مەمەت ئىمىن
يىقىنقى بىر بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئىجتىمايى تاراتقۇدا،
نەمەلۇم بىر يەسلىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتتاي ئوقۇتقۇچىسى سورىغان بىر نەچچە
سوئالغا ناھايتى ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەرگەن سىن فىلىمى “مىللى قىرغىنچىلىق، مىڭە
يۇيۇش” تىمىسى بىلەن كەڭ تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى
تارتتى.
سورالغان سوئاللار ۋە ئۇ بالىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى
سوئال سورۇغۇچى: ئىسمىڭ نىمە؟
بالا: موخاممەد
سوئال سورۇغۇچى: سەن قايسى دۆۋلەتنىڭ پۇخراسى؟
بالا: جۇڭگو (خىتتاي) پۇخراسى
سوئال سورۇغۇچى: جۇڭگونىڭ پايتەختى نە؟
بالا: بىيجىڭ
سوئال سورۇغۇچى: يۇرتۇڭ نە؟
بالا: شىنجاڭ
سوئال سورۇغۇچى: قانچە ياشقا كىردىڭ؟
بالا: 5 ياشقا
سوئال سورۇغۇچى: قانچە يىقىن دوستۇڭ بار؟
بالا: ئىككى
سوئال سورۇغۇچى: جۇڭگونىڭ دۆۋلەت بايرىقى نىمە؟
بالا: بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق
سوئال سورۇغۇچى: سەن قايسى يەسلىدە؟
بالا: بىيجىڭ ......
خىتتاي ھۆكۈمىتى بىزگە مىللى قىرغىنچىلىق ئىلىپ
بىرىۋاتامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. باللىرىمىزنىڭ مىڭىسىنى يۇيىۋاتىدۇ؟. ئەلۋەتتە يۇيىۋاتىدۇ. خىتتاي ھۆكۈمىتى مىللى كىملىكىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى ۋە
مەدىنىيىتىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ؛ باللىرىمىزنى خىتتاي مەدىنىيىتى بىلەن
تەربىلەۋاتىدۇ. بىراق بىز بىشى يوق ئاخىرى يوق، ۋەقەنىڭ ئالدى كەينى ۋە ماھىتىگە
ئازراق ئىززاھات بەرمەي تۇرۇپ، بۇ بالا نىمە ئۈچۈن شۇنداق خاپا، بۇ بالىنىڭ ئۇ
ئاچچىغى ۋە غەزەپ نەپرىتى نەدىن كەلگەن دىگەنگە ئىنىقلىما بەرەي تۇرۇپ، پەقەت بۇ
سىن فىلىمىدىكى بىر نەچچە سوئال جاۋاپنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپلا، ئۇنى مىللى
قىرغىنچىلىق، مىڭە يۇيۇش دەپ چۈشەندۈرسەك، باشقىلارنى قائىل قىلالمايمىز، ھەم
شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىز دىگەن سۆزلەرنىڭ راسلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر
يەتكۈزىمىز.
ھىچقانداق بىر دۆۋلەتتە، كىچىك بالىلارغا بۇ ساۋاتلارنى
ئۈگەتكەنلىك مىڭە يۇغانلىق ھىساپلانمايدۇ. ئامىركىدا، كىمنىڭ بالىسى بولسۇن، نەدىن
كەلگەن بالا بولسۇن، بۇ خىلدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەنى بۇنىڭدىن بەكرەك قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىاىكى ئەڭ چوڭ پەرىق، ئامىركىدا بولسا باللارنىڭ ئاتا ئانىسىنى جازالاش، تەھدىت قىلىش ئارقىلىق ئەمەس بەلكى
مەدىنى بىر ئۇسۇلدا ئىلىپ بارىدۇ. ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە بۇ خىلدىكى
ۋەتەنۋەرپەرلىك تەربىيە مەۋجۇت.
ئەگەر بۇ سىن فىلىمىگە دىققەت قىلساق، بۇ ئۇ سوئال
سورىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسياتى تۇتۇپ قىلىپ، مۇنداقچە سىنغا ئىلىپ تورغا چىقىرىپ
قويغان نەرسە ئەمەس. ئۇ تەشۋىقات ئۈچۈن پىلانلىق تەييارلانغان سىن فىلىمى بولۇشى
مۈمكىن. پۈتۈن ئاخباراتلاردا “خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىم
قويۇشىنى چەكلەۋاتىدۇ، مۇسۇلمانچە ئىسمى بارلارنىڭ ئىسمىنى مەجبۇرە ئۆزگەرتىۋاتىدۇ” دەۋاتقان بىر مەزگىلدە،
موخاممەد ئىسىملىك بىر بالىنى تىپىپ، ئۇنىڭ بۇ سوئاللارنى سوراپ، ئۇنىڭغا جاۋاپ
بەرگۈزۈش ئارقىلىق، خىتتايدا ئۇيغۇرلار موخاممەد دەپ ئىسىم قويالايدۇ، ئۆزىنى
خىتتاي پۇخراسى دەپ قارايدۇ دىگەن ئۇچۇرنى بىرىۋاتىدۇ.
شۇڭا بىز بولۇپمۇ تەشۋىقات قىلىۋاتقان دوست بۇرادەرلەر،
ئۆزىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇسىغا ئاساسەن ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماي، بىزدىن باشقا نۇرغۇن
ئىنسانلار بۇ ئىشنىڭ ماھىتىگە بىز يەتكەندەك يىتەلمەيدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئايىغىمىزنى
كىيىپ باقمىغان دەپ قاراپ، بۇ سىن فىلىمىگە ئاددى قىلىپ “مىللى قىرغىنچىلىق، مىڭە
يۇيۇش” دىگەندەك نامنى بەرمەي، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتە
ئازراق چۈشەنچە بەرسەك، ئاڭلاتماقچى بولغان ئۇچۇرىمىزنىڭ قايىل قىلارلىق كۈچى
تىخىمۇ يۇقۇرى بولىشى مۈمكىن.
بۇ بالىنىڭ سورالغان سوئالغا جاۋاپ بەرگەن ھالىتىدىن ۋە
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇش ئەمەس بەلكى بىر خىل غەزەپ نەپرەت ۋە ئامالسىزلىق چىقىپ
تۇرۇدۇ. دىمەك بۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بەلكىم خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ
كىتىلگەن ۋە لاگىرلارغا قامالغان. ئۇ بالا ئاتا ئانىسىدىن ئايرىۋىتىلگەندىن كىيىن
ئاتا ئانىسى ھايات تۇرۇپ، يىتىم بالا ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولغان ۋە
ئاخىردا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان ھازىرقى مۇھىتقا يۆتكەپ كىلىنگەن. بو بالانىڭ
ئاتا ئانىسىدىن ئايرىۋىتىلگىنىگە قاتتىق نارازىلىقى بار بولۇپ، ئۇ كۆڭلىدە ئۇلار
ئۈگەتكەن مەزمۇنلارنى ئۈگۈنۈپ، ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاپ بەرسەم بەلكىم
تىزراق ئۆيۈمگە قايتىمەن دىگەن ئۈمۈتتە، سورالغان سوئاللارغا بىر خىل تەخىرسىزلىك،
قوساق كۆپىكى ۋە ئاچچىقلىنىش ئىچىدە جاۋاپ بەرگەن بولىشى مۈمكىن.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك، ۋەتەندە ئاتا ئانىسى
تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن بالىلار يەتىم بالىغا ئايلىنىپ، ئۇرۇق تۇققان ۋە ئاتا
ئانىسىدىن مەجبۇرە ئايرىلىپ، خىتتاينىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كىتىلمەكتە ۋە
خىتتاي مەدىنىيىتى بىلەن تەربىلەنمەكتە. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى جازا
لاگىرلىرىگە مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ يىتەرلىك
دىققىتىنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلغاندا،
باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دىققىتىنى يىغىش ئۈچۈن، ئارقا كورۇنۇش ئەھۋالىنى سەل
تەپسىلە قىلىپ ئاڭلىتىشقا تىرىشساق.
No comments:
Post a Comment