Thursday, February 28, 2019

گۇمان قىلىش ۋە گۇمانخورلۇق كىسىلى

گۇمان قىلىش ۋە گۇمانخورلۇق كىسىلى
مەمەت ئىمىن

"گۇمان ئىمانى قاچىرىدۇ"  – ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى

يۇقارقى ماقال تەمسىلدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى تىلىمىزدىكى "گۇمان" سۆزى ئاساسەن سەلبى مەنادا قوللۇنۇپ كىلىنگەن. تىلىمىزدا گۇمان قىلىش بىلەن ئوخشاش مەنادىكى سۆزلەردىن يەنە "شۈبھە، شەك، شەك كەلتۈرۈش، ئىشەنمەسلىك" قاتارلىق سۆزلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئاساسەن سەلبى مەنادا قوللۇنۇلۇپ كەلگەن. سەلبى مەنادىكى گۇمان قىلىشنى ئىنگىلىزچىدا "suspect" دەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە "doubt" دەيدىغان بىر سۆز بار. ئۇ سۆزنى تىلىمىزدا گەرچە ئوخشاشلا "گۇمان قىلىش" دەپ تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئىجابى مەنادا ئىشلىتىلىدۇ. يەنى "suspect" سۆزى، بىر نەرسىنىڭ راسلىقىدىن، بىر ئادەمنىڭ ياخشى ۋە گۇناسىز ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقا ئىشلىتىلسە، "doubt" سۆزى، بىر نەرسىنىڭ يالغانلىقىدىن، بىر ئادەمنىڭ ئەسكى ۋە جىنايەتچى ئىكەنلىكدىن گۇمان قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئەمىلىيەتتە ئەگەر بىز گۇمان قىلىشنى  مۇئاپىق قوللانساق، ئۇنىڭمۇ بەلگۈلۈك ئىجابى رولى بار. ئىنگىلىزچىدە "curious" دىگەن بىز سۆز بولۇپ، ئۇنى تىلىمىزدا گەرچە "قىززىقىش، ھەيران بولۇش، ھەۋەس قىلىش" دەپ تەرجىمە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى دەل شۇ ئىجابى "گۇمان قىلىش" بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن بەزى ئىشلار توغۇرسىدا مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىشىمىزغا، ئىزدىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. لوگىكىلىق ئاساسى بولغان بەزى گۇمان، ئىنسانلارنىڭ سەزگۈرلىكىنى يۇقۇرى كۆتىرەشتە بەلگۈلۈك رول ئوينايدۇ.

ھىچقانداق ئاساسى بولمىغان بىۋۇدە گۇمان، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچىنى بۇزۇپ، زىدىيەت پەيدا قىلىدۇ، ئىتىپاقسىزلىق ۋە بۆلۈنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەڭ موھىمى، باشقىلاردىن ئاساسسىز گۇمانلانماسلىقىمىز، شۇنداقلا گۇمانغا تايىنىپ يەكۈن چىقارماسلىقىمىز، ئاندىن ئۇ يەكۈنگە ئاساسەن باشقىلارغا بوھتان چاپلىماسلىقىمىز ۋە ھاقارەت قىلماسلىقىمىز كىرەك. مانا بۇ، گۇمان قىلىشنىڭ ئەڭ ئەجەللىك يىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر بىزدە ۋابا كىسىلىگە ئوخشاش تىز تارقاۋاتىدۇ.

نىمىس يازغۇچى كۇرت گۆتز ئەپەندى مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ھەسسەتخور ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ، كۆپ گۇمان قىلىدۇ، ھەممىدىن قورقايدۇ"

بىزدە "ئوغرى گۇمانخور كىلەر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار بولۇپ، ئادەتتە ئىچى تار، ھەسسەتخور، يالغان گەپنى كۆپ قىلىدىغان، باشقىلارنى كۆپ ئالدىغان، باشقىلاردىن كۆپ ئالدانغان، دۇنياغا يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان سەلبى، كاززاپ كىشىلەر، باشقىلاردىن ئاسان گۇمان قىلىدۇ. ئاق كۆڭۈل، كەڭ قوساق، يالغان سۆزلىمەيدىغان، ئەزەلدىن باشقىلارنى ئالداپ باقمىغان، باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ باقمىغان، دۇنياغا ياخشى كۆزى بىلەن قارايدىغان سەممى ۋە ئىجابى كىشىلەر، باشقىلاردىن ئاسان گۇمان قىلمايدۇ.

ئامىركىلىق داڭلىق ئىختىزادشۇناس ۋە فوربىس ژورنىلىنى بەرپا قىلغۇچى فوربىس ئەپەندى مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەڭ ياخشىسى ئاز تولا ئالدان، بىراق ھەرگۈزمۇ مەڭگۈ گۇمانلىنىۋەرمە"

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، مەن ئۈرۇمچىدىكى بىر تونۇشۇمدىن كۈتمىگەن بىر ئەلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن گەرچە ئۇ تونۇشۇمنىڭ ماڭا ئەلخەت يىزىشىنى پەقەت كۈتمىگەن بولساممۇ، بىراق مەن ئۇ ئەلخەتتىن ئارتۇق گۇمانلىنىپ ئولتۇرماي، دەرھال ئۇ ئەلخەتنى ئىچىپ، كومپىيۇتۇرۇمغا ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ، كومپىيۇتۇرۇمنى بۇزۇپ قويغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن بەزى جەزمەنلەشتۈرەلمىگەن ئەلخەتلەردىن گۇمان قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئالدىراپ ئاچمايدىغان بولغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەن تونىمايدىغان بىر نەچچە كىشى، ماڭا خەت يىزىپ، مىنىڭ ئۇلارغا ۋىرۇس يوللاپ، ئۇلارنىڭ كومپىيۇتۇرىنى بۇزۇپ قويغانلىقىمنى ئەيتىپ، مىنىڭ قايتا قايتا چۈشەندۈرىشىمگە قارىماي، ئۆزلىرىگە ۋىرۇس ئەۋەتكەن كىشىنىڭ چوقۇم مەن ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىنى شۇنداق بولمىغۇر تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ كەتكەن ئىدى. بۇلار پەقەت گۇمان قىلماسلىق ياكى پۈتۈنلەي ئىشىنىش بىلەن پۈتۈنلەي گۇمان قىلىپ، پەقەت ئىشەنمەسلىكنىڭ تىپىك مىساللىرى بولۇپ، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ماڭا نىسبەتەن كۈتۇلمىگەن كۆڭەلسىزلىكلەر پەيدا بولغان ئىدى.


كۈتۇلمىگەن كۆڭەلسىزلىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئەھۋالدا گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىشنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بەك موھىم. يالغۇز ئىشىنىش بولۇپ، پەقەت گۇمان قىلىش بولمىغاندا، بىخەستەلىك كىلىپ چىقىشى، ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، بىۋۇدە زىيان تارتىشىمىز مۈمكىن. ئەگەر يالغۇز گۇمانلىنىش بولۇپ، پەقەت ئىشىنىش بولمىغاندا، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىغىر تەسىر يىتىشى ۋە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن.

گۇمانخورلۇق كىسىلى
" Paranoid Personality Disorder "

مەن تۆۋەندە باشقىلاردىن ئاساسسىز گۇمان قىلىش، ئاساسلىق كىسەللىك ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان گۇمانخورلۇق كىسىلى توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەن توختالماقچى بولغان بۇ گۇمانخورلۇق كىسىلىنى ئىنگىلىزچىدە "جاھىل خارەكتىرلىك ئادىمىلىك بۇزۇلۇش كىسىلى" دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى قىسقارتىپ گۇمانخورلۇق كىسىلى دەپ ئاتىدىم.

گۇمانخورلۇق كىسىلى دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ئادىمىلىكىدە ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇش پەيدا بولغان بىر خىل پىسخىكىلىق بىنورماللىق بولۇپ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئىنسانلار داۋاملىق باشقىلاردىن گۇمان قىلىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر، باشقىلارنى تەھدىتلىك، ساتقىن، خائىن ۋە زىيانلىق دەپ قارايدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئادەتتە ئۆزلىرىدە شۇنداق كىسەللىك ياكى بىنورماللىق بارلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوي خىياللىرىنى ئالدىراپ باشقىلارغا دىمەيدۇ؛ ئۆيىدە ھەتتا ھەمرايىدىن گۇمانلىنىپ، ھەمرايىنىڭ پىيىغا چۈشىدۇ؛ ھەددىدىن زىيادە كۈندەشلىك قىلىدۇ. ھەر زامان باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بەك سەزگۈر بولىدۇ، كىچىك ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. خارەكتىرى جاھىل؛ باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىشقا ئامراق؛ ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ ۋە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ؛ داۋاملىق باشقىلارغا بوھتان چاپلايدۇ ۋە باشقىلارنى ھاقارەتلەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇشىڭ سەۋەبى تىخى ئىنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ بالىلىق ۋە بالاغەتكە يىتىش دەۋرىدە دۇچ كەلگەن ھەر خىل روھىي ۋە جىسمان زەخمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن. كۆپۈنچە ئەھۋالدا، يالغۇز ياشاشنى خالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدىغان ياكى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى ناچار بولغان، ئاسان جىددىلىشىدىغان، ئۈگۈنىشى ناچار بولغان، سەزگۈر، غەلىتە ئىشلارنى ئويلايدىغان، غەلىتە گەپلەرنى قىلىدىغان بالىلارنىڭ، بۇ كىسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقى مەلۇم.

بالىلىق دەۋرىدە ساغلام بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى بەرپا قىلالمىغان ئىنسانلار، بۇ كىسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بالىغا نىسبەتەن دۇنيادا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىنسالار ئانا، دادا، ئاكا، ئۇكا، ئاچا سىڭىل ۋە چوڭ ئانا چوڭ دادىلار بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئىنسانلار بالا ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا بالىغا يالغان سۆز قىلغان بولسا، مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز، بىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن ئۇنى ئالداپ قويغان بولسا، ئۇ بالىنىڭ ساغلام ئىشەنچ تۇيغۇسىنى بەرپا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال قايتا قايتا تەكرارلانسا ۋە ياكى بالىدا ئىغىر روھىي ۋە جىسمانى زەخمە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بۇنداق بالا كەلگۈسىدە ئالدىراپ باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان ياكى داۋاملىق باشقىلاردىن گۇمان قىلىدىغان بولىدۇ.


داۋالاش جەھەتتە، گەرچە بۇ كىسەلگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار، پىسخىكا دوختۇرلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشەنمىگەنلىكى يەنى دوختۇرنىڭ داۋالىشىدىنمۇ گۇمان قىلىپ، داۋالاشقا تولۇق ماسلاشمايدىغان بولغاچقا، داۋالاش ئۈنىمى ئىغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغان كۆپۈنچە كىشىلەر، بىر ئۆمۈر بۇ كىسەلنىڭ تەسىرىدە ياشايدۇ.

2019 - يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، نىيورۇك

Guman qilish we gumanxorluq kisili


Guman qilish we gumanxorluq kisili
Memet Emin

“Guman imani qachiridu”  – Uyghur xelq maqal temsilliri.

Yuqarqi maqal temsildin shuni köriwilishqa boliduki tilimizdiki “Guman” sözi asasen selbi menada qollunup kilin’gen. Tilimizda guman qilish bilen oxshash menadiki sözlerdin yene "shübhe, shek, shek keltürüsh, ishenmeslik" qatarliq sözler bolup, ularning hemmisimu asasen selbi menada qollunulup kelgen. Selbi menadiki guman qilishni In’gilizchida “suspect” deydighan bolup, uningdin bashqa “doubtdeydighan bir söz bar. U sözni tilimizda gerche oxshashla guman qilish dep terjime qilghan bolsimu, biraq u köpünche ehwalda ijabi menada ishlitilidu. Yeni “suspect” sözi, bir nersining rasliqidin, bir ademning yaxshi we gunasiz ikenlikidin guman qilishqa ishlitilse, “doubt” sözi, bir nersining yalghanliqidin, bir ademning eski we jinayetchi ikenlikidin guman qilishqa ishlitilidu.

Emiliyette eger biz guman qilishni  muapiq qollansaq, uningmu belgülük ijabi roli bar. In’gilizchide “curious” digen biz söz bolup, uni tilimizda gerche “qizziqish, heyran bolush, hewes qilish” dep terjime qilghan bolsimu, biraq uning yene bir menisi del shu ijabi “guman qilish” bolup, u bizning tigige yitelmigen bezi ishlar toghursida musteqqil tepekkur qilishimizgha, izdinishimizge türtke bolidu. Logikiliq asasi bolghan bezi guman, insanlarning sezgürlikini yuquri kötireshte belgülük rol oynaydu.

Hichqandaq asasi bolmighan biwude guman, insanlar arisidiki öz ara ishenchini buzup, zidiyet peyda qilidu, itipaqsizliq we bölünishni keltürüp chiqiridu. Shunga eng mohimi, bashqilardin asassiz gumanlanmasliqimiz, shundaqla guman’gha tayinip yekün chiqarmasliqimiz, andin u yekün’ge asasen bashqilargha bohtan chaplimasliqimiz we haqaret qilmasliqimiz kirek. Mana bu, guman qilishning eng ejellik yiri bolup, u hazir bizde waba kisilige oxshash tiz tarqawatidu.

Nimis yazghuchi Kurt Götz ependi mundaq digen iken, "Hessetxor hichnimini bilmeydu, köp guman qilidu, hemmidin qorqaydu"

Bizde “oghri gumanxor kiler” deydighan ata sözi bar bolup, adette ichi tar, hessetxor, yalghan gepni köp qilidighan, bashqilarni köp aldighan, bashqilardin köp aldan'ghan, dunyagha yaman közi bilen qaraydighan selbi, kazzap kishiler, bashqilardin asan guman qilidu. Aq köngül, keng qosaq, yalghan sözlimeydighan, ezeldin bashqilarni aldap baqmighan, bashqilar teripidin aldinip baqmighan, dunyagha yaxshi közi bilen qaraydighan semmi we ijabi kishiler, bashqilardin asan guman qilmaydu.

Amirkiliq dangliq ixtizadshunas we Forbes Jornilini berpa qilghuchi Forbes ependi mundaq digen iken, "Eng yaxshisi az tola aldan, biraq hergüzmu menggü gumanliniwerme"

Nurghun yillar ilgiri, men Ürumchidiki bir tonushumdin kütmigen bir elxet tapshurup aldim. Men gerche u tonushumning manga elxet yizishini peqet kütmigen bolsammu, biraq men u elxettin artuq gumanlinip olturmay, derhal u elxetni ichip, kompiyuturumgha virus yuqturup, kompiyuturumni buzup qoyghan idim. Shuningdin kiyin bezi jezmenleshtürelmigen elxetlerdin guman qilidighan we uni aldirap achmaydighan bolghan idim. Uningdin bir nechche yil ötkendin kiyin, men tonimaydighan bir nechche kishi, manga xet yizip, mining ulargha virus yollap, ularning kompiyuturini buzup qoyghanliqimni eytip, mining qayta qayta chüshendürishimge qarimay, özlirige virus ewetken kishining choqum men ikenlikide ching turup, mini shundaq bolmighur tillar bilen haqaretlep ketken idi. Bular peqet guman qilmasliq yaki pütünley ishinish bilen pütünley guman qilip, peqet ishenmeslikning tipik misalliri bolup, her ikki xil ehwalda manga nisbeten kütulmigen köngelsizlikler peyda bolghan idi.


Kütulmigen köngelsizliklerdin saqlinish üchün, herqandaq ehwalda guman qilish bilen ishinishni yaxshi tengpunglashturush bek mohim. Yalghuz ishinish bolup, peqet guman qilish bolmighanda, bixestelik kilip chiqishi, asanla bashqilarning aldam xaltisigha chüshüp, biwude ziyan tartishimiz mümkin. Eger yalghuz gumanlinish bolup, peqet ishinish bolmighanda, kishiler arisidiki munasiwetke ighir tesir yitishi we oylimighan yaman aqiwetler kilip chiqishi mümkin.

Gumanxorluq kisili (Paranoid Personality Disorder)

Men töwende bashqilardin asassiz guman qilish, asasliq kisellik alametliridin biri bolghan gumanxorluq kisili toghursida azraq toxtulup ötmekchimen. Men toxtalmaqchi bolghan bu gumanxorluq kisilini In’gilizchide “jahil xarektirlik adimilik buzulush kisili” (Paranoid Personality Disorder) dep ataydighan bolup, men uni qisqartip gumanxorluq kisili dep atidim.

Gumanxorluq kisili diginimiz insanlarning adimilikide ighir derijide buzulush peyda bolghan bir xil pisxikiliq binormalliq bolup, bu kiselge giriptar bolghan insanlar dawamliq bashqilardin guman qilidu. Bu kiselge giriptar bolghan kishiler, bashqilarni tehditlik, satqin, xain we ziyanliq dep qaraydu. Bu kiselge giriptar bolghanlar, adette özliride shundaq kisellik yaki binormalliq barliqini itirap qilmaydu. Ular bashqilargha asanliqche ishenmeydu, ular özlirining oy xiyallirini aldirap bashqilargha dimeydu; öyide hetta hemrayidin gumanlinip, hemrayining piyigha chüshidu; heddidin ziyade kündeshlik qilidu. Her zaman bashqilarning özige munasiwetlik uchurlardin paydilinip, özige ziyankeshlik qilishidin endishe qilidu. Bek sezgür bolidu, kichik ishlarnimu untup qalmaydu. Xarektiri jahil; bashqilar bilen gep talishishqa amraq; adawet saqlaydu; asanla achchiqlinidu we bashqilargha hujum qilidu; dawamliq bashqilargha bohtan chaplaydu we bashqilarni haqaretleydu.

Insanlarning bu kiselge giriptar bolushining sewebi tixi iniq emes bolup, u insanlarning baliliq we balaghetke yitish dewride duch kelgen her xil rohiy we jisman zexme bilen munasiwetlik bolishi mümkin. Köpünche ehwalda, yalghuz yashashni xalaydighan, bashqilar bilen asan chiqishalmaydighan yaki bashqilar bilen munasiwiti nachar bolghan, asan jiddilishidighan, ügünishi nachar bolghan, sezgür, ghelite ishlarni oylaydighan, ghelite geplerni qilidighan balilarning, bu kiselge asan giriptar bolidighanliqi melum.


Baliliq dewride saghlam bolghan ishench tuyghusi berpa qilalmighan insanlar, bu kiselge asan giriptar bolidu. Baligha nisbeten dunyada eng ishenchilik insalar ana, dada, aka, uka, acha singil we chong ana chong dadilar bolup, eger u insanlar bala ösüp yitilish jeryanida baligha yalghan söz qilghan bolsa, mexsetlik yaki mexsetsiz, bilip yaki bilmesliktin uni aldap qoyghan bolsa, u balining saghlam ishench tuyghusini berpa qilishigha tesir yetküzidu. Eger bu xil ehwal qayta qayta tekrarlansa we yaki balida ighir rohiy we jismani zexme keltürüp chiqarghan bolsa, bundaq bala kelgüside aldirap bashqilargha ishenmeydighan yaki dawamliq bashqilardin guman qilidighan bolidu.

Dawalash jehette, gerche bu kiselge nisbeten ünümlük dawalash usuli mewjut bolsimu, biraq bu kiselge giriptar bolghanlar, pisxika doxturlirigha asanliqche ishenmigenliki yeni doxturning dawalishidinmu guman qilip, dawalashqa toluq maslashmaydighan bolghachqa, dawalash ünimi ighir derijide tesirge uchuraydu. Shu seweptin bu kiselge giriptar bolghan köpünche kishiler, bir ömür bu kiselning tesiride yashaydu.

2019 – yili 2 – ayning 28 – küni, New York

Wednesday, February 20, 2019

قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟

خەلقىمىزنىڭ پىسخىكا ھالىتىگە نەزەر
مەمەت ئىمىن

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك لاگىر مەسىلىسىنىڭ ئورتىغا چىقىشى ۋە ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزىلىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىز ھەقىقىتەن زور دەرىجىدە ئويغاندى. بىراق بۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.

ۋەتەن سىرتىدا ئەڭ كەم دىگەندە بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار. ئورتا ئاسىيادىن باشقا دۆلەتلەردە كەم دىگەندە 100 - 200  مىڭ ئۇيغۇر بار. دىموكىراتتىك دۆلەتلاردە كەم دىگەندە 50 - 100 مىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر بولىشى مۈمكىن. بىراق ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن بىر ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا  5 - 10  مىڭ ئەتىراپىدا بولىشى مۈمكىن؛ بۇ دىموكىراتتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 10% تى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر خىل پالىيەتلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 ئەتىراپىدا بولىشى مۈمكىن. بۇ سان دىموكىراتتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ 1% گە يەتمەيدۇ.

مەن 2018 - يىلى 12 - ئايدىن 2019 - يىلى 1 - ئايغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە ئىلىپ بارغان راي سىناشقا جەمى 1100 دىن ئاتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار "تۇققانلىرىڭىز ئىچىدە لاگىر ياكى تۈرمىگە سولانغانلار بارمۇ دىگەن سوئالغا تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن.



يۇقارقى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 71% نىڭ 
ئائىلىسىدە  كەم دىگەندە بىر كىشى لاگىر ياكى تۇرمىدە. 24% تى تۇقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز. پەقەت 4% نىڭ ئاھىلىسىدىكىلەر ھازىرچە ساق سلامەت. بىراق يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك، ھەركەتكە ئۆتكەنلەر، مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 10% گە يەتمەيدۇ.

بۇ نىڭ سۋەبى نىمە؟

ۋەتەندىكى ئىغىر زۇلۇمنى تىخى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىنمۇ؟
 ياكى مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلمىغانلىقتىنمۇ؟

بۇنىڭ ئەڭ موھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بىزدىكى روھىي ئاسارەت، روھىي چۈشكۈنلۈك،  ئۈمۈتسىزلىك؛ ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە ئىشەنمەسلىك، ۋە بىزدىكى "تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ"  پەلسەپىسى.

ئۇ قىتىمقى راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ سىز ئۆلىۋىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ دەپ سورىغان 
.سوئالغا بەرگەن جاۋاپ تۆۋەندىكىچە



يۇقارقى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 4% تى
 داۋاملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىكەن. 19% بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەت ئالدىنقى قىتىم ئىلىپ بارغان راي سىناشقا سىلىشتۇرغاندا 5% ئاشقان. ھازىر جەمى 23% ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققان. بۇ سان ئامىركىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلاردىن 6 ھەسسە يقۇرى






ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىشىمىش كىرەك؟

  .بىرىنجىدىن، خەلقنى روھىي ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كىرەك

خىتتاي ئۇزۇندىن بىرى پۇخرالارنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى تۆۋەندىكى شاڭجۇنشۇنىڭ خەلىقنى كونتۇرل قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇل بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن

شاڭ جۈن شۇ: خەلقنى كونتۇرۇل  قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
1. ئاجىزلار ئارقىلىق كۈچلىكلەرنى، نادانلار ئارقىلىق بىلىملىكلەرنى، ئەسكىلەر ئارقىلىق ياخشىلارنى يوق قىلىش.
2. بىرلا دىن ياكى بىرلىككە كەلگەن ئىتىقاد بەرپا قىلىش  كىرەك (ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كىلىش).
3. شەخسىنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، خۇسۇسى مال مۈلىك ۋە ئەقلى  بايلىق بولمىغان جەمىيەت يارىتىش.
4. خەلقنى پەس، كەمبىغەل ۋە ئاجىز تۇتۇش.
5. ئۇرۇش قىلىش، ئۆلتۈرۈش.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ

ئىككىنجىدىن، ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى بىلىشىمىز كىرەك



ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش دىگەندە، ئاسالىقى پاسىسپ ھەركەتلىنىش، يەنى باشقىلار 
.تەرىپىدىن ھەركەتلەندۈرۈش كۆزدە تۇتىلىدۇ

ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشنىڭ ئككى خىل ئۇسۇلى بار



قايسى خىل ئۇسۇل تىخىمۇ ئۈنۈملۈك؟

ئۇ،  ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ مەخسىتىگە باغلىق.
ئەگەر باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ مەخسىتى، قارشى تەرەپنى نادان قالدۇرۇپ، ئۇلارنى پەقەت ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش بولسا، پاسسىپ ئۇسۇل تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىشى مۈمكىن.

ئەگەر مەخسەت، قارشى تەرەپكە كۆيۈنۈش، ئۇلارغا  مەنپەت ئىلىپ كىلىش بولسا، ئاكىتىپ ئۇسۇلنى ئاساس قىلىپ قوللۇنغاندا، تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈنمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.



ئۈچىنجىدىن، ئىنسانلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك



ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بەك مۇرەككەپ ۋە نازۇك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. ئىنسانلار، ئىتىراپ قىلىنىشقا، ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا، ھۆرمەت قىلىنىشقا، ئىناۋەتكە، شان شەرەپكە، غۇرۇرغا، پەخىرلىنىشكە، كۆيۈنۈشكە، دوستلۇققا، مىھرى مۇھاببەت ۋە سۆيگۈ قاتارلىقلارغا ئىھتىياجلىق.

تۆتىنجىدىن، ئىنسانلارنىڭ قابىلىيىتىنى، نىمە قىلايلايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىش،
ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى نامايەن قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش، ئۇلاردا ئىشەنچ  پەيدا قىلىش كىرەك.


باشقىلارغا، ”سەن قىلالمايسەن ئەمەس، سەن قىلاللايسەن “ دىگەننى كۆپ تەشۋىق قىلىش، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ”مەن قىلالمايمەن ئەمەس، مەن قىلالايمەن “ دىگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش كىرەك.

”#مەنمۇ ئۇيغۇر“ ھەركىتىگە شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئاۋاز قوشىشى ۋە شۇنچە چوڭ تەسىر يارىتىشى، بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بەشىنجىدىن، باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانلار:  سۆزى بىلەن ھەركىتىدە بىردەك بولۇش، سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمىلى ھەركەت بىلەن باشقىلارنى قائىل قىلىش، "موللامنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما" نەزىريەسىدىن ۋاز كىچىشىمىز كىرەك.


  

 ئالتىنجىدىن، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا دەستەك بولۇش، ئجابى خەۋەر ۋە ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلىپ تەشۋىق قىلىش، خەلقنى ئۈمۈتلەندۈرۈش كىرەك.



بۇ مەسىلە توغۇرسىدا ھەممەيلەن ئورتاق ئىزدىنەيلى.

ھەممىڭلەرگە رەخمەت

Friday, February 15, 2019

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ
مەمەت ئىمىن

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ خىتتاي تۇرمىسىدە شەھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن، ئارىدىن 24 سائەت ۋاقىت ئۆتمەيلا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە لاگىر توغرسىدا، خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلەپ، 2009 – يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن بىر بايانات ئىلان قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كەسكىن پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق راھەتسىزلەنگەن خىتتاي ھۆكۈمىتى، ئارىدىن يەنە 24  سائەت ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئابدۇرەھىم ھەيىتنى ئىكران ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۈنى سۆزلىتىپ ۋە ئۇنىڭ سۆزنى تۈركچە، ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى توغۇرسىدىكى ئۇ قىسقا سىن فىلىمىنى كۆرگەن بەزى قىرىنداشلار فىلىمنىڭ راس يالغانلىقى توغۇرسىدا تالاش تارتىش قىلىشسا، يەنە بەزى قىرىنداشلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى يالغانچى چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىشىپ، ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقاتقانلارنى ئەيىپلىشىپ، ئۆز ئارا تاپا تەنە قىلىشماقتا ئىدى. دەل مۇشۇ پەيىتتە، فىللاندىيەدىكى قىرىندىشىمىز خالمۇرات "ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ" دەپ، "MeTooUyghur#" يەنى "#مەنمۇئۇيغۇر" ھەركىتىنى باشلىدى.


توغۇرا، "ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ"، بۇ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۇزۇندىن بىرى قوللۇنۇپ كەلگەن ئاددى بىر ماقال تەمسىل بولۇپ، قىرىندىشىمىز خالمۇرات بۇ ئاددى ماقال تەمسىلنى ناھايتى جايىدا ۋە دەل ۋاختىدا ئىشلىتىلىپ، ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا #مەنمۇئۇيغۇر ھەركىتىنى باشلىدى. قىرىندىشىمىز خالمۇراتنىڭ بۇ ئاقىلانە چاقىرىقى سەۋەبىدىن، ئالدى بىلەن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان كۆپلىگەن قىرىنداشلار، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، قىلىش ئەڭ ئاسان بولغان، كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان، ھىچقانداق ئەندىشە ۋە قورقۇش كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان، تەنى ئەڭ دىسمى كىتىدىغان بۇ يىقىملىق ئاددى سۆزنى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ ئاقىلانە چاقىرىق، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئارا تاپا تەنە قىلىشتىن قۇتۇلتۇردى. نەتىجىدە بۇ ھەركەت باشلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۈنىمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۈگۈن بۇ ھەركەتكەت باشلىنىپ قىسقىغىنا  96 سائەت ئىچىدە، خەلقارادىكى ھەر خىل چوڭ كىچىك ئاخباراتلاردا، بۇ ھەركەت توغۇرسىدا 100 دىن ئارتۇق خەۋەر چىققانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ناپولىيون خىل مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەگەر سىز بۈيۈك ئىشلارنى قىلالمىسىڭىز، كىچىك ئىشلارنى بۈيۈك قىلىڭ"

مەن گەرچە بىرەر سىياسى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ۋە ياكى ئاكىتىپ پالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان بىر پالىيەتچى بولمىساممۇ، بىراق بولۇۋاتقان داۋانى ئىزچىل كۈزۈتۈپ ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كىسىپ ئەيتىمەنكى، بۇ كىچىككىنە ھەركەتنىڭ ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقۇرى بولدى. راس گەپنى قىلسام، مەن بۇ ھەركەتنىڭ، بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق زور تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلمىغان ئكەنمەن. لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققان ئىككى يىل ئىچىدە، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان قىرىنداشلار ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئويغۇنۇش بولۇپ، ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان داۋادا زور يىڭىلىقلار ۋە ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلدى. بەزىلەر گۇۋالىق بىرىش ھەركىتىنى قوزغىغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئالى مەكتەپ ۋە مىچىتلاردا لىكسىيە سۆزلەپ، خەلقىمىز ۋەتەندە دۇچ كىلىۋاتقان ئىغىر پاجەلەر توغۇرسىدا تەشۋىقاتنى كۈچەيىتتى. نامىيىشلارنىڭ شەكلى، كۆلىمى ۋە سانىدىمۇ بەزى يىڭىلىقلار دۇنياغا كەلدى. ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار كۈنسايىن كۆپەيدى، داۋا سىپى كۈنسايىن چوڭايدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىقىنقى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن يىڭىلىق ۋە داۋادا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بولۇپ، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە، ئايرىم ئايرىم بىر ھەركەت قاتارىدا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى  بۇ قىتىمقى بۇ ھەركەتكە ئوخشاش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق چوڭ تەسىر قوزغىمىغان ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە بۇ ھەركەتنى ماختاش ئارقىلىق باشقا ھەركەتلەرنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. مەن بۇ يەردە پەقەتلا يىڭى ئىدىيەنىڭ يىڭلىق يارتىشتا نەقەدەر موھىم ئىكەنلىكىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

 سىئودور لەۋىت مۇنداق دىگەن ئىكەن، "يىڭى ئىدىيە، يىڭى ئىشلارنى ئويلاش دىمەك. يىڭىلىق يارىتىش، يىڭى ئىشلارنى قىلىش دىمەك"

مىنىڭ ئامىركىدىكى 20 يىللىق ھاياتىم ئىلمى تەتقىتقات بىلەن ئۆتتى. بۇ 20 يىللىق ئىلمى تەتقىتقات ھاياتىمدا، مەن تونۇپ يەتكەن ئەڭ موھىم بولغان بىر نەرسە "يىڭى ئىدىيە" نىڭ نەقەدەر موھىملىقى بولدى. بىز بۇرۇندىن موھىم دەپ قاراپ كەلگەن نەرسە "تەجىربە ۋە ياكى تەجىربە ساۋاق" بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان بىز ئۇنىنىڭ موھىملىقىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كەلگەن. خۇددى "توققۇز ئۆلچەپ بىر كەس" دىگەندەك، تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق. تەرجىربە ساۋاقلارنى ئىگەللەش، تەجىربىسى مول ئىنسانلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش ھەقىقەتەن موھىم. تەجىربىلىك كىشىلەر، ئىشلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى، ئۇنىڭ پۇختا ۋە مۇئاپىقىيەتلىك بولىشىنىڭ كاپالىتى. بىراق ئەگەر پەقەت تەجىربە بولۇپ يىڭى ئىدىيە بولمىسا، ھەرگۈز يىڭىلىق بولمايدۇ. تەجىربىلىك كىشىلەر ئەگەر يىڭى ئىدەلەرنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلمىسا، ئىشلار ئۇ بۇرۇن ئىگەللىگەن تەجىربىلەرنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن ئوڭۇشلۇق يۈرىشىشى مۈمكىن، بىراق ئالاھىدە يىڭى ئۆزگۈرۈش بولىشى ناتايىن. يىڭى ئىدىيە ھەر زامان دەۋىرگە ماسلاشقان يىڭى ياشلاردىن كىلىدۇ. دۇنيادا مۇئاپىقىيەت قازانغان ئالىملار، دەل شۇ ياش دوكتۇر ئاشتىلارنىڭ يىڭى ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرالايدۇ.

جورج كانتور مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بۈيۈك يىڭلىق پەقەت ئىنسانلار ئىشلارنى پەرىقلىق ئۇسۇلدا قىلىشتىن قورۇقمىغاندا دۇنياغا كىلىدۇ"

ئاخىردا خالامۇرات قىرىنىدىمىزنىڭ ئەقلىگە باھاركاللا ئەيتىش بىلەن بىرگە، تىخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ داۋا سىپىگە قىتىلىشىنى، داۋادا تەجىربىسى بار قىرىنداشلارنىڭ ياشلاردىن ئۈزلۈكسىز يىڭى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا تولۇقلاش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

2019 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى