Friday, August 23, 2019

قوينى قاسساپ سويىسۇن

قوينى قاسساپ سويىسۇن

مەمەت ئىمىن

بىزدە "قوينى قاسساپ سويىسۇن" دەيدىغان بىر ئەقلىيە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى "ھەر ئىشنى شۇ ئىشنىڭ كەسسىپ ئەھىللىرى، مۇتىخەسىسلىرى قىلسۇن" دىگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ. ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئەقلىيە سۆز گەرچە ناھايتى توغرا سۆز بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئەمىلى ھاياتىمىزدا بەزى كىشىلەر، بۇ سۆزنى باشقىلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش، مەلۇم كەسسىپنى مونۇپۇل قىلىپ، ئۆزنىڭ نوپۇزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ۋە ياكى ئۇ سۆزنى سۈيې ئىستىمال قىلىدىغان ئەھۋاللار ئىزچىل يۈز بىرىپ كەلمەكتە.

ئەمىلىيەتتە يالغۇز قوينى ئەمەس، ھەرقانداق ھايۋاننى قاسساپ سوياش كىرەك. شۇ سەۋەپتىن بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە قاسساپلارنىڭمۇ قاسساپلىق پىراۋىسى بار. مىنىڭچە بۇ تالاش تارتىش قىلىدىغان موھىم مەسىلە ئەمەس، بۇ يەردە موھىم بولغىنى، ئۇ "قاسساپ" نىڭ "قاسساپ" لىقىنىڭ قانداق بىكىتىلىشى ۋە كىملەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىش مەسىلىسىدۇر. يەنى بىر ئادەمنىڭ "قاسساپ" بولىشى ئۇنىڭ پىشانىسىغا پۈكۈلگەنمۇ؟ ئۇ بىر ئادەم ئوقىغان كەسسىپمۇ؟ ئۇ بىر دىپلومامۇ ياكى شۇغۇللانغان كەسسىپمۇ؟ "قاسساپلىق"، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزگەرمەس نەرسىمۇ؟ بىر ئادەم ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن مەلۇم بىر كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇ ئادەم چوقۇم شۇ كەسسىپنىڭ "قاسساپ" پى ھىساپلىنامدۇ؟ بىر ئادەم ئۆزى شۇغۇللانغان كەسسىپنىڭ سىرتىدا باشقا بىر كەسسىپنىڭ "قاسساپ" پى بولالمامدۇ؟ مىنىڭ قارىشىمچە قاسساپلىق ھەرگۈزمۇ تۇغما ۋە ياكى بىر ئادەمنىڭ پىشانىسىغا پۈكۈلگەن نەرسە ئەمەس. ھەر قانداق ئادەم ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە ئۈگۈنۈش ئارقىلىق مەلۇم كەسسىپنىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمايى پەن ساھەسىنىڭ "قاسساپ" پى بولالايدۇ.

ئامىركىنىڭ 19 - قىتىملىق پىرەزىدەنتى رۇسىرفورد خەيىس مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ھەر بىر مۇتىخەسىس بىر چاغلاردا يىڭى ئۈگەنگۈچى شاگرىت ئىدى".

بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا، ئاتا مىراس كەسسىپلەر ئۈزلىكسىز يوقاپ كىتىشكە يۈزلىنىۋاتقان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ "ئوغرىنىڭ بالىسى ئوغرى، ئادۇكاتنىڭ بالىسى ئادۇكات" بولىدىغان دۇنيا ئەمەس. نۇرغۇنلىغان تەرەققى قىلغان غەرىپ دۆلەتلەردە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى يىتىلدۈرۈش جەريانى بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ بىر ئىنساننىڭ كەلگۈسى بىر ئۆمۈرلۈك كەسسىپىنى بەلگۈلەيدىغان بىردىن بىر ۋاستە ئەمەس. ئامىركىدا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تىپىش ئەھۋالى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان كەسسىپى توغۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت 27% تى ئوقۇغان كەسسىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن؛ 30% تىدىن ئارتۇقى ئوقۇغان كەسسىپ بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا كەسسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. كۆپلىگەن كىشىلەر، يىشنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشى ئۈزلىكسىز مۈكەممەلىشىپ، ئۆزىنىڭ قىززىقىشىنى ۋە قابىلىيىتىنى قايتىدىن تونۇپ يىتىپ، بىر ۋە ياكى بىر نەچچە قىتىم كەسسىپ ئالماشتۇرىدىكەن ۋە ئەڭ ئاخىردا ئۆزى قىززىققان بىر ياكى بىر نەچچە كەسسىپتە مۇئاپىقىيەت قازىنىدىكەن.

ھەممىمىز بىلگەندەك ھازىرقى ئامىركا پىرەزىدەنتى دونالد ترۇمپ، ئالى مەكتەپتە ئىختىساد كەسسىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن دادىسىغا ئەگىشىپ ئۆي مۆلۈك تىجارەتى بىلەن شۇغۇللانغان، كىيىن بىر مەزگىل تىلۋىزور رىياسەتچىسى بولغان. 70 ياشقا كىرگەندە ئامىركا پىرەزىدەنتلىك سايلىمىغا قاتنىشىپ، سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە دونالد ترۇمپنى سىياسەتنىڭ "قاسساپ" پى دىمەكچى ئەمەسمەن. ھازىر ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، ھەر خىل كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانلىقى ۋە ياكى سىياسەتتىن پەقەت خەۋىرى يوقلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدە بار بولغان خەلقارا ۋەزىيەتتىكى تەڭپۇڭلىقنى قالايمىقان قىلىۋەتتى دىيىشسە، يەنە بەزىلەر دەل شۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىۋاتىدۇ دىيىشمەكتە. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتتى نەزەر ئۇنىڭ ئەنەنىۋى سىياسەتتىن پەرىقلىق بولغان باشقىچە بىر ئۇسۇل قوللىنىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ، ۋاختى كەلگەندە كۆرىمىز.



جوھن گىلەن (John Glenn) بولسا 1962يىلى تۇنجى قىتىم ئاي ئوربىتاسىغا بارغان ئامىركانىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۇنىۋەرسىتتا خىمىيە كەسسىپىدە ئوقۇغان، 53 ياشقا كىرگەندە سىياسى ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ئوخايو (Ohio) شىتاتىنىڭ كىڭەش پالاتاسىيە مىللەت ۋەكىلى بولغان ۋە ئۇ خىزمەتنى 24 يىل داۋاملاشتۇرغان. 1998يىلى ئۇ كونا كەسسىپىنى قايتىدىن قولغا ئىلىپ، "بايقاش" ناملىق ئالەم بوشلىقى كىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.



جۇلىيا چائىلد (Julia Child)، ئالى مەكتەپتە تارىخ كەسسىپىدە ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خەت باسقۇچى، ئاخباراتچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 50 ياشقا كىرگەندە تۇنجى ئاشپەزلىك كىتاۋىنى نەشىر قىلغان ۋە 1961يىلى داڭلىق ئاشپەزلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بىزگە مەلۇمكى "قوينى قاسساپ سويىسۇن" دىگەن بۇ ئەقلىيە سۆزىدىكى "قاسساپ" نىڭ ئەسلى مەنىسى مەلۇم كەسسىپ بىلەن شۇغاللانغۇچى، ياكى مەلۇم كەسسىپنىڭ ئۇستىسى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇندىن بىرى شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان كەسسىپى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر بىز بۇ "قاسساپ" سۆزىنى نوقۇل ھالدا يەنىلا بىر ئادەمنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسسىپى بىلەن باغلىۋالساق، بىزنىڭ بۇ ئەقلىيە سۆزگە بولغان چۈشەنچىمىز بىتەرەپلىمىلىك بولۇپ قالغان بولىدۇ. تاماقنى ئاشپەز ئېتىدۇ، بىراق تاماق ئېتەلىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاشپەز بولىشى ناتايىن؛ ھەم شۇنداقلا تاماقنىڭ تەملىك ياكى تەملىك ئەمەسلىكىگە باھا بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇستا ئاشپەز بولىشىمۇ ناتايىن. كىسەلنى ئەلۋەتتە دوختۇر داۋالايدۇ، بىراق دوختۇرنىڭ قانداق دوختۇر ئىكەنلىكىگە بىمارلارمۇ باھا بىرەلەيدۇ. گەرچە دوختۇرغا باھا بىرىشتە ھەر خىل ئۆلچەملەر بولسىمۇ، بىراق دوختۇرغا باھا بەرگۈچى چوقۇم دوختۇر بولۇش ھاجەتسىز.

ھەر بىر كەسسىپنىڭ قىلىپلىشىپ كەتكەن بەزى ئادەتلىرى بولۇپ، بىر ئادەم ئۇزۇن مۇددەت بىر كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۇ ئادەم يالغۇز ئۇ كەسسىپنىڭ ئۇستىسى بولۇپ قالماستىن بەلكى شۇ قىلىپلىشىپ كەتكەن ئادەتلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان يىڭى ئىدىيەلىرى چەكلىمىگە ئۇچۇرشى، يىڭىلىق يارىتىش ئىدىىيەسى بەلگۈلىك توسالغۇغا ئۇچۇرشى، ھەتتە ئوخشاش خاتالىقلارنى قايتا قايتا سادىر قىلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پەقەتلا ئۇ كەسسىپتىكى قىلىپلىشىپ كەتكەن ئادەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىغان، ئۇ كەسسىپنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ۋە ياكى بۇ كەسسىپكە يىڭى كىرگەن كىشىلەر، ئۇ چەكلىمىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدا ئۆزگۈرىش پەيدا قىلالىشى مۈمكىن. "پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى" دىگەن ھىكايىنى بەلكىم كۆپۈنچىمىز ئوقۇغان. پادىشاھنىڭ ئۈستىدە كىيىم يوقلىقىنى بايقىغۇچى، دەل شۇ "قىلىپ" نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىغان كىچىك بالا. بىزدە "كۆزگە ئىلمىغان پۇتاق، ئىشتانغا ئىلمىشىپتۇ" دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. دىمەك بەزىدە مەۋجۇت مەسىلىنى بايقاش ئۈچۈن، چوقۇم "قاسساپ" بولۇش ھاجەتسىز؛ ئۇنىنغا بەزىدە ئەقىل ۋە ئىدىرەك يىتەرلىك.

ھازىرقى زامان ئىلىمىگە ئاساسلانغاندا، "قاسساپ" دىمەك يالغۇز مەلۇم كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى دىمەك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ شۇ كەسسىپنىڭ مۇتىخەسىسى (Specialist, Expert) دىمەك بولۇپ، ئۇ مەلۇم كەسسىپ، مەلۇم تىما، مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلىكسىز ئىزدەنگەن، تەتقىتقات ئىلىپ بارغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. مۇتىخەسىسلەر گەرچە مەلۇم كەسسىپ ۋە ياكى مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە چۈشەنچە بىرىش، يەكۈن چىقىرىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئالاھىدە بىلىملىك كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ئوتۇرغا قويغان چۈشەنچە، ئۇلار چىقارغان يەكۈن نورمالدا قانۇنى كۈچكە ئىگە دەپ قارالغان ۋە مۇتلەپ كۆپ ساندىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئوتۇرغا قويغان مەسىلەلەرنىڭ، ئۇلار چىقارغان يەكۈنلەرنىڭ ھەر زامان مۇتلەق توغرا بولىشى ناتايىن. ھەم شۇنداقلا مەلۇم شەخىسنىڭ مەلۇم ساھەدە مۇتىخەسىس بولۇپ نوپۇزلۇق بولۇشى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۇ كەسسىپ ياكى ئۇ ساھەدىكى مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق دىگەنلىك بولمايدۇ. زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تونۇشى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۆزگۈرەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسسىپىدىن باشقا قىززىقىشلىرى، ئىزدىنىشلىرى ئۈزلىكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۈزلىكسىز ئۈگۈنۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇرۇن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىدۇ؛  شۇنداقلا ئىنسانلار بۇرۇن توغرا دەپ بىلگەن نەرسىلەر زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىيىن خاتا بولۇپ چىقىشى مۈمكىن. يەنى ئىنسانلارنىڭ بىلگىنى ۋە بىلىمى ھەرگۈزمۇ چەكسىز، مۇتلەق ۋە ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.

ئاخىردە تەكىتلەپ ئۆتىدىغىنىم، قوينى قاسساپ سويىسۇن، قاسساپلارنىڭ يىتىلىپ چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچۇرمىسۇن؛ كونا قاسساپلارنىڭ ئورنىنى يىڭى يىتىشىپ چىققان قاسساپلار تولۇقلىسۇن. قاسساپلارغا يالغۇز قاسساپلار ئەمەس، بەلكى قاسساپ بولمىغانلارمۇ باھا بەرسۇن. ھەم شۇنداقلا "قاسساپ" لار باشقىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، سورۇننى مونۇپۇل قىلىۋالمىسۇن؛ "قاسساپ" بولمىغانلار ئۆزىلىرىنى "قاسساپ" چاغلاپ، قوينى ھارام قىلمىسۇم؛ ھەممە ئىشقا چىتىشىۋىلىپ سورۇننى قالايمىقان قىلماي، ئىزدەنسۇن، بىلمىگەننى بىلگەنلەردىن ئۈگەنسۇن.

2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، نىيورۇك

Qoyni qassap soyisun


Memet Emin

Bizde “qoyni qassap soyisun” deydighan bir eqliye söz bolup, uning menisi “her ishni shu ishning kessip ehilliri, mutixesisliri qilsun” digen menani bilduridu. Ata bowilirimizdin qalghan bu eqliye söz gerche nahayti toghra söz bolsimu, biraq bizning emili hayatimizda bezi kishiler, bu sözni bashqilarning söz erkinlikini boghush, melum kessipni monupul qilip, özning nopuzini saqlap qilish üchün qalaymiqan ishlitidighan we yaki u sözni süyi istimal qilidighan ehwallar izchil yüz birip kelmekte.

Emiliyette yalghuz qoyni emes, herqandaq haywanni qassap soyash kirek. Shu seweptin biz yashawatqan döletlerde qassaplarningmu qassapliq pirawisi bar. Meningche bu talash tartish qilidighan mohim mesile emes, bu yerde mohim bolghini, u “qassap” ning “qassap” liqining qandaq bikitilishi we kimler teripidin belgilinish mesilisidur. Yeni bir ademning “qassap” bolishi uning pishanisigha pükülgenmu? U bir adem oqighan kessipmu? U bir diplomamu yaki shughullan’ghan kessipmu? “Qassapliq”, bir ademge nisbeten özgermes nersimu? Bir adem öz turmushini qamdash üchün melum bir kessip bilen shughullansa, u adem choqum shu kessipning “qassap” pi hisaplinamdu? Bir adem özi shughullan’ghan kessipning sirtida bashqa bir kessipning “qassap” pi bolalmamdu? Mening qarishimche qassapliq hergüzmu tughma we yaki bir ademning pishanisigha pükülgen nerse emes. Her qandaq adem üzlüksiz izdinish we ügünüsh arqiliq melum kessipning "qassap" pi bolalaydu.

Amirkining 19 - qitimliq pirezidenti Rutherford Hayes mundaq digen iken, "Her bir mutixesis bir chaghlarda yingi ügen'güchi shagrit idi". 

Biz yashawatqan bügünki dunya ata miras kessipler üzliksiz yoqap kitishke yüzliniwatqan bir dunya bolup, u hergüzmu “oghrining balisi oghri, adukatning balisi adukat” bolidighan dunya emes. Nurghunlighan tereqqi qilghan gherip döletlerde ali mektepte oqush peqetla insanlarning öz özini yitildürüsh jeryani bolup, u hergüzmu bir insanning kelgüsi bir ömürlük kessipini belgüleydighan birdin bir waste emes. Amirkida ali mektepni püttürgen oqughuchilarning xizmet tipish ehwali we shughulliniwatqan kessipi toghursida ilip birilghan tekshürüsh netijisige asaslan’ghanda, ali mektepni püttürgen oqughuchilarning peqet 27% ti oqughan kessipi bilen zich munasiwetlik xizmetler bilen shughullinidiken; 30% tidin artuqi oqughan kessip bilen hich munasiwiti bolmighan bashqa kessip bilen shughullinidiken. Köpligen kishiler, yishning chongishigha egiship, özining özige bolghan tonushi üzliksiz mükemmeliship, özining qizziqishi we qabiliyitini qaytidin tonup yitip, bir we yaki bir nechche qitim kessip almashturidiken we eng axirda özi qizziqqan bir yaki bir nechche kessipte muapiqiyet qazinidiken.

Hemmimiz bilgendek hazirqi Amirka pirezidenti Donald Trump, ali mektepte ixtisad kessipide oqughan bolup, u oqush püttürgendin kiyin dadisigha egiship öy mölük tijareti bilen shughullan’ghan. Kiyin bir mezgil tilvizor riyasetchisi bolghan. 70 yashqa kirgende Amirka pirezidentlik saylimigha qatniship, siyaset bilen shughullinishqa bashlighan. Elwette men bu yerde Donald Trumpni siyasetning “qassap” pi dimekchi emesmen. Hazir hemmimiz körüwatqandek, her xil kishilerning uninggha bolghan köz qarishi her xil bolup, beziler uning siyaset bilen shughullinip baqmighanliqi we yaki siyasettin peqet xewiri yoqliqi sewebidin eslide bar bolghan xelqara weziyettiki tengpungliqni qalaymiqan qiliwetti diyishse, yene beziler del shu sewepler tüpeylidin dunya weziyitide özgürüsh peyda qiliwatidu diyishmekte. Meyli qandaq bolushtin qetti nezer uning eneniwi siyasettin periqliq bolghan bashqiche bir usul qolliniwatqanliqi hemmimizge melum. Uning aqiwiti we netijisi qandaq bolidu, waxti kelgende körimiz.


John Glenn, 1962 – yili tunji qitim Ay orbitasigha barghan Amirkaning alem uchquchisi bolup, u universitta ximiye kessipide oqughan, 53 yashqa kirgende siyasi hayatini bashlighan bolup, Ohio shitatining kingesh palatasiye millet wekili bolghan we u xizmetni 24 yil dawamlashturghan. 1998 – yili u kona kessipini qaytidin qolgha ilip, “Bayqash” namliq alem boshliqi kimiside wezipe ötigen.


Julia Child, ali mektepte tarix kessipide oqughan we oqush püttürgendin kiyin xet basquchi, axbaratchiliq qatarliq xizmetler bilen shughullan’ghan bolup, 50 yashqa kirgende tunji ashpezlik kitawini neshir qilghan we 1961 – yili dangliq ashpezler qataridin orun alghan.

Bizge melumki “qoyni qassap soyisun” digen bu eqliye sözidiki “qassap” ning esli menisi melum kessip bilen shughallan’ghuchi, yaki melum kessipning ustisi digen menani bildüridighan bolup, asasliqi bir ademning uzundin biri shughullinip kiliwatqan kessipi közde tutulghan. Eger biz bu “qassap” sözini noqul halda yenila bir ademning shughulliniwatqan kessipi bilen baghliwalsaq, bizning bu eqliye sözge bolghan chüshenchimiz bitereplimilik bolup qalghan bolidu. Tamaqni ashpez étidu, biraq tamaq ételigen ademning hemmisining ashpez bolishi natayin; hem shundaqla tamaqning temlik yaki temlik emeslikige baha bergüchilerning usta ashpez bolishimu natayin. Kiselni elwette doxtur dawalaydu, biraq doxturning qandaq doxtur ikenlikige bimarlarmu baha bireleydu. Gerche doxturgha baha birishte her xil ölchemler bolsimu, biraq doxturgha baha bergüchi choqum doxtur bolush hajetsiz.

Her bir kessipning qilipliship ketken bezi adetliri bolup, bir adem uzun muddet bir kessip bilen shughullan’ghanda, u adem yalghuz u kessipning ustisi bolup qalmastin belki shu qilipliship ketken adetler tüpeylidin, u ademning oxshimighan yingi idiyeliri cheklimige uchurishi, yingiliq yaritish idiyesi belgilik tosalghugha uchurshi, hette oxshash xataliqlarni qayta qayta sadir qilishi mümkin. Bundaq ehwal astida peqetla u kessiptiki qilipliship ketken adetlerning cheklimisige uchurmighan, u kessipning sirtidiki kishiler we yaki bu kessipke yingi kirgen kishiler u cheklimilerge tesir körsitip, uningda özgürish peyda qilalishi mümkin. “Padishahning yingi kiyimi” digen hikayini belkim köpünchimiz oqughan. Padishahning üstide kiyim yoqliqini bayqighuchi, del shu “qilip” ning cheklimisige uchurmighan kichik bala. Bizde “közge ilmighan putaq, ishtan’gha ilmishiptu” deydighan eqliye söz bar. Dimek bezide mewjut mesilini bayqash üchün, choqum “qassap” bolush hajetsiz; uningha bezide eqil we idirek yiterlik.

Hazirqi zaman ilimige asaslan’ghanda, “qassap” dimek yalghuz melum kessip bilen shughullan’ghuchi dimek bolup qalmastin, belki u shu kessipning mutixesisi (specialist, expert) dimek bolup, u melum kessip, melum tima, melum mesile üstide uzun muddet üzliksiz izden’gen, tetqitqat ilip barghan ademlerni közde tutidu. Mutixesisler gerche melum kessip we yaki melum mesile üstide chüshenche birish, yekün chiqirish imtiyazigha ige alahide bilimlik kishiler bolsimu, ular oturgha qoyghan chüshenche, ular chiqarghan yekün normalda qanuni küchke ige dep qaralghan we mutlep köp sandiki insanlar teripidin ortaq qobul qilin’ghan bolsimu, biraq ular oturgha qoyghan mesilelerning, ular chiqarghan yekünlerning her zaman mutleq toghra bolishi natayin. Hem shundaqla melum shexisning melum sahede mutixesis bolup nopuzluq bolushi bilen, bashqilarning u kessip yaki u sahediki melum mesile üstide pikir bayan qilish hoquqi yoq digenlik bolmaydu. Zamanning tereqqi qilishigha egiship, insanlarning tonushi we köz qarashliri özgüreydu. Insanlarning özi shughulliniwatqan kessipidin bashqa qizziqishliri, izdinishliri üzliksiz peyda bolap turidu. Insanlar üzliksiz ügünüsh, izdinish arqiliq burun bilmigen nersilerni bilidu;  shundaqla insanlar burun toghra dep bilgen nersiler zamanning tereqqiyatigha egiship kiyin xata bolup chiqishi mümkin. Yeni insanlarning bilgini we bilimi hergüzmu cheksiz, mutleq we özgermes nerse emes.

Axirde tekitlep ötidighinim, qoyni qassap soyisun, qassaplarning yitilip chiqishi cheklimige uchurmisun; kona qassaplarning ornini yingi yitiship chiqqan qassaplar toluqlisun. Qassaplargha yalghuz qassaplar emes, belki qassap bolmighanlarmu baha bersun. Hem shundaqla “qassap” lar bashqilarning pikir erkinlikini boghup, sorunni monupul qiliwalmisun; “qassap” bolmighanlar özilirini “qassap” chaghlap, qoyni haram qilmisum; hemme ishqa chitishiwilip sorunni qalaymiqan qilmay, izdensun we bilmigenni bilgenlerdin ügensun.

2019 – yili 8 – ayning 23 – küni New York

Thursday, August 1, 2019

تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىغان ئىشمۇ؟

تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىغان ئىشمۇ؟
مەمەت ئىمىن

ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، 2019 – يىلى 2 – ئايدا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئارقىلىق تۈركىيەدە تارقالغان ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى يالغان، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى يالغانچى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇندى. ئۇندىن كىيىن شۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، 7 – ئايدا خىتتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۆزىنى قوللايدىغان ئايدىنلىق گىزىتىنىڭ مۇخپىرىنى ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئابدۇرەھىم ھەيىت بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ماختاتقۇزدى. بۇلار تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىغان ئىشمۇ؟

2019 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەت تەشكىلات ئىنسان ھەق ھۆقۇقى كومىتىدىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىپلەپ ئىمزالىق خەت يىزىشىغا ئەگىشىپلا، 37 دۆۋلەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزالىق خەت يازغان بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇ خەتكە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر 50 كە يەتكەن. بۇ 50 دۆۋلەتلەرنىڭ كۆپۈنچى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامىركىسىدىكى كىچىك دۆۋلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز بىلەن دىننى قىرىنداش بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇزۇندىن بىرى ھەقسىزلىققا ئۇچۇراپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلىكسىز ھىسىداشلىقىغا ئىرىشىپ كەلگەن پالەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن قانداشلىق جەھەتتە بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، بۇ خەتكە ئىمزا قويىشى بولسا كىرەك. بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىق بولىۋاتقان ئىشمۇ؟ ئۇ دۆلەتلەر خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئۇ خەتكە ئىمزا قويۇپ نىمىلەرگە ئىرىشمەكچى؟ ئەگەر ئۇلار ئۇ خەتكە ئىمزا قويمىسا، قانداق بولار؟ ئەلۋەتتە ئۇ 50 دۆلەت مەيلى ئىمزا قويسۇن ياكى قويمىسۇن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاھىدە پەرىقلىق بىر ئىش بولىشى ناتايىن.

بۇ ئىمزالىق خەت ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقارادىكى چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۇ توغۇرسىدا كەينى كەينىدىن خەۋەر بىرىشتى ۋە بۇ ھەقتە ئوبزۇرلار ئىلان قىلىشتى. مۇھاجىرەتتىكى پالىيەتچىلىرىمىز ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزىلىرىنىڭ ئۇ دۆلەتلەرگە بولغان ئەپسۇسلىنىشىنى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بەزىلەر ئۇ دۆلەتلەرنى خىتتاينىڭ پۇلىغا سىتىلغان دەپ تەنقىت قىلىشقان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇلارنى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمى بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرە بولغان دەپ قاراشتى. ئۇ دۆلەتلەر ھەقىتەن پۇلغا سىتىلغانمۇ ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمىغا ئۇچۇراپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرە بولغانمۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىغا سىتىلغان ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمى بىلەن ئۇ خەتكە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغان بولۇشى ناتايىن. بەلكىم بەزىلىرى خىتتاي ھاكىمىيىتىنى ئىنسانپەرۋەر بىر ھاكىمىيەت دەپ قارايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بولىشى مۈمكىن. چۈنكى ئۇلار بىز كەيگەن ئاياقنى كېيىپ باقمىغان، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ياشاپ باقمىغان؛ بىزمۇ گەرچە خىتتاي ھاكىمىيىتىنى ناھايتى ياخشى چۈشەنسەكمۇ، بىراق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ئۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتىدا ياشاپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەسىلىنى پەقەت سىرىتتىن كۈزىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ئۇلار توغۇرسىدا ھەر خىل ئىھتىماللىقلارنى ئوتۇرغا قوياپ بىقىشىمىز مۈمكىن، بىراق بىز ئۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى تولۇپ بىلىپ كىتەلىشىمىز ناتايىن.

ئىنسانلار ئادەتتە ئۆز ھىسياتى ۋە سوبىكتىپ ئارزۇيى بويىچە ئۆزى ھەقىقەت دەپ قارىغان ئىشلارنى باشقىلارمۇ ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ دىگەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئەمىلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە بولغان تونۇشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ نىمىنى ھەقىقەت دەپ قارىشى، ئىنسانلارنىڭ  تەربىلەنگەن ۋە ياشىغان موھىتى، قىممەت قارىشى ۋە ئۆز مەنپەتى بىلەن بولغان باغلىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، مەن ۋەتەندە دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، يىلدا ئىككى ئۈچ قېتىم زۇكام بولۇپ قالاتتىم، ۋە نۇرغۇنلىغان تونۇش بىلىشلىرىم زۇكام بولۇپ قالسا مىنى ئىزدەپ كىلەتتى. ھەر قىتىم زۇكام بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى تونۇش بىلىشلىرىم زۇكام بولۇپ قىلىپ مىنى ئىزدەپ كەلگەندە، مەن ئاسما ئوكۇل ئىسىش بىلەن بىرگە ئانتىبىئوتىك ئىشلىتەتتىم. بۇ گەرچە خاتا بولسىمۇ، مەن ئۇنى توغرا دەپ ئىشەنگەن ئىدىم؛ ئەمىلىيەتتە يالغۇز مەن ئەمەس مەن ياشىغان شۇ مۇھىتتا ياشىغانلار ئۇنى توغرا دەپ چۈشەنگەن ۋە ئۇنىنغا ئىشەنگەن ئىدى. مەن ئامىركىغا كىلىپ تۇنجى قىتىم زۇكام بولۇپ كىسەل كۆرۈنگىلى دوختۇرغا بارغىنىمدا، دوختۇر ماڭا "چوڭ مەسىلە يوق، ئۇسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىپ، ياخشى ئارام ئالسىڭىز ساقىيىپ كىتىسىز" دەپ،  ھىچقانداق دورا بەرمەي يولغا سىلىپ قويدى. مەن گەرچە دەسلەپتە بۇنى پەقەت قوبۇل قىلالمىغان بولساممۇ، بىراق بۇ جەھەتتە ئاز تولا ئىزدىنىش ئارقىلىق بىز بۇرۇن قوللانغان ئۇسۇلنىڭ ۋە بىزنىڭ ئۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمىزنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمىلىيەتتە ئەسلى ئىختىزادى كېرىمنى مەخسەت قىلغان بۇ خىل خاتا داۋالاش ئۇسۇلىنى، بىز بىر توغرا ھەقىقەتەن دەپ قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىكەنمىز.  كىيىن زۇكام بولۇپ قىلىپ ئوخشاش سەرگۈزەشكە يوللىقان بەزى دوستلار مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋەتەندە زۇكام بولۇپ قالسا دوختۇرلارنىڭ تىز داۋالاپ ساقايتىۋىتىدىغانلىقىنى، چەتەلدە بولسا ھىچقانداق دورا بەرمەي يولغا سىلىپ قويىدىغانلىقىنى دەپ شىكايەت قىلىشقان بولدى. مەن ئۇلارغا ئەسلى ۋەتەندە قوللانغان ئۇسۇلنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئادەتتىكى زۇكامنىڭ دورىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەلگۈلۈك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ قالىدىغانلىقىنى، زۇكام دورىسى دەپ ئاتالغان دورىلارنىڭ پەقەت زۇكامنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىپ، ئادەمنى راھەتلىتىدىغانلىقىنى، بىراق زۇكامنىڭ ساقىيىشىدا چوڭ رول ئوينىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم، بىراق ئۇلارمۇ دەسلەپتە ئۇنىڭغا تازا ئىشەنمىدى.

مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى يالغۇز خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىختىزادى تەرەققى قىلىشى، ئۇ دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەخ سىلىشى ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتىۋىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرى قىلىشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن.

بۇندىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، خىتتايدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە كۆپلىگەن چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلار ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە بايۋەتچىلەردە ياشايىتتى. جەمىيەتتە كىشىلەر بولۇپمۇ قىزلار ئۇلار بىلەن باردى كەلدى قىلىشنى بىر خىل پەخىرلىنىدىغان ئىش دەپ بىلەتتى. مەن ئوقۇۋاتقان ئالى مەكتەپتىمۇ 100 دىن ئارتۇق چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئاساسەن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامىركىسىدىكى كىچىك ۋە كەمبىغەل دۆۋلەتلەردىن كەلگەنلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھەر جەھەتتە يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ھەۋەس قىلىش ھەم ھەسسەت قىلىش ئوبىكتى ئىدى. يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا 8 ئادەم ياتسا، چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار 1، 2 ئادەم بىر ياتاقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ياتىقى يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىغا نىسبەتەن كەڭ، پاكىز بولۇپ قالماستىن، ھەر بىر ياتاقتا تېلىۋىزور بار ئىدى. مەكتەپ ئىختىزادى جەھەتتە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئايدا 15 سوم تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرسە، چەتەللىك ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە 200 سوم تۇرمۇش پۇلى بىرەتتى. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ ۋەتەندە ئىنسانلار ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 70، 80 سوم مۇھاش ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقۇرى مۇئاشمۇ 200 - 300 سومدىن ئىشىپ كەتمىسە كىرەك.

ئويلاپ باقسام 80 – يىللاردىكى شۇ چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار، 30 نەچچە يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز دۆلەتلىرىدە بەلگۈلۈك ئورۇنلارغا ئىرىشىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكىدەك ھالغا كەپتۇ. كىم بىلىدۇ يۇقارقى دۆلەتلەردە ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگىزىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا خىتتايدا تەربىيە كۆرگەن ۋە ياكى خىتتايدىن ياردەم ئالغانلارمۇ.  خىتتايلاردا "1000 كۈن ھەربى تەربىلەپ، بىر كۈن ئىشلىتىش" دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ قەيىنچىلىق مەزگىللىرىدىن باشلاپ، ئاسىيە، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامىركىسىدىكى كىچىك ۋە كەمبىغەل دۆلەتلەرگە ئۈزلىكسىز ماددى ياردەم بىرىپ كەلگەن. مانا ئەمدى خىتتاي ھۆكۈمىتى ھەر جەھەتتە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەۋاتىدۇ.

1949 – يىلى مائو زېدوڭ قاتارلىق خىتتاي كومىنىست ئەمەلدارلىرى ئەمدىلا ھاكىمەت بىشىغا چىقىپ، خەلقىنىڭ قوسىقىنى تويغۇزۇشقا ھالى يوق شۇ مەزگىللەردە، ئۆزىنىڭ 100 يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، 2049 – يىلىغا بارغاندا دۇنياغا خوجا بولۇش غەرىزىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن. ئەپسۇس غەرىپ دۆۋلەتلىرى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ غەرىزىنى 70 يىل ئۆتكەندىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاندىن تونۇپ يىتىشكە باشلىدى. ئەپسۇس بىز گەرچە ئۆزىمىزنى خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئىنسانلار دەپ بىلسەكمۇ، بىراق بىز يەنىلا نۇرغۇن تەرەپلەردە مەسىلىنىڭ ماھىتىنى ئەمەس، يۈزەكى تەرەپلىرىنى، يىراقنى ئەمەس، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرىمىز. ئۇزۇن مەزگىلنى مەخسەت قىلغان سىتراتىگىيەلىك پىلانىمىز كەم. كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەتنىلا ھىساپلىشىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان قۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمەيمىز، ياكى ئۇنداق بىر ئادەت ۋە قابىلىيەت بىزدە كەم. خىتتايلاردا "بىر تال زىغىرنى ئىلىپ، تاۋۇزنى يوقاتماق" دەيدىغان بىر ئەقلىيە سۆز بولىدىغان. بىز ھازىر بىزگە ياردەم قىلمىغان ۋە بىزنى قوللىمىغان ئىنسانلارنى ۋە ياكى دۆلەتلەرنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يىتىشىچە ئامال قىلىپ ئۆزىمىز تەرەپكە تارتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىزنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزگە دۈشمەن يەتمىگەندەك، ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىغا قويىۋاتىمىز ۋە ياكى ئۇلارنى ھاقارەتلەش ئارقىلىق دۈشمەن تەرەپكە ئىتتىرېرىۋاتىمىز.

خىتتاي ھۆكۈمىتى ئامال قىلىپ بىزگە چىگىرداش ۋە بىزگە مىللى ۋە دىننى جەھەتتە قىرىنداش بولغان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تېرىشىۋاتقانلىق كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە. بىز خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ مەخسىتىنى بىلىپ تۇرۇپ، خۇددى بىز خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىۋاتقاندەك ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۈمۈت قىلغان بويىچە ئىش كۆرگەندەك، ئەتىراپىمىزدىكى بىزگە خوشنا دۆلەتلەرنى بىزگە ياردەم قىلمىدى ۋە ياكى بىز تەرەپتە تۇرمىدى دەپ ھاقارەتلىدۇق، ئۇلارنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلدۇق، ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق، ھەتتا ئۇلارنى دۈشمەن ئورنىغا قويدۇق. ئەڭ ئاخىردا ئۇ دۆلەتلەر نىمە قىلسا قىلسۇن، ئۇلاردىن بەك ئاغرىنىپ كەتمەيدىغان ھالغا كەلدۇق. ئەمدىلىكتە بولسا، بىزنىڭ ئەڭ يېقىن قان قەرىندىشىمىز بولغان ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتى، گەرچە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئۇ گەرچە بەك ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولغان بولسىمۇ، بىراق بىز ئالاھىدە ئەجەپلەنمىدۇق ھەم شۇنداقلا ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ قىلمىشىنى تەنقىتلىگىدەك ۋاختىمىزمۇ بولمىدى.

ئەمىلىيەتتە بىزگە نىسبەتەن ئۇ خوشنا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنۇتۇش ۋە ياكى ئۇلارغا دوستانە مۇھامىلىدە بولۇش بەكلا موھىم ئىدى. چۈنكى بىز مەيلى ھازىر بولسۇن ۋە ياكى كەلگۈسىدە مۇستەققىل بولغاندىن كىيىن بولسۇن، بىزگە تەۋە بولغان ئۇ زىمىننى، بىز ياخشى كۆرگەن ئامىركا، ياۋروپا ۋە ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ يېنىغا يۆتكەپ ئەكىتەلمەيمىز. بىز مەيلى بىزنىڭ مۇستەققىللىققا ئىرىشىش جەريانىمىزدا بولسۇن ۋە ياكى مۇستەققىللىققا ئىرىشكەندىن كىيىن بولسۇن، بىز ئۇ خوشنا دۆلەتلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قوللىشىغا مۇختاجمىز؛  بىز ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ، ئىناق خوشنىلاردىن بولۇپ، تىنچ ياشاشقا مەجبۇرىمىز. بىزدە "يىراقتىكى تۇققىنىڭدىن يىقىندىكى خوشناڭ ياخشى" دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بولۇپ، ئىشىنىمەنكى ئۆزىنى خىتتاي دۆلىتى بىلەن چىگىرداش دەپ قارىغان ئۇ دۆلەتلەرمۇ، دەل شۇ سەۋەپتىن خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشكە  مەجبۇرى بولغان بولىشى مۈمكىن.

خىتتاي ھۆكۈمىتى بىز بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى باغنى ئۈزۈل كىسىل ئۈزۈپ تاشلاپ، بىزنى يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن، يىقىندا "ئاق تاشلىق كىتاپ" نى ئىلان قىلىپ، "شىنجىئاڭ ئەزەلدىن شەرىقى تۈتكىستان ئەمەس، ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق" دىگەن سەپسەتىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تاجىك ۋەتەندىشى دەپ قارىلىپ، ئەۋەل تاجىكىستانغا، ئۇندىن كىيىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتتايغا قايتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنىڭ ئورتاغا چىقىشى بىلەن  "تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا ساتىدۇ" دىگەن ۋەھىمە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. ئۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلغان بەزى ئىنسانلىرىمىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلىسە، يەنە بەزى ئىنسانلىرىمىز تەشكىلات ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ئەيىپلەشكە باشلىدى. بەزىلەر ھەتتە "تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ساتىدۇ" دىگەننى چۆرىدەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىپلەشتى. ئارقىدىنلا خىتتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بىزنىڭ ۋەتەنگە بىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش قايتا تەربىلەش ئورۇنلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىنساننى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەينى كەينىدىن ئوتۇرغا چىقىشى ئەجىبا شۇنداق بىر تاسدىپىيلىقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ كەينىگە مەلۇم سۈيقەست ۋە ئويۇنلار يوشۇرۇلغانمۇ؟

مەن زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىن تولۇق خەۋرىم بولمىغاچقا، ئۇ توغۇرسىدا كۆپ توختالمايمەن. مەن پەقەتلا "تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ساتامدۇ ياكى ساتمامدۇ" دىگەن تالاش تارتىشلار ۋە يىقىندىن بىر ئورتىغا چىققان بۇ ئىشلار توغۇرسىدا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئارا جىنايەتچى ئۆتكۈزۈش كىلىشىمىگە ئىمزا قويغان دۆلەتنىڭ ئىككىنجى بىر دۆلەتنىڭ پۇخراسى دەپ قارالغان كىشىنى، ئەگەر شۇ ئىككىنجى دۆلەت تەلەپ قىلسا، ئۇنى ئۇ دۆلەتكە ئۆتكۈزەپ بىرىش بەرمەسلىكى، ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇيىمىزغا باغلىق ئىش بولماستىن، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە باغلىق بىر ئىش. ھەرقانداق بىر دۆلەت، دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن، يالغۇز بىزگە ئوخشاش باشقا دۆلەتنىڭ گىرەجدانىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ پۇخراسىنىمۇ قۇربان قىلىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرۇپ بىرىشىنى ھەقلىق ياكى توغرا قارار دىمەكچى ئەمەسمەن. ھەم شۇنداقلا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىت قىلماسلىقىمىز كىرەك دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن. مەن پەقەت بىز چوقۇم پالانى دۆلەت ئۇيغۇرنى ساتىدۇ، پۇستانى دۆلەت ئۇيغۇرنى ساتمايدۇ دەيدىغان قاراشنى كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولىشىمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلىشىمىز ۋە سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئوينىغا كەلمەسلىكىمىز كىرەك دىمەكچىمەن. دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانى ئەخلاق ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىنى چىقىش قىلىپ تۈزگەن بۇ خىلدىكى قانۇن پىرىنسىپلىرى، شۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرىدە ئوخشاش بولمايدۇ. ھىچقانداق بىر دۆلەتتە، ئۇ خىلدىكى پىرىنسىپلارغا نىسبەتەن مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بىر كاپالەت يوق. مەسىلەن، ئۆلۈم جازاسى بار دۆلەتكە جىنايەتچى قايتۇرۇپ بەرمەيمىز دىگەن كانادامۇ، خىتتاي پۇخراسى لەي چاڭشىڭنى (赖昌星) خىتتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسىتى ھەر خىل چارە تەببىر ۋە ھېلە مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىغا زىدىيەت سىلىپ، ئۇلارنى بىر بىرىگە ئىشەنمەس قىلىش؛ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى باغنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. تۈرك خەلقى بىزگە ئىچىدىن كۆيىنىدىغان خەلق، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە زور دەرىجىدە ھىسىداشلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى مۇنائىۋەت ئۇنداق ئاسان بۇزۇلىشى ناتايىن، بىراق تۈركىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسىلىلەرنى بىزدىن پەرىقلىق ئويلايدىغان بولغاچقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قاراتقان بەزى سىياسەتلىرىنىڭ بىزگە ياقماسلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىمىزنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغان بەزى ئۇسۇللىرى بىزنىڭ ئۈمۈت ۋە ئارزۇيىمىزغا تازا ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن؛ بىراق بىز شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كىرەككى مەيلى تۈرك خەلقى بولسۇن ۋە ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن، بىز ئۈچۈن موھىم؛ بىزمۇ تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن موھىم. مەيلى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى، بىز ئۆزىمىزنى تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە  ھۆكۈمىتىدىن يىراق تۇتالمايمىز.

ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى خىل تاللاش بار بولۇپ، ئالدىمىزدىكى بىرىنجى تاللاش بىز بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنى كۆرۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكىزىۋاتقان خاتالىقىنى ئائىلە ئىچىدىكى خاتالىق ئورنىغا قويۇپ، تۈركىيەگە بولغان ۋەتەنداشلىق بۇرچىنى ۋە مەسۇليەتنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ ئۆتكۈزگەن خاتالىققا نىسبەتەن سەممى تەنقىت بىرىش؛ ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداش؛ بولۇپمۇ كەڭ تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، ئۇلار ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىسىم چۈشۈرۈش. ئالدىمىزدىكى ئىككىنجى تاللاش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ۋە ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دۈشمەن قاتارىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنى سىسىتىش. مەنىڭ قارىشىمچە بىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىمىز خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىكىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ بىزگە ھىچقانداق پايدىسى يوق.

ئاخىردا مەن تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشىنى، مەيلى ھازىرقى ۋە ياكى كەلگۈسى تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ خىتتاي پىلانلاپ قويغان ئويۇنغا كەلمەي، ئۆزلىرى تۈركىيە خەلقى ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان پىلانلارنى تۈزىشىنى، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندا بولۇپ قالماسلىقنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

2019 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31- كۈنى