Monday, April 30, 2018

ھوقۇق ۋە مەسۇليەت

ھوقۇق ۋە مەسۇليەت

مەمەت ئەمىن



بىز ھاياتىمىزدا تۇنجى ئوقۇغان كىتاپ "ئەلىپبە" بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن ھاياتىمىزدا بوي سۇنۇش زۆرۈز بولغان ھايات قانۇنيىتى - يەنى بىز ھەر بىر ئالغىنىمىزدا بىرىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك دىگەنلىك. ئىلىش بىزنىڭ ھوقۇمىز بولغاندەك، بىرىش بىزنىڭ مەسۇليىتىمىز. ھەرقانداق بىر ئەركىن دۆۋلەتتىكى ئەركىنلىكنىڭمۇ بىر چىكى ۋە شۇنىڭغا چۇشلۇق مەسۇليىتى بار. ھوقۇقنى تەكىتلەپ، مەسۇليەتنى ئۇنتۇش، خۇدى بىر نەرسىنى ئىلىپ، ئۇنىنغا پۇل تۆلەشنى ئۇنتىغاندەك بىر ئىش. 


بىزنىڭ ھەق ھوقۇقىمىز ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ مەسۇليىتىمىزدىن ئۈستۈن ئەمەس. مەسۇليىتىمىزنى ئادا قىلمىساق ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغداش كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.

كۆپۈنچىمىز بىلگەندەك 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇرەسەلدىكى ياۋروپا بىرلىكى بىناسى ئالدىدا ئىلىپ بىرىلغان 5000 كىشىلىك نامايىشنى قوللاپ قۇۋەتلەش يۈزسىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۈملىدىن ئامىركىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتون ئالاھىدە رايۇنىدا ئامىركا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گەرچە نامايىش ئومۇمى جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن بولسىمۇ،  بىراق ئاخىردا بەزى كۆڭەلسىزلىكلەر يۈز بەردى. بۇ نەخ مەيداندىكى نۇرغۇن قىرىنداشلارنى راھەتسىزلەندۈردى. نامايىشتىن كىيىن فەيىسبوك، ۋاتسئەپ قاتارلىق ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا زەنجىرسىمان رىياكسەلەر ئوتۇرغا چىقىپ، زۆرۈر بولمىغان كۆڭەلسىز ئىشلار داۋام قىلماقتا. ئۇ كۆڭەلسىزلىكلەر مەيلى نىمە سەۋەپتىن يۈز بەرگەن بولسۇن، ۋەتەندە خەلق شۈنچە ئىغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ھەرگۈزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئومۇمى مەنپەتىگە ئىغىر زىيان ئىلىپ كىلىدىغان بىر سەتچىلىك.
  

يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەنى كونتۇرۇل قىلالمىساڭ، ئۆزەڭنىڭ يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشۇڭنى كونتۇرۇل قىلغىن. بۇ سىنىڭ ئارتۇقچۇلىقىڭ.

بىزدە "يالۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ئادەم ئۆز كونتۇرۇللىقىنى يوقاتقاندا،  ئۇنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىل پاراسىتى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدۇ.  ھەر قانداق شاراھىتتا تەمكىن بولالمىغان ۋە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمىغان ئادەم ھەرگۈز چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ.  چۈنكى چوڭ ئىشلار ھىسيات بىلەن ئەمەس،  تەمكىنلىك ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.

بىز ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار، قايسى بىر دىموكىراتتىك دۆۋلەتتە بىرەر پارتىيە ياكى تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق بىر پالىيەتتە كىمنىڭ سۆز قىلىشىنى شۇ پالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بەلگۈلىمەيدۇ؟ ئامىركىدەك بىر دىموكىراتىك ئەركىن دۆۋلەتتىمۇ بىرەر پارتىيە ياكى تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان يىغىن ياكى باشقا پالىيەتتە كىمنىڭ سۆز قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بەلگۈلەيدۇ، ئەگەر بىرسى ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماي، قالايمىقان ۋاقىراپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلسا دەرھاللا ساقچىلار ئىككى قولتىقىدىن تۇتۇپ نەخ مەيداندىن چىقىرۋىتىدۇ.

ھازىر فەيىسبوكتا بولاۋاتقان بەزى مۇنازىرلەرگە قارىغاندا خىلى كۆپ ساندىكى قىرىنداشلارنىڭ ئامىركىنىڭ دىموكوراتتىيە ۋە ئەركىنلىك تۈزىمىگە بولغان چۈشەنچىسى تازا ئىنىق ئەمەسكەن. مەن تۆۋەندە ئامىركىدىكى پۇخرالارنىڭ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى توغۇرسىدا ئارزراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. 

بىلىم دىمەك نىمە سۆزلەيدىغانلىقنى بىلىش دىمەك. ئەقىل دىمەك سۆزلەش  ياكى سۆزلىمەسلىكنى بىلىش دىمەك.

ئامىركىدا ھەقىقەتەنمە ھەممە ئىنساننىڭ نامايىش قىلىش، كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى سۆزلەش ئەركىنلىكى بار. بۇنداق دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ ئامىركىدا مەسۇليەت يوق، نىمە ئىش قىلسا بولىۋىرىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ بىر رەت تەرتىۋى بار، ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەق ھوقۇقى بولغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭ مەسۇليىتىمۇ بار. بىر ئادەمنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىغان ئاساستا ھەرقانداق يەردە ئۆز نارازىلىقىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ۋە نامايىش قىلىش ھوقۇقى بار. ئەگەر بىر ئادەم شەخسى نارازىلىق بىلدۈرگەندە ۋە نامايىش قىلغاندا، ھوقۇقمۇ، مەسۇليەتمۇ شۇ ئادەمگە تەۋە بولىدۇ. بىراق بىرەر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان كۆپ ئادەم قاتناشقان كوللىكتىپ نامايىشتا، نامايىشنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مەسۇليەت نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ياكى نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچىدا بولىدۇ. ئادەم سانى مەلۇم چەك (ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇننىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا نامايىشچى سانى 25، نىيورۇك شەھەرىدە نامايىشچى سانى 20)  دىن ئاشقان ھەر قانداق بىر نامايىش ئۈچۈن چوقۇم يەرلىك ساقچىدىن رۇخسەت ئىلىش كىرەك.  

ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇنىدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئىلىشقا  مۇنھسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز.

ئوخشىمىغان شەھەر ۋە ئوخشىمىغان رايۇنلاردا نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئالىدىغان رۇخسەتكە بولغان تەلەپلەردە ئاز تولا پەرىق بار.

رۇخسەت ئىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا نامايىشنىڭ ۋاختى، ئورنى، نامايىش جەريانىدا بىسىپ ئۆتىدىغان كوچىلار، نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى (ئەڭ كۆپ بولغاندا)، نامايىشنىڭ خارەكتىرى، نامايىشنىڭ مەخسەت مۇدداسى قاتارلىقلار ئىنىق ئوتۇرغا قويۇلىشى، نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى (ئورگىنايزىر) ۋە ياكى نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچى (سپونسىر)  ئىمزا قويۇپ، نامايىشنىڭ ئۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغاندا ئوتۇرغا قويغان مەزمۇن بويىچە بولىشى، ۋە نامايىش جەريانىدا زوراۋانلىق چىقماسلىقىغا كاپالەت قىلىش مەسۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك. بۇنداق دىگەنلىك نامايىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى ياكى نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچى بىۋاستە قانۇنى مەسۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دىگەنلىك. ئەگەر نامايىش جەريانىدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، ۋەقە پەيدا قىلغۇچى جازالانغاندىن باشقا، ئاساسلىق مەسۇليەت نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى بىلەن نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچىغا كىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ياكى ئۇنىڭغا كاپالەت قىلغۇچۇنىڭ پۈتۇن نامايىش جەريانىغا مەسۇل بولۇش ھەققى بار. ئەگەر نامايىشقا قاتناشقۇچى مەسۇليەتنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھەق قوقۇقىنى بەك تەكىتلەپ كەتسە، بۇ بەكلا شەخسىيەتچىللىك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نامايىشقا ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە تەلەپلىرى بارلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە نامايىش قىلىشقا رۇخسەت ئىلىپ، نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ئادەم سانى يۇقارقى چەكلىمىدىن تۆۋەن بولغان نامايىشلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ باغچىلاردا ۋە يول بويىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان نامايىشقا چەكلىمە يوق    ياكى تۆۋەن چەكلىمە بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى خالىغان كىشىلەر خالىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزسە بولىۋىرىدۇ. ھىچكىم ئۇلارنىڭ نامايىش ۋە پىكىر قىلىشنى  چەكلىمەيدۇ.  مانا بۇ ئامىركىنىڭ خەلىققە بەرگەن نامايىش قىلىش ھوقۇقى.  

بىزدە "ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەي، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ سۆزلەۋەرسەك، سۆزلىگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى سۆز بولمايدۇ.


دۆت ئادەم بىلگىنىنى سۆزلەيدۇ، ئەقىللىق ئادەم نىمە سۆزلەيدىغاننى بىلىدۇ.

ھەقنى سۆزلەش ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەق ھوقۇقى ۋە باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى. بىراق ھەقنى سۆزلەيمەن دىگەن ئادەم ئالدى بىلەن نىمىنىڭ ھەق ئىكەنلىگىنى بىلىشى كىرەك. ئۆزىنىڭ مەلۇم ئارزۇ ئىستەكلىرىگە ماس كەلمىگەن ۋە ياكى ئۆز كۆز قارىشى بىلەن پەرىقلىق كۆز قاراشتىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىپ ئۇنى ھاقارەتلەش ھەق سۆزلەش بولمايدۇ. خاتالىق ئۆتكۇزمەيدىغان ئادەم يوق. بىز ھەممىمىز بىلىپ بىلمەي بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكىزىشىمىز مۈمكىن. ھەقنى سۆزلەش باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ، كەلگۈسى ئىشلارنى تىخىمۇ توغۇرا يولۈنۈشتە ئىلىپ بىرىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىشى ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كىرەك. ھەرگۈزمۇ ئۆز مەخسەت مۇدداسىغا يىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئىنكار قىلىش، ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ باشقىلارغا بوھتان چاپلاش ئاساسىدا بولماسلىق كىرەك.

شۇنى ئوبدان بىلىشىمىز كىرەككى مۇستەققىللىق دىگەن تەلەپ قىلغانغا بىرسى كىلىپ بىرىدىغان ياكى قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس. مۇستەققىللىق دىگەن كۇچىمىز يەتسە ئۆزىمىز ئالدىغان نەرسە. بىزنىڭ نامايىشىمىزغا قۇلاق سىلىۋاتقان ھىچ بىر ئىنساننىڭ بىز مۇستەققىللىق تەلەپ قىلغىنىمىز ئۈچۈن، بىزگە مۇستەققىلىق ئىلىپ بىرىدىغان مەجبۇريىتى يوق. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بىزدىن تارتىۋالغان دۈشمەنلەرمۇ بىزنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، بىز مۇستەققىللىقتىن باشقا نەرسە  تەلەپ قىلمايمىز دەپ شۇئار توۋلىغىنىمىزدىن قورقۇپ، بىزگە مۇستەققىللىق بىرىۋىتىدىغان ئىش يوق. بىز چوقۇم چەكلىك ئىنىرگىيەرىمىزنى بىر بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشتەك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلماستىن، شۇ ئۈمۈد قىلغان مۇستەققىللىق ئۈچۈن سەرىپ قىلايلى، كۈچىمىز يەتسە، ھەتتا ۋەتەننى بىر قوللۇق مۇستەققىل قىلىۋىتەيلى. ئۇ چاغدا بىز ئەڭ نوچى ئادەم بولىمىز.   

ئىسىل پەزىلەتلىك ئىنسان بول، بىراق ئىسىل پەزىلەتلىك ئادەم بولغانلىقىڭنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋاختىڭنى ئىسىراپ قىلما.

بىزدە يەنە "ئىززەت ئۆزدىن، كىۋەز كۈزدىن" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ھەر قانداق ئىنسان ئۆز ئىززىتىنى ساقلاش كىرەك. ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە باشقىلاردىن تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆز سۆز ھەركىتىمىز ۋە گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىمىز ئارقىلىق يارىتالايمىز. بىزنىڭ باشقىلارغا ھۈرمەت قىلىشىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۈزىمىزگە ھۈرمەت قىلىشنىڭ كاپالىتى. بىز باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيمىز.

ئەگەر بىز ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشنى يوقاتساق، بىز زاۋاللىققا يۈزلەندۇق دىمەك.


Hoquq we mesulyet


Hoquq we mesulyet

Memet Emin

Awazliq nusqisi


Biz hayatimizda tunji oqughan kitap "Elipbe" bolup, u bolsimu pütün hayatimizda boy sunush zörüz bolghan hayat qanunyiti - yeni biz her bir alghinimizda birishni unutmasliqimiz kirek digenlik. Ilish bizning hoqumiz bolghandek, birish bizning mesulyitimiz. Herqandaq bir erkin döwlettiki erkinlikningmu bir chiki we shuninggha chushluq mesulyiti bar. Hoquqni tekitlep, mesulyetni untush, xudi bir nersini ilip, uninggha pul töleshni untighandek bir ish.

Bizning heq hoquqimiz hergüzmu bizning mesulyitimizdin üstün emes. Mesulyitimizni ada qilmisaq heq hoquqimizni qoghdash kapaletke ige bolmaydu.

Köpünchimiz bilgendek 4-ayning 27-küni Bureseldiki Yawropa Birliki binasi aldida ilip birilghan 5000 kishilik namayishni qollap quwetlesh yüzsidin, dunyaning herqaysi jaylirida jümlidin Amirkining paytexti Washington DC da Amirka Uyghur Uyushmisining orunlashturishi bilen namayish ötküzülgen bolup, gerche namayish omumi jehettin ongushluq ötken bolsimu,  biraq axirda bezi köngelsizlikler yüz berdi. Bu nex meydandiki nurghun qirindashlarni rahetsizlendürdi. Namayishtin kiyin FaceBook, Whatsapp qatarliq ijtimayi taratqularda zenjirsiman riyakseler oturgha chiqip, zörür bolmighan köngelsiz ishlar dawam qilmaqta. U köngelsizlikler meyli nime seweptin yüz bergen bolsun, wetende xelq shünche ighir tehdit astida qalghan bügünki künde, u hergüzmu qobul qilishqa bolmaydighan, weten milletning omumi menpetige ighir ziyan ilip kilidighan bir setchilik.

Yüz biriwatqan weqeni konturul qilalmisang, özengning yüz biriwatqan weqege qandaq inkas qayturushungni konturul qilghin. Bu sining artuqchuliqing.

Bizde “yalwasni yenggen batur emes, achchiqni yenggen batur” deydighan ata sözi bar. Adem öz konturulliqini yoqatqanda,  uning tepekkur qilish we eqil parasiti eng töwen derijige chüshüp qalidu.  Her qandaq sharahitta temkin bolalmighan we özini konturul qilalmighan adem hergüz chong ishlarni qilalmaydu.  Chünki chong ishlar hisyat bilen emes,  temkinlik we eqil paraset bilen ishqa ashidu. 

Biz oylap baqayli qirindashlar, qaysi bir demokirattik döwlette birer partiye yaki teshkilat orunlashturghan herqandaq bir paliyette kimning söz qilishini shu paliyetni orunlashturghuchi belgülimeydu? Amirkidek bir demokiratik erkin döwlettimu birer partiye yaki teshkilat orunlashturghan yighin yaki bashqa paliyette kimning söz qilishini orunlashturghuchi belgüleydu, eger birsi orunlashturghuchining orunlashturishigha boy sunmay, qalaymiqan waqirap, qalaymiqanchiliq peyda qilsa derhalla saqchilar ikki qoltiqidin tutup nex meydandin chiqirwitidu.

Hazir FaceBook ta bolawatqan bezi munazirlerge qarighanda xili köp sandiki qirindashlarning Amirkining dimokorattiye we erkinlik tüzimige bolghan chüshenchisi taza iniq emesken. Men töwende Amirkidiki puxralarning namayish qilish erkinliki toghursida arzraq chüshenche birip ötmekchimen.

Bilim dimek nime sözleydighanliqni bilish dimek. Eqil dimek sözlesh  yaki sözlimeslikni bilish dimek

Amirkida heqiqetenme hemme insanning namayish qilish, könglidiki sözlerni sözlesh erkinliki bar. Bundaq digenlik hergüzmu Amirkida mesulyet yoq, nime ish qilsa boliwiridu digenlik emes. Her ishning bir ret tertiwi bar, her bir insanning heq hoquqi bolghan'gha oxshash, uning mesulyitimu bar. Bir ademning qanun'gha xilap qilmighan asasta herqandaq yerde öz naraziliqini oxshimighan usulda ipadilesh we namayish qilish hoquqi bar. Eger bir adem shexsi naraziliq bildürgende we namayish qilghanda, hoquqmu, mesulyetmu shu ademge tewe bolidu. Biraq birer teshkilat teripidin orunlashturghan köp adem qatnashqan kolliktip namayishta, namayishni bashqurush hoquqi we uningha bolghan mesulyet namayish orunlashturghuchi we yaki namayishqa kapalet qilghuchida bolidu. Adem sani melum chek (DC ning köpünchi jaylirida namayishchi sani 25, New York sheheride namayishchi sani 20) din ashqan her qandaq bir namayish üchün choqum yerlik saqchidin ruxset ilish kirek. 

Washington DC da namyish qilish üchün ruxset ilishqa munasiwetlik uchurlarni töwendiki ulanmidin köreleysiz
https://www.nps.gov/nama/planyourvisit/upload/10-941-Public-Gathering-Permit-and-Instructions-FINAL-08022017.pdf
Oxshimighan sheher we oxshimighan rayunlarda namayish qilish üchün aldighan ruxsetke bolghan teleplerde az tola periqler bar.

Namayishqa ruxset ilish üchün iltimas qilghanda namayishning waxti, orni, namayish jeryanidi bisip ötidighan kochilar, namayishqa qatnishidighan adem sani (eng köp bolghanda), namayishning xarektiri, namayishning mexset muddasi qatarliqlar iniq oturgha qoyulishi, namayish orunlashturghuchi (organizer) we namayishqa kapalet qilghuchi (sponsor)  imza qoyup, namayishning uningha iltimas qilghanda oturgha qoyghan mezmun boyiche bolishi, we namayish jeryanida zorawanliq chiqmasliqigha kapalet qilish mesulyitini öz üstige ilishi kirek. Bundaq digenlik namayishning ongushluq bolishigha namayish orunlashturghuchi bilen namayishqa kapalet qilghuchi biwaste qanuni mesulyetni öz üstige alidu digenlik. Eger namayish jeryanida birer weqe yüz berse, weqe peyda qilghuchu jazalan'ghandin bashqa, asasliq mesulyet namayish orunlashturghuchi bilen namayishqa kapalet qilghuchigha kilidu. Shu seweptin namayish orunlashturghuchi we yaki uningha kapalet qilghuchuning pütun namayish jeryanigha mesul bolush heqqi bar. Eger namayishqa qatnashquchi mesulyetni bir terepke qayrip qoyup, özining heq qoquqini bek tekitlep ketse, bu bekla shexsiyetchillik bolidu. Bundaq ehwal astida namayishqa oxshimighan köz qarash we telepliri barlar eng yaxshisi özining arzusi boyiche namayish qilishqa ruxset ilip, namayish urunlashtursa bolidu. Adem sani yuqarqi cheklimidin töwen bolghan namayishlar üchün, bolupmu baghchilarda we yol boyida ilip birilidighan, qatnashqa tesir yetküzmeydighan namayishlargha cheklime yoq yaki töwen cheklime bolup, bu xildiki namayishlarni xalighan kishiler xalighan waqitta ötküzse boliwiridu. Hichkim ularning pikir erkinlikini cheklimeydu. Mana bu Amirka her bir insan'gha bergen  namayish qilish hoquqi.

Bizde "eqil yashta emes bashta" deydighan ata sözi bar. Biz eqlimizni ishletmey, hisyatimizgha tayinip sözlewersek, sözligen nersining hemmisi söz bolmaydu.

Döt adem bilginini sözleydu, eqilliq adem nime sözleydighanni bilidu.

Heqni sözlesh her bir insanning heq hoquqi we bash tartip bolalmaydighan burchi. Biraq heqni sözleymen digen adem aldi bilen nimining heq ikenligini bilishi kirek. Özining melum arzu isteklirige mas kelmigen we yaki öz köz qarishi bilen periqliq köz qarashtikilerge hujum qilish, ularning shexsiyitige tigip uni haqaretlesh heq sözlesh bolmaydu. Xataliq ötkuzmeydighan adem yoq. Biz hemmimiz bilip bilmey bezi xataliqlarni ötkizishimiz mümkin. Heqni sözlesh bashqilarning xataliqini tüzütüp, kelgüsi ishlarni tiximu toghura yolünüshte ilip birishqa türtke bolush rolini oynishi we uningliq üchün xizmet qilishi kirek. Herguzmu öz mexset muddasigha yitish üchün bashqilarni inkar qilish, her xil wastilerni qollunup bashqilargha bohtan chaplash asasida bolmasliq kirek.

Shuni obdan bilishimiz kirekki musteqqilliq digen telep qilghan’gha birsi kilip biridighan yaki qolimizgha tutquzup qoyidighan nerse emes. Musteqqilliq digen küchimiz yetse özimiz aldighan nerse. Bizning namayishimizgha qulaq siliwatqan hich bir insanning biz musteqqilliq telep qilghinimiz üchün, bizge musteqqiliq ilip biridighan mejburyiti yoq. Bizning wetinimizni bizdin tartiwalghan düshmenlermu bizning kochilargha chiqip namayish qilip, biz musteqqilliqtin bashqa nerse  telep qilmaymiz dep shuar towlighinimizdin qorqup, bizge musteqqilliq biriwitidighan ish yoq. Biz choqum cheklik inirgiyerimizni bir birimizge hujum qilishtek ishlar üchün serip qilmastin, shu ümüd qilghan musteqqilliq üchün serip qilayli, küchimiz yetse, hetta wetenni bir qolluq musteqqil qiliwiteyli. U chaghda biz eng nochi adem bolimiz.

Isil peziletlik insan bol, biraq isil peziletlik adem bolghanliqingni ispatlash üchün waxtingni isirap qilma

Bizde yene "izzet özdin, kiwez küzdin" deydighan ata sözi bar. Her qandaq insan öz izzitini saqlash kirek. Izzet we hörmetke bashqilardin telep qilish arqiliq irishkili bolmaydu, uni öz söz herkitimiz we güzel exlaq pezilitimiz arqiliq yaritalaymiz. Bizning bashqilargha hürmet qilishimiz, emiliyette üzimizge hürmet qilishning kapaliti. Biz bashqilargha köyünüsh we hörmet qilish arqiliq bashqilarning özimizge bolghan hörmitige irisheleymiz.

Eger biz öz ara köyünüsh we öz ara hörmet qilishni yoqatsaq, biz zawalliqqa yüzlenduq dimek.

2018 - yil 30 - April, New York

Sunday, April 15, 2018

ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇش


ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇش
مەمەت ئەمىن

ئۆز ئۆزىنى تونۇش بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرىقلەندۇرۇش دىگەن مەنادىكى سۆز بولۇپ، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئۆزىگە خاس بولغان ئىنسانلىقىنى، مەخسەت مۇدداسىنى، بارلىق ئالاھىدىلىك ۋە كەمچىللىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئۆزىگە نىسبەتەن توغۇرا باھا بىرىش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.


ئۆز ئۆزىنى تونۇش قارىماققا ناھايتى ئاددى بىر سۆز بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ چىرايىدىكى ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتىن باشلانسىمۇ،  بىراق بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى تولۇق تونۇشى ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقىنى، بۇرنىنىڭ ئىگىز پەسلىكىنى، قىشىنىڭ قويۇق ياكى قويۇق ئەمەسلىكىنى، كۆزىنىڭ قارا ياكى كۆك رەڭلىك ئىكەنلىگىنى بىلىشتەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىر ئىنسان ئۆز خارەكتىرىنى، مىجەزىنى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى، ئوي خىيالىنى، ئۆزىنىڭ شەخىيىتىنى، مەخسەت مۇدداسىنى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى، ئەڭ موھىمى ئۆزىدىكى ئۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان تۈپ پەرىقىنى ھەم شۇنداقلا ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە يىتەرسىزلىكنى تولۇق تونۇپ يەتكەندە، ئاندىن ئۆز ئۆزىنى ھەققى ھالدا تونۇغان بولىدۇ.

ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى تونۇشى، ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۆزىنى توغۇرا تونىغان ئادەمدە رىياللىققا ئۇيغۇن بولغان ئىشەنچ شەكىللىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى ياخشى تونىغاندا، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ياخشى بەلگۈلىيەلەيدۇ. ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇغاندا، ئۆز ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ۋە باشقىلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىنالايدۇ. ئىنسان ئۆزىنى تونىدى دىگەنلىك ئۆزىنى قوبۇل قىلدى دىگەنلىك، ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلدى دىگەنلىك.

ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇش بىزنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىمايدۇ، بىراق بىزنىڭ خاتالىقىمىزدىن ساۋاق ئىلىشىمىزغا يول ئاچىدۇ.

ئۆزىنى ئۆزى يىتەرلىك ۋە توغۇرا تونىيالمىغان كىشىلەردە ئىككى خىل ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۈمكىن. بىرى ئۆزىنى داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىش، داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئەقىل پارەسەت ۋە قابىلىتىدىن گۇمانلىنىش ۋە ياكى باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق. يەنە بىرى ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۈمۈدسىزلىك ۋە باشقىلارغا چوقۇنۇش، تەنقىدكە ئالاھىدە سەزگۇر بولۇش، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىش، داۋاملىق باشقىلاردىن ئۆزىنى كەمسىتىۋاتىدۇ ياكى كۆزىگە ئىلمايۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىش، ھەر زامان ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، ۋە ئىشىك ئالدى خىزمىتىگە ھەددىدىن زىيادە  ئەھمىيەت بىرىش، يەنى ياسالمىلىق قىلىش.

مەن ئامىركىغا يىڭى كەلگەن چاغلار بولسا كىرەك، مەن ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىل ئاخىرلىق ئولتۇرۇشتا، بەزىلەرنىڭ ئالاھىدە ياسىنىپ، زىبۇ زىننەتلەرنى تاقاپ كەلگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ  ناھايتى ئاددىلا كىيىنىپ، ھەتتا خىزمەت كەيىمى بىلەن كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. مەن دەسلەپتە ئۇ ئالاھىدە ياسىنىپ كەلگەنلەرنى بۇرۇن ئادەتلەنگە ئادەت بويىچە دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى باشلىقلار ياكى چوڭ دوختۇرلار ئوخشاشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. كەيىن بىلسەم ئۇ ئالاھىدە ياسىنىپ، زىبۇ زىننەتلەرنى تاقاپ كەلگەنلەر ھەر قايسى بولۇملەردىكى كاتىپلار، ئارقا سەپتە ئىشلەيدىغانلار، ھەتتا تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىغانلار ئىكەن. ئاددىلا كەيىنگەن ياكى خىزمەت كەيىملىرى بىلەن كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بولسا، دوختۇرخانىدىكى ئاساسلىق دوختۇرلار ۋە پىشقەدەم سىستىرالار ئىكەن. مەن بۇنىڭدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقاردىمكى، ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونىمىغاندا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يىتەرلىك شەكىللەنمىگەندە ۋە ياكى ئۆز ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى شەكىللەنگەندە، ئۆزىدىكى شۇ يىتەرسىزلىكلەرنى، تاشقى قىياپەتلەر بىلەن پەدازلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يۇقۇرى قىلىپ كۆرسۈتىپ، ئۆزىدىكى ئاجىزلىق ياكى ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.

ھەممىمىز بىلگەندەك بىز ئۆي بىزىگەندە ئەڭ چىرايلىق قىلىپ ياسايدىغان ئۆي، مىھمانخانا ئۆي، يەنى باشقىلار كۆرىدىغان ئۆي. غەرىپ ئەللىرىدە بولۇپمۇ ئامىركىدا بولسا ئەڭ چىرايلىق قىلىپ ياسايدىغان ئۆي ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيى بىلەن ئۆزى ئايرىم ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانا بولۇپ، بىزدىن ئالاھىدە پەرىقلىق ئىكەن. كەيىن ئويلاپ باقسام بۇ ئىنسانلاردىكى مەدىنىيەت پەرىقى بولماستىن بەلكى ئۆز ئۆزىنى تونۇپ يەتكەنلىك ۋە ئۆز ئۆزىگە يىتەرلىك ئىشەنچ شەكىللەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. چۇنكى ئامىركىدىمۇ بوينىغا زەنجىرنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئاسىدىغانلار، تاشقى قىياپىتى ۋە "ئىشىك ئالدىنى" ئالاھىدە بىزەيدىغانلار بار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن يۇقۇرى قاتلامدىكى كىشىلەر ئەمەس ئىكەن.

ئۇنداقتا بىز ئۆز ئۆزىمىزنى تونىمىزمۇ ؟ ئەگەر تونىساق قانچىلىك تونىمىز؟

مەن بۇنداق دىسەم بەزىلەر ئۆزىنى تونىمايدىغان ئادەممۇ بارمۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ بەزىلىرىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى ياخشى تونىساقمۇ، بىراق كۆپۈنچىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى يىتەرلىك تونىمايمىز، بولۇپمۇ بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆز ئۆزىمىزنى يىتەرلىك ۋە توغۇرا تونۇمايۋاتىمىز ۋە ياكى تونىيالمايۋاتىمىز. تۆۋەندە مەن بەزى ئاددى مىساللارنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

بىز دائىم باشقىلارنىڭ بىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بولۇپمۇ بىز بەزىلەر بىز توغۇرسىدا بەزى سەلبى پىكىرلەرنى ئوتۇرغا قويغاندا ۋە ياكى بىز توغۇرسىدا سەلبى كۆز قاراشلىرنى ئوتۇرغا قويغاندا تىخىمۇ شۇنداق. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ۋە ئۆزىمىزنى باشىلارغا "توغۇرا" تونۇتۇشقا تىرىشىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ توغۇرا ئىكەنلىگى توغۇرسىدا باشقىلارنى تىخىمۇ ياخشى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن چوڭ ئەيىپ ياكى خاتالىقنıڭ باشقىلاردا ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ تىخىمۇ ناچار ئادەملەر ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيمىز. نەتىجىدە بىز ئۆزىمىز يەتمەكچى بولغان مەخسەتكە يىتەلمەي، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى تىخىمۇ خۇنۇكلەشتۈرىۋالىمىز. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى باشقىلارنىڭ بىزنى چۈشەنمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى چۈشەنمەسلىكىدە. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى تولۇق چۈشەنسەك، ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز كامىل بولسا، باشقىلارنىڭ بىز توغۇرسىدا ئوتۇرغا قويغان سەلبى كۆز قاراش ياكى تەنقىتىدىن ئۇنداق ئەندىشە قىلىشنىڭ ھىچ بىر زۆرۈريىتى يوق. ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن پەقەت ئازراق ۋاقىت كىرەك. ھەقىقى بىر باي، باشقىلارنىڭ كەمبىغەل دىيىشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ. شۇڭا بىزدە "تازنى تاز دىسە ئۆلگۈسى كىلەر، ساقنى تاز دىسە كۈلگىسى كىلەر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى يەنە بىر ئادەم خۇنۇكلەشتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەم رىياللىقتىن ھالقىپ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا باشقىلارنىڭ كەينىدىن يامان گىپىنى قىلسا، بۇ ئادەم ئۇ ئادەمنىڭ قىلغىنىنى ئەخلاقسىزلىق دەپ ئەيىپلەپ تۇرۇپ، ئۆزى ئاخىردا ئۇ ئادەم قىلغان ئىشنىڭ ئەينەئىسىنى قىلسا، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ نىمە پەرقى بولىدۇ؟

كوپۇنچىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك يىقىندا مەن تور ئارقىلىق "خىتتاي سىياسىتىنىڭ چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئىلىپ كەلگەن تەسىرى"  توغۇرسىدا بىر راي سىناش باشلىغان ئىدىم. ئەسلى مەن بۇ راي سىناشنى چەتەلدە ياشاۋاتقانلار ئۆز ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچە پەيدا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلەنگەن بولساممۇ، بىراق بەزى دوستلار ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ئوتۇرغا قويۇپ، ئەگەر بىز بۇ راي سىناشنىڭ نەتىجىسىنى ئوچۇق ئاشكارە ئىلان قىلساق، خىتتايغا ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرگەن بولىمىز دەپ ئۇنىنغا قارشى چىققان بولسا، يەنە بەزى دوستلار ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى بۇنداق راي سىناش بىلەن ئىنىقلاشنىڭ ھىچقانداق بىر ئەمىلى ئەھمىيىتى يوقلىقىنى، بىزدىكى بارلىق روھىي مەسىلىلەرنىڭ ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى، ئەگەر بىز مۇستەققىل بولۇپ ۋەتەنسىزلىككە خاتىمە بەرسەك، بىزدە مەۋجۇت بولغان روھىي ساغلاملىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۇنىنغا قارشى پىكىرلىرىنى ئوتۇرغا قويغان بولدى.

مەن گەرچە يۇقارقى پىكىرلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار دەپ قارىساممۇ، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدا ناھايتى چوڭ بىر تەرەپلىمىلىك قاراش بار دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزنى تولۇق بىلمىگەنلىكىمىزدىن ۋە ئۆز ئۆزىمىزنى بىلىشتىن قورقانلىقىمىزدىن.

بىز كىسەل بولساق دورا يەيمىز، بىز يىگەن ئۇ دورىلار گەرچە بىز گىرىپتار بولغان كىسەللىككە شىپا قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يەنىلا ئازدۇر كۆپتۇر ئەكىس تەسىر ۋە زىيىنى بار. ئۇنداقتا بىز دورىلارنىڭ شۇ ئەكىس تەسىر ۋە زىيىنىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن دورا يەيمىز، سەۋەبى ئۇ دورىلارنىڭ بىز گىرىپتار بولغان كىسەللىككە شىپا قىلغىنى ئۈچۈن. ئوخشاشلا بىز بۇنداق بىر راي سىناش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى بەزى كەمچىللىك ئوتۇرغا چىقىشى مۇمكىن، بىراق ئۇ كەمچىللىك ئوتۇرغا چىقسىمۇ ياكى ئوتۇرغا چىقمىسىمۇ بەرى بىر بىزدە مەۋجۇت بولىۋاتقان كەمچىللىك، ئۇنى دۇشمەننىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى يوشۇرساق، "كىسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە بولۇپتۇ" دىگەندەك، ئۇنى يوشۇرۇپ تىخىمۇ چوڭ زىيانغا  ئۇچۇراشتىن كۆرە، ئۇنى بايقاپ، ئۇنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلغان تىخىمۇ ياخشى. خىتتاي بىزنىڭ روھىي ھالىتىمىزنى ۋە پىسخىكىمىزنى بىلمەيدۇ ئەمەس، ئوبدان بىلىدۇ. 60 - 70 يىلدىن بىرى بىزنىڭ پىسخىكىمىزنى ئوبدان تەتقىق قىلدى ۋە بىزنى بۈگۈنكىدەك ئۆز ئارا بىر بىرىمىزگە ئورا كولايدىغا، بىر بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان ھالغا ئەكەلدى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى تىخى تولۇق بىلمىگەن ئەسلى باشقىلار ئەمەس، دەل ئۆزىمىز. ئەگەر بىز ئۆز ئۆزىمىزنى تولۇق تونىماي تۇرۇپ،  گىرىپتار بولغان كىسەلگە ئىنىق دىياگۇنۇز قويماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن داۋالاش ئىلىپ بارسماي، كەلگۇسى پىلانلار توغۇرسىدا قارار ئالساق، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىققا چۇشلۇق ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەسلىكىمىز ھەتتا بەزىدە مەغلۇپ بولىشىمىز مۈمكىن.

ئىككىنجى قاراشتا بىزدە مەۋجۇت بولغان روھىي ساغلاملىق مەسىلىلەرنى ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇستەملىكە ھايات بىلەن باغلاپ، ئەگەر بىز مۇستەققىل بولمىساق، مۇستەملىكىلىك ۋە ۋەتەنسىزلىك ھاياتقا خاتىمە بەرمىسەك، بىزدىكى مەسىلە مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ دەپ قاراش، قارىماققا توغۇردەك قىلسىمۇ، بىراق بىز ئۇنى تەتۈر تەرەپتىن قارىساق مۇستەققىل دوۋلەتلەردە ۋە ۋەتىنى بار مىللەتلەردە روھىي مەسىلە بولمايدۇ دىگەن يەكۈن چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي خاتا بىر يەكۈن. بىز مۇستەملىكە ھاياتتا ياشۋاتقىلى 1884 - يىلدىن ھىساپلىساق 134 يىل، 1949 - يىلدىن باشلاپ ھىساپلىساقمۇ 70 يىل بولاي دەپ قالدى. گرچە بىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى شۇ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتەنسىزلىك ھايات بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى بىر بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كونكىرىت ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ روھىي ساغلاملىقىدا چوڭ مۇھىت ۋە كىچىك مۇھىت يەنى كونكىرىت ئامىل قوشلاپ رول ئوينايدىغان بولۇپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەن روھىي ساغلاملىققا تەسىر قىلغان چوڭ مۇھىت يەنى ئاساسى سەۋەپ مۇستەملىكە بولسىمۇ، بىراق ئۇندىن باشقا يەنە نۇرگۇن كونكىرىت سەۋەپلەرمۇ بار. ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆۋلەتلەر گەرچە مۇستەققىل بولغىلى 60-70 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىكى مۇستەملىكە ۋاقىتتا شەكىللەنگەن نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇستەققىل بولۇپلا ياخشىلىنىپ كەتكىنى يوق. چۈنكى چوڭ مۇھىت ئۆزگەرگەن بىلەن، ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىگە سىڭىپ كەتكەن نۇرغۇن كونكىرىت ئامىللار داۋالىق رول ئوينايدۇ. ئۇندىن باشقا ئامىركا گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۇچلۇك دوۋلەتلەردىن بىرى بولسىمۇ، بىراق ئامىركا دۇنيادا روھىي ساغلاملىق مەسىلە ئەڭ ئىغىر بولغان بىر دوۋلەت. شۇڭا بىر مىللەتكە نىسبەتەن ھەرقانداق دەۋىردە ۋە ھەرقانداق شاراھىتتا ئۆز ئۆزىنى توغۇرا تونۇپ، ئۆز ئەمىلىيىتىگە قاراپ ئىش ئىلىپ بىرىش بەكلا موھىم.

بىزدىكى مۇستەملىكە ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بىز مۇستەققىل بولمىغىچە ھەل بولمايدۇ. بىز ئۇلاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالمايمىز، بىراق بەزى كونكىرىت ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، شۇ كونكىرىت مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان ئامىللارنى تونۇپ يىتىش، ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەل قىلالايمىز.

مەن يەنە بىر مىسال ئالسام، بەزىدە بىرسى مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىنى تەنقىتلەپ، بەزى تەنقىدى ماقالا يازغاندا، كۆپۈنچىمىز ئۇ خىلدىكى يازمىلارنى ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلەنمىگەن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەي مىللەتكە ئۈمۈتسىزلىك ئىلىپ كىلىشكە ئۇرۇنغان دەپ تەنقىتلەيمىز ياكى ئۇنداق يازمىنى ياخشى كۆرمەيمىز. كۆپۈنچىمىز ياخشى كۆرىدىغىنىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى ماختاش ۋە ياكى ئۆز ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى، مەدىنيىتىمىزنى نامايەن قىلىش.

ئەگەر بىز دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونىغان، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يىتەرلىك شەكىللەنگەندە ۋە شۇنىڭغا چۇشلۇق يىتەرلىك دەسمى بولغان مىللەتلەر، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى مىللەتنى رىغىبەتلەندۈرۈش ۋە دۆۋلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋاستىسى قىلغان. ئۇنداق جەمىيەتتە ئۆز ئۆزىنى ماختاش ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر توغۇرسىدا ئالاھىدە تەنتەنە قىلىشلارنى ئۇنچە كۆپ كۆرمەيمىز. ئەكسىنچە ئۆز ئۆزىنى تولۇق تونىمىغان، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تىخى يىتەرلىك يىتىشمىگەن مىللەتلەر ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارە  قىلىپ قويۇش دەپ ئەندىشە قىلىپ، ماختاش ۋە پەخىرلىنىشنى ئۆزلىرىنى رىغىبەتلەندۇرۇش ۋە دۆۋلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات قورالى قاتارىدا قوللىنىدۇ. ئۇلار ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەشتىن ۋە ياكى باشقىلار تەرىپىدىن تەنقىتلىنىشتىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىشىدۇ. ئۇنداقلار يىگىدەك تامىقى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ناھايتى باي كورسىتىشكە تىرىشىدۇ. داۋاملىق باشقىلار بىلمەي قالارمىكىن دەپ ئۆزلىرىنى بىرىنجى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە تىرىشىدۇ.

ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇل بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇئاپىق؟ قايسى خىل ئۇسۇل بىزگە نىسبەتەن مىللەتنى رىغىبەتلەندۇرۇشتە ئەڭ ئاكىتىپ رول ئوينايدۇ؟ مەنىڭچە ھەر ئىككىلىسى مۇتلەق توغۇرا ياكى مۇتلەق خاتا ئەمەس. ئەڭ توغۇرسى تەنقىد بىلەن ماختاش ياكى پەخىرلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ھەر ئىككىلىسىنى تەڭ ئىلىپ بىرىش، يەنى مۇئاپىق تەنقىت بىلەن مۇئاپىق ماختاش ۋە پەخىرلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بىر تەرەپكە ئىغىپ كەتمەسلىك. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك. ئەگەر بىز بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ماختاش، پەخىرلىنىشنى قوللاپ، تەنقىتنى ئىنكار قىلساق، ياكى تەنقىتنى ئالھىدە تەكىتلەپ، ماختاش ۋە پەخىرلىنىشنى ئىنكار قىلساق، بىز ئۆز ئۆزىمىزنى تىخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن بولمىز، ئاقىۋەتتەن ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ئىغىر زىيان تارتىمىز.

 ئۆز ئۆزىنى تونۇش خاتالىقتىن خالى بولۇش دىگەنلىك ئەمەس، بىراق بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى تۈزۈتۈش قابىلىيىتىمىز.

ئۆز ئۆزىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن ۋە ئۆزى ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار مىللەت ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەشتىن ئەندىشە قىلمايدۇ. چۈنكى مۇئاپىق ھالدا ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىش ھەرگۈزمۇ ئۆز ئۆزىمىزگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولماستىن بەلكى ئۆز ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ داۋادا دۈشمەننى توغۇرا تونۇش قانچە موھىم بولغىنىغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى توغۇرا تونۇپ يىتىشىمىزمۇ شۇنداق موھىم.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆز ئۆزىمىزنى يىتەرلىك ۋە توغۇرا تونىيالايمىز؟

بىر مىللەت ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ مىللەتكە تەۋە ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇشى كىرەك. ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇغاندا ئاندىن بىر مىللەت پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونىيالايدۇ.

ھەر بىرىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە ئوبىكتىپ جەھەتتىن قارىشىمىز كىرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈمىشىمىزنى ۋە بۈگۈنىمىزنى ياخشى كۈزۈتىشىمىز، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئىلىپ، ئۇنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز كىرەك. داۋاملىق باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ يىقىن دوستلىرىمىزنىڭ سەممى پىكىرلىرىنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ئەينەك دەپ تونۇپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئۆز ئەمىلىيىتىمىز بىلەن باغلاپ كۆرىشىمىز، بار بولسا تۈزىتىشىمىز، يوق بولسا ئۇنىڭغا بەك كىرىپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك. دالاي لاما مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بىز سۆزلىگەندە پەقەت ئۆزىمىز بىلىدىغان نەرسىنى تەكرارلايمىز، بىز پەقەت باشقىلارنى ئاڭلىغاندا ئاندىن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلەلەيمىز. دىمەك باشقىلارغا قۇلاق سىلىش، ئۈزلۈكسىز ئۈگۈنۈش ۋە كەمتەر بولۇش بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزدا بەك چوڭ رول ئوينايدۇ.



Öz özimizni tonush




Öz-özini tonush bolsa insanlarning öz-özini bashqilardin periqlendurush digen menadiki söz bolup, u bir insanning ichki we tashqi jehette özige xas bolghan insanliqini, mexset muddasini, barliq alahidilik we kemchilliklirining hemmisini toluq tonup yitip, özige nisbeten toghura baha birish digen menani bildüridu.


Öz-özini tonush qarimaqqa nahayti addi bir söz bolsimu we uning tunji qedimi eynekke qarap özining chirayidiki alahidilikini tonushtin bashlansimu,  biraq bir insanning öz-özini toluq tonushi eynekke qarap, özining chirayining qandaqliqini, burnining igiz peslikini, qishining qoyuq yaki qoyuq emeslikini, közining qara yaki kök renglik ikenligini bilishtek undaq addi emes. Bir insan öz xarektirini, mijezini, tepekkur qilish usulini, oy xiyalini, özining shexiyitini, mexset muddasini we eqil parasitini, eng mohimi özidiki u alahidiliklerning bashqilar bilen bolghan tüp periqini hem shundaqla özidiki kemchillik we yitersizlikni toluq tonup yetkende, andin öz-özini heqqi halda tonughan bolidu.

Insanning öz-özini tonushi, insanning özige bolghan ishenchisini turghuzushta nahayti mohim rol oynaydighan bolup, özini toghura tonighan ademde riyalliqqa uyghun bolghan ishench shekillinidu. Insan özini yaxshi tonighanda, özining ornini yaxshi belgüliyeleydu. Insan öz-özini yaxshi tonughanda, öz-özini kemsitishtin we bashqilargha choqunushtin saqlinalaydu. Insan özini tonidi digenlik özini qobul qildi digenlik, özining qedir qimmitini bildi digenlik.

Öz özimizni tonush bizni xataliq ötküzüshtin saqlimaydu, biraq bizning xataliqimizdin sawaq ilishimizgha yol achidu.

Özini özi yiterlik we toghura toniyalmighan kishilerde ikki xil ehwal kilip chiqishi mümkin. Biri özini dawamliq bashqilarning üstige qoyup, özige heddidin ziyade ishinip kitish, dawamliq bashqilarning eqil pareset we qabilitidin gumanlinish we yaki bashqilarni közge ilmasliq. Yene biri özini kemsitish, özige ishenmeslik, ümüdsizlik we bashqilargha choqunush, tenqidke alahide sezgur bolush, bashqilarning özige qandaq qarishidin bek endishe qilish, dawamliq bashqilardin özini kemsitiwatidu yaki közige ilmaywatidu dep guman qilish, her zaman özining tashqi qiyapitige, we ishik aldi xizmitige heddidin ziyade  ehmiyet birish, yeni yasalmiliq qilish.

Men Amirkigha yingi kelgen chaghlar bolsa kirek, men ishleydighan doxturxanida her yili ötküzülidighan yil axirliq olturushta, bezilerning alahide yasinip, zibu zinnetlerni taqap kelgenlikini, bezilerning  nahayti addila kiyinip, hetta xizmet keyimi bilen kelgenlikini bayqidim. Men deslepte u alahide yasinip kelgenlerni burun adetlen'ge adet boyiche doxturxanining yuquri qatlimidiki bashliqlar yaki chong doxturlar oxshashaydu dep oylaptimen. Keyin bilsem u alahide yasinip, zibu zinnetlerni taqap kelgenler her qaysi bolumlerdiki katiplar, arqa septe ishleydighanlar, hetta taziliq ishlirini qilidighanlar iken. Addila keyin'gen yaki xizmet keyimliri bilen kelgenlerning köpünchisi bolsa, doxturxanidiki asasliq doxturlar we pishqedem sistiralar iken. Men buningdin shundaq bir xulase chiqardimki, insan öz özini yaxshi tonimighanda, özige bolghan ishench yiterlik shekillenmigende we yaki öz-özini kemsitish tuyghusi shekillen'gende, özidiki shu yitersizliklerni, tashqi qiyapetler bilen pedazlash arqiliq özlirini yuquri qilip körsütip, özidiki ajizliq yaki özining jemiyettiki ornini yoshurushqa tirishidiken.

Hemmimiz bilgendek biz öy bizigende eng chirayliq qilip yasaydighan öy, mihmanxana öy, yeni bashqilar köridighan öy. Gherip elliride bolupmu Amirkida bolsa eng chirayliq qilip yasaydighan öy özining yataq öyi bilen özi ayrim ishlitidighan hajetxana bolup, bizdin alahide periqliq iken. Keyin oylap baqsam bu insanlardiki mediniyet periqi bolmastin belki öz özini tonup yetkenlik we öz özige yiterlik ishench shekillen'genlikning ipadisi iken. Chunki Amirkidimu boynigha zenjirning eng chongini asidighanlar, tashqi qiyapiti we "ishik aldini" alahide bizeydighanlar bar bolup, ular asasen yuquri qatlamdiki kishiler emes iken.

Undaqta biz öz özimizni tonimizmu ? Eger tonisaq qanchilik tonimiz?

Men bundaq disem beziler özini tonimaydighan ademmu barmu dep sorishi mumkin. Emiliyette bizning bezilirimiz öz-özimizni yaxshi tonisaqmu, biraq köpünchimiz öz-özimizni yiterlik tonimaymiz, bolupmu biz bir millet süpitide öz özimizni yiterlik we toghura tonumaywatimiz we yaki toniyalmaywatimiz. Töwende men bezi addi misallarni körsütüsh arqiliq bu jehette öz köz qarashlirimni oturgha qoyup ötmekchimen.

Biz daim bashqilarning bizni xata chüshünüp qilishidin endishe qilimiz. Bolupmu biz beziler biz toghursida bezi selbi pikirlerni oturgha qoyghanda we yaki biz toghursida selbi köz qarashlirni oturgha qoyghanda tiximu shundaq. Bundaq ehwal astida biz özimizni aqlashqa we özimizni bashilargha "toghura" tonutushqa tirishimiz, hetta özimizning toghura ikenligi toghursida bashqilarni tiximu yaxshi ishendürüsh üchün chong eyip yaki xataliqnıng bashqilarda ikenligini, ularning tiximu nachar ademler ikenligini tekitleymiz. Netijide biz özimiz yetmekchi bolghan mexsetke yitelmey, özimizning obrazini tiximu xunukleshtüriwalimiz. Buning asasliq sewebi bashqilarning bizni chüshenmeslikide emes, belki özimizning özimizni chüshenmeslikide. Eger biz özimizni toluq chüshensek, özimizge ishenchimiz kamil bolsa, bashqilarning biz toghursida oturgha qoyghan selbi köz qarash yaki tenqitidin undaq endishe qilishning hich bir zörüryiti yoq. Heqiqet haman heqiqet, uningliq üchün peqet azraq waqit kirek. Heqiqi bir bay, bashqilarning kembighel diyishidin endishe qilmaydu. Shunga bizde "Tazni taz dise ölgüsi kiler, saqni taz dise külgisi kiler" deydighan ata sözi bar. Bir ademning obrazini yene bir adem xunukleshtürelmeydu. Eger bir adem riyalliqtin halqip, emiliyetke uyghun bolmighan halda bashqilarning keynidin yaman gipini qilsa, bu adem u ademning qilghinini exlaqsizliq dep eyiplep turup, özi axirda u adem qilghan ishning eyneisini qilsa, bu ikki ademning nime perqi bolidu? 

Kopunchimizning xewiri bolghandek yiqinda men tor arqiliq "xittay siyasitining cheteldiki Uyghurlarning rohiy saghlamliqigha ilip kelgen tesiri"  toghursida bir ray sinash bashlighan idim. Esli men bu ray sinashni chetelde yashawatqanlar öz özimizning rohiy halitige nisbeten melum chüshenche peyda qilishning eng yaxshi pursiti dep bilen'gen bolsammu, biraq bezi dostlar özlirining endishisini oturgha qoyup, eger biz bu ray sinashning netijisini ochuq ashkare ilan qilsaq, xittaygha özimizning ajizliqini bildürgen bolimiz dep uningha qarshi chiqqan bolsa, yene bezi dostlar Uyghurlarning rohiy halitini bundaq ray sinash bilen iniqlashning hichqandaq bir emili ehmiyiti yoqliqini, bizdiki barliq rohiy mesililerning wetensizlik we mustemlike astidiki hayat bilen munasiwetlik ikenligini, eger biz musteqqil bolup wetensizlikke xatime bersek, bizde mewjut bolghan rohiy saghlamliq mesililerning hel bolidighanliqini oturgha qoyup uningha qarshi pikirlirini oturgha qoyghan boldi.

Men gerche yuqarqi pikirlerning özige chushluq asasi bar dep qarisammu, biraq yene bir tereptin uningda nahayti chong bir tereplimilik qarash bar dep qaraymen. Uning asasliq sewebi bizning öz özimizni toluq bilmigenlikimizdin we öz-özimizni bilishtin qorqanliqimizdin.

Biz kisel bolsaq dora yeymiz, biz yigen u dorilar gerche biz giriptar bolghan kisellikke shipa qilsimu, biraq ularning yenila azdur köptur ekis tesir we ziyini bar. Undaqta biz dorilarning shu ekis tesir we ziyinini bilip turup yene nime üchün dora yeymiz, sewebi u dorilarning biz giriptar bolghan kisellikke shipa qilghini üchün. Oxshashla biz bundaq bir ray sinash arqiliq özimizdiki bezi kemchillik oturgha chiqishi mumkin, biraq u kemchillik oturgha chiqsimu yaki oturgha chiqmisimu beri bir bizde mewjut boliwatqan kemchillik, uni dushmenning bilip qilishidin endishe qilip, uni yoshursaq, "kiselni yoshursang ölüm ashkare boluptu" digendek, uni yoshurup tiximu chong ziyan'gha  uchurashtin köre, uni bayqap, uni waxtida bir terep qilghan tiximu yaxshi. Xittay bizning rohiy halitimizni we pisxikimizni bilmeydu emes, obdan bilidu. 60-70 yildin biri bizning pisxikimizni obdan tetqiq qildi we bizni bügünkidek öz ara bir birimizge ora kolaydigha, bir birimizge hujum qilidighan halgha ekeldi. Bizning ehwalimizni tixi toluq bilmigen esli bashqilar emes, del özimiz. Eger biz öz-özimizni toluq tonimay turup,  giriptar bolghan kiselge iniq diyagunuz qoymay turup, uninggha nisbeten dawalash ilip barsmay, kelgusi pilanlar toghursida qarar alsaq, körsetken tirishchanliqqa chushluq yaxshi ünümge irishelmeslikimiz hetta bezide meghlup bolishimiz mümkin.

Ikkinji qarashta bizde mewjut bolghan rohiy saghlamliq mesililerni wetensizlik we mustemlike hayat bilen baghlap, eger biz musteqqil bolmisaq, mustemlikilik we wetensizlik hayatqa xatime bermisek, bizdiki mesile menggü hel bolmaydu dep qarash, qarimaqqa toghurdek qilsimu, biraq biz uni tetür tereptin qarisaq musteqqil dowletlerde we wetini bar milletlerde rohiy mesile bolmaydu digen yekün chiqidu. Emiliyette bu pütünley xata bir yekün. Biz mustemlike hayatta yashwatqili 1884 - yildin hisaplisaq 134 yil, 1949 - yildin bashlap hisaplisaqmu 70 yil bolay dep qaldi. Grche bizdiki nurghun mesililerning yiltizi shu mustemlike astidiki wetensizlik hayat bolsimu, yene nurghun mesililer kündülük turmushimizdiki bezi bir biz bilen biwaste munasiwetlik konkirit amillar bilen munasiwetlik.

Her qandaq bir insanning rohiy saghlamliqida chong muhit we kichik muhit yeni konkirit amil qoshlap rol oynaydighan bolup, mustemlike astidiki milletlerge nisbeten rohiy saghlamliqqa tesir qilghan chong muhit yeni asasi sewep mustemlike bolsimu, biraq undin bashqa yene nurgun konkirit seweplermu bar. Afriqidiki nurghun döwletler gerche musteqqil bolghili 60-70 yil bolghan bolsimu, biraq ulardiki mustemlike waqitta shekillen’gen nurghun mesililer musteqqil bolupla yaxshilinip ketkini yoq. Chünki chong muhit özgergen bilen, insanlarning rohiy halitige singip ketken nurghun konkirit amillar dawaliq rol oynaydu. Undin bashqa Amirka gerche dunyadiki eng kuchluk dowletlerdin biri bolsimu, biraq Amirka dunyada rohiy saghlamliq mesile eng ighir bolghan bir dowlet. Shunga bir milletke nisbeten herqandaq dewirde we herqandaq sharahitta öz-özini toghura tonup, öz emiliyitige qarap ish ilip birish bekla mohim.

Bizdiki mustemlike hayat bilen munasiwetlik nurghun mesililer biz musteqqil bolmighiche hel bolmaydu. Biz ularda qisqa waqit ichide özgürüsh peyda qilalmaymiz, biraq bezi konkirit amillar bilen munasiwetlik mesililerni, shu konkirit mesililerni peyda qilghan amillarni tonup yitish, we uningliq üchün bezi tirishchanliqlarni körsütüsh arqiliq ularni hel qilalaymiz.

Men yene bir misal alsam, bezide birsi milletning illetlirini tenqitlep, bezi tenqidi maqala yazghanda, köpünchimiz u xildiki yazmilarni öz millitidin pexirlenmigen we yaki özining artuqchiliqini körmey milletke ümütsizlik ilip kilishke urun'ghan dep tenqitleymiz yaki undaq yazmini yaxshi körmeymiz. Köpünchimiz yaxshi köridighinimiz öz-özimizni maxtash we yaki öz özimizdin pexirlinip, özimizning shanliq tariximizni, medinyitimizni namayen qilish.

Eger biz dunyagha nezer salidighan bolsaq, öz-özini yaxshi tonighan, öz-özige bolghan ishench yiterlik shekillen'gende we shuninggha chushluq yiterlik desmi bolghan milletler, öz özini tenqit qilishni milletni righibetlendürüsh we döwletni tereqqi qildurushning asasliq wastisi qilghan. Undaq jemiyette öz özini maxtash we qolgha keltürgen netijiler toghursida alahide tentene qilishlarni unche köp körmeymiz. Eksinche öz-özini toluq tonimighan, öz-özige bolghan ishenchisi tixi yiterlik yitishmigen milletler öz-özini tenqit qilishni özlirining ajizliqini ashkare  qilip qoyush dep endishe qilip, maxtash we pexirlinishni özlirini righibetlendurush we döwletni tereqqi qildurushning asasliq teshwiqat qorali qatarida qollinidu. Ular öz-özini tenqitleshtin we yaki bashqilar teripidin tenqitlinishtin alahide endishe qilishidu. Undaqlar yigidek tamiqi bolmisimu özlirini nahayti bay korsitishke tirishidu. Dawamliq bashqilar bilmey qalarmikin dep özlirini birinji qilip körsütüshke tirishidu.

Undaqta qaysi xil usul bizge nisbeten eng muapiq? Qaysi xil usul bizge nisbeten milletni righibetlendurushte eng akitip rol oynaydu? Meningche her ikkilisi mutleq toghura yaki mutleq xata emes. Eng toghursi tenqid bilen maxtash yaki pexirlinishni tengpunglashturush, her ikkilisini teng ilip birish, yeni muapiq tenqit bilen muapiq maxtash we pexirlinishni birleshtürüsh we bir terepke ighip ketmeslik. Uningliq üchün aldi bilen öz-özimizni yaxshi tonup yitishimiz kirek. Eger biz bir tereplimilik halda maxtash, pexirlinishni qollap, tenqitni inkar qilsaq, yaki tenqitni alhide tekitlep, maxtash we pexirlinishni inkar qilsaq, biz öz- özimizni tixi toluq tonup yetmigen bolmiz, aqiwetten öz özimizni aldighan bolimiz we ighir ziyan tartimiz.

 Öz özini tonush xataliqtin xali bolush digenlik emes, biraq bizning xataliqimizni tüzütüsh qabiliyitimiz.

Öz özini toluq tonup yetken we özi özige ishenchisi bar millet öz-özini tenqitleshtin endishe qilmaydu. Chünki muapiq halda öz özimizni tenqit qilish hergüzmu öz-özimizge hörmet qilmighanliq bolmastin belki öz-özimizning ajizliqini toluqlash üchün akitip rol oynaydu. Bizning dawada düshmenni toghura tonush qanche mohim bolghinigha oxshash, özimizning özimizni toghura tonup yitishimizmu shundaq mohim.

Undaqta qandaq qilghanda öz özimizni yiterlik we toghura toniyalaymiz?

Bir millet öz-özini yaxshi tonush üchün aldi bilen shu milletke tewe her bir insan öz-özini yaxshi tonushi kirek. Her bir insan öz-özini yaxshi tonughanda andin bir millet pütün bir millet bolush süpiti bilen öz-özini yaxshi toniyalaydu.

Her birimiz öz-özimizni yaxshi tonush üchün aldi bilen her birimiz özimizge obiktip jehettin qarishimiz kirek. Özimizning ötmümishimizni we bügünimizni yaxshi küzütishimiz, ötmüshtin sawaq ilip, uni bügünimiz üchün xizmet qildurishimiz kirek. Dawamliq bashqilarning pikrige qulaq silishimiz, bashqilarning bolupmu yiqin dostlirimizning semmi pikirlirini özimizge nisbeten eynek dep tonup, ularning tenqidi pikirlirini öz emiliyitimiz bilen baghlap körishimiz, bar bolsa tüzitishimiz, yoq bolsa uninggha bek kirip ketmeslikimiz kirek. Dalay Lama mundaq digen iken, "Biz sözligende peqet özimiz bilidighan nersini tekrarlaymiz, biz peqet bashqilarni anglighanda andin bilmigen nersilerni bileleymiz. Dimek bashqilargha qulaq silish, üzlüksiz ügünüsh we kemter bolush bizning öözimizni tonushimizda bek chong rol oynaydu. 




2018 - yil 15 - April New York