Friday, December 22, 2017

سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر

سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر
ھەممىمىز بىلگەندەك "سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر قىلىش" ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ،  تارىختىن بۇيان ئوخشىمىغان دىنىي ئىتىقاد ۋە ئوخشىمىغان ئۆرپە ئادەت، ئوخشىمىغان ئىرقىدىكى ئوخشىمىغان  مىللەتلەر، جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار  ئىنسانلارنىڭ بۇ  گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ھەر خىل گۈزەل سۆزلەر بىلەن تەرىپلەپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس ۋە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن.
بىزدە "سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.  باشقىلارنىڭ بىشىغا  بالايى ئاپەت، قايغۇ ھەسىرەت، دەرت ئەلەم  ۋە كۈلپەت كەلگەندە، بىز ئۇلارغا سەۋر تاقەت تىلەيمىز. چۈنكى ئىنسان ئىغىر بالايى ئاپەتكە يولۇققاندا ۋە يىقىنلىرىنى يوقۇتۇپ قايغۇ ھەسىرەتكە تولغاندا،  دۇچ كەلگەن روھىي ئازاپقا نىسبەتەن سەۋر تاقەتتىن باشقا ئۈنۈملۈك داۋا يوق. پەقەت سەۋر تاقەت بىزنى بۇ ئازاپلاردىن غالىپ كىلىشكە باشلاپ بارالايدۇ.
ئىبنى قەييۇم جەۋزىيە سەۋر ۋە شۈكۈر قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئىماننىڭ ئككى "يىرىم" پارچىسى بار، بىرى "سەۋر"، يەنە بىرى "شۈكۈر" .


"سەۋر تاقەت، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئاچقۇچى"
دىمەك سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر ئماننىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئارا زىچ باغلانغان.
 بىزدە سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر قىلىش توغۇرسىدا نۇرغۇن خاتا چۈشەنچىلەر بار.  شۇ سەۋەپتىن مەن تۆۋەندە دىنىمىزدىكى سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈرگە بىرىلگەن تەرىپلەر بىلەن باشقا دىنلاردىكى بىر قىسىم شەخىسلەرنىڭ سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈرگە بەرگەن تەرىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزەمنىڭ سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر قىلشقا  بولغان چۈشەنچەمنى يىزىپ چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.    
سەۋر تاقەت
"سەۋر" سۆزى، ئەرەپچىدىكى "صَبْرٌ" ، سۆزىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ " ئىچكى ۋە تاشقى، شەخسى ۋە كاللىكتىپ ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ پىشكەنلىككە ئۇچۇرغاندا،  بالا  قازا ۋە مەغلۇبىيەتكە  يولۇققاندا،  ئىرادىلىك بولۇش،  ياخشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ، توغۇرا يولدىن ۋاز كەچمەسلىك ۋە چىداملىق بولۇش" دىگەن مەنىسى بار ئكەن.  تاقەت قىلىش بولسا چىداش، بەرداشلىق بىرىش ۋە ئالدىراق سانلىق قىلماسلىق، ۋاقىت ساھىتىنى كۈتۈش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. تىلىمىزدا نىمە ئۈچۈن سەۋر بىلەن تاقەتنى بىر جۇپ سۆز قاتارىدا بىرگە ئىشلىتىلدۇ؟ مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تازا بىلمىدىم، بىراق مەن يەنىلا كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىمىز بويىچە بۇ ئككى سۆزنى بىر جۇپ سۆز قاتارىدا ئىشلەتمەكچى.
ئەگەر بىز سەۋر تاقەت توغۇرسىدا تىخىمۇ ئىنچىكىلەپ توختالساق،  ئۇ بىزنىڭ  شەخسى ۋە ئىجتىمايى ھاياتىمىزدا، بولۇپمۇ بىز بىرەر پىشكەنلىككە، ئوڭايسىزلىققا ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا، بالايى ئاپەت،  دەرت ئەلەم ۋە قازاغا يولۇققاندا، بىزگە ئۈزلۈكسىز ئاكىتپ ھەركەت قىلىشنى، چىداملىق بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. دىنىمىزدا سەۋر توغۇرسىدا مۇنداق دىيىلگەن ئىكەن، "ئەگەر ئاللاھ سىنى سەۋر قىلدۇرسا، سەن چوقۇم ئۈمۈد قىلغاندىن ئارتۇق  نەرسىگە ئىرىشىشكە تەييار بول". دىمەك سەۋر قىلغان ئادەم ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيدۇ.
ئاللاھ ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ سەۋر تاقەتىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا سىنايدۇ، چۈنكى ھەر ئىنساندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سەۋر تاقەت ۋە ئىتىقاد بولىدۇ.
"ئاللاھ سەۋر تاقەتلىك ئىنسانلار بىلەن بىرگە"
دىنىمىزدا سەۋر تاقات توغۇرسىدا يەنە مۇنداق دىيىلگەن ئىكەن ، "كىمدە كىم قىيىنچىلىق ئەھۋالدا توغۇرا يولنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ قوشلاپ مۇكاپات ئالىدۇ".
يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك سەۋر تاقەت ئىماننىڭ بىر پارچىسى ئىكەن، سەۋر تاقەت قىلغان ئادەمنى ئاللاھ مۇكاپاتلايدىكەن؛ ئۇنداقتا بىز سەۋر تاقەتنى قانداق چۈشىنىشىمىز كىرەك؟
نورمالدا بىز سۇغا چۈشۈپ كىتىپ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋاقىراۋاتقان، ياكى ئۆيىگە ئۆت كىتىپ، ئۆيدىن چىقالماي نالە قىلىۋاتقان ۋە ھاياتى خەۋەپ ئاستىدا قىلىۋاتقان كىشىگە سەۋر تاقەت قىل دىمەيمىز. چۈنكى بىز سەۋر قىلىشنى پەقەتلا ساقلاش، بەرداشلىق بىرىش ۋە چىداش دەپ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا خاتا چۈشۈنۈپ قالغان. ئەمىلىيەتتە بولسا سەۋر تاقەت دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىققا، بالايى ئاپەتكە،   دەرت ئەلەمگە،  مەغلۇبىيەتكە، پىشكەنلىككە،  زوراۋانلىققا، ناھەقچىلىققا، ۋە ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلىش، كۆز يۇمۇش ۋە ياكى ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس.
ھەممىمىز بىلگەندەك مىكرو سوفىت شىركىتىنى بەرپا قىلغۇچى بىل گەيتىس (Bill Gates)، ئامىركىدا جۈملىدىن دۇنيادا مۇئاپىقىيەت قازانغان مەشھۇر كارخانىچى بىليونۇر ۋە ساخاۋەتچى. ئۇ سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "سەۋر تاقەت، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى". بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا سەۋر تاقەت قىلىش دىمەك، ئەقىل پاراسەتنى ئىشلىتىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىش دىگەنلىك؛ پەقەت شۇنداق بولغاندا ئاندىن سەۋر تاقەت قىلىش ئارقىلىق مۇئاپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، يەنى سەۋر تاقەتنى مۇئاپىقىيەتنىڭ ئاچقۇچى قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى مۇئاپىقىيەت ھەرگۈزمۇ ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇپ، سۈكۈت قىلىشتىن كەلمەيدۇ. مۇئاپىقىيەت ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىشتىن ياكى ھىسىياتقا تايىنىپ تەلۋىلىك قىلىشتىن كەلمەيدۇ. مۇئاپىقىيەت سالماقلىقتىن ئەقىلنى ئىشلىتىپ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشتىن كىلىدۇ.
دىمەك سەۋر تاقەت دىگىنىمىز، غەيرەت قىلماق، بەرداشلىق بەرمەك، چىددملىق بولماق، ۋاختى سائېتىنى كۈتمەك، ئالدىراپ خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانماق دىمەك. سەۋر تاقەت دىمەك، ھەرگۈزمۇ ھىچ ئىش قىلماي جىم ئولتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى  ئاكىتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ،  نىمە قىلىشنى،  قانداق قىلىشنى ياخشى چۈشۈنۈش، ۋە ياخشى پىلان قىلىش دىمەك؛  سەۋر تاقەت دىمەك يۈزلەنگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەتىراپلىق توغۇرا تەپەككۇر قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرتىش دىمەك؛ سەۋر تاقەت قلىش دىمەك ھەرگۈزمۇ دۇچ كەلگەن ، پىشكەنلىككە، بالايى ئاپەتكە، ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىققا  سۈكۈت قىلىش، كۆز يۇمۇش دىمەك ئەمەس؛ ئەكسىنچە  دۇچ كەلەگەن قىيىنچىلىق، بالايى ئاپەت، ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىق  ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىش، چارە ئىزدەش،  ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، ھەرگۈز ۋاز كەچمەسلىك  دىمەك ؛ ئەقىلنى ئىشقا سىلىپ كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا ۋاختى سائېتىنى كۈتۈش ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلىش دىمەك.
18- ئەسىردە ياشىغان ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى سامىيۇل جونسون (Samuel Johnson) مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەڭ گۈزەل ئەسەر كۈچ قۇۋەتتىن ئەمەس، بەلكى سەۋر تاقەتتىن ئەمەلگە ئاشىدۇ". بۇ يەردىمۇ سەۋر تاقەت قىلىش ئارقىلىش ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقنى ئوتۇرغا قويۇش ئارقىلىش، سەۋر تاقەت قىلىش، ئىنسانغا يالغۇز كۈچكە تايىنىپ ئەمەس بەلكى ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ ئىش قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدىغانلقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنساننى مۇئاپىقىيەت قازىنىشقا باشلاپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بىزدىكى "يالۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەگەن باتۇر" دىگەن سۆزمۇ دەل شۇ ئىنساننىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى سەۋر تاقەت ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن باتۇر بولغىلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىغان.
تىبەتلارنىڭ داھىسى دالاي لاما سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، " سەۋر تاقەتنى ھەرگۈزمۈ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشەنمەسلىك كىرەك، ئەكسىنچە ئۇ كۈچلۈكلۈكنىڭ ئىشارىتى". ھەقىقەتەنمۇ باشقىلارغا يول قويۇش، ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ سالماق بولۇش، پۇختا تەييارلىق قىلىش،  ياخشى پىلان قىلىش ۋە ھەر ئىشنىڭ ئەڭ مۇئاپىق ۋاختى سائىتىنى كۈتۈش  ھەرگۈزمۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. ئەكسىنچە ئالدىراپ تىنەپ تەنتەكلىك قىلىش، ئاچچىغىنى كۆنتۇرۇل قىلالماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ خاتالىق سادىر قىلىش ۋە مەغلۇبىيەتكە ئاسان تەن بىرىپ ھەممىدىن ۋاز كىچىش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
4 ~ 5 - ئەسىردە ياشىغان خىرىستىيان پەيلوسوپ سەنت ئوگۇستىن (Saint Augustine) سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، " سەۋر تاقەت، ئەقىل پاراسەتنىڭ ھەمرايى". دىمەك ئەقىل پاراسەتلىك ئادەم سەۋر تاقەتلىك بولىدۇ. سەۋر تاقەتلىك ئادەم بىر ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماي، ئەقىل پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، ھەر ئىشنى سالماقلىق بىلەن پىلانلىق ۋە پۇختا قىلىدۇ.
مەلۇم بىر مەشھۇر شەخس سەۋر تاقەت توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "غەزەپلەنگەن ھەر بىر مىنۇتتىكى سەۋر تاقەتلىك بولغان ھەر بىر مىنۇت، ئىنساننى پۇشايمان قىلىدۇرىدىغان مىڭلارچە مىنۇتىن ساقلايدۇ." دىمەك سەۋر تاقەت ئادەمنى ئالدىراقسانلىق قىلىپ مەغلۇپ بولۇشتىن ۋە بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىشتىن ساقلايدۇ.
2007 - يىلى 1- ئايدا مەن نامەلۇم بىر قىزدىن بىر پارچە ياردەم خىتى تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەت تۇرپاننىڭ بىر يىزىسىدا ساقايماس ئىرسى كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قىزدىن كەلگەن ئىكەن. ئۇ خىتىدە ئۆزىنىڭ ۋە ئىككى سىڭلىسىنىڭ "دۇچەنى مۇسكۇل يىگدەپ قىلىش" دەپ ئاتالغان داۋاسى يوق بىر ئىرسى كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بىراق ياشىغان سۈرىچە بۇ كىسەلنىڭ داۋاسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئۆزى پايدىسىنى كۆرەلمىسە ئىككى كىچىك سىڭلىسى ئۈچۈن بولسىمۇ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇ كىسەلگە داۋا تاپىدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. ئۇ قىز ماڭا خەت يازغان  ۋاقىتتا 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ قىزدىكى كىسەللىك ئالامەتلەر 9 - 10 ياشتا باشلانغان ئىكەن.  ئۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسى، دوختۇرلارنىڭ ئۇ قىزنى 18 ياشلار ئەتىراپىدا ئۆلۇپ قىلىشى مۈمكىن، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 20 ياشتىن ئاشمايدۇ دىگىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قىزنى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشتۇرمىغان ئىكەن. ئۇ قىز كىيىن تاسادىپى پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ كىسەللىك دىياگۇنۇز قەغىزىنى كۆرۈپتۇ، ۋە ئۆزى گىرىپتار بولغان كىسەللىكنىڭ يۇقارقى ساقايماس بىر كىسەللىك ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ. ئۇ قىز ئۆزى ۋە ئىككى سىڭلىسى گىرىپتار بولغان بۇ كىسەلگە داۋا تىپىش ئۈچۈن، ئۆزلىگىدىن ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈپتۇ. ئامىركا، فىرانسىيە ۋە گىرمانىيەلەردىكى بۇ كىسەلنى تەتقىق قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ بۇ كىسەل توغۇرسىدىكى يازغان بەزى ماتىرياللارنى كۆرۈپتۇ. ياۋروپادىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ، بۇ كىسەلنىڭ ئىغىرلىشىشىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن  پايدىسى بار دەپ قارالغان بەزى دورىلارنى زاكاس قىلىپ ئەكىلىپ ئىشلىتىپتۇ.  باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ، مىنىڭ خەت ئادىرىسىمنى تىپىپ، ماڭا خەت يىزىپتۇ. مەن ئۇ قىزنىڭ خىتنى تاپشۇرۇپ ئىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنداق بىر كىسەل بار ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن، ياكى بۇرۇن بەلكىم ئوقىغان بولساممۇ، بىراق ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىكەنمەن. مەن ئۇ قىزنىڭ خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بۇ كىسەل توغۇرسىدا بەزى ئىزدىنىش ئىلىپ باردىم.
"دۇچەنى مۇسكۇل يىگدەپ قىلىش" دىگەن كىسەل ئاز ئۇچۇرايدىغان بىر خىل ئىرسى كىسەل بولۇپ، ئۇ كىسەلنى ئەڭ دەسلەپتە فىرانسىيەلىك دوختۇر دۇچەنى 1861 - يىلى بايقىغان ئكەن. كىيىن بۇ كىسەلگە شۇ دوختۇرنىڭ نامى بىلەن تۆۋەندىكىدەك نام بەرگەن.
杜兴氏肌肉营养不良 Duchenne Muscular Dystrophy
بۇ كىسەل ئادەتتە ئانىدىن ئوغۇلغا مىراس قالىدىغان ئىرسى كىسەل بولۇپ، نورمالدا پەقەت ئوغۇل بالىدا كۆرۈلىدىكەن، قىزلار پەقەت بۇ كىسەلنى كىيىنكى ئەۋلادىغا قالدۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇ كىسەل بولغان بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى يىگدەپ، پالەچ بولۇپ قالىدىكەن ۋە ئاخىردا كىسەل نەپەس ئىلىشقا ياردەم بىرىدىغان مۇسكۇللارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىمارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئامىركىنىڭ ئۆزىدە بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كۆپۈنچە بىمار 25 ياشلار ئەتىرەپىدا ئۆلۈپ كىتىدىكەن.
ئۇ قىز 2013- يىلى ماڭا يەنە خەت يازغان، ۋە خىتىدە،  ئۆزىنىڭ  ئۆزى ۋە ئككى سىڭلىسى گىرىپتار بولغان ئۇ كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ تىخمۇ ئىغىرلاشقانلىقىنى، بىراق ئۆزى ۋە ئىككى سىڭلىسى ئۈچۈن ئۈمۈدىنى ھەرگۇز يوقاتمىغانلىقىنى، ھەم توي قىلىپ ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغانلىقىنى ئەيىتقان ئىدى. كىيىن ئاڭلىسام ئۇ قىز كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈدىنى ئۈزمەي، ھەم كىسىلىنىڭ ئىغىرلاشقىنىغا  قارىماي، تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان ئىكەن. 
مانا بۇ سەۋر تاقەتنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر. مەن تۆۋەندە سەۋر تاقەت ئۈچۈن يەنى بىر ئەمىلى مىسال كۆرسۈتۈپ ئۆتىمەن.
1998 - يىلى ئامىركىلىق بىر جۇپ ئەر ئايال ئۆزلىرىنىڭ 15 ئايلىق ۋە 7 كۈنلۈك بولغان ئىككى بالىسىنىڭ ئاز ئۇچۇرادىغان بىر خىل ئىرسى كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، بۇ كىسەلنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك داۋاسىنىڭ يوقلىقىنى، ۋە بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىدىن خەۋاردار بولغان.
ئۇ كىسەل، پومپە كىسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 1932 - يىلى گوللاندىيەلىك دوختۇر پومپە بايقىغان، ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى
酸性麦芽糖酵素缺乏Glycogen storage disease type II
بۇ كىسەل 17 - نومۇرلۇق خىرىموسومادىن چاتاق چىققانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تۇغما كىسەل بولۇپ، جىگەردىكى شىكەرنى پارچىلايدىغان بىر خىل ئەنزىم كەم بولۇش سەۋەبىدىن، شىكەرنى پارچىلاش ۋە مۇسكۇللار تەرىپىدىن ئىنىرگىيە ئۈچۈن ئىشلىتىش توسالغۇغا ئۇچۇرايدۇ، ۋە نەتىجىدە مۇسۇكۇللار يىتەرلىك ئىنىرگىيەگە ئىرىشەلمەيدۇ، مۇسكۇللار ئاجىزلىشىش ۋە پالەج بولۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىردا بەدەندىكى نەپەس يولى، يۈرەك مۇسكۇلى قاتارلىق ھەر خىل مۇسكۇللار تەسىرگە ئۇچۇراپ، بىمار ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
بۇ بىر جۇپ ئەر ئايال ئۆزىنىڭ ئككى بالىسىنىڭ بۇ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، قەتتى سەۋرلىك بولۇپ، بالىسىنىڭ كىسىلىگە داۋا تىپىش قارارىغى كىلىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ كىسەلنى تەتقىق قىلىۋاتاقان مۇتىخەسىسلەرنى ئىزدەيدۇ، بىراق ئۇلاردىن ئىرىشكەن جاۋاپ گەرچە بۇ ئاتا ئانىغا بەك كۆپ ئۈمۈد بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھەرگۈز ۋاز كەچمەي، بىر تەرەپتىن ئامىركىدىكى شۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئىزدەپ تىپىپ، ئۇلارنى تىزىملاشقا باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ كىسەلنى تەتقىقات قىلىپ، ئۇنىڭغا داۋا تىپىش ئۈچۈن كىرەكلىك ئىختىزاد توپلاشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار بۇ كىسەلگە داۋا تىپىش ئۈچۈن 100 مىلىيۇن دوللار  ئىئانە توپلايدۇ.
ئامىركىدىكى دىيۇك ئۇنىۋىرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىە بۇ كىسەلنى داۋالاشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەر دۇنياغا كىلىدۇ، ۋە 2006 - يىلى بۇ كىسەلنى داۋالايدىغان دورا مايوزايىم (Myozyme) ئامىركا يىمەكلىك ۋە دورا ئىدارىسىنىڭ رەسمى تەستىقىدىن ئۆتۈپ، بازارغا كىرىدۇ. 
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى بۇ كىسەل بىلەن تۇغۇلغان 1000 دىن ئارتۇق بالىلارغا دەسلەپكى قەدەمدە داۋا تىپىلىدۇ.
بۇ ۋەقەلىك 2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى  "شىپالىق" دىگەن نام بىلەن كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىنىدۇ، ۋە ئامىركىدا ئەڭ ياخشى سىتىلغان كىتاپقا ئايلىنىدۇ. ئۇندىن كىيىن بۇ ۋەقەلىك 2009 - يىلى كىنو قىلىپ ئىشلىنىپ، 2010 - يىلى 1- ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ كىنوخانىلاردا رەسمى قويۇلىدۇ.



بۇلار مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى "سەۋر تاقەت" نىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىدۇر.
يىغىنچاقلاپ ئەيىتقاندا سەۋر تاقەت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ كاپالىتى. سەۋر تاقەت دىمەك سەۋەپ قىلماق، ئەسلا ۋاز كەچمەسلىك، ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشماق، ئىزدەنمەك، چىداملىق بولماق، توغۇرا يولدا مىڭىشنى قەتتىې داۋام قىلماق دىمەكتۇر. 
شۈكۈر قىلىش
شۈكۈر قىلىش دىگىنىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئىلتىپاتى ۋە نېئمىتى  ئۈچۈن تەششەككۈر ئەيتىش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دىگەن مەنادىكى سۆز بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىدۇر.
"ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلسىاڭلار، مەن سىلەرگە تىخىمۇ كۆپ بىرىمەن"
شۈكۈر تۆۋەندىكى ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنجىسى  بىلىش؛ بىلىش شۈكۈرنىڭ ئاساسىدۇر. بىز چوقۇم، بىزگە نېئمەت، خەيرلىك ئاتا قىلغۇچىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ ئىكەنلىگىنى بىلىشىمىز كىرەك.
ئىككىنجىسى تونۇپ يىتىش ۋە ئىتىراپ قىلىش؛ يەنى بىزگە كەلگەن نېئمەت، خەيرلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھدىن كەلگەنلىگىنى تونۇپ يىتىشىمىز ۋە ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەك.
ئۈچۈنجىسى ئەمىلى ئىش ھەرىكەت ۋە قىلمىش؛ ئاللاھقا بولغان مىننەتدارلىقنى يالغۇز ئىغىزدا، سۆزدە ئەمەس، بەلكى ئەمىلى ھەركەت بىلەن ئىپادىلەش؛ ھەر زامان ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئىش قىلىش؛ ھەر زامان ئاللاھنىڭ بۇيرىغىنىنىى قىلىش؛ ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھنى مەدىلەش.
دىنىمىزدا شۇكرى قىلىشقا يۇقارقىدەك تەرىپلەر بىرىلگەن ئكەن، ئۇنداقتا باشقا دىندىكىلەر ۋە بەزى داڭلىق شەخىسلەر شۈكرى قىلىشقا قانداق تەرىپلەرنى بەرگەن؟
ئامىركىنىڭ 35 - قىتىملىق سابىق پىرەزىدەنتى جون كەنىدى (John F Kennedy) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بىز شۈكۈر قىلغىنىمىزدا، شۇكۈر قىلىشنىڭ ئەڭ كاتتىسىنىڭ سۆزدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىلەن ياشاشتا ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالامسلىقىمىز كىرەك". بۇ يەردە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندە يالغۇز سۆزدە ئەمەس بەلكى بىر ئۆمۈر ئەمىلى ھەركەتىمىز بىلەن تەبىيەتنىڭ يەنى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نىېمىتى ئۈچۈن تەشەككۈر بىلدۈرىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.
ئامىركىلىق تونۇلغان  يازغۇچى ۋە نۇتۇق سۆزلىگۈچى تونى گەسكىنس (Tony Gaskins) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "شۈكۈر قىلىىش دىمەك سەن ھازىرقىدىن ئارتۇقىنى ئۈمۈد قىلمايسەن دىگەنلىك ئەمەس، ئۇ سەن  ئىگە بولغان شەي ئۈچۈن مىننەتدار بولۇش بىلەن بىرگە تىخىمۇ كۆپ شەيگە ئىرىشىش ئۈچۈن سەۋر تاقەت قىلىسەن دىگەنلىك"
مەلۇم بىر شەخس شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئكەن، "شۈكۈر بىزنىڭ ئىنىرگىيەرىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئۈمۈد قىلغان تىخىمۇ كۆپ شەيلەرنى ھاياتىمىزغا ئىلىپ كىلىشىمىزدە كۈچلۈك رول ئوينايدۇ". دىمەك شۈكۈر قىلىش ئادەمگە توغۇرا ۋە ئاكىتىپ ئىنىرگىيە بىغىشلايدۇ. كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يىتىش ئۈچۈن كۈچ قۈۋەت ئاتا قىلىدۇ.
يەنە بىر نەمەلۇم شەخس شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بەخىت بىزنى شۈكۈر قىلدۇرمايدۇ، ئەكسىنچە شۈكۈر بىزنى بەخىتلىك قىلىدۇ". ھەقىقەتەنمۇ شۈكۈر قىلىش ئىنسانغا بەخىتىلىك تۇيغۇسى بىغىشلايدۇ، ئىنساننىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەيدۇ. نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىىق مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىشتىن ساقلايدۇ. شۈكرى قىلىشنى بىلمىگەن ئىنسان نائىنساپ ۋە ئاچ كۆز كىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇنداق كىشىلەر مەڭگۈ ھەقىقى بەخىتلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
ئامىركىلىق مەشھۇر قارا تەنلىك ئايال ئوپراخ ۋىنفىرەي (Oprah Winfrey) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئكەن، "ئگە بولغانغا شۈكۈر قىل، ئاندىن سەن تىخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئىرىشىسەن؛ ئەگەر سەن نائىنساپلىق قىلساڭ، مەڭگۈ  قانائەت قىلمايسەن". دىمەك شۈكۈر قىلىش دىگەنلىك ھازىرقىدىن ئارتۇقىغا ئىگە بولما دىگەنلىك ئەمەس. ئىنسان شۈكۈر قىلىش ئارقىلىق نائىنساپلىق ۋە ئاچ كۆزلۈكتىن ساقلىنلايدۇ. ئىنسان شۈكرى قىلغاندا باشقىلارنىڭ نىسىۋىگە كۆز تىكمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەيدۇ ۋە رىقابەتتە ئادىل بولىدۇ.
ئامىركىلىق يازغۇچى مىلودى بىتتىې (Melody Beattie) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئكەن، "شۈكۈر بىزگە ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلىتىدۇ، بۈگۈنىمىزگە راھەتلىك ئىلىپ كىلىدۇ، ئەتىمىزگە گۈزەل تەسەۋۇر بەرپا قىلىدۇ". دىمەك شۈكرى قىلىش بىزگە ئۆزىمىزنى تىخىمۇ ياخشى تونىتىدۇ، نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى ۋە نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ھەر زامان خاتىرلىتىدۇ.
قەدىمقى رىملىق سىياسەتچى سىسىرو (Cicero) شۈكرى قىلىش توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "شۈكۈر ئەڭ گۈزەل ئەخلاق بولۇپ قالماستىن, ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئاتىسى". دىمەك ئىنسان شۈكرى قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارغا يول ئاچالايدۇ.
شۈكۈر قىلىش دىمەك، كايىناتنى ۋە بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيئنى،  ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى تونۇپ يىتىش دىمەك. شۈكۈر قىلىش دىمەك ئاللاھنىڭ بىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن  ياراتقان ھەر شەيئسى، بىزگە بەرگەن ساغلام تەن ۋە ئەقىل پاراسىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دىمەك؛ شۈكۈر قىلىش دىمەك ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ھەر شەيئسى ئۈچۈن يالغۇز ئىغىزدا ئەمەس، بەلكى ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن تەشەككۇر ئەيتىشىمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىمىز كىرەك دىمەك.
شۈكۈر قىلىش دىمەك، ھەرگۈزمۇ ھازىرقى ھالىمىزگە قانائەت قىلىپ، بىر ئىزدا توختاپ قىلىش دىگەنلىك ئەمەس؛ شۈكۈر قىلىش دىمەك، ھەرگۈزمۇ ھازىر ئىگە بولغان شەيىدىن ئارتۇقىغا ۋە ئۇنىڭدىن ياخشىسىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمۈد قىلماسلىق، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن تىرىشماسلىق ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش دىگەنلىك ئەمەس. شۈكۈر قىلىش دىمەك، ھەرگۈزمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نىسىۋىمىزنى باشقىلار تارتىۋالغاندا، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ جىم ئولتۇرۇش دىگەنلىك ئەمەس.
بىز ئادەتتە بىر پۇتى سۇنۇپ كەتكەن ياكى بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ئادەمنى كۆرگىنىمىزدە، ئاللاھنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىككىلا پۇتىمىزنى ساق سالامەت قىلغىنىغا شۈكۈرلەر ئەيتىمىز. بىر پۇتى يوق ئادەم، گەرچە ئىككى پۇتى ساق ئادەملەرنى كۆرگەندە كۆڭلى يىرىم بولسىمۇ بىراق ئككى پۇتى ئككى قولى يوق ئادەمنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ كەم دىگەندە بىر پۇتى ۋە ئككى قولىنىڭ ساق بولغانلىقىغا شۈكرى قىلىشى مۈمكىن. بۇ يەردىكى شۈكۈر ھەرگۈزمۇ يالغۇز ئككى پۇتىمىزنىڭ ياكى ئككى قولىمىزنىڭ ساق بولىشىنىڭ ئاللانىڭ بىزگە قىلغان نېئمىتى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى ئككى پۈتىمىزنىڭ ساق بولىشىغا يارىشا، ئككى پۇتى ساق بولمىغانلار قىلالمىغان ئىش ھەركەتكەتلەرنى قىلىشىمىز، ۋە ئاللاغا ئەمىلى ھەركىتىمىز ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش كىرەك دىگەنلىكتۇر. بۇ بىزنىڭ ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن ئاللاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرشىمىزدۇر.
بىز ماشىنا ھەيدەپ يولدا كىتىۋىتىپ، كونا ۋەلىسىپىتكە مىنىپ كىتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرگەندە، بىزدە بىر خىل قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، نەتىجىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىرىشكەنلىرىگە شۈكىرى قىلىمىز. ئەگەر بىر كۈنى بىر تونىشىمىزنىڭ شەخسى ئايرۇپىلانى بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنىمىزدە ۋە ياكى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىدىن پەيدا بولغان قانائەت تۇيغۇسى مەلۇم دەرىجىدە سۇسلىشىپ ياكى تۆۋەنلەپ كىتىشى مۈمكىن. بۇ نورمالدا باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇش ۋە سىلىشتۇرماسلىق مەسىلىسى بولماستىن، ئەكىنچە ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىې ئىنكاسدۇر. چۈنكى ئاللاھ بىز بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ شۈكۈر قانائەت قىلىش نۇقتىسىنى ئايرىم ئايرىم پەرىقلىق قىلىپ ياراتمىغان. چۈنكى ئاللاھ كايىناتنى ۋە بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيىنى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتقان؛ ئاللاھ ھىچ بىر شەيئنى بىر قىسىم كىشىلەرگە كۆپ نىسىپ قىلغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئاز نىسىپ قىلغان ئەمەس. بۇ دۇنيادىكى ھەر شەيئنى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقان ئاللاھ، بىزگە ساغلام تەن ۋە ئەقىل پاراسەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھ، كايىناتتىن  پايدىلىنىش ۋە بەھرىمان بولۇش  پۇرسىتىنى ھەممە ئادەمگە باراۋەر ئاتا قىلغان. ئەگەر باشقىلار تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆزىگە ۋە ئىنسانىيەتكە توھپە قوشقان بولسا، بىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىش ھەققىمىز، ھوقۇقىمىز ۋە مەجبۇريىتىمىز بار. بۇ بىزنىڭ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ھەر شەيئسى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئەمىلى تەشەككۈرىمىز ۋە شۈكۈرىمىزدۇر.
ساخاۋەتلىك قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن مال دۇنياسىنى ئېئانە قىلىش، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئەڭ ئەمىلى ۋە ئەڭ ياخشى ئىپادىلىرىدىن بىرى بولسا كىرەك. چۈنكى ساخاۋەتلىق قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ مال دۇنياسىنى ئېئانە قىلغان ئادەم ئۈزلىكسىز تىرىشىپ، جاپالىق ئىشلىگەن، بايلىق ياراتقان بىراق بايلىقنى دوست تۇتمىغان ئادەمدۇر.
مىكرو سوفىت شىركىتىنى بەرپا قىلغۇچى بىل گەيتىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى پەن تەخنىكا ۋە ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن 50 مىلىيارت دوللار ئىئانە قىلغان ئىكەن. سەئۇدى ئەربىستانلىق بانكىچى سۇلايمان بىن ئابدۇل ئەزىز ئەل راجى ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئۈچن 5.7 مىلىيارد دوللار ئىئانە قىلغان ئىكەن.  نىيورۇك شەھەرىنىڭ بۇرۇنقى شەھەر باشلىقى مايكىل بۇلۇمبىرگ ھازىرغا قەدەر ھەر خىل ساخاۋەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈچ مىلىيارت دوللار ئىئانە قىلغان ئىكەن. تور ئارقىلىق مال ساتىدىغان ئى بەي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئى بەي شىركىتىنىڭ ھازىرقى باشلىقى،  پارىستا تۇغۇلغان ۋە ھازىر ئامىركىدا ياشايدىغان ئىرانلىق ئومىديار ئەپەندىم ھەر خىل ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بىر مىلىيارت دوللار ئىئانە قىلىدىكەن.
بىزنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، توختىماي تىرىشىپ، جاپا مۇشاقەتلىك ئىشلەپ، ئىگىلىك تىكلەپ، بايلىق ياراتقان، ۋە بايلىقلىرىنى مىللەتنىڭ مىللى مۇئارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە، يىتىم يىسىرلارغا يار يولەك بولۇشقا سەرىپ قىلغان نۇرغۇن ساخاۋەتچىلىرىمىز ئۆتكەن. ئۇلار ئاللاھ بەرگەن ئەقىل پاراسەتنى ئىشقا سىلىپ، تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىگىلىك يارىتىپ تاپقان مال دۇنياسىنى ئاللاھقا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان. ئۇندىن باشقا خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان نۇرغۇن ئالىملىرىمىز، ئەدىپلىرىمىز، تارىخچىلىرىمىز ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نىئمەتلىرىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بىلىم ئىگەللەپ، كىيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىلەش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۇشىدۇر.   مىنىڭ قارىشىمچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئاللاغا شۈكىرى قىلغۇچىلاردۇر.
يىغىنچاقلاپ ئەيىتقاندا شۈكۈر قىلىش دىمەك ئۆزىمىز ئگە بولغان ھەر شەيىئىنىڭ ئاللاھنىڭ نىمىتى ئكەنلىگىنى تونۇپ يىتىش ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش دىمەك.

No comments: