Tuesday, March 3, 2020

بىزدىكى زىدىيەتلىك كۆز قاراشلار

بىزدىكى زىدىيەتلىك كۆز قاراشلار


بىز كۆڭلىمىزدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاجىز كۆرسۈتۈپ، خەلقىمىزنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، بىراق ئەمىلىيىتىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك كۆرسىتىپ، ئارىمىزدا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتىمىز.

بىز رىياللىقنى توغرا بىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا قارىتا چارە تەببىرلەرنى ئىلىشىمىز كىرەك، بىراق رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا خىتاينى پەن تەخنىكا جەھەتتە باشقىلار ئىگەللىيەلمىگەن تەخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ بولدى قىلىپ كۆرسىتىش، بىزگە نىسبەتەن قانچىلىك پايدا ئەكىلدۇ؟ بۇ مەسىلە توغۇرسىدا ھەممەيلەن ياخشى ئويلۇشۇپ باقساق.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھازىرغا قەدەر خىاتاينىڭ خەلقارادىكى بىردىن بىر ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ پۇلى. خىتاي ھۆكۈمىتى 50 يىللاردا شەخىسلەردىن مۇسادىر قىلىۋالغان يەر زىمىننى سىتىپ، ئۆي مۈلۈكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ يەر بۇ يەردىن ئوغۇرلىغان تەخنىكىسى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ چىقارغان ماللارنى كۆپلەپ ئىكىسپورت قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپتى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ پۇلغا تايىنىڭ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قاراتتى.

خىتاي ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ گىنىنىمۇ ئامىركىنىڭ ئۈسكۈنلىرىگە، ئامىركىنىڭ تەخنىكىسىغا ۋە ئامىركىنىڭ مۇتىخەسىسلىرىگە تايىنىپ تەكشۈرگەنلىكى ئوتۇرغا چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت شۇ ئىختىزادى كۈچىگە تايىنىپ، 1000 تالانت پورۇگۇراممىسى نامى ئاستىدا، كۆپلىگەن چەتەل مۇتىخەسىسلىرىنى پۇل بىلەن سىتىپ ئىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئامىركا ھۆكۈمىتىمى مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تونۇپ يىتىپ، بەزى ئامىركىلىق مۇتىخەسىسلىرىنى جازاغا تارتىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان ھاكىمىيەت بولۇپ، پەن تەخنىكا جەھەتتە ئەگەر غەرىپنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، پالەج ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى خۇاۋىي يولىقىۋاتقان كىرزىسلاردىن كۆرىۋىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس.

بىز خىتاينىڭ ئىختىزادى جەھەتتىكى ئەمىلىي ئەھۋالىنىى تەكىتلىسەك، خىتاينى چوڭ كۆرسەتكەن بولىدىكەنمىز؛ بىراق بىز خىتاينى پەن تەخنىكا جەھەتتە، ھازىر باشقا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە تىخى ئىمكان بولمىغان تەتقىتقاتلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ گىنىنى تەتقىق قىلىپ، پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا تەسىر قىلىدىغان ۋىرۇسلاېنى ياساپ بولدى، ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىدىغان بىولوگىيەلىك قوراللارنى ياسىاپ بولدى، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى قىرىۋىتىدۇ دەپ ۋەھىمە پەيدا قىلساق، ئۇ خىتاينى بۈيۈتكەن بولمايدىكەن. بۇ قانداق بىر مەنتىقە؟

ھازىر بىز تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ ۋەھىمىلەر، ئۇيغۇرلارنى تىخىمۇ ئويغىتارمۇ؟ ئۇيغۇرلارنى تىخىمۇ ئۈمۈتلەندۈرەمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا تىخىمۇ كۆپ ئىشەنچ پەيدا قىلارمۇ؟ بىز ئويلاپ باقايلى، ئەگەر بىز كۈندە خىتايلار پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ گىن ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ۋىرۇس ئىشلەپ چىقىرىپ بولدى، ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تامامەن يوق قىلىدۇ ۋە ياكى 60-70% ئۇيغۇر ئاللا بۇرۇن قىرىلىپ ئۆلۈپ بولدى دىسەك، خەلقىمىز بىراقلا ئويغۇنۇپ كىتەرمۇ؟ خەلقىمىز ئۇنىڭدىن بىراقلا ئۈمۈتلىنىپ، خىتاي ئۆلۈم گىرداۋىغا كەپتۇ دەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دەرھال مۇستەققىل بولۇپ كىتەرمۇ؟ ياكى دۇنيا ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ كىتىپ، بىزنى مۇستەققىل قىلىپ قويارمۇ؟

ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ھىچكىمنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس. مەن پەقەت ئويلىغانلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتە ئويلاپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مىنىڭچە بىز خەلقىمىز ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۈمۈتلەندۈرۈش مەخسىتىگە يىتەلمەيمىز. مىنىڭچە بىز چوقۇم خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان تەھدىتىنى ئاساس قىلىپ تەشۋىق قىلىپ، بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ تەقدىرىنى، بىزنىڭ مەنپەتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ بولۇپمۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەتىنى ئۆز ئارا باغلاشقا تىرىشىشىمىز كىرەك؛ بولمىسا ھىچكىم بىزگە ئىچىنى ئاغرىتىپ، بىزنى مۇستەققىل قىلىپ قويمايدۇ.