Friday, September 4, 2020

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس

 زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس

 

تاكى خوڭكوڭلۇقلار ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى پۈتۈن دۇنياغا نامايەندە بولۇشتىن ئىلگىرى، مەن بۇ ماقال تەمسىلگە ھىچ بىر زامان گۇمان بىلەن قاراپ باقمىغان. قاچانكى خوڭكوڭلۇقلار ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ، كۆپۈنچە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆز ھاياتىنى تەھلىكىگە ئېتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىشلارنى باشلىدى، مىنىڭ بۇ سۆزگە نىسبەتەن پەرىقىلىق قاراشلىرىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

 


راستىنلا يالغۇز زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇل، ئاندىن باھارنىڭ قەدرىنى بىلەمدۇ؟ مېنىڭچە يالغۇز زىمىستان كۆرگەن بۇلبۇل ئەمەس،  ئەڭ موھىمى باھار كۆرگەن، باھارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، باھارنىڭ ھەقىقى تەمىنى تېتىپ باققان بۇلبۇل، ئاندىن زىمىستان قىشتا باھارنىڭ ھەقىقى قەدرىگە يېتىدىكەن. ئەزەلدىن باھار كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا باھارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بۇلبۇل، زىمىستان قىشتا ئۇزۇن ياشاپ، باھارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ، بارا بارا شۇ زىمىستان قىشقا كۆنۈپ، ھەتتا ئايلاپ يىللاپ پار ئارقىلىق ئىرىشكەن ۋاقىتلىق ئىللىقلىققا مىڭ شۈكرى قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

 

قىسقىسى يالغۇز زىمىستان كۆرۈپ باققان بۇلبۇل ئەمەس، بەلكى باھارنىمۇ كۆرۈپ باققان، باھارنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدىغان بۇلبۇل، ئاندىن باھارنىڭ قەدرىگە يىتەلەيدىكەن. شۇڭا مەن ئۇ ماقال تەمسىلنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەنسەك تېخىمۇ مۇئاپىق بولغۇدەك:

باھارنى بىلمەيدىغان بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس!

 

ئىنسان، ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنىڭ قىممىتىنى ئەمەس، بەلكى قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان نەرسىنىڭ قىممىتىگە يىتىدۇ.  ئەسكى سائەتنىڭ ھىكايىسىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. يەنى ئۇ ئەسكى سائەتكە ئەڭ يۇقۇرى باھا بەرگەنلەر،  ئۇنداق ئەسكى سائەتى يوقلار ئەمەس، بەلكى شۇ ئەسكى سائەتنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغانلار. ئامېرىكا، كانادادا گەرچە ھەر خىل يەلىمىشلەر بولسىمۇ، كۆپۈنچىمىز بەلكىم يەنىلا شۇ قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم ياكى بۇرۇن ئۆزىمىز يەپ باققان يەلىمىشلەرنى تاللاپ يىشىمىز مۈمكىن. سەۋەپ بىزدە يەلىمىشلەر بولمىغانلىقى (زىمىستان كۆرگىنىمىز) ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىز كىچىكىمزدىن تارتىپ ئۇ يەلىمىششلەرنى يەپ، ئۇلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باققانلىقىمىز ئۈچۈن.

 

بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلىش ئۈچۈن بىلىم بولۇش كىرەك. سەنئەتنىڭ ئەڭ قەدرىگە يىتىدىغانلار ۋە سەنئەتكە ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدىغانلار سەنئەت بىلىدىغانلار. مۇزىكا چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغانلار، مۇزىكا بىلىدىغانلار؛ ھەرگۈزمۇ مۇزىكا بىلمەيدىغانلار ئەمەس. دىمەك ئىنسان ئۆزىدە يوق نەرسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلىدىغان نەرسىنى قەدىرلەيدۇ.

No comments: