Monday, September 28, 2020

ئىنسانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش

ئىنسانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم بولغان پىسخىكىلىق ئاددى ساۋات



ئەگەر رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغان بولسا،  ھەر جەھەتتە قارشى تەرەپكە ۋە ياكى رىقابەتچىسىگە (دۈشمەنگە) نىسبەتەن ئۈستۈنلىكنى ئېگەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى تەنقىدلەش، ئۇنىڭ كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كۈچىنى كۆپلەپ تەكىتلەش،  قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نى تەھلىكىلىك قىلىپ كۆرسىتىش، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن.


ئەگەر رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە نورمال شارائىتقا ئىگە بولغان بولسا،  كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە قارشى تەرەپ ۋە ياكى رىقابەتچى (دۈشمەن) بىلەن باراۋەر بولسا، ئۇ چاغدا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى تەنقىدلەش بىلەن ماختاشنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، كەمچىللىك، ئاجىزلىق، ئارتۇقچىلىق ۋە ئەۋزەللىكلىرىنى باراۋەر ئوتتۇرىغا قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە كۈچىنى ھەم بەك كۆپتۈرمەسلىك، ھەم  بەك ئىنكار قىلماسلىق، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن.


ئەگەر رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ناچار شارائىتتا بولسا،  كۈچ سىېلىشتۇرما جەھەتتە قارشى تەرەپكە ۋە ياكى رىقابەتچىسىگە (دۈشمەنگە)  نىسبەتەن ئاجىز ئورۇندا بولسا، ئۈمىتسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ئېغىر بولسا، ئۇ چاغدا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئەۋزەللىكىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈش،  ياردەم قىلىش، ئۇنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ ئاجىزلىقىنى كۆپرەك تەكىتلەش، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن.


رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ناچار ئەھۋالدا بولسا، كۈچ سىېلىشتۇرما جەھەتتە قارشى تەرەپكە ۋە ياكى رىقابەتچىسىگە (دۈشمەنگە) نىسبەتەن ئاجىز بولسا، ئۈمىتسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئېغىر بولسا، بىز رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويساق، سەلبى نەرسىلەرنى بەك تەكىتلىسەك، قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ كۈچىنى كۆپلەپ تەكىتلەپ ۋە ياكى ئۇنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشساق،  ئۇنى  (دۈشمەننى) بەك تەھلىكىلىك قىلىپ كۆرسەتسەك، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقاتساق، ئۇ چاغدا بىز رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ، ئۇنى ئورنىدىن قوپالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن.


بىزدە “ئاغرىغان يەرگە تۇز چاچما” دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. تۇز ئاغرىغان جاراھەتنى تىخىمۇ ئاغرىتقىنى ئۈچۈن، بىز باشقىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ياردەم قىلالمىساقمۇ، لېكىن كەم دېگەندە جاراھەتكە تۇز چاچماسلىقىمىز، باشقىلارنىڭ ئاغرىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. 

 

ئېغىر دەرىجىدە روھىي چۈشكۈنلەشكەن، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىتىنى يوقاتقان بىر ئادەمگە نىسبەتەن، ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى تەنقىت، ئەيىبلەش، ۋەھىمە، ئەندىشە پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى رىغبەت، سۆيگۈ، ياردەم، دەستەك ۋە ئۈمىت.


ئۇخلاپ قالغان روھنى، قامچىلاش ئارقىلىق ئويغىتىش مۇمكىن؛ لېكىن سۇنغان روھقا زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.


مەنپىيگە مەنپىي قوشۇلسا، مۇسىبەتكە ئايلانغىنى بىلەن، دەرد ئەلەم ۋە ھەسرەتكە دەرد ئەلەم ۋە ھەسرەت قوشۇلسا، ئۇنىڭدىن خوشاللىق ۋە بەخت چىقمايدۇ. 

مەۋجۇت مەسىلىنى تونۇپ يىتىش يەنى كېسەللىكنى بايقاپ ئۇنىڭغا توغرا دىئاگنۇز قويۇش كېسەللىكنى داۋالاشتا بەك مۇھىم، بىراق ئەگەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بولمىسا، كېسەلگە داۋا بولمىسا، ئۇ قويۇلغان دىئاگنۇزنىڭ ئەمىلى ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ.


بىزدە ھازىر ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغان كېسەللىك كەم ئەمەس، ئەكسىنچە خىلى كۆپ؛ شۇڭا ھازىر بىزگە جىددى كېرەكلىك بولغىنى تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكنى ئىزدەپ تېپىش ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئاللا بۇرۇن ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغان كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى تېپىش؛ ئۈنۈملۈك دورا تېپىشتۇر 


ئىنسانلارنى توغرا چۈشىنىش

 بىز قانداق قىلىپ ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلارنى توغرا چۈشىنەلەيمىز ۋە زۆرۈر بولمىغان ئۇقۇشماسلىقلاردىن خالى بولالايمىز؟ 

(كەيپىيات ۋە روھىي ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاددى ساۋات)


ئەگەر بىر ئادەم ھەددىدىن زىيادە كۈلسە، بولۇپمۇ كۈلمەيدىغان  كەلسە كەلمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ كۈلسە،  ئۇ ئۇ ئىنساننىڭ  ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئالاھىدە يالغۇزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەگەر بىر ئىنسان ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىسا، ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىدىن، قايغۇرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەگەر بىر ئىنسان ھەددىدىن زىيادە گەپنى ئاز ۋە تىز قىلسا، ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ بىرەر سىر ساقلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەگەر بىر ئىنسان يىغلىيالمىسا، ئۇ ئۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ (ئۇنداق ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئاجىزكەن دەپ قىلىشىدىن ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، يىغلاشقا پېتىنالمايدۇ).


ئەگەر بىر ئادەم ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېسە، ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ جىددىلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەگەر بىر ئادەم كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاسان يىغلىسا، ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ سۇنۇقلىقىدىن ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەگەر بىر ئادەم كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاسان خاپا بولۇپ، ئاسان ئاچچىقلانسا، ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ سۆيگۈ ۋە كۆڭۈل بۆلۈنۈشكە ئىھتىياجى بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

Saturday, September 12, 2020

باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە ياكى ھاقارەتلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟

 باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە ياكى ھاقارەتلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟


مەمەت ئېمىن



 

ھەممىمىز بىلگەندەك، بىزدىكى بەزى ئايىغى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ۋە ئەيىبلەشلەر، خەلقىمىزنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا سەۋەب بولاۋاتىدۇ. بىز بىر تەرەپتىن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇ تالاش تارتىشلارنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىز بىلىپ بىلمەي شۇنداق تالاش تارتىشىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتىمىز، ۋە ئايىغى چىقمايدىغان تالاش تارتىش ۋە ئۆز ئارا ئەيىبلەشلەر ئارقىلىق ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنى رەنجىتىۋاتىمىز.

 

بىلىشىمىز كېرەككى ئىنسانلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. ئۇلار پەقەتلا زامان ئاخىرى بولغاندا تۈگەيدۇ؛ بىراق ئۇنداق دېگەنلىك ئىنسانلار زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە دەل شۇ زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ نەتىجىدە جەمئىيەت تەرەققى ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ؛ تەرەققىيات جەريانىدا كونا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ھەل بولۇپ، يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇندىن كىيىن ئىنسانلار ئۇ يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تىخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. يەنى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، پەقەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.

 

مەسىلەن ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىش ۋە ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىش بولۇپ، ئۇنداق دېگەنلىك خەلقىمىز ھۆرلۈككە چىقسا، ۋەتەن مۇستەقىل  بولغاندىن كىيىن زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار تامامەن ھەل بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ چاغدا ھازىرقىدىن پەرقلىق يىڭى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى ئىنكار قىلىشنىڭ، ئۇنى يوققا چىقىرۋىتىشنىڭ، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بەك قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ ۋە ياكى ئۇنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بەك قورقۇپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ يالغۇز بىزدە ئەمەس، ھەممە مىللەتلەردە مەۋجۇت نەرسە. مەسىلە بىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزدا ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزدا.

 

باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ياكى باشقىلاردا بار يامان ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىز باشقىلارنى قايىل قىلىشىمىز كېرەك. ئىنساننى قايىل قىلىدىغان ۋە ياكى ئىنسانلارنى گەپ ئاڭلاتۇرىدىغان نەرسە، بىرى سۆيگۈ مۇھەببەت، يەنە بىرى پايدا مەنپەت، ئۈچىنچىسى قانۇن تۈزۈم. بىز باشقىلارنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنى گېپىمىزگە كۆندۈرىمەن دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم باشقىلارغا سۆيگۈ مۇھەببەت بېرىشىمىز ياكى ئۇلارغا پايدا مەنپەت يەتكۈزەلىشىمىز كېرەك. بولمىسا، بىز باشقىلارنى ئەيىبلەش، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش ۋە ياكى باشقىلارغا تەھدىت قىلىش ئارقىلىق، ھېچكىمگە ئۆز كۆز قارىشىمىز ۋە ئوي پىكىرلىرىمىزنى زورلاپ تاڭالمايمىز. ئەگەر بىز چىرايلىق گەپ سۆزلەر ۋە ياكى پايدا مەنپەت بىلەن باشقىلارنى ئۆزىمىزگە قارىتالمىساق، بىزنىڭ مۇكەممەل قانۇن تۈزۈمىمىز ۋە جازالاش سىستېمىسىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھېچكىم بىزنىڭ گىپىمىزگە قۇلاق سالماسلىقى ۋە ياكى سۆزىمىزنى ئېتىبارغا ئالماسلىقى مۇمكىن. بىز ھەرقانچە سۆزلىسەكمۇ، ئۇ سۆزلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمەسلىكى، سۆزىمىزنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن.

 

بىز باشقىلارغا تەۋسىيە ۋە ياكى تەربىيە بەرگەندە، باشقىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەيلى دېگەندە ۋە ياكى ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، چوقۇم باشقىلارغا بۇيرۇق ۋە تەھدىت تەلەپپۇزىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىشىمىز، كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چىچىش ئۇسۇلىنى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن باشقىلار قوبۇل قىلغىدەك تەلەپپۇزدا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشىمىز، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر ئامال تاپالمىساق، ئەڭ ياخشىسى تەخىر قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ تىنەپ، ئوتنىڭ ئۈستىگە ماي چىچىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا تەخىر ۋە سەۋر قىلىش بەك مۇھىم. تەخىر ۋە سەۋر قىلىش، بىزنىڭ ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىزدا، بىزگە ۋاقىت قازاندۇرىدۇ؛ نەتىجىدە بىز سالماقلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، مەۋجۇت مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ توغرا بولغان چارە تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقالىشىمىز مۇمكىن. ئادەم ئالدىرىغاندا، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغاندا، ئاچچىقلانغاندا، ئاسانلىقچە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشى، نەتىجىدە ئاسان خاتالىشىپ قىلىشى مۇمكىن.

Friday, September 4, 2020

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس

 زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس

 

تاكى خوڭكوڭلۇقلار ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى پۈتۈن دۇنياغا نامايەندە بولۇشتىن ئىلگىرى، مەن بۇ ماقال تەمسىلگە ھىچ بىر زامان گۇمان بىلەن قاراپ باقمىغان. قاچانكى خوڭكوڭلۇقلار ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ، كۆپۈنچە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆز ھاياتىنى تەھلىكىگە ئېتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىشلارنى باشلىدى، مىنىڭ بۇ سۆزگە نىسبەتەن پەرىقىلىق قاراشلىرىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

 


راستىنلا يالغۇز زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇل، ئاندىن باھارنىڭ قەدرىنى بىلەمدۇ؟ مېنىڭچە يالغۇز زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇل ئەمەس،  ئەڭ موھىمى باھار كۆرگەن، باھارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، باھارنىڭ ھەقىقى تەمىنى تېتىپ باققان بۇلبۇل، ئاندىن زىمىستان قىشتا باھارنىڭ ھەقىقى قەدرىگە يېتىدىكەن. ئەزەلدىن باھار كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا باھارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بۇلبۇل، زىمىستان قىشتا ئۇزۇن ياشاپ، باھارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، بارا بارا شۇ زىمىستان قىشقا كۆنۈپ، ھەتتا ئايلاپ يىللاپ پار ئارقىلىق ئىرىشكەن ۋاقىتلىق ئىللىقلىققا مىڭ شۈكرى قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

 

قىسقىسى يالغۇز زىمىستان كۆرۈپ باققان بۇلبۇل ئەمەس، بەلكى باھارنىمۇ كۆرۈپ باققان، باھارنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدىغان بۇلبۇل، ئاندىن باھارنىڭ قەدرىگە يىتەلەيدىكەن. شۇڭا مەن ئۇ ماقال تەمسىلنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەنسەك تېخىمۇ مۇئاپىق بولغۇدەك:

باھارنى بىلمەيدىغان بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس!

 

ئىنسان، ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئەمەس، بەلكى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان نەرسىنىڭ قىممىتىگە يىتىدۇ.  ئەسكى سائەتنىڭ ھىكايىسىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. يەنى ئۇ ئەسكى سائەتكە ئەڭ يۇقۇرى باھا بەرگەنلەر،  ئۇنداق ئەسكى سائەتى يوقلار ئەمەس، بەلكى شۇ ئەسكى سائەتنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغانلار. ئامېرىكا، كانادادا گەرچە ھەر خىل يەلىمىشلەر بولسىمۇ، كۆپۈنچىمىز بەلكىم يەنىلا شۇ قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم ياكى بۇرۇن ئۆزىمىز يەپ باققان يەلىمىشلەرنى تاللاپ يىشىمىز مۈمكىن. سەۋەپ بىزدە يەلىمىشلەر بولمىغانلىقى (زىمىستان كۆرگىنىمىز) ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىز كىچىكىمزدىن تارتىپ ئۇ يەلىمىششلەرنى يەپ، ئۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باققانلىقىمىز ئۈچۈن.

 

بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىش ئۈچۈن بىلىم بولۇش كىرەك. سەنئەتنىڭ ئەڭ قەدرىگە يىتىدىغانلار ۋە سەنئەتكە ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدىغانلار سەنئەت بىلىدىغانلار. مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغانلار، مۇزىكا بىلىدىغانلار؛ ھەرگۈزمۇ مۇزىكا بىلمەيدىغانلار ئەمەس. دىمەك ئىنسان ئۆزىدە يوق نەرسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلىدىغان نەرسىنى قەدىرلەيدۇ.