Wednesday, March 24, 2021

چېركاۋنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىش داۋاغا راستىنلا سەلبىي تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

چېركاۋنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىش داۋاغا راستىنلا سەلبىي تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ 

 

مەمەت ئېمىن

 

كۆپىنچىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، كانادادىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقى ۋە پىداكارلىقى بىلەن ئەسلى چېركاۋ بولغان بىر بىنانى سېتىۋېلىپ ئۇنى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىئانە توپلاش ئېلانى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئوخشىمىغان ئىنكاسلار ئورتىغا چىقتى ۋە ھېلى ھەم ئۇ ئىنكاسلار داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىچىدىكى تېپىك ۋە بىر قەدەر ئومۇملۇققا ئىگە بولغان ئىنكاسلارنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن؛ ئۇنىڭ بېرى ئۇنى قوللاش، ئۇنىڭغا ئىجابىي كۆز بىلەن قاراش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ئاكىتىپ ئىئانە قىلىش؛ يەنە بېرى بولسا ئۇنىڭغا سەلبىي كۆز بىلەن قاراش ۋە ئۇنى تەنقىدلەش؛ بولۇپمۇ چېركاۋنى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇش ياكى ئۇ ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر مەسچىتى دەپ ئاتاشنىڭ، غەربتە كۈنسايىن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان داۋاغا سەلبىي تەسىر كەلتۈرۈشتىن ئەندىشە قىلىش ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئورۇننىڭ ئىسمىنى “ئۇيغۇر مەسچىتى” ئەمەس، بەلكى “ئۇيغۇر مەركىزى” دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىش. مەيلى قايسى خىلدىكى كۆز قاراشتىكى قېرىنداشلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ مەنپەتنى ئويلاپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئېنىق.

 

ئەمدى بۇ ئىشقا سەلبىي قاراشتا بولۇپ، ئۇ چېركاۋنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىشنىڭ داۋاغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەندىشە قىلىشىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن، 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى خەلقارا ئۆزگىرىش، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسلام ياكى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن غەربتە بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈشى، ۋە غەربتىكى  مىدىئالاردا تېرورلۇقنى، ئىسلام ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن باغلاپ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئىسلام قورقۇنچىسى. ئۇندىن قالسا، خىتاينىڭ غەربتە شەكىللەنگەن بۇ ئېقىمنى پۇرسەت بىلىپ، بىزنى تېرورىست قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، بىزنى خەلقارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى قاتارىدا باستۇرۇشى، ھەم شۇنداقلا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن، ئەگەر مۇسۇلمانلىق كىملىكىمىزنى بەك تەكىتلىسەك، غەرىبلىكلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەسلىكىمىزدىن، ھەتتا غەربتە تېررورىزم بىلەن باغلىنىپ قىلىشىمىزدىن ئەندىشە قىلىش.

 

ئەلۋەتتە بۇ ئەندىشىلەر پۈتۈنلەي ئاساسسىزمۇ ئەمەس؛ بىراق شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى يالغۇز ئەندىشە قىلىش بىلەن بىزدىكى ئاساسى مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مۇھىم بولغىنى بىزنىڭ مەسىلىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئەندىشە قىلىشىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يىتىپ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىمىزدا. رادىكاللىق، مەسچىتتە ياكى ئۇ ئورۇننىڭ ئىسمىنىڭ نېمە دەپ ئاتاشتا ئەمەس، بەلكى كونكرېت ئىنساندا. رادىكاللىق مەسچىتكە كىرگەنلەردە بولۇشى مۇمكىن، 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا يېتىپ قوپىدىغانلار ئارىسىدا بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ ساۋاتسىزلار ئىچىدىنمۇ چىقىشى مۇمكىن؛ ئالى مەكتەپتەپلەردە خىزمەت قىلىدىغانلار ئىچىدىن چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر بىز باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىشتىن ئەندىشە قىلساق، مەسچىتتىن ۋە ياكى ئۇ ئورۇننىڭ نېمە دەپ ئاتىلىشىدىن ئەمەس، بەلكى كونكرېت ئىنسانلاردىن، بولۇپمۇ رادىكال ئىدىيىسى بار ئىنسانلاردىن ئەندىشە قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۆزگەرتىمىز دېسەك ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، بەلكى كونكرېت ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ رادىكال ئىدىيىسى بار ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئىنسانلار ۋە رادىكال ئىددىيەلەر ئۆزگەرمەي، ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ ئۆزگەرتكەننىڭ ھەممىسى بېكار. ئىنسانلار رادىكال بولمىسا ياكى رادىكال ئىددىيەلەر بولمىسا، ئۇلار بارىدىغان يەرنىڭ ئىسمى نېمە بولۇشى چوڭ مەسىلە بولمايدۇ.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكاللىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىغا، كېيىم كېچەكلىرى ۋە ساقال بۇرۇتلىرى بىلەن باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشىنى ئالدى بىلەن بەزى ئىسىملارنى چەكلەش ياكى بەزىلەرنىڭ ئىسمىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىشتىن، كېيىم كېچەك ۋە ساقال بۇرۇتلىرىغا چەكلىمە قويۇشتىن باشلىدى. ئەگەر بىزمۇ سەۋەنلىكنى ئىسىمدىن، تاشقى كۆرۈنۈشتىن ئىزدەپ، قۇيۇلغان ئىسىمدىن ئەندىشە قىلىپ يۈرسەك، بىزنىڭ بىزگە چەكلىمە قويغانلاردىن، ئىسلامنى تەھدىت دەپ تەشۋىق قىلغانلاردىن نېمە پەرقىمىز بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار غەربتە مۇسۇلمان دەپ تونۇلدى. غەرب ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان دەپ بىلىپ تۇرۇپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ھەم شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتى بولۇشى ھەممىگە ئايان. خۇددى غەرىپلىكنىڭ ئىسمى بىلەن بىزنىڭ ئىسمىمىز پەرقلىق بولغاندەك، غەرىبلىكنىڭ ناماز ئۇقىدىغان يېرىنى چېركاۋ دەپ ئاتىسا، مۇسۇلمانلار ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنى مەسچىت دەپ ئاتايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن، ئۇ چېركاۋنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىشتىن ۋە شۇ سەۋەپتىن غەرىبلىكلەرنىڭ بىزگە يامان كۆزى بىلەن قاراشتىن بەك ئەندىشە قىلىشىمىز ئارتۇقچە بولسا كېرەك. باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى ئەلۋەتتە موھىم؛ بىراق يالغۇز باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان تەسىر بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە يەتمەيدۇ؛ بىزنىڭ تەقدىرىمىز، مەيلى ئۇ شەخسى نۇقتىدىن بولسۇن ياكى پۈتۈن بىر مىللەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئۇ ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. غەربتە، بىز بارىدىغان پۈتۈن مەسچىتنىڭ نامىنى تامامەن ئۆزگەرتسەكمۇ، ئۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئومۇمى ساپاسى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. بىز ئەندىشە قىلغان ئىدىيەلەر بىراقلا يوقاپ قالمايدۇ؛ غەرىبلىكەرنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى بىراقلا ئۆزگىرىپ كېتىشى ناتايىن. ئەگەر بىز غەربتە ياخشى تەسىر قالدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، بىز شەكىلدە ۋە ياكى ئىسىمدا ئەمەس، بەلكى خەلقىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىنچلىق سۆيەر بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىمىز تىكلىشىمىزگە كېرەك.

 

زىيالىي، بىر مىللەتنىڭ يول باشچىسى، خەلقنى يېتەكلىگۈچى. زىيالىينىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلمى ماقالىلارنى ئېلان قىلىش ئەمەس؛ زىيالىينىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز مىللەتنى تەنقىت قىلىش ۋە ياكى كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشلارنى ئەيىبلەپ، ئۇنى ئىنكار قىلىش ئەمەس. زىيالىينىڭ ۋەزىپىسى خەلقنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى نەدىن نەگىچە ۋە خەلق نېمىگە ئېھتىياجلىق دېگەننى تونۇپ يىتىپ، خەلق ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى، ئۇلار چۈشەنگۈدەك تىل بىلەن ئۇلارغا يەتكۈزۈشنى بىلىش ياكى ئۇنىڭ زۆرۈريىتىنى تونۇپ يىتىش. خەلقىمىز ئىچىدىكى زىيالىيلار قوشۇنى گەرچە كۈنسايىن زورىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلقىمىزنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلام سەۋىيەدىكىلەر يەنىلا كۆپ ساندا. ئۇلار دەل تەربىيىلىنىشكە ۋە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا ئەڭ ئىھتىياجلىقلار. ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ئۆزلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى، يالغۇز بىزنىڭ ئۇلارغا قانچىلىق “ئېسىل” يازما، تەربىيە ياكى تەنقىدلەشنى سۇنىشىمىزغا باغلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ نېمىنى تاللىشىغا، نېمىنى ئاڭلاشنى خالىشىغا باغلىق. ھەر قانداق ئىنسان، نېمىنى ياخشى كۆرۈشنى، نېمىنى قوبۇل قىلىشنى، ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تاللايدۇ. تەربىيىلىنىشكە ۋە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىنسانلار، بىزنىڭ ئېسىل ئىلمى ماقالالىرىمىزغا ياكى لىكسىيەلىرىمىزگە ئەمەس بەلكىم ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان تېمىلاردا  تەلىمات ئىلىشقا تېخىمۇ قىزىقىشى مۇمكىن؛ ئۇلار كاتتا مەركەزلەرگە ئەمەس بەلكىم مەسچىتلارغا بېرىشنى تېخىمۇ خالىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز ئۇلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلدا، ئۇلارنى تەربىيەلمىسەك ۋە ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىساق، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرەلمسەك، بىز ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ ئاتىشىمىزدن قەتئىي نەزەر، بىز ئۈمىت قىلغان نەتىجىگە ئىرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەگەر بىز ئارىمىزدىكى دۇنياغا پەرقلىق كۆزى بىلەن قارايدىغان، دۇنيانى پەقەت مۇسۇلمان-كاپىر دەپ ئىككىگىلا ئايرىيدىغان، پەقەت مۇسۇلمانلىقنى تونۇپ، ئۇيغۇرلۇقىغا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى يېنىمىزغا تارتالمىساق، ۋە ئۇلاردا ئۇيغۇرلۇق روھىي بەرپا قىلالمىساق، ئۇ چاغدا داۋاغا ھەقىقى تۈردە زەرار يېتىشى مۇمكىن. بىزدە ئۆزىمىزگە تەۋە مەسچىت بولغاندا، ئارىمىزدىكى پەقەت مەسچىتكە بارىدىغان، باشقا سورۇنغا بارمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، ئۇيغۇر جامائەتلەرىدىن يىراقلىشىپ، ئۇيغۇرلۇقنى ئۇنتۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن.

 

ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنى چوقۇم مەسچىت دەپ ئاتاش كېرەك، ئۇيغۇر ئۆيى ياكى ئۇيغۇر مەركىزى دەپ ئاتىماسلىق كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر كانادادىكى ئۇ ئىشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇ ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر مەسچىتى دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، بىزگە چۈشكەن ۋەزىپە، ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمى تەكلىپ ۋە تەنقىدلەرنى بېرىش، ئۇنىڭ خەيرلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ئەمىلى ياردەمدە بولۇشتۇر.

 

2021 – يىلى 3 – ئاينىڭ 24 - كۈنى


No comments:

Post a Comment