Monday, May 28, 2018

ۋەتەندىكى ۋەزىيەت ۋە بىزدىكى "قارا بوران" ھادىسسى

ۋەتەندىكى ۋەزىيەت ۋە بىزدىكى "قارا بوران" ھادىسىسى
مەمەت ئەمىن


      مەن ئىشىنىمەنكى چەتەلدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان قاتتىق سىياسەت ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان پاجىئەلەردىن ئازدۇر كۆپتۈر خەۋىرى بار.  مەن ئىشىنىمەنكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلى شۇ سەۋەپتىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەسىرەت چەكمەكتە ۋە ئازاپلانماقتا.  مەن ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن قىرىنداشلار ۋەتەندە يۈز بىرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنى ھەل قلىش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلغۇسى بولسىمۇ بىراق كۆپۈنچىمىز يەنىلا نىمە قىلىشىنى بىلمەي قىلىۋاتىدۇ.

يالغۇز ئالدىراش بولغان بىلەن يىتەرلىك ئەمەس،  مەسىلە بىزنىڭ نىمىگە ئالدىراش بولغانلىقىمىزدا

      بۈگۈن ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ۋەتەننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا چاڭ توزاڭلىق قارا بوران چىقىپ كۈندۈز كىچىدەك كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتكەنلىك توغۇرسىدا ھەر خىل رەسسىم ۋە سىنلىك خەۋەرلەر تارقىتىلغان بولۇپ،  بەزىلەر بۇنى خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە ئىلىپ بارغان بەزى ئىغىر تىپتىكى ھەربى قورال سىنىقىنىڭ نەتىجىسىدىن كىلىپ چىققان دەپ قاراشماقتا.  ئەلۋەتتە مەن بۇ ئىھتىماللىقنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلالمايمەن،  بىراق ئۇ خىلدىكى سىناق نەتىجىسىدىن كىلىپ چىققان چاڭ توزاڭ خۇددى بىز توپىلاڭ يولدا ماشىنا ھەيدەپ ماڭغاندا ھاسىل بولغان ساڭ توزاڭغا ئوخشاش،  بەلگۈلۈك داھىرگە چەكلىنىدىغان بولۇپ،  ئۇ تەببىي پەيدا بولغان قارا بوراندىن پەرىقلىق.

      ئىغىر تىپلىق ھەربى قورال ياكى ئاتۇم سىنىقى سەۋەپتىن پەيدا بولغان بوران ئادەتتە شۇ سىناق ئىلىپ بىرىلغان رايۇنغا چەكلىنىدۇ،  ياكى تەبىئىي پەيدا بولغان شامال تەسىرىدىن مەلۇم ئارىلىققا كەڭىشى مۈمكىن بىراق ھازىر خەۋەرلەردە دىگەندەك سانجىدىن كەكەن،  قاغىلىق قاتارلىق جايلارغا قەدەر كەڭ داھىردە بولىشى ناتايىن.  بۇنداق ئەھۋال قۇرغاق ياكى ئۇزۇن مۇددەت يامغۇر ياغمايدىغان رايۇنلاردا كۆپ يۈز بىرىدىغان تەببىë ھادىسە بولۇپ،  ئاساسلىقى قاتتىق بوران بىلەن يەردىكى قۇرۇپ كەتكەن توپا ۋە چاڭ توزاڭلار بىرلىشىپ قۇياش نۇرىنى توسىۋىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.  بۇنداق ھادىسىلەر دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۈز بەرگەن.  تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا ئامىركىنىڭ فىنەكىس شەھەرىدە يۈز بەرگەن شۇ خىلدىكى قارا بوران كۆرسىتىلگەن.

      بەلكىم بەزىلەر خىتتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق سىناقلارنى بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپ قىتىم قىلغان تۇرسا،  شۇنداق دەپ قارىغاننىڭ نىمە زىيىنى بار دەپ قارىشى مۈمكىن.   بۇ يەردىكى مەسىلە بۇ ئىشنى ئۇتۇرغا قوياش بىلەن بىز مىللەتچى بولۇپ،  ۋەتەن داۋاسى قىلغان بولۇپ قىلىشىمىز ناتايىن.  ئۇنىڭلىق بىلەن خىتتاي ھۆكىمىتى بىزگە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى ۋە ياكى بۇ خىلدىكى سىناقلىرىنى توختاتمايدۇ.  بوپتۇ بىز ئۇنى ھەربى قورال سىنىقىنىڭ سەۋەپتىن دەپمۇ قارايلى.  بىراق ۋەتەندە 46 قىتىم ئىنىق دەلىل ئىسپاتلىق ئاتۇم سىنىقى ئىلىپ بىرىلدى.  ئۇلارنىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگەن زىيىنى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئىغىر بولدى ۋە بولاۋاتىدۇ.  ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بىز ۋە ياكى بىرەر دۆۋلەت نىمە قىلالىدى؟

دىقىتىڭىزنى قولىڭىزدىكى ئىشقا توپلاڭ.  قۇياش نۇرى بىر يەرگە توپلاشمىقىچە ئوت ئاپىتى پەيدا قىلمايدۇ.

      تەببىë ھادىسە بولۇش ئىھتىمالى چوڭ  بولغان بۇ ھادىسىنى بىز مەجبۇرە ھالدە ئىغىر تىپتىكى ھەربى قورال ۋە ياكى ئاتۇم سىنىقىنىڭ تەسىرىدىن دەپ قارسىئاق،  پەقەتلا  يۇقارقى سانغا بىر سان قوشىلىشى مۈمكىن.  ئەگەر ئۇنىڭ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا پايدىسى بولىدىغان ئىش بولسا،  ئەگەر بىز ئۇنى ئوتۇرغا قويىشىمىز بىلەن ئۇ مەسىلە ھەل بولىدىغان ئىش بولسا،  بىز بىرنى ئەمەس شۇنداق ۋەقەدىن 10 نى ئارتۇرساقمۇ بولىدۇ.  بىراق بۇنداق قىلىشنىڭ ھازىر ھىچ بىر ئەمىلى ئەھمىيىتى بولماستىن، بەلكى ئەھۋالنى چۈشەنمىگەن ۋە ئاللا بۇرۇن جىددىلىشىۋاتقان قىرىنداشلار ئارىسىدا ھەر خىل گۇمان ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىشى مۈمكىن.  ۋەتەننىڭ ھازىرقى قاتتىق ۋەزىيىتىدە،  ئۆزىمىزگە يەتكىدەك دەرت ئەلەم ۋە ھەل قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار تۇرسا،  بىز ئۇنى ھەل قىلالاماي ئۆزىمىزنىڭ پەرىزىمىزگە ئاساسەن بۇ مەسىلىنى ئوتۇرغا قويساق،  ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆزىمىزگە تىخىمۇ ئىغىر قورقۇنجىغا سىلىپ،  ئۆزىمىزگە روھىي جەھەتتىن تىخىمۇ ئىغىر بىسىم پەيدا قىلىپ قويىشىمىز مۈمكىن.

      بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئەگەر يۈز بەرگەن بۇ ھادىسە ۋە ياكى بۇنداق ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشقا توغۇرا كەلسە،  مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئىسپاتى بىلەن قوشۇپ ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردا يىزىپ تارقىتىپ،  خەلقارانىڭ دىققىتىنى قوزغايلى.

      ھەممىمىز بىلگەندەك ھازىر خەلقىمىز تارىختا دۇچ كەلمىگەن ئىغىر بىر كىرىزىسقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.  كۆپۈنچىمىز روھىي جەھەتتە تىگى يوق قىيانىڭ يىنىغا كىلىپ قالدۇق.  بەزىلىرىمىز ھەتتا نىمە دەۋاتقانلىقىمىزنى،  نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمىگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدۇق.  يۆلۈنىشىنى يوقاتقان ۋە شامالنىڭ يولىنىشىگە قاراپ ھەر تەرەپكە قاراپ مىڭىۋاتقان كىمىگە ئوخشاپ قالدۇق.  بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا بىزگە ئوخشاش پايدىسىز ئەھۋالڭا چۈشۇپ قالغان ئاجىز بىر مىللەتكە نىسبەتەن،  ۋەتەن داۋاسىنى ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىشتا،  بىزدە بار بولغان خام ئەشىيالارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ قازانغا سىلىپ " داش قازاندا شورپا قاينىتىش" ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش ئەمەس بەلكى "ئوقيانى نىشانغا قارىتىپ ئىتىش" تەك ئۇسۇلنى قوللۇنۇشىمىز تىخىمۇ موھىم.

مەخسەتسىز ۋە پىلانسىز ئالدىغا قاراپ مىڭىش،  يۆلۈنۈشسىز يولغا چىققان كىمىگە ئوخشايدۇ

      ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ چەكلىك كۈچىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرالايمىز؟  ئۇنداقتا "ئوقيانى نىشانغا قارىتىپ ئىتىش" تەك ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ،  داۋا ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟ مىنىڭچە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن نۆۋەتتە بىزگە ئەڭ جىددى ۋە تەدىت بولغان مەسىلىلەرنى تىپىپ چىقىشىمىز،  ئۇلارنىڭ جىددىلىكىگە ۋە مىللەتكە ئىلىپ كىلىدىغان تەھدىتىنىڭ ئىغىر يەگىللىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ كۈن تەرتىۋىمىزگە ئەكىلىشىمىز كىرەك.

      مىنىڭچە ھازىر بىزگە ئەڭ تىز تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان مەسىلە ئاتۇم سىنىقى ۋە ياكى د ن ئا تەھدىتى بولماستىن،  بەلكى مىللەتنىڭ پىسىخىكىسىنىڭ ئىغىر دەئىجىدە بۇزۇلىشى ۋە بۇ بۇزۇلۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار بولسا كىرەك.

      مەن 4 -  ئايدا ئىلىپ بارغان روھىي ساغلاملىق توغۇرسىدىكى راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ راي سىناشقا قاتناشقان چەتەلدا ياشاۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ 90% تىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە پىسىخىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن،  18% تىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئويى پەيدا بولغان.   30% دىن ئارتۇق كىشى بىز نىمە قىلساق پايدىسى يوق دەپ قارايدىغان ھالغا كەلگەن. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆز ئۆزىمىزنى قورقۇتۇپ،  ئۆز ئۆزىمىزنى روھىي ئىشكەنجە ئاستىغا ئىلىش ئەمەس،  بەلكى روھىي جەھەتتە ساغلام ۋە كۈچلۈك بولۇش.  خەلقىمىز رۇھىي جەھەتتىن ساغلام بولمىسا،  تەپەككۇرىدىن چاتاق چىقىدۇ،  ۋە يۈز بەرمەسلىك كىرەك بولغان ئىغىر خاتالىقلار ۋە پاجىئەلەر يۈز بىرىشى مۈمكىن.

            خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مىليۇنلىغان خەلقنى قايتا تەربىلەش باناسى بىلەن جازا لاگىرلىرىغا سولاپ،  ئۇلارنى جىسمانى ۋە روھىي جەھەتلەردىن قىناۋاتقان بولسا،  يەنە بىر تەرەپتىن سولاقتىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئەرسىز قالغان ئاياللارغا خىتتاي ئەرلىرىنى ھەممرا قىلىش،  يەنە بىر تەرەپتىن قىزلارنى ئاھىلىسىنى جازالش تەھدىتى بىلەن ۋە ياكى دادىسىز قالغان قىزلارنى،  توي قىلىش قىيىن بولغان خىتتاي ئەرلەرگە زورلاپ توي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مىللىتىمىزنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش چەدىمىنى تىزلەتمەكتە ۋە خەلقىمىزنى روھىي ئىشكەنجىگە ئالماقتا .

       2014- يىللىق سىتاستىكىغا ئاساسلانغادا،  خىتتايدا ئاييالار نوپۇسىغا نىسبەتەن  33 مىلىيۇن خىتتاي ئەر كۆپ بولۇپ،  بۇ سان ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىر نوپۇسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.   خىتتايدىكى ئەر ئايال نىسبىتىنىڭ ئىغىر دەرىجىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقى،  خىتتاي قىزلىرىنىڭ توي قىلماقچى بولغان يىگىتكە بولغان ئىختىزادى ۋە باشقا تەلەپلىرىنى ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى بولىشىغا سەۋەپ بولغان.  شۇ سەۋەپتىن خىتتاي ئەرلارنىڭ ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇشى يىلدىن يىلغا قىيىنلاشقان،  ۋە توي قىلىش يىشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قىرى بويتاقلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە ئىكەن.  خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يۈرگۈزىۋاتقان بۇ سىياسەتلىرى بىر تەرەپتىن توي قىلالماي يۈرگەن خىتتايلارغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولسا،  يەنە بىر تەرەپتىن كۆپلىگەن خىتتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە كىلىپ يەرلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇش سۈرىتىنى تىخىمۇ تىزلىتىدۇ.

      خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقارقى سىياسىتى ۋە  دىننى چەكلەش،  تىل يىزىقىمىزنى چەكلەش،  ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاپلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش،  د ن ئا تەتقىتقارتى،  ئاتۇم سىنىقى قاتارلىق باشقا سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەخسىتى گەرچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەسلىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش بولسىمۇ،  بىراق يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن سىياسەتلەر ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ غۇرۇرىنى يوق قىلىپ،  خەلقىمىزنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈش،  ۋاقىت جەھەتتىن تىخىمۇ تىز كەلسە كىرەك.

      ھازىر بىز يۈزلەنگەن ئەڭ موھىم ۋە ئەڭ تەھدىتلىك بولغان مەسىلە،  خىتتاي ھۆكىمىتىنىڭ يۇقارقى سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن،  ۋەتەن ئىچىدىكىلەر ھىچ ئىش قىلالماسلىق،  ۋەتەن سىرتىدىكىلەر نىمە قىلارىنى بىلەلمەي،  كومپىيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ روھىي جەھەتتە ئازاپلىنىپ، روھىي كىسەل بولۇپ،  بىر بىرىمىزنى تىللاپ،  ھاقارەتلەپ،  ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تۈگەشتۈرۈش. 

ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى پىدا قىلسا،  قالغانلارىمىز يۇرتتىكى ئاتا ئانىمىز ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنى بانا قىلىپ جىم ئولتۇرۋاتىمىز.   داۋا قىلىۋاتقانلار تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن ياكى توخا پىرمىسىدىكى توك ئارقىلىق توغۇلغان ئاتا ئانىسى يوق چۆجىدەك،   دادىللىق بىلەن  ئالدىغا سەكىرەپ چىقىپ داۋا قىلسا،   بىز داۋانىڭ ئالدىدا مىڭىۋاتقانلارغا ۋە ياكى بىر ئىش قىلىۋاتقانلارغا  ھەر جەھەتتىن دەستەك بولۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ،  بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىۋاتىمىز. ئەمىلىيەتتە بىزگە نىسبەتەن بۇ تىخىمۇ قورقۇنۇشلۇق "قارا بوران" بولسا كىرەك. 

      مەن بىر سىياسىنۇر ۋە ياكى سىتىرادىگىيە تۈزگۈچى ئەمەس.  شۇ سەۋەپتىن مەن بىز مۇنداق قىلىشىمىز كىرەك دەپ باشقىلارغا يول كۆرسۈتۈپ بىرەلمەيمەن.   بىراق ئەگەر بىز داۋاغا پايدىلىق ئىش قىلالمىساق،  كەم دىگەندە "كۈلەلمىسەڭ ھىجايما" دىگەندەك، داۋاغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىش قىلماسلىقىمىز،  داۋا ئىلىپ بىرىۋاتقانلارغا قالايمىغان ھۇجۇم قىلماسلىقىمىز كىرەك.   ئەگەر بىز مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىساق كەم دىگەندە "كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال" دىگەندەك ئىش قىلماسلىقىمىز،  يىتەرلىك بالايى ئاپەت تۇرغان يەردە،  پەرەزلەرگە ئاساسلىنىپ خەلقىمىز ئارىسىدا تىخىمۇ ئىغىر قورقۇنجا پەيدا قىلمىسلىقىمىز كىرەك.   بەزى كۆنا مەسىلىلەرنى ۋاختىنچە بىر تەرەپكە قويۇپ قويۇپ،  ھەممەيلەن بىر نىيەت بىر مەخسەتتە ئەڭ تەھدىتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرىشىمىز  ۋە بۇ "قارا بوران" ئىچىدە ئۆز يۆلۈنىشىمىزنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىمىز كىرەك.

 2018 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى نىيورۇك

No comments: