Sunday, January 17, 2021

ئادەم نىمگە ئاساسەن مەلۇم نەرسىگە ئىشىنىدۇ؟

 ئادەم نىمگە ئاساسەن مەلۇم نەرسىگە ئىشىنىدۇ؟

 مەمەت ئېمىن

بىر ئادەمنىڭ نىمىگە ئىشىنىشى، نىمىنىڭ راسلىقى ۋە ياكى نىمىنىڭ ھەققانىيەت ئىكەنلىكىگە باغلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەر ئادەمنىڭ نىمىنى راس دەپ تاللىشىغا، يەنى نىمىگە ئىشىنىشنى خالىشىغا باغلىق. نورمالدا ھەممىمىز ئۆزىمىز ئىشەنگەن نەرسىنى ھەق ياكى ھەققانىيەت دەپ قارايمىز. ئەمىلىيەتتە دۇنيادا ھەممە ئادەم ئورتاق قوبۇل قىلغان مۇتلەق ھەققانىيەت يوق. ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلغان ھەققانىيە ئۆلچىمى بولۇپ، ئورتاق مەنپەتكە ئىگە بىر توپ كىشىلەرنىڭ، بىر مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئۆلچىمىدە بەزى ئورتاقلىق بولىدۇ؛ لىكىن ئۇ دىگەنلىق ئۇ ھەممە ئادەمگە ئورتاق بولغان ئۇنىۋىرسال ھەققانىيەت دىگەنلىك بولمايدۇ. مۇنداقچە ئەيىتقاندا ھەققانىيەتنىڭ ھەممىگە ماس كىلىدىغان ئۆلچىمى يوق. پەقەت مەلۇم جەمىيەت ياكى مەلۇم توپلۇم ئارىسىدىكى كۆپ ساندا كىشىلەر قوبۇل قىلغان نىسپى ھەققانىيەت ئۆلچىمى بار.

 

بىر ئادەمنىڭ نىمىگە ئىشىنىشىدە تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئامىل ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ.

 

1. ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىدە قانائەت ھاسىل قىلىشى؛ ئىنسان ھەر خىل سەۋەپلەردىن بولۇپمۇ ئۆز سەۋەبىدىن ئىشلىرى روناق تاپمىغاندا ياكى پىشكەنلىككە ئۇچۇرغاندا، سەۋەبىنى تاشقى ئامىللاردىن ئىزدەپ، ئۆز كۆڭلىنى راھەتلەندۈرۈشكە، ئۆزىنى ئەيىپلەشتىن قۇتۇلۇپ، قانائەت ھاسىل قىلىش ئىھتىياجى بار. بۇ ئۇ ئادەمنىڭ نىمىگە ئىشىنىشنى تاللىشىدا  ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ.

 

2. ئىنساننىڭ نىمىنى ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق دەپ قارىشى؛ گەرچە ھەممە ئىنسان ئۆزى ئىشەنگەن نەرسىنى ھەققانىيەت دەپ ئىشىنىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئەمىلىيەتتە ئۇ ھەر بىر ئىنسان ۋە ياكى مەلۇم بىر ھەۋىم ئۆز مەنپەتىنى مەركەز قىلغان بىتەرەپلىمىلىك ھەققانىيەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ رىياللىقنى ئەينەن تونۇپ يىتىشىگە ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن؛ئىنسان كۆز ئالدىدىكى مەنپەھەت ۋە ياكى باشقىلار تاشلاپ بەرگەن يەم ئىنساننىڭ كۆزىنى كۆرمەس قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئىنسان رىياللىقتىن ئايرىلىپ، كۆز ئالدىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان، بىراق ئىرىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان مەنپەھەتنىڭ ئارقىسىدىن كىتىپ قالىىشى مۇمكىن.

 

 

3. قارشى تەرەپكە بولغان پوزىتسىيەرىمىز؛ يەنى دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى دوستۇمدۇر نەزىريەسىنىڭ تەسىرى. دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى ھەر دايىم دوستىمىز بولۇشى ناتايىن. ئەگەر بىر ئىنسان، دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى چوقۇم دوستۇم دەپ قاراپ، ئۇنىڭ قولى بىلەن دۈشمىنىدىن ئىنتىقام ئىلىش ئىستىكى بەك كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ نىمىگە ئىشىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

 

ھەرقانداق جەمىيەتتە ئىشەندۈرگۈچىلىك رول ئوينايدىغانلارنىڭ سانى ئاز، ئىشەنگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، ئىشەندۈرگۈچىلەر ئۆزى تەشەببۇس قىلىۋاتقان نەرسىگە ئىشىنىشىمۇ مۇمكىن، ئىشەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئۆزى ئىشەنمىگەن نەرسىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ھىلىمىكىرلىك بولۇپ، ئۇ دۇنيانى كونتۇرۇل قىلماقچى بولغانلارنىڭ ھەم شۇنداقلا دىكتارتۇرلۇق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. ئەلۋەتتە دېموكىراتىك تۈزۈمدىمۇ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقماقچى بولغانلار، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ يۇقارقى پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل چارە تەدبىر ۋە ۋاستىلار ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن.


مەيلى قايسى سەۋەبتىن ۋە ياكى قانداق سەۋەبتىن بولسۇن، ئەگەر ئىشەندۇرگۈچىنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولمىسا، ياكى ئىشەندۈرگۈچى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ يەتمىگەن بولسا، نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، بىر مىللەتكە، بىر دۆلەتكە ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان پادىشاھلار، ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ئاللاھنىڭ تاللىشى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشكە ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. كومىنىست پارتىيەسى بولسا، يوقسۇللارنى جەمىيەتكە خوجا قىلىپ، باراۋەرسىزلىكنى يوقۇتۇش شۇئارى بىلەن ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان.


خىتاي كومىنىست پارتىيەسى 1921 - يىلى 7 ئايدا، ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىنقىلاب نىزامنامىسىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، خىتاي كومىنىستك پارتىيەسى بۇ گۈزەل ئالدامچىلىق سۆزلىرى ئارقىلىق، خىتاي خەلقىنى ئىشەندۈرۈپ، ئەسلى ئۆزىدىن خىلى كۈچلۈك بولغان ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى گومىنداڭ پارتىيەسىنى يىڭىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان ۋە ئۇ ھاكىمىيەتنى 70 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان.


 1. پرولتارىياتلار (يوقسۇللار) بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلاب ئىلىپ بىرىپ، كاپىتالىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش،  ئىشچىلار سىنىپىنى قوللاش، ئىنقىلابنى جەمئىيەتتىكى سىنىپلار پەرقى ئاخىرلاشقىچە داۋام قىلىش.

2. پرولېتارىياتلار (يوقسۇللار)  قۇرۇپ چىققان ھاكىمىيەتنى سىنىپىي كۈرەش ئاخىرلاشقۇچە ، جەمىيەتتىكى سىنىپ پەرق تۈگۈگىچە ئېتىراپ قىلىش؛

3. كاپىتالىستىك شەخسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ ماشىنا، يەر ، سېخ ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئامما ئىگىدارچىلىق قىلىش.

4. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈش.


بىز گەرچە ھازىر خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇ تەشۋىقاتلىرىغا ھەرگۈز ئىشەنمىسەكمۇ، بىراق بىز بۇرۇن ئىشەنگەن؛ كەم دىگەندە بىر قىسىم ئادەملىرىمىز ئىشەنگەن. گەرچە بىز نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەندىن كىيىن، ئۇلارغا ئىشەنمەيدىغان بولغان بولساقمۇ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بار. دىمەك ئىنساننىڭ نىمىگە ئىشىنىشى نىمىنىڭ ھەققانىيەت ئىكەنلىكىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ نىمىگە ئىشىنىشنى تاللىشىغا باغلىق.

2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 

No comments:

Post a Comment