ئۇيغۇرلار نىكاھتىن ئاجرىشىشتا چېمپىيون بوپتۇ

2015-03-14

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نوپۇس مەھكىمىسىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن 2 ھەسسىسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. بۇنداق بولۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يىللاردىن بېرى يۇقىرى بولۇپ كەلگەنلىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ھەتتا، خەۋەر ماقالىسىدە «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماي مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ » دېگەندەك ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر يىلى تەخمىنەن 10 مىڭ جۈپتىن ئارتۇق ئەر-ئايال ئاجراشقان. تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلغان ئاجرىشىش دېلولىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4559 پارچە ئاجرىشىش دېلوسى ئىچىدە 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئاجرىشىش دېلوسى %32.8 نى ئىگىلىگەن ، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتا توي قىلغانلارنىڭ چاقماق تېزلىكىدە توي قىلىش ۋە ئاجرىشىشمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ، 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ۋە 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرىلاشقا باشلىغان.

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى، ھەربىر ئائىلىنىڭ قانداق بولۇشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر جەمئىيەتتۇر، مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئائىلىنىڭ يىمىرىلىشى، بۇ خىل يىمىرلىشنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئويلىشىپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. دەرھەقىقەت، نىكاھلىنىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ۋە مىللەتتە بولىدىغان نورمال ئىجتىمائىي ھادىسە، لېكىن ئۇنىڭ نىسبىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى، شەكسىزكى شۇ جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ خىل بۇزۇق ئېكولوگىيە شەكسىزكى بىر مىللەتنىڭ شۇ دەۋردىكى، كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىغا ناھايىتى زور ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %88 دىن كۆپراقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، خېروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ يامرىشى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بېشارەتلەردۇر. يۇقىرى ئاجرىشىش نىسبىتى يەنە يېتىم بالىلار توپىنىڭ داۋاملىق تېز سۈرئەتتە زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ يېتىم بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نۇرغۇنلىغان ئېنىقسىزلىق، ئەگرى-توقايلىققا تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ئىنتايىن زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. خوتۇن-قىزلارنىڭ موھتاجلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئىپپىتىنى سېتىشى، ئەرلەرنىڭ قىمارغا بېرىلىشى ... ھەممە پاجىئە ۋە بەختسىزلىكنىڭ بېشى دەل نىكاھنىڭ بۇزۇلۇپ، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ خاراب بولۇشىدۇر.
قېنى دوستلار، يۈرىكىڭلارنى تىڭشاپ بېقىڭلار، ئائىلىلىرىمىزگە مەسئۇل بولۇۋاتامدۇق؟ پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدىكى ئاتا-ئانىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىۋاتامدۇق؟ ئۇلارنىڭ كېلەچىكىگە ئاساس سالدۇقمۇ؟ بېقىپ قاتارغا قوشقان، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلغان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرىجەم قىلىشنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟...
ئەي ئىنسان، ۋەتىنىم، مىللىتىم دەپ جاھاننى بېشىڭغا كەيدىڭ، ئەمما ئەپسۇسكى، ئۆز ئائىلەڭنى مۇھاپىزەت قىلالمىدىڭ، تومۇرىدا قېنىڭ ئېقىۋاتقان گۆدەك بالىلىرىڭىنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ قويدۇڭ... قېنى سەندىكى ئىمان، قېنى سەندىكى ۋىجدان؟ ئاڭلا! ۋەتەننى سۆيۈش ئىمان جۈملىسىدىن، ئائىلە بىز ئۈچۈن ئاداققى ۋەتەن!!!...
ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش، گۈزەل، بەختىيار ئائىلە بەرپا قىلىش، ھەرزامان ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۇنى قوغداش، پەرزەنتلەرنىڭ كېلەچىكىگە ئاساس سېلىش، گۈزەل ئائىلە ئەخلاقى، ئېتىقادلىرىمىزغا مۇۋاپىق ئائىلە مەدەنىيىتى تىكلەش، پەرزەنتلەرنى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن قوراللاندۇرۇش ۋەتەن-مىللەت ۋە خەلققە قىلىنغان ئەڭ زور تۆھپىدۇر. بىز ۋەتەن-خەلقنى، مىللەتنى ئاغزىمىزدا ئەمەس ئەمەلىي ئىش ھەرىكىتىمىز بىلەن سۆيەيلى! ھەممىنى ئائىلىمىزنى سۆيۈشتىن باشلايلى!!!