Friday, June 21, 2019

دېموكىراتىيە مۇكاپاتى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم

"2019 - يىللىق دېموكىراتىيە مۇكاپاتى" توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم

ئاۋازلىق نۇسقىسى
https://drive.google.com/open?id=1wWzfqM9TCcpxjv_8b-RehmXVIDSnbCrd

مەمەت ئىمىن

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈن،  ئامىركىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى (NED) ئامىركىنىڭ پارالامەنت بىناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرىلتېيىغا 2019 - يىللىق دېموكىراتىيە مۇكاپاتى بەردى. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، جۈملىدىن ئامىركا ھۆكۈمىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاۋازى دەپ تونىغانلىقى ئۈچۈن، دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سېموۋۇلى بولغان بۇ مۇكاپاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بەردى. بۇ كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ھەم شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋاسى، ئامىركىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ، جۈملىدىن ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جەزمەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتى. ئەسلى بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرۈشكە تىگىشلىك بۈيۈك بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق بىز كۆرگەن رىياللىق تامامەن ئۈمۈت قىلغاندەك بولمىدى. مۇئاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن خوش بولغان ۋە ئۈمۈتلەنگەن بولسا، بىر قىسىم كىشىلەر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا قاراتقان ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۈچەيىتتى. بۇ ھۇجۇملار ئەگەر خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، ئۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۆز ئىچىمىزدىكى بەزى ئىنسانلاردىن كىلىشى ئادەمنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى. شۇ سەۋەپتىن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا بولغان چۈشەنچەمنى يىزىپ، قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇئاپىق كۆردۈم.


ئامىركا پارلامەنت ئەزاسى جەيمىس مەكگاۋىن (James McGovern) 2019-يىللىق دەموكىراتىك مۇكاپاتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە.

ئامىركا دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ 2019 – يىللىق دېموكىراتتىيە مۇكاپاتى، يالغۇز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بىرىلگەن مۇكاپات بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر داۋاسىغا بېرىلگەن مۇكاپات. پۈتۈن ئۇيغۇر داۋاسسىغا بىرىلگەن ئۇ مۇكاپاتنى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ مۇكاپات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە ئۇنى قوللۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خەلقارا قانۇنلارغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋىرسال قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بارغان داۋاسىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇكاپات، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى تىنچلىق بىلەن ئىلىپ بىرىۋاتقان ھەر خىل پالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ مۇكاپات ئامىركىدىكى، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيالىلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ھەر خىل پالىيەتلىرىنى يىقىندىن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا ئالى مەكتەپلەردە، مېچىتلاردا، چىركاۋلاردا ۋە ھەر خىل ئامماۋى سورۇنلاردا ئىلىپ بارغان يىغىن، كۆرگەزمە ۋە گۇۋالىق بىرىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇ مۇكاپاتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بىرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋاسىنىڭ، دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، ھەم شۇنداقلا ئامىركا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جەزمەنلەشتۈرلىشى. ئۇ مۇكاپات يالغۇز دەموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ قالماستىن، ئەڭ موھىمى ئۇ ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىگە "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسى ھەقلىق داۋا، ئۇلارنى بىز قوللايمىز" دىگەن كۈچلۈك بىر سىگنالنى بىرىشى ھىساپلىنىدۇ.

بىز ئويلاپ باقايلى، مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بولسۇن، مەيلى باشقا تەشكىلاتلار بولسۇن، مەيلى ئامىركىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئەجىبا بىز ھەممەيلەن ئۇزۇندىن بىرى ئامىركا ھۆكۈمىتى ۋە ئامىركا خەلقىگە ئۆز دەردىمىزنى ئاڭلىتىپ، ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋايىمىزنى قوللىشىنى ۋە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگىزىۋاتقان مۇستەملىكە ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىشىنى تەلەپ قىلمىدۇقمۇ؟  ئەگەر ئامىركا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرى بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمىسا، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە تۇر دىمىسە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ بىزنىڭ دىنى قىرىنداشلىرىمىز بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىدۇقمۇ؟ ئەمدىلىكتە ئامىركىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، شۇنداقلا ئامىركا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ داۋايىمىزنى قوللاپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسى ھەقلىق داۋا، ئۇلارنى بىز قوللايمىز" دىگەن سىگنالنى بىرىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بۇ مۇكاپاتنى بەرسە، بىز پەخىرلىنىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمۈتلىنىشنىڭ ئورنىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا ھۇجۇم قىلساق، داۋانىڭ ئالدىدا ماڭغان شەخىسلەرگە ھاقارەت قىلساق، بىز زادى كىمنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىمىز؟ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز زادى كىم؟ ئەجىبا ئۇ مۇكاپاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا بەرمەي، باشقا بىرسىگە بەرسە ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنى ياخشى باستۇرىۋاتىسىلە دەپ خىتتاي ھاكىمىيىتىگە بەرسە، خوش بولاتتۇقمۇ؟

مەن ئۆتكەن يىلى ئىلىپ بارغان ئىككى قىتىملىق راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئامىركىنىڭ بىزنىڭ مىللى داۋادا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە تىقىلغان مىخ ئىكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەپتىن خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بىر قىسىم غوللىق ئەزالىرىنى،  خەلقاراغا تەرورچى دەپ ئىلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل پالىيەتلىرىنى ۋە ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرىنى، ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يىقىن مۇناسىۋەتتىكى دۆلەتلەرگە ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىدىغان دۆلەتلەرگە كىرىشى چەكلىنىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى داۋانى نۇقسانسىز ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ دىمەيمەن، بىراق ھازىرقى مەۋجۇت تەشكىلاتلار ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى داۋانى نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملىك ئىلىپ بىرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خەلقارادىكى كۆپ ساندىكى دۆۋلەتلەر ئەڭ ئىتىراپ قىلغان بىر تەشكىلات؛ ئۇ مۇئاجىرەتتىكى بولۇپمۇ داۋانىڭ موھىم قوللۇغۇچىسى بولغان غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ كۆپ زىيالىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن بىر تەشكىلات.

بەزىلەر بەلكىم دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى شەخسى بىر ئورگان تۇرسا، ئۇ قانداق قىلىپ ئامىركا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىق قىلىدۇ دەپ قارىشى مۈمكىن. شۇنداق، گەرچە دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، ئىختىزادى كېرىم كەلتۈرمەيدىغان شەخسى ئورگان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى شەخسى ئورگان ئەمەس.  دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى بۇرۇنقى ئامىركا پىرەزىدەنتى رونالد رىگاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1983- يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىختىزادىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامىركا پارلامەنتى تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتى، ئامىركا پارلامەنتى ۋە ئامىركا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ. ئامىركىدا بۇ خىلدىكى قارىماققا شەخسى ئورگاندەك كۆرۈنگەن ئورۇنلار خىلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئىلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان.

دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ پىرەزىدەنتى كارىل گېرىشمەن
(Carl Gershman) ئەپەندى

كارىل گېرىشمەن (Carl Gershman) ئەپەندى 1984 – يىلىدىن بىرى دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ پىرەزىدەنتلىك ۋەزىپىسىن ئۆتەپ كەلگەن. ئۇ بۇ ۋەزىپىگە كىلىشتىن بۇرۇن ئامىركىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىگەن. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىدا 30 دىن ئارتۇق ئىدارە دائىمى ھەيئەت (board) ئەزاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇرۇنقى پارلامەنت ئەزاسى، سىياسىيۇن، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە دىپلوماتلاردۇر. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ ھازىرقى ئىدارە دائىمى ھەيئەت رەئىسى (Chairman of the board) ئەندىرۇۋ كارد (Andrew H. Card) ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشتىن بۇرۇن ئاق ساراي بۆلۈم مۇدىرى 
(WhiteHouse chief of staff)، ئاق ساراي ئىراق گۇرپىسىنىڭ باشلىقى 
(Head of White House Iraq Group) ۋە ئامىركا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق موھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. ئۇندىن باشقا بەزى داڭلىق ئۇنىۋەرسىتلارنىڭ خەلقارا مۇناسىۋەت، تاشقى ئىشلار ۋە سىياسەت كەسسىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم پىراپىسۇرلار دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىدا مەسلەھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ رەئىسى ئەندىرۇۋ كارد
(Andrew H. Card) ئەپەندى

ھازىر دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، يىلىغا 90 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى كۆپلىگەن ئامماۋى تەشكىلات (NGO) لارغا 1600 دىن ئارتۇق تۈر (project) ئارقىلىق ئىختىزادى ياردەم بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 19 تۈر (project) خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى داۋا ئىلىپ بىرىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بىرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى، ئامىركا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ۋە ياكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەق-ھوقۇقى پوراجەكتى (UHRP) قاتارلىق تەشكىلاتلار بار. دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنى قوللىشى ھەرگۈزمۇ ئۇ تەشكىلات ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندىغا ئارقا ئىشىك ياكى خوشامەت قىلىشىدىن بولماستىن، بەلكى ئۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋالار ھەقلىق داۋا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇ داۋالارنى خەلقارا قانۇنلار ئاساسىدا سىستىمىلىق ئىلىپ بارغانلىقىدىندۇر.

بەلكىم بەزىلەر دېموكىراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە يۇقۇرقى تەشكىلاتلارغا پۇل بەرسە، باكارغا بەرمەيدۇ؛ ئۇلار ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋانى قوللىسا، مەخسەتلىك قوللايدۇ دەپ قارىشى مۈمكىن. توغرا، بىزدە "باكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ" دەيدىغان گەپ بار. بۈگۈنكى بۇ دۇنيادا باكارلىق ۋە ياكى بەدەلسىز ھىچ ئىش يوق. ھەرقانداق ئىشنىڭ بىر بەدىلى بار، بىراق شۇنداقتىمۇ بۇ دۇنيادا "يالغۇز مەن ياشاي، مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولسۇن" دەيدىغان كىشىلەردىن باشقا، يەنە "بىرلىكتە ياشايلى ۋە كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولايلى" دەيدىغان ئىنسانلارمۇ بار. تىجارەت قىلاي دىسە دەسمايى يوق، كۈندۈلۈك تۇرمۇشى قېيىن ئەھۋال ئاستىدا قالغان بىر ئادەم، بانكىدىن ۋە ياكى تونۇش بىلىشلىرىدىن قەرىز ئىلىپ تىجارەت قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن، ئۇ قەرىز ئالغان پۇلغا ئۆسىمى بىلەن قوشۇپ قايتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئۇ ئادەمنى ئەيىپلەيمىزمۇ ياكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ قەرىزگە تايىنىپ ئۆز ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىشىنى ئاقىلانە ئۇسۇل دەپ قوللايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت تۇرمۇشىمىزدىكى ئاددى بىر مىسال بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئامىركا بىزگە ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۋالىدىغان قەرىز بىرىۋاتىدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، بىز ھازىر باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامىركا قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە مۇختاج. يالغۇز ھازىر ئەمەس، بىز مۇستەققىل بولغاندىن كىيىنمۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان خەلقارانىڭ قوللىشىغا ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا مۇختاج. ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىتىراپ قىلىشى بولماي تۇرۇپ، بىزنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىمىز ئاسان ئەمەس؛ بىز خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان خەلقارانىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە قولىشى كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى جەمھۇريەتلەر، ئىشىنىمەنكى ھەرگۈزمۇ خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيەگە بولغان سۆيگۈسى سەۋەبىدىن ھازىرقىدەك سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقىنى يوق؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن شۇنداق سىياسەت تۇتۇشقا مەجبۇرى. بىز مۇستەققىل بولغاندىن كىيىنمۇ، زىمىنىمىزنى باشقا يەرگە يۆتكەپ ئىلىپ كىتەلمەيمىز، يەنىلا شۇ خىتتاي دۆلىتىگە چىگىرداش بولۇپ، ئەتىراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تىنچ ياشاشقا مەجبۇرىمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، بىزنىڭ 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان ئىككى جەمھۇريىتىمىز، كۈچلۈك دۆلەتلەرنى مەركەز قىلغان خەلقارانىڭ يىتەرلىك قوللىشىغا ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە يەم قىلىندى. ئۇ چاغدا مەيلى بىزنىڭ ۋەتەندىكى نوپۇسىمىز بولسۇن ۋە ياكى بىزنىڭ كۈچىمىز بولسۇن، ھازىرقىدىن نىسبەتەن كۆپ ۋە كۈچلىك ئىدى. خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى تەسىرى كۈچى ۋە خەلقارادىكى ئورنى ھازىرقىدىن نىسبەتەن كۆپ تۆۋەن ئىدى. شۇنداق بىر ئەھۋالدا قولىمىزغا ئىلىپ بولغان مۇستەققىللىق قولىمىزدىن كەتكەن يەردە، ئەمدىلىكتە بىز نىمىمىزگە تايىنىپ بىرىنى ئۇنداق دەپ تىللاپ، يەنە بىرىنى بۇنداق دەپ ئىنكار قىلىپ يۈرىمىز؟ ئەينى ۋاقىتتا ھىچ بولمىسا خەلقىمىزنىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى بار ئىدى، قولىدا قورالى بار ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خەلقىمىزدە قورال ئەمەس، ھەتتا ئۆيدىكى پىچاقلارغا زەنجىر سىلىندى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، كەلگۈسىدە تۆلەش ئىھتىمالى بولغان ئۇ بەدەلدىن قورقاپ، ئامىركا ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ياردەمنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ داۋانى قۇرۇق شۇئار توۋىلاپ قىلامدۇق؟

يېقىنقى 100 يىللىق دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئامىركا، ئەڭىلىيە ۋە روسىيەنىڭ دۇنياغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس. بولۇپمۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن يىڭى دۇنيا خەرىتىسى ئاساسەن مۇشۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئارزۇسى بىلەن قايتىدىن سىزىلىپ چىقتى. ئامىركىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن جەنۇبى كورىيە، غەرىپ گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە روسىيە، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا دۇنياغا كەلگەندە شىمالى كورىيە ۋە شەرىقى گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. ھازىر دۇنيادىكى 70 دۆلەتتە ئامىركىنىڭ 700 دىن ئارتۇق ھەربى بازىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامىركا بىلەن ھەمكارلاشقىنى ۋە ياكى ئامىركىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكىنى ئۈچۈن ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي يوقاتقىنى يوق؛ ئۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدا خارلانغىنى يوق؛ ئەكسىنچە خىلى كۆپ دۆلەت خەلقىدىن بەكرەك ئەركىن ياشاپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە تەسلىمچىلىك ۋە بىقىندىچىلىقنى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەسمەن. مەن ئالمال بولسا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشنى، ھېچكىمگە بىقىندا ۋە مۇنقەرىز بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىرسى؛ بىراق بۇلارنىڭ ھىچ بىرى قۇرۇق شۇئار ۋە سوبىكتىپ ھىس تۇيغا بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. بىز شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كىرەككى، بۇ دۇنيانىڭ ئادەلىتى ئاجىزلارنىڭ قولىدا ئەمەس، كۈچلۈكلەرنىڭ قولىدا. دۇنيا بىچارە قىياپەتتە يىغلىغانلارنى، ئارقىغا مۆكۈنىۋىلىپ، غەيۋەت شىكايەت قىلغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزنىڭ ئىنسانى ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئاڭلايدۇ.

ئامىركىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 70 دۆۋلەكە جايلاشقان 700 دىن ئارتۇق ھەربى بازىلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى

Tuesday, June 18, 2019

Démokiratiye mukapati toghursida oylighanlirim



Memet Emin

Hemmimizge melum bolghinidek 2019 - yili 6 - ayning 4 - küni muajirettiki Uyghurlar üchün untulghusiz bir kün boldi. Bu kün,  Amirkining Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) Amirkining paralament binasida Dunya Uyghur Quriltéyigha 2019 - yilliq démokiratiye mukapati (2019 Democratic Award) berdi. Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED), jümlidin Amirka hökümiti, Dunya Uyghur Qurultéyini Uyghurlarning eng küchlük awazi dep tonighanliqi üchün, démokiratiye we erkinlikning sémowuli bolghan bu mukapatni Dunya Uyghur Qurultéyigha berdi. Bu künde, Dunya Uyghur Qurultéyining hem shundaqla pütün Uyghurlarning uzundin biri ilip biriwatqan dawasi, Amirkining Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning, jümlidin Amirka hökümitining téximu ilgirligen halda jezmenleshtürishige irishti. Esli bu pütün dunyadiki Uyghurlarni söyündürüshke tigishlik büyük bir ish bolsimu, biraq biz körgen riyalliq tamamen ümüt qilghandek bolmidi. Muajirette yashawatqan köp sandiki kishiler uningdin xosh bolghan we ümütlen’gen bolsa, bir qisim kishiler pursetni qoldin bermey, Dunya Uyghur Qurultéyigha qaratqan hujumni tiximu kücheyitti. Bu hujumlar eger Xittay hökümiti teripidin kelgen bolsa, u ejeplinerlik ish emes idi. Biraq u hujumlarning öz ichimizdiki bezi insanlardin kilishi ademni bek epsuslandurdi. Shu seweptin men özümning bu mukapatqa bolghan chüshenchemni yizip, qérindashlar bilen ortaqlishishni muapiq kördüm.
  
Amirka parlament ezasi James McGovern 2019-yilliq demokiratik mukapatini Dunya Uyghur Qurultéyining reisi Dolqun Eysagha tapshurup bermekte.

Amirka Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning 2019 – yilliq Démokirattiye mukapati, yalghuz Dunya Uyghur Qurultéyigha birilgen mukapat bolup qalmastin belki pütün Uyghur dawasigha bérilgen mukapat. Pütün Uyghur dawassigha birilgen u mukapatni Uyghur dawasining eng küchlük awazidin biri bolghan Dunya Uyghur Qurultéyi tapshurup aldi. U mukapat, Dunya Uyghur Qurultéyi we uni qollughuchilarning uzundin buyan xelqara qanunlargha we insaniyetning univirsal qimmet qarishigha uyghun halda ilip barghan dawasining netijisi. U mukapat, dunyaning her qaysi jayliridiki xelqimizning Xittay hakimiyitining wetinimizde yürgüziwatqan mustemlike siyasetlirige qarshi tinchliq bilen ilip biriwatqan her xil paliyetlirining netijisi. U mukapat Amirkidiki, jümlidin dunyaning her qaysi jayliridiki ziyalilarning we munasiwetlik shexislerning Dunya Uyghur Qurultéyining her xil paliyetlirini yiqindin qollap we uninggha maslashqan halda ali mekteplerde, méchitlarda, chirkawlarda we her xil ammawi sorunlarda ilip barghan yighin, körgezme we guwaliq birishining netijisi. Bu mukapatning Dunya Uyghur Qurultéyigha jümlidin pütün Uyghurlargha birilishi, Uyghurlarning uzundin biri ilip biriwatqan dawasining, Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED), hem shundaqla Amirka hökümiti teripidin jezmenleshtürlishi. U mukapat yalghuz demokiratiye we erkinlikning simowuli bolup qalmastin, eng mohimi u Amirka hökümitining Xittay hökümitige “Uyghur xelqining dawasi heqliq dawa, ularni biz qollaymiz” digen küchlük bir signalni birishi hisaplinidu.

Biz oylap baqayli, meyli Dunya Uyghur Qurultéyi bolsun, meyli bashqa teshkilatlar bolsun, meyli Amirkidiki Uyghurlar bolsun, we yaki dunyaning her qaysi jayliridiki Uyghurlar bolsun, ejiba biz hemmeylen uzundin biri Amirka hökümiti we Amirka xelqige öz derdimizni anglitip, Amirka hökümitining dawayimizni qollishini we Xittay hökümitining xelqimizge yürgiziwatqan mustemlike we irqi qirghinchiliq siyasitini toxtishini telep qilmiduqmu?  Eger Amirka bashliq gherip döletliri biz üchün awaz chiqarmisa, Xittay hökümitige tur dimise, bashqa döletlerning bolupmu bizning dini qirindashlirimiz bolghan musulman döletlirining Xittay hakimiyitige qarshi awaz chiqiralmaydighanliqini tonup yetmiduqmu? Emdilikte Amirkining Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED), shundaqla Amirka hökümiti bizning dawayimizni qollap, Xittay hökümitige “Uyghur xelqining dawasi heqliq dawa, ularni biz qollaymiz” digen signalni birish üchün, Dunya Uyghur Qurultéyigha bu mukapatni berse, biz pexirlinishning we uningdin ümütlinishning ornigha, Dunya Uyghur Qurultéyigha hujum qilsaq, dawaning aldida mangghan shexislerge haqaret qilsaq, biz zadi kimning menpetini chiqish qilimiz? Bizning düshminimiz zadi kim? Ejiba u mukapatni Dunya Uyghur Qurultéyigha bermey, bashqa birsige berse we yaki Uyghurlarni yaxshi basturiwatisile dep Xittay hakimiyitige berse, xosh bolattuqmu?

Men ötken yili ilip barghan ikki qitimliq ray sinashning netijisige asaslan’ghanda, mutleq köp sanda Uyghurlar Amirkining bizning milli dawada hel qilghuch rol oynaydu dep qaraydiken.

Dunya Uyghur Qurultéyining Xittay hökümitining közige tiqilghan mix ikenliki we shu seweptin Xittay hökümiti uzundin biri Dunya Uyghur Qurultéyining bir qisim gholliq ezalirini,  xelqaragha terorchi dep ilan qilip, ularning her xil paliyetlirini we insani heq hoquqlirini, erkinlikini chekleshke urunup kiliwatqanliqi we shu seweptin ularning Xittay hökümiti bilen yiqin munasiwettiki döletlerge we yaki Xittay hökümitini renjitip qoyushtin endishe qilidighan döletlerge kirishi cheklinip kelgenliki hemmimizge ayan. Elwette men bu yerde Dunya Uyghur Qurultéyi dawani nuqsansiz ilip biriwatidu dimeymen, biraq hazirqi mewjut teshkilatlar ichide Dunya Uyghur Qurultéyi dawani nisbeten eng ünümlik ilip biriwatqan teshkilatlarning biri bolup, u xelqaradiki köp sandiki döwletler eng itirap qilghan bir teshkilat; u muajirettiki bolupmu dawaning mohim qollughuchisi bolghan gherip döletliridiki eng köp ziyalilarning qollishigha irishken bir teshkilat.

Beziler belkim Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) shexsi bir organ tursa, u qandaq qilip Amirka hökümitige wekilliq qilidu dep qarishi mümkin. Shundaq, gerche Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED), ixtizadi kérim keltürmeydighan shexsi organ bolsimu, biraq u hergüzmu bizning chüshenchimizdiki shexsi organ emes.  Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) burunqi Amirka pirezidenti Ronald Reaganning teshebbusi bilen 1983-yili qurulghan. Uning ixtizadining köp qismini Amirka parlamenti testiqlaydu. Uning xizmiti, Amirka parlamenti (US Congress) we Amirka tashqi ishlar ministiri (US State Department) teripidin nazaret qilinidu. Amirkida bu xildiki qarimaqqa shexsi organdek körün’gen orunlar xili köp bolup, ular asasliqi ilip barmaqchi bolghan xizmetlerning ünümlük we qolayliq bolishi üchün qurulghan.

Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning pirezidenti Carl Gershman ependi

Carl Gershman ependi 1984 – yilidin biri Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning pirezidentlik wezipisin ötep kelgen. U bu wezipige kilishtin burun Amirkining Birleshken Döletler Teshkilatida turushluq wekili bolup ishligen. Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) da 30 din artuq idare daimi hey’et (board) ezasi bolup, ularning köpünchisi burunqi parlament ezasi, siyasiyun, yuquri derijilik hökümet erbabliri we diplomatlardur. Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning hazirqi idare daimi hey’et reisi (Chairman of the board) Andrew H. Card ependi bolup, u bu wezipini öz üstige ilishtin burun Aq Saray Bölüm Mudiri (White House chief of staff), Aq Saray Iraq gurpisining bashliqi (Head of White House Iraq Group) we Amirka Qatnash Ministirliqining ministiri qatarliq mohim xizmetlerni ötigen. Undin bashqa bezi dangliq universitlarning xelqara munasiwet, tashqi ishlar we siyaset kessipi bilen shughulliniwatqan bir qisim pirapisurlar Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) da meslehetchilik wezipisini ötimekte.

Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning reisi Andrew H. Card ependi

Hazir Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED), yiligha 90 din artuq dölettiki köpligen ammawi teshkilat (NGO) largha 1600 din artuq tür (project) arqiliq ixtizadi yardem biridu. Ularning ichide 19 tür (project) Xittay hökümitige qarshi dawa ilip biriwatqan teshkilatlargha birilgen bolup, ularning ichide Dunya Uyghur Qurultéyi, Amirka Uyghur Uyushmisi we yaki Uyghur Insan Heq-hoquqi porajekti (UHRP) qatarliq teshkilatlar bar. Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ning bu teshkilatlarni qollishi hergüzmu u teshkilat we teshkilat rehberlirining Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED) ge arqa ishik yaki xoshamet qilishidin bolmastin, belki u teshkilatlarning ilip biriwatqan dawalar heqliq dawa bolup, ularning u dawalarni xelqara qanunlar asasida sistimiliq ilip barghanliqidindur.

Belkim beziler Démokiratiyeni Ilgiri Sürush Fondi (NED), Dunya Uyghur Qurultéyi we yuqurqi bashqa teshkilatlargha pul berse, bakargha bermeydu; ular ilip biriwatqan dawani qollisa, mexsetlik qollaydu dep qarishi mümkin. Toghra, bizde “bakargha müshük aptapqa chiqmaydu” deydighan gep bar. Bügünki bu dunyada bakarliq we yaki bedelsiz hich ish yoq. Herqandaq ishning bir bedili bar, biraq shundaqtimu bu dunyada “yalghuz men yashay, mendin bashqilarning hemmisi halak bolsun” deydighan kishilerdin bashqa, yene “birlikte yashayli we kelgüsidin ortaq behriman bolayli” deydighan insanlarmu bar. Tijaret qilay dise desmayi yoq, kündülük turmushi qéyin ehwal astida qalghan bir adem, bankidin we yaki tonush bilishliridin qeriz ilip tijaret qilip, öz ehwalini ongshiwalghandin kiyin, u qeriz alghan pulgha ösimi bilen qoshup qayturidu. Bundaq ehwalda, biz u ademni eyipleymizmu yaki u ademning u qerizge tayinip öz hayatida özgürüsh peyda qilishini aqilane usul dep qollaymizmu? Elwette, bu peqet turmishtiki addi bir misal bolup, men bu yerde Amirka hökümiti bizge qeriz biriwatidu dimekchi emesmen. Méning dimekchi bolghunum, biz hazir bashqa döletlerning bolupmu Amirka qatarliq küchlük döletlerning qollishigha we yardimige muxtaj. Yalghuz hazir emes, biz musteqqil bolghandin kiyinmu küchlük döletlerni asas qilghan xelqaraning qollishigha we itirap qilishigha muxtaj. Ularning qollishi we itirap qilishi bolmay turup, bizning Xittay hakimiyiti üstidin ghalip kilishimiz asan emes; biz Xittay hökümiti üstidin ghalip kelgen teqdirdimu, küchlük döletlerni asas qilghan xelqaraning itirap qilishi we qolishi kem bolsa bolmaydu. Shuni tekitlep ötüshke erziduki, Orta Asiyadiki Türki jemhuryetler, ishinimenki hergüzmu Xittay hökümiti bilen Rosiyege bolghan söygüsi sewebidin hazirqidek siyaset yürgüziwatqini yoq; ular özining dölet menpeti üchün shundaq siyaset tutushqa mejburi. Biz musteqqil bolghandin kiyinmu, ziminimizni bashqa yerge yötkep ilip kitelmeymiz, yenila shu Xittay dölitige chigirdash bolup, etiraptiki döletler bilen tinch yashashqa mejburimiz.

Hemmimizge melum bolghandek, bizning 1933 – yili we 1944 – yili qurulghan ikki jemhuryitimiz, küchlük döletlerni merkez qilghan xelqaraning yiterlik qollishigha we itirap qilishigha irishelmigenliki üchün, Xittay hökümitige yem qilindi. U chaghda meyli bizning wetendiki nopusimiz bolsun we yaki bizning küchimiz bolsun, hazirqidin nisbeten köp we küchlik idi. Xittay hökümitining wetinimizdiki tesiri küchi we xelqaradiki orni hazirqidin nisbeten köp töwen idi. Shundaq bir ehwalda qolimizgha ilip bolghan musteqqilliq qolimizdin ketken yerde, emdilikte biz nimimizge tayinip birini undaq dep tillap, yene birini bundaq dep inkar qilip yürimiz? Eyni waqitta hich bolmisa xelqimizning muntizim eskiri bar idi, qolida qorali bar idi. Emdilikte bolsa xelqimizde qoral emes, hetta öydiki pichaqlargha zenjir silindi. Bundaq bir ehwal astida, kelgüside tölesh ihtimali bolghan u bedeldin qorqap, Amirka hökümiti qiliwatqan yardemni inkar qilip, u dawani quruq shuar towilap qilamduq?

Yéqinqi 100 yilliq dunya tarixigha qaraydighan bolsaq, Amirka, Engiliye we Rosiyening dunyagha qanchilik tesir körsetkenlikini köriwilish unche tes emes. Bolupmu 2 – dunya urushidin kiyin yingi dunya xeritisi asasen mushu üch döletning arzusi bilen qaytidin sizilip chiqti. Amirkining qollishigha irishken Jenubi Koriye, gherip Girmaniye qatarliq döletlerning we Rosiye, Xittay hökümitining qollishida dunyagha kelgende Shimali Koriye we Sheriqi Girmaniye qatarliq döletlerning ehwali hemmimizge ayan. Hazir dunyadiki 70 dölette Amirkining 700 din artuq herbi bazisi bar bolup, ularning mutleq köp qismi Amirka bilen hemkarlashqini we yaki Amirkining qollishigha irishkini üchün öz igilik hoquqini pütünley yoqatqini yoq; u döletlerdiki xelqler bizge oxshash mustemlike astida xarlan’ghini yoq; eksinche xili köp dölet xelqidin bekrek erkin yashap kelmekte. Elwette men bu yerde teslimchilik we biqindichiliqni teshebbus qilmaqchi emesmen. Men almal bolsa öz küchimizge tayinishni, héchkimge biqinda we munqeriz bolmasliqni teshebbus qilidighan birsi; biraq bularning hich biri quruq shuar we sobiktip his tuygha bilen emelge ashidighan ish emes. Biz shuni untimasliqimiz kirekki, bu dunyaning adeliti ajizlarning qolida emes, küchlüklerning qolida. Dunya bichare qiyapette yighlighanlarni, arqigha möküniwilip, gheywet shikayet qilghanlarni emes, belki özning insani heq hoquqini qoghdash üchün dadilliq bilen sepning aldigha ötüp, pidakarliq körsetkenlerni anglaydu.

Amirkining dunyaning herqaysi jayliridiki 70 döletke jaylashqan 700 din artuq herbi bazilirining tarqilish ehwali 

2019 - yili 6 - ayning 18 - kuni