Thursday, April 18, 2019

بىز ئويغاندۇقمۇ؟

بىز ئويغاندۇقمۇ؟
مەمەت ئىمىن

ۋەتەندىكى لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، مەيلى داۋانىڭ خەلقارالىشىشىدا بولسۇن ياكى داۋاغا قىززىقىدىغانلارنىڭ سانىدا بولسۇن، كۆپ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. داۋا سىپىگە نۇرغۇن ياشلار قىتىلدى؛ بۇرۇن سىياسەتكە ئارلاشمايمەن دىگەنلەر، ئەمدىلىكتە سىياسەتچى بولدى؛ بۇرۇن ئاۋاز چىقارمىغانلار ئەمدىلىكتە ئاۋاز چىقىرىدىغان بولدى؛ بۇرۇن نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەر بولسا يىقىن كەلمەيدىغانلار، ھازىر نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىدىغان بولدى؛ تەشكىلاتلار كۆپەيدى. كۆپ ساندا كىشىلەر ئۈندىدارنى تاشلاپ ۋاتىسئاپقا (whatsapp) يۆتكەلدى. فاكەبوئوك قاتارلىق ئىجتىمايى تاراتقۇلار، بۇرۇنقىدەك يىگەن ئىچكەننى ۋە ئويۇن تاماششالارنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇندىن، ۋەتەن داۋاسى ئىلىپ بارىدىغان، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىدىغان  سورۇنغا ئايلانغاندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدىغان، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ۋە كۆز قارىشى پەرىقلىق بولغان ئىنسانلارنى ئاپتىنومىيەچى، خائىن، جاسۇس دەپ ھاقارەتلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندى.

بەزىلەر لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، خەلقىمىز يۈكسەك دەرىجىدە ئويغاندى، ئىتىپاقلاشتى دىيىشىدۇ. بىراق مەن كۈزەتكەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئويغۇنۇش بولماستىن، بەلكى كۆپۈنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھاڭنىڭ قىشىغا كىلىپ قىلىپ، ماڭىدىغان يولى يوق، ھاڭغا چۈشۈپ كىتىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا بولۇش؛ ھاڭغا چۈشۈپ كەتمەي، ئۇ يەردىن ساق كىتەلەيدىغان چىغىر يولدىن بىرنى تىپىشقا مەجبۇرى بولۇشتۇر. ئەلۋەتتە مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ھەقىقى ئويغانغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىنكار قىلماقچى ۋە باشقىلارنىڭ روھىغا سوغاق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت ئۆزۈم كۆرىۋەتقان رىياللىقىمىزغا ئاساسەن، بۇ جەھەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ، ھەرقايسىڭلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. شۇڭا ئويغانغان دوستلارنىڭ سۆزۈمنى ئۆزىگە ئالماسلىقىنى، تىخى ئويغانمىغان دوستلارنىڭ ئوبدان ئويلۇشۇپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


نورۋىگىيەلىك داڭلىق ئوپىراچى ۋە شائىر خەنرىك ئىبسەن (Henrik Ibsen) مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بىز ھەقىقى ئويغانغان ۋاختىمىزدا، پەقەت ياشاپ باقمىغانلىقىمىزنى بايقايمىز"

بىزدە "كىسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىز ئىجابى تەشۋىقاتنى كۆپەيتىپ، خەلقىمىزنى ئۈمۈتلەندۈرۈشكە ئىھتىياجلىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداپ كۆڭلىمىزنى قۇرۇق خوش قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك. ئەگەر بەدىنىمىزدە كىسەل بولسا، ئۆزىمىزگە ۋاختىدا، توغرا دىياگۇنۇز قويۇپ، ھاياتىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان بەزى كىسەللىكلەرنى ۋاختىدا داۋالاپ ساقايتىشىمىز ۋە تىخىمۇ ئىغىر ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

ئۇنداقتا بىز زادى ئويغاندۇقمۇ ياكى پەقەتلا چىقىش يولى تىپىشقا مەجبۇرلاندۇقمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرىق بار؟ ئەگەر بىز ئويغانغان بولساق قانچىلىك ئويغاندۇق؟ ئەگەر بىز ئويغانمىغان بولساق قانداق قىلىپ ئويغىنىشىمىز كىرەك؟ مەن بۇ سوئالارغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى، "ئويغۇنۇش" نىڭ مەنىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

ئويغۇنۇش دىگەن سۆزنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل مەنىسى بار. ئويغۇنۇش ئالدى بىلەن ئۇيقا ھالەتتىن ئويغاق ھالەتكە كىلىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك ئىنسانلارنىڭ ھۇشسىز ھالىتىدىن نورمال ھالەتكە كىلىشى دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك ئىنسانلارنىڭ خىيالى دۇنيادا ياشاشتىن، غەپلەتلىكتىن، ھاماقەتلىكتىن رىياللىققا قايتىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك ئاللاھ بەرگەن ئەقىل پاراسەتنى ئىشلىتىپ، ئەتىراپنى يالغۇز كۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل پاراسەت بىلەن كۈزۈتۈپ، مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تونۇپ يىتىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىش، ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ھەركەت قىلىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ پۇرسەت پەرەسلىك قىلىپ، ئەپلەپ سەپلەپ كۆز بويامچىلىق قىلىش دىگەنلىك ئەمەس.


ئامىركىلىق داڭلىق يازغۇچى، ئامماۋى نۇتۇق سۆزلۈگۈچى ۋە ئەنەنىۋى تىبابەتنى تەشەببۇس قىلغۇچى دىپاك چوپرا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئويغۇنۇش، سىنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى ئۆزگەرتىش بولماستىن، بەلكى ساڭا تەۋە بولمىغان نەرسىنى تاشلىۋىتىشتۇر". دىمەك بىز ئويغۇنۇش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى باشقا بىرسىگە ئۆزگەرتىشىمىزنىڭ، چوقۇم تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقى بولىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز پەقەت ئۆزىمىزدىكى بىخەستەلىكنى، بىخۇتلىقنى، غەپلەتلىكنى ۋە روھىي قۇللۇقنى تاشلاپ، ئەقىل پاراسىتىمىزنى ئىشقا سىلىپ، ئادەمدەك ياشاشقا تىرىشساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ئىنسانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلساق يىتەرلىك.

ئويغۇنۇش بولسا ئاكىتىپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەركەت، تەھدىتنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن توختاپ قالمايدۇ؛ تەھدىتنىڭ قايتا سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە مەسىلىنى ئۈزۈل كىسىل ھەل قىلىش يولىدا ئىزچىل داۋام قىلىدۇ. چىقىش يولى تىپىشقا مەجبۇرى بولۇش دىگىنىمىز، كۆپۈنچە ئەھۋالدا پاسسىپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەركەت تەھدىتنىڭ پەسلىشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلىشىدۇ ۋە ئىزچىل داۋام قىلمايدۇ.

ئەگەر بىز تارىخىمىزدىن بەك يىراقلارغا كەتمەي، يىقىنقى 20 - 30 يىللىق ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ 20 - 30 يىللىق تارىخىمىزدا نۇرغۇنلىغان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەر قىتىملىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتا، بىز ھاڭنىڭ يىنىغا كىلىپ قىلىپ، ماڭىدىغان يول يوق، چارىسىز قالغاندا، ھەركەتكە كەلگەنلىكىمىزنى، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئازراق يول تاپقاندا، بوشاپ قالغانلىقىمىزنى، نەتىجىدە خەلقىمىزنىڭ  ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولماي ئەكسىنچە تىخىمۇ ناچارلىشىش بولغانلىقىنى  كۆرۈۋالالايمىز. ئىسىمدا قىلىشىچە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچە قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە، داۋادا بۇرۇنقىغا نىسبەتەن زور ئىلگىرلەش بولغان ئىدى. ئۇ چاغدا گەرچە غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى نوپۇسىمىز ھازىرقىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، نامايىشلارغا شۇنداق كۆپ ئادەم قاتناشقان ئىدى؛ ئارىمىزدىكى چىچىلاڭغۇلۇق، بۆلۈنۈش ۋە زىدىيەتلەر ھازىرقىدەك ئۇنداق ئىغىر ئەمەس ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كىيىن ۋەتەندىكى ئەھۋالدا ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى، نەتىجىدە نۇرغۇن ئىنسانلار داۋادىن ئۆزىنى تارتتى. لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، داۋا، لاگىر مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان قالدا يەنە بىر قىتىم قايتىدىن كۈچلەندى؛  مەلۇم نۇقتىدىن ئىلىپ ئەيىتقاندا، داۋا لاگىر مەسىلىسىگە بەك باغلىنىپ قالدى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر لاگىر تاقالسا، چەتەلدىكى بىر قىسىم ھەتتا كۆپ قىسىم قىرىنداشلارنىڭ داۋادىن ئۆزىنى تارتمايدىغانلىقىغا كىم كاپالەت قىلالايدۇ؟

2018 – يىلى 12 – ئايدىن 2019 – يىلى 1 – ئايغىچە، مەن  تور ئارقىلىق ئىلىپ بارغان راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، 56% ئادەم، ئائىلىسىدە كەم دىگەندە بىر ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى، 15% ئادەم، ئائىلىسىدە بىر نەچچە ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى، يەنى جەمى 71% ئادەم، ئائىلىسىدە بىر ياكى بىرنەچچە ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا 24% ئادەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. پەقەت 4% ئادەم، ئائىلىسىدە لاگىرغا سولانغانلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئورتا ئاسىيا ۋە ئوتۇر شەرىقتىكى دۆلەتلەردىن باشقا، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكىراتىك دۆۋلەتلەردە كەم دىگەندە 50 مىڭدىن 100 مىڭ ئارىلىقىدا ئۇيغۇر بار؛ بىراق ئەپسۇس، ھازىر چەتەلدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ھەر خىل پالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ياكى قولدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ سانى، يۇقارقى ساننىڭ 10% تىگە، يەنى 5 - 10 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.

ۋەتەندە مىللىيونلارچە ئىنسانلار لاگىرلاردا ئازاپ چەكمەكتە؛ بىزنىڭ ئەنەنىۋى ئۆرپە ئادەتلىرىمىز ۋە دىننى ئىتىقادىمىز ۋەيران قىلىنماقتا؛ تىل يىزىقىمىز چەكلەنمەكتە، كىتاپلىرىمىز كۆيدۈرۈلمەكتە، مەدىنى يادىكارلىقىمىز ۋە مىچىت جامىلىرىمىز چىقىۋىتىلمەكتە؛ باللىرىمىز ئاتا ئانىسى ھايات تۇرۇپ يىتىم بالا قاتارىدا كومىنىزىم ئىدىيەسى بىلەن تەربىلەنمەكتە، قىزلىرىمىز مەجبۇرى ئۆيلەندۈرۈلمەكتە. ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان خەلقىمىزچۇ؟  خۇددى خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە لاگىرغا سولانغانلارنى "ئىدىيەسىنى مەسىلە بار ئاز ساندىكى كىشىلەر" دەپ تەرىپلىگىنىگە ئوخشاش، ۋەتەن سىرتىدا ھەركەتكە كەلگەنلەرمۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. چەتەلدىكى 90% قىرىنداشلىرىمىز، خۇددى ۋەتەندە يۈز بىرىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ئۆزىمىز بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى يوقتەك، يەنىلا غەپلەتتە تۇرماقتىمىز، سۈكۈت قىلماقتىمىز. بەزىلىرىمىز، ۋاختىمىز ۋە ئىنىرگىيەرىمىزنى، نورۇز ئۆتكۈزۈش ھالالمۇ ھاراممۇ، ئاياللارنى ھىجاپلىنىش كىرەكمۇ يوقمۇ دىگەندەك ۋەتەن داۋاسى بىلەن كۆپ ئالاقىسى بولمىغان ئىشلارنى تالاش تارتىش قىلىشقا ئۈچۈن سەرىپ قىلماقتىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز بولسا، ئۆيدە يەيدىغان نەرسە يوق، ئەۋەل يەيدىغان نەرسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، پولۇ يەيمىزمۇ ياكى لەغمەنمۇ دەپ تالاش تارتىش قىلغانغا ئوخشاش، ۋاختىمىزنى ۋە ئىنىرگىيەرىمىزنى مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەركەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەر خىل يوقىلاڭ ئىشلارنى تالاش تارتسىھ قىلىپ، ۋاقىت ئىسىراپ قىلماقتىمىز. ئىتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت بىر مەخسەتتە، چەكلىك كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى داۋا يولىدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، كۆز قاراشتا پەرىق بولغانلارنى ئاپتىنومىيەچى، جاسۇس، خائىن دەپ ئىنكار قىلىپ، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىقنى بۇزىۋاتىمىز، داۋاغا توسالغۇ بولاۋاتىمىز. ئۆزىمىزنى "مۇستەقىلچى" ئاتاپ، باشقىلارنى "ئاپتىنومىيەچى" دەپ ئەيىپلاۋاتقانلار، مۇستەققىلىق ئۈچۈن ئىغىزدىكى سۆزدىن باشقا ئالاھىدە پەرىقلىق بىر ھەركەت ئىلىپ بىرىپ، ئۆزلىرىمىزنى ئىسپاتلىغىنىمىز يوق. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىز يەنە "بىز ئويغاندۇق" دىيەلەيمىزمۇ؟ جاۋاپ ھەممەيلەنگە مەلۇم.

چەتەلدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەپلىرى ھەر خىل بولىشى مۈمكىن. مەن بۇ جەھەتتە بۇرۇن يازغان ماقالالىرىمدىمۇ ئاز تولا توختالغان ۋە بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم.

مىنىڭ قارىشىمچە، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى ئالدى بىلەن بىزدە، ياكى كەم دىگەندە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە، بىر خىل نامەلۇم قورقۇش يەنى روھىي ئاسارەتنىڭ ئىغىر تەسىرى بار. بىزدىكى شۇ نامالۇم قورقۇش تۈپەيلىدىن، بىز نىمە قىلىشنىڭ توغرا ۋە نىمە قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرالمايۋاتىمىز. ئاسان ھاياجانلىنىمىز؛ كىم بىر شۇئارنى كۆتىرەپ چىقسا، مۇستەققىل تەپپەككۇر قىلماي، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىمىز. بىر ئىشلارغا ئاسان قىزىيمىز ۋە ئاسان سوۋىيمىز. ئۇ نامەلۇم قورقۇش تۈپەيلىدىن، ئاساسن ئاچچىقلىنىمىز. ئاچچىقىمىز كۆزىمىزنى كۆرمەس، ئەقىلىمىزنى ئىشلىمەس قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئاچچىقىمىزنى چىقىرىدىغان ئوبىكتىپ ئىزدەيمىز؛ بىرلىرىنى تىپىپ، مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۇلارغا ئارتىپ، ئۇلارنى تىللاپ ھاقەرەتلەپ، ئاچچىقىمىزنى چىقىرىپ، روھىي ھالىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز؛ نەتىجىدە ئارىمىزدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ؛ ئاخىردا ھەم ئۆزىمىز ھەم باشقىلار روھىي جەھەتتە تىخىمۇ چوڭ زەربىگە ۋە روھىي زەخمىگە ئۇچۇرايمىز.


قورقۇش، بىزنى قاراڭغۇلۇققا باشلاپ بارىدۇ؛ قورقۇش بىزنى غەزەپلەندۈرىدۇ؛ غەزەپلىنىش، ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئۆچمەنلىك، ئازاپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىككىنجىدىن، بىزنىڭ خەلقارانىڭ بىزگە قىلالايدىغان ياردىمى توغۇرسىدا چۈشەنچىمىز مۇجىمەل، ياكى ئۇنىنغا نىسبەتەن ئىنىق بىر ئۇقۇم يوق. بىزدە، ياكى كەم دىگەندە بىر قىسىم ئىنسانلىرىمىزدا، بىز خەلقارادىن نىمىنى تەلەپ قىلساق، ئىشلىرىمىز شۇ بويىچە ماڭىدۇ ياكى بىز دەردىمىزنى خەلقاراغا يىتەرلىك ئاڭلاتساق، ئىشلىرىمىز ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ ياكى ئىشلىرىمىزنى ئامىركا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرى ھەل قىلىپ بىرىدۇ، ياۋروپا بىرلىكى ھەل قىلىپ بىرىدۇ دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا، بىز چوقۇم خەلقارانىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشىمىز كىرەك. مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، بىز خەلقارانىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەي تۇرۇپ، كۆزلىگەن مەخسىتىمىزگە يىتەلمەيمىز؛  بىراق شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، داۋا بىزنىڭ داۋا؛ بىز داۋانىڭ ئىچكى ئامىلى، ئاساسلىق كۈچى، خەلقارانىڭ قوللىشى تاشقى ئامىل، ياردەمچى كۈچ. ئەگەر بىز ئۆزىمىز يىتەرلىك ئويغانمىساق، داۋا ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ داۋاسى بولۇپ قالسا، يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرمىسەك ۋە ئۇنى كۈچەيىتمىسەك، داۋايىمىزنىڭ ئالاھىدە ئالغا ئىلگىرلىشى مۈمكىن ئەمەس. داۋا، خەلقارانىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى، ئۆزىمىزنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقىمىز ۋە يۈكسەك بەدەل تۆلىشىمىز بىلەن ئاندىن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.

ھىچ بىر دۆلەتنىڭ بىزنى مۇستەققىل قىلىپ بىرىش ياكى بىز نىمە تەلەپ قىلساق، بىزگە شۇنى قىلىپ بىرىش مەجبۇريىتى ۋە ياكى ۋەزىپىسى يوق. ھەر قانداق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەتى ۋە مىللى مەنپەتى بولىدۇ. ئەگەر تەلىمىز ئوڭدىن كىلىپ، بىزنىڭ تەلەپ ئىستەكلىرىمىز بىلەن بىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۈمۈت قىلغىنى ئۆز ئارا ماس كىلىپ قالسا، ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىشى مۈمكىن، نەتىجىدە ھەم بىز ھەم ئۇلار ئۈمۈت قىلغان نەرسىگە ئىرىشەلىشى مۈمكىن؛ بولمىسا ئىشلار ھەرگۈز بىزنىڭ ئىستىكىمىز بويىچە ئەمەس، بەلكى بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان ياكى ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۈمۈت قىلغىنى بويىچە بولىشى مۈمكىن. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا، بىز خەلقارانىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئىھتىياجلىق؛ شۇڭا بىز ئەۋەل نىمىگە ئىرىشەلىسەك، شۇنى قولغا كەلتۈرمەكتىن باشقا بەك كۆپ تاللىشىمىز يوق. مەن ئۇنداق دىسەم، بەلكىم بەزىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر ھەر قانداق شەخىس ۋە تەشكىلات مەسىلىمىزنى ھىچكىمگە تايانماي، ئۆزىمىزنىڭ ئىستىكى بويىچە ھەل قىلالايدىغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى قوللايمەن. بىز شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى كۆپۈنچە خەلقنىڭ بىزگە قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ياردىمى، پەقەتلا ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بىزنىڭ ئىنساندەك ياشىشىمىز ئۈچۈن قولدىن كىلىشچە ياردەم قىلىش، يەنى بىزگە ھىسىداشلىق قىلىش، بىزنى قوللاش، ئىنساۋى كەلسە بىزگە ئاز تولا ئىختىزادى ياردەم قىلىش، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى قارارلارنى چىقىرىشىغا جامائەت پىكىرى توپلاش ۋە بىسىم قىلىشتىن ئىبارەت.

ئۈچۇنجىدىن، بىز ياكى خىلى كۆپ ساندا ئىنسانلىرىمىز، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ، لاگىرلارغا سولىنىشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل جازالارغا تارتىلىشى ۋە ئۆلتۈرلىشىنىڭ سەۋەبىنى، خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتنىڭ بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىز ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھايات ماماتلىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىخى تونۇپ يەتمىدۇق.

ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، مەيلى بىز گۇۋالىق بەرگەندە بولسۇن ياكى ئاخباراتلارغا دەردىمىزنى ئاڭلاتقاندا بولسۇن، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھىچ ئىشقا ئارلاشمىغانلىقىنى، مەيلى ئۆزى بولسۇن ياكى ئۆيدىكىلەر بولسۇن ھىچقانداق قانۇنسىز ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى تەكىتلەشسە، يەنە بەزىلەر ئۆزلىنىڭ چەتەللەردە خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پالىيەت ئىلىپ بارغانلىقى، ئاخباراتلارغا سۆزلىگەنلىكى، گۇۋالىق بەرگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا پالىيەت ئىلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى لاگىر، تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە. بەزىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئاران قامداپ ماڭغان، باشقىلارغا زارار بەرگۈچىلىك ھالى يوق، ياۋاش ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالى مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە بىلىملىك زىيالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمىلىيەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ نۆۋەت لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلار يالغۇز چەتەلدە ئۇرۇق تۇققانلىرى بارلارلا ئەمەس؛ جازالانغانلار يالغۇز چەتەلدە خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پالىيەت ئىلىپ بارغانلارنىڭ، داۋا سىپىدىكىلەرنىڭ، ئاخباراتقا سۆزلىگەنلەرنىڭ ئۆيىدىكىلەرلا ئەمەس؛ تۇتۇلغانلار يالغۇز ساۋادى يوقلار، ئوقۇمىغانلارلا ئەمەس؛ قولغا ئىلىنغانلار يالغۇز دىننى ئىتىقادى كۈچلۈك ياكى ئاتالمىش "ئىدىيەسىدە مەسىلە بار" لار ياكى "دىننى ئەسەبىلەر" لا ئەمەس؛ قولغا ئىلىنغانلار يالغۇز قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى تەرورلۇق ھەركەتلەرگە قاتناشقانلار ئەمەس. لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولغانلار ئىچىدە چەتەلدە تۇققانلىرى بارلارمۇ بار، چەتەل بىلەن ھىچ بىر ئالاقىسى يوقلار بار؛ چەتەلدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى داۋاغا ئارلاشقان، ئاخباراتلارغا سۆزلىگەنلەر بار، ھىچ ئىشقا ئارلاشمىغانلارمۇ بار؛ ساۋاتلىقلارمۇ بار، ساۋاتسىزلارمۇ بار؛ دىخخان، ئىشچى، كادىرلار بار؛ دىننى زاتلار، زىيالىلار، يەككە تىجارەتچىلەر بار؛ تۆۋەن قاتلامدىكىلەر بار، يۇقۇرى قاتلامدىكىلەر بار؛ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان، خىتتايچە بىلمەيدىغانلار بار، كىچىكىدىن خىتتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئاساسەن خىتتايچە سۆزلىشىدىغانلار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ زىمىننىڭ ئىغىسى بولىشى.

بىز شۇنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەككى، خەلقىمىزنىڭ لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىشى ھەرگۈزمۇ ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ تۈققانلىرىنىڭ نىمە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس ھەم شۇنداقلا ھازىر خەلقىمىز يۈزلەنگەن مەسىلە يالغۇز لاگىر مەسىلىسىمۇ ئەمەس. ھازىر خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە ۋە خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھايات مامات مەسىلىسى. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمەي، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى يالغۇز مەلۇم كىشىلەرنىڭ سۆز ھەركىتى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان لاگىر مەسىلىسى دەپ قارىساق، ياكى بىز جىم تۇرغان بولساق، داۋا ئىلىپ بارمىغان بولساق، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار لاگىرغا سولانمىغان بولاتتى دەپ قارىساق، ئەگەر لاگىر تاقالسا خەلقىمىز يۈزلەنگەن تەھدىت ئازلايدۇ دەپ قارىساق، بىز مەسىلىنىڭ نىگىزىنى تىخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن بولىمىز. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىسەك، لاگىر تاقالغاندىن كىيىن، بىزدىكى "داۋا قىزغىنلىقى"، لاگىرنىڭ تاقىلىشىغا ئەگىشىپ يەنە بىر قىتىم سوۋىيشى مۈمكىن.

مەنىڭ قارىشىمچە لاگىر ۋە ياكى خەلقىمىزنى لاگىرغا سولاپ جازالاش، ھەرگۈزمۇ  خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەخسىتى ئەمەس؛ لاگىر مەسىلىسى ۋە ياكى خەلقىمىزنى لاگىرغا سولاپ جازالاش، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن مەخسىتىگە يىتىشتىكى كۆپلىگەن ۋاستىلەرنىڭ پەقەت بىرى. خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى ۋە مەدىنى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، يالغۇز لاگىر ياكى تۈرمە ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەمىللەشتۈرمەكتە. لاگىر ۋە تۈرمە ئىچىدە، خەلقىمىزنى روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتە قىناۋاتقان، ھەتتا ئۆلتۈرىۋاتقان بولسا، لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىدا، خەلقىمىزنى ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىدىن، ئۆرپە ئادىتىدىن، تىل يىزىقىدىن ۋە دىننى ئىتىقاتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرى قىلىۋاتىدۇ. خىتتاي ھۆكۈمىتى لاگىر ۋە تۈرمىدىكى قىرىنداشلارنى گۆرەگە ئىلىپ، ئۇلارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق، خەلقىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان پىسخىكىلىق ئۇرۇشىنى لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىغا، ھەتتە چەتەللەرگە كەڭەيتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن لاگىر تاقالغاندىن كىيىنمۇ، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى يوق قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىكى مۈمكىن.

ئۇنداقتا بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك، خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلالايدىغان ئەڭ ئاسان، ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا بولغان ئاددى بىر يول يوق. شۇڭا بۇ سوئالغا بىرىلىدىغان ئاددى بىر جاۋاپمۇ يوق. مىنىڭ قارىشىمچە داۋانىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن بىزنى قورقۇش ۋە ياكى ۋەھىمىگە سالغان روھىي ئىشكەنجىدىن چوقۇم قۇتۇلىشىمىز كىرەك. ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تەھدىت قىلىپ، قورقۇش پەيدا قىلماسلىقىمىز كىرەك.

بىز چوقۇم خەلقىمىز ھازىر سۈزلەنگەن تەھدىتنىڭ ماھىتىنى تولۇق تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك. يەھۇدىلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نازى كەمپلەرگە سولانغان ۋە ئۇ كەمپلەردە ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلارنىڭ كەمپلەرگە سولۇنۇشى ۋە كەمپلەردە ئۆلتۈرلىشىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ يەھۇدى بولۇپ تۇغۇلغانلىقى دەپ تەشۋىق قىلغان ئىكەن. بىزمۇ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.

ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقازمىساق، باشقا ھىچكىم بىزنى قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك. ئومۇم يۈزلۈك ئويغىنىشىمىز كىرەك. ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئارا، كۆز قاراشتىكى پەرىق تۈپەيلىدىن بىر يەرگە كىلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھىچ بولمىغاندا قارمۇ قارشى ھەركەت قىلماي، ئۆز ئارا زەربە بەرمەي، پاراللىل ھەركەت قىلىشقا يۈزلىنىشىمىز كىرەك. ئۆز ئارا ئىش تەخسىماتى ئىلىپ بىرىشىمىز، ئۆز ئارا ئىنكار قىلىشنى توختۇتۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنۇتىشىمىز كىرەك.

بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ياكى ئۆزىمىز ۋەكىللىق قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ ھەق يولدا مىڭىۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنى ۋە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەمىلى ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز كىرەك. مەلۇم بىر شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن، "سىنىڭ توغرا بولۇشۇڭ ئۈچۈن باشقا بىرسىنىڭ چوقۇم خاتا بولۇشى زۆرۈر ئەمەس".

ئەگەر بىز ئۆزىمىز ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىساق، شەخسى ئادىۋىتىمىز ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمىسەك ۋە شەخسى ھىسياتىمىزنى كونتۇرۇل قىلالمىساق، خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت كۈچلۇك بىر دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىشىمىز مۈمكىن ئەمەس.

يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ "ئويغان" دىگەن شىئىرى يائىزىلغىلى 100 يىل بولىدۇ. ئەمدى ئويغانمىساق راستىنلا جان ۋە ھەممە نەرسىمىز كىتەر.

2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى

Wednesday, April 17, 2019

Biz oyghanduqmu?

Biz oyghanduqmu?

Awazliq nusqisi

Memet Emin

Wetendiki lagir mesilisi oturgha chiqqandin kiyin, meyli dawaning xelqaralishishida bolsun yaki dawagha qizziqidighanlarning sanida bolsun, köp özgürüshler boldi. Dawa sipige nurghun yashlar qitildi; burun siyasetke arlashmaymen digenler, emdilikte siyasetchi boldi; burun awaz chiqarmighanlar emdilikte awaz chiqiridighan boldi; burun namayish we her xil paliyetler bolsa yiqin kelmeydighanlar, hazir namayish we her xil paliyetlerge akitip qatnishidighan boldi; teshkilatlar köpeydi. Köp sanda kishiler ündidarni tashlap watisapqa (whatsapp) yötkeldi. Facebook qatarliq ijtimayi taratqular, burunqidek yigen ichkenni we oyun tamashshalarni teshwiq qilidighan sorundin, weten dawasi ilip baridighan, weten heqqidiki uchurlarni ortaqlishidighan  sorun’gha aylan’ghandin bashqa yene bashqilarning eyipini achidighan, bashqilarning shexsiyitige tajawuz qilidighan we köz qarishi periqliq bolghan insanlarni aptinomiyechi, xain, jasus dep haqaretleydighan sorun’gha aylandi.

Beziler lagir mesilisi oturgha chiqqandin kiyin, xelqimiz yüksek derijide oyghandi, itipaqlashti diyishidu. Biraq men küzetken ehwallargha asaslan'ghanda, u yüksek derijide oyghunush bolmastin, belki köpünche kishilerge nisbeten, hangning qishigha kilip qilip, mangidighan yoli yoq, hanggha chüshüp kitishtin qutulushning koyida bolush; hanggha chüshüp ketmey, u yerdin saq kiteleydighan chighir yoldin birni tipishqa mejburi bolushtur. Elwette men bundaq diyish arqiliq heqiqi oyghan’ghan bir qisim kishilerni inkar qilmaqchi we bashqilarning rohigha soghaq su sepmekchi emesmen. Men peqet özüm köriwetqan riyalliqimizgha asasen, bu jehette öz köz qarashlirimni oturgha qoyup, herqaysinglar bilen ortaqlashmaqchimen. Shunga oyghan’ghan dostlarning sözümni özige almasliqini, tixi oyghanmighan dostlarning obdan oylushup biqishini ümüt qilimen.

Norwigiyelik dangliq opirachi we shair Xenrik Ibsen (Henrik Ibsen) mundaq digen iken, “Biz heqiqi oyghan’ghan waxtimizda, peqet yashap baqmighanliqimizni bayqaymiz”

Bizde “kiselni yoshursang, ölüm ashkare” deydighan ata sözi bar. Biz ijabi teshwiqatni köpeytip, xelqimizni ümütlendürüshke ihtiyajliq; shuning bilen bir waqitta öz özimizni aldap könglimizni quruq xosh qilishtin saqlinishimiz kirek. Eger bedinimizde kisel bolsa, özimizge waxtida, toghra diyagunuz qoyup, hayatimizgha tehdit ilip kilidighan bezi kiselliklerni waxtida dawalap saqaytishimiz we tiximu ighir aqiwetning kilip chiqishidin saqlinishimiz kirek.

Undaqta biz zadi oyghanduqmu yaki peqetla chiqish yoli tipishqa mejburlanduqmu? Ularning arisida qandaq periq bar? Eger biz oyghan’ghan bolsaq qanchilik oyghanduq? Eger biz oyghanmighan bolsaq qandaq qilip oyghinishimiz kirek? Men bu soalargha jawap birishtin ilgiri, “oyghunush” ning menisining nime ikenliki toghursida azraq toxtulup ötimen.

Oyghunush digen sözning töwendikidek birnechche xil menisi bar. Oyghunush aldi bilen uyqa halettin oyghaq haletke kilish dimektur. Oyghunush dimek insanlarning hushsiz halitidin normal haletke kilishi dimektur. Oyghunush dimek insanlarning xiyali dunyada yashashtin, ghepletliktin, hamaqetliktin riyalliqqa qaytish dimektur. Oyghunush dimek Allah bergen eqil parasetni ishlitip, etirapni yalghuz köz bilen emes, belki eqil paraset bilen küzütüp, mesilining mahitini tonup yitish dimektur. Oyghunush dimek mesilini tüptin hel qilish üchün eqil ishlitish, izdinish we uningliq üchün herket qilish we tirishchanliq körsitish dimektur. Oyghunush digenlik hergüzmu purset pereslik qilip, eplep seplep köz boyamchiliq qilish digenlik emes.


Amirkiliq dangliq yazghuchi, ammawi nutuq sözlügüchi we eneniwi tibabetni teshebbus qilghuchi Deepak Chopra mundaq digen iken, “Oyghunush, sining kim ikenlikingni özgertish bolmastin, belki sanga tewe bolmighan nersini tashliwitishtur”. Dimek biz oyghunush üchün, özimizni bashqa birsige özgertishimizning, choqum teshkilatlarning bashliqi bolishimizning hajiti yoq, biz peqet özimizdiki bixestelikni, bixutliqni, ghepletlikni we rohiy qulluqni tashlap, eqil parasitimizni ishqa silip, ademdek yashashqa tirishsaq, özimizning öteshke tigishlik bolghan insani burchimizni ada qilsaq yiterlik.

Oyghunush bolsa akitip bir jeryan bolup, uningdin peyda bolghan herket, tehditning ajizlishishi bilen toxtap qalmaydu; tehditning qayta sadir bolishining aldini ilish we mesilini üzül kisil hel qilish yolida izchil dawam qilidu. Chiqish yoli tipishqa mejburi bolush diginimiz, köpünche ehwalda passip bir jeryan bolup, uningdin peyda bolghan herket tehditning peslishige egiship ajizlishidu we izchil dawam qilmaydu. 

Eger biz tariximizdin bek yiraqlargha ketmey, yiqinqi 20 - 30 yilliq ehwalimizgha nezer salidighan bolsaq, bu 20 - 30 yilliq tariximizda nurghunlighan basturush we qirghinchiliqlarning yüz bergenlikini, her qitimliq basturush we qirghinchiliqta, biz hangning yinigha kilip qilip, mangidighan yol yoq, charisiz qalghanda, herketke kelgenlikimizni, ölümdin qutulush üchün azraq yol tapqanda, boshap qalghanliqimizni, netijide xelqimizning  ehwalida yaxshilinish bolmay eksinche tiximu nacharlishish bolghanliqini  körüwalalaymiz. Isimda qilishiche, 5 – iyul Ürümche qirghinchiliqi yüz bergende, dawada burunqigha nisbeten zor ilgirlesh bolghan idi. U chaghda gerche gherip döletliridiki nopusimiz hazirqidek köp bolmisimu, namayishlargha shundaq köp adem qatnashqan idi; arimizdiki chichilangghuluq, bölünüsh we zidiyetler hazirqidek undaq ighir emes idi; uningdin kiyin wetendiki ehwalda azraq özgürüsh boldi, netijide nurghun insanlar dawadin özini tartti. Lagir mesilisi oturgha chiqqandin kiyin, dawa, lagir mesilisini merkez qilghan qalda yene bir qitim qaytidin küchlendi;  melum nuqtidin ilip eyitqanda, dawa lagir mesilisige bek baghlinip qaldi. Bundaq bir ehwal astida, eger lagir taqalsa, cheteldiki bir qisim hetta köp qisim qirindashlarning dawadin özini tartmaydighanliqigha kim kapalet qilalaydu?

2018 – yili 12 – aydin 2019 – yili 1 – ayghiche, men  tor arqiliq ilip barghan ray sinashqa qatnashquchilar ichide, 56% adem, ailiside kem digende bir ademning lagirda ikenlikini, 15% adem, ailiside bir nechche ademning lagirda ikenlikini, yeni jemi 71% adem, ailiside bir yaki birnechche ademning lagirda ikenlikini bildürgen. Undin bashqa 24% adem ailisidikilerning ehwalidin xewersiz ikenlikni bildürgen. Peqet 4% adem, ailiside lagirgha solan’ghanlarning yoqliqini bildürgen. Hemmimizge melum bolghandek, Orta Asiya we Otur Sheriqtiki döletlerdin bashqa, Türkiyeni öz ichige alghan démokiratik döwletlerde kem digende 50 mingdin 100 ming ariliqida Uyghur bar; biraq epsus, hazir chetelde ilip biriliwatqan her xil paliyetlerge qatnishiwatqan yaki qoldin kilishche tirishchanliq körsitiwatqanlarning sani, yuqarqi sanning 10% tige, yeni 5 - 10 mingghimu yetmeydu.

Wetende milliyonlarche insanlar lagirlarda azap chekmekte; bizning eneniwi örpe adetlirimiz we dinni itiqadimiz weyran qilinmaqta; til yiziqimiz cheklenmekte, kitaplirimiz köydürülmekte, medini yadikarliqimiz we michit jamilirimiz chiqiwitilmekte; ballirimiz ata anisi hayat turup yitim bala qatarida kominizim idiyesi bilen terbilenmekte, qizlirimiz mejburi öylendürülmekte. Erkin dunyada yashawatqan xelqimizchu?  Xuddi Xittay hökümiti wetende lagirgha solan’ghanlarni “idiyesini mesile bar az sandiki kishiler” dep teripliginige oxshash, weten sirtida herketke kelgenlermu az sandiki bir qisim kishiler bilen cheklinip qiliwatidu. Cheteldiki 90% qirindashlirimiz, xuddi wetende yüz biriwatqan ehwallarning özimiz bilen hich munasiwiti yoqtek, yenila gheplette turmaqtimiz, süküt qilmaqtimiz. Bezilirimiz, waxtimiz we inirgiyerimizni, noruz ötküzüsh halalmu harammu, ayallarni hijaplinish kirekmu yoqmu digendek weten dawasi bilen köp alaqisi bolmighan ishlarni talash tartish qilishqa üchün serip qilmaqtimiz. Yene bezilirimiz bolsa, öyde yeydighan nerse yoq, ewel yeydighan nersini hel qilishning ornigha, polu yeymizmu yaki leghmenmu dep talash tartish qilghan’gha oxshash, waxtimizni we inirgiyerimizni mewjutliqimizni saqlap qilish üchün ortaq herket qilishning ornigha, her xil yoqilang ishlarni talash tartsih qilip, waqit isirap qilmaqtimiz. Itipaqliship, bir niyet bir mexsette, cheklik küchimizni birleshtürüp, uni dawa yolida eng yuquri derijide jare qildurushning ornigha, köz qarashta periq bolghanlarni aptinomiyechi, jasus, xain dep inkar qilip, öz ara itipaqliqni buziwatimiz, dawagha tosalghu bolawatimiz. Özimizni "musteqilchi" atap, bashqilarni "aptinomiyechi" dep eyiplawatqanlar, musteqqiliq üchün ighizdiki sözdin bashqa alahide periqliq bir herket ilip birip, özlirimizni ispatlighinimiz yoq. Bundaq bir ehwal astida, biz yene "biz oyghanduq" diyeleymizmu? Jawap hemmeylen’ge melum.

Cheteldiki xelqimizning ehwalining bundaq bolushning sewepliri her xil bolishi mümkin. Men bu jehette burun yazghan maqalalirimdimu az tola toxtalghan we bu heqte öz köz qarashlirimni oturgha qoyup ötken idim.

Mining qarishimche, bundaq bolushning sewebi aldi bilen bizde, yaki kem digende bir qisim kishilirimizde, bir xil namelum qorqush yeni rohiy asaretning ighir tesiri bar. Bizdiki shu namalum qorqush tüpeylidin, biz nime qilishning toghra we nime qilishning xata ikenlikige toghra höküm chiqiralmaywatimiz. Asan hayajanlinimiz; kim bir shuarni kötirep chiqsa, musteqqil teppekkur qilmay, hisyatimizgha tayinip yekün chiqirimiz. Bir ishlargha asan qiziymiz we asan sowiymiz. U namelum qorqush tüpeylidin, asasn achchiqlinimiz. Achchiqimiz közimizni körmes, eqilimizni ishlimes qilidu. Andin u achchiqimizni chiqiridighan obiktip izdeymiz; birlirini tipip, milletning hazirqi haletke chüshüp qilishning sewenlikini ulargha artip, ularni tillap haqeretlep, achchiqimizni chiqirip, rohiy halitimizni tengpunglashturushqa tirishimiz; netijide arimizda öchmenlik peyda bolidu; axirda hem özimiz hem bashqilar rohiy jehette tiximu chong zerbige we rohiy zexmige uchuraymiz.

Qorqush, bizni qarangghuluqqa bashlap baridu; qorqush bizni ghezeplendüridu; ghezeplinish, öchmenlikni peyda qilidu; öchmenlik, azaplinishni keltürüp chiqiridu.

Ikkinjidin, bizning xelqaraning bizge qilalaydighan yardimi toghursida chüshenchimiz mujimel, yaki uningha nisbeten iniq bir uqum yoq. Bizde, yaki kem digende bir qisim insanlirimizda, biz xelqaradin nimini telep qilsaq, ishlirimiz shu boyiche mangidu yaki biz derdimizni xelqaragha yiterlik anglatsaq, ishlirimiz özligidin hel bolidu yaki ishlirimizni Amirka qatarliq gherip döletliri hel qilip biridu, Yawropa birliki hel qilip biridu deydighan xata chüshenche bar. Elwette bizning hazirqi ehwalimizda, biz choqum xelqaraning qollishigha irishishimiz kirek. Meyli hazir bolsun yaki kelgüside bolsun, biz xelqaraning qollishigha irishelmey turup, közligen mexsitimizge yitelmeymiz;  biraq shuni bilishimiz kirekki, dawa bizning dawa; biz dawaning ichki amili, asasliq küchi, xelqaraning qollishi tashqi amil, yardemchi küch. Eger biz özimiz yiterlik oyghanmisaq, dawa az sandiki kishilerning dawasi bolup qalsa, yiterlik tirishchanliq körsetmisek, öz ara itipaqliq we hemkarliqni qolgha keltürmisek we uni kücheyitmisek, dawayimizning alahide algha ilgirlishi mümkin emes. Dawa, xelqaraning qollap quwetlishi, özimizning izchil tirishchanliqimiz we yüksek bedel tölishimiz bilen andin algha ilgirleydu.

Hich bir döletning bizni musteqqil qilip birish yaki biz nime telep qilsaq, bizge shuni qilip birish mejburyiti we yaki wezipisi yoq. Her qandaq dölet we milletning özining dölet menpeti we milli menpeti bolidu. Eger telimiz ongdin kilip, bizning telep isteklirimiz bilen bizge yardem qilishni xalaydighan döletlerning ümüt qilghini öz ara mas kilip qalsa, ular bizge yardem qilishi mümkin, netijide hem biz hem ular ümüt qilghan nersige irishelishi mümkin; bolmisa ishlar hergüz bizning istikimiz boyiche emes, belki bizge yardem qiliwatqan yaki yardem qilishni xalaydighanlarning ümüt qilghini boyiche bolishi mümkin. Bizning hazirqi ehwalimizda, biz xelqaraning yardimige we qollishigha ihtiyajliq; shunga biz ewel nimige irishelisek, shuni qolgha keltürmektin bashqa bek köp tallishimiz yoq. Men undaq disem, belkim bezilerning könglige yaqmasliqi mümkin. Eger her qandaq shexis we teshkilat mesilimizni hichkimge tayanmay, özimizning istiki boyiche hel qilalaydighanlar bolsa, men ularni qollaymen. Biz shuni bilishimiz kirekki köpünche xelqning bizge qilalaydighan eng chong yardimi, peqetla insanliq nuqtisidin chiqish qilip, bizning insandek yashishimiz üchün qoldin kilishche yardem qilish, yeni bizge hisidashliq qilish, bizni qollash, insawi kelse bizge az tola ixtizadi yardem qilish, öz hökümitining bezi qararlarni chiqirishigha jamaet pikiri toplash we bisim qilishtin ibaret.

Üchunjidin, biz yaki xili köp sanda insanlirimiz, wetendiki uruq tuqqanlirimizning we xelqimizning tutqun qilinishining, lagirlargha solinishining, ularning her xil jazalargha tartilishi we öltürlishining sewebini, xelqimiz yüzliniwatqan tehditning bizning milli kimlikimiz we milletning kelgüsi teqdiri bilen zich munasiwetlik hayat mamatliq bir mesile ikenlikini tixi tonup yetmiduq.

Hemmimiz körüwatqandek, meyli biz guwaliq bergende bolsun yaki axbaratlargha derdimizni anglatqanda bolsun, beziler özlirining hich ishqa arlashmighanliqini, meyli özi bolsun yaki öydikiler bolsun hichqandaq qanunsiz herketler bilen shughullanmighanliqini, shundaq turuqluq Xittay hökümitining ailisidikilerni lagir we türmilerge solighanliqini tekitleshse, yene beziler özlining chetellerde Xittay hakimiyitige qarshi paliyet ilip barghanliqi, axbaratlargha sözligenliki, guwaliq bergenliki, Xelqimizning heq hoquqini qoghdash yolida paliyet ilip barghanliqi üchün, Xittay hökümiti özliridin öch ilish üchün ailisidikilerni lagir, türmilerge solighanliqini tekitleshmekte. Beziler ailisidikilerning öz hayatini aran qamdap mangghan, bashqilargha zarar bergüchilik hali yoq, yawash insanlar ikenlikini tekitlise, yene beziler ailisidikilerning ali mektep yaki uningdin yuquri melumatqa ige bilimlik ziyali ikenlikini tekitlimekte. Emiliyetke qaraydighan bolsaq, bu nöwet lagir we türmilerge solan’ghanlar yalghuz chetelde uruq tuqqanliri barlarla emes; jazalan’ghanlar yalghuz chetelde Xittay hakimiyitige qarshi paliyet ilip barghanlarning, dawa sipidikilerning, axbaratqa sözligenlerning öyidikilerla emes; tutulghanlar yalghuz sawadi yoqlar, oqumighanlarla emes; qolgha ilin’ghanlar yalghuz dinni itiqadi küchlük yaki atalmish “idiyeside mesile bar” lar yaki “dinni esebiler” la emes; qolgha ilin’ghanlar yalghuz qanun’gha xilapliq qilghan yaki terorluq herketlerge qatnashqanlar emes. Lagir we türmilerge solghanlar ichide chetelde tuqqanliri barlarmu bar, chetel bilen hich bir alaqisi yoqlar bar; cheteldiki uruq tuqqanliri dawagha arlashqan, axbaratlargha sözligenler bar, hich ishqa arlashmighanlarmu bar; sawatliqlarmu bar, sawatsizlarmu bar; dixxan, ishchi, kadirlar bar; dinni zatlar, ziyalilar, yekke tijaretchiler bar; töwen qatlamdikiler bar, yuquri qatlamdikiler bar; Uyghurche mektepte oqughan, Xittayche bilmeydighanlar bar, kichikidin Xittayche mektepte oqughan, asasen Xittayche sözlishidighanlar bar. Ularning hemmiside ortaq alahidilik bolup, u bolsimu ularning milli kimliki we ularning shu ziminning ighisi bolishi.

Biz shuni tonup yitishimiz kirekki, xelqimizning lagir we türmilerge solinishi hergüzmu ular yaki ularning tüqqanlirining nime qilghanliqi sewebidin emes hem shundaqla hazir xelqimiz yüzlen’gen mesile yalghuz lagir mesilisimu emes. Hazir xelqimiz duch kiliwatqan mesile we xelqimiz yüzliniwatqan eng chong tehdit, milletning kelgüsi teqdiri bilen zich munasiwetlik hayat mamat mesilisi. Eger biz mesilining mahitini toluq tonup yetmey, bizning mesilimizni yalghuz melum kishilerning söz herkiti tüpeylidin kilip chiqqan lagir mesilisi dep qarisaq, yaki biz jim turghan bolsaq, dawa ilip barmighan bolsaq, wetendiki uruq tuqqanlar lagirgha solanmighan bolatti dep qarisaq, eger lagir taqalsa xelqimiz yüzlen'gen tehdit azlaydu dep qarisaq, biz mesilining nigizini tixi toluq tonup yetmigen bolimiz. Eger biz mesilining mahitini toluq tonup yetmisek, lagir taqalghandin kiyin, bizdiki “dawa qizghinliqi”, lagirning taqilishigha egiship yene bir qitim sowiyshi mümkin.

Mening qarishimche lagir we yaki xelqimizni lagirgha solap jazalash, hergüzmu  Xittay hökümitining axirqi mexsiti emes; lagir mesilisi we yaki xelqimizni lagirgha solap jazalash, Xittay hökümitining közligen mexsitige yitishtiki köpligen wastilerning peqet biri. Xittay hökümiti wetende yürgüziwatqan irqi we medini qirghinchiliq siyasitini, yalghuz lagir yaki türme ichidila emes, belki lagir we türme sirtidimu keng kölemde emilleshtürmekte. Lagir we türme ichide, xelqimizni rohiy we jismani jehette qinawatqan, hetta öltüriwatqan bolsa, lagir we türme sirtida, xelqimizni özining milli kimlikidin, örpe aditidin, til yiziqidin we dinni itiqatidin waz kichishke mejburi qiliwatidu. Xittay hökümiti lagir we türmidiki qirindashlarni     görege ilip, ularni qollunush arqiliq, xelqimizge yürgüziwatqan pisxikiliq urushini lagir we türme sirtigha, hette chetellerge kengeytiwatidu. Shu seweptin lagir taqalghandin kiyinmu, Xittay hökümiti Uyghurlarning milli kimlikini yoq qilish pilanidin waz kechmesliki mümkin.

Undaqta biz nime qilishimiz kirek? Hemmimiz körüp turiwatqandek, xelqimiz yüzliniwatqan bu mesililerni tüptin hel qilalaydighan eng asan, eng tiz we eng toghra bolghan addi bir yol yoq. Shunga bu soalgha birilidighan addi bir jawapmu yoq. Mining qarishimche dawaning algha ilgirlishige kapalet qilish üchün, biz aldi bilen bizni qorqush we yaki wehimige salghan rohiy ishkenjidin choqum qutulishimiz kirek. Özimizge özimiz tehdit qilip, qorqush peyda qilmasliqimiz kirek.

Biz choqum xelqimiz hazir süzlen’gen tehditning mahitini toluq tonup yitishimiz kirek. Yehudilar ikkinji dunya urushi mezgilide Nazi kemplerge solanghan we u kemplerde öltürülgen Yehudilarning kemplerge solunushi we kemplerde öltürlishining birdin bir sewebi ularning Yehudi bolup tughulghanliqi dep teshwiq qilghan iken. Bizmu bu nuqtigha alahide diqqet qilishimiz kirek.

Eger biz özimizni özimiz qutqazmisaq, bashqa hichkim bizni qutulduralmaydighanliqini tonup yitishimiz kirek. Omum yüzlük oyghinishimiz kirek. Oxshimighan teshkilatlar ara, köz qarashtiki periq tüpeylidin bir yerge kilelmigen teqdirdimu, hich bolmighanda qarmu qarshi herket qilmay, öz ara zerbe bermey, parallil herket qilishqa yüzlinishimiz kirek. Öz ara ish texsimati ilip birishimiz, öz ara inkar qilishni toxtutup, öz ara hemkarliq ornutishimiz kirek.

Biz özimizning we yaki özimiz wekilliq qilghan teshkilatlarning heq yolda mingiwatqanliqini, bashqilarni we yaki bashqa teshkilatlarni inkar qilish arqiliq emes, belki emili herketlirimiz arqiliq ispatlishimiz kirek. Melum bir shexis mundaq digen iken, “Sining toghra bolushung üchün bashqa birsining choqum xata bolushi zörür emes”.

Eger biz özimiz arisidiki mesilini hel qilalmisaq, shexsi adiwitimiz üstidin ghalip kilelmisek we shexsi hisyatimizni konturul qilalmisaq, Xittay hakimiyitidin ibaret küchluk bir düshmen üstidin ghalip kilelishimiz mümkin emes.

Yene ikki yildin kiyin Abduxaliq Uyghurning "Oyghan" digen shiiri yaizilghili 100 yil bolidu. Emdi oyghanmisaq rastinla jan we hemme nersimiz kiter.

2019 – yili 4 – ayning 17 – küni

Monday, April 1, 2019

« گۇمان ئىماننى قاچۇرامدۇ؟» گە تولۇقلىما

دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ « گۇمان قىلسا ئىمان قاچامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار    


سايرام ئوغلانى



دوكتۇر، بۇ مەسىلىنى پەقەتلا « كىشىلىك مۇناسىۋەت » ياكى، ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلىپ  تولىمۇ ئوچۇق چۈشەندۈرۈپتۇ! ئەمما بۇ « گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» نىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بار! يەنى بۇ « گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دېگەن ماقالنىڭ قاراتمىلىقى ئەسلىدە « ئىنساننىڭ ئېتىقادى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم شەرت بولۇپ، گۇمان ئارىلاشقان ئەقىدە - ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ياراتقۇچى توغرىلىق ئويلىنىش» قاتارلىق ساھالەرنىڭ مۇھىم تەلىپى ئىدى. كېيىنچە بۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتتە ئىمكان بار ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ، گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىش تەشەببۇسى بىلەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى كېڭەيتىۋېتىلگەن. « شۇڭلاشقا بۇ تېمىدىن قەستەن قۇسۇر تېپىپ، پايدىلىق ئۇچۇرلارغا شالىسىنى چاچىدىغانلارنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىللە بۇ تېمىغا ئازراق تولۇقلىما ۋە تەپسىلاتنى قوشۇپ قوياي».

قۇرئان كەرىممۇ ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتتە گۇماننى پۈتۈنلەي چەكلىگىنى يوق!
پەقەت ئۆز ئائىلىسى، ئۆز مىللىتى، قېرىنداشلىرىغا قارىتا يامان نىيەتتە بولماسلىق دائىرىسىدە چاقىرىق قىلغان:
« ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار / يەنى ئائىلەڭلەردىكىلەرگە ۋە ئۆز توپلۇمىڭلارغا قارىتا گۇمانخورلۇق قىلماڭلار!
«بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر!» دېدى. قۇرئان بىزگە «بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر» دېسە، بىز بۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى بەكلا كېڭىيتىۋېتىپ، ئاخىرىدا نادانلىق بىزنى دوست - دۈشمەننى ئايرىيالمىغۇدەك دەرىجىدە دۆتلەشتۈرۈۋەتتى.

نەتىجىدە نادانلىقنىڭ يۇقىرى چېكى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، 17 - ئەسىردىكى خوجىلار ھەدىدىن  ئېشىپ، غالداننىڭ ئىستىلاسىنى « خۇدانىڭ تەقدىرى، يامان گۇمان قىلىش ئىماننى قاچۇرىدۇ » دەپ خەلقنى ئېتىقاد جەھەتتىن قالماقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مىللىتىمىزگە دىن نامىدىن زورلاپ تاڭدى.
ئاقىۋەت خەلقىمىز  1680 - يىللىرىلا :

چۆرۈلدى پەلەكنىڭ چەرخى،
ئالەمنى ئالدى قونتاجى.
خۇدانىڭ تەقدىرى شۇنداق،
ئاتام قالماق بىلەن ناجى.

دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

دۇنيا سىياسىي تارىخى ئەزەلدىن مەينەت بولۇپ كەلگەن. مانا بۈگۈن مىللىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت، ئۇچىغا چىققان گۇمانخور ۋە قۇۋ دۈشمەننىڭ قولىدا جان تالاشماقتا!  شۇڭلاشقا
« گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ!» دېگەن پەلسەپىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى ئۈزۈل - كېسىل بېكىتىش كېرەك ! مەلۇم نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، بۇ ئىدىئومنى رەت قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۇقۇم دائىرىسىنى بەلگىلىۋەتسەكلا بولدى.

ئەجداتلىرىمىز تارىختىن بۇيان  « خوشنىلىرىدىن يامان گۇمان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەپ، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ كەلدى»!

ئالايلۇق :  بۈيۈك تۇران شاھى ئالپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن بۇرۇنقى 627 - يىلى ئىران شاھى كەيخيسراۋنىڭ « يارىشىش» زىياپىتىدە ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن زەھەرلىنىپ ئۆلدى. دۆلىتى ئاجىزلاشتى.

ئاق ھونلار 427 - يىلى ساسانىيلار شاھى بەھرامنىڭ « قايمۇقتۇرۇش ھىيلىسى» تۈپەيلى تاكى ئامۇنىڭ شىمالىغىچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى». ئىرانلىقلار كۆپىنچە ۋاقىتتا تۇرانلىقلارنى خۇددى خىتايلار ئەجداتلىرىمىزغا مىكىر ئىشلىتىپ يەڭگىنىگە ئوخشاش يېڭىپ كەلگەنىدى. جەڭگاھتا يېڭىپ، ئۈستەلدە يېڭىلىدىغان قىلىق شۇلاردىن قالغان ئۇدۇم بولسا كېرەك !

 كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەن ساتۇق بۇغراخان نامەلۇم خوشنا ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ 956 - يىلى 28 - ئىيۇل ئاتۇش سۇغۇندىكى ئاقمەتتە ئۆلۈپ كەتتى. « چۈنكى ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلماندىن بۇنداق پەسلىك كېلىدىغىنىدىن گۇمان قەتئىي قىلمايتتى» .

1058 - يىلى 14 - ماي / ھىجىرىيە 450 - يىلى مەۋلۇت ئېيىنىڭ 13 - كۈنى مۇھەممەد بۇغراخان باشلىق بارلىق قاراخانىيلار خان جەمەتى ۋە دۆلەت ئاقساقاللىرى، ھەربىي قوماندانلىرى ۋە يېتۈك سىياسىيونلىرى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننىڭ تەختكە چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوردا زىياپىتىدە توقىلى زەينەپ خاتۇن تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن سالجۇقىيلارغا قاراخانىيلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش نېسىپ بولدى.« ئەسلىدە سىياسەتتە پىشقان مۇھەممەد بۇغراخان توقىلى زەينەپنىڭ قۇۋ ۋە ھىيلىگەرلىكتە داڭقى چىققان، ئاتا ۋەسىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۆز ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققان يۈزسىز مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، تەخت ئۈچۈن بۇنداق مەينەتلىك قىلىش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى».

1134 - يىلى قاراخانىلارنى پاناھ تارتىپ كەلگەن قاراخىتايلار ئاقكۆڭۈل قاراخانىيلار ئىلىكخانلىرىنى ئالداپ، ئىككى يىل ئىچىدىلا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.« ئەجەبا مەھمۇد قەشقىرى خىتاي دۆلىتىنى قۇرغان ئاپوجىنى دىۋاندا ئالۋاستى دەپ ئاتاپ، بالا - قازانىڭ كۈن چىقىشتىن كېلىدىغانلىقىنى قاراخانىيلار شۇنچە تېزلا ئۇنتۇپ كەتكەنمۇ؟!».

1171 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ دادىسى دۈشمىنى تاتارلارنىڭ زەھەرلىك قىمىزىنى ئىچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆلدى.« چۈنكى يايلاق مىللەتلىرىدە ئەلچىنى ئۆلتۈرۈش، مېھمان گەرچە ئاتىسىنىڭ قاتىلى بولسىمۇ داستىخاندا زىيانكەشلىك قىلىش ئېغىر جىنايەت سانىلاتتى. خارەزمشاھمۇ چىڭگىزخاننىڭ 500 ئەلچى ۋە سودىگىرىنى جاسۇس دەپلا ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا موڭغۇل بالاسى ياغدى.»

1866 - يىلى دېكابىردا ياقۇپبەگ بەدۆلەت خوتەننى زورلۇق بىلەن ئېلىشقا كۆزى يەتمەي، ئاخىرى ھىلە - مىكىر يولى بىلەن خوتەن شاھى ھەبىبۇللاخاننى پىيالمىغا ئالداپ ئاچىقىپ، چېدىرىغا ئەكىرىپلا ئۆلتۈرۋەتتى. تېخى ھاجى پادىشاھنىڭ مۆھۈرىنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق خوتەن ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىنى ھۆرمەت كۆرسەتكۈزۈپ، بىمالال خوتەننى ئىشغال قىلدى.« ياقۇپبەگ بۇنى نەدىن ئۆگەندى؟
1848 - يىلى رۇسلار ياقۇپبەگ ساقلاۋاتقان ئاقمەسچىت قەلئەسى يېنىدىكى « بېلىقلارنى سېتىپ بېرىش» نى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ياقۇپبەگ دەرھال نۇرغۇن پۇلغا « دەريادىكى بېلىقلارنى ساتتى». بىراق رۇسلار
« بېلىقلار سۇدا ياشايدىغان تۇرسا، بىز دەريا بىلەن قېتىپ سېتىۋالغان » دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ، دەريانى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. 1853 - يىلى بۇ قەلئەنىمۇ ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدۇ. شۇڭا ياقۇپبەگ ۋەتىنىمىزدە تامىقىنى ئاشپەزگە يېگۈزۈپ كۆرمەي يېمەيدىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ رۇسلارنىڭ ياۋۇزلىقىدىن كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلىپ قالغانىدى. ئەكسىچە ناماز ئوقۇۋاتقاندا 4 قىلىچلىق ئەسكەر قوراللىق قوغدايدىغان ھاجى پادىشاھ ئۆز ئايىغى بىلەن ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا بارغانىدى».

1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپە ساختا مۇسۇلمان تۇڭگان لى شۇفۇنىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ، سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلمايلا قورال تاشلاپ، ئۈرۈمچىگە چىقىدۇ. نەتىجىدە شۇ يىلى 6 - سېنتەبىر ئۆلتۈرىلىدۇ.

1916 - يىلى  22- ئىيۇن جۈمە / ھ 1334 - شابان 22 - كۈنى/ داڭلىق كوچا پالۋىنى سېيت نوچى ئۇچتۇرپان ئامبىلى ماشاۋۋۇ يېزىپ بەرگەن ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن قەشقەر دوتىيى ماتىتەيگە ئەكىلىپ بەرگەنلىكى تۈپەيلى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

1934 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ياخشى بىلىدىغان خوجىنىياز ھاجى ئۆز ئايىغى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى يەپ كەتكەن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. نەتىجىدە 1938 - يىلى قاتتىق قىستاققا ئېلىنىپ، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

1949 - يىلى 26 - ئاۋغۇست سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيادە ئىشەنگەن ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق سابىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى « ئايروپىلان سۇيقەستى» نامىدا كۆزدىن يوقىتىلدى. / خىتايلار ئىزچىل 28 - ئاۋغۇست دەپ چىڭ تۇرماقتا/.

خۇلاسە :   بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان جەڭگاھتا يېڭىلىپ باقمىدۇق. يېڭىلسەكمۇ ئەڭ ئاجىز ۋە نادان ۋاقىتلىرىمىزدا ئاز ساندىكى ساتقۇن ۋە خائىنلارنىڭ ماسلىشىشى سەۋەپلىك مەغلۇپ بولدۇق. بىراق ھەر قېتىم پارسلار، خىتايلار، رۇملۇقلار، كېيىنچە رۇسلار، ئېنگلىزلار ھەمدە خىتايلار بىلەن « ئۈستەلدە يا سۆھبەت ئۈستىدە يا زىياپەت ئۈستىدە مەغلۇپ بولۇپ كەلدۇق» !

ئەمدى بولسىمۇ كاللىمىزنى قورشاپ تۇرغان جاھالەت توساقلىرىنى سۈپۈرۈپ، زامانغا لايىق سەزگۈرلۈك ، ھوشيارلىق ۋە يوللۇق بولغان گۇمانخورلۇق بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ مەنىۋى توساقلىرى ۋە توزاقلىرىنى بىتچىت قىلىپ، قايتا ئورنىمىزدىن دەس تۇرايلى ! تالاي ھېساپ - كىتاپلار بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.

2019 - 4 - 1  - ئاپرىل « تىز پۈكمەسلىك كۈنى»