Saturday, April 7, 2018

شەخسىيەت، ئەخلاق، مەسئۇليەت، ھوقۇق

ئىنسانلارنىڭ سەخسىيىتى، ئەخلاقى، مەسئۇليىتى ۋە 
ھەق ھوقۇقى
مەمەت ئىمىن
   
ئىنسانلارنىڭ سەخسىيىتى يەنى سەخسى سىرى دىگىنىمىز ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان، باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ۋە باقىلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۆزگىچە سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلار  بولۇپ، ئۇنىڭ كونكىرىت مەزمۇنلىرى ۋە ياكى نىمىنىڭ ئىنساننىڭ شەخسىيەتى (شەخسى سىرى) داھىرسىگە كىرىدىغانلىقى ئوخشىمىغان دەۋىردە، ئوخشىمىغان جەمىيەتتە، ئوخشىمىغان جىنىس، ئوخشىمىغان ياش ۋە ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئىنسانلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.

 نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە ئىنسانلارنىڭ يىشى، جىنسى تۇرمىشى، دىنى ئىتىقادى، ساغلاملىق ئەھۋالى، بەدەندىكى روھى، جىسمانى ئاجىزلىقلار، كىرىم ئەھۋالى، ھەتتا ئۇرۇق تۇققان، يىقىن دوست بۇرادەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسى سۆھبەت مەزمۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئىنساننىڭ شەخسىيىتىگە (شەخسى سىرغا) تەۋە. بۇنداق دىگەنلىك بۇلارنى ھىچكىم بىلسە بولمايدۇ دىگەىنلىك ئەمەس، بىراق شۇ شەخىسنىڭ رازىلىقى ۋە قانۇنى مەجبۇريەتنىڭ سىرىتىدا باشقىلارنىڭ بىلىش ھەققى يوق، ۋە ياكى بىلىدىغانلارنىڭ ئۇلارنى شۇ شەخىس ئۈچۈن مەخپى تۇتۇش مەجبۇريىتى بار دىگەنلىك.

بىر ئىنساننىڭ شەخسىيىتى (شەخسى سىرى)، شۇ ئىنساننىڭ غۇرۇر ۋە ھەق ھوقۇقىنىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمەت قىلىنىش قىلىنماسلىقى شۇ جەمىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، مەسئۇليەتچانلىقى، قانۇن ئىڭى، قانۇن تۈزۈمنىڭ مۈكەممەل ۋە ئادىللىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئەخلاق پەزىلەت دىگىنىمىزدە ئاساسلىقى ئۇنۋىرسال ئەخلاق پەزىلەت ۋە كەسپى ئەخلاق پەزىلەتنى كۆزدە تۇتىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ئۇنۋىرسال ئەخلاق پەزىلىتى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يىتىلگەن ئائىلە، مەكتەپ تەربىيەسى  ۋە شۇ ئىنسان ياشاۋاتقان ئىجتىماي جەمىيەتنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسى بىلەن زىچ مۇنسىۋەتلىك. كەسپى ئەخلاق بولسا ھەر بىر ئىنساننىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ ئالاھىدىلىكى، مەسئۇليەتچانلىقى، قانۇن ئىڭى، پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى ۋە ئۇ جەمىيەتتىكى قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىكى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئىنسانلار يۇقارقى ئىككى خىل ئەخلاق پەزىلەت ۋە قانۇن تۈزۈمنىڭ ئورتاق كونتۇرۇللىقىدا مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ.

بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە دوختۇر بىلەن سەتىراچ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئىككى كەسىپ نىسبەتەن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە كەسپى ئەخلاق تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ ھىساپلىنىدۇ. سەۋەبى بىزنىڭ ئۇلارغا ھاجىتىمىز چۇشكەندە بىز ئۇلارغا يالغۇز پۇلىمىزنى ئەمەس بەلكى ئۆز ھاياتىنىمىزنىمۇ ئامانەت قىلىمىز. شۇ سەۋەپتىن بۇ كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تارىىختىن بىرى خەلقىمىز ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن.

ھەممىز بىلگەندەك ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىچىدە تىببى خادىملار بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئەجەللىك شەخسىيەتلىرىنى (شەخسى سىرلىرىنى) بىلگۈچى ھىساپلانسا كىرەك. بىمار ئۆز كىسىلىنى ئامال قلىپ تىزراق ساقايتىش ئۈچۈن تىببى خادىملارنى ئامال بار كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشسا، تىببى خداىملارمۇ بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگە توغۇرا دىياگۇنۇز قويۇپ، ۋاختىدا داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن، ئامال بار بىمارلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشىشكە تىرىشىدۇ. بۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن تىببى خادىم بىلەن بىمار ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ بولۇشتىن باشقا، ئەڭ موھىمى تىببى خادىملار بىلەن بىمارلار ئارىسىدا ئىنسانى ھەق ھوقۇق باراۋەرلىگى بولۇش كىرەك. تىببى بىلىم جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن تىببى خادىملار بىلەن تىبابەت جەھەتتا كۆپ بىلىمى بولمىغان بىمارلار ئارىسىدىكى  ئىنسانى ھەق ھوقۇقنىڭ باراۋەر بولشىغا كاپالەت قىلىدىغان نەرسە دەل شۇ كەسپى ئەخلاق بىلەن تىببى خادىملارنىڭ كەسپى، قانۇنى مەسئۇليىتى ۋە بىمارلارنىڭ قانۇنى ھەق ھوقۇقىدۇر. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئەيىتقاندا تىببى خادىملار ئۆز كەسپى ئەخلاقىغا قەتتى بوي سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە قانۇنى مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارلار ئۆزىنىڭ قانداق ھەق ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە ئۇنى قانداق قوغداشنى بىلىشى كىرەك.

ئامىركىنىڭ بىمارلارنىڭ شەخسىيىتىنى (شەخسى سىرىنى) قوغداش جەھەتتە تىببى خادىملارغا قويغان قانۇنى تۈزىمى ناھايتى قاتتىق بولۇپ، ھەر قانداق تىببى خادىمدىن بۇ جەھەتتە ھەر يىلى بىر قىتىم مەخسۇس لىكسىيە ئاڭلاپ، كىچىپ تىپتىكى ئىمتاھان بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر تىببى خادىم ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن بىمارلارنىڭ رۇخسىتىسىز، بىمارنىڭ شەخسى سىرىنى  ئاشكارلاپ قويسا، 100 دوللاردىن 250 مىڭ دوللار ئارىسدا جىرىمانە تۆلىشى، ھەتتا قولغا ئىلىنىپ جازالىنىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن نورمالدا بىمارنىڭ ئەھۋالىنى پەقەت بىمارغىلا دەيدۇ، بالغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن باشقا بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى بىمارنىڭ رۇخسىتىسىز ھىچكىمگە بەزىدە ھەتتا بىمارنىڭ ئاھىلىسىگىمۇ دىمەيدۇ.

2010 - يىلى مەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇرنىڭ ئىھتىياتسىزلىقىدىن، كومپىيوتۇردىكى 6800 بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى تورغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن دوختۇرخانا 4.8 مىلىيۇن دوللار جىرىمانە تۆلىگەن ئدى.

بىمارلار ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قانداق قوغداشنى بىلمىگەندە ۋە ياكى تىببى خادىملار ئۆز ھوقۇقىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، كەسپى ئەخلاققا قىلاپلىق قىلغاندا، بىمارلارغا زۆرۈر بولمىغان ماددى ، جىسمانى ۋە روھى ئازاپلانى ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر قانۇن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىسا، جەمىيەتتە ئۆز ئارا ئىشەنچ ئىغىر دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچۇرىشى مۈمكىن.

ئامىركىنى مىشىگەن شىتاتىدا بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، كەسپى ئەخلاققا خىلاپ ھالدا، 553 نەپەر دورا بىلەن داۋالاش زۆرۈر بولمىغان راك كىسىلى بىمارلىرى بىلەن ھەتتا راك كىسىلىگە گىرىپتار بولمىغان  بىمارلارنى ئۇزۇن مەزگىل  راك كىسىلى دورىلىرى بىلەن داۋالاپ، سۇغۇرۇتتا شىركەتلىرىدىن جەمى 17.6  مىلىيۇن دوللار پۇل ئالغان ئىكەن. 2015 - يىلى ئۇ دوختۇرنىڭ بۇ قىلمىشى پاش بولۇپ، سۇغۇرۇتتا شىركەتلىرىدىن ئالغان 17.6   مىلىيۇن دوللار پۇلنى قايتۇرۋالغاندىن سىرىت، ئۇنىڭغا  45 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەن.


بىر جەمىيەتتە ھەتتا بىر گۇرپا كىشىلەر ئارىسىدا ئىناقلىق بەرپا بولۇش بولماسلىقى، شۇ جەمىيەت ۋە ياكى شۇ گۇرپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، ئىنسانلارنىڭ شەخسىتى ۋە غۇرۇرىنىڭ ھۆرمەتلىنىش ھۆرمەتلەنمەسلىكى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچ قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇنسىۋەتلىك.

كۆپۈنچىمىز ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرى ۋە شەخسىيىتى (شەخسى سىرى) ھۆرمەتلەنمىگەن، ھەتتا خالىغانچە ئاياق ئاستى قىلىنغان بىر دەۋىر ۋە بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇقۇم ۋە ئاڭ سەۋىيەرىمىز خىلىلا تۆۋەن. بىز يالغۇز ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيىتىمىزنى  ۋە ياكى شەخسى سىر ھەق ھوقۇقىمىزنى قانداق قوغداشنى بەك بىلىپ كەتمەيلا  قالماستىن، ھەتتا نىمىنىڭ شەخسىيىتمىز (شەخسى سىرىمىز) بولىدىغانلىقنى، ئۇنىڭ قانۇندا قانداق قوغدىلىدىغانلىقىنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز، ھەم باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە (شەخسى سىرغا)  ئۇنچە ھۆرمەت قىلماۇيمىز. بالا كەلسە قىرىنداشتىن دەپ ھەتتە بىزنىڭ شەخسىتىمىز (شەخسى سىرلىرىمىز) دەل شۇ ئەتىراپىمىزدىكى يىقىنلىرىمىز تەرىپىدىن خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىدۇ. بىز بەزىدە باشقىلارنىڭ نۇقسانلىرىنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ باشقىلار ئارىسىدا سۆزلەپ، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى خوش قىلىشقا ئۇرۇنساق، يەنە بەزىدە ئۇلار يوق يەرلەردە ئۇلارنىڭ كەمچىللىكلىرىنى چوڭ بىر خەۋەر قاتارىدا قۇرۇق پاراڭلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىۋالىمىز.

بىزدە "ئىززەت ئۆزدىن، كىۋەز كۈزدىن" دەيدىغان بىر ئاتا سۆزى بار بولۇپ، ئىززەت تاپايلى دىسەك ئالدى بىلەن چوقۇم باشقىلارنى ئىززەتلەشنى، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشىمىز كىرەك. 
 ھۆرمەت دىگەن باشقىلار تەرىپىدىن بىرىلىدىغان نەرسە
سەمىيەتلىك دىگەن قەدىرلەيدىغان نەرسە
ئىشەنچ دىگەن ئۆزىمىز ئىرىشىدىغان نەرسە
ساداقەتلىك دىگەن باشقىلارغا قايتۇرىدىغان نەرس

Sunday, March 18, 2018

Bir awaz bir qedem


“Bir awaz  bir qedem” herkiti toghursida ikki ighiz parang

Memet Emin


Bügün 2018 – yili 3 – ayning 18 – küni, “bir awaz bir qedem” herkiti riyalliqqa aylan’ghandin kiyinki üchinji kün.

Hemmimiz bilgendek “bir awaz bir qedem” herkiti, ikki aygha yiqin waqit jeryanidiki, bu herketke qarita her xil ishenq we guman, qollash we qarshi turushni chöridigen halda ilip birilghan her xil talash tartishlarni bishidin kechürgendin kiyin 2018 – yili 3 – ayning 15 – küni 14 döwlettiki 17 sheherde muapiqiyetlik halda riyalliqqa aylandi we aldi keyni bolup 20 saet dawamlashti. Arqidinla nurghunlighan ijtimayi taratqularda keng tarqitildi we her xil axbaratlarda keng kölemde xewer qilindi. Ularning ichide <<Birleshme Aginitliqi>> muxpiri teripidin yizilghan bir parche xewerning Birleshme Aginitliqi, Washingiton Pochta Giziti, Dewir Heptilik Jornili, we New York Waqit Giziti qatarliq dunyagha meshhur axbaratlar teripidin xewer qilinishi, hemmimizning alahide diqitini tarti.

Bu herket, uningga tosqunluq qilghuchilar we uningha guman bilen qarughuchilarning ümüd qilmighinidek, uni qollap quwetligen we uninggha ishengüchilerning ümüd qilghinidek muapiqiyetlik boldi. Bu herketning gerche wetende yüz biriwatqan ighir zulumlarni yenggilitishke biwaste paydisi bolmisimu, biraq erkin dunyadiki Uyghur ayallar jümlidin Uyghurlar özlirining bu herkiti arqiliq, özliri gerche zimini, bayliqi we igilik hoquqidin mehrum qilin’ghan ajiz bir xelq bolsimu, özlirining milli ghururi we wijdani bilen kominist xittay hökümitidin ibaret küchlük bir düshmini aldida hergüz tiz pükmeydighanliqini, ularning hökümiranliqini hergüz itirap qilmaydighanliqini pütün dunyagha jakarlidi. Bu herketni qollap quwetligüchiler we uningha akitip qatnashquchilar özlirining emili herkiti arqiliq özlirining heq we toghura yolda ikenlikini, bu herketke guman bilen qarighuchi we uningha tosqunluq qilghuchilarning gumani we endishisining artuqche ikenligini ispatlidi. Öz ara ishensek we öz ara itipaqlashsaq her qandaq qiyinchiliqlar üstidin ghalip kelgili bolidighanliqni ispatlidi.

Emdiki mesile bu herket riyalliqqa aylinishtin burunqi her xil talash tartish we köngelsizliklerni untup, öz ara tene qilishmay, qandaq qilip bu herketning aldi keynidiki tejirbe sawaqlarni yekünlep, kiyinki shuningha oxshash herketlerning tiximu muapiqiyetlik ilip birilishi üchün asas yartish.

Mining qarishimche bu qitimqi “bir awaz bir qedem” herkiti we namayish peqet we peqetla nurghunlighan mushu xildiki herket we namayishlarning biri, u hergüzmu weten dawasining birdin bir yoli emes. Bu qitimqi herketni akitip qollighan we bu qitimqi namayishqa akitip qatnashqanlar bashqilar üchün emes, belki öz wijdani burchi üchün bu herketni qollidi we bu qitimqi namayishqa akitip qatnashti, uningliq üchün ularning wijdani az tola rahet tapidu, millet üchün az tola ish qilghini üchün ghurur tuyidu. 

Her xil sewepler tüpeylidin namayishqa chiqalmighanlar we yaki namayishqa chiqmighanlar bolsa, peqet öz wijdanigha, wetendiki ata anisigha we uruq tuqqanlirigha qerizdar, hergüzmu namayishqa chiqqanlargha emes. Ular belkim bu qitimqi namayishtin ilham ilip, bundin kiyinki her xil paliyetlerge akitip qatniship we yaki özliri muapiq körgen yollar bilen dawani qollap, öz wijdani burchini ada qilishi mümkin. Bir insanning bir ikki qitimliq namayishqa chiqishi uni milli qehriman qilmighinigha oxshash, bir ademning bir ikki qitim namayishqa chiqmasliqi uni xayin qiliwetmeydu. Shunga namayishqa chiqqanlarning namayishqa chiqmighanlarni özliri aldida gunahkar hisaplap ularni eyiplishining, ularni her xil tillar bilen haqaretlishining, we birlik we itipaqliqqa tesir yetküshning hich zörüryiti yoq.

Küch birlikte, ish ömlukte. Allah bizge birlik we itipaqliq ata qilsun!

Biz peqetle birleshkende küchlük, bölün'gende ajiz bolimiz.

Biz yalghuz kichik ishlarni qilalaymiz, birleshsek chong ishlarni qilalaymiz.

Monday, January 1, 2018

Yingi yil

Yingi yil toghursida ikki ighiz parang

Memet Emin

Yingi yilning birinjin küni tang seherde alghan tunji uchurum, “yingi yilni tebiriklesh xiristiyanlarning aditi, uni xiristiyanlar peyda qilghan, musulmanlargha tewe emes, shunga biz tebiriklimeymiz” digen söz boldi.
Toghura, hazir qolluniliwatqan miladiye kalindari Eysa peyghemberning dunyagha kilishi bilen bashlan’ghan, biraq meyli Eysa peyghember bolsun we biz hazir bir yil dewatqan 365 kün yaki 355 kün bolsun hemmisini Xuda yaratqan.

Men oylap qaldim, Xiristiyan peyda qilghan nersilerning hemmisini qollunushqa, ishlitishke, tebirikleshke bolmisa, biz nime üchün ayrupilan’gha olturimiz? Biz nime üchün mashina heydeymiz? Biz nime üchün öyni tok chiraq bilen yorutup olturimiz? Tughulghan künimizni miladiye palani ayning palani küni tughulghan dep xatirleymiz? Yishimizni miladiye kalindari boyiche hisaplap manche yashqa kirdim deymiz?

Hazir pütün dunyaning köp qismi ortaq qolliniwatqan bir yil 365 kün, 12 ay, 52 hepte, we bir hepte 7 künlerning hemmisi shu miladiye kalindari bilen baghlan’ghan emesmu? Hazir gheriptiki dangliq ali mekteplerning qaysi birsi xiristiyan yaki chirkaw bilen bashlanmighan? Hazir dunyadiki meshhur alim we pen texnika xadimlirining qanche pirsenti shu chirkawdin bashlan’ghan we yaki xiristiyanlar qurup chiqqan ali mekteplerde terbilenmigen? Yiqinqi 100 - 200 yil ichide ijat bolghan keshpiyat we yingiliqlarning qanchisini shu “xiristiyanlar” peyda qilmighan?

Xiristiyan bilen munasiwetlik bolghan, musulman yaki İslam bilen munasiwiti bolmighan nersilerning hemmisini hayatimizdin chiqirip tashliyalaymizmu? Eger hemmini hayatimizdin chiqirip tashliyalmisaq, bir qismini saqlap qilip, bir qismni ret qilishning nime zörüryiti?

Bundin 3700 yil ilgiri yashighan Ibrahim eleyyisalam bilen munaiwetlik bolghan Qurban heyit we kebini qobul qilimiz, biraq oxshashla Allahning peyghemberi bolghan we bundin 2000 yili ilgiri yashighan Eysa eleyyesilamning dunyagha kilishi bilen baghlinishi bolghan miladiye ying yilini ret qilimiz.

Eger bu yerde xataliq bar diyilse, u insanlarning xataliqidur. Oxshimighan din’gha ishen'güchilerning köz qarashi we tutqan yoldiki periq tüpeylidin kilip chiqqan xataliqtur. U hergüzmu Eysa elleyisalamning tughulishi we uning bilen  munasiwetlik bolghan miladiye kalindarning xataliqi emes. Uni insanlar arisidiki dostluq we güzel tilekler üchün qollansa, nimishqa bolmaydiken?

Elwette yingi yilni qutluqlash yaki qutlimasliq, u bir talash tartish qilidighan ish emes, kimning yingi yilni bayram qatarida tebiriklishi, kimning tebiriklimesliki her insanning özining erkinliki, biraq bir insan yene bir insan’gha yaxshi köngel bilen yingi yilliq salam yollisa, güzel tikeklerni tilise, uninggha qahide yosun bilen jawap qayturushning ornigha, men yingi yil ötküzmeymen yaki musulmanlar yingi yil ötküzse bolmaydu dep jawap qayturushning nime hajiti?

Eger yingi yilni xiristiyanlardek ötkuzushke bolmaydu diyilse, u halda musulmunliqqa xas, özimizge xas halda özgiche qilip tebiriklisek, dost buraderler we uruq tuqqanlar bir yerge jem bolup, öz ara qutluqlashsa, öz ara güzel tikeklerni bildürse, nimishqa bolmaydiken?

Men gheripning yaki xiristiyanlarning hemme nersisige egishishni teshebbus qilidighan adem emes, elwette her milletning özgüche alahidiliki bolush kirek, özige xas bayramliri we xatire künliri bolush kirek. Dunya rengga rengliki bilen güzeldur, dunya dostluq we birlik bilen tinchliqtur. Insan’gha chüshken eng mohim ish öz ara hörmet qilishtur, chünki xata qilghanni jazalap, toghra qilghan’gha mukapat bergüchi Allahtur.

2018 - yil 1- ayning 1- küni

******************************************************
Dostimiz Mehmet Toxtining köz qarishi

Köp hallarda Islamni bilmey Islam namidin hemme ishqa ehkam kisidighan ishlar köpiyiwatidu. 

Menche bu xil paranglargha qulaq salmanglar bu mening tewsiyem.

Yene bir tereptin bolsa yengi yil tebrikleshning din we iman bilen hich muniwiti yoq. Eger bar diyilse töwendikidek realiteler asasida bar.

1- Islam dinimiz univirsalliqqa ige din. Teximu ochuq eytqanda meyli Adem elehaissalamning yaritilishidin bashlap, Yehudilar egeshken Tewrat asasidiki Yehudiliq Dini ( Judaism) bolsun, Eysa eleyhissalamgha birilgen Injil asasidiki Xiristian dini we yaki Muhemmed eleyhissalmgha birilgen Quran asasidiki Islam dini bolsun hemmisi Allah teripidin chüshürulgen din bolup, Quran bularning hemmisini Islam dini yeni Allahgha teslim bolish we tinchliq berpa qilish dini dep qaraydu. Shu seweptin Qurani kerim bularni ehli kitap dep qaraydu we her bir musulman bolghuchi Allahning hemme peyghembirige, hemme kitaplirigha ishinish telep qilinidu.

Mana bu Islam dinining univirsalliq teripi. Shu seweptin Eysa elehissalmning tughulghan küni dep qaralghan bir künni musulmanlarning özliri yaxshi körgen shekilde xatirlishi dini jehettin cheklengen bir ish emes. Quranda bu heqqide hich bir körsetme yoq.

2- Yengi yil bolsa ayrim mesile bolup, yer sharining qoyashni aylinish waqti boyiche mangidighan miladiy yil yaki quyash kalindarning bashlinishini insanlar kütiwalidu. Hijriye kalindari bolsa ayning yer shari etrapida aylinishi waqti boyiche hisaplinidu we shu seweptin Ay Kalindari yaki Lunar kalindari depmu atilidu.

Qurani Kerim’e, kün sözi (Yewm) taq we qoshumchesiz halette del 365 qetim uchraydu. Ay yeni shems sözi bolsa del 12 qetim uchraydu.

Dimek meyli Qoyash kalindari bolsun yaki Ay kalindari bolsun Allah bu kainatni yaratqanda Allah teripidin belgülen'gen AYET yaki qanuniyet boyiche herket qilip özining musapisini tamamlaydu. Yeni her ikki kalindar Allah yaratqan qanun boyiche herket qilidu, shu seweptin Yengi Yil tebriklesh, meyli Ay Kalindari boyiche bolsun yaki Kün kalindari boyiche bolsun, Allahning Ayetliri körsetken bir tekrarlinishning tamamlinishini tebriklesh hisaplinidu. Bu emiliyette yuqarda men eytqan Allahning qanunlirini testiqlap könglidin minnetdarliq tuyghusi bilen yengi yil ötkuzse belki sawapliq bir ish hisaplinidu.

Elwette, buzup chachmastin, Islamda cheklen'gen ehlaksizliqlargha bèrilmestin èlip birish sherti astida.

3. Qurani Kerimde 4 qètim Janabi Allah, peyghemberler arisida ayrimchiliq qilmasliqni buyruydu.

Eger adem eleyhissalamdin bashlap barliq peyghemberge ishen'gen musulmanlar, eger bilse Adem Eleyhissalmning tughulghan künini, shundaqla Musa elehissalamning, Eysa eleyhissalamning tughulghan künlirinimu, xuddi Qutluq Tughut heptisi digen namda Türkiyede Mohemmed elehissalamning tughulghan künlirini xatirligendek, hemme peyghemberlerni xatirlesh elwette Quranning emri. Bolmisa Allahning peyghemberleri arisida ayrimchiliq qilin'ghan boliduki, bu emiliyette Quran'gha xilap.

Peyghemberlerni xatirlesh, elwette, bu peyghemberlerdin kiyinki Allah kalamini öz qolliri bilen özgertip, Allahning dinini burmilighan we shu asasta meydan'gha kelgen bu yasalma dinlargha ishinish menasigha kelmeydu.
Peyghemberlerge ishinish ayrim mesile.

4. Quran we Islam univirsal bolghachqa, Allah’gha ishen'gen, axiretke ishen'gen we yaxshi ishlarni qilghan Yehudi, Xiristiyanlarning Jeannette kiridighanliqini Quran ayetliri bizge xewer biridu.

Shu seweptin, Allahning alemshumul dinini chüshen'gidek zihni ichilmighan insanlar bilen bu timini talash tartish qilghili bolmaydu.




Friday, December 22, 2017

سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر

سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر
ھەممىمىز بىلگەندەك "سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر قىلىش" ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ،  تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان دىنىي ئىتىقاد ۋە ئوخشىمىغان ئۆرپە ئادەت، ئوخشىمىغان ئىرقىدىكى ئوخشىمىغان  مىللەتلەر، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار  ئىنسانلارنىڭ بۇ  گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ھەر خىل گۈزەل سۆزلەر بىلەن تەرىپلەپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس ۋە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن.
بىزدە "سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.  باشقىلارنىڭ بىشىغا  بالايى ئاپەت، قايغۇ ھەسىرەت، دەرت ئەلەم  ۋە كۈلپەت كەلگەندە، بىز ئۇلارغا سەۋر تاقەت تىلەيمىز. چۈنكى ئىنسان ئىغىر بالايى ئاپەتكە يولۇققاندا ۋە يىقىنلىرىنى يوقۇتۇپ قايغۇ ھەسىرەتكە تولغاندا،  دۇچ كەلگەن روھىي ئازاپقا نىسبەتەن سەۋر تاقەتتىن باشقا ئۈنۈملۈك داۋا يوق. پەقەت سەۋر تاقەت بىزنى بۇ ئازاپلاردىن غالىپ كىلىشكە باشلاپ بارالايدۇ.
ئىبنى قەييۇم جەۋزىيە سەۋر ۋە شۈكۈر قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئىماننىڭ ئككى "يىرىم" پارچىسى بار، بىرى "سەۋر"، يەنە بىرى "شۈكۈر" .


"سەۋر تاقەت، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئاچقۇچى"
دىمەك سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر ئماننىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا زىچ باغلانغان.
 بىزدە سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر قىلىش توغۇرسىدا نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەر بار.  شۇ سەۋەپتىن مەن تۆۋەندە دىنىمىزدىكى سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈرگە بىرىلگەن تەرىپلەر بىلەن باشقا دىنلاردىكى بىر قىسىم شەخىسلەرنىڭ سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈرگە بەرگەن تەرىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزەمنىڭ سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر قىلشقا  بولغان چۈشەنچەمنى يىزىپ چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.    
سەۋر تاقەت
"سەۋر" سۆزى، ئەرەپچىدىكى "صَبْرٌ" ، سۆزىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ " ئىچكى ۋە تاشقى، شەخسى ۋە كاللىكتىپ ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ پىشكەنلىككە ئۇچۇرغاندا،  بالا  قازا ۋە مەغلۇبىيەتكە  يولۇققاندا،  ئىرادىلىك بولۇش،  ياخشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ، توغۇرا يولدىن ۋاز كەچمەسلىك ۋە چىداملىق بولۇش" دىگەن مەنىسى بار ئكەن.  تاقەت قىلىش بولسا چىداش، بەرداشلىق بىرىش ۋە ئالدىراق سانلىق قىلماسلىق، ۋاقىت ساھىتىنى كۈتۈش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. تىلىمىزدا نىمە ئۈچۈن سەۋر بىلەن تاقەتنى بىر جۇپ سۆز قاتارىدا بىرگە ئىشلىتىلدۇ؟ مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تازا بىلمىدىم، بىراق مەن يەنىلا كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىمىز بويىچە بۇ ئككى سۆزنى بىر جۇپ سۆز قاتارىدا ئىشلەتمەكچى.
ئەگەر بىز سەۋر تاقەت توغۇرسىدا تىخىمۇ ئىنچىكىلەپ توختالساق،  ئۇ بىزنىڭ  شەخسى ۋە ئىجتىمايى ھاياتىمىزدا، بولۇپمۇ بىز بىرەر پىشكەنلىككە، ئوڭايسىزلىققا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا، بالايى ئاپەت،  دەرت ئەلەم ۋە قازاغا يولۇققاندا، بىزگە ئۈزلۈكسىز ئاكىتپ ھەركەت قىلىشنى، چىداملىق بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. دىنىمىزدا سەۋر توغۇرسىدا مۇنداق دىيىلگەن ئىكەن، "ئەگەر ئاللاھ سىنى سەۋر قىلدۇرسا، سەن چوقۇم ئۈمۈد قىلغاندىن ئارتۇق  نەرسىگە ئىرىشىشكە تەييار بول". دىمەك سەۋر قىلغان ئادەم ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيدۇ.
ئاللاھ ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ سەۋر تاقەتىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا سىنايدۇ، چۈنكى ھەر ئىنساندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سەۋر تاقەت ۋە ئىتىقاد بولىدۇ.
"ئاللاھ سەۋر تاقەتلىك ئىنسانلار بىلەن بىرگە"
دىنىمىزدا سەۋر تاقات توغۇرسىدا يەنە مۇنداق دىيىلگەن ئىكەن ، "كىمدە كىم قىيىنچىلىق ئەھۋالدا توغۇرا يولنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ قوشلاپ مۇكاپات ئالىدۇ".
يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك سەۋر تاقەت ئىماننىڭ بىر پارچىسى ئىكەن، سەۋر تاقەت قىلغان ئادەمنى ئاللاھ مۇكاپاتلايدىكەن؛ ئۇنداقتا بىز سەۋر تاقەتنى قانداق چۈشىنىشىمىز كىرەك؟
نورمالدا بىز سۇغا چۈشۈپ كىتىپ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋاقىراۋاتقان، ياكى ئۆيىگە ئۆت كىتىپ، ئۆيدىن چىقالماي نالە قىلىۋاتقان ۋە ھاياتى خەۋەپ ئاستىدا قىلىۋاتقان كىشىگە سەۋر تاقەت قىل دىمەيمىز. چۈنكى بىز سەۋر قىلىشنى پەقەتلا ساقلاش، بەرداشلىق بىرىش ۋە چىداش دەپ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا خاتا چۈشۈنۈپ قالغان. ئەمىلىيەتتە بولسا سەۋر تاقەت دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىققا، بالايى ئاپەتكە،   دەرت ئەلەمگە،  مەغلۇبىيەتكە، پىشكەنلىككە،  زوراۋانلىققا، ناھەقچىلىققا، ۋە ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلىش، كۆز يۇمۇش ۋە ياكى ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس.
ھەممىمىز بىلگەندەك مىكرو سوفىت شىركىتىنى بەرپا قىلغۇچى بىل گەيتىس (Bill Gates)، ئامىركىدا جۈملىدىن دۇنيادا مۇئاپىقىيەت قازانغان مەشھۇر كارخانىچى بىليونۇر ۋە ساخاۋەتچى. ئۇ سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "سەۋر تاقەت، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى". بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا سەۋر تاقەت قىلىش دىمەك، ئەقىل پاراسەتنى ئىشلىتىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىش دىگەنلىك؛ پەقەت شۇنداق بولغاندا ئاندىن سەۋر تاقەت قىلىش ئارقىلىق مۇئاپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، يەنى سەۋر تاقەتنى مۇئاپىقىيەتنىڭ ئاچقۇچى قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى مۇئاپىقىيەت ھەرگۈزمۇ ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇپ، سۈكۈت قىلىشتىن كەلمەيدۇ. مۇئاپىقىيەت ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىشتىن ياكى ھىسىياتقا تايىنىپ تەلۋىلىك قىلىشتىن كەلمەيدۇ. مۇئاپىقىيەت سالماقلىقتىن ئەقىلنى ئىشلىتىپ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشتىن كىلىدۇ.
دىمەك سەۋر تاقەت دىگىنىمىز، غەيرەت قىلماق، بەرداشلىق بەرمەك، چىددملىق بولماق، ۋاختى سائېتىنى كۈتمەك، ئالدىراپ خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانماق دىمەك. سەۋر تاقەت دىمەك، ھەرگۈزمۇ ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى  ئاكىتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ،  نىمە قىلىشنى،  قانداق قىلىشنى ياخشى چۈشۈنۈش، ۋە ياخشى پىلان قىلىش دىمەك؛  سەۋر تاقەت دىمەك يۈزلەنگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەتىراپلىق توغۇرا تەپەككۇر قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرتىش دىمەك؛ سەۋر تاقەت قلىش دىمەك ھەرگۈزمۇ دۇچ كەلگەن ، پىشكەنلىككە، بالايى ئاپەتكە، ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىققا  سۈكۈت قىلىش، كۆز يۇمۇش دىمەك ئەمەس؛ ئەكسىنچە  دۇچ كەلەگەن قىيىنچىلىق، بالايى ئاپەت، ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىق  ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىش، چارە ئىزدەش،  ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، ھەرگۈز ۋاز كەچمەسلىك  دىمەك ؛ ئەقىلنى ئىشقا سىلىپ كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا ۋاختى سائېتىنى كۈتۈش ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلىش دىمەك.
18- ئەسىردە ياشىغان ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى سامىيۇل جونسون (Samuel Johnson) مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەڭ گۈزەل ئەسەر كۈچ قۇۋەتتىن ئەمەس، بەلكى سەۋر تاقەتتىن ئەمەلگە ئاشىدۇ". بۇ يەردىمۇ سەۋر تاقەت قىلىش ئارقىلىش ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقنى ئوتۇرغا قويۇش ئارقىلىش، سەۋر تاقەت قىلىش، ئىنسانغا يالغۇز كۈچكە تايىنىپ ئەمەس بەلكى ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ ئىش قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدىغانلقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنساننى مۇئاپىقىيەت قازىنىشقا باشلاپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بىزدىكى "يالۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەگەن باتۇر" دىگەن سۆزمۇ دەل شۇ ئىنساننىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى سەۋر تاقەت ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن باتۇر بولغىلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىغان.
تىبەتلارنىڭ داھىسى دالاي لاما سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، " سەۋر تاقەتنى ھەرگۈزمۈ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشەنمەسلىك كىرەك، ئەكسىنچە ئۇ كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىشارىتى". ھەقىقەتەنمۇ باشقىلارغا يول قويۇش، ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ سالماق بولۇش، پۇختا تەييارلىق قىلىش،  ياخشى پىلان قىلىش ۋە ھەر ئىشنىڭ ئەڭ مۇئاپىق ۋاختى سائىتىنى كۈتۈش  ھەرگۈزمۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. ئەكسىنچە ئالدىراپ تىنەپ تەنتەكلىك قىلىش، ئاچچىغىنى كۆنتۇرۇل قىلالماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ خاتالىق سادىر قىلىش ۋە مەغلۇبىيەتكە ئاسان تەن بىرىپ ھەممىدىن ۋاز كىچىش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
4 ~ 5 - ئەسىردە ياشىغان خىرىستىيان پەيلوسوپ سەنت ئوگۇستىن (Saint Augustine) سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، " سەۋر تاقەت، ئەقىل پاراسەتنىڭ ھەمرايى". دىمەك ئەقىل پاراسەتلىك ئادەم سەۋر تاقەتلىك بولىدۇ. سەۋر تاقەتلىك ئادەم بىر ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماي، ئەقىل پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، ھەر ئىشنى سالماقلىق بىلەن پىلانلىق ۋە پۇختا قىلىدۇ.
مەلۇم بىر مەشھۇر شەخس سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "غەزەپلەنگەن ھەر بىر مىنۇتتىكى سەۋر تاقەتلىك بولغان ھەر بىر مىنۇت، ئىنساننى پۇشايمان قىلىدۇرىدىغان مىڭلارچە مىنۇتىن ساقلايدۇ." دىمەك سەۋر تاقەت ئادەمنى ئالدىراقسانلىق قىلىپ مەغلۇپ بولۇشتىن ۋە بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىشتىن ساقلايدۇ.
2007 - يىلى 1- ئايدا مەن نامەلۇم بىر قىزدىن بىر پارچە ياردەم خىتى تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەت تۇرپاننىڭ بىر يىزىسىدا ساقايماس ئىرسى كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قىزدىن كەلگەن ئىكەن. ئۇ خىتىدە ئۆزىنىڭ ۋە ئىككى سىڭلىسىنىڭ "دۇچەنى مۇسكۇل يىگدەپ قىلىش" دەپ ئاتالغان داۋاسى يوق بىر ئىرسى كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بىراق ياشىغان سۈرىچە بۇ كىسەلنىڭ داۋاسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئۆزى پايدىسىنى كۆرەلمىسە ئىككى كىچىك سىڭلىسى ئۈچۈن بولسىمۇ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇ كىسەلگە داۋا تاپىدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. ئۇ قىز ماڭا خەت يازغان  ۋاقىتتا 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ قىزدىكى كىسەللىك ئالامەتلەر 9 - 10 ياشتا باشلانغان ئىكەن.  ئۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسى، دوختۇرلارنىڭ ئۇ قىزنى 18 ياشلار ئەتىراپىدا ئۆلۇپ قىلىشى مۈمكىن، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 20 ياشتىن ئاشمايدۇ دىگىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قىزنى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشتۇرمىغان ئىكەن. ئۇ قىز كىيىن تاسادىپى پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ كىسەللىك دىياگۇنۇز قەغىزىنى كۆرۈپتۇ، ۋە ئۆزى گىرىپتار بولغان كىسەللىكنىڭ يۇقارقى ساقايماس بىر كىسەللىك ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ. ئۇ قىز ئۆزى ۋە ئىككى سىڭلىسى گىرىپتار بولغان بۇ كىسەلگە داۋا تىپىش ئۈچۈن، ئۆزلىگىدىن ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈپتۇ. ئامىركا، فىرانسىيە ۋە گىرمانىيەلەردىكى بۇ كىسەلنى تەتقىق قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ بۇ كىسەل توغۇرسىدىكى يازغان بەزى ماتىرياللارنى كۆرۈپتۇ. ياۋروپادىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ، بۇ كىسەلنىڭ ئىغىرلىشىشىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن  پايدىسى بار دەپ قارالغان بەزى دورىلارنى زاكاس قىلىپ ئەكىلىپ ئىشلىتىپتۇ.  باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ، مىنىڭ خەت ئادىرىسىمنى تىپىپ، ماڭا خەت يىزىپتۇ. مەن ئۇ قىزنىڭ خىتنى تاپشۇرۇپ ئىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنداق بىر كىسەل بار ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن، ياكى بۇرۇن بەلكىم ئوقىغان بولساممۇ، بىراق ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىكەنمەن. مەن ئۇ قىزنىڭ خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بۇ كىسەل توغۇرسىدا بەزى ئىزدىنىش ئىلىپ باردىم.
"دۇچەنى مۇسكۇل يىگدەپ قىلىش" دىگەن كىسەل ئاز ئۇچۇرايدىغان بىر خىل ئىرسى كىسەل بولۇپ، ئۇ كىسەلنى ئەڭ دەسلەپتە فىرانسىيەلىك دوختۇر دۇچەنى 1861 - يىلى بايقىغان ئكەن. كىيىن بۇ كىسەلگە شۇ دوختۇرنىڭ نامى بىلەن تۆۋەندىكىدەك نام بەرگەن.
杜兴氏肌肉营养不良 Duchenne Muscular Dystrophy
بۇ كىسەل ئادەتتە ئانىدىن ئوغۇلغا مىراس قالىدىغان ئىرسى كىسەل بولۇپ، نورمالدا پەقەت ئوغۇل بالىدا كۆرۈلىدىكەن، قىزلار پەقەت بۇ كىسەلنى كىيىنكى ئەۋلادىغا قالدۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇ كىسەل بولغان بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى يىگدەپ، پالەچ بولۇپ قالىدىكەن ۋە ئاخىردا كىسەل نەپەس ئىلىشقا ياردەم بىرىدىغان مۇسكۇللارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىمارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئامىركىنىڭ ئۆزىدە بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كۆپۈنچە بىمار 25 ياشلار ئەتىرەپىدا ئۆلۈپ كىتىدىكەن.
ئۇ قىز 2013- يىلى ماڭا يەنە خەت يازغان، ۋە خىتىدە،  ئۆزىنىڭ  ئۆزى ۋە ئككى سىڭلىسى گىرىپتار بولغان ئۇ كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ تىخمۇ ئىغىرلاشقانلىقىنى، بىراق ئۆزى ۋە ئىككى سىڭلىسى ئۈچۈن ئۈمۈدىنى ھەرگۇز يوقاتمىغانلىقىنى، ھەم توي قىلىپ ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغانلىقىنى ئەيىتقان ئىدى. كىيىن ئاڭلىسام ئۇ قىز كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈدىنى ئۈزمەي، ھەم كىسىلىنىڭ ئىغىرلاشقىنىغا  قارىماي، تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان ئىكەن. 
مانا بۇ سەۋر تاقەتنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر. مەن تۆۋەندە سەۋر تاقەت ئۈچۈن يەنى بىر ئەمىلى مىسال كۆرسۈتۈپ ئۆتىمەن.
1998 - يىلى ئامىركىلىق بىر جۇپ ئەر ئايال ئۆزلىرىنىڭ 15 ئايلىق ۋە 7 كۈنلۈك بولغان ئىككى بالىسىنىڭ ئاز ئۇچۇرادىغان بىر خىل ئىرسى كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بۇ كىسەلنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك داۋاسىنىڭ يوقلىقىنى، ۋە بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىدىن خەۋاردار بولغان.
ئۇ كىسەل، پومپە كىسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 1932 - يىلى گوللاندىيەلىك دوختۇر پومپە بايقىغان، ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى
酸性麦芽糖酵素缺乏Glycogen storage disease type II
بۇ كىسەل 17 - نومۇرلۇق خىرىموسومادىن چاتاق چىققانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغما كىسەل بولۇپ، جىگەردىكى شىكەرنى پارچىلايدىغان بىر خىل ئەنزىم كەم بولۇش سەۋەبىدىن، شىكەرنى پارچىلاش ۋە مۇسكۇللار تەرىپىدىن ئىنىرگىيە ئۈچۈن ئىشلىتىش توسالغۇغا ئۇچۇرايدۇ، ۋە نەتىجىدە مۇسۇكۇللار يىتەرلىك ئىنىرگىيەگە ئىرىشەلمەيدۇ، مۇسكۇللار ئاجىزلىشىش ۋە پالەج بولۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىردا بەدەندىكى نەپەس يولى، يۈرەك مۇسكۇلى قاتارلىق ھەر خىل مۇسكۇللار تەسىرگە ئۇچۇراپ، بىمار ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
بۇ بىر جۇپ ئەر ئايال ئۆزىنىڭ ئككى بالىسىنىڭ بۇ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، قەتتى سەۋرلىك بولۇپ، بالىسىنىڭ كىسىلىگە داۋا تىپىش قارارىغى كىلىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ كىسەلنى تەتقىق قىلىۋاتاقان مۇتىخەسىسلەرنى ئىزدەيدۇ، بىراق ئۇلاردىن ئىرىشكەن جاۋاپ گەرچە بۇ ئاتا ئانىغا بەك كۆپ ئۈمۈد بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھەرگۈز ۋاز كەچمەي، بىر تەرەپتىن ئامىركىدىكى شۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئىزدەپ تىپىپ، ئۇلارنى تىزىملاشقا باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ كىسەلنى تەتقىقات قىلىپ، ئۇنىڭغا داۋا تىپىش ئۈچۈن كىرەكلىك ئىختىزاد توپلاشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار بۇ كىسەلگە داۋا تىپىش ئۈچۈن 100 مىلىيۇن دوللار  ئىئانە توپلايدۇ.
ئامىركىدىكى دىيۇك ئۇنىۋىرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىە بۇ كىسەلنى داۋالاشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەر دۇنياغا كىلىدۇ، ۋە 2006 - يىلى بۇ كىسەلنى داۋالايدىغان دورا مايوزايىم (Myozyme) ئامىركا يىمەكلىك ۋە دورا ئىدارىسىنىڭ رەسمى تەستىقىدىن ئۆتۈپ، بازارغا كىرىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى بۇ كىسەل بىلەن تۇغۇلغان 1000 دىن ئارتۇق بالىلارغا دەسلەپكى قەدەمدە داۋا تىپىلىدۇ.
بۇ ۋەقەلىك 2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى  "شىپالىق" دىگەن نام بىلەن كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىنىدۇ، ۋە ئامىركىدا ئەڭ ياخشى سىتىلغان كىتاپقا ئايلىنىدۇ. ئۇندىن كىيىن بۇ ۋەقەلىك 2009 - يىلى كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ، 2010 - يىلى 1- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ كىنوخانىلاردا رەسمى قويۇلىدۇ.



بۇلار مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى "سەۋر تاقەت" نىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر.
يىغىنچاقلاپ ئەيىتقاندا سەۋر تاقەت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ كاپالىتى. سەۋر تاقەت دىمەك سەۋەپ قىلماق، ئەسلا ۋاز كەچمەسلىك، ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشماق، ئىزدەنمەك، چىداملىق بولماق، توغۇرا يولدا مىڭىشنى قەتتىې داۋام قىلماق دىمەكتۇر. 
شۈكۈر قىلىش
شۈكۈر قىلىش دىگىنىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئىلتىپاتى ۋە نېئمىتى  ئۈچۈن تەششەككۈر ئەيتىش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دىگەن مەنادىكى سۆز بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىدۇر.
"ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلسىاڭلار، مەن سىلەرگە تىخىمۇ كۆپ بىرىمەن"
شۈكۈر تۆۋەندىكى ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنجىسى  بىلىش؛ بىلىش شۈكۈرنىڭ ئاساسىدۇر. بىز چوقۇم، بىزگە نېئمەت، خەيرلىك ئاتا قىلغۇچىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ ئىكەنلىگىنى بىلىشىمىز كىرەك.
ئىككىنجىسى تونۇپ يىتىش ۋە ئىتىراپ قىلىش؛ يەنى بىزگە كەلگەن نېئمەت، خەيرلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھدىن كەلگەنلىگىنى تونۇپ يىتىشىمىز ۋە ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەك.
ئۈچۈنجىسى ئەمىلى ئىش ھەرىكەت ۋە قىلمىش؛ ئاللاھقا بولغان مىننەتدارلىقنى يالغۇز ئىغىزدا، سۆزدە ئەمەس، بەلكى ئەمىلى ھەركەت بىلەن ئىپادىلەش؛ ھەر زامان ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئىش قىلىش؛ ھەر زامان ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىنىى قىلىش؛ ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھنى مەدىلەش.
دىنىمىزدا شۇكرى قىلىشقا يۇقارقىدەك تەرىپلەر بىرىلگەن ئكەن، ئۇنداقتا باشقا دىندىكىلەر ۋە بەزى داڭلىق شەخىسلەر شۈكرى قىلىشقا قانداق تەرىپلەرنى بەرگەن؟
ئامىركىنىڭ 35 - قىتىملىق سابىق پىرەزىدەنتى جون كەنىدى (John F Kennedy) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بىز شۈكۈر قىلغىنىمىزدا، شۇكۈر قىلىشنىڭ ئەڭ كاتتىسىنىڭ سۆزدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ياشاشتا ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالامسلىقىمىز كىرەك". بۇ يەردە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندە يالغۇز سۆزدە ئەمەس بەلكى بىر ئۆمۈر ئەمىلى ھەركەتىمىز بىلەن تەبىيەتنىڭ يەنى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نىېمىتى ئۈچۈن تەشەككۈر بىلدۈرىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.
ئامىركىلىق تونۇلغان  يازغۇچى ۋە نۇتۇق سۆزلىگۈچى تونى گەسكىنس (Tony Gaskins) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "شۈكۈر قىلىىش دىمەك سەن ھازىرقىدىن ئارتۇقىنى ئۈمۈد قىلمايسەن دىگەنلىك ئەمەس، ئۇ سەن  ئىگە بولغان شەي ئۈچۈن مىننەتدار بولۇش بىلەن بىرگە تىخىمۇ كۆپ شەيگە ئىرىشىش ئۈچۈن سەۋر تاقەت قىلىسەن دىگەنلىك"
مەلۇم بىر شەخس شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئكەن، "شۈكۈر بىزنىڭ ئىنىرگىيەرىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئۈمۈد قىلغان تىخىمۇ كۆپ شەيلەرنى ھاياتىمىزغا ئىلىپ كىلىشىمىزدە كۈچلۈك رول ئوينايدۇ". دىمەك شۈكۈر قىلىش ئادەمگە توغۇرا ۋە ئاكىتىپ ئىنىرگىيە بىغىشلايدۇ. كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يىتىش ئۈچۈن كۈچ قۈۋەت ئاتا قىلىدۇ.
يەنە بىر نەمەلۇم شەخس شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بەخىت بىزنى شۈكۈر قىلدۇرمايدۇ، ئەكسىنچە شۈكۈر بىزنى بەخىتلىك قىلىدۇ". ھەقىقەتەنمۇ شۈكۈر قىلىش ئىنسانغا بەخىتىلىك تۇيغۇسى بىغىشلايدۇ، ئىنساننىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەيدۇ. نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىىق مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىشتىن ساقلايدۇ. شۈكرى قىلىشنى بىلمىگەن ئىنسان نائىنساپ ۋە ئاچ كۆز كىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇنداق كىشىلەر مەڭگۈ ھەقىقى بەخىتلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
ئامىركىلىق مەشھۇر قارا تەنلىك ئايال ئوپراخ ۋىنفىرەي (Oprah Winfrey) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئكەن، "ئگە بولغانغا شۈكۈر قىل، ئاندىن سەن تىخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئىرىشىسەن؛ ئەگەر سەن نائىنساپلىق قىلساڭ، مەڭگۈ  قانائەت قىلمايسەن". دىمەك شۈكۈر قىلىش دىگەنلىك ھازىرقىدىن ئارتۇقىغا ئىگە بولما دىگەنلىك ئەمەس. ئىنسان شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق نائىنساپلىق ۋە ئاچ كۆزلۈكتىن ساقلىنلايدۇ. ئىنسان شۈكرى قىلغاندا باشقىلارنىڭ نىسىۋىگە كۆز تىكمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەيدۇ ۋە رىقابەتتە ئادىل بولىدۇ.
ئامىركىلىق يازغۇچى مىلودى بىتتىې (Melody Beattie) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئكەن، "شۈكۈر بىزگە ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلىتىدۇ، بۈگۈنىمىزگە راھەتلىك ئىلىپ كىلىدۇ، ئەتىمىزگە گۈزەل تەسەۋۇر بەرپا قىلىدۇ". دىمەك شۈكرى قىلىش بىزگە ئۆزىمىزنى تىخىمۇ ياخشى تونىتىدۇ، نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ۋە نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ھەر زامان خاتىرلىتىدۇ.
قەدىمقى رىملىق سىياسەتچى سىسىرو (Cicero) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "شۈكۈر ئەڭ گۈزەل ئەخلاق بولۇپ قالماستىن, ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئاتىسى". دىمەك ئىنسان شۈكرى قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارغا يول ئاچالايدۇ.
شۈكۈر قىلىش دىمەك، كايىناتنى ۋە بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيئنى،  ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى تونۇپ يىتىش دىمەك. شۈكۈر قىلىش دىمەك ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن  ياراتقان ھەر شەيئسى، بىزگە بەرگەن ساغلام تەن ۋە ئەقىل پاراسىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دىمەك؛ شۈكۈر قىلىش دىمەك ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ھەر شەيئسى ئۈچۈن يالغۇز ئىغىزدا ئەمەس، بەلكى ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن تەشەككۇر ئەيتىشىمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىمىز كىرەك دىمەك.
شۈكۈر قىلىش دىمەك، ھەرگۈزمۇ ھازىرقى ھالىمىزگە قانائەت قىلىپ، بىر ئىزدا توختاپ قىلىش دىگەنلىك ئەمەس؛ شۈكۈر قىلىش دىمەك، ھەرگۈزمۇ ھازىر ئىگە بولغان شەيىدىن ئارتۇقىغا ۋە ئۇنىڭدىن ياخشىسىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمۈد قىلماسلىق، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن تىرىشماسلىق ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش دىگەنلىك ئەمەس. شۈكۈر قىلىش دىمەك، ھەرگۈزمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نىسىۋىمىزنى باشقىلار تارتىۋالغاندا، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ جىم ئولتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس.
بىز ئادەتتە بىر پۇتى سۇنۇپ كەتكەن ياكى بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئادەمنى كۆرگىنىمىزدە، ئاللاھنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىككىلا پۇتىمىزنى ساق سالامەت قىلغىنىغا شۈكۈرلەر ئەيتىمىز. بىر پۇتى يوق ئادەم، گەرچە ئىككى پۇتى ساق ئادەملەرنى كۆرگەندە كۆڭلى يىرىم بولسىمۇ بىراق ئككى پۇتى ئككى قولى يوق ئادەمنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ كەم دىگەندە بىر پۇتى ۋە ئككى قولىنىڭ ساق بولغانلىقىغا شۈكرى قىلىشى مۈمكىن. بۇ يەردىكى شۈكۈر ھەرگۈزمۇ يالغۇز ئككى پۇتىمىزنىڭ ياكى ئككى قولىمىزنىڭ ساق بولىشىنىڭ ئاللانىڭ بىزگە قىلغان نېئمىتى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئككى پۈتىمىزنىڭ ساق بولىشىغا يارىشا، ئككى پۇتى ساق بولمىغانلار قىلالمىغان ئىش ھەركەتكەتلەرنى قىلىشىمىز، ۋە ئاللاغا ئەمىلى ھەركىتىمىز ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش كىرەك دىگەنلىكتۇر. بۇ بىزنىڭ ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن ئاللاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرشىمىزدۇر.
بىز ماشىنا ھەيدەپ يولدا كىتىۋىتىپ، كونا ۋەلىسىپىتكە مىنىپ كىتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرگەندە، بىزدە بىر خىل قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، نەتىجىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىرىشكەنلىرىگە شۈكىرى قىلىمىز. ئەگەر بىر كۈنى بىر تونىشىمىزنىڭ شەخسى ئايرۇپىلانى بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنىمىزدە ۋە ياكى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىدىن پەيدا بولغان قانائەت تۇيغۇسى مەلۇم دەرىجىدە سۇسلىشىپ ياكى تۆۋەنلەپ كىتىشى مۈمكىن. بۇ نورمالدا باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇش ۋە سىلىشتۇرماسلىق مەسىلىسى بولماستىن، ئەكىنچە ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىې ئىنكاسدۇر. چۈنكى ئاللاھ بىز بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ شۈكۈر قانائەت قىلىش نۇقتىسىنى ئايرىم ئايرىم پەرىقلىق قىلىپ ياراتمىغان. چۈنكى ئاللاھ كايىناتنى ۋە بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيىنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتقان؛ ئاللاھ ھىچ بىر شەيئنى بىر قىسىم كىشىلەرگە كۆپ نىسىپ قىلغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئاز نىسىپ قىلغان ئەمەس. بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيئنى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقان ئاللاھ، بىزگە ساغلام تەن ۋە ئەقىل پاراسەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھ، كايىناتتىن  پايدىلىنىش ۋە بەھرىمان بولۇش  پۇرسىتىنى ھەممە ئادەمگە باراۋەر ئاتا قىلغان. ئەگەر باشقىلار تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆزىگە ۋە ئىنسانىيەتكە توھپە قوشقان بولسا، بىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىش ھەققىمىز، ھوقۇقىمىز ۋە مەجبۇريىتىمىز بار. بۇ بىزنىڭ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ھەر شەيئسى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئەمىلى تەشەككۈرىمىز ۋە شۈكۈرىمىزدۇر.
ساخاۋەتلىك قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن مال دۇنياسىنى ئېئانە قىلىش، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەڭ ئەمىلى ۋە ئەڭ ياخشى ئىپادىلىرىدىن بىرى بولسا كىرەك. چۈنكى ساخاۋەتلىق قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ مال دۇنياسىنى ئېئانە قىلغان ئادەم ئۈزلىكسىز تىرىشىپ، جاپالىق ئىشلىگەن، بايلىق ياراتقان بىراق بايلىقنى دوست تۇتمىغان ئادەمدۇر.
مىكرو سوفىت شىركىتىنى بەرپا قىلغۇچى بىل گەيتىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى پەن تەخنىكا ۋە ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن 50 مىلىيارت دوللار ئىئانە قىلغان ئىكەن. سەئۇدى ئەربىستانلىق بانكىچى سۇلايمان بىن ئابدۇل ئەزىز ئەل راجى ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئۈچن 5.7 مىلىيارد دوللار ئىئانە قىلغان ئىكەن.  نىيورۇك شەھەرىنىڭ بۇرۇنقى شەھەر باشلىقى مايكىل بۇلۇمبىرگ ھازىرغا قەدەر ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈچ مىلىيارت دوللار ئىئانە قىلغان ئىكەن. تور ئارقىلىق مال ساتىدىغان ئى بەي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئى بەي شىركىتىنىڭ ھازىرقى باشلىقى،  پارىستا تۇغۇلغان ۋە ھازىر ئامىركىدا ياشايدىغان ئىرانلىق ئومىديار ئەپەندىم ھەر خىل ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر مىلىيارت دوللار ئىئانە قىلىدىكەن.
بىزنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، توختىماي تىرىشىپ، جاپا مۇشاقەتلىك ئىشلەپ، ئىگىلىك تىكلەپ، بايلىق ياراتقان، ۋە بايلىقلىرىنى مىللەتنىڭ مىللى مۇئارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە، يىتىم يىسىرلارغا يار يولەك بولۇشقا سەرىپ قىلغان نۇرغۇن ساخاۋەتچىلىرىمىز ئۆتكەن. ئۇلار ئاللاھ بەرگەن ئەقىل پاراسەتنى ئىشقا سىلىپ، تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىگىلىك يارىتىپ تاپقان مال دۇنياسىنى ئاللاھقا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان. ئۇندىن باشقا خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان نۇرغۇن ئالىملىرىمىز، ئەدىپلىرىمىز، تارىخچىلىرىمىز ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نىئمەتلىرىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بىلىم ئىگەللەپ، كىيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىلەش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۇشىدۇر.   مىنىڭ قارىشىمچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئاللاغا شۈكىرى قىلغۇچىلاردۇر.
يىغىنچاقلاپ ئەيىتقاندا شۈكۈر قىلىش دىمەك ئۆزىمىز ئگە بولغان ھەر شەيىئىنىڭ ئاللاھنىڭ نىمىتى ئكەنلىگىنى تونۇپ يىتىش ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دىمەك.

Wednesday, December 20, 2017

Sewr taqet we shükür

Sewr taqet we shükür
سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر 
Memet Emin

Hemmimiz bilgendek "sewr taqet we shükür qilish" insanlarning eng güzel exlaq peziletliridin biri bolup,  tarixtin buyan oxshimighan diniy itiqad we oxshimighan örpe adet, oxshimighan irqidiki oxshimighan  milletler, jümlidin biz uyghurlar  insanlarning bu  güzel exlaq peziletlirini her xil güzel sözler bilen teriplep, uni keng kölemde teshebbus we teshwiq qilip kelgen. 

Bizde "sewr qilsang, ghoridin halwa pishar" deydighan ata sözi bar.  Bashqilarning bishigha  balayi apet, qayghu hesiret, dert elem  we külpet kelgende, biz ulargha sewr taqet tileymiz. Chünki insan ighir balayi apetke yoluqqanda we yiqinlirini yoqutup qayghu hesiretke tolghanda, duch kelgen rohiy azapqa nisbeten sewr taqettin bashqa ünümlük dawa yoq. Peqet sewr taqet bizni bu azaplardin ghalip kilishke bashlap baralaydu. 

Ibni Qeyyum Jewziye sewr we shükür qilish toghursida mundaq digen iken, "imanning ikki "yirim" parchisi bar, biri "sewr", yene biri "shükür". 

"Sewr taqet, shükür qilishning achquchi"

Dimek sewr taqet we shükür imanning mohim bir qismi bolup, ular öz ara zich baghlan'ghan.

Bizde sewr taqet we shükür qilish toghursida nurghun xata chüshenchiler bar.  Shu seweptin men töwende dinimizdiki sewr taqet we shükürge birilgen teripler bilen bashqa dinlardiki bir qisim shexislerning sewr taqet we shükürge bergen teriplirini birleshtürüp, özemning sewr taqet we shükür qilshqa  bolghan chüshenchemni yizip chiqip keng oqurmenler bilen ortaqlashmaqchimen.  

Sewr taqet 

"Sewr" sözi, Erepchidiki "" صَبْرٌ sözidin kelgen söz bolup, uning " ichki we tashqi, shexsi we kalliktip amil bilen munasiwetlik bolghan herqandaq ehwal astida, bolupmu pishkenlikke uchurghanda, bala qaza we meghlubiyetke yoluqqanda,  iradilik bolush,  yaxshiliq qilishni dawamlashturush , toghura yoldin waz kechmeslik we chidamliq bolush" digen menisi bar iken.  Taqet qilish bolsa chidash, berdashliq birish we aldiraq sanliq qilmasliq, waqit sahitini kütüsh digen menani bildüridu. Tilimizda nime üchün sewr bilen taqetni bir jup söz qatarida birge ishlitildu? Men buning sewebini taza bilmidim, biraq men yenila könüp ketken aditimiz boyiche bu ikki sözni bir jup söz qatarida ishletmekchi.

Eger biz sewr taqet toghursida tiximu inchikilep toxtalsaq,  u bizning  shexsi we ijtimayi hayatimizda, bolupmu biz birer pishkenlikke, ongaysizliqqa we qiyinchiliqqa uchurghanda, balayi apet,  dert elem we qazagha yoluqqanda, bizge üzlüksiz akitp herket qilishni, chidamliq bolushni ügitidu. Dinimizda sewr toghursida mundaq diyilgen iken, "eger Allah sini sewr qildursa, sen choqum ümüd qilghandin artuq  nersige irishishke teyyar bol". Dimek sewr qilghan adem Allahning mukapatigha irisheleydu.

Allah oxshimighan kishilerning sewr taqetini oxshimighan usulda sinaydu, chünki her insanda oxshimighan derijide sewr taqet we itiqad bolidu.

"Allah sewr taqetlik insanlar bilen birge"

Dinimizda sewr taqat toghursida yene mundaq diyilgen iken , "kimde kim qiyinchiliq ehwalda toghura yolni dawamlashtursa, u qoshlap mukapat alidu".

Yuqarda dep ötkendek sewr taqet imanning bir parchisi iken, sewr taqet qilghan ademni allah mukapatlaydiken; undaqta biz sewr taqetni qandaq chüshinishimiz kirek?

Normalda biz sugha chüshüp kitip qutquzunglar dep waqirawatqan, yaki öyige öt kitip, öydin chiqalmay nale qiliwatqan we hayati xewep astida qiliwatqan kishige sewr taqet qil dimeymiz. Chünki biz sewr qilishni peqetla saqlash, berdashliq birish we chidash dep bir tereplimilik halda xata chüshünüp qalghan. Emiliyette bolsa sewr taqet digenlik hergüzmu duch kelgen qiyinchiliqqa, balayi apetke,   dert elemge,  meghlubiyetke, pishkenlikke,  zorawanliqqa, naheqchiliqqa, we adaletsizlikke süküt qilish, köz yumush we yaki hich ish qilmay jim olturush digenlik emes.

Hemmimiz bilgendek mikro sofit shirkitini berpa qilghuchi Bill Gates, Amirkida jümlidin dunyada muapiqiyet qazan'ghan meshhur karxanichi bilyonur we saxawetchi. U sewr taqet toghursida mundaq digen iken, "sewr taqet, muwapiqiyet qazinishning achquchi". Buninggha asaslan'ghanda sewr taqet qilish dimek, eqil parasetni ishlitip, sewrchanliq bilen üzlüksiz tirishish digenlik; peqet shundaq bolghanda andin sewr taqet qilish arqiliq muapiqiyet qazan'ghili bolidu, yeni sewr taqetni muapiqiyetning achquchi qilghili bolidu. Chünki muapiqiyet hergüzmu hich ish qilmay jim olturup, süküt qilishtin kelmeydu. Muapiqiyet hem aldiraqsanliq qilishtin yaki hisiyatqa tayinip telwilik qilishtin kelmeydu. Muapiqiyet salmaqliqtin eqilni ishlitip izchil tirishchanliq körsütüshtin kilidu.

Dimek sewr taqet diginimiz, gheyret qilmaq, berdashliq bermek, chidamliq bolmaq, waxti saétini kütmek, aldirap xataliq sadir qilishtin saqlanmaq dimek. Sewr taqet dimek, hergüzmu hich ish qilmay jim olturush digenlik emes, belki  akitip pozitsiyede bolup,  nime qilishni, qandaq qilishni yaxshi chüshünüsh, we yaxshi pilan qilish dimek; sewr taqet dimek yüzlen'gen mesililerni yaxshi hel qilish üchün etirapliq toghura tepekkur qilishqa waqit ajirtish dimek; sewr taqet qlish dimek hergüzmu duch kelgen , pishkenlikke, balayi apetke, adaletsizlikke, naheqchiliqqa  süküt qilish, köz yumush dimek emes; eksinche  duch kelegen qiyinchiliq, balayi apet, adaletsizlik we naheqchiliq  üstidin ghalip kilish üchün gheyret qilish, chare izdesh,  izchil tirishchanliq körsütüsh, hergüz waz kechmeslik  dimek; eqilni ishqa silip kütken netijige irishish üchün zörür bolghanda waxti saétini kütüsh we uninggha puxta teyyarliq qilish dimek. 

18- esirde yashighan En'giliyelik meshhur yazghuchi Samuel Johnson mundaq digen iken, "eng güzel eser küch quwettin emes, belki sewr taqettin emelge ashidu". Bu yerdimu sewr taqet qilish arqilish eng yaxshi netijige irishkili bolidighanliqni oturgha qoyush arqilish, sewr taqet qilish, insan'gha yalghuz küchke tayinip emes belki eqil parasetke tayinip ish qilish pursiti yaritip biridighanlqini we uning insanni muapiqiyet qazinishqa bashlap baridighanliqini tekitlep ötken. Bizdiki "yalwasni yenggen batur emes, achchiqni yegen batur" digen sözmu del shu insanning küchi bilen emes, belki sewr taqet we eqil paraset bilen batur bolghili bolidighanliqi bayan qilighan. 

Tibetlarning dahisi Dalay Lama sewr taqet toghursida mundaq digen iken, " sewr taqetni hergüzmü ajizliqning ipadisi dep chüshenmeslik kirek, eksinche u küchlüklükning ishariti". Heqiqetenmu bashqilargha yol qoyush, özini tutiwilip salmaq bolush, puxta teyyarliq qilish,  yaxshi pilan qilish we her ishning eng muapiq waxti saitini kütüsh  hergüzmu ajizliqning ipadisi emes. Eksinche aldirap tinep tenteklik qilish, achchighini könturul qilalmasliq, aldiraqsanliq qilip xataliq sadir qilish we meghlubiyetke asan ten birip hemmidin waz kichish ajizliqning ipadisidur.

4 ~ 5 - esirde yashighan xiristiyan peylosop Saint Augustine sewr taqet toghursida mundaq digen iken, " sewr taqet, eqil parasetning hemrayi". Dimek eqil parasetlik adem sewr taqetlik bolidu. Sewr taqetlik adem bir ish qilghanda aldiraqsanliq qilmay, eqil parasitini ishlitip, her ishni salmaqliq bilen pilanliq we puxta qilidu.

Melum bir meshhur shexs sewr taqet toghursida mundaq digen iken, "ghezeplen'gen her bir minuttiki sewr taqetlik bolghan her bir minut, insanni pushayman qiliduridighan minglarche minutin saqlaydu." dimek sewr taqet ademni aldiraqsanliq qilip meghlup bolushtin we bir ömür pushayman qilishtin saqlaydu.

2007 - yili 1- ayda men namelum bir qizdin bir parche yardem xiti tapshurup aldim. Xet Turpanning bir yizisida saqaymas irsi kiselge giriptar bolghan bir qizdin kelgen iken. U xitide özining we ikki singlisining "ducheni muskul yigdep qilish" dep atalghan dawasi yoq bir irsi kiselge giriptar bolghanliqini, biraq yashighan süriche bu kiselning dawasini izdeydighanliqini, özi paydisini körelmise ikki kichik singlisi üchün bolsimu toxtimay tirishchanliq körsitip u kiselge dawa tapidighanliqini yiziptu. U qiz manga xet yazghan  waqitta 24 yashqa kirgen bolup, u qizdiki kisellik alametler 9 - 10 yashta bashlan'ghan iken.  U qizning ata anisi, doxturlarning u qizni 18 yashlar etirapida ölup qilishi mümkin, eng köp bolghandimu 20 yashtin ashmaydu digini anglighanliqi üchün, u qizni ali mektep imtahanigha qatnashturmighan iken. U qiz kiyin tasadipi pursette özining kisellik diyagunuz qeghizini körüptu, we özi giriptar bolghan kisellikning yuqarqi saqaymas bir kisellik ikenligini biliptu. U qiz özi we ikki singlisi giriptar bolghan bu kiselge dawa tipish üchün, özligidin Engiliz tili ügünüptu. Amirka, Firansiye we Girmaniyelerdiki bu kiselni tetqiq qilidighan doxturlarning bu kisel toghursidiki yazghan bezi matiryallarni körüptu. Yawropadin sürüshte qilip yürüp, bu kiselning ighirlishishini astilitish üchün  paydisi bar dep qaralghan bezi dorilarni zakas qilip ekilip ishlitiptu.  Bashqilardin sürüshte qilip yürüp, mining xet adirisimni tipip, manga xet yiziptu. Men u qizning xitini tapshurup ilishtin ilgiri undaq bir kisel bar ikenligini bilmeydikenmen, yaki burun belkim oqighan bolsammu, biraq untulup qalghan ikenmen. Men u qizning xitini tapshurup alghandin kiyin bu kisel toghursida bezi izdinish ilip bardim.

"Ducheni muskul yigdep qilish" digen kisel az uchuraydighan bir xil irsi kisel bolup, u kiselni eng deslepte Firansiyelik doxtur Duchenne 1861 - yili bayqighan ken. Kiyin bu kiselge shu doxturning nami bilen "Duchenne Muscular Dystrophy" (杜兴氏肌肉营养不良症) digen namni bergen iken. Bu kisel adette anidin oghulgha miras qalidighan irsi kisel bolup, normalda peqet oghul balida körülidiken, qizlar peqet bu kiselni kiyinki ewladigha qaldurush rolini oynaydiken. Bu kisel bolghan balilarning muskulliri yigdep, palech bolup qalidiken we axirda kisel nepes ilishqa yardem biridighan muskullargha tesir körsitip, bimarning ölüp kitishnini keltürüp chiqiridiken. Amirkining özide bu kiselge giriptar bolghan köpünche bimar 25 yashlar etirepida ölüp kitidiken.

U qiz 2013- yili manga yene xet yazghan, we xitide,  özining  özi we ikki singlisi giriptar bolghan u kiselni dawalash üchün üzlüksiz tirishchanliq körsitiwatqanliqini, kisellik ehwalining tixmu ighirlashqanliqini, biraq özi we ikki singlisi üchün ümüdini herguz yoqatmighanliqini, hem toy qilip öylük ochaqliq bolghanliqini eyitqan idi. Kiyin anglisam u qiz kelgüsige bolghan ümüdini üzmey, hem kisilining ighirlashqinigha  qarimay, tiriship ügünüp Misirgha oqushqa barghan iken.  Mana bu sewr taqetning eng yaxshi misalidur.

Men töwende sewr taqet üchün yeni bir emili misal körsütüp ötimen.

1998 - yili Amirkiliq bir jup er ayal özlirining 15 ayliq we 7 künlük bolghan ikki balisining az uchuradighan bir xil irsi kisilige giriptar bolghanliqini, bu kiselning eyni waqitta ünümlük dawasining yoqliqini, we bu kiselge giriptar bolghan balilarning köpünchisining bir yil ichide ölüp kitidighanliqidin xewardar bolghan.

U kisel, pompe kisili dep atilidighan bolup, 1932 - yili gollandiyelik doxtur Pompe bayqighan, we uning nami bilen atalghan, uning toluq ismi "Glycogen storage disease type II" (酸性麦芽糖酵素缺乏症) .

Bu kisel 17 - nomurluq xirimosomadin chataq chiqqanliq sewebidin kilip chiqqan tughma kisel bolup, jigerdiki shikerni parchilaydighan bir xil enzim kem bolush sewebidin, shikerni parchilash we muskullar teripidin inirgiye üchün ishlitish tosalghugha uchuraydu, we netijide musukullar yiterlik inirgiyege irishelmeydu, muskullar ajizlishish we palej bolush kilip chiqidu. Eng axirda bedendiki nepes yoli, yürek muskuli qatarliq her xil muskullar tesirge uchurap, bimar hayatidin ayrilidu. 

Bu bir jup er ayal özining ikki balisining bu saqaymas kiselge giriptar bolghanliqini bilgendin kiyin, qetti sewrlik bolup, balisining kisilige dawa tipish qararighi kilidu. Ular aldi bilen bu kiselni tetqiq qiliwataqan mutixesislerni izdeydu, biraq ulardin irishken jawap gerche bu ata anigha bek köp ümüd bermigen bolsimu, biraq ular hergüz waz kechmey, bir tereptin Amirkidiki shu xil kiselge giriptar bolghan balilarning ata anisini izdep tipip, ularni tizimlashqa bashlighan bolsa, yene bir tereptin u kiselni tetqiqat qilip, uninggha dawa tipish üchün kireklik ixtizad toplashqa kirishidu. Netijide ular bu kiselge dawa tipish üchün 100 miliyun dollar  iane toplaydu. 

Amirkidiki Duke Uniwirsitidiki tetqiqatchilarning japaliq tirishchanliq netijisie bu kiselni dawalashta közge körünerlik ilgirleshler dunyagha kilidu, we 2006 - yili bu kiselni dawalaydighan dora Myozyme Amirka yimeklik we dora idarisi (FDA) ning resmi testiqidin ötüp, bazargha kiridu. 

Shuning bilen pütün dunyada her yili bu kisel bilen tughulghan 1000 din artuq balilargha deslepki qedemde dawa tipilidu.

Bu weqelik 2016 - yili 8 - ayning 29 - küni "Shipaliq" (The Cure) digen nam bilen kitap bolup neshir qilinidu, we Amirkida eng yaxshi sitilghan kitapqa aylinidu. 

Undin kiyin bu weqelik 2009 - yili "Extraordinary Measures" digen nam bilen kino qilip ishlinip, 2010 - yili 1- ayning 22 - künidin bashlap kinoxanilarda resmi qoyulidu.


Bular mining chüshenchemdiki "sewr taqet" ning eng yaxshi misalidur.

Yighinchaqlap eyitqanda sewr taqet insanlarning eng güzel exlaq peziletlirining biri bolup, u eqil paraset bilen ish qilishning kapaliti. Sewr taqet dimek sewep qilmaq, esla waz kechmeslik, öz heq hoquqini qoghdash üchün izchil tirishmaq, izdenmek, chidamliq bolmaq, toghura yolda mingishni qetié dawam qilmaq dimektur.
  
Shükür qilish

Shükür qilish diginimiz Allahning bizge ata qilghan barliq iltipati we némiti  üchün teshshekkür eytish we minnetdarliq bildürüsh digen menadiki söz bolup, u Islam dinining eng güzel exlaq pezilitidur. 


"Eger siler shükür qilsanglar, men silerge tiximu köp birimen"

Shükür töwendiki üch mezmunni öz ichige alidu. 

Birinjisi  bilish; bilish shükürning asasidur. Biz choqum, bizge német, xeyrlik ata qilghuchining peqet we peqet Allah ikenligini bilishimiz kirek.

Ikkinjisi tonup yitish we itirap qilish; yeni bizge kelgen német, xeyrlikning hemmisining peqet we peqet Allahdin kelgenligini tonup yitishimiz we itirap qilishimiz kirek.

Üchünjisi emili ish heriket we qilmish; Allahqa bolghan minnetdarliqni yalghuz ighizda, sözde emes, belki emili herket bilen ipadilesh; her zaman Allahqa itaet qilish we minnetdarliq bilen ish qilish; her zaman Allahning buyrighinini qilish; Allahni söyüsh we Allahni medilesh.

Dinimizda shukri qilishqa yuqarqidek teripler birilgen iken, undaqta bashqa dindikiler we bezi dangliq shexisler shükri qilishqa qandaq teriplerni bergen?

Amirkining 35 - qitimliq sabiq pirezidenti John F Kennedy shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "biz shükür qilghinimizda, shukür qilishning eng kattisining sözde emes belki uning bilen yashashta ikenligini untup qalamsliqimiz kirek". Bu yerde minnetdarliq bildürgende yalghuz sözde emes belki bir ömür emili herketimiz bilen tebiyetning yeni Allahning bizge ata qilghan niémiti üchün teshekkür bildürishimizning muhimliqi tekitlengen.

Amirkiliq tonulghan  yazghuchi we nutuq sözligüchi Tony Gaskins shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "shükür qilish dimek sen hazirqidin artuqini ümüd qilmaysen digenlik emes, u sen  ige bolghan her shey üchün minnetdar bolush bilen birge tiximu köp sheyge irishish üchün sewr taqet qilisen digenlik"

Namelum bir shexs shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "shükür bizning inirgiyerimizni ashurup, ümüd qilghan tiximu köp sheylerni hayatimizgha ilip kilishimizde küchlük rol oynaydu". Dimek shükür qilish ademge toghura we akitip inirgiye bighishlaydu. Közligen meqsitimizge yitish üchün küch qüwet ata qilidu.

Yene bir nemelum shexs shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "bexit bizni shükür qildurmaydu, eksinche shükür bizni bexitlik qilidu". Heqiqetenmu shükür qilish insan'gha bexitilik tuyghusi bighishlaydu, insanning rohiy halitini tengsheydu. Nurghunlighan pisxikiliiq mesililerge duch kilishtin saqlaydu. Shükri qilishni bilmigen insan nainsap we ach köz kilidu, netijide undaq kishiler menggü heqiqi bexitlik tuyghusigha irishelmeydu.

Amirkiliq meshhur qara tenlik ayal Oprah Winfrey shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "Ige bolghangha shükür qil, andin sen tiximu köp nersige irishisen; eger sen nainsapliq qilsang, menggü  qanaet qilmaysen". Dimek shükür qilish digenlik hazirqidin artuqigha ige bolma digenlik emes. Insan shükür qilish arqiliq nainsapliq we ach közlüktin saqlinlaydu. Insan shükri qilghanda bashqilarning nisiwige köz tikmeydu, bashqilarning heqqini yimeydu we riqabette adil bolidu.

Amirkiliq yazghuchi Melody Beattie shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "shükür bizge ötmüshimizni eslitidu, bügünimizge rahetlik ilip kilidu, etimizge güzel tesewur berpa qilidu". Dimek shükri qilish bizge özimizni tiximu yaxshi tonitidu, nedin kelgenlikimizni we nege baridighanliqimizni her zaman xatirlitidu.

Qedimqi rimliq siyasetchi Cicero shükri qilish toghursida mundaq digen iken, "shükür eng güzel exlaq bolup qalmastin, u hemme nersining atisi". Dimek insan shükri qilish arqiliq nurghunlighan yaxshi ishlargha yol achalaydu.

Shükür qilish dimek, kayinatni we biz yashawatqan bu dunyadiki her sheyni, Allahning bizning ortaq paydilinishimiz üchün yaratqanliqini tonup yitish dimek. Shükür qilish dimek Allahning bizning ortaq paydilinishimiz üchün  yaratqan her sheysi, bizge bergen saghlam ten we eqil parasiti üchün minnetdarliq bildürüsh dimek; shükür qilish dimek Allahning bizge ata qilghan her sheysi üchün yalghuz ighizda emes, belki emili herkitimiz bilen teshekkur eytishimiz we minnetdarliq bildürishimiz kirek dimek. 

Shükür qilish dimek, hergüzmu hazirqi halimizge qanaet qilip, bir izda toxtap qilish digenlik emes; shükür qilish dimek, hergüzmu hazir ige bolghan sheyidin artuqigha we uningdin yaxshisigha ige bolushni ümüd qilmasliq, uningliq üchün tirishmasliq yaki uningdin waz kichish digenlik emes. Shükür qilish dimek, hergüzmu Allahning bizge bergen nisiwimizni bashqilar tartiwalghanda, uninggha süküt qilip jim olturush digenlik emes. 

Biz adette bir puti sunup ketken yaki bir putidin ayrilip qalghan bir ademni körginimizde, Allahning özimizning ikkila putimizni saq salamet qilghinigha shükürler eytimiz. Bir puti yoq adem, gerche ikki puti saq ademlerni körgende köngli yirim bolsimu biraq ikki puti ikki qoli yoq ademni körgende özining kem digende bir puti we ikki qolining saq bolghanliqigha shükri qilishi mümkin. Bu yerdiki shükür hergüzmu yalghuz ikki putimizning yaki ikki qolimizning saq bolishining Allaning bizge qilghan némiti ikenligini tonup yitish bilenla cheklinip qalmastin belki ikki pütimizning saq bolishigha yarisha, ikki puti saq bolmighanlar qilalmighan ish herketketlerni qilishimiz, we Allagha emili herkitimiz arqiliq minnetdarliqimizni bildürüsh kirek digenliktur. Bu bizning emili herkitimiz bilen allagha minnetdarliq bildürshimizdur. 

Biz mashina heydep yolda kitiwitip, kona welisipitke minip kitiwatqan bir ademni körgende, bizde bir xil qanaet tuyghusi peyda bolidu, netijide biz özimizning irishkenlirige shükiri qilimiz. Eger bir küni bir tonishimizning shexsi ayrupilani bilen sayahet qiliwatqanliqini körgünimizde we yaki anglighinimizda, özimizning hazirqi halidin peyda bolghan qanaet tuyghusi melum derijide susliship yaki töwenlep kitishi mümkin. Bu normalda bashqilar bilen silishturush we silishturmasliq mesilisi bolmastin, ekinche u insanlarning tebié inkasidur. Chünki Allah biz bilen yene bir ademning shükür qanaet qilish nuqtisini ayrim ayrim periqliq qilip yaratmighan. Chünki Allah kayinatni we bu dunyadiki her sheyini hemmimizning ortaq paydilinishi üchün yaratqan; Allah hich bir sheyni bir qisim kishilerge köp nisip qilghan, yene bir qisim kishilerge az nisip qilghan emes. Bu dunyadiki her sheyni bizning paydilinishimiz üchün yaratqan Allah, bizge saghlam ten we eqil parasetni ata qilghan Allah, kayinattin paydilinish we behriman bolush  pursitini hemme ademge barawer ata qilghan. Eger bashqilar tiriship tirmiship özige we insaniyetke tohpe qoshqan bolsa, bizningmu shundaq qilish heqqimiz, hoquqimiz we mejburyitimiz bar. Bu bizning Allahning bizge bergen her sheysi üchün qilghan eng emili teshekkürimiz we shükürimizdur.

Saxawetlik qilish we insanlarning parawanliqi üchün mal dunyasini iane qilish, shükür qilishning eng emili we eng yaxshi ipadiliridin biri bolsa kirek. Chünki saxawetliq qilghan we özining mal dunyasini iane qilghan adem üzliksiz tiriship, japaliq ishligen, bayliq yaratqan biraq bayliqni dost tutmighan ademdur. 
Mikrosoft shirkitini berpa qilghuchi Bill Gates we uning ayali pen texnika we her xil saxawetlik ishlar üchün 50 miliyart dollar iane qilghan iken. Seudi Erbistanliq bankichi Sulayman bin Abdul Eziz El Raji her xil saxawetlik ishliri üchün 5.7 miliyard dollar iane qilghan iken.  Niyoruk sheherining burunqi sheher bashliqi Michael Bloomberg hazirgha qeder her xil saxawetlik ishliri üchün üch miliyart dollar iane qilghan iken. Tor arqiliq mal satidighan eBey shirkitining qurghuchisi we eBey shirkitining hazirqi bashliqi,  Parista tughulghan we hazir Amirkida yashaydighan Iranliq Omidyar ependim her xil saxawet ishliri üchün bir miliyart dollar iane qilidiken.

Bizning yiqinqi zaman tariximizgha qaraydighan bolsaq, toxtimay tiriship, japa mushaqetlik ishlep, igilik tiklep, bayliq yaratqan, we bayliqlirini milletning milli muaripini güllendürüshke, yitim yisirlargha yar yolek bolushqa serip qilghan nurghun saxawetchilirimiz ötken. Ular Allah bergen eqil parasetni ishqa silip, tiriship tirmiship igilik yaritip tapqan mal dunyasini Allahqa bolghan teshekkürini bildürüsh üchün serip qilghan. Undin bashqa xelqimiz ichidin chiqqan nurghun alimlirimiz, ediplirimiz, tarixchilirimiz we oqutquchi ustazlirimiz, Allahning özlirige ata qilghan nimetlirini toluq tonup yitip, üzlüksiz tirishchanliq körsitish arqiliq bilim igellep, kiyinki ewladlarni terbilesh üchün ejir singdürüshning özimu ularning emili herkiti arqiliq Allahqa minnetdarliq bildushidur. Mining qarishimche ular özlirining emili herkiti arqiliq allagha shükiri qilghuchilardur. 



Yighinchaqlap eyitqanda shükür qilish dimek özimiz ige bolghan her sheyining Allahning nimiti ikenligini tonup yitish we uningliq üchün emili herkitimiz bilen minnetdarliq bildürüsh dimek.