Monday, April 30, 2018

ھوقۇق ۋە مەسۇليەت

ھوقۇق ۋە مەسۇليەت

مەمەت ئەمىن



بىز ھاياتىمىزدا تۇنجى ئوقۇغان كىتاپ "ئەلىپبە" بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن ھاياتىمىزدا بوي سۇنۇش زۆرۈز بولغان ھايات قانۇنيىتى - يەنى بىز ھەر بىر ئالغىنىمىزدا بىرىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك دىگەنلىك. ئىلىش بىزنىڭ ھوقۇمىز بولغاندەك، بىرىش بىزنىڭ مەسۇليىتىمىز. ھەرقانداق بىر ئەركىن دۆۋلەتتىكى ئەركىنلىكنىڭمۇ بىر چىكى ۋە شۇنىڭغا چۇشلۇق مەسۇليىتى بار. ھوقۇقنى تەكىتلەپ، مەسۇليەتنى ئۇنتۇش، خۇدى بىر نەرسىنى ئىلىپ، ئۇنىنغا پۇل تۆلەشنى ئۇنتىغاندەك بىر ئىش. 


بىزنىڭ ھەق ھوقۇقىمىز ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ مەسۇليىتىمىزدىن ئۈستۈن ئەمەس. مەسۇليىتىمىزنى ئادا قىلمىساق ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغداش كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ.

كۆپۈنچىمىز بىلگەندەك 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇرەسەلدىكى ياۋروپا بىرلىكى بىناسى ئالدىدا ئىلىپ بىرىلغان 5000 كىشىلىك نامايىشنى قوللاپ قۇۋەتلەش يۈزسىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۈملىدىن ئامىركىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگىتون ئالاھىدە رايۇنىدا ئامىركا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گەرچە نامايىش ئومۇمى جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن بولسىمۇ،  بىراق ئاخىردا بەزى كۆڭەلسىزلىكلەر يۈز بەردى. بۇ نەخ مەيداندىكى نۇرغۇن قىرىنداشلارنى راھەتسىزلەندۈردى. نامايىشتىن كىيىن فەيىسبوك، ۋاتسئەپ قاتارلىق ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا زەنجىرسىمان رىياكسەلەر ئوتۇرغا چىقىپ، زۆرۈر بولمىغان كۆڭەلسىز ئىشلار داۋام قىلماقتا. ئۇ كۆڭەلسىزلىكلەر مەيلى نىمە سەۋەپتىن يۈز بەرگەن بولسۇن، ۋەتەندە خەلق شۈنچە ئىغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ھەرگۈزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئومۇمى مەنپەتىگە ئىغىر زىيان ئىلىپ كىلىدىغان بىر سەتچىلىك.
  

يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەنى كونتۇرۇل قىلالمىساڭ، ئۆزەڭنىڭ يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشۇڭنى كونتۇرۇل قىلغىن. بۇ سىنىڭ ئارتۇقچۇلىقىڭ.

بىزدە "يالۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ئادەم ئۆز كونتۇرۇللىقىنى يوقاتقاندا،  ئۇنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىل پاراسىتى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدۇ.  ھەر قانداق شاراھىتتا تەمكىن بولالمىغان ۋە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمىغان ئادەم ھەرگۈز چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ.  چۈنكى چوڭ ئىشلار ھىسيات بىلەن ئەمەس،  تەمكىنلىك ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.

بىز ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار، قايسى بىر دىموكىراتتىك دۆۋلەتتە بىرەر پارتىيە ياكى تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق بىر پالىيەتتە كىمنىڭ سۆز قىلىشىنى شۇ پالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بەلگۈلىمەيدۇ؟ ئامىركىدەك بىر دىموكىراتىك ئەركىن دۆۋلەتتىمۇ بىرەر پارتىيە ياكى تەشكىلات ئورۇنلاشتۇرغان يىغىن ياكى باشقا پالىيەتتە كىمنىڭ سۆز قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بەلگۈلەيدۇ، ئەگەر بىرسى ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنماي، قالايمىقان ۋاقىراپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلسا دەرھاللا ساقچىلار ئىككى قولتىقىدىن تۇتۇپ نەخ مەيداندىن چىقىرۋىتىدۇ.

ھازىر فەيىسبوكتا بولاۋاتقان بەزى مۇنازىرلەرگە قارىغاندا خىلى كۆپ ساندىكى قىرىنداشلارنىڭ ئامىركىنىڭ دىموكوراتتىيە ۋە ئەركىنلىك تۈزىمىگە بولغان چۈشەنچىسى تازا ئىنىق ئەمەسكەن. مەن تۆۋەندە ئامىركىدىكى پۇخرالارنىڭ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى توغۇرسىدا ئارزراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. 

بىلىم دىمەك نىمە سۆزلەيدىغانلىقنى بىلىش دىمەك. ئەقىل دىمەك سۆزلەش  ياكى سۆزلىمەسلىكنى بىلىش دىمەك.

ئامىركىدا ھەقىقەتەنمە ھەممە ئىنساننىڭ نامايىش قىلىش، كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى سۆزلەش ئەركىنلىكى بار. بۇنداق دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ ئامىركىدا مەسۇليەت يوق، نىمە ئىش قىلسا بولىۋىرىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ بىر رەت تەرتىۋى بار، ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەق ھوقۇقى بولغانغا ئوخشاش، ئۇنىڭ مەسۇليىتىمۇ بار. بىر ئادەمنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىغان ئاساستا ھەرقانداق يەردە ئۆز نارازىلىقىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلەش ۋە نامايىش قىلىش ھوقۇقى بار. ئەگەر بىر ئادەم شەخسى نارازىلىق بىلدۈرگەندە ۋە نامايىش قىلغاندا، ھوقۇقمۇ، مەسۇليەتمۇ شۇ ئادەمگە تەۋە بولىدۇ. بىراق بىرەر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان كۆپ ئادەم قاتناشقان كوللىكتىپ نامايىشتا، نامايىشنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مەسۇليەت نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ياكى نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچىدا بولىدۇ. ئادەم سانى مەلۇم چەك (ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇننىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا نامايىشچى سانى 25، نىيورۇك شەھەرىدە نامايىشچى سانى 20)  دىن ئاشقان ھەر قانداق بىر نامايىش ئۈچۈن چوقۇم يەرلىك ساقچىدىن رۇخسەت ئىلىش كىرەك.  

ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايۇنىدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئىلىشقا  مۇنھسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز.

ئوخشىمىغان شەھەر ۋە ئوخشىمىغان رايۇنلاردا نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئالىدىغان رۇخسەتكە بولغان تەلەپلەردە ئاز تولا پەرىق بار.

رۇخسەت ئىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا نامايىشنىڭ ۋاختى، ئورنى، نامايىش جەريانىدا بىسىپ ئۆتىدىغان كوچىلار، نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى (ئەڭ كۆپ بولغاندا)، نامايىشنىڭ خارەكتىرى، نامايىشنىڭ مەخسەت مۇدداسى قاتارلىقلار ئىنىق ئوتۇرغا قويۇلىشى، نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى (ئورگىنايزىر) ۋە ياكى نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچى (سپونسىر)  ئىمزا قويۇپ، نامايىشنىڭ ئۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغاندا ئوتۇرغا قويغان مەزمۇن بويىچە بولىشى، ۋە نامايىش جەريانىدا زوراۋانلىق چىقماسلىقىغا كاپالەت قىلىش مەسۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك. بۇنداق دىگەنلىك نامايىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى ياكى نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچى بىۋاستە قانۇنى مەسۇليەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دىگەنلىك. ئەگەر نامايىش جەريانىدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، ۋەقە پەيدا قىلغۇچى جازالانغاندىن باشقا، ئاساسلىق مەسۇليەت نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى بىلەن نامايىشقا كاپالەت قىلغۇچىغا كىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن نامايىش ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ياكى ئۇنىڭغا كاپالەت قىلغۇچۇنىڭ پۈتۇن نامايىش جەريانىغا مەسۇل بولۇش ھەققى بار. ئەگەر نامايىشقا قاتناشقۇچى مەسۇليەتنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھەق قوقۇقىنى بەك تەكىتلەپ كەتسە، بۇ بەكلا شەخسىيەتچىللىك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نامايىشقا ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە تەلەپلىرى بارلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە نامايىش قىلىشقا رۇخسەت ئىلىپ، نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ئادەم سانى يۇقارقى چەكلىمىدىن تۆۋەن بولغان نامايىشلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ باغچىلاردا ۋە يول بويىدا ئىلىپ بىرىلىدىغان، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان نامايىشقا چەكلىمە يوق    ياكى تۆۋەن چەكلىمە بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى خالىغان كىشىلەر خالىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزسە بولىۋىرىدۇ. ھىچكىم ئۇلارنىڭ نامايىش ۋە پىكىر قىلىشنى  چەكلىمەيدۇ.  مانا بۇ ئامىركىنىڭ خەلىققە بەرگەن نامايىش قىلىش ھوقۇقى.  

بىزدە "ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلەتمەي، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ سۆزلەۋەرسەك، سۆزلىگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى سۆز بولمايدۇ.


دۆت ئادەم بىلگىنىنى سۆزلەيدۇ، ئەقىللىق ئادەم نىمە سۆزلەيدىغاننى بىلىدۇ.

ھەقنى سۆزلەش ھەر بىر ئىنساننىڭ ھەق ھوقۇقى ۋە باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى. بىراق ھەقنى سۆزلەيمەن دىگەن ئادەم ئالدى بىلەن نىمىنىڭ ھەق ئىكەنلىگىنى بىلىشى كىرەك. ئۆزىنىڭ مەلۇم ئارزۇ ئىستەكلىرىگە ماس كەلمىگەن ۋە ياكى ئۆز كۆز قارىشى بىلەن پەرىقلىق كۆز قاراشتىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىپ ئۇنى ھاقارەتلەش ھەق سۆزلەش بولمايدۇ. خاتالىق ئۆتكۇزمەيدىغان ئادەم يوق. بىز ھەممىمىز بىلىپ بىلمەي بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكىزىشىمىز مۈمكىن. ھەقنى سۆزلەش باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ، كەلگۈسى ئىشلارنى تىخىمۇ توغۇرا يولۈنۈشتە ئىلىپ بىرىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىشى ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كىرەك. ھەرگۈزمۇ ئۆز مەخسەت مۇدداسىغا يىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى ئىنكار قىلىش، ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ باشقىلارغا بوھتان چاپلاش ئاساسىدا بولماسلىق كىرەك.

شۇنى ئوبدان بىلىشىمىز كىرەككى مۇستەققىللىق دىگەن تەلەپ قىلغانغا بىرسى كىلىپ بىرىدىغان ياكى قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس. مۇستەققىللىق دىگەن كۇچىمىز يەتسە ئۆزىمىز ئالدىغان نەرسە. بىزنىڭ نامايىشىمىزغا قۇلاق سىلىۋاتقان ھىچ بىر ئىنساننىڭ بىز مۇستەققىللىق تەلەپ قىلغىنىمىز ئۈچۈن، بىزگە مۇستەققىلىق ئىلىپ بىرىدىغان مەجبۇريىتى يوق. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بىزدىن تارتىۋالغان دۈشمەنلەرمۇ بىزنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، بىز مۇستەققىللىقتىن باشقا نەرسە  تەلەپ قىلمايمىز دەپ شۇئار توۋلىغىنىمىزدىن قورقۇپ، بىزگە مۇستەققىللىق بىرىۋىتىدىغان ئىش يوق. بىز چوقۇم چەكلىك ئىنىرگىيەرىمىزنى بىر بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشتەك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلماستىن، شۇ ئۈمۈد قىلغان مۇستەققىللىق ئۈچۈن سەرىپ قىلايلى، كۈچىمىز يەتسە، ھەتتا ۋەتەننى بىر قوللۇق مۇستەققىل قىلىۋىتەيلى. ئۇ چاغدا بىز ئەڭ نوچى ئادەم بولىمىز.   

ئىسىل پەزىلەتلىك ئىنسان بول، بىراق ئىسىل پەزىلەتلىك ئادەم بولغانلىقىڭنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋاختىڭنى ئىسىراپ قىلما.

بىزدە يەنە "ئىززەت ئۆزدىن، كىۋەز كۈزدىن" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ھەر قانداق ئىنسان ئۆز ئىززىتىنى ساقلاش كىرەك. ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە باشقىلاردىن تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆز سۆز ھەركىتىمىز ۋە گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىمىز ئارقىلىق يارىتالايمىز. بىزنىڭ باشقىلارغا ھۈرمەت قىلىشىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۈزىمىزگە ھۈرمەت قىلىشنىڭ كاپالىتى. بىز باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيمىز.

ئەگەر بىز ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشنى يوقاتساق، بىز زاۋاللىققا يۈزلەندۇق دىمەك.


No comments: