Friday, June 15, 2018

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى
Uyghurlarning nopusi
http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2018/06/uyghurlarning-nopusi-memet-emin.html

مەمەت ئىمىن 

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى زادى قانچىلىك؟ بۇ ئۇزۇندىن بىرى تالاش تارتىش بولۇپ كىلىۋاتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ئىنىق جاۋاپ بولماي كىلىۋاتقان بىر مەسىلە.





ھەممىمىز بىلگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغۇرسىدا ئوخشىمىغان تەشكىلات ۋە ئوخشىمىغان شەخىسلەر ئىلان قىلغان سان ئارىسىدا پەرىق ناھايتى چوڭ. ھازىر خىتتاي ھۆكۈمىيتى ئىلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 12 مىلىيۇن ئەتىراپىدا بولسىمۇ، بىراق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 20 مىلىيۇن، 25 مىلىيۇن، 30 مىلىيۇن ۋە 35 مىلىيۇن، ھەتتە 50 مىلىيۇن دىگەندەك 4، 5 خىل ئوخشىمىغان رەقەملەر بىلەن ئىپادىلەپ كىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ۋەتەندىكى 255 پىدايىنىڭ 2013 - يىلى ئىلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ساساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 20 مىلىيۇن دەپ ئىلان قىپتۇ.

مىنىڭچە بىز سان ئويۇنى ئويناپ، ئۆزىمىزنىڭ بىرلىك ئىتىپاقلىق جەھەتتىكى ئوبرازىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەي، كەم دىگەندە نوپۇسىمىزنىڭ سانىدا بولسىمۇ بىرلىككە كىلەيلى. كەلگۈسىدە كەڭ كولەملىك نوپۇس تەسكھۇرۇپ، مۇكەممەل بىر سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتىمىز بولغاندا قەدەر، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ئىلان قىلغان بۇ ساننى ئۇيغۇرلارنىڭ  نوپۇسىنڭ بىرلىككە كەلگەن سانى ئورنىدا ئىشلىتەيلى.

ھازىر دۇنيادا 233 مۇستەققىل دۆۋلەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسى 10 مىلىيۇندىن ئاشقان دۆۋلەت 88، نوپۇسى 1 مىلىيۇندىن ئاشقان دۆۋلەت 159 ئىكەن. ئەڭ ئاز نوپۇسى بار دۆۋلەتنىڭ ئاران 801 ئادىمى بار ئىكەن. دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يەۋۇدىلارنىڭمۇ ئاران 15 مىلىيۇن نومۇسى بار. ئەگەر بىز مۇشۇ 20 مىلىيۇن ئۇيغۇر نوپۇسى ۋە ۋەتەندە ئۇزۇندىن بىرى ياشاپ كەلگەن باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بىلەن مۇستەققىل بىر دۆۋلەت بولساق، نوپۇس جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنىقى 50 چوڭ دۆۋلەتنىڭ بىرى بولىشىمىز مۈمكىن. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە يالغۇز سان بولماستىن، بەلكى سۈپەت مەسىلىسىمۇ موھىمدۇر. نوپۇسىمىزنى قانچە كۆپ دىسەك، شۇنچە مىللەتچى بولىدىغان ئىش يوق، نوپۇسىمىزنى قانچە كۆپ دىسەك خىتتاي ھۆكۈمىتى قورقۇپ كىتىپ بىزگە مۇستەققىللىق بىرىپ قويمايدۇ.

ھەرقايسى دوۋلەتلەرنىڭ نوپۇسىنى بۇ ئۇلانمىدىن كورۇڭ

ئەڭ موھىمى بىزدە بىرلىك بولۇش كىرەك، بىرلىككە كەلگەن بىر سان بولۇش كىرەك. ئەگەر بىزدە بىرلىك ئىتىپاقلىق بولمىسا، ھەممىمىز خىيالىمىزغا كەلگەن ساننى سۆزلەپ يۈرسەك، نوپىسىمىزنى بەزىلىرىمىز 15 مىلىيۇن، بەزىلىرىمىز 20 مىلىيۇن، يەنى بەزىلىرىمىز 25، 30، 35 مىلىيۇن، ھەتتا 45، 50  مىلىيۇن دەپ ئاتىۋالساق، نىمە بوللارمىز؟ ئەگەر نوپۇسىمىزنى ھەر خىل سان بىلەن ئىلان قىلساق ياكى ناھايتى كۆپ ئىلان قىلساق خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولىدىغان ئىش بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ مىللەتچى، ۋەتەنپەرپەر بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇ چاغدا ھەر بىرىمىز نوپۇسىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان سان بىلەن ئىلان قىلساق، ۋە ياكى ئاشۇرۇپ دىسەك بولىدۇ. بولمىسا كەم دىگەندە مۇشۇ نوپۇسىمىزنىڭ سانىدا بولسىمۇ بىرلىككە كىلەيلى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ئىلان قىلغان ساننى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغۇرسىدا تىخىمۇ مۈكەممەل بولغان سانلىق مەلۇماتقا ئىرىشكىچە بىرلىككە كەلگەن سان ئورنىدا ئىشلىتىپ تۇرايلى.

ئىجتىمايى تاراتقۇدا بىر قىرىندىشىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغۇرسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىپتۇ.

ھازىر توپلاردا شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسى توغىرلىق ئىزدىنىشلەر بولىۋەتىپتۇ، شۇڭا مەن جامائەتكە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى تەمىنلەشنى مۇئاپىق كۆردۈم. 1996- يىلى 7 - ئايدا بىر خىزمەت خۇلاسە سورىنىدا ئاپتونۇم رايۇنلۇك ج.خ. نازارىتىنىڭ كىملىك ئىشلىرىغا مەسۇل خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىختىيارسىز ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن سان - سىفىر مەلۇماتىدا ئۇيغۇر يېزىقى بىلان 18 ياشتىن يۇقۇرىلارغا  تارقىتىلىپ بولغان  2 - ئاۋلات كىملىك 19 مىلىيون 967000  دەپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئارىدا 2 ئاي ئۆتۈپ، شۇ سورۇندا بار بارلىق كىشىلارنى مەركەزدىن تەكشۈرۈش گۇرپىسى كىلىپ ھەممىزدىن بىر بىرلەپ شۇ سورىندا كىم-كىملەر بار؟، كىم نىما دىدى؟ سەن بۇ سورۇندا نىمىنى ئاڭلىدىڭ؟ يالغان گەپ قىلساڭ تەكشۈرۈپ ئىنىقلانسا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسەن، بۇنى ھىچكىمگە ئىيىتمايسەن دىگان مەزمۇندا مىنى 2 كۈن سوراق قىلغان.  ئۇ خىتتاي ئەمەلدارىنى شۇ چاغدا مەركەزگە تەكشۈرۈشكە ئىلىپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانچە كىيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق، بۇ چاغدا 18 ياشقا توشمىغانلار ۋە شۇ زىمىندا ياشاۋاتقان باشقا يىزىقتىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ سانى كانچە؟ ئۇ 20 مىلىيون ئادەمنىڭ 10 مىليونى ئەر، 10 مىلىيونى ئايال دەپ ئويلىساق، بىر جۇپ ئەر-ئايالدىن 1996 - يىلدىن بۇگۇنگىچە 22 ياشلىق ئۇيغۇر ياكى شەرقى تۈركىستانلىق ئەۋلاتلاردىن  يەنا 10 مىلىيون كۆپىيىدۇ، مەنچە بولغاندا 35 مىلىيون شەرقى تۈركىستانلىق بار دىسەك چوڭ خاتالىق يوق.  بۇ مەندە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىر سىر.

مىنىڭ يۇقارقى يازمىغا بولغان كوز قارىشىم تۆۋەندكىچە

بىر مىللەت نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى يالغۇز ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە باغلىق بولۇپ قالماستىن، ئەڭ موھىمى بىر جۇپ ئەر خوتۇن ئالغان بالا سانىغا، شۇ مىللەتنىڭ تەببى ئۆلۈپ كتىتىش نىسبىتىگە، ئوتۇرچە ئۆمۈرىگە، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتىگە ، ھەر خىل تەببې ئاپەت، ئۇرۇش، ۋە ئەجەللىك كىسەللىك تارقىلىش قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ھەرگۇزمۇ ئاددىلا ماتىماتىكىلىق ھىساپلىغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئەگەر بىر جۇپ ئەر ئايال 2 بالا ئالسا، نوپۇس 20، 30 يىلدىمۇ ئاساسەن كۆپەيمەيدۇ. نوپۇس كۆپىيىش ئۈچۈن بىر جۇپ ئەر ئايال كەم دىگەندە 3 بالا ئىلىش كىرەك. 96يىلدىن كىيىنكى يىللار ۋەتەندە پىلانلىق تۇغۇت قاتتىق ئىجىرا قىلىنغان يىللار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە 3 بالا ئالغان ئەر ئايال يىلدىن يىلغا ئازلاپ ماڭغان. چوڭ شەھەرلەردە ۋە ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ىىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كوپۇنچە ئەر ئايال 1 ياكى 2 بالا ئالغان. ماشىنا ھەيدەيدىغانلار ۋە قاتناش ۋەقەسى بىلەن ئولگەنلەر يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن.  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەيدىز كىسىلى تىز تارقالغان، زەھەرلىك چىكىملىك ئەۋجى ئالغان. ئۇندىن باشقا بۇ 20 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەر جەريانىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەببې بولمىغان ئۆلۈشىنى كۆپەيتىدىغان ئامىللار ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەببې ئۆلۈش نىسبىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەببې بولمىغان ئۆلۈش ئەھۋالى، ۋە پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسى قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن 1996 – يىلدىن كىيىنكى 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئالاھىدە كۆپەيگەن بولىشى ناتايىن.


دۇنيا نوپۇسى 1950يىلدىن بۇيانقى 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تەخمىنەن 3 ھەسسىگە يىقىن كۆپەيگەن. ئامىركا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوچمەن دۆۋلىتى بولۇپ، ئادەتتىكى نورمال كوچمەن قوبۇل قىلىشتىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە چوڭ تىپتىكى تەببى ئاپەتلەر ئامىركىغا كۆچمەن بولۇش دولقۇنىنى قوزغايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇ سەۋەپتىن ئامىركىنىڭ نوپۇس كوپىيىش تەببى كوپىيىش بىلەن كۆچمەنلەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئامىركا نوپۇسى 1900يىلدىن كىيىنكى 110 يىل ئىچىدە ئاران 4 ھەسسە، 1950يىلدىن كىيىنكى 60 يىل ئىچىدە 2 ھەسسىدىن سەل ئارتۇقراق كۆپەيگەن. دۇنيادا نوپۇسى نىسبەتەن ئەڭ تىز كۆپىۋاتقان دۆۋلەت ھىندىستان بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇسىمۇ 1900يىلدىن بۇيانقى 110 يىل داۋامىدا تەخمىنەن 5 ھەسسە، 1950يىلدىن كىيىنكى 60 يىل ئىچىدە 3 ھەسسە كۆپەيگەن.

يىقىنقى 20، 30 يىلدىن بۇيان خىلى كۆپ ساندىكى تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆۋلەتلەردە نوپۇسنىڭ بەك كۆپەيمىگەنلىكى، ھەتتا بەزى دۆۋلەتلەردە نوپۇس ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەپتىن ئۇ دۆۋلەتلەر باشقا دۆۋلەتلەردىن كۆچمەن قوبۇل قىلىش ۋە بالا بىقىۋىلىش ئارقىلىق ئۆز دۆۋلىتىنىڭ نوپۇسقا كاپالەت قىلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1950يىلدىن كىيىنكى كۆپىيىش ئەھۋالى. ئۆتكەن 60 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسى تەخمىنەن 3 ھەسسىگە يىقىن كۆپەيگەن.

ئامىركىنىڭ 110 يىل جەرياندىكى نوپۇس كۆپىيىش ئەھۋالى. ئۆتكەن 110 يىل ئىچىدە ئامىركا نوپۇسى تەخمىنەن 4 ھەسسە كۆپەيگەن.

ھىندىستاننىڭ 110 يىل جەريانىدىكى نوپۇس كۆپىيىش ئەھۋالى. ئۆتكەن 110 يىل ئىچىدە ھىندىستان نوپۇسى تەخمىنەن 5 ھەسسە كۆپەيگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 - يىلدىن ئىلگىركى نوپۇسىنى كۆپۈنچە كىشىلەر 4 مىلۇيۇن ئەتىراپىدا دەپ قارىماقتا. ئەگەر بىز بۇ ساندا كۆپ خاتالىق يوق بولىشى مۈمكىن دەپ قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 60 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە كۆپەيگەندە، بۇ 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 ھەسسە كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى 4 مىلىيۇندىن 12 مىلىيۇنغا كۆپەيگەن بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 60 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن 1 ھەسسە ئارتۇق كۆپەيگەن دەپ قارىساقمۇ، بۇ 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 4 ھەسسە كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى 4 مىلىيۇندىن 16 مىلىيۇنغا كۆپەيگەن بولىدۇ.

ئەگەر 1949 - يىلدىن ئىلگىركى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6 مىلۇيۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 60 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە كۆپەيدى دەپ قارىساق،  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بۇ 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە  3 ھەسسە كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى 6 مىلىيۇندىن 18 مىلىيۇنغا كۆپەيگەن بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 60 يىل ئىچىدە دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن 1 ھەسسە ئارتۇق كۆپەيگەن دەپ قارىساقمۇ، بۇ 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 4 ھەسسە كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى 6  مىلىيۇندىن 24 مىلىيۇنغا كۆپەيگەن بولىدۇ.

ئەگەر ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۆتكەن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 2 بالىلىق بولغان بولسا، ھەممە ئادەم پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز ئىجىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ھىچقانداق تەببى بولمىغان ئۆلەملىك يۈز بەرمىگەن بولسا، ئۇ 2 بالا پەقەتلا شۇ تەببى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئورىنىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بۇ 60 نەچچە يىل ئىچىدە ھىچقانداق ئۆزگەرمەيدۇ.

ئەگەر ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۆتكەن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 3 بالىلىق بولغان بولسا، ھەممە ئادەم پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز ئىجىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ھىچقانداق تەببى بولمىغان ئۆلەملىك يۈز بەرمىگەن بولسا، 2 بالا تەببى ئۆلەپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جۇپ ئەر ئايال، نوپۇسقا پەقەت 1 ئادەمنى كۆپەيىتكەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىى بۇ 60 نەچچە يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى 4 مىلىيۇندىن 13.5 مىلىيۇنغا كۆپىيىدۇ.

ئەگەر ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۆتكەن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 4 بالىلىق بولغان بولسا، ھەممە ئادەم پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆز ئىجىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ھىچقانداق تەببى بولمىغان ئۆلەملىك يۈز بەرمىگەن بولسا، 2 بالا تەببى ئۆلەپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جۇپ ئەر ئايال، نوپۇسقا پەقەت 2 ئادەمنى كۆپەيىتكەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا بۇ 60 نەچچە يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى 4 مىلىيۇندىن 32 مىلىيۇنغا كۆپىيىدۇ. يۇقارقى دۇنيا نوپۇسى ۋە ھىندىستان نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ھىچقانداق بىر دۆۋلەت ياكى رايۇننىڭ نوپۇسى 8 ھەسسە كۆپەيگىنى يوق. سەۋەپ تەببى ئۆلەملىكتىن باشقا كۆپىلگەن تەببى بولمىغان ئۆلەملىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىگىدىن.

ئەگەر دىققەت قىلساق 1990- يىدىن بۇرۇن ئورتا ھىساپ بىلەن 4 تىن بالا بار ئائىلە خىلى كۆپ ساننى ئىگەللىسىمۇ، بىراق 1990 - يىلدىن كىيىن 4 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالىسى بار ئائىلىلەرنى ئۇچۇرتۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇندىن باشقا 1990 - يىلدىن بۇرۇنقى 40 يىل ئىچىدە  ھەر خىل ۋەقەلەر ۋە سىياسى باستۇرۇشلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئوتۇرا ياش ۋە پىشقەدەملەر بولغان بولسا،  1990 - يىلدىن كىيىنكى بۇ 28 يىل ئىچىدە، قاتناش ۋەقەسى،  زەھەرلىك چىكىملىك، ئەيدىز كىسىلى، ۋە ھەر خىل سىياسى باستۇرۇش سەۋەبىدىن توي يىشىدىكى ئۇيغۇر ئەرلەر ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كەتكەن يىلدۇر.


ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، بۇ 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە 1950 - يىللارنىڭ بىشىدىكى چوڭ تازىلاش ھەركىتى، يەر ئىسلاھاتى، 50 - يىلنىڭ ئاخىرقى ۋە 60 - يىلنىڭ باشلىرىدىكى ئاچارچىلىق، 62 -  يىلدىكى خىتتاي سوۋىت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشى، مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋى، 4 كىشىلىك گورۇھ ئاغدۇرلۇپ تاشلانغاندىن كىيىنكى تازلاشلار، ئۇندىن كىيىن 1992 - يىلدىن تا ھازىرغىچە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ھەر خىل نامىدىكى باستۇرۇشلار، بولۇپمۇ 11- سىنتەبىر ۋەقەسى ۋە  5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىنكى قىرغىنچىلىقلار، ئەيدىز كىسىلى ۋە ھەر خىل يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر، زەھەرلىكى چىكىملىلەر، ۋەتەندە ئىلىپ بىرىلغان 48 قىتىملىق ئاتۇم سىنىقىنىڭ زىيىنى، ۋاھاكازالار تۈپەيلىدىن قانچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىھۇدە ئۆلەپ كەتكەنلىكىنى ھىساپلاش مۈمكىن ئەمەس.

بىز خىتتاينىڭ مىللىتىمىزگە بولغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە ھەر خىل باستۇرۇشلارنى ۋە قىرغىنچىلىقلارنى تەكىتلەيمىز، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇرلا 60 يىلدىن بۇيان ھىچ قىرىلمىغاندەك، ئۇيغۇرلارنى نوپۇسى دۇنيادا ئەڭ تىز كۆپىيىدىغان مىللەت دەپ قاراپ، 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە  ئۆلەپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا كۆپتۇرۋالساق، ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چاپقان بولىمىز.
 
ئەگەر نوپۇسىمىز 35 مىلىيۇن بولسا، بىز ئۇنى 20 مىلىيۇن دەپ قارىغانغا، ئادەملىرىمىز ئازلاپ نوپۇسىمىز 20مىلىيۇن بولۇپ قالمايدۇ. ئەگەر نوپۇسىمىز 20 مىلىيۇن بولسا، بىز ئۇنى 35 مىلىيۇن دىگەنگە، نوپۇسىمىز بىردىنلا كۆپىيىپ 35 مىلىيۇن بولۇپ قالمايدۇ. مەن بىلىدىغان كۆپ ساندىكى زىيالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 15 - 18 مىلىيۇن ئارىسىدا بولىشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ. ھازىر خىتتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ نوپۇسىمىزنى 12 مىلىيۇن دەپ ئىلان قىلىۋاتقان بىر ئەھۋالد، ئەگەر قولىمىزدا كۈچلۈك بىر ئىسپات بولمىسا، نوپۇسىمىزنى 35 مىلىيۇن دەپ ئۆزىمىزنىڭ زىيالىلىرى قوبۇل قىلمىغان بۇ سانغا باشقىلارنى قانداق ئىشەندۈرەلەيمىز؟ بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ موھىم بولغىنى نوپۇسىمىزدا كۆپتۈرۈلگەن بىر سان بولماستىن، بەلكى كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان، رىياللىققا ئەڭ ئۇيغۇن بولغان، تەشكىلاتلار ئارا بىرلىككە كەلگەن بىر سان بولىشى كىرەك. ئەگەر بىز ھەتتا مۇشۇ بىر ساندىمۇ بىرلىككە كىلەلمىسەك، باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق تىكلىيەلەيمىز؟

ھازىرقى ئەھۋالدا بىزنىڭ نوپۇسىمىزنى 20 مىلىيۇن دەپ ئاتاش بىلەن 35 مىلىيۇن دەپ ئاتاش، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا ئالاھىدە چوڭ بىر ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىشى ناتايىن. ئەگەر بار دىسەك، پەقەتلا بىزنىڭ نوپۇسىمىزنى 35 مىلىيۇن دەپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خوش قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىى چوقۇم مۇنداق دەپ كىسىپ ئەيتالمايمەن، بىراق مەن "ئىشەنچىلىك بىر سانلىق مەلۇماتقا ئىرىشكىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغۇرسىدا تەشكىلاتلار ئارىسىدا بىرلىككە كىلىش بەك مۇھىم" دەپ قارايمەن. 

2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى نىيورۇك.




No comments: