Monday, April 1, 2019

« گۇمان ئىماننى قاچۇرامدۇ؟» گە تولۇقلىما

دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ « گۇمان قىلسا ئىمان قاچامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار    


سايرام ئوغلانى



دوكتۇر، بۇ مەسىلىنى پەقەتلا « كىشىلىك مۇناسىۋەت » ياكى، ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلىپ  تولىمۇ ئوچۇق چۈشەندۈرۈپتۇ! ئەمما بۇ « گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» نىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بار! يەنى بۇ « گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دېگەن ماقالنىڭ قاراتمىلىقى ئەسلىدە « ئىنساننىڭ ئېتىقادى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم شەرت بولۇپ، گۇمان ئارىلاشقان ئەقىدە - ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ياراتقۇچى توغرىلىق ئويلىنىش» قاتارلىق ساھالەرنىڭ مۇھىم تەلىپى ئىدى. كېيىنچە بۇنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتتە ئىمكان بار ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ، گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىش تەشەببۇسى بىلەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى كېڭەيتىۋېتىلگەن. « شۇڭلاشقا بۇ تېمىدىن قەستەن قۇسۇر تېپىپ، پايدىلىق ئۇچۇرلارغا شالىسىنى چاچىدىغانلارنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىللە بۇ تېمىغا ئازراق تولۇقلىما ۋە تەپسىلاتنى قوشۇپ قوياي».

قۇرئان كەرىممۇ ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋەتتە گۇماننى پۈتۈنلەي چەكلىگىنى يوق!
پەقەت ئۆز ئائىلىسى، ئۆز مىللىتى، قېرىنداشلىرىغا قارىتا يامان نىيەتتە بولماسلىق دائىرىسىدە چاقىرىق قىلغان:
« ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار / يەنى ئائىلەڭلەردىكىلەرگە ۋە ئۆز توپلۇمىڭلارغا قارىتا گۇمانخورلۇق قىلماڭلار!
«بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر!» دېدى. قۇرئان بىزگە «بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر» دېسە، بىز بۇنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى بەكلا كېڭىيتىۋېتىپ، ئاخىرىدا نادانلىق بىزنى دوست - دۈشمەننى ئايرىيالمىغۇدەك دەرىجىدە دۆتلەشتۈرۈۋەتتى.

نەتىجىدە نادانلىقنىڭ يۇقىرى چېكى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، 17 - ئەسىردىكى خوجىلار ھەدىدىن  ئېشىپ، غالداننىڭ ئىستىلاسىنى « خۇدانىڭ تەقدىرى، يامان گۇمان قىلىش ئىماننى قاچۇرىدۇ » دەپ خەلقنى ئېتىقاد جەھەتتىن قالماقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مىللىتىمىزگە دىن نامىدىن زورلاپ تاڭدى.
ئاقىۋەت خەلقىمىز  1680 - يىللىرىلا :

چۆرۈلدى پەلەكنىڭ چەرخى،
ئالەمنى ئالدى قونتاجى.
خۇدانىڭ تەقدىرى شۇنداق،
ئاتام قالماق بىلەن ناجى.

دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

دۇنيا سىياسىي تارىخى ئەزەلدىن مەينەت بولۇپ كەلگەن. مانا بۈگۈن مىللىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت، ئۇچىغا چىققان گۇمانخور ۋە قۇۋ دۈشمەننىڭ قولىدا جان تالاشماقتا!  شۇڭلاشقا
« گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ!» دېگەن پەلسەپىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى ئۈزۈل - كېسىل بېكىتىش كېرەك ! مەلۇم نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، بۇ ئىدىئومنى رەت قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۇقۇم دائىرىسىنى بەلگىلىۋەتسەكلا بولدى.

ئەجداتلىرىمىز تارىختىن بۇيان  « خوشنىلىرىدىن يامان گۇمان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەپ، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ كەلدى»!

ئالايلۇق :  بۈيۈك تۇران شاھى ئالپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن بۇرۇنقى 627 - يىلى ئىران شاھى كەيخيسراۋنىڭ « يارىشىش» زىياپىتىدە ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلمىغانلىقى ئۈچۈن زەھەرلىنىپ ئۆلدى. دۆلىتى ئاجىزلاشتى.

ئاق ھونلار 427 - يىلى ساسانىيلار شاھى بەھرامنىڭ « قايمۇقتۇرۇش ھىيلىسى» تۈپەيلى تاكى ئامۇنىڭ شىمالىغىچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى». ئىرانلىقلار كۆپىنچە ۋاقىتتا تۇرانلىقلارنى خۇددى خىتايلار ئەجداتلىرىمىزغا مىكىر ئىشلىتىپ يەڭگىنىگە ئوخشاش يېڭىپ كەلگەنىدى. جەڭگاھتا يېڭىپ، ئۈستەلدە يېڭىلىدىغان قىلىق شۇلاردىن قالغان ئۇدۇم بولسا كېرەك !

 كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەن ساتۇق بۇغراخان نامەلۇم خوشنا ھاكىمىيەت تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ 956 - يىلى 28 - ئىيۇل ئاتۇش سۇغۇندىكى ئاقمەتتە ئۆلۈپ كەتتى. « چۈنكى ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلماندىن بۇنداق پەسلىك كېلىدىغىنىدىن گۇمان قەتئىي قىلمايتتى» .

1058 - يىلى 14 - ماي / ھىجىرىيە 450 - يىلى مەۋلۇت ئېيىنىڭ 13 - كۈنى مۇھەممەد بۇغراخان باشلىق بارلىق قاراخانىيلار خان جەمەتى ۋە دۆلەت ئاقساقاللىرى، ھەربىي قوماندانلىرى ۋە يېتۈك سىياسىيونلىرى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننىڭ تەختكە چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوردا زىياپىتىدە توقىلى زەينەپ خاتۇن تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن سالجۇقىيلارغا قاراخانىيلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش نېسىپ بولدى.« ئەسلىدە سىياسەتتە پىشقان مۇھەممەد بۇغراخان توقىلى زەينەپنىڭ قۇۋ ۋە ھىيلىگەرلىكتە داڭقى چىققان، ئاتا ۋەسىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۆز ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققان يۈزسىز مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، تەخت ئۈچۈن بۇنداق مەينەتلىك قىلىش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى».

1134 - يىلى قاراخانىلارنى پاناھ تارتىپ كەلگەن قاراخىتايلار ئاقكۆڭۈل قاراخانىيلار ئىلىكخانلىرىنى ئالداپ، ئىككى يىل ئىچىدىلا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.« ئەجەبا مەھمۇد قەشقىرى خىتاي دۆلىتىنى قۇرغان ئاپوجىنى دىۋاندا ئالۋاستى دەپ ئاتاپ، بالا - قازانىڭ كۈن چىقىشتىن كېلىدىغانلىقىنى قاراخانىيلار شۇنچە تېزلا ئۇنتۇپ كەتكەنمۇ؟!».

1171 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ دادىسى دۈشمىنى تاتارلارنىڭ زەھەرلىك قىمىزىنى ئىچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆلدى.« چۈنكى يايلاق مىللەتلىرىدە ئەلچىنى ئۆلتۈرۈش، مېھمان گەرچە ئاتىسىنىڭ قاتىلى بولسىمۇ داستىخاندا زىيانكەشلىك قىلىش ئېغىر جىنايەت سانىلاتتى. خارەزمشاھمۇ چىڭگىزخاننىڭ 500 ئەلچى ۋە سودىگىرىنى جاسۇس دەپلا ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا موڭغۇل بالاسى ياغدى.»

1866 - يىلى دېكابىردا ياقۇپبەگ بەدۆلەت خوتەننى زورلۇق بىلەن ئېلىشقا كۆزى يەتمەي، ئاخىرى ھىلە - مىكىر يولى بىلەن خوتەن شاھى ھەبىبۇللاخاننى پىيالمىغا ئالداپ ئاچىقىپ، چېدىرىغا ئەكىرىپلا ئۆلتۈرۋەتتى. تېخى ھاجى پادىشاھنىڭ مۆھۈرىنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق خوتەن ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىنى ھۆرمەت كۆرسەتكۈزۈپ، بىمالال خوتەننى ئىشغال قىلدى.« ياقۇپبەگ بۇنى نەدىن ئۆگەندى؟
1848 - يىلى رۇسلار ياقۇپبەگ ساقلاۋاتقان ئاقمەسچىت قەلئەسى يېنىدىكى « بېلىقلارنى سېتىپ بېرىش» نى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان ياقۇپبەگ دەرھال نۇرغۇن پۇلغا « دەريادىكى بېلىقلارنى ساتتى». بىراق رۇسلار
« بېلىقلار سۇدا ياشايدىغان تۇرسا، بىز دەريا بىلەن قېتىپ سېتىۋالغان » دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ، دەريانى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. 1853 - يىلى بۇ قەلئەنىمۇ ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدۇ. شۇڭا ياقۇپبەگ ۋەتىنىمىزدە تامىقىنى ئاشپەزگە يېگۈزۈپ كۆرمەي يېمەيدىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ رۇسلارنىڭ ياۋۇزلىقىدىن كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈپ كۆزى ئېچىلىپ قالغانىدى. ئەكسىچە ناماز ئوقۇۋاتقاندا 4 قىلىچلىق ئەسكەر قوراللىق قوغدايدىغان ھاجى پادىشاھ ئۆز ئايىغى بىلەن ياقۇپبەگنىڭ ئالدىغا بارغانىدى».

1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپە ساختا مۇسۇلمان تۇڭگان لى شۇفۇنىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ، سەمىمىيىتىدىن گۇمان قىلمايلا قورال تاشلاپ، ئۈرۈمچىگە چىقىدۇ. نەتىجىدە شۇ يىلى 6 - سېنتەبىر ئۆلتۈرىلىدۇ.

1916 - يىلى  22- ئىيۇن جۈمە / ھ 1334 - شابان 22 - كۈنى/ داڭلىق كوچا پالۋىنى سېيت نوچى ئۇچتۇرپان ئامبىلى ماشاۋۋۇ يېزىپ بەرگەن ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن قەشقەر دوتىيى ماتىتەيگە ئەكىلىپ بەرگەنلىكى تۈپەيلى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

1934 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ياخشى بىلىدىغان خوجىنىياز ھاجى ئۆز ئايىغى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى يەپ كەتكەن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. نەتىجىدە 1938 - يىلى قاتتىق قىستاققا ئېلىنىپ، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

1949 - يىلى 26 - ئاۋغۇست سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيادە ئىشەنگەن ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق سابىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى « ئايروپىلان سۇيقەستى» نامىدا كۆزدىن يوقىتىلدى. / خىتايلار ئىزچىل 28 - ئاۋغۇست دەپ چىڭ تۇرماقتا/.

خۇلاسە :   بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان جەڭگاھتا يېڭىلىپ باقمىدۇق. يېڭىلسەكمۇ ئەڭ ئاجىز ۋە نادان ۋاقىتلىرىمىزدا ئاز ساندىكى ساتقۇن ۋە خائىنلارنىڭ ماسلىشىشى سەۋەپلىك مەغلۇپ بولدۇق. بىراق ھەر قېتىم پارسلار، خىتايلار، رۇملۇقلار، كېيىنچە رۇسلار، ئېنگلىزلار ھەمدە خىتايلار بىلەن « ئۈستەلدە يا سۆھبەت ئۈستىدە يا زىياپەت ئۈستىدە مەغلۇپ بولۇپ كەلدۇق» !

ئەمدى بولسىمۇ كاللىمىزنى قورشاپ تۇرغان جاھالەت توساقلىرىنى سۈپۈرۈپ، زامانغا لايىق سەزگۈرلۈك ، ھوشيارلىق ۋە يوللۇق بولغان گۇمانخورلۇق بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ مەنىۋى توساقلىرى ۋە توزاقلىرىنى بىتچىت قىلىپ، قايتا ئورنىمىزدىن دەس تۇرايلى ! تالاي ھېساپ - كىتاپلار بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.

2019 - 4 - 1  - ئاپرىل « تىز پۈكمەسلىك كۈنى»

No comments: