Saturday, January 26, 2019

ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى

ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى
مەمەت ئىمىن

ئىنگىلىزچىدە "motivate" دەيدىغان بىر سۆز بولۇپ، ئۇنى تۈركچىدە "motive etmek, herket ettirmek" دەيدىكەن. ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆزگە ئەڭ يىقىن كىلىدىغان سۆزلەر "ھەركەتلەندۈرمەك، قوزغىماق، رىغبەتلەندۈرمەك، روھلاندۇرماق، ئاكىتىپلاشتۇرماق، ئىلھام بەرمەك" قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە "ھەركەتلەندۈرۈش" دىگەن سۆز مەن بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا ئەڭ ماس كىلىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن مەن يازماقچى بولغان ماقالامنىڭ تىمىسىنى "ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى" دەپ ئالدىم.

ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش دىگەندە، ئاساسلىقى قانداق قىلىپ ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغان، چۈشكۈنلەشكەن، قىيىن ئەھۋالدا قالغان، كەلگۇسىگە بولغان ئۈمۈدىنى يوقاتقان ۋە ياكى كۆرىۋاتقان كۈنىگە قانائەت قىلىپ، ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئىستىكى بولمىغان، يەنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۇچى كەم بولغان ئىنسانلارنى، ماشىنىغا ئوت ئالدۇرغاندەك ئوت ئالدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھاياتىدا كىرەكلىك بولغان ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلتۈرۈشنى كۆزدە تۇتماقچى.

ئوخشىمىغان كىشىلەر، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان شاراھىت ئاستىدا قوللىنىپ كەلگەن ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى گەرچە ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى يىغىنچاقلاپ "پاسىپ" ۋە "ئاكىتىپ" دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

پاسسىپ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى دىگىنىمىز، ئاساسەن ئىنسانلارنى جازالاش، قامچىلاش، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش، تەھدىت قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىقلار ئارىقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى مەغلۇبىيەت، يامان ئاقىۋەت، خانى ۋەيرانچىلىق، ھەتتا ئۆلۈم قاتارلىقلار كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ.

ئاكىتىپ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى دىگىنىمىز، ئاساسەن ئىنسانلارنى مۇكاپاتلاش، ئىلھام بىرىش، رىغىبەتلەندۈرۈش، غۇرۇرلاندۇرۇش، ئۈمۈتلەندۈرۈش قاتارلىقلار ئارىقلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ماختاش، مۇئاپىقىيەت، چوڭ نەتىجە، باياشات تۇرمۇش، گۈزەل كىلەچەك، دۇنيانى خوجا بولۇش، ھەتتا ئۆلگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىش قاتارلىقلار كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ.

ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرگەندە تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر ئىككى جۈملە سۆز بىلەن ئاسانلا جاۋاپ بەرگىلى بولىدىغان سوئال ئەمەس بولۇپ،  ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمايى ئورنى، ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسى، دۇنيا قارىشى، ئىتىقادى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى دىگەندە ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق يەنى روھىي ئىھتىياجلىرى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىھتىياجلىرى، ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە يەنى ئىنسانلارنى مەلۇم بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىكە ۋە روھىي ئىھتىياجلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.

ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى دىگەندە، ئەقلىمىزگە ئالدى بىلەن ئامىركىلىق پىسخىلوگ ئەبرەخەم خارولد مەزلوۋنىڭ "ئىھتىياج دەرىجە نەزىريەسى" (Maslow's Hierarchy of Needs) كىلىدۇ. ئۇ نەزىريەدە ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجلىرىنى، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە دەرىجە ياكى قاتلامغا ئايرىغان.


يۇقارقى پىرامىدالىق رەسسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى ۋە بىرىنجى دەرىجىلىك ئىھتىياجى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئىنسان ئالدى بىلەن ھايات ياشاشقا ئىھتىياجلىق ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن يىمەك ئىچمەك، كىيىم كىچەك ۋە ئۇخلاشقا ئىھتىياجلىق. بۇ خىل ئىھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بىر ئىنساننى ھەركەتلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قانداق قىلىپ شۇ ئىنساننىڭ ئۇ ئىپتىدايى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە، شۇ ئىپتىدايى ئىھتىياجنى قاندۇرۇشتىن باشقا بەك چوڭ غايە سۆزلەش، بەكلا بالدۇر ۋە ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئىككىنجى ئىھتىياجى بىخەتەرلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئىپتىدايى ئىھتىياجى قاندۇرۇلغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن، شۇ قاندۇرۇلغان ئىپتىدايى ئىھتىياجنى قانداق قىلىپ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قىلىش، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە سالامەتلىك ئىككىنجى قەدەمدىكى موھىم ئىھتىياجغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىھتىياج، ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئىھتىياجى ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل ئىھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قانداق قىلىپ ئىنسانلار ئىرىشكەن شۇ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تىنچ ۋە مۇقىم بىر موھىت يارىتىش، سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتۇر.

ئىنسانلارنىڭ ئۈچۈنجى ئىھتىياجى ئۆيلىك ئوچاقلىق بولۇش ۋە سۆيگۈ ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ شەخسى مۇناسىۋەت ۋە دوستلۇق ئىھتىياجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تۆتىنجى ئىھتىجاي ھۆرمەت ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىناۋەت، شان-شۆھرەت، مەرتىۋە، مۇئاپىقىيەت ۋە نەتىجە قازىنىش ئىھتىياجلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ يۇقارقى ئىككى خىل ئىھتىياجى پىسخىكىلىق يەنى روھىي ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى تۇرىدۇ. ئىنسانلار، ئاساس ئىھتىياجىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ خىل ئىھتىياجقا ئىنتىلىدۇ. يەنى ئاساس ئىھتىياج كاپالەتكە ئىگە بولغان ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق ياكى روھىي ئىھتىياجدۇر.

ئىنسانلارنىڭ بەشىنجى ياكى ئەڭ ئالى ئىھتىياجى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش، ئۆز ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش ئىھتىياجى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجىنىڭ كونكىرىت ئۆلچىمى ۋە ياكى چىكى يوق. ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجى ئوخشىمىغان ئىنسانلاردا، ئوخشىمىغان شارائىتتا، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان رايۇندا ناھايتى زور پەرىقلىق بولىدۇ. بۇ خىل ئىھتىياج قاندۇرۇلغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئىھتىياج مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھىساپلىنىدۇ.

باشقىلارنى بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەمگە نىسبەتەن، قانداق قىلىپ باشقىلارنى ئۈنۈملۈك ھەركەتلەندۈرۈپ، پىلانلىغان ۋاقىت ئىچىدە كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتىشتە بەكلا موھىم. بولۇپمۇ كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى بولمىغان ۋە ياكى قىلماقچى بولغان ئىش ئىنسانلارنىڭ قانۇنى مەجبۇرىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆپچىلىق ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئورتاق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، كۆپچىلىكنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان شەخىسنىڭ، ئىنسانلارنى قانداق ھەركەتكە كەلتۈرۈشنى ۋە ئۇلارنى قانداق قىلىپ رىغبەتلەندۈرۈشنى بىلىشى بەكلا موھىم.

ئەگەر بىز باشقىلارنى بىر ئىش قىلىشقا ھەركەتلەندۈرمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن چوقۇم تاماملىماقچى بولغان كونكىرىت ئىش ۋە ئۇ ئىشنى تاماملاشنىڭ كونكىرىت ۋاقىت جەدىۋىلى بولىشى كىرەك.

ئىككىنجىدىن باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان شەخىس، ئالدى بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشنى ئۆزى باش بولۇپ قىلىشى، ئۆزى قىلىشنى خالىمىغان ياكى ئۆزى ئىشەنمىگەن ئىشنى، باشقىلارنى قىلىشقا چاقىرماسلىقى كىرەك.

ئۈچىنجىدىن ئىنسانلارنىڭ ھىس تۇيغىلىرىدىن  مۇئاپىق پايدىلىنىش كىرەك. قورقۇتۇش، تەھدىت سىلىش، غۇرۇرىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقلار پاسسىپ، سەلبى ئۇسۇللار بولۇپ، بەزىدە ئۇلار ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھىساپلىنىدۇ؛ ئۇلارنى مۇئاپىق قوللانغاندا ئىنسانلارنى ئۈنۈملۈك ھەركەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق ئەگەر ئىنسانلاردا قورقۇنجا، ۋەھىمە، ئۈمۈتسىزلىك پەيدا بولسا، ئەكسىنچە ئىنسانلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ ۋە ھەركەتكە كىلىشتىن ۋاز كىچىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاكىتىپ ۋە ئىجابى ئۇسۇللارنى ئاساس قىلىپ قوللىنىش، ياكى پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇلنى قوللۇنۇش زۆرۈر بولغان، ئۇلار بىلەن ئاكىتىپ، ئىجابى ئۇسۇللار ئارىسىدا  ياخشى بىر تەڭپۇللۇقنى ساقلىشى، ئىنسانلار ئارىسىدا قورقۇنجا، ۋەھىمە ۋە ئۈمۈتسىزلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

تۆتىنجىدىن ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان ئىنسانلارغا قىلماقچى بولغان ئىش ياكى يەتمەكچى بولغان مەخسەت، نىشاننىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كىرەك. مەسىلەن ئەگەر مەلۇم ئىشنى قىلمىساق ۋە ياكى مەلۇم مەخسەتكە يەتمىسەك، بەلكىم بىز خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى، ياكى كىلىشىم باكار قىلىنىدىغانلىقنى، شۇڭا قىلماقچى بولغان ئىشنى ۋاختىدا ئورۇنلاشنىڭ ناھايتى موھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى كۆرسەتكەن سەۋەپلەر بەكلا سەلبى ۋە ياكى تەھدىت شەكىلدە بولماسلىقى، ئۇنىڭدىن قولغا كىلىدىغان ئىجابى نەتىجىنى ئاساس قىلىپ تەكىتلەش كىرەك.

ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش،  ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش بەك موھىم. ئىنسانلارنى رىغىبەتلەندۈرۈشتە، تۆۋەندىكى 5 قەدەم باسقۇچ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىرىنجىدىن، قىلماقچى بولغان ئىشتا ياكى يەتمەكچى بولغان مەخسەتتە، باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان شەخىس، ئالدى بىلەن ئۆزى ئۆلگە بولۇش ۋە ئۆزىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشى كىرەك. باشقىلارنى ھەركەتلىنىشكە چاقىرىق قىلغان شەخىسنىڭ، شەخسى ئەخلاق پەزىلىتى، خەلق ئارىسىدىكى ھۆرمىتى ۋە ئىناۋىتى، باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە ۋە ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە بەك موھىم رول ئوينايدۇ. باشقىلاردىن ياخش نەتىجە كۈتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئالدى بىلەن ئۆزى ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشتۇر.

ئىككىنجىدىن، مۇئاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ ھىكايىسىنى ۋە ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەش. ھىكايە سۆزلەش غەرچە كىشىلەرگە كونكىرىت نىمە قىلىش توغۇرسىدا كۆپ نەرسە ئۈگەتمىسىمۇ، بىراق باشقىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلاش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.

ئۈچىنجىدىن، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارى بويىچە ئىش كۆرۈشكە، يەنى  ئۆزىگە يارىشا تىرىشچانلىق كۆرۈتىشىگە چاقىرىق قىلىش كىرەك. ئەڭ موھىمى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسانلارغا، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ناھايتى موھىم ئىكەنلىكىنى، ئەگەر پىلانلىغان ئىش ياكى يەتمەكچى بولغان مەخسەتكە يەتسە، ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە تىخىمۇ چوڭ توھپە قوشالايدىغانلىقىنى تەكىتلەش كىرەك، يەنى ئۇلارنىڭ رولىنى جەزمەنلەشتۈرۈش كىرەك.

ئەگەر سىز بۈيۈك ئىشلارنى قىلالمىسىڭىز، كىچىك ئىشلارنى بۈيۈك قىلىڭ

تۆنجىدىن باشقىلارغا ئىشىنىش يەنى ئۆزىنىڭ رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرگە ھەر زامان ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كىرەك. ئۇلارغا ئۇلاردىن گۇمانلىنىش تۇيغۇسىنى بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئۆز ئارا ئىشىنىش ئىنسانلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە ئالاھىدە چوڭ رول ئوينايدۇ.

بەشىنجىدىن، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنى بەلگۈلۈك دەرىجىدە قىيىنچىلىقتىن غالىپ كىلىشكە، ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشقا ئۈندەش كىرەك. ئىنسانلارغا بىرىلگەن ۋەزىپە بىلەن ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى ئۆز ئارا ماسلىشىشى كىرەك.

قىيىنچىلىق ھاياتتا قىززىقىش پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن غالىپ كىلىش ھاياتنى ئەھمىيەتلىك قىلىدۇ

ئەگەر باشقىلارغا قابىلىيىتىدىن تۆۋەن ۋەزىپە بىرىلگەندە، ئۇلارغا بىرىلگەن ۋەزىپە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا ئىلھام بىرىشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرىلگەن ۋەزىپە ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قابىلىيىتىدىن كۆپ يۇقۇرى بولغاندا، ئۇلاردا قابىلىيەتسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كىتىشى مۈمكىن.

ھەرقانداق ئىنساننىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى تىخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئەيىتقاندا بىر شەخىسنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرىشى ئۇنىڭ تالانتى ياكى تۇغما قابىلىيىتى، شۇ شەخىسنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شەرت شارىھىتقا يەنى تاشقى مۇھىتقا باغلىق. قىلماقچى بولغان ئىش ياكى پىلانغان ۋەزىپە، نىشان، شەخىسنىڭ ئىقتىدارىدىن كۆپ تۆۋەن بولغاندا، زىرىكىشلىك كىلىپ چىقىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىش ياكى پىلانلانغان ۋەزىپە، نىشان، شەخىسنىڭ قابىلىيىتىدىن بەك يۇقۇرى بولغاندا، زىيادە كۈچەش، ماغدۇرسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ؛ نەتىجىدە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۈمۈتسىلىك پەيدا بولىدۇ.


ئىنسانلارنى ئۈنۈملۈك ھەركەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىقەت قىلىش كىرەك.

ئالدى بىلەن ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ مەسۇليىتىنى ئىنىق بىلدۇرۇش كىرەك. مۇكاپاتلاشنى ۋە تەقدىرلەشنى تەكىتلىگەندە، پۇلغا ۋە مەلۇم پايدىغا بەك زورلاپ كەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى ئەگەر مەلۇم مىقداردا پۇل ۋە ياكى پايدىنى باشقىلارنى قوزگۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قاتارىدا قوللانغاندا، مەخسەتكە يەتكەندىن كىيىن يەنى شۇ پۇلغا ۋە ياكى شۇ پايدىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، ئوخشاش مىقتاردا پۇل ياكى پايدا بىلەن ئۇلارنى داۋاملىق ھەركەنلەندۈرۈش مۈمكىن بولماي قالىدۇ، ۋە ياكى تەلەپ ئۈزلۈكسىز يۇقۇرلاپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغاندا، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇئاپىق تاللاش،  ئۇلارنى پايدا ئۈچۈنلا بىر ئىش قىلىشقا كۆندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ موھىمى ئۇلاردا مەسۇلىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش كىرەك.

مەسىلەن مۇكاپات ئىنسانلارنى پەقەتلا شۇ مۇئاكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈنلا ھەركەتلەندۈرىدۇ. مۇكاپاتقا ئىرىشكەندىن كىيىن، ئۇلار ھەركەتتىن توختايدۇ. مۇكاپات تۈگىگەندە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ يوقايدۇ.

ئىككىنجىدىن ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ موھىملىقىنى ھىس قىلدۇرۇش كىرەك. ئىنسانلار ئوزلىرى ھىس قىلمىغان، كۆرمىگەن ۋە تۇيمىغان ئىشلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئىنسانلار پەقەت قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ، يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ موھىملىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ نىشانغا يىتىشتە ناھايتى موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندا، تۇيغاندا ۋە ياكى ئۇنى تونۇپ يەتكەندە، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىلىش ياكى ئۇ نىشانغا يىتىش ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭگا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ناھايتى موھىم رول ئاينايدۇ. بىزدە "ياخشى سۆز تاشنى ئىرىتەر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار بولۇپ، ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنى قوزغاشنىڭ كۈچلۈك قوزغاتقۇچى كۈچى ھىساپلىنىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئەيىپلەش، تەنە قىلىش ۋە باشقىلارنى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈش كۆپۈنچە ھالدا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۈچۇنجىدىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئورتاقلىشىش، باشقىلارنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ تۇرۇش كىرەك. تۈزۈلگەن قىسقا، ئوتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچى تاماملانغاندا، ئۇنى تەبىرىكلەش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، ۋە ئۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئاكىتىپچانلىقىنى قوزغاش بەك موھىم.

ئىجابى ۋە سەلبى ئۇسۇل ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ساقلاپ، بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى قوللىنىشنى كونكىرىت ئەھۋال ۋە كونكىرىت ئىنسانلارغا قاراپ كونكىرىتلاشتۇرۇش كىرەك. مەغلۇبىيەتلەرنى بەك تەكىتلەپ، كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە، قورقۇنجا پەيدا قىلىشتىن ۋە ياكى باشقىلارغا تەھدىت سىلىشتەك سەلبى ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئۈمۈتسىزلىك ۋە روھىي چۈشكۈنلۇك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

غۇرۇرلۇق ۋە ھەر زامان ئۆزىنى ئەڭ كۈچلۈك قابىلىيەتلىك سانايدىغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن، پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇللارنىڭ سالمىقىنى بەلگۈلۈك دەرىجىدە ئاشۇرۇش، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەر زامان ئەسلىتىپ تۇرۇش كىرەك. ئاللا بۇرۇن روھىي چۈشكۈنلەشكەن ۋە ئاسان ئۈمۈتسىزلىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى ئاكىتىپ ئۇسۇللارنى ئاساس قىلىپ قوللۇنۇپ، ئۇلارنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ تۇرۇش كىرەك؛ پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇللارنى كۆپ قوللۇنىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ئەڭ موھىمى، ئىتىقادنى كۈچلەندۈرۈش، ئورتاق نىشان تۇرغۇزۇش ۋە ئۈمۈتۋار بولۇش كىرەك. ئۈمۈت دىمەك ئەتىراپنى قاراڭگۇلۇق باسقاندا بىر تال چىراقنىڭ نۇرىنى كۆرەلىمەك دىمەكتۇر. ئۈمۈت دىمەك تىز ئىقىۋاتقان دەريادا قولىمىزغا ئىملاشقان بىر تال ياغاچتۇر.

************************

ئەمدى ئۆزىمىزدە مەۋجۇت ئەھۋاللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىمىز مەلۇم بولغاندەك ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ۋە غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسى تىخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، بۇرۇن داۋاغا يىقىن كىلىپ باقمىغان كۆپلىگەن خەلق داۋا سىپىگە قىتىلدى. نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە ھەر خىل پالىيەتلەر ئىلىپ بىرىلماقتا. گۇۋالىق بىرىش، لىكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلار كۈچەيتىلمەكتە. بىراق بۇلارنى ئەركıن دۇنيادا ياشۋاتقان ئومۇمى نوپۇسىمıز بىلەن سىلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ ھەركەتكە كىلىش ئەھۋاللىمىز يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.

مىنىڭ پەرىزىمچە، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىموكىراتىك ۋە غەرىپ دۆۋلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ 50 مىڭدىن ئارتۇق بولۇشى مۈمكىن. بىراق دىموكىراتىك ئەركىن دۆۋلەتلەردە بولىۋاتقان نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەرگە قاتنىشىپ داۋادا بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلار يۇقارقى ساننىڭ 10% نى ئىگەللىشى، يەنى 5000 ئەتىراپىدا بولۇشى مۈمكىن؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئاكىتىپ رول ئويناۋاتقانلارنىڭ سانى ھەممىمىزگە ئايان. مۇنداقچە ئەيىتقاندا 80-90% خەلق تىخى ئاساسەن ھەركەتكە كەلگىنى يوق. ئۇنداقتا ۋەتەندىكى ۋەزىيەت كۈنسايىن ئىغىرلىشىۋاتسا، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شۇنچە كۆپ كىشىلەر نىمە ئۈچۈن تىخىچە ئويغانمايدۇ؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ھەركەتكە كەلمەيدۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىغىرلىقىنى تىخىچە تونۇپ يەتمەيۋاتامدۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن بىز جىم ئولتۇرساق ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ، ئۇرۇق تۇققانلارغا زىيان كەلمەيدۇ دەپ قارامدۇ؟

مىنىڭ قارىشىمچە ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىغىرلىقىنى تونۇپ يەتمىگەنلەر كۆپ ئەمەس. جىم ئولتۇرساق ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ، ئۆيدىكىلەرگە زىيان كەلمەيدۇ دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپ ئەمەس.

كۆپ بولغىنى، بىرى روھىي ئاسارەتتە ياشاۋاتقانلار يەنى روھىي قۇللۇقتىن تىخى قۇتۇلالمايۋاتقانلاردۇر. بۇ ھەرگۈزمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز خاھىشىدىن بولغان ئىش ئەمەس. ئۇ خىتتاي ھاكىمىيىتى يىقىنقى 60-70 يىل جەريانىدا، 2، 3 ئەۋلات ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىلىپ بارغان ھەر خىل ھەركەت ۋە باستۇرۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان روھىي زەخمە (تىرامما)  تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان يامان ئاقىۋەت ۋە بىنورماللىق. بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايتى زىدىيەتلىك ۋە ئىھتىياتچان بولۇپ، بەزىدە ئۇشتۇمتۇت جاسارەتلىنىپ كىتىدۇ، بىراق ئۆزىنى توختىتىۋىلىپ، ئوبدان ئويلانغاندىن كىيىن قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىدىن ئۆزى ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. بەزىدە ھەتتا تاسادىپى يۈز بەرگەن مۇناسىۋەتسىز كىلىشمەسلىك ۋە يامان ئاقىۋەتنى ئۆز قىلمىشىغا باغلاپ، ئۇ كىلىشمەسلىكنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ. ئۆز ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىشقا ۋەدە بىرىدۇ. ھەتتا نورمال ئىجتىماي ئالاقە قىلىش ۋە ۋەزىيەت توغۇرسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتۇرغا قويۇشتىمۇ ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىدۇ.

كۆپ بولغانلارنىڭ يەنە بىرى "تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ" دەپ قارايدىغانلار، يەنى كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى يىتەرلىك ئەمەس، ئۈمۈتسىز ۋە روھىي چۈشكۈنلەشكەنلەردۇر. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار كۆپۈنچە ئەھۋالدا جامائەتكە كۆپ ئارىلاشمايدىغان، كۆپ سۆزلىمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ھارغىن ھىس قىلىدۇ، روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تۆۋەن بولىدۇ. ئەھۋالى ئىغىر بولغانلار، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى دۇچ كەلگەن پاجىيەلەرگە قارىتا ھىچ ئىش قىلالماي قولىنى قوراشتۇرۇپ تۇرغانلىقىدىن قاتتىق ئازاپلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى گۇناكار ھىساپلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ، ھەممە ئىشتىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.

مەن ئۆتكەن يىل توردا  ئىككى قىتىم راي سىناش ئىلىپ بارغان ئىدىم (كۆك رەڭ، 2018 - يىلى 4 - ئايدا ئىلىپ بىرىلغان، قىزىل رەڭ، 12 - ئايدا ئىلىپ بىرىلغان). ئۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنى ئۆتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ دەيدىغان بىر سوئال بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىرىلەەن جاۋاپ تۆۋەندىكىچە:
1. ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۆلۈرۋىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم 
2. بەزىدە ئۆزۈمنى ئۆلۈرۋىلىشنى ئويلايمەن
3. داۋاملىق ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايمەرن
4. جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، داۋاملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغانلار 4% بولۇپ، بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغانلار 8 ئاي ئىچىدە بىرىنجى قىتىملىق راي سىناش (كۆك رەڭلىك) تىكى 14% دىن ئىككىنجى قىتىملىق راي سىناش (قىزىل رەڭلىك) تىكى 19% گە كۆپەيگەن. راي سىناشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلار جەمى 23% گە يەتكەن. ئامىركىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلارنىڭ نىسبىتى 3.9% بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلارنىڭ نىسبىتى ئۇ نىسبەتتىن 6 ھەسسە يۇقۇرى بولغان.

مەيلى روھىي ئاسارەتتە ياشاۋاتقانلار بولسۇن ۋە ياكى روھىي چۈشكۈنلەشكەن ئىنسانلار بولسۇن،  بۇنداق ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە، ئەگەر بىز ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئۇلارنى ئەيىپلىسەك، ھاقارەتلىسەك، ئۇلارغا تەھدىت قىلساق ۋە ياكى قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلەرنى كۆپ تەكىتلىسەك، ئۇلارغا پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇللارنى كۆپ قوللانساق، ھەرگۈزمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيمىز.

ئۇلار بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزگە، ھىسىداشلىق قىلىشىمىزغا، كۆيۈنىشىمىزگە ۋە سەمىمى ياردەم قىلىشىمىزغا مۇختاج. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يىتىشكە ۋە ئۇلاردىن ئاستا ئاستا غالىپ قىلىشكە ئىھتىياجلىق. ئۇلار ئۈمۈتلۈنىشكە، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تىكلەشكە ئىھتىياجلىق.

ئۈمۈتۋارلىق ئىنساننى مۇئاپىقىيەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىشەنچدۇر. ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بولمىسا ھىچنىمىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

بىز چوقۇم ئۆز ئارا ئەيىپلەشنى ۋە ئۆز ئارا دۈشمەنلىك قىلىشنى توختۇتۇشىمىز، تارىختىكى  ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىشىمىز، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كىرەك.

2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

Friday, January 25, 2019

Insanlarni herketke keltürüshning usulliri


Insanlarni herketke keltürüshning usulliri


In'gilizchide "motivate" deydighan bir söz bolup, uni Türkchide "motive etmek, herket ettirmek" deydiken. Uyghurchida bu sözge eng yiqin kilidighan sözler "herketlendürmek, qozghimaq, righbetlendürmek, rohlandurmaq, akitiplashturmaq, ilham bermek" qatarliqlar bolup, ularning ichide "herketlendürüsh" digen söz men bügün sözlimekchi bolghan mezmun'gha eng mas kilidiken. Shu seweptin men yazmaqchi bolghan maqalamning timisini "Insanlarni herketke keltürüshning usulliri" dep aldim. 

Insanlarni herketlendürüsh digende, asasliqi qandaq qilip insanlarni, bolupmu özige ishenchisi bolmighan, chüshkünleshken, qiyin ehwalda qalghan, kelgusige bolghan ümüdini yoqatqan we yaki köriwatqan künige qanaet qilip, hayatida özgürüsh peyda qilish istiki bolmighan, yeni herketlendürgüch kuchi kem bolghan insanlarni, mashinigha ot aldurghandek ot aldurup, ularni öz hayatida kireklik bolghan özgürüshlerni peyda qilish üchün herketke keltürüshni közde tutmaqchi.

Oxshimighan kishiler, oxshimighan dewir we oxshimighan sharahit astida qollinip kelgen insanlarni herketlendürüsh usulliri gerche her xil bolsimu, biraq ularni yighinchaqlap "pasip" we "akitip" din ibaret ikki xil usulgha yighinchaqlashqa bolidu.

Passip usul arqiliq insanlarni herketlendürüsh usuli diginimiz, asasen insanlarni jazalash, qamchilash, ghururini sundurush, tehdit qilish, qorqutush qatarliqlar ariqiliq insanlarni herketlendürüsh usuli bolup, uningda asasliqi meghlubiyet, yaman aqiwet, xani weyranchiliq, hetta ölüm qatarliqlar köprek tekitlinidu.

Akitip usul arqiliq insanlarni herketlendürüsh usuli diginimiz, asasen insanlarni mukapatlash, ilham birish, righibetlendürüsh, ghururlandurush, ümütlendürüsh qatarliqlar ariqliq insanlarni herketlendürüsh usuli bolup, uningda asasliqi maxtash, muapiqiyet, chong netije, bayashat turmush, güzel kilechek, dunyani xoja bolush, hetta ölgendin kiyin jennetke kirish qatarliqlar köprek tekitlinidu.

Undaqta qaysi xil usul bilen insanlarni herketlendürgende tiximu yaxshi ünümge irishkili bolidu? Bu bir ikki jümle söz bilen asanla jawap bergili bolidighan soal emes bolup,  u insanlarning ijtimayi orni, maddi we meniwi turmush sewiyesi, dunya qarishi, itiqadi qatarliq köp xil amillar bilen munasiwetlik. Men bu soalgha jawap birishtin ilgiri, aldi bilen insanlarning ihtiyaji we oxshimighan qatlamdiki insanlarni herketlendürüshte mohim rol oynaydighan herketlendürgüch küch toghursida azraq toxtulup ötmekchimen.

Insanlarning ihtiyaji digende asasliqi insanlarning fizilogiyelik we pisxikiliq yeni rohiy ihtiyajliri közde tutilidighan bolup, insanlarning bu ihtiyajliri, insanlarni herketlendürüshte yeni insanlarni melum bir ish qilish üchün herketke keltürüshte nahayti mohim rol oynaydu. Insanlarni herketlendüridighan herketlendürgüch küch insanlarning fizilogiyelike we rohiy ihtiyajliri bilen zich baghlinishliq.

Insanlarning ihtiyaji digende, eqlimizge aldi bilen Amirkiliq pisxilog Ebrexem Xarold Mezlow (Abraham Harold Maslow) ning "ihtiyaj derije neziryesi" (Maslow'sHierarchy of Needs) kilidu. U neziryede insanlarning ihtiyajlirini, töwendikidek bir nechche derije yaki qatlamgha ayrighan.

Yuqarqi piramidaliq ressimde körsitilgendek, insanlarning eng iptidayi we birinji derijilik ihtiyaji fizilogiyelik ihtiyaji bolup, insan aldi bilen hayat yashashqa ihtiyajliq we uningliq üchün yimek ichmek, kiyim kichek we uxlashqa ihtiyajliq. Bu xil ihtiyaji kapaletke ige bolmighan bir insanni herketlendürüshte eng chong rol oynaydighan herketlendürgüch küch qandaq qilip shu insanning u iptidayi ihtiyajini qandurushtur. Bu xildiki insanlarni herketlendürüshte, shu iptidayi ihtiyajni qandurushtin bashqa bek chong ghaye sözlesh, bekla baldur we ünüm bermeydu.

Insanlarning ikkinji ihtiyaji bixeterlik ihtiyaji bolup, iptidayi ihtiyaji qandurulghan insanlargha nisbeten, shu qandurulghan iptidayi ihtiyajni qandaq qilip uzun muddet saqlap qilish, tinchliq, muqimliq we salametlik ikkinji qedemdiki mohim ihtiyajgha aylinidu. Bu ikki xil ihtiyaj, insanlarning asasliq ihtiyaji hisaplinidu. Bu xil ihtiyaji kapaletke ige bolmighan insanlarni herketlendürüshte eng chong rol oynaydighan herketlendürgüch küch qandaq qilip insanlar irishken shu fizilogiyelik ihtiyajini kapaletke ige qilish, tinch we muqim bir mohit yaritish, salametlikini kapaletlendürüshtur.

Insanlarning üchünji ihtiyaji öylik ochaqliq bolush we söygü ihtiyaji bolup, u insanlarning shexsi munasiwet we dostluq ihtiyajini öz ichige alidu.

Insanlarning tötinji ihtijay hörmet ihtiyaji bolup, u insanlarning inawet, shan-shöhret, mertiwe, muapiqiyet we netije qazinish ihtiyajlirini öz ichige alidu.

Insanlarning yuqarqi ikki xil ihtiyaji pisxikiliq yeni rohiy ihtiyaji bolup, u insanlarning fizilogiyelik ihtiyajidin bir derije yuquri turidu. Insanlar, asas ihtiyajigha irishkendin kiyin andin bu xil ihtiyajqa intilidu. Yeni asas ihtiyaj kapaletke ige bolghan insanlarni herketlendürüshning herketlendürgüch küchi oxshimighan derijidiki pisxikiliq yaki rohiy ihtiyajdur.

Insanlarning beshinji yaki eng ali ihtiyaji insanlarning öz özini qanaetlendürüsh, öz özini mükemmelleshtürüsh ihtiyaji bolup, insanlarning bu xil ihtiyajining konkirit ölchimi we yaki chiki yoq. Insanlarning bu xil ihtiyaji oxshimighan insanlarda, oxshimighan sharaitta, oxshimighan dewir we oxshimighan rayunda nahayti zor periqliq bolidu. Bu xil ihtiyaj qandurulghansiri chongiyip baridu. Bu xil ihtiyaj mutleq köp sandiki kishilerge nisbeten ularni herketlendürüshte eng chong herketlendürgüch küch hisaplinidu.

Bashqilarni bir ish qilish üchün herketlendürmekchi bolghan her qandaq bir ademge nisbeten, qandaq qilip bashqilarni ünümlük herketlendürüp, pilanlighan waqit ichide közligen mexsetke yitishte bekla mohim. Bolupmu közligen mexsetke yitishning küchlük kapaliti bolmighan we yaki qilmaqchi bolghan ish insanlarning qanuni mejburiyiti bolmighan ehwal astida, köpchiliq öz ara hemkarliship ortaq bir ishni emelge ashurushta, köpchilikni herketlendürmekchi bolghan shexisning, insanlarni qandaq herketke keltürüshni we ularni qandaq qilip righbetlendürüshni bilishi bekla mohim.

Eger biz bashqilarni bir ish qilishqa herketlendürmekchi bolsaq, aldi bilen choqum tamamlimaqchi bolghan konkirit ish we u ishni tamamlashning konkirit waqit jediwili bolishi kirek.

Ikkinjidin bashqilarni herketke keltürmekchi bolghan shexis, aldi bilen qilmaqchi bolghan ishni özi bash bolup qilishi, özi qilishni xalimighan yaki özi ishenmigen ishni, bashqilarni qilishqa chaqirmasliqi kirek.

Üchinjidin insanlarning his tuyghiliridin  muapiq paydilinish kirek. Qorqutush, tehdit silish, ghururini chüshürüsh qatarliqlar passip, selbi usullar bolup, bezide ular insanlarni herketke keltürüshte mohim rol oynaydighan herketlendürgüch küch hisaplinidu; ularni muapiq qollan’ghanda insanlarni ünümlük herketke keltürgili bolidu, biraq eger insanlarda qorqunja, wehime, ümütsizlik peyda bolsa, eksinche insanlar özige bolghan ishenchisini yoqitidu we herketke kilishtin waz kichidu. Shunga eng yaxshisi akitip we ijabi usullarni asas qilip qollinish, yaki passip we selbi usulni qollunush zörür bolghan, ular bilen akitip, ijabi usullar arisida  yaxshi bir tengpulluqni saqlishi, insanlar arisida qorqunja, wehime we ümütsizlik peyda qilishtin saqlinish kirek.

Tötinjidin herketke keltürmekchi bolghan insanlargha qilmaqchi bolghan ish yaki yetmekchi bolghan mexset, nishanning sewebini chüshendürüsh kirek. Mesilen eger melum ishni qilmisaq we yaki melum mexsetke yetmisek, belkim biz xizmettin ayrilip qalidighanliqimizni, yaki kilishim bakar qilinidighanliqni, shunga qilmaqchi bolghan ishni waxtida orunlashning nahayti mohim ikenlikini tekitlesh kirek. Eng yaxshisi körsetken sewepler bekla selbi we yaki tehdit shekilde bolmasliqi, uningdin qolgha kilidighan ijabi netijini asas qilip tekitlesh kirek.

Insanlarni herketlendürüshte, righbetlendürüsh,  usulini qollunush bek mohim. Insanlarni righibetlendürüshte, töwendiki 5 qedem basquch alahide ehmiyetke ige.

Birinjidin, qilmaqchi bolghan ishta yaki yetmekchi bolghan mexsette, bashqilarni herketke keltürmekchi bolghan shexis, aldi bilen özi ölge bolush we özini herketke keltürüshi kirek. Bashqilarni herketlinishke chaqiriq qilghan shexisning, shexsi exlaq peziliti, xelq arisidiki hörmiti we inawiti, bashqilarni righbetlendürüshte we herketke keltürüshte bek mohim rol oynaydu. Bashqilardin yaxsh netije kütüshning eng yaxshi usuli aldi bilen özi yaxshi netijige irishishtur.

Ikkinjidin, muapiqiyet qazan’ghanlarning hikayisini we ish izlirini sözlesh. Hikaye sözlesh gherche kishilerge konkirit nime qilish toghursida köp nerse ügetmisimu, biraq bashqilarning tepekkur qilish we oylash qabiliyitini yuquri kötiridu.

Üchinjidin, kishilerni özining qabiliyiti we iqtidari boyiche ish körüshke, yeni  özige yarisha tirishchanliq körütishige chaqiriq qilish kirek. Eng mohimi righbetlendürmekchi bolghan insanlargha, ularning qiliwatqan ishining nahayti mohim ikenlikini, eger pilanlighan ish yaki yetmekchi bolghan mexsetke yetse, ularning jemiyetke tiximu chong tohpe qoshalaydighanliqini tekitlesh kirek, yeni ularning rolini jezmenleshtürüsh kirek.

Eger siz büyük ishlarni qilalmisingiz, kichik ishlarni büyük qiling

Tönjidin bashqilargha ishinish yeni özining righbetlendürmekchi bolghan kishilerge her zaman ishinidighanliqini bildürüsh kirek. Ulargha ulardin gumanlinish tuyghusini birip qoyushtin saqlinish kirek. Öz ara ishinish insanlarni righbetlendürüshte alahide chong rol oynaydu.

Beshinjidin, righbetlendürmekchi bolghan kishilerni belgülük derijide qiyinchiliqtin ghalip kilishke, öz ara musabiqilishqa ündesh kirek. Insanlargha birilgen wezipe bilen ularning qabiliyiti öz ara maslishishi kirek.

Qiyinchiliq hayatta qizziqish peyda qilidu, uningdin ghalip kilish hayatni ehmiyetlik qilidu

Eger bashqilargha qabiliyitidin töwen wezipe birilgende, ulargha birilgen wezipe ularning iqtidarini jari qilduralmaydu. Bundaq ehwalda ulargha ilham birishning ünimi bolmaydu. Eger ulargha birilgen wezipe ularning eng yuquri qabiliyitidin köp yuquri bolghanda, ularda qabiliyetsizlik tuyghusi peyda qilip qoyishi we özige bolghan ishenchisi töwenlep kitishi mümkin.

Herqandaq insanning muapiqiyet qazinishi ichki we tashqi amillar bilen munasiwetlik bolup, uni tiximu konkirit qilip eyitqanda bir shexisning her qandaq bir ishni hujutqa chiqirishi uning talanti yaki tughma qabiliyiti, shu shexisning tirishchanliqi we shert sharihitqa yeni tashqi muhitqa baghliq. Qilmaqchi bolghan ish yaki pilan'ghan wezipe, nishan, shexisning iqtidaridin köp töwen bolghanda, zirikishlik kilip chiqidu. Qilmaqchi bolghan ish yaki pilanlan'ghan wezipe, nishan, shexisning qabiliyitidin bek yuquri bolghanda, ziyade küchesh, maghdursizliq kilip chiqidu; netijide özige ishenmeslik, ümütsilik peyda bolidu.


Insanlarni ünümlük herketlendürüsh üchün töwendikilerge alahide diqet qilish kirek.

Aldi bilen herketlendürmekchi bolghan kishilerning mesulyitini iniq bildurush kirek. Mukapatlashni we teqdirleshni tekitligende, pulgha we melum paydigha bek zorlap ketmeslik kirek. Chünki eger melum miqdarda pul we yaki paydini bashqilarni qozgutushning asasliq herketlendürgüch küchi qatarida qollan'ghanda, mexsetke yetkendin kiyin yeni shu pulgha we yaki shu paydigha irishkendin kiyin, oxshash miqtarda pul yaki payda bilen ularni dawamliq herkenlendürüsh mümkin bolmay qalidu, we yaki telep üzlüksiz yuqurlap mangidu. Shunga insanlarni herketlendürmekchi bolghanda, herketlendürgüch küchini muapiq tallash,  ularni payda üchünla bir ish qilishqa köndürüp qoyushtin saqlinish kirek. Eng mohimi ularda mesuliyet tuyghusi peyda qilish kirek.

Mesilen mukapat insanlarni peqetla shu muakapatqa irishish üchünla herketlendüridu. Mukapatqa irishkendin kiyin, ular herkettin toxtaydu. Mukapat tügigende herketlendürgüch küchmu yoqaydu.

Ikkinjidin herketlendürmekchi bolghan insanlargha özining we özi qiliwatqan ishning mohimliqini his qildurush kirek. Insanlar ozliri his qilmighan, körmigen we tuymighan ishlar üchün tirishchanliq körsetmeydu. Insanlar peqet qilmaqchi bolghan ishning, yetmekchi bolghan nishanning mohimliqini, özining u nishan'gha yitishte nahayti mohim rol oynaydighanliqini his qilghanda, tuyghanda we yaki uni tonup yetkende, andin u ishni qilish yaki u nishan'gha yitish herqanche qiyin bolsimu, uningga tirishchanliq körsitidu.

Insanlargha yaxshi muamile qilish, ularning derdige qulaq silish we ularning derdige derman bolush, insanlarni herketke keltürüshte nahayti mohim rol aynaydu. Bizde "yaxshi söz tashni iriter" deydighan ata sözi bar bolup, insanlargha yaxshi muamilide bolush, ularni qozghashning küchlük qozghatquchi küchi hisaplinidu. Heddidin ziyade eyiplesh, tene qilish we bashqilarni osal haletke chüshürüsh köpünche halda selbi tesir körsitidu.

Üchunjidin qolgha keltürgen netijilerni ortaqlishish, bashqilarni ümütlendürüp turush kirek. Tüzülgen qisqa, otura we uzun mezgillik pilanlarning her bir basquchi tamamlan'ghanda, uni tebiriklesh, uningdin ortaq behriman bolush, we u netijiler arqiliq bashqilarning akitipchanliqini qozghash bek mohim.

Ijabi we selbi usul arisidiki tengpungluqni yaxshi saqlap, bu ikki xil usulning qaysisini qollinishni konkirit ehwal we konkirit insanlargha qarap konkiritlashturush kirek. Meghlubiyetlerni bek tekitlep, kishiler arisida wehime, qorqunja peyda qilishtin we yaki bashqilargha tehdit silishtek selbi usullarni qollunup, kishiler arisida ümütsizlik we rohiy chüshkünluk peyda qilishtin saqlinish kirek.

Ghururluq we her zaman özini eng küchlük qabiliyetlik sanaydighan insanlargha nisbeten, passip we selbi usullarning salmiqini belgülük derijide ashurush, ulargha meghlubiyetning aqiwitini her zaman eslitip turush kirek. Alla burun rohiy chüshkünleshken we asan ümütsizlinidighan kishilerge nisbeten, eng yaxshisi akitip usullarni asas qilip qollunup, ularni ümütlendürüp turush kirek; passip we selbi usullarni köp qollunishtin saqlinish kirek.

Insanlarni herketke keltürüshte eng mohimi, itiqadni küchlendürüsh, ortaq nishan turghuzush we ümütwar bolush kirek. Ümüt dimek etirapni qarangguluq basqanda bir tal chiraqning nurini körelimek dimektur. Ümüt dimek tiz iqiwatqan deryada qolimizgha imlashqan bir tal yaghachtur.

************************

Emdi özimizde mewjut ehwallargha nezer salidighan bolsaq, hemmimiz melum bolghandek wetendiki weziyetning ighirlishishigha egiship, Türkiye we gherip döwletliride ilip biriliwatqan Uyghur dawasi tiximu yuquri pellige kötürüldi, burun dawagha yiqin kilip baqmighan köpligen xelq dawa sipige qitildi. Nurghun döwletlerde her xil paliyetler ilip birilmaqta. Guwaliq birish, liksiye sözlesh qatarliqlar kücheytilmekte. Biraq bularni erkın dunyada yashwatqan omumi nopusimız bilen silishturghanda, bizning herketke kilish ehwallimiz yenila yiterlik emes. 

Mining perizimche, Türkiyeni öz ichige alghan dimokiratik we gherip döwletlerde yashawatqan Uyghurlarning sani eng töwen mölcherligendimu 50 mingdin artuq bolushi mümkin. Biraq dimokiratik erkin döwletlerde boliwatqan namayish we her xil paliyetlerge qatniship dawada belgilik rol oynawatqanlar yuqarqi sanning 10% ni igellishi, yeni 5000 etirapida bolushi mümkin; ularning ichide alahide akitip rol oynawatqanlarning sani hemmimizge ayan. Mundaqche eyitqanda 80-90% xelq tixi asasen herketke kelgini yoq. Undaqta wetendiki weziyet künsayin ighirlishiwatsa, erkin dunyada yashawatqan shunche köp kishiler nime üchün tixiche oyghanmaydu? Ular nime üchün herketke kelmeydu? Ular heqiqeten wetendiki weziyetning ighirliqini tixiche tonup yetmeywatamdu? Ular heqiqeten biz jim oltursaq weziyet yaxshilinidu, uruq tuqqanlargha ziyan kelmeydu dep qaramdu?

Mining qarishimche wetendiki weziyetning ighirliqini tonup yetmigenler köp emes. Jim oltursaq weziyet yaxshilinidu, öydikilerge ziyan kelmeydu dep qaraydighanlarmu köp emes.

Köp bolghini, biri rohiy asarette yashawatqanlar yeni rohiy qulluqtin tixi qutulalmaywatqanlardur. Bu hergüzmu insanlarning öz xahishidin bolghan ish emes. U, Xittay hakimiyitining yiqinqi 60-70 yil jeryanida, 2, 3 ewlat Uyghurlar arisida ilip barghan her xil herket we basturush sewebidin kilip chiqqan rohiy zexme (tiramma) tüpeylidin peyda yaman aqiwet we binormalliq. Bu xildiki insanlarning rohiy haliti nahayti zidiyetlik we ihtiyatchan bolup, bezide ushtumtut jasaretlinip kitidu, biraq özini toxtitiwilip, obdan oylan’ghandin kiyin qilghan ishidin pushayman qilip, özidin özi endishe qilishqa bashlaydu. Bezide hetta tasadipi yüz bergen munasiwetsiz kilishmeslik we yaman aqiwetni öz qilmishigha baghlap, u kilishmeslikning yüz birishining sewenlikini özidin köridu. Öz özini eyipleydu we uningdin kiyin tiximu ihtiyat qilishqa wede biridu. Hetta normal ijtimay alaqe qilish we weziyet toghursida öz köz qarishini oturgha qoyushtimu alahide ihtiyat qilidu.

Köp bolghanlarning yene biri “tuxumni tashqa urghili bolmaydu” dep qaraydighanlar, yeni kelgüsige ishenchisi yiterlik emes, ümütsiz we rohiy chüshkünleshkenlerdur. Bu xildiki insanlar köpünche ehwalda jamaetke köp arilashmaydighan, köp sözlimeydighan bolidu. Ular dawamliq harghin his qilidu, rohiy keypiyati töwen bolidu. Ularning ügünüsh we xizmet ünimi töwen bolidu. Ehwali ighir bolghanlar, wetendiki uruq tuqqanliri duch kelgen pajiyelerge qarita hich ish qilalmay qolini qorashturup turghanliqidin qattiq azaplinidu we özini gunakar hisaplap, özini öltürwilip, hemme ishtin biraqla qutulushni oylaydu.

Men ötken yil torda ikki qitim ray sinash ilip barghan idim. Uningda siz özingizni öltürwilishni oylap baqtingizmu deydighan bir soal bar idi. Uninggha birilgen jawap töwendikiche:
1. Ezeldin özümni ölturwilishni oylap baqmidim
2. Bezide özümni öltürwilishni oylaymen
3. Dawamliq özümni öltürwilishni oylaymen
4. Jawap bermigenler



Girafikta körginingizdek, ray sinashqa qatnashquchilar ichide dawamliq özini öltürwilishni oylaydighanlar 4% bolup, bezide özini öltürwilishni oylaydighanlar 8 ay ichide birinji qitimliq ray sinash (kök reng) tiki 14% din ikkinji qitimliq ray sinash (qizil reng) diki 19% ge köpeygen. Ray sinashqa qatnashqanlar ichide özini öltürwilishni oylap baqqanlar 23% ge yetken. Amirkida özini öltürwilishni oylap baqqanlarning nisbiti 3.9% bolup, Uyghurlar ichidiki özini öltürwilishni oylap baqqanlarning nisbiti u nisbettin 6 hesse yuquri bolghan.

Meyli rohiy asarette yashawatqanlar bolsun we yaki rohiy chüshkünleshken insanlar bolsun,  bundaq insanlarni herketke keltürüshte, eger biz hisyatimizgha tayinip ularni eyiplisek, haqaretlisek, ulargha tehdit qilsaq we yaki qorqunushluq aqiwetlerni köp tekitlisek, ulargha passip we selbi usullarni köp qollansaq, hergüzmu közligen ünümge irishelmeymiz.

Ular bizning chüshinishimizge, hisidashliq qilishimizgha, köyünishimizge we semimi yardem qilishimizgha muxtaj. Ular özlirining u ajizliqini tonup yitishke we ulardin asta asta ghalip qilishke ihtiyajliq. Ular ümütlünishke, öz özige bolghan ishenchisini qaytidin tikleshke ihtiyajliq.

Ümütwarliq insanni muapiqiyetke ilip baridighan ishenchdur. Ümüt we ishench bolmisa hichnimini wujutqa chiqarghili bolmaydu.

Biz choqum öz ara eyipleshni we öz ara düshmenlik qilishni toxtutushimiz, tarixtiki  achchiq sawaqlarni yekünlishimiz, öz ara itipaqliq we öz ara hemkarliqni kücheytishimiz kirek.

2019 - yili 1 - ayning 25 - küni