Tuesday, December 31, 2019

ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە نەزەر

ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە نەزەر

Yingi yiziq nusqisi
https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/12/insanlarning-herketlendurguch-kuchige.html
مەمەت ئىمىن


ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ھەركەت قىلىشى، ئىشلىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىللار بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەركەت قىلىشى، ئىشلىشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مەخسىتى ۋە مۇدۇئاسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى، ئەڭ ئاساسى ئىھتىياجى بولغان فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجلىرى، يەنى ئىنسانلارنىڭ ھايات ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قوساق تويغۇزۇش، ئىسسىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئىھتىياجى بىلەن ئىنسانلارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىھتىياجى بولغان روھىي ئىھتىياجلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مەنبەسى ھەر خىل بولۇپ، بەزىدە ئۇ تاشقى ئامىل سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، بەزىدە ئۇ ئىچكى ئامىل سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ؛ يەنە بەزىدە ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ ئورتاق سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. تاشقى ئامىل دىگەندە ئىنسانلارغا تەسىر قىلغان مەلۇم شەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ چاقىرىقى، تەشەببۇسى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، ئىچكى ئامىل دىگىنىمىز ئىنساننىڭ مەلۇم مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئىچىدىن قوزغالغان ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئىستىكى كۆزدە تۇتىلىدۇ. نورمالدا ئىچكى ئامىلدىن پەيدا بولغان ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك بىر ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشىدا بەك موھىم رول ئوينايدۇ. 

ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجىنى تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىرىنجى ياكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەڭ ئىپتىدايى ۋە ياشاش ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىھتىياجى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھايات ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يىمەك ئىچمەك، كىيىم كىچەك ۋە ئۇخلاش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىككىنجى ئىھتىياجى بىخەتەرلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە سالامەتلىك ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۈچۈنجى ئىھتىياجى سۆيگۈ ۋە تەۋەلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆيلىك ئوچاقلىق بولۇش، سۆيگۈ مۇھاببەت، دوستلۇق ۋە ئىجتىماي تەۋەلىك ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۆتىنجى ئىھتىجاي ھۆرمەت ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىناۋەت، شان-شۆھرەت، مەرتىۋە ۋە ئابروي ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بەشىنجى ئىھتىياجى ياكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالى ئىھتىياجى ئۆز ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆز ئۆزىنى قانائەت قىلىش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ.





ئىنسانلارنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى ئىھتىياجى، ئىنسانلارنىڭ ئاساسى ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ھەممە ئىنسانلاردا ئوخشاش بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۈچۈنجى ۋە تۆتىنجى ئىھتىياجى روھىي ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان ئىنسانلاردا پەرىقلىق بولىدۇ؛ يەنى بەزى ئىنسانلارنىڭ روھىي ئىھتىياجى كۈچلۈك بولىدۇ، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئۇنداق كۈچلۈك بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بەشىنجى ئىھتىياجى  ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىلىك ئەڭ ئالى ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ھەممە ئىنسانلاردا ئورتاق بولمايدۇ؛ بۇ خىل ئىھتىياجى بار ئىنسانلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، ئۇلار ئۆزى تەۋە بولغان مىللەت ۋە جەمىيەتكە ئالاھىدە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخىسلەر مۇشۇ تۈردىكى ئىھتىياجى كۈچلۈك ئىنلارلار ھىساپلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجىنىڭ كونكىرىت ئۆلچىمى ياكى چىكى بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجى ئوخشىمىغان ئىنسانلاردا، ئوخشىمىغان شارائىتتا، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان رايۇندا ناھايتى زور پەرىقلىق بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئاساسى ئىھتىياجى ۋە روھىي ئىھتىياجى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. يەنى ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىككى خىل ئىھتىياجى قانچە قانغانسىرى، ئۇلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇنچە ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالى دەرىجىلىك ئىھتىياجى بولغان ئۆز ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆز ئۆزىنى مۈكەممەل قىلىش ئىھتىياجى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. يەنە ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجى قانچە قانغانسىرى، ئۇلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇنچە كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىھتىياجنىڭ چىكى بولمايدۇ، ئۇ ئىھتىياج سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بارىدۇ.

ئىنسانلارلارنىڭ ئاساسى ئىھتىياجى نىسبەتەن مۇقىم بولغاچقا، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ، نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىنسانلار ئارىسىدا، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان تۈزۈلمە ئاستىدا كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ روھىي ئىھتىياجى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالى ئىھتىياجى بولغان ئۆز ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىھتىياجى، نىسبەتەن ئۆزگۈرۈشچان، ئوخشىمىغان ئىنسانلار، ئوخشىمىغان دەۋىردە پەرىقلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ ئوخشىمىغان ئىنسانلار ئارىسىدا، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان تۈزۈلمە ئاستىدا كۆپ پەرىقلىق بولىدۇ.

دىننىي ئىتىقاد ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىگەن ئەنەنىۋى جەمىيەتتە ۋە ياكى دىننىي ئىتىقاد ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرغان تۈزۈلمىدە، "ئۆلگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىش" ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالى دەرىجىلىك روھىي ئىھتىياجى دەپ قارىلىپ،  ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرىدىغان ئەڭ موھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىگە ئايلانغان. ئۇنداق جەمىيەتتە ئىنسانلارنىڭ روھىي ئىھتىياجى دىننىي ئىتىقادىنى مەركەز قىلغان؛ دىننىي ئىتىقاد ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ موھىم مەنبەسى بولغان. بۇ جەمىيەتتە باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانلار، لىدىرلار، ھەتتا ھۆكۈمىران سىنىپلار ۋە ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەر، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىھتىياجىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خەلقنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشكە ۋە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەخسەتلىرىگە يىتىشكە تىرىشقان. گەرچە ئىنسانلارنىڭ دىننىي ئىتىقادى، باشقىلار تەرىپىدىن بولۇپمۇ ھۆكۈمىران سىنىپلار تەرىپىدىن سۈيى ئىستىمال قىلىنغان، پايدىلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرغا قەدەر نىسبەتەن يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.

دىننىي ئىتىقادنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى چەكلىگەن، دىنسىز كومىنىستىك تۈزۈلمىدىكى جەمىيەتتە، ھاكىمىيەتنى قوغداش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە كومىنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئالى غايىسى دەپ تەشۋىق قىلىنغىنى ئۈچۈن، كومىنىسىم ئىتىقادى كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھاكىمىيەتنى قوغداپ، كومىنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈردىغان ئەڭ موھىم ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ جەمىيەتتە باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانلار، لىدىرلار، ھەتتا ھۆكۈمىران سىنىپلار ۋە ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەر، بىر تەرەپتىن كومىنىزىمدىن ئىبارەت غايىۋى بىر جەمىيەتنى دەسمايى قىلىپ، ئۇ ئەمەلگە ئاشسا ئىنسانلار خالىغىنى قىلالايدىغان، خالىغىنىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، خەلقنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئۆزىنى ئۇنتۇپ،  ئۆز مەنپەتىدىن ۋاز كىچىپ، خەلق ئۈچۈن، نامدا ۋەتەن ۋە دوۋلەت ئۈچۈن، ئەمىليەتتە ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەخسەتلىرىگە يىتىشكە تىرىشقان. بۇ خىل تۈزۈلمە ئاستىدا تاشقى ئامىل ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئاساسى مەنبەسى بولۇپ، باشقىلار ئۈچۈن، كەلگۈسى غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بەك تەشەببۇس قىلىنىپ، شەخسلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئىھتىياجى، شەخسلەرنىڭ مەنپەتى ۋە ئىچكى ئامىل ئىتىۋارغا ئىلىنمىغان؛ كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى غاھىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىي ئىغىر دەرىجىدە سۈيى ئىستىمال قىلىنغان؛ شۇ سەۋەپتىن ئۇ گەرچە بىر مەزگىل، بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايۇندىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارا بارا ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماقتا.

مەسىلەن خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ رەيىسى ماۋ زىدوڭ 1944 – يىلى 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى   "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" چاقىرقىنى ئوتۇرغا قويغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن بۇ چاقىرىقنى خەلقنى كەركەتلەندۈرىدىغان موھىم ئامىل قاتارىدا قوللۇنۇپ، خىتاي خەلقىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ھاكمىيەت بىشىغا چىققان ۋە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەخسىتىگە يەتكەن. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئوتۇرغا قويۇلۇپ 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، خەلق نۇرغۇن ھەق ھوقۇق ۋە مەنپەتلەردىن مەھرۇم قىلىپ، ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەر ئەڭ چوڭ مەنپەتھەت ۋە ئىمتىيزغا ئىرىشتى.

دىننىي ئىتىقات ھەم ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرمايدىغان ھەم ئىنكار قىلىنمىغان ۋە چەكلەنمىگەن، ئەركىنلىك ۋە دىموكىراتىيە تەشەببۇس قىلىنغان ھازىرقى جەمىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ شەخسى ئىھتىياجى ۋە ئەركىنلىكى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنغىنى ۋە ئىتىۋارغا ئىلىنغىنى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىستىكى بويىچە ياشاش نىسبەتەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن ئەڭ ئالى غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى، ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرىدىغان ئەڭ موھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالغان. شۇڭا بۇ جەمىيەتتە باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانلار، لىدىرلار، ھەتتا ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەر، پەقەت قانۇن يول قويغان دائىردە، باشقىلارنىڭ شەخسى ئىستەكلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەتلىنىشنى مەخسەت قىلىپ، شەخىس ئىرەشەلەيدىغان ماددى ۋە مەنىۋى مەنپەتنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئاندىن باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرەلەيدۇ. بۇ خىل تۈزۈلمىنىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىنىڭ بىرى،  ئۇنىڭ ئىچكى ئامىلنى ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرۈش كۈچىنىڭ ئاساسى مەنبەسى قىلىپ، تاشقى ئامىل ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىدا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىش ئۈچۈن يەتمەكچى بولغان مەخسەتنى ئىنسانلارنىڭ شەخسى مەنپەتى بىلەن زىچ باغلىشىدا.
  
بىز ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ تاشقى دۇنيادا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار، يۇقارقى ئۈچ خىل تۈزۈلمە ۋە ئۈچ خىل جەمىيەتنىڭ ئورتاق تەسىرىگە ئۇچۇرغىنىمىز ئۈچۈن، كەڭ خەلقىمىزنى ھەركەتكە كەلتۈرىدىغان تاق بىر ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق. دىننىي ئىتىقادى كۈچلۈكلەرنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، "ئاللاھ يوللى، ئۆلگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىش" چوڭ رول ئوينايدىغان بولسا، دىننىي ئىتىقادى ئۇنچە كۈچلۈك بولمىغانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، "ئاللاھ يوللى، ئۆلگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىش" دىگەنلەر بەك چوڭ رول ئوينىماسلىقى مۈمكىن. بەزى ئىنسانلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى غاھىسى، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىي بىز ياشىغان جەمىيەتتە ئىغىر دەرىجىدە سۈيى ئىستىمال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسى غايىنى، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك، گۇمان قىلىش، ئۈمۈتسىزلىك، چۈشكۈنلىشىش، ئەندىشە قىلىش ۋە قورقۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، كەڭ خەلقىمىزنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش تىخىمۇ قىيىن بولماقتا. شۇڭا بىز چوقۇم قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئىشىمىزنى ئۆز مەنپەتىمىز بىلەن باغلىشىمىز كىرەك. بىز باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى، بولمىسا باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك.

2019 – يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى


No comments: