Saturday, May 5, 2018

تەنقىت ۋە ئۆز- ئۆزىمىزنى تەنقىت


مەمەت ئىمىن

     تەنقىت قىلىش بولسا ھەر قانداق جەمىيەتتە ۋە شۇ جەمىيەتنى تەشكىل قىلغان ھەر بىر ئىنساندا كەم بولسا بولمايدىغان، جەمىيەتتىكى خاتالىقلارنى،  يامان ئىللەتلەرنى،  ئادالەتسىزلىك ۋە ناھاقچىلىقلارنى ئەيىپلەپ،  جەمىيەتتە جۈملىدىن شۇ جەمىيەتتىكى ھەر بىر ئىنساندا ئۈزلىكسىز ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىشتا موھىم رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

      تەنقىت قىلىش،  ئۇنىڭ ئوبىكتىغا قاراپ باشقىلارنى تەنقىتلەش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىتلەش دەپ ئىككىگە بۆلۈنسە،  ئۇنىڭ مەخسەت مۇددائاسى ۋە چىقىش نۇقتىسىغا ئاساسەن كۆيۈنۈش،  ياردەم بىرىش خاراكتىرلىك دوستانە،  تۈزۈش ياكى ئىجابى تەنقىت ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش، ئەيىپلەش،  جازالاش خاراكتىرلىك سەلبى ياكى يوقۇتۇش تەنقىتى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىش مۈمكىن.  ئەگەر ھەرقانداق تەنقىت نورمال دائىردىن ھالقىپ كەتسە،  ئۇ چاغدا تەنقىت ھاقارەتكە ئايلىنىدۇ،  ۋە ئەسلى تەنقىت ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەخسەتكە ھەرگۈز يەتكىلى بولمايدۇ.  ھەتتا قارشى تەرەپتە تىخمۇ زور قارشىلىق پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولىشى مۈمكىن.

      دوستانە،  تۈزۈش ياكى ئىجابى خاراكتىرلىق تەنقىت،  قارشى تەرەپكە كۆيۈنۈش، سادىر قىلغان خاتالىقنى تۈزۈتۈپ،  تىخىمۇ مۈكەممەل بولۇشقا ياردەم بىرىشنى مەخسەت قىلغان بولۇپ،  ئۇ ئادەتتە رىغىبەتلەندۈرۈش ۋە تەقدىرلەش بىلەن بىرگە قوللىنىلدۇ.  يەنى بىرسى سادىر قىلغان خاتالىقنى تەنقىتلەش بىلەن بىرگە ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە مۇئەيەنلەشتۈرلىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.  سەلبى ياكى يوقۇتۇش خاراكتىرلىق تەنقىت بولسا نارازىلىق بىلدۈرۈش، ئەيىپلەش، جازالاش ۋە يوق قىلىشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان بولۇپ،  ئاساسەن ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە قوللىنىلىدۇ.  يەنى بۇ خىلدىكى تەنقىتتە قارشى تەرەپنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ،  ئۇنىڭ تىخىمۇ مۈكەمەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش مەخسەت قىلىنماستىن،  بەلكى ئۇنى ئۆتكۈزىۋاتقان خاتا ئىشتىن ياكى كىتىۋاتقان خاتا يولدىن پۈتۈنلەي ۋاز كىچىشكە،  ئۆزىدە تۈپتىن ئۆزگىرۈش پەيدا قىلىشقا مەجبۇرى قىلىشنى ئاساس مەخسەت قىلغان بولىدۇ. 

ھەركەت قىلىشتىن بۇرۇن (باشقىلارنى) ئاڭلا؛ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ئويلان؛ پۇل خەجلەشتىن بۇرۇن پۇل تاپ؛  (باشقىلارنى) تەنقىت قىلىشتىن بۇرۇن  تەخىر قىل؛ دۇئا قىلىشتىن بۇرۇن (باشقىلارنى) كەچۈرۈم قىل؛ ۋاز كىچىشتىن بۇرۇن چوقۇم سىناپ باق.

      ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ تەنقىت ۋە ئۆز ئۆزىگە تەنقىتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. "ئوغرى گۇمانخور كىلەر"، "ئوغىرنىڭ يۈرىكى پوك پوك"  دىگەندەك،  ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق كىشىلەر تەنقىتكە سەزگۈر كىلىدۇ،  ئۇنداق كىشىلەر تەنقىتنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ.  ئەكسىنچە ئۆز ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق،  ساپاسى تۆۋەن،  ئەخلاقسىز ،  ئىچى تار،  كۆرەلمەس كىشىلەر ھەر دائىم باشقىلارنى تەنقىتلەشكە ئامراق بولىدۇ،  ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى يوشۇرۇشقا ۋە روھىي جەھەتتە تەڭپۇڭلۇققا ئىرىشىشكە تىرىشىدۇ.  شۇڭا ئۇنداقلارنىڭ تەنقىتىدە سەمىمىلىك ۋە كۆيۈنۈش بولمايدۇ،  ئەكسىنچە قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈش ھەتتا  ھاقارەتلەش ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.  ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار كىشىلەر باشقىلارنىڭ تەنقىتىدىن بەك ئەندىشە قىلمايدۇ؛  سەمىمى تەنقىتلەرنى قوبۇل قىلىپ،  ئۇلارنى ئۆزىنى تىخىمۇ مۇكەممەل قىلىشنىڭ ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچىگە ئايلادۇرىدۇ. "قوسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا،  تاۋۇز يىيىشتىن قورۇقما" دىگەندەك،  ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار كىشىلەر سەلبى تەنقىتلەرگە،  ھەتتا ھاقارەتلەشلەرگە پىسەن قىلمايدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچۇرمايدۇ.  ئۆزى توغۇرا دەپ بىلگەن يولدا مىڭىشنى داۋلاشتۇرىدۇ.  ئاخىردا مۇئاپىقىيەت قازىنىدۇ.

تۈزۈش خاراكتىرلىق تەنقىت بىلەن بۇزۇش خاراكتىرلىق تەنقىتنىڭ پەرىقىنى بىلىشىمىز كىرەك.  تۈزۈش خاراكتىرلىق تەنقىتكە رەخمەت ئەيتىشىمىز،  بۇزۇش خاراكتىرلىق تەنقىتكە پىسەن قىلماسلىقىمىز كىرەك.

      ھازىر ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك مىللەتنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان بالايى ئاپەت ۋە ئىغىر تەھدىتلەر، ئەركىن دۇنيادىكى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنى دەرھال ھەركەتكە كىلىپ،  ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشقا تەقەززا قىلغان بولسىمۇ،  بىراق ھەر بىرىمىزگە نىسبەتەن تىز ئۈنۈم بىرىدىغان بىرەر ئامال بولمىغاچقا،  بەزىلىرىمىز چوڭ ئىشنى قىلالماي،  كىچىك ئىشنى ياراتماي،  كومپىيوتۇر ئالدىدا ئولتۇرۋىلىپ،  باشقىلارنى،  بولۇپمۇ جىم ئولتۇرماي ئاز تولا بولسىمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە بىر ئىش قىلىپ تۇرغانلارنى تەنقىت قىلىش،  ھەتتا مىللەتنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجەلەرنى، ئۇلارنىڭ "بىجىرىكسىزلىك" سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەپ بىلىپ،  ئۇلارنى ھاقارەتلەش ئارقىلىق روھىي جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى خوش قىلىدىغان،  دۈشمەنگە بولغان غەزەپ  نەپرىتىنى ئۆز قىرىنداشلىرىدىن چىقىرىدىغان،  ھەتتا ئۆزلىرىنى ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىپ بىرىۋاتقان ھىساپلايدىغان بىر خىل بىنورمال كىلىمات شەكىللىنىۋاتىدۇ.  مىنىڭچە بۇ بىر خىل كىسەللىك.  بىز چوقۇم ئۆز-ئۆزىمىزگە دىياگۇنۇز قويۇپ،  بۇ كىسەللىكنى داۋالىشىمىز كىرەك.

            دۇنيادا ھىچ بىر مۇئاپىقىيەت قازانغا لىدىر، يالغۇز رىقابەتچىسىنى تەنقىت قىلىشقىلا تايىنىپ مۇئاپىقىيەت قازانغان ياكى خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن ئەمەس. دۇنيادا ئەڭ مۇئاپىقىيەت قازانغان لىدىرلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىللىك ۋە خاتالىقلىرى بار. بۇ ئۇلارغا ئەگەشكەن ۋە ياكى ئۇلارنى قوللىغانلارنىڭ ئۇلارغا قايسى نۇقتىدىن قارىشىغا باغلىق. ھىچ ئىش قىلمىغان ئادەم خاتالاشمايدۇ.  بىر ئىش قىلغان ئادەم چوقۇم بىلىپ بىلمەي،  مەخسەتلىك ۋە مەخسەتسىز بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قىلىشى مۈمكىن.  مەسىلە بىزنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولىشىمىزدا.

ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ئەزەلدىن ھىچقانداق بىر ئىش قىلىپ باقمىغان ئادەم.

      خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى تەھدىت ئاستىدا قالغان بۈگۈنكى كۈندە،  ئۆز-ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىش بىلەن باشقىلارنى رىياللىقنى چىقىش قىلغان ئاساستا سەمىمى تەنقىت قىلىشنى ئاساس قىلىشىمىز كىرەك.  باشقىلاردىن ھىساپ سوراشنىڭ ئورنىغا ھەر دائىم مەن نىمە قىلدىم دەپ سوراپ بىقىشىمىز كىرەك.  ئۆز قىرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەنقىت،  ئۇلارنى يىقىتىپ تاشلاشنى مەخسەت قىلماستىن بەلكى ئۇلارغا كۆيۈنۈش،  ئۇلارنى توغۇرا يولغا باشلاشنى مەخسەت قىلىشى، ھەممەيلەن بىر بىرىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىقنى كۇچايتىپ،  دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مەخسەت قىلىشى بەكلا موھىم.

بىز مەسىلە پەيدا قىلغان ۋاختىمىزدىكى تەپەككۇرىمىز بىلەن مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەرگۈز ھەل قىلالمايمىز.

      بىزدە سەل ئەۋجە ئالغان يەنە بىر خىل كىسەللىك،  تەنقىت بانىسى بىلەن ھە دىسە باشقىلارغا باھا بىرىش،  ئۆزىنى مىللەتنىڭ ۋەكىلى ۋە ياكى مىللەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن سۆز قىلغۇچى قاتارىغا قويۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزى شاھىت بولىۋاتقان ۋەقەلەرگە بولغان تونىشىنى ئىنكار قىلىش،  ھەتتا باشقىلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ھاقارەت قىلىش،  خۇددى ئۆزلىرى ئوتۇرغا چىقىپ، ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرمىسە،  ھەممە ئادەم ئالدىنىپ كىتىدىغاندەك كۆرسىتىش.  ئەلۋەتتە بىزدە "بىلگىنىڭنى باشقىلاردىن ئايىما"،  "ئەلدىن ئەلگە نەپ" دەيدىغان ئاتا سۆزلىرى بار.  ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى تەربىلەش،  يىتەكلەش مەسۇليىتى بار.  بىراق بۇ چوقۇم ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا بولىشى كىرەك.

      بىزدە ئۆزۈڭنى يالۋاس چاغلىساڭ،  باشقىلارنى شىر چاغلا دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.  ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئەقىل پاراسىتى بار.  كىمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارغىدەك ئەقىلى بار.  توغۇرا بولسا توغۇرا دىيىش كىرەك،  خاتا بولسا خاتا دىيىش كىرەك،  بىراق باشقىلارنى دۆت چاغلاپ، ئۆزىمىزنى 'دۇنيانى قۇتقازغۇچى' سانىساق،  ئاخىردا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىمىز.

            ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى، ئىجتىمايى كەچۈرمىشلىرى، مەدىيىيەت ساپاسى، قىممەت قارىشى، مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە مەسىلىلەرنى كۆرۈش يۆلۈنىشىدە بەزى پەرىقلەر بار، بىراق بۇ پەرىقلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەر ئاساسەن ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزى بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار توپلىشىپ ئورتاق بىر كوللىكتىپ شەكىللەندۈرگەندە، ھەر بىر شەخىسدىكى ئۇ پەرىقلەر ئۆز-ئارا تولۇقلىغۇچى بولۇپ، غايەت زور بىر كۈچ پەيدا قىلىدۇ. بىز ھەر بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ كوللىكتىپ كۈچكە سەل قارىساق، ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىساق ھەرگۈز بولمايدۇ.

باشقىلار ئۈستىدىن (قالايمىقان) ھۆكۈم چىقىرىش باشقىلارنىڭ ماھىتىنى ئەمەس،  بەلكى ئۆزۈمىزنىڭ ئەسلى ماھىتىنى ئوتۇرغا چىقىرىدۇ.

      بۇنداق دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا باھا بەرمە ياكى باشقىلارنى تەنقىت قىلما دىگەنلىك ئەمەس،  بەلكى باشقىلارغا باھا بەرگەندە،  ئۆزىمىزنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن باھالانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، باشقىلارنى تەنقىتلىگەندە شەخسى ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى رىياللىقنى ئاساس قىلىئىشىمىز،  ئادىل بولىشىمىز، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماسلىقىمىز، بولمىسا باشقىلارنى باھالايمەن دەپ ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ماھىتىنى ئاشكارە قىلىمىز،  باشقىلارنى ئوسال قىلىمەن دەپ ئۆزىمىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىھىمىز مۈمكىن دىگەنلىكتۇر.

      10 يىللار بۇرۇن بولسا كىرەك،  مەن خىزمەت قىلىۋاتقان كولۇمبىيا ئۇنۋىرسىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران پىرەزىدەنتى ئەخمەدى نىجاتنى كولۇمبىيا ئۇنۋىرسىتىنىڭ دۇنيا لىدىرلىرى فورۇمىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ.  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەزى ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.  ئەخمەدى نىجاتقا ئەۋەتكەن تەكلىۋىنى قايتۇرۋىلىشقا ئىمكان بولمىغان مەكتەپ مۇدىرى،  ئۆز ئىناۋىتىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن يىغىن ئەھلىگە ئەخمەدى نىجاتنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇنى ئەڭ يامان سۆزلەر بىلەن تەرىپلەيدۇ.  ئەخمەدى نىجات سۆزگە چىققاندىن كىيىن، "جاناپلىرى مىنىڭ نىمە سۆزلەيدىغانلىقىمنى ئاڭلىماي تۇرۇپ،  مەن توغۇرلۇق بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ بەردىڭىز. ئەمىلىيەتتە بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق كىشىلەر بولۇپ،  ئۇلار مىنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمگە ئۆزلىرى ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.  سىزنىڭ بۇ قىلغىنىڭىز ماڭا ئەمەس،  بەلكى بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ۋە مۇستەققىل ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىغا قىلىنغان ھاقارەت" دەيدۇ.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن زالدىكىلەر چاۋاك چىلىپ ئالقىشلاپ كىتىدۇ.  گەرچە ئەخمەدى نىجاتنىڭ ئامىركىدىكى ئوبرازى بەك ناچار بولسىمۇ،  بىراق بۇ ۋەقەدە ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشۈرۋالغىنى ئەخمەدى نىجات بولماستىن بەلكى بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ.

            بىزدە "كۈلەلمىسەڭ ھىجايما" دەيدىغان ئاتا سۆزى بولۇپ، ئۇ دىگەنلىك ئەگەر كۈلەلمىسەڭ، ھىجىيىپ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغۇچە، ئۆزەڭنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاپ جىم ئولتۇر دىگەنلىك بولىدۇ. بىزدە يەنە "ئالتۇننى زەگەر سوقسۇن" دەيدىغان گەپ بار. نوچى بولساق ئوتۇرغا چۈشۈپ، باشقىلارنى "قىلمىدى" دەپ تەنقىت قىلغان شۇ ئىشلارنى ئۆزىمىز بىر قوللۇق قىلايلى، بولمىسا ئىش قىلغانلارنى قوللايلى، ئۇلارغا ياردەمچى بولايلى، ھىچ بولمىسا ئۇلارغا پۇتلى كاشاڭ بولۇپ، باشقىلار قىلىۋاتقان ئىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، جىم ئولتۇرايلى. مۇئاپىقىيەت قازانغان بىر گىنىرالنىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشى يالغۇز ئۇنىڭ قۇماندانلىق قابىلىيىتىگە باغلىق بولۇپ قالماستىن بەلكى قوماندانغا بوي سۇنۇشنى بىلىدىغان ياخشى ئەسكەرلەرگىمۇ باغلىق. قۇماندانغا بوي سۇنۇپ، ئەمىلى ئىش قىلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ تايىنى يوق، ئەتىگەندىن كەچكىچە گەنىرالدىن ھىساپ سورىساق، ئۇ ئەقىلگە مۇئاپىق ئىش ئەمەس.

            مەيلى تەشكىلات ئىچىدىكىلەر بولسۇن، ۋە ياكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەر بولسۇن، ئەگەر ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، تەنقىتلىرىمىز ئۇلار ئۆتكۈزگەن شۇ خاتالىقلار ئۇستىدە بولسۇن. ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ئاداۋەتلىرىمىزنى ۋە ئۇ شەخىسگە بولغان شەخسى ھىس تۇيغىلىمىزنى ئارىلاشتۇرىۋالمايلى. ئۆزىمىزنىڭ شەخسى مەنپەتىمىز ۋە ياكى شەخسى ئاداۋەتلىرىمىز ئۈچۈن پۈتۈن خەلقنىڭ مىللى مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچۇراتمايلى. مۇتلەق نۇقسانسىز ئىنسان يوق. بىز تاماقنى ھەرقانچە تاللاپ يىسەكمۇ ۋە ياكى ھەرقانچە ئىسىل تاماقلارنى يىسەكمۇ،  ئۇنىڭدىن يەنىلا ئاز تولا  تەرەت چىقىدۇ. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بىز يىگەن تامىقىمىزنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ.

            نورمالدا بىزنىڭ مەلۇم بىر شەخىس ۋە شەيئىلەرگە بولغان قارىشىمىز، مەلۇم نۇقتىدىن ئەلىپ ئەيىتقاندا ئۆزىمىزنىڭ سوبىكتىپ قاراشلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، ئەگەر بىزنىڭ مەلۇم بىر ئادەم ياكى شەيئىگە بولغان تەسىراتىمىز ياخشى بولغان بولسا، بەلكىم بىز ھەر دائىم ئۇ ئادەمگە ياكى شەيئىگە ياخشى تەرەپتىن قارىشىمىز مۈمكىن.  ئەگەر بىزنىڭ مەلۇم بىر ئادەمگە ياكى شەيئىگە بولغان تەسىراتىمىز ناچار بولغان بولسا، بەلكى بىز ھەر دائىم ئۇ ئادەمگە ياكى شەيئىگە ناچار تەرەپتىن قارىشىمىز مۈمكىن.

      ئومۇمەن قىلىپ ئەيىتقاندا دۇنياغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، روھىي پىسخىكىسى ساغلام بولمىغان، ئىچى تار، كۆرەلمەس، گۇمانخور ئىنسانلار ھەر قانداق ئادەم ياكى شەيئىلەرگە سەلبى تەرەپتىن قايدىغان، باشقىلاردىن ھەر دائىم گۇمان قىلىدىغان، بىرەر نەرسىگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدىغان بولىدىكەن. ئۇنىنغا نىسبى ھالدا دۇنياغا گۈزەل كۆزى بىلەن قارايدىغان، كۆڭلى كۆكسى مىھرى مۇھاببەت بىلەن تولغان، ئۈمۈدۋار، پوزىتىپ كىشىلەر،  ئىنسانلارغا ۋە ياكى شەيئىلەرگە ئىجابى تەرەپتىن قايدىغان بولىدىكەن.

پازىتىپ ئويلايدىغان ئادەم باشقىلار كۆرەلمىگەننى كۆرەلەيدۇ، باشقىلار ھىس قىلامىغاننى ھىس قىلالايدۇ، باشقىلار قىلالمىغاننى قىلالايدۇ.

      بىز ئىنسان بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم بەزى سوبىكتىپ نەرسىلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرشىمىز مۈمكىن. موھىمى باشقىلارغا قويغان شۇ قاتتىق تەلەپنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قويۇپ باقايلى. باشىلارنىڭ مىڭىش تۇرىشىغا باھا بىرىشتىن بۇرۇن، باشقىلارنىڭ ئايىغىنى بىر كىيىپ باقايلى. باشقىلاردىن ھىساپ سوراشتىن بۇرۇن، ھەر دائىم ئەينەككە بىر قاراپ، مەن نىمە قىلدىم دەپ ئۆز-ئۆزىمىزدىن بىر سوراپ باقايلى. مىللەتنىڭ بىشىغا كەلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، بىرەر ئادەمنىڭلا مەجبۇريىتى بولۇپ قالماستىن، ھەممەيلەننىڭ مەجبۇريىتى.

      بىزدە "ئىتلار قاۋىشىدۇ،  كارۋان يۈرىۋىرىدۇ" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.  ئەگەر باشقىلارنىڭ تەنقىتى سەمىمى بولمىسا،  مەجسىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش بولمىسا،  مىللەتنىڭ مەنپەتىگە پايدىلىق بومىسا،  ئۇنى ئالاھىدە ئىتىۋارغا ئىلىشىمىزنىڭ  ھاجىتى يوق.  چۈنكى بەزىلەرنىڭ تەنقىتى ئەمىلىيەتتە ھەرگۈز سەمىمى بىر تەنقىت بولماستىن،  بەلكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، ھەممە ئىشىتىن،  ھەممە ئادەمدىن قۇسۇر تىپىشتۇر. 

باشتا ئۇلار ساڭا پىسەن قىلمايدۇ،  ئۇندىن كىيىن سىنى مەسخىرە قىلىدۇ،  ئۇندىن كىيىن سەن بىلەن ئىتىشىدۇ،  ئەڭ ئاخىردا سەن يىڭىسەن.

No comments: