبىغەل دۆلەتەلەردە كۆپ ئۇچۇرايدىغان ھەر خىل يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە تەڭ ئۇچۇراپ كەلدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى بىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئېڭىمىزنىڭ تۆۋەن بولىشى ۋە ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمىزنىڭ دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا تازا ماسلىشىپ كېتەلمىگەنلىكىدىن. مەن ۋەتەندە دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ھەر يىلى قۇربان ھەيىت مەزگىلىدە كۆپ گۆش يەپ دوختۇرخانىنىڭ جىددى بۆلىمىگە كەلگەن بىمارلارنىڭ سانى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن خىلى كۆپ بولغانلىقىنى كۆرگەن. شۇڭا مەن بىز نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئادەتلەنگەن بەزى قاراشلىرىمىزنى زامانغا ماس ھالدا ئۆزگەتىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن.

مەن خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى ۋە خەلقىمىز نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان كىرسىزنى چىقىش قىلىپ، قۇربان ھەيىت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدە، بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلىرىدە ياشۋاتقان ۋە باشقىلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان قىرىنداشلارغا ئارزاق تەكلىپ شەكلىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.

ئۇيغۇرلار، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدا ياشاۋاتقان بولسۇن، تېخى گۆش يېيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالغىنى يوق، بىراق خەلقىمىز نۇرغۇن تەرەپلەردە بولۇپمۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى جەھەتتە، زور بىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. مىلىيونلىغان خەلقىمىزنىڭ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالماقتا. مىللى مۇھارىپ ۋە مىللى مەدىنىيىتىمىز قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇراپ، يوقۇلۇش تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى. مىللى كىملىكىمىز زور تەھدىتكە دۇچ كىلىپ، مىللى داۋا بۇرۇنقىدىن تىخىمۇ كەسكىن دەۋىرگە قەدەم قويدى. پەن تەخنىكىنىڭ ھەر قايسى ساھاسىدە يىتىشكەن ئىنسانلىرىمىزنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن، خەلقىمىز تىخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئىھتىياجلىق بولىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ياش ئوقۇغۇچىلار، بالىلار ۋە خانىم قىزلار ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەپتە. ئۇ كونكىرىت  قىيىنچىلىقلارنىڭ بېرى تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى، بولۇپمۇ پۈتۈن خەلققە ھەقسىز سۇغۇرتاسى بىرىش يول قويۇلمىغان بەزى دۆلەتلەردىكى سالاھىتى ھەل بولمىغان خىلى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ساغلاملىق سۇغۇرتاسىنىڭ يوق بولۇشى ۋە شۇ سەۋەپتىن كىسەل بولۇپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنەلمەسلىكى ھىساپلانسا كىرەك. بۇ جەھەتتە مەندىن ياردەم سورىغانلار خىلى كۆپ.  مەن ئىگەللىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ 90-95% تىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتاسى يوق ئىكەن. تۈركىيە ۋەتەندىشى بولمىغان، بىراق ئىقامىتى بار ئۇيغۇرلار، ئەگەر ئۆزى پۇل تۆلەپ ساغلاملىق سۇغۇرتاسى ئالماقچى بولسا، بىر ئائىلە ئايدا 480 لىرا (تەخمىنەن 80$ دوللار) پۇل تاپشۇرىشى كىرەك ئىكەن. ئۇندىن باشقا تۈركىيەدە 1000 دىن ئارتۇق ئاتا ئانىسى يېنىدا يوق بالىلار ۋە 3000 دىن ئارتۇق ئېرى قىشىدا يوق بالىسى بار ئاياللار باركەن. ئۇلار، يىلدا بىر قېتىم كىلىدىغان قۇربان ھەيىت باناسى بىلەن بىر نەچچە كۈن كۆپ گۆش يەۋىلىشتىن بەكراق ھاياتىدا بىرەر چىقىش يولى تىپىشقا ئىھتىياجلىق. بالىلار تەربىلىنىشكە ئىھتىياجلىق. مىللى داۋا كۈچەيتىلىشكە ئىھتىياجلىق؛ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا قالغانلار ھايات قىلىشقا ئىھتىياجلىق. مىللى مەدىنىيىتىمىز ساقلاپ قىلىنىشقا ۋە تەرەققى قىلىنىشقا ئىھتىياجلىق. ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى ئۆزلىگىدىن بولمايدۇ؛ ئۇلارنى ھەم باشقىلار بىز ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە باغلىق.

شۇڭا قۇربانلىق قىلىشقا ياردەم قىلىش ئىستىكى بار قەرىنداشلار، ياردەمنى قايسى تەرەپلەردە قىلغاندا ۋە قانداق قىلغاندا، تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ دىگەن جەھەتتە ئويلىشىپ باقسا. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە پەقەتلا ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ۋە مىللىتىمىز ھازىر ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان تەرەپلەرنى چىقىش قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قوياپ ئۆتتىم؛ مىنىڭ دىننى ئۆرپە ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش نىيىتىم يوق. شۇڭا ھەممىڭلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلاپ بىقىشىڭلارنى، ئەگەر سۆزلىرىمدە توغرا بولمىغان مەزمۇنلار بولسا تۈزۈتۈش بىرىشىڭلارنى ۋە ياكى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

پايدىلىنىش مەنبەسى

Vegetarianism and Veganism: Current Situation in Turkey in the Light of Examples in the World

Is Vegetarianism Un-Islamic?

Vegetarian Muslim: Turning Away From a Meat-Based Diet

Vegetarianism and religion

WHO | Double burden of malnutrition - World Health Organization

Overeating now bigger global problem than lack of food | New Scientist

The top 10 causes of death

Do Vegetarians Live Longer?

Does low meat consumption increase life expectancy in humans?

Who Lives Longest: Meat Eaters Or Vegetarians?

Eating red meat daily triples heart disease-related chemical

Monday, July 15, 2019

Qurban héyit banasida choqum köp gösh yéyish shertmu?

Qurban héyit banasida choqum köp gösh yéyish shertmu?

Memet Emin

Hemmimizge melum bolghandek aldimizda qurban héyit kiliwatidu. Musulmanlarning eneniwi qa'idisi boyiche qurban héyitta shara'iti yar bergen a'ile qurbanliqi qilidu we bayram jeryanida köpligen gösh we gösh yémekliklirini istimal qilidu. Ixtizadi ehwali yaxshi a'ililer ixtizadi töwen a'ililerge gösh hediye qilidu, hetta ularning qurbanliq qilishigha yardem biridu.

Yiqinda tordin uchur izdewitip, mundaq ikki maqaligha közüm chüshti; birining témisi  "Gösh yimeydighanlar Islamgha tewe emesmu?" Bolup, uningda gösh yéyishning islam dinida dinni mejburyetmu yoq digen mezmunda oxshimighan köz qarashlar oturgha qoyulghan. Yene birining témisi "Gösh yémeydighanlarningTürkiyediki hazirqi ehwali", bu bir ilmi maqale bolup, uningda gösh yémeydighanlarning türkiyediki ehwal bayan qilinghan.

Hazir gösh yémeydighanlar pütün dunya nopusining texminen 20% ni teshkil qilidighan bolup, ularning omumi nopusi pütün dunyadiki musulmanlarning omumi nopusidin köp periqlenmeydu. Dunyaning herqaysi jaylirida, bolupmu tereqqi qilghan gherip döletliride, yiqinqi 20-30 yildin buyan gösh yémeydighanlarning sani üzlüksiz köpeymekte. Biraq musulmanlar ichide gösh yémeslik peqetla nahayti ayrim ehwal bolup, texi bundaq bir iqim shekillen'gini yoq.

Saghlamliq nuqtisidin eyiyqanda, insanlar gösh istimal qilish arqiliq beden'ge ihtiyajliq bolghan aqsil we may maddisigha érishidu. Gösh terkiwide aqsil we may maddisidin bashqa yene bir qisim witaminlar (Vitamin 12, Vitamin D) we bezi miniral madilar bar. Adem bedini künige her bir kilo beden ighirliqi üchün texminen 0.8 giram aqsilgha ihtiyajliq;  yeni 50 kiloluq bir adem künige 40 giram aqsilgha, 100 kiloliq bir adem künige 80 giram aqsilgha ihitiyajliq. Aqsil adem bedinide nahayti mohim xizmetlerni öteydighan madda bolup, bedende aqsil we bashqa zörür bolghan ozuqluq maddilar kem bolsa bolmaydu, biraq adem bedini bu maddilargha irishish üchün choqum künde köplep gösh yiyish hajetsiz. Göshtin bashqa adem bedinini aqsil bilen teminleydighan yimeklikler süt, tuxumning éqi we barliq purchaq a'ilisidiki ösümliklerdur. Eger gösh yiyish choqum zörür bolghandimu her xil göshtin otura hisap bilen künige 70 giram gösh bedenning ihtiyaji üchün yiterlik.

Bedenning fizologiyelik ihtiyaji nuqtisdin éyitqanda, balaghetke yetken bir insan, künige texminen 1500 - 2200 kilokaliri énirgiyege ihtiyajliq. Biz bu énirgiyeni asasliqi aqsil, may we karbon su birikmisi (shiker) qatarliq üch chong ozuqluq maddisi arqiliqi érishimiz. Adem bedini yuqarqi bedenni énirgiye bilen teminleydighan üch chong ozuqluq maddidin bashqa yene su, her xil witamin, talla we tömür, natiri, kaltsi qatarliq her xil miniral maddilargha éhtiyajliq.

Köpligen munasiwetlik tetqitqatlar netijilirige asaslanghanda, hazir pütün dunyada, ozuqluq normaldin iship kitish yeni köp yéyish sewebidin her xil kiselliklerge giriptar bolghanlar we shu seweptin ölüp kitiwatqanlar sani, ozuqluq yitishmeslik yeni yeydighan yéterlik yémeklik yoq sewebidin her xil kiselliklerge giriptar bolghanlar we shu seweptin ölüp kitiwatqanlar sanidin üch hesse artuq bolup, göshtin bashqa ozuqluq yétishken, biraq gösh yéyelmeslik sewebidin kisel bolup ölüp ketkenler asasen yoqta yerlik. Eksinche göshni yoqta yerlik yeydighanlarning oturche ömüri göshni köp yeydighanlardin közge körinerlik derijide uzun bolup, nurghun tereqqi qilghan döletlerde göshni az yiyish yaki gösh yimeslik saghlam yashashning sémowuligha aylinip qalmaqta. Eng mohimi, ozuqluq tengpungliqigha kapalet qilish we her xil yémekliklerdin, beden ihtiyajliq bolghan aqsil we bashqa ozuqluqlargha yiterlik irishishtur.




Yuqarqisi, dunya sehiye teshkilati 2018 - yili ilan qilghan 2016 - yili pütün dunyada insanlarning ölüp kitishige sewep bolghan 10 kisellik toghursidiki sanliq melumat bolup, bu sanliq melumatqa asaslanghanda, u 10 xil kisellik ichide ozuqluq normaldin iship kitish yene köp yéyish we yaki simizlik bilen munasiwetlik kisellik üch xil; ularning ichide eng köp ölüp kitishni keltürüp chiqarghan birinji we ikkinji orundiki kisellik yürek qan tomur kisili we minge qan tomur kisili bolup, ularning gösh we mayni köp istimal qilish bilen belgülik munasiwiti bar.

Belkim beziler ata bowilirimiz bir qoyning göshini yewatidighan batur millet idi déyishi mümkin. Shundaq, insanlar dixxanchiliq dewrige kirishtin burun owchiliq bilen shughullinidighan bolup, asasen göshke tayinip yashap kelgen. 100 Yillar ilgiri, yalghuz biz emes, buddah we hindi dinigha itiqat qilidighan bir qisim kishilerdin bashqa, nurghun milletler göshni ozuqluq qimmiti eng yuquri bolghan isil yémeklik qatarida istimal qilip kelgen. Burun insanlar gösh, may we shiker qatarliq yuquri inirgiyelik yimekliklerni köp istimal qilsimu, shuninggha mas halda herket qilatti, japaliq ishleyitti. Yiqinqi 100 yildin buyan qatnash qoralining tererqqi qilishigha we ishlep chiqirish küchlirining mashinlishishigha egiship, insanlarning herket qilish pursiti tediriji halda azlap ketti; tereqqi qilghan döletlerde bolsa, herket qilish hetta peqet jemiyetning yuquri qatlimidiki kishilerning turmush aditige aylinip qaldi. Netijide insanlarning ozuqlunushqa bolghan chüshenchisi we telepliri burunqi yaxshi ozuqlunush uqumidin saghlam ozuqlunush uqumigha qarap özgerdi. Gösh, may qatarliq yuquri énirgiyelik yimeklik tediriji halda insanlarning dastixanliridin azlashqa bashlidi. Tarixtin béri saghlam yashash we uzun ömür körüsh, insanlarning eng chong arzusi bolghachqa, insanlar bu jehette köp izdinishler ilip birip, bügünki zamanda gösh, may we shiker qatarliq yuquri énirgiyelik yémekliklerni istimal qilishni konturul qilish we terkiwide her xil witamin we talla mol bolghan ösümlik yémekliklirini nisbeten asas qilip istimal qilghanda, saghlam yashighili we uzun ömür körgili bolidighanliqi toghursida yekün chiqirishti.

Emdi özimizning ehwaligha kelsek, biz yashighan jemiyet gerche ixtizadi jehette tereqqi qiliwatqan bir jemiyet bolsimu, hem xelqimiz unche bay bir xelq bolmisimu, biraq xelqimiz saghlamliq jehette, ixtizadi tereqqi qilghan bay döletlerde köp uchuraydighan simizlik bilen munasiwetlik yürek qan tomur kisili, minge qan tomur kisili, yuquri qan bisimi, jigerni may qaplash, diyabit kisili qatarliq kisellikler bilen ixtizadi tereqqi qilmighan kembighel döletelerde köp uchuraydighan her xil yuqumluq kiselliklerning ziyankeshlikige teng uchurap keldi. Elwette uning sewebliri her xil bolup, u seweplerning biri bizning saqliqni saqlash éngimizning töwen bolishi we ozuqlinish jehettiki köz qarashlirimizning dewirning tereqqiyatigha taza masliship kételmigenlikidin. Men wetende doxturluq qiliwatqan mezgillerde, her yili qurban heyit mezgilide köp gösh yep doxturxanining jiddi bölimige kelgen bimarlarning sani adettiki waqittin xili köp bolghanliqini körgen. Shunga men biz nechche yüz yildin biri adetlen'gen bezi qarashlirimizni zamangha mas halda özgetishimiz zörür dep qaraymen.

Men xelqimizning saghlamliqini we xelqimiz nöwette yüzliniwatqan kirsizni chiqish qilip, qurban heyit munasiwiti bilen dunyaning herqaysi jayliride, bolupmu tereqqi qilghan gherip döletliride yashwatqan we bashqilarning qurbanliq qilishigha yardem bermekchi bolghan qirindashlargha arzaq teklip sheklide öz köz qarashlirimni oturgha qoyup ötmekchi.

Uyghurlar, meyli dunyaning qaysi yérida yashawatqan bolsun, téxi gösh yéyelmeslik sewebidin hayati tehdit astida qalghini yoq, biraq xelqimiz nurghun tereplerde bolupmu milletning kelgüsi istiqbali jehette, zor bir tehditke duch kelmekte. Miliyonlighan xelqimizning hayati tehdit astida qalmaqta. Milli muharip we milli mediniyitimiz qattiq cheklimige uchurap, yoqulush terepke qarap yüzlendi. Milli kimlikimiz zor tehditke duch kilip, milli dawa burunqidin tiximu keskin dewirge qedem qoydi. Pen texnikining her qaysi sahaside yitishken insanlirimizning kemliki sewebidin, xelqimiz tiximu köp ixtisas igilirige ihtiyajliq boliwatidu.

Nöwette muhajirettiki xelqimiz, bolupmu wetendiki a'ilisi bilen alaqisi üzülgen yash oqughuchilar, balilar we xanim qizlar, her xil qiyinchiliqlargha duch kelmepte. U konkirit  qiyinchiliqlarning béri Türkiye qatarliq bir qisim döletlerdiki, bolupmu pütün xelqqe heqsiz sughurtasi birish yol qoyulmighan bezi döletlerdiki salahiti hel bolmighan xili köp sandiki kishilerning her xil sewepler tüpeylidin saghlamliq sughurtasining yoq bolushi we shu seweptin kisel bolup qalsa doxturgha körünelmesliki hisaplansa kirek. Bu jehette mendin yardem sorighanlar xili köp. Men igelligen ehwalgha asaslanghanda hazir Türkiyede yashawatqan Uyghurlarning sani 30 mingdin artuq bolup, ularning 90-95% tining saghlamliq sughurtasi yoq iken. Türkiye wetendishi bolmighan, biraq iqamiti bar Uyghurlar, eger özi pul tölep saghlamliq sughurtasi almaqchi bolsa, bir a'ile ayda 480 lira (texminen $80 dollar) pul tapshurishi kirek iken. Undin bashqa Türkiyede 1000 din artuq ata anisi yénida yoq balilar we 3000 din artuq éri qishida yoq balisi bar ayallar barken. Ular, yilda bir qétim kilidighan qurban heyit banasi bilen bir nechche kün köp gösh yewilishtin bekraq hayatida birer chiqish yoli tipishqa ihtiyajliq. Balilar terbilinishke ihtiyajliq. Milli dawa kücheytilishke ihtiyajliq; hayati tehdit astida qalghanlar hayat qilishqa ihtiyajliq. Milli mediniyitimiz saqlap qilinishqa we tereqqi qilinishqa ihtiyajliq. Ularning hich biri özligidin bolmaydu; ularni hem bashqilar biz üchün qilip bermeydu; ularning hemmisi özimizge baghliq.

Shunga qurbanliq qilishqa yardem qilish istiki bar qerindashlar, yardemni qaysi tereplerde qilghanda we qandaq qilghanda, tiximu ehmiyetlik bolidu digen jehette oyliship baqsa. Elwette men bu yerde peqetla saghlamliq nuqtisidin we millitimiz hazir eng ihtiyajliq bolghan tereplerni chiqish qilip, öz köz qarashlirimni oturgha qoyap öttim; mining dinni örpe adetlerni özgertish we yaki uninggha qarshi turush niyitim yoq. Shunga hemminglarning bu mesile üstide oylap biqishinglarni, eger sözlirimde toghra bolmighan mezmunlar bolsa tüzütüsh birishinglarni we yaki toghra chüshinishinglarni ümüt qilimen.

Paydilinish menbesi

Vegetarianism and Veganism: Current Situation in Turkey in the Light of Examples in the World

Is Vegetarianism Un-Islamic?

Vegetarian Muslim: Turning Away From a Meat-Based Diet

Vegetarianism and religion

WHO | Double burden of malnutrition - World Health Organization

Overeating now bigger global problem than lack of food | New Scientist

The top 10 causes of death

Do Vegetarians Live Longer?

Does low meat consumption increase life expectancy in humans?

Who Lives Longest: Meat Eaters Or Vegetarians?

Eating red meat daily triples heart disease-related chemical

Sunday, July 14, 2019

ئالدىنقى 10 يىل ۋە بۈگۈنىمىز


ئالدىنقى 10 يىل ۋە بۈگۈنىمىز
مەمەت ئىمىن

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ۋەتەندە مىڭلارچە ئىنساننىڭ ئۆلىشى ۋە ئونمىڭلارچە ئىنسانلارنىڭ تۇتقىن قىلىنىشى يۈز بەرگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندە مىللىيونلارچە گۇناسىز  ئىنسانلارنىڭ تۇتقىن قىلىنىشى ۋە ساناقسىز بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ مەخپى ئۆلتۈرلىشى يۈز بىرىۋاتىدۇ. 10 يىل ئىلگىرى ۋەتەندە خەلقىمىز شاۋگۇئاندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ ئىنسانلار ئۈچۈن كۆچىلارغا چىقىپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرەلىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندىكى خەلقىمىز ھەتتا ئاۋازىنىمۇ چىقىرالمايۋاتىدۇ. 10 يىل ئىلگىرى خىتتاي ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق جازالاش سىياسىتىنى قوللانغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خىتتاي ھۆكۈمىتى ئومۇمى يۈزلۈك جازالاش ۋە جىسمانى جازالاش بىلەن روھىي جالاشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ.

بۇگۈنكى كۈندە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتى يالغۇز لاگىر ۋە تۈرمە ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالماي، لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ. لاگىر ۋە تۈرمە ئىچىدە جىسمانى ۋە روھىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگىزىۋاتقان بولسا، لاگىر سىرتىدا مەدىنى قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگىزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى تامامەن يوق قىلىشقا ئۇرنىۋاتىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئەيىتقاندا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئىلان قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ قاتتىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى قايتىدىن لاھىلەپ چىقىشقا، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئەڭ ئېغىر ئۇسۇلدا جازالاپ، ھايات قالغان ئۇيغۇرلارنى روھىي جەھەتتىن قىناپ، ئۇلارنى نەپەس ئالىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە كونتۇرۇل قىلىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز بۇرۇنقىغا نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە ئويغۇنۇپ، داۋا بۇرۇنقىدىن بىر بالتاق يۇقıرى كۆتۈرۈلگەن بولسا، 10 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز تىخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئويغاندى؛ داۋا سىپىگە نۇرغۇن ياشلار قىتىلدى؛ تەشكىلاتلار بۇرىنقىدىن كۆپەيدى؛ داۋا تىخىمۇ كۈچەيدى ۋە ھەر خىللاشتى. بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز  5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ۋە كۆپۈنچىمىز ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان تىلفۇن ئالاقە ۋە ئۆز ئارا باردى كەلدىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىشىنى كۈتكەن بولساق، 10 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوخشاشلا خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر خىل نارازىلىق پالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، لاگىرنىڭ بالدۇرراق تاقىلىشىنى، لاگىرغا سولانغان مىللىيونلىغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىنلىككە چىقىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى ۋە نورمال ئالاقىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى كۈتىۋاتىمىز.

مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىقىپ يۈرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، لاگىر ئىچىدە ئىغىر دەرىجىدە جىسمانى ۋە روھىي جازا مەۋجۇت بولۇپ، جىسمانى جازا تۈپەيلىدىن ئۆلۈك كىتىۋاتقانلار، روھىي جازا تۈپەيلىدىن روھىي ساغلاملىقى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچۇرغان ئىنسانلار ئاز ئەمەس. لاگىردا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئۆز جاھىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن، لاگىرلارغا يانداش قىلىپ كۆپلىگەن جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيلىرى سىلىنغانلىقى مەلۇم. لاگىرغا سولانغان ياش ۋە ساغلام كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ئۆرگان ئالماشتۇشنىڭ ئورگان مەنبەسىگە ئايلىنىۋاتقانلىق خەلقارانىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. لاگىر ئىچىدىكىلەرگە ھەر خىل سىرلىق دورىلار بىرىلگەنلىكى، لاگىردىن قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن بەزىلەرنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، يەنا بەزىلەرنىڭ بولسا ئەقلىنى يوقۇتۇپ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئايالارنىڭ بولسا ھەيىز توختاپ قالغانلىقى ئوتۇرغا قويۇلماقتا.

ئۇندىن باشقا لاگىر ئىچىدىكى ياش ئاياللارنىڭ پاھىشلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، لاگىردا يەڭگىگەن ئاياللارنىڭ باللىرى ئىلىپ كىتىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈتلىرى قانۇنسىز ئادەم سۈتى سودىسى ئۈچۈن ئىلىپ كىتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەڭ موھىمى لاگىر ئىچىدىكىلەرگە بىرىلگەن يىمەك ئىچمەك ئالاھىدە ناچار بولۇپ، ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغان لاگىردا بىرىلگەن تاماۋ تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان بەزى ئۆزۇقلۇق ماددىلار بولۇپمۇ ئاقسىل ماددىسى يىتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى ئىغىر. ئادەم بەدىنى كۈندىلىك يىمەكلىكلەردىن يىتەرلىك ئاقسىل ماددىسىغا ئىرىشەلمىگەندە، ئاقسىل كەملىك كىلىپ چىقىدۇ. ئاقسىل كەم بولغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى ۋە تەپەككۇرى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؛ بەدەندە بولۇپمۇ قوساق قىسمىدا سۇلۇق ئىشىق كىلىپ چىقىدۇ؛  نەتىجىدە بەدەن ئورۇقلايدۇ، ئادەم جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلايدۇ، قوساق قىسمى سۇلۇق ئىشىش تۈپەيلىدىن يوغىنايدۇ.

لاگىر سىرتىدا بولسا تىل يىزىق، ئۆرپە ئادەت ۋە دىننى ئىتىقادىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، مىللىيونلىغان كىتاپلىرىمىزنىڭ كۆيدۈرۋىتىلگەنلىكى، كۆپلىگەن مىچىتلارنىڭ چىقىۋىتىلگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ مەجبۇرى چوچقا غۆشى يىگۈزىلىۋاتقانلىقى، قىزلىرىمىزنىڭ مەجبۇرى ئۆيلەندۈرىلىۋاتقانلىقى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان مىلىيۇنلارچە باللىرىمىزنى ئاتا ئانىسىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى كومىنىزىم ئىدىيەسى بىلەن تەربىلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، خىتتاي ھۆكۈمىتى لاگىر ئىچىدە فىزىكىلىق قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتقان بولسا، لاگىر سىرتىدا مەدىنى قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. ئەڭ موھىمى كەڭ خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن پىسخىكىلىق ئۇرۇش قوزغاپ، پۈتۈن مىللەتنى روھىي جەھەتتىن يوق قىلىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ. ئادەتتە پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئوق ئىتىلمايدىغان ئۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل جازالاش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى بىۋاستە جازالاش، يەنە بىرى ۋاستىلىق جازالاش. بىۋاستە جازالاش دىگىنىمىز روھىي جاھەتتە ۋەيران قىلماقچى بولغان ئىنساننى، جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن بىۋاستە جالاشنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىناش، تەن جازاسى بىرىش، ھاقارەت قىلىش، قورقۇتۇش، تەھدىت قىلىش، ئىنكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاستىلىق جازالاش دىگىنىمىز روھىي جەھەتتە ۋەيران قىلماقچى بولغان ئادەمگە نىسبەتەن ھىچقانداق كونكىرىت جازا قوللانماستىن، ئۇلارنىڭ يىقىن ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرىنى جازالاش ئارقىلىق، ئۇلارغا روھىي ئازاپ بىرىشنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ يىزىق، ئاۋاز، سۈرەت شەكلىدىكى ھەر خىل قورقۇنۇشلۇق ئۇچۇرلارنى كۆرسۈتۈش ياكى ئاڭلىتىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوخشاش نەرسىنى ئۈزلىكسىز تەكرارلاش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ تاقىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى يوق قىلىش، تەن بەرگۈزۈش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانى ساغلاملىقىدا ئېغىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ؛ نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ مىجەز خۇلقى، خارەكتىرى ۋە تەپەكۇر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگۈرەيدۇ؛ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوقايدۇ. بۇ خىلدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇ جازالاشلار تۈگىگەندىن كىيىنمۇ ئۇزۇن بىر زامان داۋام قىلىدۇ، ھەتتا كىيىنكى ئەۋلاتلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداقتا بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟

ئىشىنىمەنكى ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ۋە مىللەتنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىنسان قولىدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا داۋا ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. ھەر خىل قارشىلىق نامايىشلار ئۆتكىزىلىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىغان ھەر خىل لىكسىيەلەر سۆزلىنىۋاتىدۇ. گۇۋالىق بىرىش ۋە ئىمزا توپلاشلار بولاۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم كىشىلەر مەن توغرا سەن خاتا، مەن مۇستەققىلچى سەن ئاپتىنومىيەچى، مەن قەھرىمان سەن خائىن دىگەندەكلەرنى تالىشىپ، ئۆز ئارا ئىتىپاقسىزلىق ۋە ئۆز ئارا كۆڭەل ئاغرىقى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇلار ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ روھىي ھالىتىگە ۋە پىسخىكىسىغا سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئەيىتقاندا بىزنىڭ ھازىرقى داۋا، لاگىرنى مەركەز قىلغان ھالدا ۋەتەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق، خەلقارانىڭ ھىسىداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئىرىشىپ، خىتتاي ھاكىمىيىتىگە بىسىم قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق لاگىرنى تاقاشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە بەلگۈلۈك نەتىجىلەر ئوتۇرغا چىققان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بىسىم قىلغىدەك دەرىجىدە ئەمەس. ئامىركا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرى، ياۋروپا بىرلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەت تەشكىلات ئىنسان ھەق ھۆقۇقى كومىتىدىكى 22 دۆلەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتىنى ئەيىپلەپ، خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن لاگىرنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ناھايتى ئەپسۇس كۆپ ساندا مۇسۇلمان دولەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ھازىرقى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۋاتىدۇ.

ئامىركىنىڭ 3 - قىتىملىق پىرەزىدەنتى توماس جەفىرسىن (Thomas Jefferson)  مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سورىماڭ. بىر ئىش قىلىڭ. سىزنىڭ قىلغان ئىش ھەركىتىڭىز سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى تەسۋىرلەيدۇ ۋە سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىنىقلىما بىرىدۇ"

مىنىڭ قارىشىمچە لاگىر چوقۇم تاقىلىدۇ؛ بەلكىم خەلقارانىڭ بىسىمى بىلەن تاقىلىشى مۈمكىن؛ بەلكىم خىتتاي ھۆكۈمىتى لاگىر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەخسىتىگە يەتكەندە تاقىلىشى مۈمكىن؛ ئۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. ئەگەر لاگىر تاقالسا، لاگىر ئىچىدىكى جىسمانى ۋە روھىي ئىشكەنجە ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىمىز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، ئاز تولا نەپەس ئىلىش پۈرسىتىگە ئىگە بولىشى مۈمكىن؛ بۇ بىزگە نىسبەتەن  ئەلۋەتتە خوشال بولىدىغان بىر ئىش؛ بىراق لاگىرلار تاقالسا، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىز يۈزلەنگەن پىسخىكىلىق ئۇرۇش ئاخىرلىشامۇ؟ لاگىر تاقالسا خەلقىمىز يۈزلەنگەن مەدىنى قىرغىنچىلىق ئاخىرلىشامۇ؟ لاگىر تاقالسا خەلقىمىز يۈزلەنگەن مىللى كىملىك ۋەيران بولۇش تەھدىتى ئاخىرلىشارمۇ؟ لاگىر تاقالسا بىز ئۆتكەن 70 يىلدىن بىرى قايتا قايتا يۈزلەنگەن ھەر خىل مەسىلىلەر ھەل بولامۇ؟ مەن بۇ جەھەتتە بۇرۇن يازغان بىر ماقالامدىمۇ ئۆز كۆز قاراشىمنى ۋە ئەندىشەلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. مېنىڭچە بۇ ھەممىمىزنىڭ ئەتىراپلىق ئويلىشىپ بىقىشىغا ئەرزىدىغان موھىم مەسىلە.

بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا شۇئار توۋلاش بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز باشقىلارنى ئىنكار قىلىش ۋە باشقىلارنى خائىن، جاسۇس دەپ ھاقارەتلەش بىلەن ھەل بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش قىلىش بىلەنلا ھەل بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز باشقىلارغا دەردىمىزنى ئاڭلىتىش ۋە باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىقىنى قوزغاش بىلەن ھەل بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسىلىمىز يالغۇز باشقىلاردىن مۇستەققىللىق تەلەپ قىلغانغىلا ھەل بولمايدۇ. بىزگە نىسبەتەن خەلقارانىڭ قوللىشى بەك موھىم، بىراق بىزگە نىسبەتەن تىخىمۇ موھىم بولغىنى خەلقىمىزنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئويغىنىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئومۇمى يۈزلىك ھەركەتكە كىلىشى.

ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىز دېرىگىنى ئالالمىغان ۋە مىللەتنىڭ يوقۇلاپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ھەر بىر ۋىجدان ئىغىسى، مەسىلىنى تىزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن قولدىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتىپ كىلىۋاتىدۇ؛ نەتىجىدە خەلقىمىزنىڭ زىھنىنى ۋە داۋايىمىز قىسقا مۇددەتلىك ئىشلارغا مەركەزلىشىپ قىلىۋاتىدۇ. ھەممەيلەن كۆرۈۋاتقاندەك ئىشلار بىزنىڭ ئۈمۈت قىلغىنىمىزدەك بولمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، خەلقىمىز كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشىپ بولغىچە ئۈمۈدىنى يوقۇتۇپ، روھىي جەھەتتە تىخىمۇ تىز تۈگۈشەپ كىتىشى مۈمكىن. شۇڭا بىزدە چوقۇم قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلان بولىشى كىرەك، قىلىۋاتقان ئىشلاردا يىراقنى كۆزلىگەن ئىزچىللىق بولىشى كىرەك. ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئۆز ئارا ئىنكار قىلىشنى توختۇتۇپ، كەڭ دائىردە بىرلىك سەپ تۈزەپ، ئۆز ئارا خىزمەت تەخسىماتى ئىلىپ بىرىشى كىرەك.

خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا ئىلىپ بىرىۋاتقان پىسخىكىلىق ئۇرۇشنىڭ تەسىر دائىرسىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، خەلقىمىز ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.  كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چارەسىز قالغاندا، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلاردىن باشقا ئالاھىدە بىر ئىش قولىمىزدىن كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خەلقىمىزگە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ چارە تەببىرلىرىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان ۋە خەلقىمىز ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇر خەۋەرلەرنى كۆپ تارقىتىش، خەلقىمىز ئىچىدە تىخىمۇ ئېغىر روھىي زەخمە پەيدا قىلىشى مۈمكىن. شۇڭا مەسىلىنى ئوتۇرغا قويۇشتىن مەخسەت، يالغۇز باشقىلارنى ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئەڭ موھىمى، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئورتاق چارە تىپىش ئۈچۈن بولىشى كىرەك. بىز ھەر جەھەتتە بىر بىرىمىزنى قوللىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئوينىغا كەلمەسلىكىمىز كىرەك.

2019 - يىلى 7- ئاينىڭ 13 - كۈنى

Saturday, July 13, 2019

Aldinqi 10 yil we bügünimiz


Aldinqi 10 yil we bügünimiz
Memet Emin

Buningdin 10 yil ilgiri wetende minglarche insanning ölishi we onminglarche insanlarning tutqin qilinishi yüz bergen bolsa, bügünki künde wetende milliyonlarche gunasiz  insanlarning tutqin qilinishi we sanaqsiz bigunah insanlarning mexpi öltürlishi yüz biriwatidu. 10 yil ilgiri wetende xelqimiz Shawguandiki oyunchuq zawutida öltürülgen bigunah insanlar üchün köchilargha chiqip öz naraziliqini bildüreligen bolsa, bügünki künde wetendiki xelqimiz hetta awazinimu chiqiralmaywatidu. 10 yil ilgiri Xittay hökümiti nuqtiliq jazalash siyasitini qollan’ghan bolsa, bügünki künde Xittay hökümiti omumi yüzlük jazalash we jismani jazalash bilen rohiy jalashni birleshtürüsh siyasitini qolliniwatidu.

Bugünki künde Xittay hökümitining Uyghurlargha qaratqan bu qirghinchiliq siyasiti yalghuz lagir we türme ichidila cheklinip qalmay, lagir we türme sirtidimu keng kölemde ilip biriliwatidu. Lagir we türme ichide jismani we rohiy qirghinchiliq siyasiti yürgiziwatqan bolsa, lagir sirtida medini qirghinchiliq siyasiti yürgiziwatidu. Uyghurlarning milli kimlikini tamamen yoq qilishqa urniwatidu. Omumen qilip eyitqanda Xittay hökümiti Uyghurlargha qarita keng kölemlik pisxikiliq urush ilan qilghan bolup, özining shu qattiq siyasetliri arqiliq Uyghur millitini qaytidin lahilep chiqishqa, qarshiliq körsetkenlerni eng éghir usulda jazalap, hayat qalghan Uyghurlarni rohiy jehettin qinap, ularni nepes alidighan mashina ademge aylandurup, özining arzusi boyiche konturul qilishqa uriniwatidu.

Buningdin 10 yil burun, muhajirettiki xelqimiz burunqigha nisbeten keng kölemde oyghunup, dawa burunqidin bir baltaq yuqıri kötürülgen bolsa, 10 yildin kiyinki bügünki künde muhajirettiki xelqimiz tiximu keng kölemde oyghandi; dawa sipige nurghun yashlar qitildi; teshkilatlar burinqidin köpeydi; dawa tiximu kücheydi we her xillashti. Buningdin 10 yil burun muhajirettiki xelqimiz  5-iyul qirghinchiliqa qarshi naraziliq namayishi ötküzgen we köpünchimiz wetendiki uruq tuqqanlar bilen bolghan tilfun alaqe we öz ara bardi keldining baldurraq eslige kilishini kütken bolsaq, 10 yildin kiyinki bügünki künde biz oxshashla Xittay hökümitige qarshi her xil naraziliq paliyetlirini ötküzüp, lagirning baldurraq taqilishini, lagirgha solan’ghan milliyonlighan uruq tuqqanlirimizning baldurraq erkinlinlikke chiqip, ailisidikiler bilen jem bolushni we normal alaqining eslige kilishini kütiwatimiz.

Metbuatlarda ilan qilin’ghan we Uyghurlar arisida iqip yürgen uchurlargha asaslan’ghanda, lagir ichide ighir derijide jismani we rohiy jaza mewjut bolup, jismani jaza tüpeylidin ölük kitiwatqanlar, rohiy jaza tüpeylidin rohiy saghlamliqi éghir derijide tesirge uchurghan insanlar az emes. Lagirda ölüp ketkenlerni öz jahide köydürüsh üchün, lagirlargha yandash qilip köpligen jeset köydürüsh öyliri silin’ghanliqi melum. Lagirgha solan’ghan yash we saghlam kishilerning qanunsiz örgan almashtushning organ menbesige ayliniwatqanliq xelqaraning alahide diqitini qozghawatqan bir mesilige aylanmaqta. Lagir ichidikilerge her xil sirliq dorilar birilgenliki, lagirdin qoyup birilgendin kiyin bezilerning uzun’gha barmay ölüp ketkenliki, yena bezilerning bolsa eqlini yoqutup bashqa bir ademge aylinip qalghanliqi, ayalarning bolsa heyiz toxtap qalghanliqi oturgha qoyulmaqta.

Undin bashqa lagir ichidiki yash ayallarning pahishliq qilishqa mejburlan’ghanliqi, lagirda yenggigen ayallarning balliri ilip kitilip, ularning sütliri qanunsiz adem süti sodisi üchün ilip kitilgenliki melum. Eng mohimi lagir ichidikilerge birilgen yimek ichmek alahide nachar bolup, igelligen uchurlargha asaslan’ghan lagirda birilgen tamaw terkiwide adem bedinige zörür bolghan bezi özuqluq maddilar bolupmu aqsil maddisi yiterlik bolmasliq ehwali ighir. Adem bedini kündilik yimekliklerdin yiterlik aqsil maddisigha irishelmigende, aqsil kemlik kilip chiqidu. Aqsil kem bolghan kishilerning inkasi we tepekkuri ajizlap kitidu; bedende bolupmu qosaq qismida suluq ishiq kilip chiqidu;  netijide beden oruqlaydu, adem jismani we rohiy jehettin ajizlaydu, qosaq qismi suluq ishish tüpeylidin yoghinaydu.

Lagir sirtida bolsa til yiziq, örpe adet we dinni itiqadimizning éghir derijide cheklimige uchrawatqanliqi, milliyonlighan kitaplirimizning köydürwitilgenliki, köpligen michitlarning chiqiwitilgenliki, xelqimizning mejburi chochqa ghöshi yigüziliwatqanliqi, qizlirimizning mejburi öylendüriliwatqanliqi, milletning kelgüsi bolghan miliyunlarche ballirimizni ata anisidin ayrip, ularni kominizim idiyesi bilen terbilewatqanliqi melum.

Yuqarqilardin shundaq xulase chiqirishqa boliduki, Xittay hökümiti lagir ichide fizikiliq qirghinchiliq ilip biriwatqan bolsa, lagir sirtida medini qirghinchiliq ilip biriwatidu. Eng mohimi keng xelq ammisigha nisbeten pisxikiliq urush qozghap, pütün milletni rohiy jehettin yoq qilishqa uriniwatidu. Adette pisxikiliq urush oq itilmaydighan urush dep atilidighan bolup, u ikki xil jazalash arqiliq ilip birilidu; uning biri biwaste jazalash, yene biri wastiliq jazalash. Biwaste jazalash diginimiz rohiy jahette weyran qilmaqchi bolghan insanni, jismani we rohiy jehettin biwaste jalashni közde tutidighan bolup, u her xil usullar bilen qinash, ten jazasi birish, haqaret qilish, qorqutush, tehdit qilish, inkar qilish qatarliqlarni öz ichige alidu. Wastiliq jazalash diginimiz rohiy jehette weyran qilmaqchi bolghan ademge nisbeten hichqandaq konkirit jaza qollanmastin, ularning yiqin uruq tuqqan we dost buraderlirini jazalash arqiliq, ulargha rohiy azap birishni közde tutidighan bolup, u yiziq, awaz, süret sheklidiki her xil qorqunushluq uchurlarni körsütüsh yaki anglitishlarni öz ichige alidu. Undin bashqa oxshash nersini üzliksiz tekrarlash arqiliq, insanlarning taqitini weyran qilip, ularning iradisini yoq qilish, ten bergüzüsh qatarliqlarnimu öz ichige alidu. Bularning hemmisi insanlarning rohiy keypiyatigha éghir derijide tesir körsitidu; insanlarning rohiy we jismani saghlamliqida éghir mesile peyda bolidu; netijide insanlarning mijez xulqi, xarektiri we tepekur qilish usuli özgüreydu; özige bolghan ishenchisi yoqaydu. Bu xildiki özgürüshler, u jazalashlar tügigendin kiyinmu uzun bir zaman dawam qilidu, hetta kiyinki ewlatlargha tesir körsitidu.

Undaqta biz nime qilishimiz kirek?

Ishinimenki weten milletning teqdiri üchün bash qaturiwatqan we milletning dawasini qiliwatqan her bir insan qolidin kilishche tirishchanliq körsitiwatidu. Oxshimighan teshkilatlar oxshimighan usulda dawa ilip biriwatidu. Her xil qarshiliq namayishlar ötkiziliwatidu. Milletning ehwalini anglitidighan her xil liksiyeler sözliniwatidu. Guwaliq birish we imza toplashlar bolawatidu. Shuning bilen bir waqitta, bir qisim kishiler men toghra sen xata, men musteqqilchi sen aptinomiyechi, men qehriman sen xain digendeklerni taliship, öz ara itipaqsizliq we öz ara köngel aghriqi peyda qiliwatidu. Bular ölmekning üstige tepmek digendek, muhajirettiki xelqimizning rohiy halitige we pisxikisigha selbi tesirlerni körsitiwatidu.

Omumen qilip eyitqanda bizning hazirqi dawa, lagirni merkez qilghan halda wetenning hazirqi weziyitini xelqaragha anglitish arqiliq, xelqaraning hisidashliqi we qollishigha iriship, Xittay hakimiyitige bisim qilishni qolgha keltürüsh arqiliq lagirni taqashqa merkezleshken bolup, bu jehette belgülük netijiler oturgha chiqqan bolsimu, biraq yenila Xittay hökümitige qattiq bisim qilghidek derijide emes. Amirka bashliq gherip döletliri, Yawropa birliki we Birleshken döletlet teshkilat insan heq höquqi komitidiki 22 dölet Xittay hökümitining Uyghurlargha qaratqan qattiq siyasitini eyiplep, Xittay hakimiyitidin lagirni taqashni telep qilghan bolsa, nahayti epsus köp sanda musulman doletlirini öz ichige alghan 37 dölet Xittay hökümitining Uyghurlargha yürgüziwatqan hazirqi siyasitini qollaydighanliqini bildürwatidu.


Amirkining 3 - qitimliq pirezidenti Tomas Jefirsin (Thomas Jefferson)  mundaq digen iken, "Eger siz özingizning qandaq adem ikenlikingizni bilmekchi bolsingiz, sorimang. Bir ish qiling. Sizning qilghan ish herkitingiz sizning qandaq adem ikenlikingizni teswirleydu we sizning qandaq adem ikenlikingizge iniqlima biridu"

Mining qarishimche lagir choqum taqilidu; belkim xelqaraning bisimi bilen taqilishi mümkin; belkim Xittay hökümiti lagir arqiliq yetmekchi bolghan mexsitige yetkende taqilishi mümkin; u peqetla waqit mesilisi. Eger lagir taqalsa, lagir ichidiki jismani we rohiy ishkenje ichide yashawatqan xelqimiz ailisidikiler bilen jem bolup, az tola nepes ilish pürsitige ige bolishi mümkin; bu bizge nisbeten  elwette xoshal bolidighan bir ish; biraq lagirlar taqalsa, bügünki künde xelqimiz yüzlen’gen pisxikiliq urush axirlishamu? Lagir taqalsa xelqimiz yüzlen’gen medini qirghinchiliq axirlishamu? Lagir taqalsa xelqimiz yüzlen’gen milli kimlik weyran bolush tehditi axirlisharmu? Lagir taqalsa biz ötken 70 yildin biri qayta qayta yüzlen’gen her xil mesililer hel bolamu? Men bu jehette burun yazghan bir maqalamdimu öz köz qarashimni we endishelirimni oturgha qoyup ötken idim. Méningche bu hemmimizning etirapliq oyliship biqishigha erzidighan mohim mesile.

Bizning mesilimiz yalghuz ijtimayi taratqularda shuar towlash bilen hel bolidighan mesile emes. Bizning mesilimiz yalghuz bashqilarni inkar qilish we bashqilarni xain, jasus dep haqaretlesh bilen hel bolmaydu. Bizning mesilimiz yalghuz Xittay hakimiyitige qarshi namayish qilish bilenla hel bolmaydu. Bizning mesilimiz yalghuz bashqilargha derdimizni anglitish we bashqilarning hisidashliqini qozghash bilen hel bolmaydu. Bizning mesilimiz yalghuz bashqilardin musteqqilliq telep qilghan’ghila hel bolmaydu. Bizge nisbeten xelqaraning qollishi bek mohim, biraq bizge nisbeten tiximu mohim bolghini xelqimizning omumi yüzlük oyghinishi we xelqimizning omumi yüzlik herketke kilishi.

Wetendiki uruq tuqqanliri bilen alaqisi üzülüp, uruq tuqqanlirining iz dérigini alalmighan we milletning yoqulap kitishidin endishe qilghan her bir wijdan ighisi, mesilini tizdin hel qilish üchün qoldin kilishiche tirishchanliq körsütip kiliwatidu; netijide xelqimizning zihnini we dawayimiz qisqa muddetlik ishlargha merkezliship qiliwatidu. Hemmeylen körüwatqandek ishlar bizning ümüt qilghinimizdek bolmaywatidu. Eger bundaq kétiwerse, xelqimiz kütken netijige iriship bolghiche ümüdini yoqutup, rohiy jehette tiximu tiz tügüshep kitishi mümkin. Shunga bizde choqum qisqa we uzun muddetlik bir pilan bolishi kirek, qiliwatqan ishlarda yiraqni közligen izchilliq bolishi kirek. Oxshimighan teshkilatlar öz ara inkar qilishni toxtutup, keng dairde birlik sep tüzep, öz ara xizmet texsimati ilip birishi kirek.

Xittay hökümitining xelqimizge qarita ilip biriwatqan pisxikiliq urushning tesir dairsini eng yuquri derijide töwenlitish üchün, xelqimiz ichide wehime peyda qilishtin saqlinishimiz kirek.  Kötürelmiseng sanggiltiwal digendek, mewjut mesililerni hel qilishqa charesiz qalghanda, hazir qiliwatqan ishlardin bashqa alahide bir ish qolimizdin kelmigen ehwal astida, xelqimizge mewjut mesililerni qandaq hel qilishning chare tebbirlirini teshwiq qilishning ornigha, kilish menbesi iniq bolmighan we xelqimiz ichide wehime peyda qilidighan uchur xewerlerni köp tarqitish, xelqimiz ichide tiximu éghir rohiy zexme peyda qilishi mümkin. Shunga mesilini oturgha qoyushtin mexset, yalghuz bashqilarni uningdin xewerdar qilip qoyush bilenla cheklenmestin, eng mohimi, mesilini hel qilishqa ortaq chare tipish üchün bolishi kirek. Biz her jehette bir birimizni qollishimiz, bashqilarning oynigha kelmeslikimiz kirek.

2019 - yili 7- ayning 13 - küni