Friday, February 15, 2019

Undaq qazan’gha mundaq chömüch


Undaq qazan’gha mundaq chömüch

Memet Emin

Hemmimizning xewiri bolghandek, 2 - ayning 8 - küni ijtimayi taratqularda Abdurehim Heyitning Xittay turmiside shehit qilin’ghanliq xewiri tarqalghandin kiyin, aridin 24 saet waqit ötmeyla, Türkiye hökümiti Uyghurlar mesilisi we lagir toghrsida Xittay hökümitini eyiplep, 2009 – yildiki Ürümchi qirghinchiliqidin buyanqi eng keskin bir bayanat ilan qildi. Türkiye hökümitining bu keskin pozitsiyesidin qattiq rahetsizlen’gen Xittay hökümiti, aridin yene 24 saet waqit ötmeyla, Abdurehim Heyitni ikran aldigha olturghuzup, üni sözlitip we uning sözni Türkche, In’gilizchige terjime qilip tarqatti. Abdurehim Heyitning hayat ikenliki toghursidiki u qisqa sin filimini körgen bezi qirindashlar filimning ras yalghanliqi toghursida talash tartish qilishsa, yene bezi qirindashlar Xittay hökümitining özlirini yalghanchi chiqirishidin endishe qiliship, Abdurehim Heyitning ölüm xewirini tarqatqanlarni eyipliship, öz ara tapa tene qilishmaqta idi. Del mushu peyitte, Fillandiyediki qirindishimiz Xalmurat “Undaq qazan’gha mundaq chömüch” dep, “#MeTooUyghur” yeni “#MenmuUyghur” herkitini bashlidi.


Toghura, “Undaq qazan’gha mundaq chömüch”, bu ata bowilirimiz uzundin biri qollunup kelgen addi bir maqal temsil bolup, qirindishimiz Xalmurat bu addi maqal temsilni nahayti jayida we del waxtida ishlitilip, ijtimayi taratqularda #MenmuUyghur herkitini bashlidi. Qirindishimiz Xalmuratning bu aqilane chaqiriqi sewebidin, aldi bilen nime qilishni bilelmey qalghan köpligen qirindashlar, derhal herketke kilip, qilish eng asan bolghan, köp nerse telep qilmaydighan, hichqandaq endishe we qorqush keltürüp chiqarmaydighan, yeni tenherqi eng erzan bolghan bu yiqimliq addi sözni ijtimayi taratqularda tarqitishqa bashlidi. Bu aqilane chaqiriq, nurghun qirindashlirimizni öz ara tapa tene qilishtin qutulturdi. Netijide bu herket bashlinip 24 saet ichide, uning ünimi körülüshke bashlidi. Bügün bu herketket bashlinip qisqighina  96 saet ichide, Xelqaradiki her xil chong kichik axbaratlarda bu herket toghursida 100 din artuq xewer chiqqanliqi melum bolmaqta.

Napoleon Hill mundaq digen iken, “Eger siz büyük ishlarni qilalmisingiz, kichik ishlarni büyük qiling”.

Men gerche birer siyasi teshkilatning ezasi we yaki akitip paliyet ilip biriwatqan bir paliyetchi bolmisammu, biraq boluwatqan dawani izchil küzütüp we uninggha köngül bölüp kiliwatqan birsi bolush süpitim bilen shuni kisip eytimenki, bu kichikkine herketning ünimi alahide yuquri boldi. Ras gepni qilsam, men bu herketning bundaq qisqa waqit ichide bundaq zor tesir qilishini tesewur qilmighan ikenmen. Lagir mesilisi oturgha chiqqan ikki yil ichide, weten sirtida yashawatqan qirindashlar ichide misli körülmigen bir oyghunush bolup, uzundin biri dawam qilip kiliwatqan dawada zor yingiliqlar we özgürüshler meydan’gha keldi. Beziler guwaliq birish herkitini qozghighan bolsa, yene beziler ali mektep we michitlarda liksiye sözlep, xelqimiz wetende duch kiliwatqan ighir pajeler toghursida teshwiqatni kücheyitti. Namiyishlarning shekli, kölimi we sanidimu bezi yingiliqlar dunyagha keldi. Weten dawasi üchün tirishchanliq körsitiwatqanlar künsayin köpeydi, dawa sipi künsayin chongaydi. Bularning hemmisi yiqinqi bir yildin artuq waqit ichide yüz bergen yingiliq we dawada qolgha keltürülgen netijiler bolup, eger biz ularning hemmisige, ayrim ayrim bir herket qatarida qaraydighan bolsaq, ularning hich biri bu qitimqi bu herketke oxshash qisqa waqit ichide bundaq chong tesir qozghimighan idi. Elwette men bu yerde bu herketni maxtash arqiliq bashqa herketlerni inkar qilmaqchi emesmen. Men bu yerde peqetla yingi idiyening yingliq yartishta neqeder mohim ikenlikini oturgha qoyup ötmekchimen.

Theodore Levitt mundaq digen iken, “Yingi idiye, yingi ishlarni oylash dimek. Yingiliq yaritish, yingi ishlarni qilish dimek”

Mining Amirkidiki 20 yilliq hayatim ilmi tetqitqat bilen ötti. Bu 20 yilliq ilmi tetqitqat hayatimda, men tonup yetken eng mohim bolghan bir nerse "yingi idiye" ning neqeder mohimliqi boldi. Biz burundin mohim dep qarap kelgen nerse “tejirbe we yaki tejirbe sawaq” bolup, uzundin buyan biz unining mohimliqini izchil türde tekitlep kelgen. Xuddi “toqquz ölchep bir kes” digendek, tejirbe sawaqlarni yekunlep, ishni puxta qilishqa alahide ehmiyet berduq. Terjirbe sawaqlarni igellesh, tejirbisi mol insanlarning pikirige hörmet qilish heqiqeten mohim. Tejirbilik kishiler, ishlarning algha ilgirlishi, uning puxta we muapiqiyetlik bolishining kapaliti. Biraq eger peqet tejirbe bolup yingi idiye bolmisa, hergüz yingiliq bolmaydu. Tejirbilik kishiler eger yingi idelerni üzlüksiz qobul qilmisa, ishlar u burun igelligen tejirbilerning yitekchiliki bilen ongushluq yürishishi mümkin, biraq alahide chong özgürüsh bolishi natayin. Yingi idiye her zaman dewirge maslashqan yingi yashlardin kilidu. Dunyada muapiqiyet qazan’ghan alimlar del shu yash doktur ashtilarning yingi idiyesi tüpeylidin, özlirini üzlüksiz tereqqi qilduralaydu.

Georg Cantor mundaq digen iken, “Büyük yingliq peqet insanlar ishlarni periqliq usulda qilishtin qoruqmighanda dunyagha kilidu”

Axirda Xalamurat qirinidimizning eqlige baharkalla eytish bilen birge, tiximu köp yashlarning dawa sipige qitilishini, dawada tejirbisi bar qirindashlarning yashlardin üzlüksiz yingi idiyelerni qobul qilip, öz ara hemkarliq we öz ara toluqlash muhitini berpa qilishini ümüt qilimen.

2019 - yili 2 - ayning 15 - küni

Sunday, February 10, 2019

خەلقارا يۇقۇر تەخنىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق

خەلقارا يۇقۇر تەخنىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق

Yingi yiziq nusqisi

مەمەت ئىمىن

يىقىنقى بىر ئىككى ھەپتىدىن بۇيان سىرانوس (Theranos)  شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى ئەلىزابەس خولمەس (Elizabeth Holmes) قايتىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا سىرانوس شىركىتى قانداق شىركەت؟ ئەلىزابەس خولمەس كىم؟ بەزىلەر بەلكىم مەندىن، "ھازىر خەلقىمىزنىڭ بىشىدا يەتكىچە دەرت تۇرسا، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار" دەپ سورىشى مۈمكىن. توغۇرا، ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، بىراق بۇ ئىسىملار بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتتە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق ۋەقەسى بىلەن چىتىشلىق بولغىنى، كۆپلىگەن جامائەت ئەربابلىرى، مەشھۇر شەخىسلەر ئۇ ئالدامچىلىقنى پەرىق ئەتمىگەنلىكى، ۋە شۇنداقلا ئۇلار جەمىيەتتە ئالاھىدە تالاش تارتىش ۋە مۇنازىرە قوزغانلىقى ئۈچۈن، ۋە مەن ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلار توغۇرسىدا ئازراق بىر نەرسە يىزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۆردۈم.
  
سىرانوس شىركىتى بولسا 2003-يىلى كالىفورنىيەدە قۇرۇلغان بىئو تەخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمى قىممىتى  2013  ۋە 2014 – يىلى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا، 10 مىلىيارت دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن. 2015 – يىلى 10 - ئايدا ۋالل سترەئەت جورنىلى مۇخپىرى جون كەرەيرو  ئۇ شىركەتنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتۇرغا قويۇپ بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلغاندىن كىيىن، ئۇ شىركەت ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ ئومۇمى قىممىتى بىراقلا نۆل دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

ئەلىزابەس خولمەس بولسا سىرانوس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خوجايىنى بولۇپ، 2013 – يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ياش بىليونۇر دەپ قارالغان، ۋە 2015 – يىلى ئۇنىڭ ساپ بايلىقىنىڭ 4.5 مىلىيارت دوللارغا يەتكەنلىكى ئىلان قىلىنغان. 2016 – يىلى سىرانوس شىركىتىنىڭ ۋەيران بولىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بايلىقىمۇ نۆل دوللارغا چۈشۈپ قالغان. 2018 – يىلى 6 – ئايدا ئامىركا فەدىرال سوت تەرىپىدىن كۆپ خىل ئالدامچىلىق جىنايەتى بىلەن ئەيىپلەنگەن. ھازىر كۆپۈنچە مۇتىخەسىسلەر ئۇنىڭغا كەم دىگەندە 20 يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى بىرىش مۈمكىن دەپ تەخمىن قىلماقتا.

ئەلىزابەس خولمەس 1984 – يىلى 2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئامىركىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھەرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2003 – يىلى سىتانفورد ئۇنىۋىرسىتى خىمىيە فاكۇلتىنىڭ ئىككىنجى يىلىنى تاماملىغاندىن كىيىن، مەكتەپنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋە 19 يىشىدا سىرانوس شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ناھايتى ئەقىللىق قىز بولۇپ، كىچىك ۋاختىدىن باشلاپ ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بۇرۇنقى خوجايىنى سىتىۋ جوبنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلغان ۋە ئىككىنجى سىتىۋ جوب بولۇشقا بەل باغلىغان. ئۇ شىركەت قۇرغاندىن كىيىن دادىسىنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى ئارقىلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخىسلەر بىلەن تونۇشقان، ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە مەبلەخ سىلىشقا كۆندەرگەن. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە شىركەتكە 700 مىلىيۇن دوللار مەبلەخ توپلىغان.

ئۇ قۇرۇپ چىققان سىرانوس شىركىتى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قان تەكشۇرۇشنى ئاساسى مەسۇلات ۋە مۇلازىمەت قىلغان بىئو تەخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى مەۋجۇت بولغا بىئو تەخنىكا شىركەتلىرى ۋە قان تەكشۈرۈش تەجىربەخانىلىرىنىڭ ھىچ بىرى قىلالمىغان ئىشنى قىلىپ، غەرىپ تىبابىتى قان تەكشۇرۇش تارىخىدا دەۋىر بوسۈش خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكالىغان. كۆپلىگەن داڭلىق شەخىسلەر ۋە مىدىيالارمۇ ئۇنى بۇ ساھادە ئىگىلىك تىكلەپ موجىزە ياراتتى دەپ تەرىپلەشكەن ۋە ماختاشقان.

ھازىر غەرىپ تىبابىتىدە مەۋجۇت بولغان قان تەكشۇرۇش جەمى 20 دىن ئارتۇق گۇرپا ۋە 200 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان تەكشۇرۇش تۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر بىر گۇرپا تەكشۇرۇش ئۈچۈن، قان تومۇردىن كەم دىگەندە 2 مىللىلىتىردىن 5 مىللىلىتىر ئارىلىقىدا قان ئىلىشقا توغۇرا كىلىدۇ. يۇقارقى تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىماردىن خىلى كۆپ مىقداردا قان ئىلىشقا توغۇرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تەكشۇرۇشلەرنىڭ كۆپۈنچىسى باھا جەھەتتە قىممەت بولۇپ، مەشغۇلات جەھەتتە نۇرغۇن قولايسىزلىقلار مەۋجۇت. ئالدى بىلەن بىمار بەلگۇلەنگەن ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بىرىشقا، مەخسۇس تەربىلەنگەن سىستىرالار تەرىپىدىن قان تومۇردىن قان ئىلىشقا، ئاندىن مەخسۇس قان تەكشۈرۈش تەجىربەخانىلارغا يوللاپ تەكشۈرۈشكە توغۇرا كىلىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈنمۇ بىر ياكى بىر نەچچە كۈن ساقلاشقا توغۇرا كىلىدۇ.

سىرانوس شىركىتى يۇقاردا ئوتۇرغا قويۇلغان ئۇ تەكشۇرۇشلەردە دەۋىر خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىپ، ھازىرقى ئۆلچەمدىن 100 ھەسسىدىن 1000 ھەسسە ئاز قان بىلەن 200 خىلدىن ئارتۇق قان تەكشۈرۈش تۈرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىلايدىغانلىقىنى، بىمارنىڭ دوختۇرخانىغا بىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، قان تەكشۇرۇشلەرنى ھەر قانداق يەردە ئىلىپ بارالايدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش ھەققى ئەرزان، نەتىجىگە ئىرىشىش ۋاختى قىسقا بولىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويغان.
  

بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن ناھايتى زور بىر ئىلگىرلەش بولۇپ، ئۇنى كىممۇ ياخشى كۆرمىسۇن؟ دەل شۇ ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان زور ئىلگىرلەشلەر سەۋەبىدىن ئەلىزابەس خولمەس ۋە ئۇنىڭ سىرانوس شىركىتى قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە ئامىركىدا مەشھۇر چولپانغا ئايلانغان.


ناھايتى ئەپسۇس، ئۇ ئوتۇرغا قويغان دەۋىر بۆسۈش خارەكتىرلىك ئىلگىرلەشنىڭ ھەممىسى قۇرۇق شۇئار بولۇپ، كۆپلىگەن ئىنسانلارنى قۇرۇق خوش قىلغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەرى شۇكى، بۇ شىركەت گەرچە قان تەكشۇرۇشنى ئاساسى مۇلازىمەت قىلغان بىئو تەخنىكا شىركىتى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا بىرمۇ تىببى مۇتىخەسىس ئىشلەتمىگەن. ئۇنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا مەبلەخ سالغانلار ئىچىدە كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە مەشھۇر ئەربابلار بولۇپ، تىببى جەھەتتىكى كەسپى خادىملار شىركەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىن يىراق تۇتۇلغان.

بۇ شىركەت گەرچە ئەنەنىۋى قان تەكشۈرۈھ شىركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغان دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق دوكىلات ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۈچۈن، بىماردىن ئالغان بىر تامچە قاننى سۇيۇلدۇرۇش ئارقىلىق قان مىقتارىنى، ھازىر قوللىنىپ كىلىۋاتقان ۋە ئۆزىلىرى ئىنكار قىلغان ئەنەنىۋى قان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى تەلەپ قىلغان مىقتارغا يەتكۈزۈپ، ئۇ ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىرىشكەن. بىماردىن ئالغان قان سۇيۇلدۇرلۇپ تەكشۈرۈلگىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئىرىشكەن نەتىجىدە ئىغىر دەرىجىدە خاتالىق كۆرۈلگەن. شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن بىمارلارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىنورمال چىقىپ، ئۇلاردا زۆرۈر بولمىغان قايمۇقۇش ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغان.

ئەلىزابەس خولمەس ۋە ئۇنىڭ سىرانوس شىركىتىنىڭ يۇقارقى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى 2015 - يىلى 10 - ئايدا تۇنجى بولۇپ ئاشكارە بولغاندىن كىيىن، بەزىلەر ئۇنى پەقەتلا تىجارەت جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت، ئالدامچىلىق ئەمەس دەي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتىرياللار 16 مىلىيۇن بەتكە يەتكەن بولۇپ، سىرانوس شىركىتى، ئۆز مەسۇلاتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئاللا بۇرۇن پەرىق ئەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئاشكارە قىلىشنىڭ ئورنىغا، باشقا شىركەتنىڭ ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىپ، ئالدامچىلىق قىلىشنى داۋام قىلغان. بۇ توغۇرسىدا ۋالل سترەئەت جورنىلى مۇخپىرى جون كەرەيرو <<Bad Blood>> يەنى <<بۇزۇق قان>> نامى بىلەن 2018 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بىر كىتاپ نەشىر قىلغان ۋە ئۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنى ھازىر  كىنو قىلىپ ئىشلەنمەكتە ئىكەن.

بىزدە "ئالدامچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام" دەيدىغان گەپ بار، بىراق جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى، ئالدامچىلىقمۇ تەرەققى قىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئالدامچىلىقنى بەرىق ئەتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇ ئالدامچىلىق ۋەقەسىدە، قوللانغان ئۇسۇل ناھايتى ئاددى، يەنى باشقىلار قىلالمىغان ئىشنى قىلالايمەن دەپ باشقىلارنى قىززىقتۇرۇش، باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇنىڭ راس يالغانلىقىنى پەرىق ئىتىش قىيىنلاشقا ۋە ئۇنى پاش قىلىش كۆپلىگەن توسالغۇغا ئۇچۇرغان. نەتجىدە ئۇنىڭغا ئالدى كەينى بولۇپ 12 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن.

بۇ ۋەقەلىكتىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۈمكىن ئىكەنكى، ھەددىدىن زىيادە گۈزەل ۋە رىياللىقتىن ھالقىپ كەتكەن غايىلىك ۋەدىلەر كۆپۈنچە ھالدا خەلقنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىغا ماسلىشىپ، ئۇنى قاندۇرۇش مەخسەتتە قوللىنىۋاتقان قۇرۇق شۇئار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا باشقا مەخسەتلەر يوشۇرۇلغان بولۇش ئىھتىمالى شۇنچە يۇقۇرى بولىشى مۈمكىن. شۇڭا بەزىدە باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سوغاققان بولىشىمىز، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئىش كۆرمەسلىكىمىز كىرەك.

2019 – يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى


مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولار

Xelqara yuqur texnika tarixidiki eng chong aldamchiliq


Xelqara yuqur texnika tarixidiki eng chong aldamchiliq
Memet Emin

Yiqinqi bir ikki heptidin buyan Theranos shirkiti we uning xojayini Elizabeth Holmes qaytidin qizziq nuqtigha aylandi. Undaqta Theranos shirkiti qandaq shirket? Elizabeth Holmes kim? Beziler belkim mendin, “hazir xelqimizning bishida yetkiche dert tursa, ularning biz bilen nime munasiwiti bar” dep sorishi mümkin. Toghura, ularning biz bilen biwaste munasiwiti yoq, biraq bu isimlar biz yashawatqan jemiyette yüz bergen eng chong aldamchiliq weqesi bilen chitishliq bolghini, köpligen jamaet erbabliri, meshhur shexisler u aldamchiliqni periq etmigenliki, we shundaqla ular jemiyette alahide talash tartish we munazire qozghanliqi üchün, we men ularni xelqimizning bilishi zörür dep qarighanliqim üchün, ular toghursida azraq bir nerse yizip köpchilik bilen ortaqlishishni muapiq kördüm. 

Theranos shirkiti bolsa 2003-yili Kaliforniyede qurulghan Bio texnika shirkiti bolup, uning omumi qimmiti  2013  we 2014 – yili eng yuquri bolghanda, 10 miliyart dollar dep mölcherlen’gen. 2015 – yili 10 -ayda Wall Street Jornili muxpiri John Carreyrou, u shirketning gumanliq ikenlikini oturgha qoyup bir parche maqale ilan qilghandin kiyin, u shirket aldamchiliq bilen shughullan’ghan dep qarilip, uning omumi qimmiti biraqla nöl dollargha chüshüp qalghan.

Elizabeth Holmes bolsa Theranos shirkitining qurghuchisi we xojayini bolup, 2013 – yili dunyadiki eng yash bilyonur dep qaralghan, we 2015 – yili uning sap bayliqining 4.5 miliyart dollargha yetkenliki ilan qilin’ghan. 2016 – yili Theranos shirkitining weyran bolishigha egiship, uning bayliqimu nöl dollargha chüshüp qalghan. 2018 – yili 6 – ayda Amirka Fediral sot teripidin köp xil aldamchiliq jinayeti bilen eyiplen’gen. Hazir köpünche mutixesisler uninggha kem digende 20 yildin artuq qamaq jazasi birish mümkin dep texmin qilmaqta.

Elizabeth Holmes, 1984 – yili 2 – ayning 3 – küni Amirkining Washin’giton sheheride tughulghan bolup, 2003 – yili Sitanford Univirsiti ximiye fakultining ikkinji yilini tamamlighandin kiyin, mektepni tashlap chiqip ketken we 19 yishida Theranos shirkitini qurup chiqqan. U nahayti eqilliq qiz bolup, kichik waxtidin bashlap Alma shirkitining qurghuchisi we burunqi xojayini Steve Jobni özige ölge qilghan we ikkinji Sitiv Job bolushqa bel baghlighan. U shirket qurghandin kiyin dadisining alaqe chembiriki arqiliq nurghun dangliq shexisler bilen tonushqan, we ularni özining shirkitige meblex silishqa köndergen. Qisqighina waqit ichide shirketke 700 miliyun dollar meblex toplighan.

U qurup chiqqan Theranos shirkiti, insanlarning saghlamliqi üchün zörür bolghan qan tekshurushni asasi mesulat we mulazimet qilghan bio texnika shirkiti bolup, u hazirqi mewjut bolgha bio texnika shirketliri we qan tekshürüsh tejirbexanilirining hich biri qilalmighan ishni qilip, gherip tibabiti qan tekshurush tarixida dewir bosüsh xarektirlik özgürüsh peyda qilidighanliqini jakalighan. Köpligen dangliq shexisler we midiyalarmu uni bu sahade igilik tiklep mojize yaratti dep teripleshken we maxtashqan.

Hazir gherip tibabitide mewjut bolghan qan tekshurush jemi 20 din artuq gurpa we 200 din artuq oxshimighan tekshurush turlirini öz ichige alidighan bolup, her bir gurpa tekshurush üchün, qan tomurdin kem digende 2 millilitirdin 5 millilitir ariliqida qan ilishqa toghura kilidu. Yuqarqi türlerning hemmisini tekshürüsh üchün bimardin xili köp miqdarda qan ilishqa toghura kilidu. Uning üstige u tekshurushlerning köpünchisi baha jehette qimmet bolup, meshghulat jehette nurghun qolaysizliqlar mewjut. Aldi bilen bimar belgulen'gen waqitta doxturxanigha birishqa, mexsus terbilen'gen sistiralar teripidin qan tomurdin qan ilishqa, andin mexsus qan tekshürüsh tejirbexanilargha yollap tekshürüshke toghura kilidu. Tekshürüshning netijisige irishish üchünmu bir yaki bir nechche kün saqlashqa toghura kilidu.

Theranos shirkiti yuqarda oturgha qoyulghan u tekshurushlerde dewir xarektirlik özgürüsh peyda qilip, hazirqi ölchemdin 100 hessidin 1000 hesse az qan bilen 200 xildin artuq qan tekshürüsh türning hemmisini tekshürüp chiqilaydighanliqini, bimarning doxturxanigha birishining hajiti yoqliqini, qan tekshurushlerni her qandaq yerde ilip baralaydighanliqini, tekshürüsh heqqi erzan, netijige irishish waxti qisqa bolidighanliqini oturgha qoyghan.


Bularning hemmisi heqiqeten nahayti zor bir ilgirlesh bolup, uni kimmu yaxshi körmisun? Del shu ademni jelip qilidighan zor ilgirleshler sewebidin Elizabeth Holmes we uning Theranos shirkiti qisqighina 10 yil ichide Amirkida meshhur cholpan'gha aylan'ghan.


Nahayti epsus, u oturgha qoyghan dewir bösüsh xarektirlik ilgirleshning hemmisi quruq shuar bolup, köpligen insanlarni quruq xosh qilghan. Ademni heyran qalduridighan yeri shuki, bu shirket gerche qan tekshurushni asasi mulazimet qilghan bio texnika shirkiti bolsimu, biraq uning bashqurush qatlimida birmu tibbi mutixesis ishletmigen. Uni qollighan we uninggha meblex salghanlar ichide köpligen siyasetchiler, tijaretchiler we meshhur erbablar bolup, tibbi jehettiki kespi xadimlar shirketning yuquri qatlimidin yiraq tutulghan.

Bu shirket gerche eneniwi qan tekshürüh shirketlirini özlirining eng chong riqabetchisi körüp, ularning mulazimitini dewirning tereqqiyatigha maslishalmighan dep körsitishke tirishqan bolsimu, biraq dokilat üchün zörür bolghan qan tekshürüsh netijisi üchün, bimardin alghan bir tamche qanni suyuldurush arqiliq qan miqtarini, hazir qollinip kiliwatqan we öziliri inkar qilghan eneniwi qan tekshürüsh üskünliri telep qilghan miqtargha yetküzüp, u üskünler arqiliq tekshürüsh netijisige irishken. Bimardin alghan qan suyuldurlup tekshürülgini üchün, uningdin irishken netijide ighir derijide xataliq körülgen. Shu seweptin köpligen bimarlarning qan tekshürüsh netijisi binormal chiqip, ularda zörür bolmighan qaymuqush we endishe peyda qilghan.

Elizabeth Holmes we uning Theranos shirkitining yuqarqi aldamchiliq qilmishliri 2015 - yili 10 - ayda tunji bolup ashkare bolghandin kiyin, beziler uni peqetla tijaret jehettiki meghlubiyet, aldamchiliq emes dey qaraydighanliqini bildürüshken bolsimu, biraq hazirgha qeder uning aldamchiliq jinayiti bilen munasiwetlik ispat matiryallar 16 miliyun betke yetken bolup, Theranos shirkiti, öz mesulatining meghlup bolghanliqini alla burun periq etken bolsimu, biraq uni ashkare qilishning ornigha, bashqa shirketning eswaplirini ishlitip, aldamchiliq qilishni dawam qilghan. Bu toghursida Wall Street Jornili muxpiri John Carreyrou <<Bad blood>> yeni <<Buzuq qan>> nami bilen 2018 - yili 5 - ayning 21 - küni bir kitap neshir qilghan we u kitapning mezmuni hazir  kino qilip ishlenmekte iken.

Bizde “aldamchining quyriqi bir tutam” deydighan gep bar, biraq jemiyet tereqqi qilghansiri, aldamchiliqmu tereqqi qilidighan bolup, bezide aldamchiliqni beriq etish unche asan emes. Bu aldamchiliq weqeside, qollan’ghan usul nahayti addi, yeni bashqilar qilalmighan ishni qilalaymen dep bashqilarni qizziqturush, bashqilarni jelip qilish usulini qollan’ghan bolup, dangliq shexislerning qollishi bilen, uning ras yalghanliqini periq itish qiyinlashqa we uni pash qilish köpligen tosalghugha uchurghan. Netjide uninggha aldi keyni bolup 12 yildin artuq waqit ketken.

Bu weqeliktin shundaq xulase chiqirish mümkin ikenki, heddidin ziyade güzel we riyalliqtin halqip ketken ghayilik wediler köpünche halda xelqning arzu armanlirigha masliship, uni qandurush mexsette qolliniwatqan quruq shuar we ularning arqisigha bashqa mexsetler yoshurulghan bolush ihtimali shunche yuquri bolishi mümkin. Shunga bezide bashqilarning aldam xaltisigha chüshüp kitishtin saqlinish üchün, soghaqqan bolishimiz, hisyatimizgha tayinip ish körmeslikimiz kirek.

2019 – yili 2 - ayning 10 - küni

Munasiwetlik videolar we xewerler

https://www.youtube.com/watch?v=rM7CwmKZaaw

https://www.youtube.com/watch?v=dWQYKVasMoY&t=3250s

https://www.youtube.com/watch?v=vlQtwv0dpY4

https://www.youtube.com/watch?v=zSgwJA-GOlg

https://www.youtube.com/watch?v=9I9z1eiyhNI

https://www.youtube.com/watch?v=rGfaJZAdfNE

A Conversation with Elizabeth Holmes at MPW Next Gen | Fortune

https://www.youtube.com/watch?v=vsSt-tiFuCQ&t=29s

A Conversation With Theranos CEO Elizabeth Holmes | Forbes



Tuesday, February 5, 2019

بىز مىللەتنى تەنقىتلەشكە ھازىرمۇ؟

بىز، مىللەتنى تەنقىتلەشكە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشقا ھازىرمۇ؟
Yingi yiziq nusqisi
ئاۋازلىق نۇسقىسى
مەمەت ئىمىن

"بىز ئۆز ئارا ئىتىپاقلاشمايدىغان مىللەت. بىز تىرىشمايدىغان مىللەت. بىز كىتاپ ئوقۇمايدىغان مىللەت. بىز تەرەققى قىلمايدىغان مىللەت. بىز مۇشۇ سەۋەپلەردىن ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قالغان مىللەت." ئىشىنىمەنكى كۆپۈنچىمىز بۇ خىلدىكى مىللەتنى تەنقىتلەيدىغان تاپاتەنە سۆزلەرنى ۋە شىكايەتلەرنى ئاڭلىغان، ۋە ئۇنىڭغا قارىتا، "ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بار، ھازىر بۇلارنى تالاش تارتىش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس" ۋە "بىز مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىپ، دۈشمەننى خوش قىلماسلىقىمىز كىرەك"دىگەندەك ئىنكاسلارنى قايتۇرغان، ياكى مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىن تەنقىت قىلغۇچىلارغا قىتىلىپ، "كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا توغۇرا دىياگۇنۇز قويۇش كىرەك، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكىنى تونۇپ يەتمىسەك، بىزدە قانداق ئىلگىرلەش بولسۇن؟" دىگەندەك ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتۇرغا قويغان.

شۇنداق، بىزدە "كىسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە" دەيدىغان ئاتا سۆز بار.  ئىنسان ئەگەر ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلاي دىسە، چوقۇم ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ يىتىشى، ئۇنى ئىتىراپ قىلىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى كىرەك. پۈتۈن بىر مىللەتمۇ، ئەگەر ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلاي دىسە، چوقۇم ئۆز ئىللەتلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى تونۇپ يىتىشى، ئۇنى ئىتىراپ قىلىشى كىرەك. بىراق بۇ يەردىكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ھەرگۈزمۇ نۇقۇل ھالدىكى ئۆز ئۆزىنى ئەيىپلەش، ئۆز ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىش بولماستىن، بەلكى ئۆزىدە ئىجابى ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئۆزىگە ئادىل باھا بىرىش ئارقىلىق، ئۆز خاتالىقىنى، ئۆز كەمچىللىكلىرى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ يىتىپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرلەش ۋە ياخشىلىنىش پەيدا قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ھەرقانداق بىر شەخىس، ھەرقانداق بىر گۇرپا ۋە ياكى ھەرقانداق بىر مىللەت، ئۆز خاتالىقىغا ئىگە چىقىپ، ئۆز قىلمىشىغا مەسۇل بولۇپ، ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئۆز ئىگەدارچىلىق قىلالىشى، نىمە قىلىش، نىمە سۆزلەش، قانداق قىلىش، قانداق سۆزلەشكە ئۆزى قارار بىرەلىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ شەخىس، ئۇ گۇرپا ۋە ياكى ئۇ مىللەت ئۆتكۈزگەن خاتالىق، ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۇلارنىڭ ئىلكىدە بولمايدۇ. مەيلى شەخىس بولسۇن ۋە ياكى پۈتۈن بىر مىللەت بولسۇن، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئالدى بىلەن ئۇ شەخىس ياكى ئۇ مىللەت ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىگە مىھرىبان بولىشى، ئۆز ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ۋە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان بولىشى كىرەك.

ھازىر، گەرچە ھەر بىرىمىز بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئايرىم ئايرىم شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن بەلگۇلۇك ھەق ھوقۇقلارغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىچ بىر جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چىقىش، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نىمە سۆزلەش، نىمە قىلىش، قانداق سۆزلەش، قانداق قىلىش قاتارلىقلارغا ئۆزى قارار بىرەلمەيدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز خەلقىنى، ئۆز قىممەت قاراشى، ئۆز ئىتىقادى ۋە ئۆز ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى بىلەن تەربىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتى، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگۈتۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ھازىرقى شاراھىتتا ئۇيغۇر مىللىتىدىكى كىسەل مەيلى يوشۇرۇلسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇلسۇن، مىللەت ئۇنى ساقايتىش ئىمكانىيىتىگە، يەنى ئۆزىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ۋە ئىللەتلەردە ئۆزگۇرۇش پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ھازىرقى شاراھىتتا بىزنىڭ، مىللەتنى ئەيىپلىشىمىز، مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشىمىز  ھەرگۈز ئىجابى رول ئوينىمايدۇ، ئەكسىنچە ئۇ مىللەتكە سەلبى تەسىر كۆرسۈتۈپ، مىللەتتە ئۈمۈتسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مەن، "ھازىر مىللەتنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەنقىت قىلىدىغان ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدىغان توغۇرا زامان ئەمەس" دەپ قارايمەن.

مىنىڭچە بىز ئەڭ ياخشىسى مىللەتنى تەنقىت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىشنى، سەۋەنلىكنى مىللەتتىن ئىزدەپ، مەسۇليەتنى مىللەتكە يۈكلەشنىڭ ئورنىغا، ئۆز ئۆزىمىزدىن "مەن مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز مەسۇليىتىمنى ئادا قىلدىممۇ؟" دەپ سوراپ بىقىشىمىز كىرەك. ھازىر بىزگە نىسبەتەن ئەڭ موھىم بولغىنى، ئۆزىمىزگە بولغان مىھرىبانلىق، يەنى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا دەستەك بولۇش، ئاكىتىپ مۇھىت يارىتىش ۋە ئۆز مەسۇليىتىمىزنى ئادا قىلىشتۇر.

ئۆز ئۆزىمىزگە بولغان مىھرىبانلىق بەك موھىم، چۈنكى ئەگەر بىز خورلۇق ئىچىدە ئۆز ئۆزىمىزگە كۆيۈنەلىسەك، ئاندىن بىز باشقىلارغا قول ئۇزىتالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتالايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان بولىمىز.

ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولۇش (self compassion) دىگەندە ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنۈش (self kindness)، ئورتاق ئىنسانلىق (common humanity) ۋە تونۇپ يىتىش (mindfulness) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنۈش (self kindness) دىگىنىمىز ئىنساننىڭ ئۆزىنى تولۇق تونۇپ يىتىشىنى، ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك بىلەن ھۆكۈم چىقارماسلىقنى، ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىگە ھۇجۇم قىلماستىن، بەلكى ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئورتاق ئىنسانلىق (common humanity) دىگىنىمىز ئىنساننىڭ نۇقسانسىز ئەمەسلىكىنى، ھەممە ئادەمنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، خاتالىق ئۆتكىزىدىغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ بىشىغا ئوخشىمىغان دەرتلەرنىڭ كىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، مۈكەممەلسىزلىكنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەستە ساقلاپ، باشقا بالا كەلگەندە ئۆزىمىزنى يالغۇز ھىس قىلماسلىقىمىزنى كۆزدە تۇتىدۇ. تونۇپ يىتىش ياكى تۇيۇش (mindfulness) دىگەندە ئىنسانلارنىڭ قايغۇسىنى ۋە ياكى بىشىغا كەلگەن كىلىشمەسلىكلەرنى ياخشى كۈزۈتۈپ، ھەم ئۇلارنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى كۆرمەسكە سالماسلىقنى، ھەم ئۇلارنىڭ بىشىغا كەلگەن قايغۇ ھەرسەرلىرىنى ۋە بالايى ئاپەتلەرنى كۆپتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرت قوشماسلىقنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولمىغان، يەنى ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنمىگەن ئىنساننىڭ، باشقىلارغا ھىسىداشلىق قىلالىشى، باشقىلارغا كۆيۈنىشى مۈمكىن ئەمەس.

ئۆز ئۆزىمىزگە مىھرىبانلىق بولسا، ئىنساننىڭ بولۇپمۇ كىرىزىسقا ۋە مەغبۇبىيەتكە دۇچ كەلگەنىدە، ئۆز ئۆزىگە دەستەك بولۇشى ۋە ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆز ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق

ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش (self criticism) دىگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە باھا بىرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنى ئاكىتىپ ۋە پاسسىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىش مۈمكىن. ئاكىتىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دىگىنىمىز ئۆزىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا بولىدىغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدۇ. پاسسىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دىگىنىمىز ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلمىغان ئاساستا بولىدىغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆزىنى رەت قىلىش ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئىنسانلارغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.  پاسسىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، ئىنسانلاردا ئۆز ئۆزىنى كەمتۈك تونۇش (disrupted self-identity)  خارەكتىرلىق پىسخىلوگويەلىك بىنورماللىق پەيدا قىلىدۇ.

ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ئادەتتە بىر بىرى بىلەن ئۆز ئارا زىچ باغلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ھەر زامان مەلۇم تەڭپۇڭلۇق بولۇشى كىرەك. ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولمىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلمىغان، نوقۇل ھالدىكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، يەنى ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۆزىنى رەت قىلىش بولسا، بىر خىل پاسسىپ بولغان بىنورمال قىلمىش بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنى، چۈشكۈنلىككە، ئۆز ئۆزىنى كەمسىتىشكە، ئۆز ئۆزىنى جازالاشقا، ئۆز ئۆزىنى ۋەيران قىلىشقا ۋە مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ. تەتقىتقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولۇش يىتەرسىز بولغان، بىراق ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنسانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە ھىسىداشلىق قىلىش ئىستىكى بەك كۈچلۈك بولۇپ، ھەممە ئىشتا پەقەت ئۆزىنى ئويلايدىغان، ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان بولسا ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش بولمىسا، ئۇنداق ئىنسانلاردا ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىللىك ۋە زومىگەرلىك خائىشى پەيدا بولىدۇ، نەتىجىدە چوڭ خاتالىق ۋە ۋەيران بولۇش كىلىپ چىقىدۇ.


ئىنسان، ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى كىرەك، بولمىسا ئۆز ئۆزى بىلەن پىتىشالمايدۇ. ئىنسان، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى كىرەك، بولمىسا باشقىلار بىلەن پىتىشالمايدۇ.

نورمالدا، ھەر قانداق مۇستەققىل بىر شەخىس بەلگۈلۈك دائىردە ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشىغا ئۆزى قارار بىرەلەيدۇ. يەنى ئۇ شەخىس مەيلى ياخشى قىلسۇن ياكى يامان قىلسۇن، توغرا قىلسۇن ياكى خاتا قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزى قارار بىرىدۇ، ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا ئۆزى ئىگە چىقىشى ياكى ئۆزى مەسۇل بولىشى كىرەك. ئەگەر خاتا قىلغان بولسا، خاتالىقىنى تونۇپ يىتىپ، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى، بىر خىل مەسۇليەتچانلىق، دادىللىق ۋە مەرتلىك. بىراق ھەر بىرىمىز مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن بىر مىللەتنى تەنقىت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشقا كەلگەندە ئىشلار ئۇنداق ئاددى ئەمەس.

ئالدى بىلەن، مىللەت ھەممىمىزگە تەۋە، بىراق مىللەت ھىچ بىرىمىزنىڭ شەخسى تەۋەرۈكى ئەمەس. مىللەت دىگەن ئورتاق تىل، ئورتاق مەدىنىيەت، ئورتاق جۇغراپىيە ۋە ئورتاق تارىخقا ئىگە بولغان بىر گۇرپا كىشىلەرنىڭ ئورتاق نامى. مىللەت، ئۇ بىر ئابىستراكىت ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان كونكىرىت ئىنسانلار توپلىمىدىن تەشكىل تاپقان، يەنى كونكىرىت ئىنسانلارسىز، مىللەت ياكى خەلق مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىكى بەزى ئىللەت ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى ئۇنىۋەرساللاشتۇرۇپ، ئۇنى نوقۇل ھالدا مىللەتنىڭ ئۈستىگە يۈكلىسەك، توغۇرا بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىكى مەسىلىنى خەلقكە، مىللەتكە ئارتىپ، خەلقنى، مىللەتنى ئەيىپلەپ، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ سىرتىغا قويساق، ئۆز مەسۇليىتىمىزدىن قاچقان بولىمىز.

مىللەتنىڭ مەسىلىسى دىمەك بىزنىڭ ئورتاق مەسىلىمىز دىمەك. مىللەتنىڭ ئىللىتى دىمەك ھەر بىرىمىزنىڭ، كەم دىگەندە كۆپۈنچىمىزنىڭ ئىللىتى دىمەك. مىللەتنىڭ نومۇسى دىمەك ھەر بىرىمىزنىڭ نومۇسى دىمەك. مىللەتنىڭ شان شەرىپى دىمەك ھەر بىرىمىزنىڭ شان شەرىپى دىمەك. ھەر بىرىمىزنىڭ كۈچلىنىشى مىللەتنىڭ كۈچلىنىشىدۇر؛ ھەر بىرىمىزدىكى ئورتاقلىقنىڭ ۋەيران بولىشى ۋە يوقىلىشى مىللەتنىڭ يوقىلىشىدۇر.

ئىككىنجىدىن، ھەر بىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ئايرىم ئايرىم مۇستەققىل بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىش ئەركىنلىكىمىز بار، بىراق ھەر بىرىمىز بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللەتنى تەنقىتلىمەكچى بولغاندا ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئاچماقچى بولغاندا، ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتىشىمىز، مىللەتنىڭ مەنپەتىنى ئاساسى ئورۇندا قويىشىمىز، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ھە دىگەندە مىللەتنى ئەيىپلەشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىشىمىزدىن مەخسەت ئۆزىمىزدە ئىجابى ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈندۇر. مىللەتنى تەنقىت قىلىش ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشمۇ دەل شۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىدا ئىجابى ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈندۈر. شەخىسلەرنىڭ ئىللىتى كۆپۈنچە ھالدا شەخسى قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق مىللەتنىڭ ئىللەتلىرى كۆپۈنچە ھالدا شۇ مىللەت ياشىغان ئىجتىمايى جەمىيەت قۇرۇلمىسى،  مىللەتنىڭ شۇ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىللەت، ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ ئىللەتلەرگە سەۋەپ بولغان ئىجتىمايى قۇرۇلمىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالالىشى كىرەك. مىللەت ئۆز ئۆزىگە ئىگە چىقالىشى، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىتىقادى ۋە ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرەلىشى كىرەك، كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى شۇ بويىچە تەربىلىيەلىشى كىرەك.

بىز نورمالدا يالغۇز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆز ھىس تۇيغىمىزغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋە خەلقكە ۋەكىللىق قىلىپ ياكى ئۇلار توغۇرسىدا ئۇنىۋەرسال يەكۈن چىقىرىشقا ئادەتلەنگەنمىز. مەسىلەن ئۇيغۇرلار ئەقىللىق مىللەت، ئۇيغۇرلار تىرىشچان مىللەت، ئۇيغۇرلار ھورۇن مىللەت ۋە ياكى يەھۇدىلار ئۇنداق مىللەت، ياپۇنلۇقلار مۇنداق، ئىنگىلىزلار ئۇنداق مىللەت، گىرمانلار مۇنداق مىللەت دىگەندەك. ئەمىلىيەتتە بىز مەلۇم مىللەتنى تەرىپلەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن ھەرقانداق ئالاھىدىلىك شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كۆپ ساندىكى كىشىلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ مىللەتتىن ئىبارەت ئابىستىراكىت بىر ئۇقۇمغا تەۋە ئەمەس، بەلكى كونكىرىت ئىنسانلارغا تەۋە ئالاھىدىلىكتۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھازىر بىر ئىنساننىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم IQ يەنى ئەقىل كۆسەتكۈچىسى بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىرقى ۋە ئوخشىمىغان مىللەرتلەرنىڭ ئوتۇرچە ئەقىل كۆسەتكۈچىسى پەرىقلىق بولسىمۇ، يەنى بەزى مىللەتنىڭ ئوتۇرچە ئەقىل كۆسەتكۈچىسى يۇقۇرى، بەزى مىللەتنىڭ ئوتۇرچە ئەقىل كۆسەتكۈچىسى  تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق مەن مەلۇم مىللەت ئەقىللىق مىللەت، مەلۇم مىللەت دۆت مىللەت دىگەن ئۇقۇمغا مەن قىتىلمايمەن.

ھەرقانداق بىر مىللەت بىر پۈتۈن بىر گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇم يۈزلۈك ئەقىللىق ياكى ئومۇمى يۈزلۈك دۆت بولمايدۇ. پەقەت ھەر بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلار ئىچىدە ئەقىللىق ئىنسانلار ۋە دۆت ئىنسانلار بولىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆسەتكۈچىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولۇشى يالغۇز ئىنسانلارنىڭ ئىرسى ۋە ياكى تۇغما ئەقىل پاراسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە مۇھىت ۋە شاراھىتقىمۇ باغلىق. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ئوخشاش ئىنسان ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئەقىل كۆسەتكۈچىسىنى تەكشۈرتكەندە، ئۇنىڭ نەتىجىسى پەرىقلىق بولىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن كۆپۈنچى كىشىلەر، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆسەتكۈچىسىنى، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قاتارىدا ئىشلىتىشكە قارشى تۇرماقتا.  

ئۇندىن باشقا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى قىلماسلىقى، يالغۇز ئۇ مىلەتنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان ئىجتىمايى جەمىيەت قۇرۇلمىسى، تەبىئى بايلىق، شۇ مىللەتنىڭ ئۇنىۋەرسال ساپاسى، ئىزدىنىشى، كۆڭەل قويىشى، تىرىشچانلىقى، ئىزچىللىقى ۋە قەتئى بوشاشماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئىلغار ياكى قالاقلىقى، ھورۇن ياكى ئىشچانلىقى، ھەرگۈزمۇ ئۇ مىللەتنىڭ  پىشانىسىغا پۈتۈلگەن، ئۆزگەرمەس نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇ كۆپلىگەن ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەم ۋاقىت شاراھىتنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگۈرەپ تۇرىدىغان نەرسە.


ئالبىرت ئەينىستىن مۇنداق دىگەن ئىكەن، "مۇئاپىقىيەت قازىنىش، ئىنسانلارنىڭ قىززىقىشى، كۆڭەل قويىشى، قەتىئى بوشاشماسلىقى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشىدىن مەيدانغا كىلىدۇ"

بىزدە "تازنى تاز دىسەڭ ئۆلگىسى كىلەر، ساقنى تاز دىسەڭ كۈلگىسى كىلەر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار بولۇپ، بۇ دىگەنلىك بىشى ساق ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تاز دىيىشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ، ئەكسىنچە تاز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تاز دىيىشۇدۇر دىمەكتۇر. يەنى ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغان ۋە ياكى ئەيىپى كۆپ بولغان ئىنسانلار، ئۆز ئەيىپىنى ئىچىشتىن ۋە ياكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشتىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىنسانلاردۇر.

ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى ۋە ياكى ئۆز ئەيىپىنى ئىچىشى، ئالاھىدە دادىللىق تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل سەمىمى قىلمىش بولۇپ، ئۇ ئاجىزلىقنىڭ ئەمەس بەلكى ھەر جەھەتتىن پىشىپ يىتىلگەنلىكنىڭ ۋە كۈچلۈكلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. يەنى ئىنسانلار ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىپ ۋە ياكى ئۆز ئەيىپىنى ئىچىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كۈچلۈك بولىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغدىشى كاپالەتكە ئىگە بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، يەنى ئۆزىنى قوغداش كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئاجىز ئورۇندا تۇرغان كىشىلەر ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلغاندا، ئۆزىنى تىخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىنى بۇ دۇنياغا يۈك دەپ قاراش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

مارتىن لۇزىر كىڭ مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش سەۋىيەسىگە يىتىشى، ھەرگۈزمۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، بەلكى ئۇ يۈكەسەك دەرىجىدە مۈكەممەللىشىشنىڭ ئىپادىسىدۇر."

ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدۇشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئى ۋە تۇغما بولغان ئىپتىدايى ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى ئاقلىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ شۇ تۇغما ئۆزىنى قوغداش ئادىتى دائىرسىگە كىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىڭى ۋە ئىھتىياجى، ئىنسانلارنىڭ بوۋاقلىق، بالىلىق ۋە ئاجىز ۋاقىتلىرىدا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى، بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ داۋاملىق ئاتا ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتىشى، ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئاجىز تەرەپ ئالدى بىلەن بەكرەك داۋراڭ سىلىشى ۋە ئالدى بىلەن قولىغا قورال ئىلىشى قاتارلىقلاردۇر. ئىنسانلارنىڭ يىشىنىڭ چوڭىشىغا، جەمىيەتتىكى ئورنىڭ يۈكسىلىشىگە ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزىنى قوغداشقا بولغان ئىھتىياجى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.

ھەرقانداق بىر مىللەت ۋە ياكى ھەرقانداق بىر شەخىس ئۆزىنى قوغدىيالىغىدەك ھالغا كەلمىگىچە، ئۇ مىللەت ياكى ئۇ شەخىس ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشقا ھازىر ئەمەس، يەنى ئۇ مىللەت ياكى ئۇ شەخىس ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشنى قوبۇل قىلالىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى دادىللىق بىلەن تەنقىت قىلالىشى ئاسان ئەمەس.

مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئەيىپىنى ئىچىشنى ۋە ياكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقى، ئۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئىنسان ياكى كەم دىگەندە ئۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن پىشىپ يىتىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكە ئاستىدا ياشىغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەت بوزەك قىلىنغان مىللەتلەر ئۇزۇن مۇددەت ئادالەتسىزلىك ئىچىدە ياشىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئۆزىنى قوغداش ئىھتىياجى يۇقۇرى بولىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۇنداق مىللەتلەر ۋە ياكى ئۇنداق ئىنسانلار تەنقىتنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەپىپىنى ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. دۇنياغا خوجا بولغان مىللەتلەر، ئۆز ئۆزىگە ئىشەنچىسى يۇقۇرى بولغان ئىنسانلار، ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشنى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى، ئۆزىنى تىخىمۇ مۈكەممەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ.

مەسىلەن، ئامىركا دۆۋلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن بۇيان بولۇپمۇ يىقىنقى 100 يىلدىن بۇيان دۇنيا ساقچىسى دەپ تونۇلۇپ كەلگەندە ئەڭ كۈچلۈك دۆۋلەت بولۇپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامىركىنىڭ خەلقارادىكى ئورنى زور دەرىجىدە مۇستەككەملەنگەن. 1958- يىلى ئامىركىدا، ئامىركىلىقلارنىڭ ئۆز ئەيىپىنى ئاچىدىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەيدىغان "The Ugly American" يەنى "چاكىنا ئامىركىلىقلار" دەيدىغان بىر كىتاپ نەشىر قىلىنغان،  ۋە ئۇ كىتاپ ئەينى ۋاقىتتا كۆپ سىتىلغان كىتاپقا ئايلانغان. 1963-يىلى ئۇ كىتاپ ھەتتا كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. ئوخشاشلا ئۆز ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەيدىغان مەزمۇنىدىكى كىتاپلار فىرانسىيە، ياپۇنىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان غەرىپ دوۋلەتلىرىدە نەشىر قىلىنغان ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللۇشىغا ئىرىشكەن. خىتتايلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەيدىغان مەزمۇندىكى "چاكىنا جوڭگولۇقلار" دىگەن كىتاپ 1985 - يىلى تۇنجى بولۇپ تەيۋەندە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 1986 - يىلى خىتتايدىمۇ نەشىر قىلىنغان ۋە 1987 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىدىن كىيىن، ئۇ كىتاپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن. 2004 - يىلى گەرچە ئۇ كىتاپ قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ، بىراق مەزمۇنىغا كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. يۇقارقى ئەھۋاللاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بىر دۆۋلەت ۋە ياكى بىر مىللەتنىڭ ئۆز كەمچىللىكىگە تولۇق يۈزلىنەلىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى دادىللىق بىلەن تەنقىت قىلالىشى، ئۇ دۆۋلەت ياكى ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خىتتاي دۆۋلىتىگە كەلسەك، ئۇ گەرچە ھازىر ئامىركىدىن قالسا ئىختىزادى ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆۋلەت ھىساپلانسىمۇ، بىراق مەيلى خىتتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ۋە ياكى خىتتاي خەلقى بولسۇن، پىسخىكا جەھەتتە تىخى چوڭ دۆۋلەت پىسخىكىسى يىتىلگىنى يوق، ھەيۋىسى چوڭ بولغان بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنسى تۆۋەن. ھاكىمىيەت خەلقىگە ئىشەنمەسلىك، خەلق ھاكىمىيەتكە ئىشەنمەسلىك ئىغىر. پۈتۈن مىللەتنىڭ پىسخىكىسىدا گۇمانخورلۇق، باشىلارغا ئىشەنمەسلىك، تەھدىت تۇيغۇسى ئىغىر؛ ئۆزىنى قوغداش ئىھتىياجى كۈچلۇك. مەيلى خىتتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ۋە ياكى خىتتاي خەلقى بولسۇن، ئۇلار ئۆز ئىچىدىن كەلگەن ۋە ياكى سىرىتتىن كەلگەن تەنقىتكە نىسبەتەن، ھەر دائىم ئۇنى قەتتى قوبۇل قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە. ھەم شۇنداقلا ئۆز ئەيىپىنى ئاچقانلارنى، ۋەتەن سۆيمەسلىك ھەتتا دۆۋلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن جازالاپ كەلمەكتە.

بىزگە نىسبەتەن، 70 يىلدىن بۇيانقى مۇستەملىكە ھايات، دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەر، چەككەن جاپالار، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلمەسلىك، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجا بولالماسلىق، ئۆز تارىخىمىزنى ئۈگۈنىشتىن مەھرۇم قىلىشىمىز، ئۆز قىممەت قارىشىمىز، ئۆز ئىتىقادىمىز ۋە ئۆز ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچەملىرىمىز بىلەن تەربىلىنەلمەسلىكىمىز، قىسقىسى ھەر جەھەتتىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشىمىز، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ يەنى ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئىغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى قوغاداشقا بولغان ئىھتىياجىمىزنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ ماڭماقتا. ھەم شۇنداقلا ھەممىمىز ئۆزىمىزنى قوغداشنىڭ قانچىلىق موھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز.  شۇ سەۋەپتىن ئۆز ئەيىپىمىزنى ئىچىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، بىز ناھايتى سەزگۈر بولۇپ، ئۇنى ئاسان قوبۇل قىلالمايمىز. بۇ ھەرگۈزمۇ يالغۇز بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەسىلە ئەمەس، ھەم شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس.

ئۆز ئۆزىنى مۇستەككەملەيمەن دىگەن ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە ياكى شەخىس، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ساۋاق ئىلىشى، ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقنى تونۇپ يىتىشى، ئۇنىنغا دادىللىق بىلەن يۈزلىشىشى كىرەك. بىز ھازىر گەرچە پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن مىللەتتىكى ئىللەتلەرنى ئۈزگەرتىشكە ئاجىزلىق قىلساقمۇ، بىراق ھەر بىرىمىز ئايرىم ئايرىم بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەردە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشىمىز كىرەك. ھەر بىرىمىز، ئەگەر ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىك ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ يەتمىسەك، ئۇنىڭ بىلەن دادىللىق بىلەن يۈزلىشەلمىسەك، ئەھۋالىمىزدا چوڭ ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشىمىز قىيىن. بۇ دىمەك ئاسان بولغان بىلەن، ئۇنى ئەمىللەشتۈرمەك ئۇنچە ئاساسن ئەمەس. ئۇ ھەر بىرىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىزنىڭ پىشىپ يىتىلىشى ۋە ئۆزىمىزگە، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز بىر بىرىمىزنى ئەيىپلەشتىن ۋاز كىچىپ، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ئاكىتىپ كۈچ ئاتا قىلىپ، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئۈمۈتۋارلىقنى كۈچايتىشىمىز، ئۆز ئارا كۆيۈنىشىمىز، ئۆز ئارا دەستەك بولىشىمىز  كىرەك. بىز پەقەت كۈچلەنگەندە، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئۈمۈتۋارلىق ۋە ئىشەنچ كۈچەيگەندە، ئاندىن بىز ئۆز يىتەرسىزلىكىمىزگە ۋە كەمچىلىكىمىزگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان، ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلالايدىغان بولىمىز. بىز پەقەت ئۆز يىتەرسىزلىكىمىزگە ۋە كەمچىلىكىمىزگە دادىللىق بىلەن يۈزلەنگىنىمىزدە، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدا تۈپ ئۆزگۇرۇشلەر پەيدا قىلالايمىز ۋە تىخىمۇ كۈچلىنەلەيمىز.

2019 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 -كۈنى نىيورۇك

پايدىلانغان ماتىرياللار
Self-criticism and self-compassion

Understanding Self-Compassion

Emotion in self-criticism

Self-criticism and self-warmth: An imagery study exploring their relation to depression

Why genetic IQ differences between 'races' are unlikely

Race and intelligence