Tuesday, November 13, 2018

زىيالى ۋە سىياسىيون توغۇرسىدا كۆز قاراشلىرىم

زىيالى ۋە سىياسىيون توغۇرسىدا كۆز قاراشلىرىم
ئاۋازلىق ئاڭلاش

مەمەت ئىمىن

بىزدە "ئالىم بولغۇچە ئادەم بول" دىگەن ئاتا سۆزى بار. بۇنداق دىگەنلىك يالغۇز ئادەم بولساڭ، ئالىم بولمىساڭمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بۇ دىگەنلىك ئالىم بول، ھەم شۇنداق ئادەم بولۇشنىمۇ ئۇنۇتما دىگەنلىك. ئالىم دىگەنلىك پەقەت كۆپ نەرسە بىلىدۇ دىگەنلىك، ئەگەر ئۇ شۇ بىلگەن بىلىمىنى توغۇرا ئورۇنغا ئىشلەتمىسە، ئۇ ئالىم ئەمەس بەلكىم زالىم بولىشى، ۋە خەلققە بالا ئاپەت ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.


روسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى، شائىر ۋىسارىيون بەلىنىسكى مۇنداق دىگەن ئىكەن: زىيالى، شائىر، ئەسكەر، ئادۇكات بولماق ياخشىدۇر، بىراق ئادەم بولماسلىق خاتادۇر

بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى، روناق تىپىشى ۋە بۇ دۇنيادا قانچە ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئۇلاردىن چىققان ئالىم ۋە زىيالىلارنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئارانلا  15 مىلىيۇن نوپۇسى بار يەھۇدىلارنىڭ دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئالىم ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ ناھايتى كۆپ بولغانلىقىدىندۇر. يىتەرلىك ئالىم ۋە بىلىم ئادەملىرى بولمىغان، ياكى ئالىم، زىيالىلىرىنى تونىمىغان، ئۇلارنى ئىتىراپ قىلمىغان، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلمىغان مىللەت ھەرگۈز روناق تاپالمايدۇ، ھەتتا باشقىلارغا بىقىندا بولىشى مۈمكىن.

زىيالى ھەقىقەتەنمۇ بىر مىللەتنىڭ ئاساسى كۈچى، يول باشچىسى، مەنىۋى ئوزىقى ۋە ئۈمۈدىدۇر. ئۇنداقتا زىيالى دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ سىياسىيون بىلەن پەرىقى نىمە؟ مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

زىيالى دىگىنىمىز مەلۇم كەسسىپ بويىچە ئالى مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى تەربىيە ئالغان ۋە شۇ كەسسىپ بويىچە ئۈسلىكسىز ئىزدىنىۋاتقان بىلىم ئادەملىرى.

زىيالىلارنى، ئۇلارنىڭ بىلىم داھىرسىگە، بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا، ئىلمى پوسىتسىيەسىگە، ۋە ئۇلارنىڭ بىتەرەپلىمىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش مۈكىن.

1. زىيالى : ئالى مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى تەربىيە كۆرگەن ھەرقانداق بىلىم ئادەملىرى؛ ئۇ كۆپۈنچە ھالدا ئۇنۋىرسال بىر ئۇقۇم.

2. بىقىندا زىيالى : مەلۇم ئورگان، مەلۇم پارتىيە، مەلۇم گۇرۇھ ۋە ئۆزى تەۋە بولغان داھىرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىلىم ئادەملىرى؛

3. مۇستەققىل زىيالى: ھىچقانداق گۇرپا، ھىچقانداق پارتىيە، ھىچقانداق تەشكىلات ۋە ئىدىلوگىيەنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرماي، بىتەرەپلىمىلىك بىلەن مۇستەققىل مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان بىلىم ئادەملىرى.

4. مۇتىخەسىس: مەلۇم كەسسىپتە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئالغان، ۋە شۇ كەسسىپتە ئۈزلۈكسىز تەربىلىنىپ بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بولغانلار؛

5. ئالىم : مەلۇم كەسسىپتە چوڭقۇرلاپ بىلىم ئالغان ۋە شۇ كەسسىپ بويىچە مەخسۇس تەتقىتقات ئىلىپ بىرىپ بەلگۈلۈك يىڭىلىق ۋە نەتىجە ياراتقانلار؛

سىياسىيون  دىگىنىمىز مەلۇم گۇرپا، مەلۇم تەشەببۇس ۋە مەلۇم بىر ئىدىلوگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ۋە شۇ جەھەتتىكى مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق، لىدىرلىق رول ئوينايدىغان كىشىلەر.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى سىياسىيون بىلەن سىياسى پەنلەر بويىچە ئالى بىلىم ئالغان يەنى سىياسەتنى تەتقىق قىلىدىغان سىياسەتشۇناس تۈپتىن پەرىقلىق بولۇپ، سىياسەتشۇناس دىگىنىمىز ئىختىزادشۇناس، تارىخشۇناس، ماتىماتىكا ئالىمى، خىمىيە ئالى دىگەنلەرگە ئوخشاش مەخسۇس سىياسى پەنلەر بويىچە تەتقىتقات ئىلىپ بارىدىغان بىلىم ئادەمى ياكى ئالىم.

سىياسەتشۇناسلارنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بىر سىياسىيون بولالىشى ناتايىن. ئوخشاشلا سىياسىيونلارمۇ سىياسەتشۇناس بولالىشى ناتايىن.

زىيالى بىلەن سىياسىيون ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرىق زىيالى پاكىتنى ئاساس قىلسا، سىياسىيون ئىتىقادنى ئاساس قىلىدۇ. يەنىمۇ ئىنىق قىلىپ ئەيىتقاندا زىيالى پاكىتقا ئاساسەن سۆزلەيدۇ، پاكىتقا ئاساسەن مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ ۋە ئومۇملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. سىياسىيون بولسا پاكىتتىن بەكرەك ئۆزى ئىشەنگەن، ئۆزى ئىتىقات قىلغان قىممەت قاراش ۋە ئىدىلوگىيە بويىچە ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا ۋە ياكى تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ سۆزلەيدۇ، ۋە شۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ.

لاياقەتلىك بىر زىيالى ھەر زامان كەسپى ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىپ، مەشغۇلات ئىلىپ بارغاندا ھىسىياتقا بىرىلمەي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشى،  بىتەرەپلىكنى ساقلاپ، ھەقىقەتنى ۋە ئادەلەتنى قوغدىشى كىرەك.

لاياقەتلىك بىر سىياسىيون ھەر زامان ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ئىدىيە ۋە گۇرپىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن بولغان پاكىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ۋە ياكى ئۇنىڭغا زىيانلىق بولغان پاكىتلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ، پۇتۇن كۈچى ۋە زىھنى بىلەن ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا ۋە ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كىرەك.

لاياقەتلىك بىر سىياسىيون ئۆزى ۋەكىللىق قىلغان گۇرپا ۋە ياكى پارتىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئەھۋالىنى پۇختا بىلگەندىن باشقا، باشقىلارنى چاقىرىق قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى، خەلقنى بىر يەرگە توپلىيالىشى، ئۇلارنى ئۆز ئارا ئىتىپاقلاشتۇرالىشى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىيالىشى كىرەك.

كەسپى ئەخلاق بويىچە مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان ئۆز كەسسىپىدە كۆپلىگەن مۇئاپىقىيەت قازانغان بىر زىيالىنىڭ ياخشى بىر سىياسىيون بولالىشى ناتايىن. زىيالى دىمەك پەقەت ئۆز كەسپىگە قادىر دىمەك، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشقا قادىر دىمەك ئەمەس. زىيالى دىمەك ھەممە ئىشتا پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدۇ، ھەقانىيەتنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ دىمەك. زىيالى دىمەك مەلۇم بىر كەسسىپتە ئىلغار ۋە ئۆزگىچە ئىدىيەگە ۋەكىللىق قىلىدۇ، خەلققە ئۆلگە بولىدۇ ۋە ئۆز كەسسىپىدە باشقىلارغا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ دىمەك.

بىر مىللەتكە خىزمەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار. داۋاغا ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇش، داۋانى ئاكىتىپ قوللاش دىمەك چوقۇم بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ياكى ئۇ تەشكىلاتتا ھوقۇق تۇتۇش دىمەك ئەمەس. ئالتۇننى زەگەر سوقسۇن دىگەندەك، ھەر كەسسىپنى شۇ جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى بولغان كەسسىپ ئەھلى قىلغىنى تۈزۈك. بىزدە "كۈلەلمىسەڭ ھىجايما" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.  سىياسەتنىمۇ سىياسەت ئوينىيالايدىغان ئادەملەر ئوينىغىنى تۈزۈك.

مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم تەشكىلات ۋە ياكى مەلۇم پارتىيەگە ئەزا بولۇش زۆرۈر ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى كۆز قاراش ۋە پىكىر پەرىقى كۈنسايىن ئىغىرلىشىپ، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى زىدىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان ۋە بىر بىرىنى ئەيىپلەۋاتقان مەزگىلدە، زىيالىلار ئۈستىگە چۈشكەن ئەڭ موھىم ۋەزىپە مىللەتنىڭ ئومۇمى مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ مۇستەققىللىقىنى ساقلاپ، پاكىتقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىتەرەپلىمىلىك پوزىتسىيە بىلەن تەشكىلاتلار ئارىسىدا كىلىشتۈرگۈچىلىك رول ئويناش، مىللەتنىڭ ئۇنىۋەرسال ساپىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، كەسپى بىلىم ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ تەشكىلاتلار ئورتاق پايدىلىنىدىغان تەكلىپ پىكىرلەرنى كۆپچىلىككە سۇنۇش ۋە تەشكىلاتلارنى قىممەتلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ھەرقانداق بىر زىيالى جۇملىدىن ھەرقانداق بىر ئىنسان مەلۇم بىر تەشكىلاتقا تەۋە بولغاندا، چوقۇم ئۆزى تەۋە بولغان تەشكىلاتقا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا توغۇرا كىلىدۇ. نەتىجىدە بىتەرەپلىمىلىكنى ساقلاپ قالالمايدۇ، ۋە ئۆزى تەۋە بولغان تەشكىلات ئىچىدە يۈز بەرگەن خاتالىقلارغا توغۇرا ھۆكۈم چىقىرالماسلىقى مۈمكىن.

ھازىرقىدەك بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىس ۋە ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە تەشكىلات سىرتىدىن قارايدىغان، بىرەر تەرەپكە ئىغىپ كەتمىگەن ھالدا يۈز بەرگەن خاتالىقلار ئۈستىدىن توغۇرا يەكۇن چىقىرىپ، تەشكىلاتلارنى ئۆز ئارا كىلىشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدىغان مۇستەققىل جامەت ئەربابلىرىنىڭ ۋە زىيالىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تىخىمۇ زۆرۈر.

ئامىركىدا ھىچقانداق پارتىيە ۋە سىياسى گۇرپىلارغا تەۋە بولمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس بەلكى دۆۋلەتنىڭ خىراجىتى بىلەن ئۆز كەسپى بويىچە تەتقىتقات ئىلىپ بىرىپ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيەنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئامىركىنىڭ دۆۋلەت مەنپەتى ئۈچۈن تەۋىسيە ۋە تەكلىپلەرنى بىرىدىغان ھەر ساھەدىكى زىيالىلار، مۇتىخەسىسلەر ۋە ئالىملار بار بولۇپ، ئۇلار پەقەتلا پاكىتنى ئاساس قىلىپ ئۆز كەسپى بويىچە تەتقىتقاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ، بىراق سىياسەتكە ئارىلاشمايدۇ، سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بولسا ئۇلارنىڭ تەتقىتقات نەتىجىلىرىدىكى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى تاللاپ ئىلىپ، ئامىركىنىڭ دۆۋلەت مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ھازىرقى ئامىركا پىرەزىدەنتى ئامىركىدا ئەڭ كۆپ بۆلۈنۈش پەيدا قىلغان پىرەزىدەنلەرنىڭ بىرى. ھازىرغا قەدەر ئۇنى قوللايدىغانلار بىلەن ئۇنىنغا قارشى تۇرىدىغانلار ئارىسىدىكى زىدىيەت يەنىلا پەسەيگىنى يوق. مەيلى پىرەزىدەنتنى قوللايدىغانلار بولسۇن، ۋە ياكى ئۇنىغا قارشى تۇرىدىغانلار بولسۇن، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ مەخسەت مۇدداسى ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى قوغداش بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرىق قانداق قىلغاندا ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى تىخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە بولغان كۆز قاراش ۋە ئۇسۇل جەھەتتىكى پەرىقتىن كىلىپ چىققان. پىرەزىدەنتنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئۇنى  قوللىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ پىرەزىدەنت يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئامىركانىڭ تۈپ مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىدۇر. پىرەزىدەنتكە قارىشى تۇرىدىغانلارنىڭ ئۇنىنغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسى سەۋەپ پىرەزىدەنت يۈرگىزىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە زىيان ئەكىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىدۇر. ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر نۇقتىسى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ ئامىركىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى قوغداشتۇر.

بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا گەرچە بەزى پەرىق ۋە زىدىيەتلەر بولسىمۇ، بىراق ئىشىنىمەنكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا يەنىلا ئورتاق بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ مىللى مەنپەتىمىز. شۇ سەۋەپتىن بىزدە پەرىقلىق سىياسەت تۇتقان پەرىقلىق تەشكىلاتلار بولغاندىن سىرىت، ئورتاق مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان مۇستەققىل زىيالىلارنىڭ بولىشىمۇ ناھايتى موھىم.

بىز مەيلى زىيالى بولايلى، مەيلى سىياسىيون بولايلى ۋە ياكى ئادەتتىكى پۇخرا بولايلى، ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش بەكلا موھىمدۇر. سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن ئىزدەپ، ئۆز ئارا ئەيىپلەش بىلەن ھىچقانداق ئىش پۈتمەيدۇ.


ئائىلىدە تەخىر قىلماق سۆيگىدۇر، باشقىلارغا تەخىر قىلماق ھۆرمەتتۇر، ئۆزىگە تەخىر قىلماق ئۆز ئۆزىگە ئىشەنمەكتۇر، ئاللاغا تەخىر قىلماق ئىتىقادتۇر.

2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى نىيورۇك



Wednesday, October 10, 2018

سەرسان بولىۋاتقان بالىلار

سەرسان بولىۋاتقان بالىلار
Maqalining yingi yiziq nusqisi
مەمەت ئىمىن


يىقىنقى بىر بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئىجتىمايى تاراتقۇدا، نەمەلۇم بىر يەسلىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتتاي ئوقۇتقۇچىسى سورىغان بىر نەچچە سوئالغا ناھايتى ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەرگەن سىن فىلىمى مىللى قىرغىنچىلىق، مىڭە يۇيۇشتىمىسى بىلەن كەڭ تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

سورالغان سوئاللار ۋە ئۇ بالىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى
سوئال سورۇغۇچى: ئىسمىڭ نىمە؟
بالا: موخاممەد
سوئال سورۇغۇچى: سەن قايسى دۆۋلەتنىڭ پۇخراسى؟
بالا: جۇڭگو (خىتتاي) پۇخراسى
سوئال سورۇغۇچى: جۇڭگونىڭ پايتەختى نە؟
بالا: بىيجىڭ
سوئال سورۇغۇچى: يۇرتۇڭ نە؟
بالا: شىنجاڭ
سوئال سورۇغۇچى: قانچە ياشقا كىردىڭ؟
بالا: 5 ياشقا
سوئال سورۇغۇچى: قانچە يىقىن دوستۇڭ بار؟
بالا: ئىككى
سوئال سورۇغۇچى: جۇڭگونىڭ دۆۋلەت بايرىقى نىمە؟
بالا: بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق
سوئال سورۇغۇچى: سەن قايسى يەسلىدە؟
بالا: بىيجىڭ ......

خىتتاي ھۆكۈمىتى بىزگە مىللى قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىۋاتامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. باللىرىمىزنىڭ مىڭىسىنى يۇيىۋاتىدۇ؟. ئەلۋەتتە يۇيىۋاتىدۇ. خىتتاي ھۆكۈمىتى مىللى كىملىكىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىلىمىزنى، دىنىمىزنى، ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى ۋە مەدىنىيىتىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ؛ باللىرىمىزنى خىتتاي مەدىنىيىتى بىلەن تەربىلەۋاتىدۇ. بىراق بىز بىشى يوق ئاخىرى يوق، ۋەقەنىڭ ئالدى كەينى ۋە ماھىتىگە ئازراق ئىززاھات بەرمەي تۇرۇپ، بۇ بالا نىمە ئۈچۈن شۇنداق خاپا، بۇ بالىنىڭ ئۇ ئاچچىغى ۋە غەزەپ نەپرىتى نەدىن كەلگەن دىگەنگە ئىنىقلىما بەرەي تۇرۇپ، پەقەت بۇ سىن فىلىمىدىكى بىر نەچچە سوئال جاۋاپنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپلا، ئۇنى مىللى قىرغىنچىلىق، مىڭە يۇيۇش دەپ چۈشەندۈرسەك، باشقىلارنى قائىل قىلالمايمىز، ھەم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىز دىگەن سۆزلەرنىڭ راسلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىمىز.

ھىچقانداق بىر دۆۋلەتتە، كىچىك بالىلارغا بۇ ساۋاتلارنى ئۈگەتكەنلىك مىڭە يۇغانلىق ھىساپلانمايدۇ. ئامىركىدا، كىمنىڭ بالىسى بولسۇن، نەدىن كەلگەن بالا بولسۇن، بۇ خىلدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەنى بۇنىڭدىن بەكرەك قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىاىكى ئەڭ چوڭ پەرىق، ئامىركىدا بولسا باللارنىڭ ئاتا ئانىسىنى جازالاش، تەھدىت قىلىش ئارقىلىق ئەمەس بەلكى مەدىنى بىر ئۇسۇلدا ئىلىپ بارىدۇ. ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە بۇ خىلدىكى ۋەتەنۋەرپەرلىك تەربىيە مەۋجۇت.

ئەگەر بۇ سىن فىلىمىگە دىققەت قىلساق، بۇ ئۇ سوئال سورىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسياتى تۇتۇپ قىلىپ، مۇنداقچە سىنغا ئىلىپ تورغا چىقىرىپ قويغان نەرسە ئەمەس. ئۇ تەشۋىقات ئۈچۈن پىلانلىق تەييارلانغان سىن فىلىمى بولۇشى مۈمكىن. پۈتۈن ئاخباراتلاردا خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشىنى چەكلەۋاتىدۇ، مۇسۇلمانچە ئىسمى بارلارنىڭ ئىسمىنى مەجبۇرە ئۆزگەرتىۋاتىدۇدەۋاتقان بىر مەزگىلدە، موخاممەد ئىسىملىك بىر بالىنى تىپىپ، ئۇنىڭ بۇ سوئاللارنى سوراپ، ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگۈزۈش ئارقىلىق، خىتتايدا ئۇيغۇرلار موخاممەد دەپ ئىسىم قويالايدۇ، ئۆزىنى خىتتاي پۇخراسى دەپ قارايدۇ دىگەن ئۇچۇرنى بىرىۋاتىدۇ.

شۇڭا بىز بولۇپمۇ تەشۋىقات قىلىۋاتقان دوست بۇرادەرلەر، ئۆزىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇسىغا ئاساسەن ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماي، بىزدىن باشقا نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ ئىشنىڭ ماھىتىگە بىز يەتكەندەك يىتەلمەيدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئايىغىمىزنى كىيىپ باقمىغان دەپ قاراپ، بۇ سىن فىلىمىگە ئاددى قىلىپ مىللى قىرغىنچىلىق، مىڭە يۇيۇشدىگەندەك نامنى بەرمەي، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتە ئازراق چۈشەنچە بەرسەك، ئاڭلاتماقچى بولغان ئۇچۇرىمىزنىڭ قايىل قىلارلىق كۈچى تىخىمۇ يۇقۇرى بولىشى مۈمكىن.

بۇ بالىنىڭ سورالغان سوئالغا جاۋاپ بەرگەن ھالىتىدىن ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇش ئەمەس بەلكى بىر خىل غەزەپ نەپرەت ۋە ئامالسىزلىق چىقىپ تۇرۇدۇ. دىمەك بۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بەلكىم خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەن ۋە لاگىرلارغا قامالغان. ئۇ بالا ئاتا ئانىسىدىن ئايرىۋىتىلگەندىن كىيىن ئاتا ئانىسى ھايات تۇرۇپ، يىتىم بالا ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولغان ۋە ئاخىردا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان ھازىرقى مۇھىتقا يۆتكەپ كىلىنگەن. بو بالانىڭ ئاتا ئانىسىدىن ئايرىۋىتىلگىنىگە قاتتىق نارازىلىقى بار بولۇپ، ئۇ كۆڭلىدە ئۇلار ئۈگەتكەن مەزمۇنلارنى ئۈگۈنۈپ، ئۇلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاپ بەرسەم بەلكىم تىزراق ئۆيۈمگە قايتىمەن دىگەن ئۈمۈتتە، سورالغان سوئاللارغا بىر خىل تەخىرسىزلىك، قوساق كۆپىكى ۋە ئاچچىقلىنىش ئىچىدە جاۋاپ بەرگەن بولىشى مۈمكىن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك، ۋەتەندە ئاتا ئانىسى تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن بالىلار يەتىم بالىغا ئايلىنىپ، ئۇرۇق تۇققان ۋە ئاتا ئانىسىدىن مەجبۇرە ئايرىلىپ، خىتتاينىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كىتىلمەكتە ۋە خىتتاي مەدىنىيىتى بىلەن تەربىلەنمەكتە. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى جازا لاگىرلىرىگە مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ يىتەرلىك دىققىتىنى قوزغىيالمايۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلغاندا، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دىققىتىنى يىغىش ئۈچۈن، ئارقا كورۇنۇش ئەھۋالىنى سەل تەپسىلە قىلىپ ئاڭلىتىشقا تىرىشساق.











Sersan boliwatqan ballilar


Sersan boliwatqan ballilar
Memet Emin


Yiqinqi bir bir nechche kündin biri ijtimayi taratquda, nemelum bir yeslidiki bir Uyghur balining Xittay oqutquchisi sorighan bir nechche soalgha nahayti achchiqlinip turup jawap bergen sin filimi “milli qirghinchiliq, minge yuyush” timisi bilen keng tarqilip, nurghun kishilerning diqitini tarti.

Soralghan soallar we u balining uninggha bergen jawabi

Soal sorughuchi: Isming nime?
Bala: Moxammed
Soal sorughuchi: Sen qaysi döwletning puxrasi?
Bala: Junggo (xittay) puxrasi
Soal sorughuchi: Junggoning paytexti ne?
Bala: Béyjing
Soal sorughuchi: Yurtung ne?
Bala: Shinjang
Soal sorughuchi: Qanche yashqa kirding?
Bala: 5 Yashqa
Soal sorughuchi: Qanche yiqin dostung bar?
Bala: Ikki
Soal sorughuchi: Junggoning döwlet bayriqi nime?
Bala: Besh yultuzluq qizil bayraq
Soal sorughuchi: Sen qaysi yeslide?
Bala: Béyjing . . . . . .

Xittay hökümiti bizge milli qirghinchiliq ilip biriwatamdu? Elwette ilip biriwatidu. Ballirimizning mingisini yuyiwatidu? Elwette yuyiwatidu. Xittay hökumiti bizning milli kimlikimizni yoq qilish üchün tilimizni, dinimizni, örp adetlirimizni we mediniyitimizni cheklewatidu؛ ballirimizni xittay mediniyiti bilen terbilewatidu. Biraq biz bishi yoq axiri yoq, weqening aldi keyni we mahitige azraq izzahat bermey turup, bu bala nime üchün shundaq xapa, bu balining u achchighi we ghezep nepriti nedin kelgen digenge iniqlima berey turup, peqet bu sin filimidiki bir nechche soal jawapni körsütüp turupla, uni milli qirghinchiliq, minge yuyush dep chüshendürsek, bashqilarni qail qilalmaymiz, hem shundaqla bashqilarning biz digen sözlerning rasliqigha bolghan ishenchisige tesir yetküzimiz.

Hichqandaq bir döwlette, kichik balilargha bu sawatlarni ügetkenlik minge yughanliq hisaplanmaydu. Amirkida, kimning balisi bolsun, nedin kelgen bala bolsun, bu xildiki wetenperwerlik terbiyeni buningdin bekrek qilidi. Ularning arisidiki eng chong periq, Amirkida bolsa ballarning ata anisini jazalash, tehditqilish arqiliq emes, belki medini bir usulda ilip baridu. Ishinimenki nurghun döwletlerde bu xildiki wetenwerperlik terbiye mewjut.

Eger bu sin filimige diqqet qilsaq, bu u soal sorighan oqutquchining hisyati tutup qilip, mundaqche sin'gha ilip torgha chiqirip qoyghan nerse emes. U teshwiqat üchün pilanliq teyyarlan'ghan sin filimi bolushi mümkin. Pütün axbaratlarda “xittay hökümitini uyghurlarning musulmanche isim qoyushini cheklewatidu, musulmanche ismi barlarning ismini mejbure özgertiwatidu” dewatqan bir mezgilde, moxammed isimlik bir balini tipip, uning bu soallarni sorap, uninggha jawap bergüzüsh arqiliq, xittayda uyghurlar moxammed dep isim qoyalaydu, özini xittay puxrasi dep qaraydu digen uchurni biriwatidu.

Shunga biz bolupmu teshwiqat qiliwatqan dost buraderler, özimizning his tuyghusigha asasen aldirap yekün chiqarmay, bizdin bashqa nurghun insanlar bu ishning mahitige biz yetkendek yitelmeydu, ular bizning ayighimizni kiyip baqmighan dep qarap, bu sin filimige addı qılıp “milli qirghinchiliq, minge yuyush” digendek namni bermey, uning arqa körünüshi jehette azraq chüshenche bersek, anglatmaqchi bolghan uchurimizning qayil qilarliq küchi tiximu yuquri bolishi mümkin.

Bu balining soralghan soalgha jawap bergen halitidin we uning közliridin qorqush emes belki bir xil ghezep nepret we amalsizliq chiqip turudu. Dimek bu balining ata anisi belkim xittay hökümiti teripidin tutup kitilgen we lagirlargha qamalghan. U bala ata anisidin ayriwitilgendin kiyin ata anisi hayat turup, yitim bala hayatini ötküzüshke mejburi bolghan we axirda pütünley natonush bolghan hazirqi muhitqa yötkep kilingen. Bo balaning ata anisidin ayriwitilginige qattiq naraziliqi bar bolup, u könglide ular ügetken mezmunlarni ügünüp, ular sorighan soallargha jawap bersem belkim tizraq öyümge qaytimen digen ümütte, soralghan soallargha bir xil texirsizlik, qosaq köpiki we achchiqlinish ichide jawap bergen bolishi mümkin.

Hemmimizge melum bolghunidek, wetende ata anisi tutqun qilin’ghan nurghun balilar yetim baligha aylinip, uruq tuqqan we ata anisidin mejbure ayrilip, Xittayning ichkir ölkilirige yötkep kitilmekte we Xittay mediniyiti bilen terbilenmekte. Hazir köpchilikning diqqiti jaza lagirlirige merkezleshkenliki üchün, bu mesile xelqara metbuatlarning yiterlik diqqitini qozghiyalmaywatidu. Shunga biz bu xildiki uchurlarni xewer qilghanda, bashqilarning uninggha bolghan diqqitini yighish üchün, arqa korunush ehwalini sel tepsile qilip anglitishqa tirishsaq.












Tuesday, October 9, 2018

ھىسسى ئەقىل دىگەن نېمە، ئۇ نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟

ھىسسى ئەقىل دىگەن نېمە؟  ئۇ نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟

ئاپتۇرى: رويەل سىكىدېرى
تەرجىمە قىلغۇچى: سەرۋى

تەرجىماندىن ئېلاۋە:
ھىسسى ئەقىل قانچىلىك مۇھىم ؟ ئىنكاسچان ھەرىكەت دىگەن نېمە، جاۋابەن ھەرىكەت دىگەنچۇ؟ بىز مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخى پەيىتتە تۇرۇپ، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرگە ئەقلى ھالدا جاۋابەن ھەرىكەتتە بولىۋاتامدۇق، ياكى  "شۇنداق قىلغىم كەلگەن ياكى دىگۈم كەلگەن"  - دەپ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدىكى ھەرىكەت ئۇسۇلى بىلەن ئىنكاسچان ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتامدۇق؟ ھىسسى ئەقىلنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بولىش مۈمكىن؟ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلاشتا ھىسسى ئەقىل قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندا، ئازراق پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسىڭىز يۇقۇرىدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز….

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ھەرگىزمۇ ھىسسى ئەقىل توغرۇلۇق كەسپى سەۋىيەدە يېزىلغان ماقالە ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىشىم بۇ ماقالىنى بەكمۇ ئېسىل ماقالە دەپ ئويلاپ قالغانلىغىمدىنمۇ ئەمەس. مەن بۇ ماقالىنى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر توپتا دوستلارغا  "قانداق قىلىپ روھى ھالىتىمىزنى ئۈنۈملۈك كونتىرۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىدىغان سۆز ۋە ھەركەتلەردە بولمايمىز" - دىگەن نوقتىدا سۆز قاتنۇشتۇرغان ۋاقىتتا پايدىلانغان ئىدىم. بۇ ماقالىنىڭ تىلى بەكمۇ ئاددى بولغاچقا سۆزلەش جەريانىدا بىۋاستە پايدىلىنىشقا تاللىغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ماقالىنى كۆپچىلىككە بىر ئاز نەپ بېرەلەيدىكەن دەپ ئويلاپ تىزلا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ( مۇشۇ تىز تەرجىمىگىمۇ سائەتلەپ ۋاقتىم كەتتى… )  ۋە كۆپچىلىككە سۇندۇم. . ئەگەر ھەقىقەتەن بۇ توغرۇلۇق تەرجىمە قىلىمىز ياكى يازما يازىمىز دەپ ئويلىساق توردا بۇنىڭدىن ياخشى يازمىلار نۇرغۇن. تەرجىمىدە جايىغا چۈشمىگەن تېرمىنلار ئۇچرىسا ئىنكاس شەكلىدە تەكلىپ بەرسەڭلار بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى پىكىر- بايانلار ئاپتۇرغا - رويەل خانىمغا تەۋە.

نۇرغۇنلىغان مۇتەخخەسىسلەر بىر ئادەمنىڭ ھىسسى ئەقىل بۆلۈنمىسنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ ھەمدە ھىسسى ئەقىل بۆلۈنمىسىنى شۇ ئادەمنڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت سۈپىتى ۋە شۇنداقلار ھاياتتىكى ئومۇمىيۈزلۈك خوشاللىقىنىڭ بەلگۈلىگىچىسى دەپ بىلىدۇ.



ھىسسى ئەقىل دىگەن بۇ ئۇقۇم دەسلەپتە 1930 - يىلى ئىجتىمائى ئەقىل دەپ ئوتتۇرغا چىققان بولسا، 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھىسسى كۈچ دىگەن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئاتالغۇلار ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغا ھىسسى ئەقىل دىگەن ئاتالغۇغا ئالماشتى.
ھىسسى ئەقىل دىگەن بۇ ئاتالغۇغا بىز زاغرا تىل بىلەن شەرھى بەرسەك، ئۇ تۆۋەندىكى بەش تەرەپنى كۆرسىتىدۇ:

1.ئۆز - ئۆزىنى بىلىش ( ئۆزىگە بولغان ھۇشچانلىق):  ئۆزىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى ۋە ئىنكاسلىرىغا بولغان تونۇشىمىز ۋە بىلىشىمىز.

2.ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش : ھىس تۇيغۇ، كەيپىيات، ئىنكاس ۋە جاۋاپلارنى (ئېغزاكى ۋە ھەركىتىمىزدىكى) باشقۇرۇش، كونتىرۇل قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش.

3.ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ: توغرا ھەم مۇۋاپىق ھەركەتلەرگە ئۆتۈش، مەلۇم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش، مەلۇم پىلانغا قەتئى ئىجرا قىلىش، ھەمدە مەلۇم نىشانغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەش ئۈچۈن ئۆز ھىسياتىنى قاتتىق يۈگەنلىگەن ئاساستا ئۆز- ئۆزىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش.

4.باشقلارنى چۈشىنىشكە تېرىشىش: باشقىلارنىڭ ھىسياتىنى چۈشىنىشكە تېرىشىش ۋە چۈشىنىش جەريانىدا ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇرلارنى باشقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەريانىغا ئاكتىپ تەدبىقلاش.

5. ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ئىقتىدارى: مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈش، ئىجتىمائى ئالاقە سورۇنلىرىدا باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، باشقىلارنى يېتەكلەش، زىددىيەتلەردە مۇرەسسەلىشىش، بىر گورۇپپىدا ئەزالىق سۈپىتى بىلەن ئىشلەپ تۆھپە قوشۇش.

ئەگەر سىز ھىسسى ئەقلنى پەقەت داۋاملىق باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ ياشايدىغان ئادەملەر ئۈچۈنلا مۇھىم دەپ قارىسىڭىز، بۇ توغرىدىكى كۆز قارشىڭىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى ھىسسى ئەقلىچانلىق ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىر ياخشى ماسلاشقان تەڭپۇڭ ھاياتنى ياشىشى ئۈچۈن ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.

1. تەن سالامەتلىك: تۇرمۇشىمىزدىكى بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۆز - ئۆزىمىزدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ بۇلار بىۋاستە ھالدا ھىسسى ئەقلىچانلىق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئۆزىمىزنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ بېسىمغا قارىتا ئىنكاسلرىمىزنى توغرا تونۇغاندىلا بىز ئاندىن بېسىملارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بەدەن ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.

2. روھى ساغلامىلىق: ھىسسى ئەقىل بىزنىڭ ھاياتقا بولغان پوزىتسىيىمىز ۋە كۆز قارشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھىسسى ئەقلىچانلىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئالاقىزادىلىك، چۈشكۈنلىشىش ۋە كەيپىيات داۋالغۇشلاردىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم قىلالايدۇ. يۇقىرى دەرىجىدىكى ھىسسى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ھاياتقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە ۋە خوشال تۇرمۇش بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.

3. زىددىيەت توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش: بىز باشقىلارنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تېرىشقاندا ھەمدە ئۇلارنىڭ نوقتى - نەزەرىدە تۇرۇپ ئويلاشقا تېرىشقان ۋاقتىمىزدا زىددىيەتلەرنى ئاسانراق ھەل قىلالايمىز، ھەتتە شۇ زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى تامامەن ئېلىشىمىزمۇ مۈمكىن. باشىقلارنىڭ خاھىشى ۋە ئىھتىياجلىرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەنلىگىمىز تۈپەيلىدىن زىددىيەتلەردە باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇرەسسەلىشەلەيمىز. كېشىلەرگە نېمە كېرەك ئىكەنلىگىنى ياخشى پەرەز قىلالىغانلىغىمىز تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئھتىياجىدىن چىقاليمىز.

4.مۇۋەپپەقىيەت: يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھىسسى ئەقىل بۆلۈنمىسى بىزگە كۈچلۈك ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تەسىرىدە بىز ئىشلارنى كەينىگە سۆرەش قېتىم سانىمىزنى ئازايتىمىز، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىمىز ۋە بىر نىشانغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىمىز. ھىسسى ئەقلىچانلىق يەنە بىزنى تېخىمۇ ياخشى بولغان قوللاش مۇناسىۋەت تورىغا ئېگە قىلىدۇ، ئوڭۇشسىزلىقنى يېىڭىش ئىقتىدارىغا ئېگە قىلىدۇ، مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىيىن ئەسلىگە قايتىپ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېرادە بىلەن داۋاملىق تېرىشىدىغان قىلىدۇ. ھىسسى ئەقلىچانلىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز - ئۆزىمىزدىن بالدۇرلا ۋە ئاسانلا قانائەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بىزنى ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلەپ ئىش كۆرىدىغان قىلىدۇ.

5. رەھبەرلىك ئىقتىدارى: باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى، باشقىلار بىلەن ئىجابى مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىش ئورنىدا ئىشداشلار بىلەن مۇستەھكەم رىشتە باغلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھىسسى ئەقىل كۆرسەتكۈچىگە ئېگە كىشىلەرنى ياخشى رەھبەرلەردىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بىر ئۈنۈملۈك رەھبەر ئۆز خەلقىنىڭ( ئۆز قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ) نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا قول ئاستىدىكى كىشلەرنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ۋە خىزمەت ئورنىدكى رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىھتىياج - تەلەپلىرىنى جايىدا قاندۇرىدۇ. ھىسسى ئەقلىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى تەتقىق قىلشقا قاتتىق بېرىلگەن ئەقىللىق رەھبەرلەر پۈتۈن گۇرۇپپىغا بىر پۈتۈن ھالدا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ھىسسى ئوخشىماسلىقلىرىغا قاراپ تۇرۇپ سىتىراتىگىيىلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق نەتىجىدە كۈچلۈك گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

ھىسسى ئەقىلنى مۇتەخخەسىسلەر يەنە داۋاملىق تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بىراق بىز تولىمۇ ئېنىق بىلىمىزكى ھىس - تۇيغۇلار بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىز ھەمدە كەسپى ھاياتىمىزدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، بەلكى ھەتتا مېڭىمىزنىڭ ئەمەلى ئەقلى ئىقتىدارىدىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۈگىنىش مەنبەلىرى، قوراللىرى ۋە تېخنىكىلار بىزنى ئۇچۇر ئېگەللەش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلسىمۇ، بىراق ھىچقانداق نەرسە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى بىلىش، باشقۇرۇش ۋە تونۇپ يېتىش ئىقتىدارىمىزنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

ھىسسى ئەقىل ھەرگىزمۇ تۇغما بولمايدۇ، ھىسسى ئەقىل سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاماللىرى بار.

ھەر قانداق نەرسىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن، سىز ھەر زامان كېچىكمەيسىز! قانچە ياش بولىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، ئەقلى ھىسسىچانلىقنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىڭىز ھامان مەۋجۈت! بۇنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئۆزىڭىزنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭىزنى كۆزىتىڭ. بىزنى  "كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئىشنى تۈگتىتپ بولۇپ، يەنە بىر ئىشنى قانداق بىجىرىمەن ۋە قانداق قىىلىپ ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بىجىرىمەن" - دىگەن خىياللار چۇلغىۋالغان ۋاقىتتا، ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنىڭ يۈگىننى قولدىن چىقىرىپ قويىمىز. ئۆزىمىزنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئورنىغا ئۇلارغا سەل قارايمىز. بىز شۇنى تونۇپ يەتمەيمىزكى ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنى باسۇرۇپ قويۇش ئىشلارنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ. ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنى كەينىمىزگە تاشلاشقا تېرىشقانسىرى، ھىس - تۇيغۇلىرىمىز شۇ نچە كونتىرۇللىقىنى يوقىتىدۇ.

بىز بەزەن ئىشلارغا قارىتا چېچىلىپ ئىنكاس بىلدۈرۈپ قالىمىز، بۇ خىل ھالەت ئەسلى ھاياتىمىزدا تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۈت بولغانلىغىدىندۇر. شۇڭا ئەگەر سىز يەنە مۇشۇ خېلدىكى پاسسىپ ئىنكاستا بولغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ، مەندە نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ھالەت كۆرۈلدى دەپ ئويلاپ بېقىڭ. چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىتىپ ئاندىن تىنىچ ئولتۇرۇپ بۇ خىل ئىنكاستا بولۇشىڭىزنىڭ ئىھتىمالى بولغان بارلىق سەۋەپلەرنى خاتىرىلەڭ. تىزىملىككە قاراپ بۇ تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ ئامىللىرى ۋە سەۋەپلىرى ۋە بۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرۇلۇق ئويلىنىڭ.

جاۋابەن ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ، ئىنكاسچان ھەرىكەتكە ئۆتمەڭ.

ئىكاسچان ھەركەت بولسا يوشۇرۇن ئاڭدىن قوزغالغان جەريان بولۇپ، بۇ جەرياندا بىز ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنى يوشۇرۇن ئاڭدا مەۋجۈت ئۇسۇل بويىچە ئىپادىلەيمىز ياكى سىرتقا قويىۋىتىمىز. جاۋابەن ھەركەتكە ئۆتۈش بولسا بىر خىل ئەقلى ئاڭلىق جەريان بولۇپ، بۇ جەريان ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىزغا دىققەت قىلىش ۋە قانداق ھەركەتتە بولۇش ئۈچۈن پائال قارار چىقىرىدىغان جەرياندۇر.

پاسسىپ ھىس - تۇيغۇلىرىڭىزنى قوزغايدىغان ئامىللارنى بىلىۋالسىڭىز، شۇ خىل تۇيغۇلار تەكرارلانغاندا قانداق ھەركەتتە بولۇش توغرۇلۇق ئالدىنئالا قارار چىقىرىۋالالايسىز.

مەسىلەن: ئەگەر سىز ئىش ئورنىڭىزدا بېسىم ئارتىپ كەتكەندە دائىم خىزمەتداشلىرىڭىزغا چېچىلىپ، ئاچچىقلىنىدىغانلىغىڭىزنى ھىس قىلسىڭىزبۇنى خاتىرىلەپ قويۇڭ ھەمدە يەنە بىر قېتىم شۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىۋىلىڭ. بەلكىم سىز خىزمەتداشلىرىڭىزدىن سەمىمىلىك بىلەن كېلەر قېتىم ئاچچىقلىنىپ قالسىڭىز سىزنى يالغۇز قويىشىنى ئۆتۈنسىڭىز ۋە ياكى ئۆزىڭىز بىر جىمجىت جاي تېپىپ بىر نەچچە مىنۇت شۇ يەردە تېنىچلىنىۋىلىش توغرۇلۇق پىلان قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

دائىم كەمتەر بولۇڭ.

سىز داۋاملىق ئۆزىڭىزنى باشقلاردىن ئەقىللىق ھەم قابىلىيەتلىك دەپ ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى نەزەردىن ساقىت قىپ قويۇشىڭىز مۈمكىن. بۇخىل ئەھۋالدا ئەگەر ئىشلار سىز كۈتكەن يەردىن چىقمىسا بەكلا ئۈمىتىسىزلىنىپ كېتىشىڭىز مۈمكىن.

ئوخشاش بىر ئىشقا ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن نەزەر سېلىشنى سىناپ بېقىڭ. باشقىلار توغرۇلۇق ۋە ياكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاننىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېقىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۇلارغا ئوخشاش ئويلاپ بېقىڭ:

سىزمۇ ئۆزىڭىزنى شۇلاردەك تۇيغۇدا بولدۇم دەپ ئويلامسىز، نېمە ئۈچۈن؟ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئوي - خىياللىرىن ۋە ھىس - تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز، بەلكىم كېلەر قېتىم شۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىڭىز مۈمكىن.

كەمتەر بولۇڭ، شۇنى بىلىڭكى، سىز ھەرقانداق ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرمايسىز، ھەمدە دانا بولۇڭكى، سىز ئۆزىڭىزدىن باشقا ھەر بىر ئىنساندىن ئىنتايىن پەرىقلىق بىر ئىنسانسىز!

ھىسسى ئەقىل ئۈگىنىلىدىغان بىر جەرياندۇر، ئۇنى ئۈگىنىش ئۈچۈن توختىماي كۆزىتىش ۋە مەشىق قىلىش كېرەك. قانچە ياشقا كىرگەن بولىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، سىز چوقۇم ھىسسى ئەقلىچانلىقىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز ھەمدە ھاياتىڭىزنىڭ قالغان قىسمىى تېخىمۇ ياخشى ھەمدە خوشال ئۆتكۈزەلەيسىز.

ماقالىنىڭ ئاپتۇرى رويەل( ئايال) - ئىجادچانلىق روھىغا باي بولغان سىتىراتىگىيەشۇناس ھەمدە مەسلەھەتچى بولۇپ، ئۇ مەخسۇس قانداق قىلىپ ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ۋە جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خوشال ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش توغرۇلۇق يېزىقچىلىق قىلىدۇ.

ماقالە مەنبەسى: