Monday, October 8, 2018

Ependim, bala we ishek

Ependim, bala we ishek
(qisqa chöckeck)

Bir küni, Ependim, newrisi bilen ishikini yötilep bazargha mingiptu.

Bashqilar uni körüp, “ishekni bakar qoyup, piyade mangdighan nimandaq exmeq adem bu” deptu.

Ependim, newrisini ishekke mindürüp, özi piyade mingiptu.
Bashqilar, “bowisini piyade mangghuzup, özi ishekke miniwalidighan qandaq bala bu” deptu.

Ependim, özi ishekke miniptu, newrisi piyade mingiptu.
Bashqilar, “newrisini piyade mangghuzup, özi ishekke miniwalidighan qandaq adem bu” deptu.

Ependim we newrisi ishekke minip mingiptu.

Bashqilar, “way bichare ishek, xijil bolmay ikkilisi miniwaptu” deptu.

Shuning bilen nime qilarini bilmigen ependim, ishektin chüshp, ishekni kötürep mingiptu.

Bu dunyada shundaq bir insanlar barki, bashqilar meyli nime qilsa, haman amal qilip uningdin qusuruq izdeydighan. Shunga eng mohimi insan “özi bolush” kirek.

Wednesday, October 3, 2018

Torda imza toplash toghursida qoshumche

Torda imza toplash toghursida qoshumche
Memet Emin
      


      Amirka Aq saray tor bitide bashlanghan ikki xil imza toplash toghursidiki talash tartish we ixtilaplar tixi bisiqmay turup,  Yingi Zillandiyede bashlanghan imza toplash paliyitining oturgha chiqish bilen,  imza toplashqa qarshi her xil nale peryat we tetür teshwiqatlar otturgha chiqishqa bashlaptu. 

      Xittay hökümitining wetinimizde yüzgüziwatqan qirghinchiliq siyasitige  qarshi ilip birilghan imza toplash bolsa,  xuddi Xittay hökimitige qarshi ilip biriliwatqan her xil namayishlargha  oxshash,  xelqimizning derdini xelqaragha, jümlidin oxshimighan döwlet we oxshimighan orunlargha anglitip,  bir tereptin Xittay hakimiyitining wetinimizde yürgüziwatqan qirghinchiliq siyasitini xelqaragha ashkarlash bolsa,  yene bir tereptin munasiwetlik döwlet we xelqara teshkilatlardin yardem isteshni mexset qilghan bolup,  u hergüzmu bizning musteqqil bolush  mexsitimizge yetküzidighan  birdin bir usul emes.   Musteqqilliqqa hergüzmu peqet namayish qilish,  imza toplash we yaki bashqilardin telep qilish arqiliq irishkili bolmaydu.  Namayish qilish,  imza toplash bolsa,  bizning dawa jeryanida zörür bolghan, keng xelq ammisi alahide bedel tölimey qilalaydighan,  hem alahide bilim sewiye telep qilmaydighan,   eng asan,  eng addi usul we jeryanlar. 

      Hazirgha qeder hökümetke qaritip ilip birilghan imza toplash Awustiraliye,  Amirka we Yingi Zillandiye qatarliq bir nechche döwlettila ilip birildi.  Awustilayide ilip birilghan imza toplash peqet Awustiraliye hökümitige telep qoyup ilip birilghan imza toplash.  Amirkida ilip birilghan imza toplash peqet Amirka hökümitige telep qoyup ilip birilghan imza toplash.  Yingi Zillandiyede ilip birilghan imza toplash peqetla Yingi Zillandiye hökümitige telep qoyup ilip birilghan imza toplash. Ularning hich biri bir birimizge qarshi ilip birilghan imza toplash emes.  Hemmimiz bilgendek dunyada 200 din  artuq döwlet bar bolup,  ularning ichide Xittaygha biqindi bolmighan tereqqi qilghan dimokirattik gherip döwletlirimu xili köp.  Eger biz awazimizni bu döwletlerning hemmiside anglatsaq,  u döwletlerde namayish qilish,  imza toplash paliyetlirini ilip barsaq,  u döwletlerning hemmisi bizni qollap, Xittay hökümitige qarshi bezi qararlarni alsa,  buning bizge nime ziyini bar? Elwette uningliq bilen wetinimiz musteqqil bolap, xelqimiz azatliqqa chiqishi natayin ,  biraq kem digende Xittay hökümiti xelqaraning bisimigha uchurishi,  uning ixtizadigha ighir tesir yitishi mümkin.  Xelqimizge azraq bolsimu ümüt bighishlishi,  xelqimizge rohi ozuq bolup, dawaning algha ilgirlishige türtke bolishi mümkin.  
      
      Bu qitimqi imza toplash herkiti,   Gurup 20 ge eza bolghan döwletlerning köp qismida ilip birilidighan bolup,  bu tixi imza toplash herkitining bashlinishi.   Bundin kiyin imza toplash herkiti,  sharahiti piship yitilgen bashqa döwletlerge kengiyishi,  imza toplash toghursidiki uqturush we ilanlar tiximu köpiyishi mümkin.  Shunga qirindashlar nimandaq köp imza toplash bu dep nale qilmay,  eger sharahitimiz yar berse,  wetendiki shu uruq tuqqanlirimiz üchün bolsimu,   ikki üch minut waqitimizni  serip qilip imza qoyup qoyayli.  Eger sharahitimiz yar bermise we yaki undaq qilishni xalimisaq,  ikki üch minut waqit serip qilip imza qoyushning  ornigha ijtimayi taratqularda saetlep waxtimizni serip qilip,  quruq gep satmayli,  öz ara haqaret qilishmayli,  we öz ara zidiyet peyda qilishmayli.   

Meghlubiyetke yüzlenmey tes, biraq tiximu yaman bolghini muapiqiyet qazinish üchün peqet sinap baqmasliqtur

توردا ئىمزا توپلاش توغۇرسىدا قوشۇمچە

توردا ئىمزا توپلاش توغۇرسىدا قوشۇمچە

 مەمەت ئىمىن


ئامىركا ئاق ساراي تور بىتىدە باشلانغان ئىككى خىل ئىمزا توپلاش توغۇرسىدىكى تالاش تارتىش ۋە ئىختىلاپلار تىخى بىسىقماي تۇرۇپ،  يىڭى زىللاندىيەدە باشلانغان ئىمزا توپلاش پالىيىتىنىڭ ئوتۇرغا چىقىش بىلەن،  ئىمزا توپلاشقا قارشى ھەر خىل نالە پەريات ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلار ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلاپتۇ.

      خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈزگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە  قارشى ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش بولسا،  خۇددى خىتتاي ھۆكىمىتىگە قارشى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ھەر خىل نامايىشلارغا  ئوخشاش،  خەلقىمىزنىڭ دەردىنى خەلقاراغا، جۈملىدىن ئوخشىمىغان دۆۋلەت ۋە ئوخشىمىغان ئورۇنلارغا ئاڭلىتىپ،  بىر تەرەپتىن خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خەلقاراغا ئاشكارلاش بولسا،  يەنە بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك دۆۋلەت ۋە خەلقارا تەشكىلاتلاردىن ياردەم ئىستەشنى مەخسەت قىلغان بولۇپ،  ئۇ ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ مۇستەققىل بولۇش  مەخسىتىمىزگە يەتكۈزىدىغان  بىردىن بىر ئۇسۇل ئەمەس.   مۇستەققىللىققا ھەرگۈزمۇ  پەقەتلا  نامايىش قىلىش،  ئىمزا توپلاش ۋە ياكى باشقىلاردىن تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولمايدۇ.  نامايىش قىلىش،  ئىمزا توپلاش بولسا،  بىزنىڭ داۋا جەريانىدا زۆرۈرۈ بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى ئالاھىدە بەدەل تۆلىمەي  قىلالايدىغان،  ھەم ئالاھىدە بىلىم سەۋىيە تەلەپ قىلمايدىغان،   ئەڭ ئاسان،  ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ۋە جەريانلار.

      ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەتكە قارىتىپ ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش ئاۋۇستىرالىيە،  ئامىركا ۋە يىڭى زىللاندىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆۋلەتتىلا ئىلىپ بىرىلدى.  ئاۋۇستىلايىدە ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش پەقەتلا ئاۋۇستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇپ ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش.  ئامىركىدا ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش پەقەتلا ئامىركا ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇپ ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش.  يىڭى زىللاندىيەدە ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش پەقەتلا يىڭى زىللاندىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇپ ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش. ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى بىر بىرىمىزگە قارشى ئىلىپ بىرىلغان ئىمزا توپلاش ئەمەس.  ھەممىمىز بىلگەندەك دۇنيادا 200 دىن  ئارتۇق دۆۋلەت بار بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتتايغا بىقىندى بولمىغان تەرەققى قىلغان دىموكىراتتىك غەرىپ دۆۋلەتلىرىمۇ خىلى كۆپ.  ئەگەر بىز ئاۋازىمىزنى بۇ دۆۋلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاڭلاتساق،  ئۇ دۆۋلەتلەردە نامايىش قىلىش،  ئىمزا توپلاش پالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارساق،  ئۇ دۆۋلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنى قوللاپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بەزى قارارلارنى ئالسا،  بۇنىڭ بىزگە نىمە زىيىنى بار؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭلىق بىلەن ۋەتىنىمىز مۇستەققىل بولۇپ، خەلقىمىز ئازاتلىققا چىقىشى ناتايىن،  بىراق كەم دىگەندە خىتتاي ھۆكۈمىتى خەلقارانىڭ بىسىمىغا ئۇچۇرىشى،  ئۇنىڭ ئىختىزادىغا ئىغىر تەسىر يىتىشى مۈمكىن.  خەلقىمىزگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈت بىغىشلىشى،  خەلقىمىزگە روھى ئوزۇق بولۇپ، داۋانىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىشى مۈمكىن. 
      
      بۇ قىتىمقى ئىمزا توپلاش ھەركىتى،   گۇرۇپ 20 گە ئەزا بولغان دۆۋلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان بولۇپ،  بۇ تىخى ئىمزا توپلاش ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى.   بۇندىن كىيىن ئىمزا توپلاش ھەركىتى،  شاراھىتى پىشىپ يىتىلگەن باشقا دۆۋلەتلەرگە كەڭىيىشى،  ئىمزا توپلاش توغۇرسىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئىلانلار تىخىمۇ كۆپىيىشى مۈمكىن.  شۇڭا قىرىنداشلار نىمانداق كۆپ ئىمزا توپلاش بۇ دەپ نالە قىلماي،  ئەگەر شاراھىتىمىز يار بەرسە،  ۋەتەندىكى شۇ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ،   ئىككى ئۈچ مىنۇت ۋاقىتىمىزنى  سەرىپ قىلىپ ئىمزا قويۇپ قويايلى.  ئەگەر شاراھىتىمىز يار بەرمىسە ۋە ياكى ئۇنداق قىلىشنى خالىمىساق،  ئىككى ئۈچ مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىمزا قويۇشنىڭ  ئورنىغا ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا سائەتلەپ ۋاختىمىزنى سەرىپ قىلىپ،  قۇرۇق گەپ ساتمايلى،  ئۆز ئارا ھاقارەت قىلىشمايلى،  ۋە ئۆز ئارا زىدىيەت پەيدا قىلىشمايلى.   

  مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنمەك تەس، تىخمۇ يامىنى مۇئاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن پەقەت سىناپ باقماسلىق

توردا ئىمزا توپلاش ۋە ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ئويلىغانلىرىم

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2018/09/blog-post_14.html

Thursday, September 27, 2018

لاگىر تاقالسا مەسىلىمىز ھەل بولامدۇ؟



مەمەت ئمىن 


"قايتا تەربىلەش مەركىزى" دەپ ئاتالغان ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جازا لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان يىغىۋىلىش مەركەزلىرىگە تۇتۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ تىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچۇرغان ۋەتەن سىرتىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزلۈگىدىن ئويغۇنۇپ، بۇ يىغىۋىلىش مەركەزلەرى ياكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن ھەر خىل پالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ ۋە ئۇ كۈننىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە قاتتىق تەقەززا بولىۋاتىدۇ.

تەشكىلاتلىرىمىز ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تىرىشچانلىقى، بولۇپمۇ ئۆزلىرى جازا لاگىر ھاياتىنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ۋە ياكى ئائىلىسىدىكى يىقىن ئۇرۇق تاققانلىرى جازا لاگىرلىرىدا جازالىنىۋاتقان بەزى قىرىنداشلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتۇرغا چىقىپ، گۇۋالىق بىرىپ، خەلقارا مەتبۇئاتلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى بىرىنجى قول ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى بىلەن، يالغۇز دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مەتبۇئاتلار ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بىرىپ قالماستىن، بەلكى بىرلەشكەن دۆۋلەرلەر تەشكىلاتى، ئامىركا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا بىرلىكى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆۋلەتلەر ۋە ئاۋۇستىرالىيە پارلىمەنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغۇرسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇردى. خەلقارانىڭ بۇ ئىنكاسلىرىنى كۆرگەن بەزى قىرىنداشلار جازا لاگىرلىرىنىڭ پات يىقىندا تاقىلىدىغانلىقىنى ۋە لاگىردىكىلەرنىڭ پات يىقىندا ئازاتلىققا چىقىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويۇشىۋاتىدۇ.

خەلقارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈشى ھەقىقەتەنمۇ تارىختا بولۇپ باقمىغان ۋە ئادەمگە ئۈمۈت بىغىشلايدىغان زور بىر ئىلگىرلەش. ئۇ خەلقىمىزنىڭ داۋانى خەلقارالاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن چوڭ بىر نەتىجىسى.  بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خۇشاللىنىشىمىزغا ئەرزىدىغان بىر ئىش، بىراق بۇلار ۋەتەندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا يىتەمدۇ؟ خەلقىمىزنى بىشىغا كىلىۋاتقان كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟ ئەگەر جازا لاگىرلىرى تاقالسا، بىز راستىنلا تەشنالىقىمىزغا قانىمىزمۇ؟ ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى راھەت تاپارمۇ؟ بەزىلەر ئەيىتقاندەك لاگىرلار تاقالسا راستىنلا لاگىردىكىلەر ئازاتلىققا ئىرىشەرمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا ئەرزىدىغان موھىم مەسىلەلەردۇر.

ئەگەر بىز ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان باقساق، بىزنى قاتتىق قايغۇ ھەسىرەت ۋە تەشۋىشكە سالغان بۇ كەڭ كۆلەملىك يىغىۋىلىش ئوتۇرغا چىقىشتىن ئىلگىرى، خەلقىمىزنىڭ ئوخشاشلا راھەت ئەمەسلىكىنى، قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس.

بىز ۋەتەننىڭ يىقىنقى 70 يىللىق تارىخىنى قويۇپ تۇرۇپ، سۆۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كەيىنكى ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ باقساق، ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى بۇ 27 يىل ئىچىدە يىلدىن يىلغا ناچار بولۇپ كەلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بارەن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان چوڭ كىچىك ۋەقەلەر يۈز بەردى. خىتتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق باستۇردى ۋە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى. خەلقىمىز بولسا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىنى خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئەمەس، قارشلىق بىلدۈرگەنلەردىن كۆرۈپ، ئۇلارنى "سىڭگەن ناننى يەپ جىم ئولتۇرغان بولسا، بۇنداق كۈنگە قالمايىتتۇق" دەپ ئەيىپلەشتى. بولۇپمۇ 2008 – يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالدى كەينى ۋە 2009 – يىلدىكى ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، جازا لاگىرلىرى يوق ۋاقىتلاردىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.

2006 – يىلدىن ئىتىۋارەن يالغۇز ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتتاينىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرىدە ۋە ئەتىراپتىكى خىتتاينىڭ ئىتىپاقداش دۆۋلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل چەكلىمەلەرگە ئۇچۇراپ، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن كۆپ يامانلاشقان. ئۇ چاغلاردا بىز ئولىمپىك تۈگىسە ۋەزىيەت ياخشى بولىدۇ دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە تەسەللى بەرگەن ئىدۇق. ئولىمپىك تۈگەپ ۋەزىيەت ياخشى بولماي تىخىمۇ جىددىلەشكەندە، خىتتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر دۆۋلەت بايرىمى ئۆتۈپ كەتسە، ئۇندىن كىيىن چاغان ئۆتۈپ كەتسە ۋەزىيەت ياخشى بولىدۇ دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە تەسەللى بەردۇق. ئۇندىن كىيىن شاۋگۇئان ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. ئۇندىن كىيىن خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى تىخىمۇ كەسكىنلەشتى. پۈتۈن تىلفۇن ئالاقە كىسىلدى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن ۋەتەندىكى پۈتۈن تىلفۇن ئالاقە كىسىلىپ، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلگەندە، تىلفۇن ئالاقىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن تىزراق ئالاقە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بولسا تىلفۇن ئالاقە كىسىلگىنى يوق، ھەتتە ئۈندىدارمۇ ئوچۇق، بىراق ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئوخشاشلا چەكلىمىگە ئۇچۇراۋاتىدۇ. يالغۇز لاگىرگە سولانغان ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالماستىن، بەلكى لاگىر سىرتىدا "ئەركىن" ياشاۋاتقان ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىمۇ مۈمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئەھۋال شۇنداقكەن لاگىرلار تاقالسا، خەلقىمىز راھەت تاپارمۇ؟ لاگىرلار تاقالسا لاگىردىكىلەر ئازاتلىققا چىقارمۇ؟

ھازىر خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت ۋە ئىشكەنجە يالغۇز جازا لاگىرلىرى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن، جازا لاگىرلىرى سىرتىدىكىلەرمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا. مىللى مۇئارىپنى چەككلەش، قوش تىللىق مۇئارىپ نامى بىلەن تىلىمىزنى چەچلەش، دىنىمىز، تارىخىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش، مەجبۇرە توي قىلىش، ھالال بولمىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرى بولۇش، دىننى ئىتىقاد ئىغىر دەرىجىدە چەكلىنىش، مىچىتقا كىرىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ئالدىن رۇخسەت ئىلىپ كىنىشكە بىجىرىش، كىنىشكىسى يوقلارنىڭ مىچىتقا كىرىشى چەكلىنىش ياكى جازالىنىش، مىھماندارچىلىق ۋە تۇققان يوقلاشلارغا چەكلىمە قويۇش، پەتىگە بىرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئىلىش ۋە پەتە قىلىدىغان ۋاقىتنى بەلگۈلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىش، مىللى كىملىكنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش قاتتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لاگىر سىرىتىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن لاگىر سىرتىدىكى خەلق دۇچ كىلىۋاتقان روھىي ۋە جىسمانى بىسىم، لاگىر ئىچىدە جازالىنىۋاتقانلاردىن كۆپ پەرىقلەنمىسە كىرەك.

مەن ئۈمۈتسىز بىر ئادەم ئەمەس، ھەم مىنىڭ ھىچكىمنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش، ھىچكىمگە سوغاق سۇ سېپىش مەخسىتىم يوق. مەن پەقەتلا مەسىلىنى مەنتىقىلىق ئويلاپ، رىياللىقنى ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداشتىن ساقلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. خىتتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنى ئاچقاندا چوقۇم بىر مەخسەتكە يىتىشنى پىلانلىغان بولىشى مۈمكىن. جازا لاگىرلىرى ئۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان چارىلەرنىڭ بىرى، ھەممىسى ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرى تامامەن مەغلۇپ بولۇشتىن بۇرۇن، بۇ پىلانىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدۇ.

ھازىر كۆپۈنچىمىز لاگىرلارنىڭ خەلقىمىزگە زور تەھدىت بولاۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، داۋانى 100 مىتىرلىك تىز يۈگۈرەشكە ئايلاندۇرۇپ، خۇددى لاگىرلار تاقالسا خەلقىمىز ئەركىن نەپەس ئالالايدىغاندەك، پۈتۈن كۈچ ۋە زىھنىمىزنى لاگىرلارنى تاقاشقا قارىتىۋاتىمىز. مىنىڭ قارىشىمچە لاگىرلار ھەرگۈز بۇنداق ئاسان تاقالمايدۇ، ياكى تاقالغان تەقدىردىمۇ، ماھىيەت جەھەتتە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. خەلقىمىز ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا داۋاملىق جازالىنىشى مۈمكىن. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل ھالدا نىشانىمىزنى لاگىرلارنى تاقاش قىلىۋالساق ۋە ياكى كۈچىمىزنى لاگىرلارنى تاقاشقا مەركەزلەشتۈرىۋالساق، مەيلى لاگىرلار تاقالسۇن ياكى تاقالمىسۇن، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ؛ نەتىجىدە ۋەتەن سىرتىدىكى خەلقىمىز ئارىسىدا ئۈمۈتسىزلىنىش كىلىپ چىقىشى مۈمكىن. شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا داۋانى توغۇرا تەشۋىق قىلىشىمىز، خەلقنى قۇرۇق ئۈمۈتلۈندۈرمەسلىكىمىز ھەم شۇنداقلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك. دۈشمەن ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ بولىدۇ، بۇ كۈنلەر بۇنداق داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. خۇددى مارتىن لۇزىر كىڭ دىگەندەك، "ئىزىلگەن خەلق مەڭگۈ ئىزىلىۋەرمەيدۇ، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ھامان پەيدا بولىدۇ".

ئىزىلگەن خەلق مەڭگۈ ئىزىلىۋەرمەيدۇ. ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ھامان پەيدا بولىدۇ.

بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ مەخسىتى ھەرقايسى ساھالەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە جامەت ئىچىدە تەسىرى بار ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىشىدىكى دىخخانچىلىق دەۋرىگە قايتۇرۇش؛ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كەسپى خادىملار سانىنى تەدىرىجى ئازلىتىش ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى كەسپى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئۇنىڭ ئورنىغا مەمۇرى خادىملارنى نىسپى ھالدا كۆپەيتىش، ياخشى ئوقۇغان ۋە ھۆكۈمەتكە سادىق بولغان ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۆۋەن قاتلامدىكى مەمۇرى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يىغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش؛ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ، مىللى كىملىكىنى يوق قىلىش ئىكەن. ئەمىلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدەممۇ قەدەم ئەمىللىشىۋاتىدۇ ۋە ياكى ئەمىللىشىشكە قاراپ كىتىۋاتىدۇ.

ھازىر بىز قارايدىغان بولساق، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقىنى، ھەرگۈزمۇ بىزدىكى "زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ياكى دىنى ئەسەبىلىك" بولماستىن، بەلكى بىزدىكى مىللى كىملىك ۋە ئۆزىمىزنى كۆڭلىمىزدىن خىتتاي پۇخراسى دەپ قارىماسلىق. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ مەخسىتىمۇ بىزدىكى "زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننى ئەسەبىلىك" نىلا يوقۇتۇش بولماستىن، بەلكى بىزدىكى مىللى كىملىك ۋە مىللى ئاڭنى تامامەن يوقۇتۇش بولاۋاتىدۇ. موھاممەد سالىھ ھاجىدىن باشلاپ ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇتقىچە، خالمۇرات غوپۇر، راھىلە داۋۇتتىن تارتىپ ياش پۇتبولچى ئەرفان ھەزىمغىچە بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەسىرى بار دەپ قارالغان ھەرقانداق ئادەمنى يوق قىلىشى، ھەتتا ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق دەپ قارالغان نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىدۇر. ھازىر ھۆكۈمەتكە ساداقەتلىكىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان قەيسەر ئابدۇكەرىمگە ئوخشاش كىشىلەرمۇ، ئەگەر ئۇلاردا ئازراقلا ئۇيغۇرلۇق ئىڭى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى تىخى ئالدىدا.

ھەممىمىز بىلگەندەك ئىلھام توختى، خىتتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خىتتاينىڭ قانۇنى بويىچە ئۇيغۇرلارغا ھەق ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى، بەيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئىلىپ بىرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدا، خەلقارادىكى نۇرغۇن تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ نارازىلىقىغا پىسەن قىلىپ قويماي، ئۇنىنغا مۇددەتسىز جازا بەردى. مۇشىنىڭ ئۆزىمۇ بىزدە باشقا تاللاش يولىنىڭ قالمىغانلىقىغا يىتەرلىك دەلىل بولالايىتتى. ئەمدىلىكتە جازا لاگىرلىرى ئوتۇرغا چىقىپ، تىخىمۇ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئىنسانلار سەۋەپسىز تۇتقۇن قىلىنماقاتا ۋە ھىچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز جازالانماقتا.

جازا لاگىرى خەلقىمىزنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقۇتۇش جەريانىدا قوللۇنىۋاتقان ھەر خىل جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەرگۇزمۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەخسىتى ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ مىللى كىملىكىنى، ئۇ مىللەتنىڭ بىر قىسمىنى فىزىكىلىق قىرغىن قىلىش بىلەن يوق قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇ مىللەتنىڭ روھىنى يوق قىلىش بىلەن ئۇ مىللەتنى يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا مەيلى جازا لاگىرلىرى تاقالسۇن ياكى تاقالمىسۇن، خىتتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنى روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن جازالاپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ۋەيران قىلىشى، روھىي ھالىتى ۋە پىسخىكىسىنى بۇزىشى،  ۋە شۇ ئارقىلىق مىللى كىملىك، مىللى روھنى يوق قىلىش مەخسىتىگە يىتىشى مۈمكىن.

ھازىرغا قەدەر خىتتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. ئەلجەزىريەنىڭ تىلىۋىزۇر قانىلىدا سۆز قىلغان ۋىكتور گائو، خىتتاي زىيالىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يالغۇز جازا لاگىرلىرىنى ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ھەتتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6، 7 مىللىيۇن دەپ ئىلان قىلدى. بۇ ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ ھىتتاي ھۆكۈمىتى 2015 - يىلى ئىلان قىلغان ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 11.30 مىللىيۇن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىش سەۋەبىدىن ئوتۇرغا قويغان سان ئەمەس. بۇ بەلكىم خىتتاينىڭ 2020 - يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئىلان قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن ئالدىن ئوتۇرغا تاشلىغان بىر سىگىنال بولۇشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن مەن جازا لاگىرى تاقالغان تەقدىردىمۇ، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى تۈپتىن يوق قىلىپ، كەلگۇسىدە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى چىقماس قىلىپ قويۇش ئۈچۈن جازا لاگىرلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا خىلدىكى ھەتتا ئۇنىڭدىن تىخىمۇ ئىغىر بولغان جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى مۈمكىن دەپ قارايمەن.

يىقىندىن بىرى جازا لاگىردىكىلەرنى خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىق توغۇرسىدا بەزى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ۋەتەندىن خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان پويىز بىلەتلىرىنىڭ 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي توختىتىلىدىغانلىق خەۋەرى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانى تىخىمۇ ئىنىق ئوتۇرغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم مەن يۇقاردا ئوتۇرغا قويغان جازا لاگىرلىرى تاقالغاندىن كىيىنكى تىخىمۇ ئىغىر جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولسا كىرەك. ھەممىمىز بىلگەندەك خىتتايدا 5 ئاپتىنۇم رايۇندىن باشقا 22 ئۆلكە بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا 50 مىللىيۇندىن ئارتۇق بەزىلىرىدە ھەتتە 100 مىلىيۇندىن ئارتۇق نوپۇس بار. ھەر بىر ئۆلكىگە يىرىم مىلىيۇن ئۇيغۇرلارنى چىچىۋەتسە، 10 مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خۇددى قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپلا كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندىكى لاگىرلارنى راھەت راھەت تاقاپ، بىزنىڭ ۋەتەندە لاگىر يوق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. 2020 – يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە خىتتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، بىراق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، خۇددى ۋىكتور گائو ئالدىن سىگنال بەرگەندەك 6، 7 مىلىيۇنغا چۈشۈپ قىلىشى مۈمكىن.

جازا لاگىرلىرى، گۇئانتانامودا تۇتۇلغان قىرىنداشلار مەسىلىسىگە ۋە 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشتا چوڭ رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. جازا لاگىرلىرى يالغۇز داۋانى خەلقارالاشتۇرۇپ قالماي، بۇرۇن داۋادىن ئۆزىنى قاچۇرغان نۇرغۇن كىشىلەرنى داۋا سىپىگە سۆرەپ كىردى. ئەگەر بىز جازا لاگىرلىرىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئاڭلاتماي، زىھنىمىزنى ۋە بارلىق كۈچىمىزنى پەقەت جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا مەركەزلەشتۈرىۋالساق، جازا لاگىرلىرىنىڭ تاقىلىشى بىلەن خەلقىمىز يۈزلەنگەن تەھدىتلەر ھەرگۈز ئازلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جازا لاگىرلىرى تاقالغاندىن كىيىن، داۋانى يەنە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا بىر نەرسىنى كۆتۈرەپ چىقىشقا توغۇرا كىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ مەخسەت، مۇشۇ جازا لاگىرلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالىنى ۋە داۋانىڭ تۈپ مەخسىتىنى  خەلقاراغا تولۇق ئاڭلىتىپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش بولۇشى كىرەك. ئەگەر بىز باش ئاغرىسا باش ئاغرىقنى، قوساق ئاغرىسا قوساق ئاغرىقنى داۋالاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاغرىق پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىگە ئىتىۋار بەرمىسەك، بۇنداق پۇرسەت بىزگە يەنە كىلىۋەرمەيدۇ.

ئەركىنلىكنى، ھۆكۈمىران سىنىپ مەڭگۈ ئۆزلىگىدىن بەرمەيدۇ؛ ئەركىنلىك ئىزىلگۈچى سىنىپ تەرەپىدىن ئىلىنىدۇ




Lagir taqalsa mesilimiz hel bolamdu?


Lagir taqalsa mesilimiz hel bolamdu?
(Awazliq nusqisi)



Memet Emin



“Qayta terbilesh merkizi” dep atalghan ikkinji dunya urushi mezgilidiki jaza lagirlirigha oxshaydighan yighiwilish merkezlirige tutup kétilgen kishilerning tiz köpiyishige egiship, uning éghir tesirige uchurghan weten sirtidiki keng xelq ammisi özlügidin oyghunup, bu yighiwilish merkezleri yaki jaza lagirlirini taqash üchün her xil paliyetlerni ilip biriwatidu we u künning baldurraq kélishige qattiq teqezza boliwatidu.

Teshkilatlirimiz we keng xelq ammisining tirishchanliqi, bolupmu özliri jaza lagir hayatini bishidin ötküzüp baqqan we yaki ailisidiki yiqin uruq taqqanliri jaza lagirlirida jazaliniwatqan bezi qirindashlarning dadilliq bilen oturgha chiqip, guwaliq birip, xelqara metbuatlarni we munasiwetlik organlarni birinji qol ispatlar bilen teminlishi bilen, yalghuz dunyadiki nurghunlighan metbuatlar we insan heq hoquq teshkilatliri Uyghur mesilisige alahide orun birip qalmastin, belki Birleshken Döwlerler Teshkilati, Amirka hökümiti, Yawropa birliki, Yawropadiki bir qisim döwletler we Awustiraliye parlimenti Uyghur mesilisi toghursida oxshimighan inkaslarni qayturdi. Xelqaraning bu inkaslirini körgen bezi qirindashlar jaza lagirlirining pat yiqinda taqilidighanliqini we lagirdikilerning pat yiqinda azatliqqa chiqidighanliqini oturgha qoyushiwatidu.

Xelqaraning Uyghur mesilisige shunchilik köngül bölüshi heqiqetenmu tarixta bolup baqmighan we ademge ümüt bighishlaydighan zor bir ilgirlesh. U xelqimizning dawani xelqaralashturushta qolgha keltürgen chong bir netijisi.  Bularning hemmisi bizning xushallinishimizgha erzidighan bir ish, biraq bular wetendiki jaza lagirlirini taqashqa yitemdu? Xelqimizni bishigha kiliwatqan külpetlerdin qutulduralamdu? Eger jaza lagirliri taqalsa, biz rastinla teshnaliqimizgha qanimizmu? Wetendiki uruq tuqqanlar we keng xelq ammisi rahet taparmu? Beziler eyitqandek lagirlar taqalsa rastinla lagirdikiler azatliqqa irishermu? Bularning hemmisi bizning oylinip biqishimizgha erzidighan mohim mesilelerdur.

Eger biz wetendiki weziyetning özgürüsh ehwaligha nezer salidighan baqsaq, bizni qattiq qayghu hesiret we teshwishke salghan bu keng kölemlik yighiwilish oturgha chiqishtin ilgiri, xelqimizning oxshashla rahet emeslikini, qarshiliq herketlirining üzlüksiz yüz birip kiliwatqanliqini, weziyetning kündin kün’ge keskinliship kelgenlikini köriwilish unche qiyin emes.

Biz wetenning yiqinqi 70 yilliq tarixini qoyup turup, Sövit Itipaqi parchilan’ghandin keyinki wetendiki weziyetning özgürüshige qarap baqsaq, wetenning weziyiti bu 27 yil ichide yildin yilgha nachar bolup keliwatqanliqini köreleymiz. Baren weqesi, Ghulja weqesi we bashqa nurghunlighan chong kichik weqeler yüz berdi. Xittay hökümiti naraziliq bildürgen we qarshiliq körsetkenlerni qattiq basturdi we weziyetni keskinleshtürdi. Xelqimiz bolsa weziyetning keskinlishini Xittay hakimiyitidin emes, qarshliq bildürgenlerdin körüp, ularni “singgen nanni yep jim olturghan bolsa, bundaq kün’ge qalmayittuq” dep eyipleshti. Bolupmu 2008 – yildiki Béyjing Olimpikning aldi keyni we 2009 – yildiki Ürümqi qirghinchiliqidin kéyinki weziyetke qaraydighan bolsaq, jaza lagirliri yoq waqitlardimu xelqimizning ehwalining nacharliqi hemmimizge melum.

2006 – yildin itiwaren yalghuz weten ichidila emes, belki Xittayning ichkir ölkiliride we etiraptiki Xittayning itipaqdash döwletliride yashawatqan Uyghurlar her xil cheklimelerge uchurap, xelqimizning ehwali burunqidin köp yamanlashqan. U chaghlarda biz Olimpik tügise weziyet yaxshi bolidu dep öz özimizge teselli bergen iduq. Olimpik tügep weziyet yaxshi bolmay tiximu jiddileshkende, Xittayning 1 - Öktebir döwlet bayrimi ötüp ketse, undin kiyin chaghan ötüp ketse weziyet yaxshi bolidu dep öz özimizge teselli berduq. Undin kiyin Shawguan weqesi we Ürümchi qirghinchiliqi yüz berdi. Undin kiyin xili uzun bir mezgil wetenning weziyiti tiximu keskinleshti. Pütün tilfun alaqe kisildi

5 – iyul Ürümqi qirghinchiliqidin kiyin wetendiki pütün tilfun alaqe kisilip, wetendiki uruq tuqqanlar bilen bolghan alaqe üzülgende, tilfun alaqining tizraq eslige kilishini, wetendiki uruq tuqqanlar bilen tizraq alaqe qilishini ümüt qilghan iduq. Emdilikte bolsa tilfun alaqe kisilgini yoq, hette ündidarmu ochuq, biraq wetendiki uruq tuqqanlar bilen bolghan alaqe oxshashla cheklimige uchurawatidu. Yalghuz lagirge solan’ghan uruq tuqqanlar bilen bolghan alaqe üzülüp qalmastin, belki lagir sirtida “erkin” yashawatqan uruq tuqqan we dost buraderler bilen bolghan alaqimu mümkin bolmaywatidu. Ehwal shundaqken lagirlar taqalsa, xelqimiz rahet taparmu? Lagirlar taqalsa lagirdikiler azatliqqa chiqarmu?

Hazir xelqimiz yüzliniwatqan eng chong tehdit we ishkenje yalghuz jaza lagirliri ichidila cheklinip qalmastin, jaza lagirliri sirtidikilermu her küni digüdek her xil wehime ichide yashimaqta. Milli muaripni checklesh, qosh tilliq muarip nami bilen tilimizni chechlesh, dinimiz, tariximiz we mediniyitimizge munasiwetlik kitaplarni köydürüp tashlash, mejbure toy qilish, halal bolmighan yimek ichmeklerni istimal qilishqa mejburi bolush, dinni itiqad ighir derijide cheklinish, michitqa kirip namaz oqush üchün hökümettin aldin ruxset ilip kinishke bijirish, kinishkisi yoqlarning michitqa kirishi cheklinish yaki jazalinish, mihmandarchiliq we tuqqan yoqlashlargha cheklime qoyush, petige birish üchün ruxset ilish we pete qilidighan waqitni belgülen’gen muddet ichide konturul qilish, milli kimlikni pütünley yoqutup tashlashqa urunush qattarliqlarning hemmisi lagir siritida yüz biriwatqan ishlar bolup, bu sewepler tüpeylidin lagir sirtidiki xelq duch kiliwatqan rohiy we jismani bisim, lagir ichide jazaliniwatqanlardin köp periqlenmise kirek.

Men ümütsiz bir adem emes, hem mining hichkimni ümütsizlendürüsh, hichkimge soghaq su sépish mexsitim yoq. Men peqetla mesilini mentiqiliq oylap, riyalliqni etirapliq mulahize qilish arqiliq, öz özimizni aldashtin saqlinishimizning zörürlikini oturgha qoyup ötmekchimen. Xittay hökümiti jaza lagirlirini achqanda choqum bir mexsetke yitishni pilanlighan bolishi mümkin. Jaza lagirliri u mexsetke yitish üchün qolliniwatqan charilerning biri, hemmisi emes. Ular özliri tamamen meghlup bolushtin burun, bu pilanidin aldirap waz kechmeydu.

Hazir köpünchimiz lagirlarning xelqimizge zor tehdit bolawatqanliqini közde tutup, dawani 100 mitirlik tiz yügüreshke aylandurup, xuddi lagirlar taqalsa xelqimiz erkin nepes alalaydighandek, pütün küch we zihnimizni lagirlarni taqashqa qaritiwatimiz. Mining qarishimche lagirlar hergüz bundaq asan taqalmaydu, yaki taqalghan teqdirdimu, mahiyet jehette chong özgürüsh bolmaydu. Xelqimiz oxshimighan usulda dawamliq jazalinishi mümkin. Eger biz mesilining mahitini tekitlimey, noqul halda nishanimizni lagirlarni taqash qiliwalsaq we yaki küchimizni lagirlarni taqashqa merkezleshtüriwalsaq, meyli lagirlar taqalsun yaki taqalmisun, weten ichidiki xelqimizning ehwalida chong özgürüsh bolmaydu; netijide weten sirtidiki xelqimiz arisida ümütsizlinish kilip chiqishi mümkin. Shunga xelqimiz arisida dawani toghura teshwiq qilishimiz, xelqni quruq ümütlündürmeslikimiz hem shundaqla ümütsizlikning aldini ilishimiz kirek. Düshmen haman bir küni meghlup bolidu, bu künler bundaq dawam qiliwermeydu. Xuddi Martin Luzir King digendek, “izilgen xelq menggü iziliwermeydu, erkinlikke bolghan intilish haman peyda bolidu”.

Izilgen xelq menggü iziliwermeydu. Erkinlikke bolghan intilish haman peyda bolidu.

Bezi melumatlargha asaslan’ghanda Xittay hökümitining tüp mexsiti herqaysi sahalerde közge körün’gen we jamet ichide tesiri bar Uyghurlarni yoq qilip, Uyghurlarni ötken esirning bishidiki dixxanchiliq dewrige qayturush; Uyghurlar ichidiki kespi xadimlar sanini tediriji azlitish we buningdin kiyin Uyghurlarni kespi xizmetlerge orunlashturmasliq, uning ornigha memuri xadimlarni nispi halda köpeytish, yaxshi oqughan we hökümetke sadiq bolghan Uyghurlarni köplep töwen qatlamdiki memuri xizmetlerge orunlashturup, özining yighida özining göshini qorush; Uyghurlarni her jehettin ajizlashturup, milli kimlikini yoq qilish iken. Emiliyette bularning hemmisi qedemmu qedem emillishiwatidu we yaki emillishishke qarap kitiwatidu.

Hazir biz qaraydighan bolsaq, Xittay hökümitining neziride özige eng chong tehdit boluwatqini, hergüzmu bizdiki “zorawanliq, bölgünchilik we yaki dini esebilik” bolmastin, belki bizdiki milli kimlik we özimizni könglimizdin Xittay puxrasi dep qarimasliq. Shu seweptin ularning mexsitimu bizdiki “zorawanliq, bölgünchilik we dinni esebilik” nila yoqutush bolmastin, belki bizdiki milli kimlik we milli angni tamamen yoqutush bolawatidu. Mohammed Salih Hajidin bashlap yash naxshichi Ablajan Awutqiche, Xalmurat Ghopur, Rahile Dawuttin tartip yash putbolchi Erfan Hezimghiche bolghan Uyghurlar ichide tesiri bar dep qaralghan herqandaq ademni yoq qilishi, hetta hökümetke eng sadiq dep qaralghan Nur Bekrining tutqun qilinishi buning tipik misallidur. Hazir hökümetke sadaqetlikini bildürüp kiliwatqan Qeyser Abdukerimge oxshash kishilermu, eger ularda azraqla Uyghurluq ingi bolidiken, ularningmu köridighan küni tixi aldida.

Hemmimiz bilgendek Ilham Toxti, Xittayning zimin pütünlikige izchil hörmet qilghan asasta, Xittayning qanuni boyiche Uyghurlargha heq hoquq telep qilghan idi. Xittay hökümiti Ilham Toxtini, Beyjingdin Ürümchige ilip birip, pütün Uyghurlarning köz aldida, xelqaradiki nurghun teshkilat we shexislerning naraziliqigha pisen qilip qoymay, uningha muddetsiz jaza berdi. Mushining özimu bizde bashqa tallash yolining qalmighanliqigha yiterlik delil bolalayitti. Emdilikte jaza lagirliri oturgha chiqip, tiximu köpligen bigunah insanlar sewepsiz tutqun qilinmaqata we hichqandaq qanuni resmiyetsiz jazalanmaqta.

Jaza lagiri xelqimizning milli kimlikini yoqutush jeryanida qolluniwatqan her xil jazalash usullirining biri bolup, u herguzmu Xittay hökümitining eng axirqi mexsiti emes. Bir milletning milli kimlikini, u milletning bir qismini fizikiliq qirghin qilish bilen yoq qilghili bolmaydu, biraq u milletning rohini yoq qilish bilen u milletni yoq qiliwetkili bolidu. Shunga meyli jaza lagirliri taqalsun yaki taqalmisun, Xittay hökümiti her xil usullarni qollunush arqiliq xelqimizni rohiy we jismani jehettin jazalap, ularning iradisini weyran qilishi, rohiy haliti we pisxikisini buzishi,  we shu arqiliq milli kimlik, milli rohni yoq qilish mexsitige yitishi mümkin.

Hazirgha qeder Xittay hökümiti jaza lagirlirining mewjut ikenlikini inkar qilip keldi. Eljeziryening tilivizur qanilida söz qilghan Victor Gao, Xittay ziyalirining wekili bolush süpiti bilen yalghuz jaza lagirlirini inkar qilipla qalmastin, hette wetendiki Uyghurlarning nopusini 6, 7 milliyun dep ilan qildi. Bu hergüzmu uning Hittay hökümiti 2015 - yili ilan qilghan Uyghurlar nopusining 11.30 milliyun ikenlikini untup qilish sewebidin oturgha qoyghan san emes. Bu belkim Xittayning 2020 - yilliq nopus tekshürüshide ilan qilmaqchi bolghan Uyghurlarning nopusigha nisbeten aldin oturgha tashlighan bir siginal bolushi mümkin. Shu seweptin men jaza lagiri taqalghan teqdirdimu, Xittay hökümiti Uyghurlarning milli kimlikini tüptin yoq qilip, kelguside xelqimizning awazini chiqmas qilip qoyush üchün jaza lagirlirining ornini alidighan bashqa xildiki hetta uningdin tiximu ighir bolghan jazalash usullirini qollinishi mümkin dep qaraymen.
Yiqindin biri jaza lagirdikilerni Xittayning ichkiri ölkilirige yötkewatqanliq toghursida bezi xewerler tarqilishqa bashlighan bolsimu, biraq bizning wetendin Xittayning ichkiri ölkilirige qatnaydighan poyiz biletlirining 10 - ayning 22 - künidin bashlap pütünley toxtitilidighanliq xeweri ilan qilin’ghandin kiyin, Xittay hökümitining Uyghurlarni türkümlep Xittayning ichkiri ölkilirige yötkesh pilani tiximu iniq oturgha chiqiwatidu. Bu belkim men yuqarda oturgha qoyghan jaza lagirliri taqalghandin kiyinki tiximu ighir jazalash usullirining biri bolsa kirek. Hemmimiz bilgendek Xittayda 5 aptinum rayundin bashqa 22 ölke bolup, bu ölkilerning mutleq köp qismida 50 milliyundin artuq beziliride hette 100 miliyundin artuq nopus bar. Her bir ölkige yirim miliyun Uyghurlarni chichiwetse, 10 miliyundin artuq Uyghur xuddi qumgha su singgendek singipla kitidu. Shuning bilen Xittay hökümiti wetendiki lagirlarni rahet rahet taqap, bizning wetende lagir yoq qilip körsiteleydu. 2020 – yilliq nopus tekshürüshte Xittaydiki Uyghurlarning omumi nopuside chong özgürüsh bolmaydu, biraq wetendiki Uyghurlarning nopusi, xuddi Victor Gao aldin signal bergendek 6, 7 miliyun’gha chüshüp qilishi mümkin.

Jaza lagirliri, Guantanamoda tutulghan qirindashlar mesilisige we 5- iyul qirghinchiliqigha oxshash, Uyghur mesilisini xelqaralashturushta chong rol oynidi we oynawatidu. Jaza lagirliri yalghuz dawani xelqaralashturup qalmay, burun dawadin özini qachurghan nurghun kishilerni dawa sipige sörep kirdi. Eger biz jaza lagirlirini merkez qilip turup, Uyghur dawasini omumi yüzlük anglatmay, zihnimizni we barliq küchimizni peqet jaza lagirlirini taqashqa merkezleshtüriwalsaq, jaza lagirlirining taqilishi bilen xelqimiz yüzlen’gen tehditler hergüz azlimaydu. Shuning bilen jaza lagirliri taqalghandin kiyin, dawani yene dawamlashturush üchün bashqa bir nersini kötürep chiqishqa toghura kilidu. Shunga bizning mexset, mushu jaza lagirlirini örnek qilip turup xelqimizning omumi yüzlük ehwalini we dawaning tüp mexsitini  xelqaragha toluq anglitip, milletning teqdirini tüptin özgertishke tirishish bolushi kirek. Eger biz bash aghrisa bash aghriqni, qosaq aghrisa qosaq aghriqni dawalash bilen meshghul bolup, aghriq peyda bolushning sewebige itiwar bermisek, bundaq purset bizge yene kiliwermeydu. 

Erkinlikni, hökümiran sinip menggü özligidin bermeydu; erkinlik izilgüchi sinip terepidin ilinidu. 

2018 - yili 9 - ayning 27 - kuni