توردا ئىمزا توپلاش ۋە
ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ئويلىغانلىرىم
مەمەت ئمىن
توردا ئىمزا توپلاش بولسا دېموكىراتىك دۆۋلەتلەردە يولغا
قويۇلىۋاتقان، جەمىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئادالەتسىزلىك ۋە ياكى مەلۇم بىر ۋەقەلىك
توغۇرسىدا جامائەت پىكىرى توپلاپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك
ئورۇنلارغا ئۆز تەلىپىنى يەتكۈزۈش، ئۇلارغا بىسىم قىلىش، جەمىيەتنىڭ ئۇنىڭغا
نىسبەت تونۇشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان بىر خىل ۋاستە بولۇپ، ئۇ
خەلقنىڭ ئاۋازىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش ۋە ياكى ھۆكۈمەت بىلەن خەلق
ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ.
ھازىر مەۋجۇت بولىۋاتقان توردا ئىمزا توپلاش ئۇسۇلى ھەر خىل
بولۇپ، ئۇنى ئاددى قىلىپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
بىرى، جەمىيەتنىڭ مەلۇم بىر ۋەقەلىككە بولغان تونۇشىنى
يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، جامائەت پىكىرى توپلاشنى مەخسەت قىلغان ئىمزا توپلاشلار بولۇپ،
بۇنداق ئىمزا توپلاشلار كۆپۈنچە ئەھۋالدا ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان ئامماۋى تور
بەتلەردە ۋە ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇنداق ئىمزا توپلاشلارغا
كۆپۈنچە ھالدا ئىمزا توپلاش پالىيىتىنى باشلىغۇچى ئىمزا قويغۇچىلار سانى جەھەتتە
مەلۇم بىر نىشان بەلگۈلەپ، شۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ. نورمالدا
بۇنداق ئىمزا توپلاشقا ئىمزا قويىدىغانلار سانى جەھەتتە ئىنىق بىر بەلگۈلىمە يوق
بولسىمۇ، بىراق ئىمزا قويغانلار سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. ئىمزا
قويغانلار قانچە كۆپ بولدى دىمەك، ئاڭلاتماقچى بولغان مەسىلىدىن ۋە ياكى
ۋەقەلىكتىن شۇنچە كۆپ ئادەم خەۋەر تاپتى دىمەك، ئۇنىڭ تەسىر شۇنچە چوڭ بولدى
دىمەك. نەتىجىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە ئورۇنلار ئوتۇرغا قويۇلغان مەسىلىگە
ئەھمىيەت بىرىشكە ۋە ئۇنى مۇئاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇرى بولىشى مۈمكىن. www.change.org دا ئىلىپ
بىرىلغان ئىمزا توپلاشلار بۇ خىلدىكى ئىمزا توپلاشلارنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
يەنە بىرى، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا
يەتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇم ۋەقەلىك ياكى مەسىلە توغۇرسىدا
ئىپادە بىلدۈرۈش، تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ۋە قانۇن ماقۇللاش قاتارلىقلارنى تەلەپ
قىلىش مەخسەت قىلىنغان ئىمزا توپلاش بولۇپ، بۇنداق ئىمزا توپلاشلار كۆپۈنچە
ئەھۋالدى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇنداق
ئىمزا توپلاشلارغا كۆپۈنچە ھالدا ئىمزا توپلاش پالىيىتىنى باشلىغۇچى ئەمەس، بەلكى
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئوتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتىۋارغا ئىلىپ ئۇنى
مۇزاكىرە قىلىپ بىر قار چىقىرىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن بىر ساننى
بەلگۈلەيدۇ. ئەلۋەتتە ئىمزا توپلاش پالىيىتىنى باشلىغۇچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇ ئىمزا
قويغۇچىلار سانىغا قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، مۇناسىۋەتلىك
ئورۇنلارنىڭ ئوتۇرىغا قويغان مەسىلىگە تىخىمۇ جىددى قارىشىنى قولغا كەلتۈرۈش
ئۈچۈن، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر ساننى مەخسەت قىلىپ، تىرىشىپ تەشۋىق قىلىشى مۈمكىن.
ئىمزا قويغانلارنىڭ سانىغا قويۇلغان ئۇ تەلەپ، ھۆكۈمەت
ئورۇنلىرىنىڭ ئوتۇرغا قويۇلغان مەسىلىنى ئىتىۋارغا ئىلىپ، ئۇنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە
ئۇ مەسىلە توغۇرسىدا بىرەر قارار چىقىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ تۆۋەن سان
بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ ئىمزا قويغانلار سانى شۇ سانغا يەتسە، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ
دىگەنلىك بولمايدۇ. ئىمزا قويغانلار شۇ سانغا يەتسە، ئاندىن ئۇ مەسىلە توغۇرسىدا
مۇزاكىرە ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئەگەر ئىمزا قويغانلار سانى تەلەپ قىلىنغان ئۇ ئەڭ تۆۋەن
سانغا يەتمىسە، ئوتۇرغا قويۇلغان ئۇ تەلەپ ئىتىۋارغا ئىلىنمايدۇ ۋە مۇزاكىرىگە
قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئىمزا قويغانلار سانى قانچە كۆپ بولسا ئوتۇرغا قويۇلغان
مەسىلىنىڭ ئىتىۋارغا ئىلىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرەر قارار ئىلىنىشنىڭ
ئىھتىماللىقى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئوتۇرغا قويۇلغان تەلەپ
مۇئاپىق بولۇشى، شۇ دۆۋلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، دۆۋلەتنىڭ
مەنپەتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كىرەك.
ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆۋلەتلەرنىڭ ئىمزا قويغۇچىلار
سانىغا قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ نىمە ئۈچۈن ناھايتى زور پەرىقلىق؟ ئىمزا توپلاش
ئارقىلىق خەلقنىڭ ئاۋازىنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى
ئىتىۋارغا ئىلىپ ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قارار ئىلىش، ئاساسەن ئاز سانلىق كۆپ
سانلىققا بويسۇنۇش، كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ ئاۋازىغا ئالدىن قۇلاق سىلىش پىرىنسىپى
قوللۇنىلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شۇ دۆۋلەتنىڭ نوپۇسىغا، ئۆزىنىڭ
خىزمەت يۈكىگە ئاساسەن ئىمزا قويغۇچىلار سانىغا پەرىقلىق تەلەپلەر قويىدۇ.
مەسىلەن ئامىركا ئاق ساراي تور بىتىدىكى ئىمزا توپلاش
مۇلازىمىتى، 2011 - يىلى ئوبامانىڭ دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، دەسلەپتە ئىمزا
قويغانلار سانىغا قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ 5000 بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن 25 مىڭگە
كۆپەيىتكەن. 2013 -يىلغا كەلگەندە، ئۇ تەلەپ قىلغان ئەڭ تۆۋەن ساننى ھازىرقى 100
مىڭگە ئۆزگەرتكەن. ئۆتكەن يىلنىڭ بىشىدىن ھازىرغا قەدەر ئاق ساراي تور بىتىدە
ئىلىپ بىرىلغان ۋە 30 كۈن مۇددەت ئىچىدە ئىمزا قويغانلار سانى بەلگۈلەنگەن سانغا
يەتكەن ئىمزا توپلاشلار 20 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىمزا قويۇلغان ئىمزا
توپلاش ھەركىتى، "ئامىركا پىرەزىدەنتى دونالد تىرامپنىڭ پۈتۈن تىجارەتىدىن ۋە
ئىختىزادى بايلىقىدىن ۋاز كىچىش ياكى ئۇنىڭغا قارغۇلارچە ئىشىنىش" توغۇرسىدا
بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمى 361 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويغان. ئەڭ ئاز ئىمزا
قويۇلغان ئىمزا توپلاش ھەركىتى، "ئامىركا پىرەزىدەنتى دونالد تىرامپنىڭ ۋىكى
سىر ئاشكارلاش ھەركىتىنى باشلىغان جۇلىيان ئاسسانجنى ئەپۇ قىلىش" توغۇرسىدا
بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار سانى (2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگە قەدەر)
ئاران 377 بولغان.
غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە توردا ئىمزا توپلاش ھەركىتى، بىر خىل
شەكىلۋازلىق بولماستىن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەلۇم شەرت بىلەن مەلۇم بىر سىياسەتنى
ئوتۇرغا قويغان بولسا، ئۇ شەرتكە يەتكەن ھەرقانداق تەلەپ چوقۇم ئىتىۋارغا ئىلىنىدۇ
ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. مەسىلەن ئامىركا ئاق ساراي تور بىتىدە ئىلىپ بىرىلغان ھەر
قانداق ئىمزا توپلاش ئۈچۈن ئوتۇرغا قويۇلغان تەلەپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار
سانى 100 مىڭگە يەتسە، ئۇ تەلەپ ئامىركا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ،
بىرەر قارار چىقىرلىىدۇ، ۋە ئۇ قارار ئۇ ئىمزا توپلاشقا قاتناشقان ھەر بىر كىشىگە
ئەلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرلىدۇ. بۇ دىگەنلىك ئوتۇرغا قويۇلغان مەسىلە چوقۇم ئوتۇرغا
قويۇلغان بويىچە ھەل بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. پەقەت ئىتىۋارغا ئىلىنىدۇ، مۇزاكىرە
قىلىنىدۇ ۋە بىر قارار چىقىرلىدۇ. ئوتۇرغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ ھەل بولۇش
بولماسلىقى ۋە قايسى دەرىجىدە ھەل بولۇشى، ئوتۇرغا قويۇلغان تەلەپنىڭ مۇئاپىق
بولۇش بولماسلىقىغا، دۆۋلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش
بولماسلىقىغا ۋە دۆۋلەت مەنپەتىگە تەسىر يەتكۈزۈش يەتكۈزمەسلىكىگە باغلىق.
بۇ يىل 8 - ئايدا
ئاۋۇستىرالىيە پارلامەنت تور بىتىدە خىتتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان
سىياسىتىگە قارشى ئىمزا توپلاش پالىيىتىى باشلانغان بولۇپ، نۇرگۈل خانىم ۋە
كۆپلىگەن باشقا قېرىنداشلارنىڭ نۇرغۇن تېرىشچانلىقى بىلەن 30 كۈن مۇددەت ئىچىدە
ئىمزا قويغانلار سانى غەلىبىلىك ھالدا 10 مىڭدىن ئاشتى. ئۇندىن باشقا يەنە،
قېرىندىشىمىز ئالماس نىزامىدىن ئۆز ئايالى ۋە ئاپىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوخشاش تور
بەتتە ئىمزا توپلاش پالىيىتى ئىلىپ بارغان ئىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار
سانى ئۇنچە كۆپ بولمىدى. ئەمىلىيەتتە ھازىر خەلقىمىزنىڭ دەردى ھەر بىرىمىزنىڭ
دەردى، ھەر بىر بىرىمىزنىڭ دەردى خەلقىمىزنىڭ دەردى بولۇپ، بىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش
مۇئامىلە قىلىشىمىز، خەلقىمىزنىڭ بىشىغا كەلگەن دەرتنى ئاڭلىتىشقا تىخىمۇ پايدىلىق
ئىدى.
ئاۋۇستىرالىيەدە باشلانغان ئۇ ئىمزا توپلاش پالىيىتىنى
غەرىپ دۆۋلەتلىرىگە كەڭەيتىش چاقىرىقى بىلەن، ئامىركىدا ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنى
ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان ئامىركىلىق دوستىمىز جەك 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامىركا
ھۆكىمىتىنىڭ ئاق ساراي تور بىتىدە خىتتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان ئىغىر
سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلەپ، بىز ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پالىيىتى باشلىغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن 3 كۈن كېيىن قېرىندىشىمىز سالى خۇدايار، جەكنىڭ
ئىمزا توپلاش ئۈچۈن يازغان يازمىسىدا ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمىنى "شىنجاڭ" ۋە
بىزنى "ئاز سانلىق مىللەت" دەپتۇ دەپ، ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ،
ئۆزى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئوخشاش تور بەتتە يەنە بىر ئىمزا توپلاش ھەركىتى
باشلىدى.
مەن بۇ يەردە، بۇ ئىككى ئىمزا توپلاش پالىيىتىنىڭ
بىرسىنى توغۇرا، بىرسىنى خاتا دەپ باھا بەرمەكچى ئەمەسمەن. مەن ھەم قېرىنداشلارنىڭ
قايسىغا ئىمزا قويۇپ، قايسىغا ئىمزا قويماسلىق توغۇرسىدا بىر نەرسىمۇ دىمەكچى
ئەمەسمەن. مەن شەخسەن ھەر ئىككىلىسىگە ئىمزا قويدۇم. مەن بۇ يەردە پەقەتلا ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئىمزا توپلاش ۋە داۋاغا
مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ
ئۆتمەكچىمەن. ھەممىڭلار بۇلارنى ئۆيلاپ بىقىپ، قانداق قىلىش توغۇرسىدا ئۆزۈڭلار
قارار بەرسەڭلا بولىدۇ.
ئامىركىلىق دوستىمىز جەك باشلىغان ئىمزا توپلاش،
"خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايۇنىدا ئىلىپ بىرىۋاتقان
خالىغانچە ئادەم تۇتۇش ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق
ئەيىپلەش" توغۇرسىدا بولۇپ، ئۇ يازمىسىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا ئاز
سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلارنىڭ خەلقارا ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرى ئەھدىنامىسىدا كاپالەت
قىلىنغان ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە بولىۋاتقانلىقى، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ
بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق خەلقنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغۇرسىدا ئامىركا
ھۆكۈمىتىدە گۇۋالىق بىرىلگەنلىكى، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت
قىلىشىنى، تىلىنى، دىننى ئىتىقادىنى ۋە ئىجتىمايى ئالاقىسىنى قاتتىق
چەكلەۋاتقانلىقىنى ئوتۇرغا قويغان.
قېرىندىشىمىز سالى خۇدايار باشلىغان ئىمزا توپلاش، "خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا
لاگىرلىرىنى ئەيىپلەپ، 21 - ئەسىردىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش"
توغۇرسىدا بولۇپ، ئۇ يازمىسىدا شەرقى تۈركىستان (ئاتالمىش شىنجاڭ) دىكى ئۇيغۇر،
قازاق، قىرغىز، ئۈزبەك ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلقارا ئىنسان ھەق
ھوقۇقلىرى ئەھدىنامىسىدا كاپالەت قىلىنغان ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە
بولىۋاتقانلىقى، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ مىلىيۇندىن ئارتۇق خەلقنى قانۇنسىز ھالدا
تۇرما ۋە جازا لاگىرلىرىغا سولىغانلىقى توغۇرسىدىكى ئىسپاتلارنى بىرلەشكەن
دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگۈتۈش كومىتىتى كۆزدىن كۆچۈرگەنلىكىنى
ئوتۇرغا قويغان. ئۇ يازمىسىدا خىتتاينىڭ بىسىش سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن باشقا،
خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنى ماگنىسكى قانۇنى بويىچە
جازالاشنى، خىتتاينى خەلقارا سودا جەھەتتە جازالاشنى، د ن ئا (DNA) ئانالىز قىلىش
ئەسۋاپلىرىنى، كۈزۈتۈش تەخنىكىسىنى، قوراللارنى ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلارغا
ئىشلىتىدىغان ماللارنى خىتتايغا ئېكىسپورت قىلماسلىقنى، ۋە بىرلەشكەن دۆۋلەت
تەشكىلاتىغا ئىرقى قىرغنچىلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە شەرىقى تۈركىستاننى بىسىۋىلىنغان
زىمىن دەپ ئىتىراپ قىلىش ئۈچۈن بىسىم قىلىشنى ئوتۇرغا قويغان.
يۇقارقى ئىمزا توپلاش ئۈچۈن يىزىلغان ئىككى يازمىنى ئۆز
ئارا سىلىشتۇرغاندا، سالى خۇدايار قېرىندىشىمىزنىڭ يازغان تەلىپى، بىزگە ناھايتى
ياقىدىغان ياخشى بىر تەلەپ. بۇنىڭغا مىنىڭچە ھىچكىمنىڭ قارشى پىكىرى بولمىسا كىرەك؛ شەخسەن مەن بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار سانىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭدىن ئىشىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن؛ بىراق شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەردە ئويلۇنۇپ بىقىشقا توغۇرا كىلىدۇ.
بىرىنجىدىن، ئەگەر بۇ ئىمزا توپلاش، جەك 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئىمزا توپلاش ھەركىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن
ياكى جەك باشلىغان ئىمزا توپلاشنىڭ 30 كۈنلۈك مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن
ئوتۇرغا چىققان بولسا، مىنىڭچە تىخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. ئەپسۇس ئاۋۇستىرالىيەدە باشلانغان ئىمزا توپلاش ھەركىتىگە گەرچە 20 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت
ئۆتكەن بولسىمۇ، ئامىركىدا بۇنداق بىر ئىمزا توپلاش ئوتتۇرغا چىمغان. جەك بۇ ئىمزا
توپلاشنى باشلاپ ئەمدىلا 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئىمزا توپلاشنى ئۇنىڭ
بىلەن بەسلەشكەندەك ئوتۇرغا ئىلىپ چىقىش ۋە بۇرۇنقى ئىمزا توپلاشنى،
"شىنجاڭ" ۋە "ئاز سانلىق مىللەت" دىدى دەپ ئۇنى ئىنكار
قىلىش، مەنچە ئاقىلانە بىر ئىش ئەمەس. چۈنكى جەك داۋا ئىچىدىكى ھىچ بىر ئىنساننىڭ
رىقابەتچىسى ئەمەس. ئۇ پەقەتلا ئۆز قوبۇل قىلغان ئۇسۇلدا ۋە ئامىركا ھۆكۈمىتى
قوبۇل قىلىش ئاسان بولغان دائىردە، ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىپ، ئاۋازىمىزنى ئامىركا ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ بىزگە بىر قەرىزى ۋە
مەجبۇريىتى يوق؛ ھەم بىزدىن بىر نەرسىمۇ ئۈمۈت قىلمايدۇ. مەن بىلىدىغان جەك،
بىزنىڭ ۋەتەننى شەرىقى تۈركىستان دەپ ئاتاشنى رەت قىلىدىغان بىرسىمۇ ئەمەس؛ ئۇ
ئۇزۇندىن بىرى بىزنىڭ داۋانى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بىرسى. ئۇ بەلكىم ئامىركا
ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمزا قويماقچى بولغان كۆپ ساندىكى باشقا كىشىلەرنى كۆزدە
تۇتۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن تونۇلغان ۋە ئومۇملاشقان "شىنجىاڭ" ۋە
"ئاز سانلىق مىللەت" دىگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن بولىشى مۈمكىن.
ئەمىلىيەتتە بۇ ئاتالغۇلار ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە
ئالغان نۇرغۇن دۆۋلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا ئومۇمى يۈزلۈك ئىشلىتىۋاتقان
ئاتالغۇلار.
ئۇندىن باشقا ئاق ساراينىڭ تور بىتىدە ئىمزا توپلاش
ھەركىتى ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن ھىچقانداق شەرت ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى يوق. ھەر قانداق ئادەم،
ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق مەزمۇندا ئىمزا توپلاش ھەركىتىنى باشلىسا
بولىۋىرىدۇ. چوقۇم بۇ ۋاقىتقا توغۇرلاپ ئوتۇرغا ئىلىپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئىككىنجىدىن، ئاق ساراي تور بىتىدە ئىمزا توپلاشتىن
مەخسەت يالغۇز ئۆز كۆڭلىمىزگە ياقىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، ئۆز كۆڭلىمىزنى خوش
قىلىۋىلىش بولماستىن، بەلكى بەلگۈلەنگەن 30 كۈن مۇددەت ئىچىدە ئىمزا قويغانلار
سانىنى 100 مىڭگە يەتكۈزۈپ، ئاز بولسىمۇ بەلگۈلۈك نەتىجىگە ئىرىشىش. ئوتۇرغا
قويۇلغان تەلەپ قانچە كۆپ بولسا، بىزگە شۇنچە ياققان بىلەن، ئۇنىڭ ئامىركا
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ رىياللىققا ئايلىنىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ
ۋە ياكى ئۇنداق بىر ئىھتىماللىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىككى ئىمزا توپلاش ئۆز ئارا
رىقابەت كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئىمزا قويغۇچىلارنى ئىككىگە بۆلىۋىتىش ئەھۋالىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق، ئىمزا قويغۇچىلار سانىنىڭ بەلگۈلەنگەن 30 كۈن مۇددەت
ئىچىدە 100 مىڭگە يىتىش ئىھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىۋىتىدۇ.
جەك باشلىغان ئىمزا
توپلاشقا ئىمزا قويغانلار سانى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە 8000 گە يىقىنلاشقان
بولۇپ، ئوتۇر ھىساپ بىلەن كۈنىگە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويغان. سالى
خۇدايار قېرىندىشىمىز باشلىغان ئىمزا توپلاشقا ئىمزا قويغانلار سانى 9 - ئاينىڭ 13
- كۈنى كەچتە 1600 دىن سەل ئاشقان بولۇپ، ئوتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە 400
ئەتىراپىدا ئادەم ئىمزا قويغان. ئاۋۇستىرالىيەدە ئىلىپ بارغان ئىمزا توپلاپقىمۇ
كۈنىگە ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 350 ئەتىراپىدا ئادەم ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ ئىككى
ئىمزا توپلاشقا ئىمزا قويغانلارنىڭ سۈرېتى
ئاساسەن ئوخشاش بولغان، ئۇنىڭ سەۋەبى ھەر ئىككى ئىمزا توپلاش پالىيىتىگە
قاتناشقانلار ئاساسەن ئوخشاش بولسا كىرەك. شۇڭا ئەگەر بىز بۇ ئىمزا توپلاشقا
كۆپلىگەن ئامىركىلىق ۋە باشقا خەلقلەرنى جەلىپ قىلالمىساق، بەلگۈلەنگەن مۇددەتتە
ئىمزا قويغانلار ساننى 100 مىڭغا يەتكۈزۈش ناھايتى قېيىن. بۇ سانغا يىتىش ئۈچۈن،
كۈنىگە ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 3400 ئادەم ئىمزا قويىشى كىرەك. ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە
ئىمزا قويغانلار سانى 100 مىڭگە يەتمىسە، ھەرقانچە گۈزەل تەلەپلەر ئوتۇرغا
قويۇلغان بىلەن، ئۇلارنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ئۈچۈنجىدىن، ئاق ساراي تور بىتىدە ئىمزا توپلاشتىن
مەخسەت يالغۇز ئۆز كۆڭلىمىزگە ياقىدىغان چوڭ تەلەپلەرنى ئوتۇرغا قويۇپ، ئۆز
كۆڭلىمىزنى خوش قىلىۋىلىش بولماستىن، بەلكى ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلىش
ئىھتىمال بولغان تەلەپلەرنى ئوتۇرغا قويۇپ، ئوت ئىچىدە كۆيىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن
ئازراق بولسىمۇ بىر ئىش قىلىپ بىرىش.
مەن بەزىدە بىزنىڭ ئامىركا ھۆكۈمىتىگە ۋە ياكى
خەلقارادىكى بەزى تەشكىلاتلارغا قويغان تەلىپىمىزنى مۇنداق بىر مىسالغا ئوخشاتقىم
كىلىدۇ. خىتتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئاتا ئانىمىزنى ئۆلتۈرۋىتىپ، بىر تاكتىكىلارنى
قوللۇنۇپ بىزنى بىقىۋالدى. بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ۋە يىشىمىزنىڭ چوڭ بولىشىغا
ئەگىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرى بىقىۋىلىنغان ئۆگەي بالا ئىكەنلىكىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ
ئۇزىندىن بىر ئۆگەي بالا مۇئامىلىسىگە ئۇچۇراپ كەلگەنلىكىمىزنى تەكىتلەپ،
ئۆزىمىزنىڭ ئايرىم ئۆي تۇتۇش ئىستىكىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئوتۇرغا قويۇپ
كەلدۇق. ئەپسۇس، خىتتاي ھۆكۈمىتى مەيلى بىزنى قانداق ئۇسۇلدا بىقىۋالغان بولسۇن ۋە
بىزنى قانداق دەرىجىدە ئۈگەيلىگەن بولسۇن، خەلقارادا بىزنى يەنىلا خىتتاينىڭ
بالىسى دەپ تونىدۇ؛ گەرچە بەزى دۆۋلەتلەر بىزنى خىتتاينىڭ ئۆزبالىسى ئەمەس،
مەجبۇرى بىقىۋالغان ئۈگەي بالىسى دەپ تونىسىمۇ، بىراق يەنىلا بالىسى دەپ تونىدۇ.
بىز گەرچە بىر قىسىم دۆۋلەتلەرگە، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنى ئۈگەيلەۋاتقانلىقىنى
قوبۇل قىلدۇرغان بولساقمۇ، بىراق 60 - 70 يىلدىن بىرى، بىز تىخى ئۇلارغا
ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرى بىقىۋىلىنغان ئۈگەي بالا ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرالمىدۇق.
بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىز 30 كۈنلۈك بىر ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئارقىلىق،
ئۇلارغا "ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرى بىقىۋىلىنغان ئۈگەي بالا ئىكەنلىكىنى"
قوبۇل قىلدۇرالامدۇق؟
داۋا بىزنىڭ داۋا، بىزنىڭ داۋا نامايىش قىلىش، ئىمزا
توپلاش بىلەن ھەل بولىدىغان داۋا ئەمەس. بىزنىڭ داۋا ۋەتەندىكى جازا لاگىرلىرى
تاقالغان بىلەن تۈگەيدىغان داۋا ئەمەس. بىزنىڭ داۋا مۇناسىۋەتلىك خىتتاي
ئەمەلدارلىرىنى ماگىنىسكى قانۇنى بىلەن جازالاش بىلەن ھەل بولىدىغان داۋا ئەمەس. بىز كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، بىز مۇستەققىللىق تەلەپ قىلىمىز دەپ ۋاقىرغان بىلەن، ياكى مۇستەققىللىق تەلەپ قىلىمىز دەپ ئىمزا توپلاش ئىلىپ بارغان بىلەن، بىرسى بىزگە مۇستەققىللىق بەرمەيدۇ. كىمنىڭ مۇستەق بولغۇسى يوق؟ مۇستەققىللىق دىگەن كۈچىمىز يەتسە ئۆزىمىز ئالىدىغان نەرسە. بىزنىڭ داۋا ئۆزمىز بىلەن بولىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر داۋا. بىزنىڭ داۋا غەرىپ
دۆۋلەتلىرى ۋە خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، قوللاپ قۈۋەتلىشگە ۋە
ياردەم قىلىشىغا ئىھتىياجلىق داۋا. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇزۇن داۋا جەريانىدا
زۆرۈر بولغان قەدەم باسقۇچلار بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك
بولغان مەسىلە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش. قىشتا ئۆي ماكانسىز
قالغانلارغا تۇرغىدەك بىر جاي تىپىپ، ئۇلارنى قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقىدىن ساق
سالامەت ساقلاپ قىلىش.
بىزنىڭ قەھرىتان قىشتا تۇرغىدەك بىر يەرىمىز يوق جىددى
بى پەيىتتە، باشقىلار بىزگە ھىسىداشلىق قىلىپ، بىزنىڭ قەھرىتان قىشتىن ساق
سالامەت ئۆتىۋىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئۆي
ماكانسىزلار تۇرىدىغان ئۆيلەردىن ھەل قىلىپ بىرىشقا ئۇرۇنسا، بىز "ئۇ ئۆي
ماكانسىزلار تۇرىدىغان ئۆيدە تۇرساق، باشقىلار بىزنى ئۆي ماكانى يوقكەن دەپ
قالىدۇ" دەپ خاپا بولۇپ، باشقىلاردىن بىزگە مۇستەققىل ئۆي بىرىشنى تەلەپ
قىلساق بولامدۇ؟ كۈچىمىز يەتسە ئۇ مۇستەققىل ئۆيلەرنى ئۆزىمىز تاپايلى، بولمىسا
باشقىلار ياردەم قىلىپ تىپىپ بەرگەن ئۆينى ياراتماي، ئۇنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ
يۈرمەيلى.
ھەممىمىز بىلگەندەك، مەيلى ئامىركا بولسۇن ۋە ياكى
نۇرغۇنلىغان باشقا غەرىپ دۆۋلەتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتتاي خەلق
جەمھۇرھىتىنى ۋە ئۇنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان. شەرىقى تۈركىستان
مەسىلىسىدە ئەمەس، ھەتتا تەيۋان مەسىلىسىدىمۇ، ئامىركا ھازىرغا قەدەر "بىر
خىتتاي سىياسىتىنى" قوللاپ، تەيۋەننىڭ مۇستەققىللىق ئىلان قىلىش تەلىپىگە
ناھايتى ئىھتىياتچانلىق پوزىتسىيەسى تۇتۇپ كىلىۋاتىدۇ. 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، بىرسى ئاق ساراي
تور بىتىدە "بىر خىتتاي سىياسىتىنى باكار قىلىش" توغۇرسىدا ئىمزا توپلاش
ھەركىتى باشلىغان ئىكەن، 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كەچكىچە ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار سانى ئاران 280 گە
يىتىپتۇ. بۇ ئىمزا قويۇش ھەركىتىنىڭ ۋاختى يەنە 3 كۈندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. دىمەك
بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرنى، يالغۇز ئامىركا ھۆكۈمىتى ئەمەس، ئادەتتىكى پۇخرالارمۇ
بەك قوللاپ كەتمەيدۇ.
شۇڭا بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئامىركا ھۆكۈمىتى بىز
ئۈچۈن ئۆزى ئىتىراپ قىلغان كىلىشىملەرنى بىكار قىلىپ، بىزنى بىسىۋىلىنغان زىمىن
دەپ ئىتىراپ قىلىپ، ئامىركىنىڭ دۆۋلەت مەنپەتىگە تەسىر يەتكۈزىشى ئۇنچە ئاسان
ئەمەس. بۇ ھەرگۈزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەرھال ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ
ھىس تۇيغىمىزغا ۋە سوبىكتىپ ئارزۇلىرىمىزغا بوي سۇنىدىغان ئىش ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ
دىگەنلىك بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىمىز دىگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن، بىز ئۇزۇن
مۇددەت قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كىرەك.
مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا، قايسى مەسىلىنىڭ جىددىلىكىنى ئالاھىدە ئىتىۋارغا
ئىلىشىمىز كىرەك.
ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۆز ئارزۇ ئۈمۈتلىرىمىزنى ئوتۇرغا
قويۇش، باشقىلارنى قائىل قىلىشقا ئىنتىلىش ھەققىمىز ۋە ھوقۇقىمىز بار؛ بىزنىڭ ئۆز
ھەق ھۆقۈمىزنى قوغداش ھۆقىقىمىز ۋە مەجبۇريىتىمىز بار. بىراق بىزنىڭ ئۆز
ئارزۇيىمىزنى باشقىلارغا مەجبۇرى تىڭىش، ۋە باشقىلارنى بىزنىڭ ھىس تۇيغىلىرىمىز
بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقىمىز يوق. كۈچىمىز يەتسە پۈتۈن ھىساۋاتنى
دۈشمىنىمىز بىلەن قىلىپ، ئامال بار باشقىلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى قولغا
كەلتۈرىشىمىز، دۈشمىنىمىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ، دوستىمىزنى كۆپەيتىشىمىز كىرەك.
داۋانىڭ ئالدىدا مىڭىۋاتقان، داۋاغا باشلامچىلىق
قىلىۋاتقان، ۋە ياكى ئۆزىنى لىدىر، يول باشلىغۇچى دەۋاتقان ھەرقانداق شەخىس،
يىراقنى كۆرەلەيدىغان، ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغان، كەڭ خەلق
ئاممىسىنى ئىتىپاقلاشتۇرالايدىغان، ھىسياتقا ئەمەس ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىدىغان،
شەخسى ئاداۋەت تۈپەيلىدىن داۋانى ئاخساتمايدىغان بولىشى كىرەك. بىزگە ۋە بىزنىڭ
داۋاغا پايدىلىق ھەرقانداق ئىش قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئىنساننى ئۆزىمىزگە
رىقابەتچى قىلىۋالماسلىقىمىز كىرەك؛ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋىلىشىمىزنىڭ تىخىمۇ ئورنى يوق.
داۋاغا پايدىلىق ئىش قىلىۋاتقان ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسلەر بىلەن قارمۇ
قارشى ھەركەت قىلىش ئەمەس، بەلكى پاراللىل ھەركەت ئىلىپ بىرىشىمىز، ئۆز ئارا
قوللىشىمىز، ئۆز ئارا كەم قالغان يەرلەرنى تولۇقلۇغۇچى ۋە ياكى بىرىمىز
يىتىشەلمىگەن ئىشنى يەنە بىرلىرىمىز قىلغۇچى بولىشىمىز كىرەك. بولمىسا زىيان
ئۆزىمىزگە بولىدۇ، داۋا ھەرگۈز ئالغا باسمايدۇ.
*****************************************
قوشۇمچە: ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى
يۇقارقى ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئۈچۈن ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى
ناھايتى ئاددى بولۇپ، ئۈنىڭلىق ئۈچۈن بىر
ئېلخەت ئادىرىس، بىر كومپىتۇر ياكى تورغا چىققىلى بولىدىغان بىر تىلفۇن بولسا
يىتەرلىك. ئالدى بىلەن سىز ئىمزا قويۇش تور بىتىگە كىرىسىز، ئاندىن ئەڭ يۇقۇردىكى
بىرىنجى كاتەككە ئىسىمىڭىزنى يازىسىز، ئىككىنجى كاتەككە دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى
يازىسىز، ئەڭ تۆۋەينىدىكى ئۈچىنجى كاتەكچىگە ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى كىرگۈزۈپ،
"Sign now" دىگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن دەرھال ئەلخەت ئادىرىسىڭىزغا
بىر ئېلخەت كىلىدۇ. ئاندىن سىز ئۇ يەردىن
"Confirm" دىگەن
خەتنى باسسىڭىز بولىدۇ.
2018 - يىلى
9 - ئاينىڭ 14 - كۇنى، نىيورۇك
No comments:
Post a Comment