Sunday, March 31, 2019

گۇمان راستىنلا ئىماننى قاچۇرامدۇ؟

گۇمان راستىنلا ئىماننى قاچۇرامدۇ؟
yingi yiziq nusqisi

بەزىلەرنىڭ خەۋرى بولغاندەك مەن يىقىندا گۇمان قىلىش ۋە گۇمانخورلۇق كىسىلى توغۇرسىدا بىر ماقالا يازغان ۋە پىدائىلار ئىكىرانىدا بۇ ھەقتە بىر لىكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. مەن يىقىندا يوتۇب قانىلىدا كۆرگەن بىر ۋىدىئو، مىنى بۇ جەھەتتە تىخىمۇ چوقۇر ئويلاندۇرۇپ قويدى.

ماقالىنىڭ ئۇلانمىسى:
لىكسىيەنىڭ ئۇلانمىسى
يوتۇب قانىلىدىكى ئۇ ۋىدىئونىڭ ئۇلانمىسى

ئۇ ۋىدىئودا چاشقانلارنىڭ ئىنسانلار قۇرۇپ قويغان توزاققا چۈشۈش جەريانىنى كامىراغا ئىلىنغان بولۇپ، گەرچە ئىنسان قوللانغان ئۇسۇل ناھايتى ئاددى بولسىمۇ، بىراق چاشقانلارنىڭ كاللىسى مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا بەك ئاددى بولغاچقا، ئىنسانلارنىڭ ھىلى مىكىرلىرىنى تەسەۋۇر قىلالمىغان ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ھىچ گۇمان قىلىمىغان، قىرىنداشلىرىنىڭ ئىنسانلار قۇرۇپ قويغان توزاققا چۈشكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ، ئوخشاش قىلتاققا چۈشۈش جەريانى كامەراغا ئىلىنغان. گەرچە چاشقاننىڭ گۇمان قىلىشىغا ھىچكىم چەكلىمە قويمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاللاھ چاشقانلارغا ئىنسانلارغا بەرگەن ئەقىل پاراسەتنى بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە توزاق قۇرىشىدىن ھىچ گۇمان قىلمىغان. مەن بۇ ۋىدىئونى كۆرگەندىن كىيىن، بىزنىڭ ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قىلىشىمىزنىڭ بەلگۈلۈك سەۋەپلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ۋە شۇ سەۋەپتىن گۇمان توغۇرسىدىكى بۇ تىمىنى قايتىدىن تولۇقلاپ يىزىش قارارىغا كەلدىم.

بىزدە "گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ھەم دىنىمىزدا گۇمان قىلىشنىڭ ناھايتى ئىغىر گۇناھ ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مەن بۇ يەردە بۇنداق بىر تىمىنى سوئال شەكلىدە ئوتۇرغا قويۇشىمدىن سەۋەپ، ھەرگۈزمۇ گۇمان قىلىشنىڭ ئىغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزۈم ياشىغان ۋە ئۆزۈم بىلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، گۇمان قىلىشنى زادى قانداق چۈشەنسەك، ئۇنى تىخىمۇ توغرا چۈشەنگەن بولىمىز دىگەن توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

1949 - يىلى رايۇندا ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ ۋەزىيەتنى كونتۇرۇل قىلغۇچى كۈچلەر، ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت ئەربابلىرىمىزنىڭ ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى، بىراق كۆپ ساندا كىشىلەر گەرچە قولىدا ئىنىق دەلىل ئىسپاتى بولمىسىمۇ، ئۇلانىڭ ئاپرۇپىلان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قاراشتى. مەنىڭچە بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇ ۋەقەدىن گۇمان قىلغانلارنىڭ ئىمانىنى كاچتى دىيەلمەيمىز.

2001 – يىلى ئامىركىدا يۈز بەرگەن 11 – سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئامىركا ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئەلقايدا تەرىپىدىن پەيدا قىلغان تەرورلۇق ۋەقە دەپ ئىلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەر ئۇنى باشقىلارنىڭ ئوينىغان ئوينى دەپ گۇمان قىلىشتى. بۇنىڭدىمۇ بىز ئۇ گۇمان قىلغان كىشىلەر ئىمانىنى يوقاتتى دەپ يەكۈن چىقىرالمايمىز

ھەممىمىز بىلگەندەك ساقچى ياكى رازىۋىتچىكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى جىنايەت دىلوسىنى ئىنىقلاپ، جىنايەت جاۋاپكارىنى جازالاشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى، بىر ياكى بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارى توغۇرسىدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشتىن باشلىنىدۇ. ساقچىلار دىلو تۇرغۇزغاندا، بىر ياكى بىر نەچچە ئىنساننى جىنايەت گۇماندارى قىلىپ تۇرغۇزۇش دىمەك، تىخى دەلىل ئىسپاتى يوق دىمەك؛ ئەگەر دەلىل ئىسپات بولسا ئۇ بىر ياكى بىر نەچچە ئىنسان جىنايەت گۇماندارى ئەمەس، بەلكى جىنايەتچى سۈپىتىدە قولغا ئىلىنىشى مۈمكىن. ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى تۇرغۇزۇشتىكى مەخسەت، ھەرگۈزمۇ پىتنە پاسسات پەيدا قىلىش ۋە ياكى گۇمانغا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىپ، باشقىلارنى ناھەق جازالاش ئەمەس، بەلكى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن جىنايەت دىلوسىنى ئىنىقلاپ، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىگە ھەق ئەتكەن جازانى بىرىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جىنايەت گۇماندارىنى ئاقلاپ، ئۇنى گۇماندىن ساقىت قىلىشتۇر. ساقچىلارنىڭ دىلو ئىشلىشىدە جىنايەت گۇماندارى تۇرغۇزۇش، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە دۆلەتلەردە مەۋجۇت. ئەجىبا ئۇلارمۇ دەلىل ئىسپاتسىز باشقىلارنى جىنايەت گۇماندارى دىگەن قالپاقنى كەيدۈرگەنلىك سەۋەبىدىن، ئىمانىنى يوق قىلارمۇ؟

مەن يۇقارقى بۇ مىساللارنى ئوتۇرغا قويسام، بەلكىم بەزىلەر بىز دەۋاتقان گۇمان قىلىش بۇ ئەمەس دىيىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن، گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ دەپ قارا قويۇق ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن گۇمان قىلىشنىڭ مەنىسىگە، گۇمان قىلغان كونكىرىت ئەھۋالغا،  گۇمان قىلىشنىڭ مەخسەت مۇددۇئاسى ۋە گۇماننىڭ ئاقىۋىتىگە قارىشىمىز كىرەك.

ئۇنداقتا گۇمان قىلىش دىگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان پۇخرا تىلىمىزدىكى مەنىسى نىمە؟

گۇمان قىلىش دىگىنىمىز ئىشەنمەسلىك، جەزمەنلەشتۈرەلمەسلىك، كۆڭەلدە سوئال تۇغۇلۇش، ئەقلىدىن ئۆتمەسلىك، تىگىگە يىتەلمەسلىك، ئىھتىياتچان بولۇش، ئالاھىدە دىققەت قىلىش، باشقىلار دەۋاتقان سۆزنى يالغان دەپ قاراش، باشقىلارنى سەمىمى ئەمەس دەپ قاراش، باشقىلارنى يوشۇرۇن ياكى ئوغۇرلۇقچە يامان ۋە قانۇنسىز ئىش قىلدى، جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ قاراش دىگەندەكلەردىن ئىبارەت. بىز كۆپۈنچە ھالدا گۇمان قىلىشنى دەلىل ئىسپاتسىز گۇمان قىلىش دەپ ئىشلىتىمىز. ئەمىلىيەتتە گۇمان دىمەك دەلىل ئىسپات يوق دىمەك. ئەگەر دەلىل ئىسپات بولسا، ئۇ گۇمان بولمايدۇ.

گۇمان دىگىنىمىز، ئىنىق دەلىل ئىسپاتى يوق ئەھۋال ئاستىدا، ئىنسانلارنىڭ بىرىنجى سىزىمىغا ئاساسەن ئوتۇرغا قويغان پەرەز، قىياس ۋە كۆز قاراشتۇر. گۇمان ھەرگۈزمۇ پىتنە پاسسات بىلەن باراۋەر ئەمەس. گۇمان قىلىش دىمەك ھەرگۈزمۇ نوقۇل ھالدا باشقىلارغا قارىسىغا بوھتان چاپلاپ، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش دىگەنلىك ئەمەس. گۇمان قىلىش دىمەك، مەسىلىنىڭ تىگىگە يىتەلمەسلىك، چۈشەنمەسلىك دىمەك؛ ئۇ بەزىدە تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشنىڭ باشلىنىشى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. گۇماننىڭ 100% توغرا بولۇشى ناتايىن بولغىنىغا ئوخشاش، گۇماننىڭ ھەممىسىنىڭ 100% خاتا بولۇشىمۇ ناتايىن.

ئىلمى تەتقىتقاتتا ئالدى بىلەن مەلۇم ھادىسلەرنىڭ يۈز بىرىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن، مەلۇم پەرەز ۋە قىياس ئوتۇرغا قويىلىدۇ. ئۇ پەرەز ياكى قىياس ئوتتۇرغا قويۇلغاندا، تىخى ھىچقانداق دەلىل ئىسپات بولمىغاچقا، بىز ئۇنى بىر خىل قىياس، پەرەز ياكى گۇمان دەپ قارايمىز. ئۇندىن كىيىن ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، تەجىربە ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، دەسلەپتە ئوتۇرغا قويغان ئۇ قىياس، پەرەز ۋە گۇمانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز ياكى ئۇنى خاتاغا چىرىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىمىز.

سىياسى ۋە ۋەزىيەت توغۇرسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بارىدىغانلارمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ۋە بۇرۇن ئۈگەنگەن بىلىملىرىگە تايىنىپ، كەلگۈسى خەلقارا سىياسەت، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ياكى مەلۇم شەخىسلەرنىڭ كەلگۈسى قىلمىشى توغۇرسىدا مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويىشىدۇ. بۇ جەرياندا  گەرچە ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن بەزى پاكىتلار ئوتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق كەلگۈز توغۇرسىدا چىقىرىلغان يەكەنلەر ئاساسەن شۇ مۇئالاھزە ئىلىپ بارغۇچىلارنىڭ قىياس، تەخمىن ۋە گۇمانىغا ئاساسەن لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق چىقىرلىدۇ.

ئۇندىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ بىز گۇمان قىلىشتىن مۇتلەق خالى بولالمايمىز. مەسىلەن، بىز كەچتە سىرىتتىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، چىراقنى ياندۇرغىنىمىزدا، ئەگەر چىراق يانمىسا، بەلكىم بىز لامپۇشكا كۆيۈپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن، بىخەتەرلىك سىمى كۆيۈپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن دىگەندەك گۇمانلارنى قىلىمىز، ۋە شۇ گۇمانغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىلىپ بىرىپ، چىراقنىڭ يىقىلماسلىق مەسىلىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىمىز.

قوسقىمىز ئاغرىپ قالسا، كۆڭلىمىز ئىلىشىپ، قۇسۇپ ياندۇرساق، ئالدى بىلەن يىگەن تاماقتىن گۇمان قىلىمىز. قويغان نەرسىمىزنى تاپالمىساق، بىرلىرىنىڭ ئۇنى ئالغانلىقىدىن ۋە ياكى باشقا يەرگە يۆتكىۋەتكەنلىكىدىن گۇمان قىلىمىز. بىر نەرسىمىزنى يوقۇتۇپ قويساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدىن ياكى بىرسىنىڭ ئۇنى ئوغۇرلىۋالغانلىقىدىن گۇمان قىلىمىز. ئاخىردا بەلكىم شۇ گۇمانلىرىمىزنىڭ بىرەسى توغرا بولۇپ چىقىشى مۈمكىن، ياكى ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقىشىمۇ مۈمكىن.

ئەگەر بىرسى يىگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىنى ئەكىلىپ، بۇ تاماق دەپ بىزگە بەرسە، ئۇنى ماقۇل دەپ يىيىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىش، ھەرگۈز خاتا ئەمەس. شۇڭا مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، گۇمان قىلىش، ئىنسانغا خاس ئەقىل پاراسەت ۋە مۇستەققىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنىڭ سىموۋۇلى. گۇمان قىلىشنى قارا قويۇق چەكلەش، مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، ئىنسانلارنى مۇستەققىل تەپەككۇر قىلمايدىغان، باشقىلار نىمە دىسە شۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئەيىتقاندا ئەقىل ئىشلەتمەي، مۇستەققىل تەپپەككۇر قىلماي، ھەممە نەرسىگە ۋە ھەممە ئادەمگە قارا قويۇق ئىشىنىش، مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا، نادانلىق ۋە دۆتلىكنىڭ ئالامىتى.

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئوقۇغۇنۇم ئىسىمدە. بىر ئىدارىنىڭ بىر تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق كىسىلى بولسىمۇ، بىراق ئۆزىگە تەخسىم بولغان خىزمەتنى ناھايتى ئەستايىل قىلىدىكەن؛ ھەتتا ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئىشى چىقىپ قالسا، ئۇ ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئەستايىل تاماملايدىكەن؛ باشقىلار پۇرسەرپەرسلىك قىلسىمۇ، ئىشقا كىيىن كىلىپ بالدۇر قايتىپ كەتسىمۇ، ھىچ بىر زامان ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرمايدىكەن؛ ئۆزى توختىماي ئىدارىدىكى بارلىق ئىشخانىلارنى تازلاپ تۇرىدىكەن؛ ھىچ بىر زامان نالە شىكايەت قىلمايدىكەن؛ باشقىلاردىن ئۆزىنى بوزەك قىلىۋاتقىدۇ دەپ گۇمان قىلمايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن يىل ئىدارىنىڭ ئەمگەك نەمۇنچىسى بولۇپ باھالىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ئىدارە رەھبىرى، ئۇ كىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، ئىدارە پۇل چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئەقلى ئاجىزلىق كىسىلىنى داۋالىتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن، ئۇ كىشى ئاستا ئاستا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرىدىغان بوپتۇ؛ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەتتىن ئارتۇقىنى قىلمايدىغان بوپتۇ؛ باشقىلار ئۇنىڭغا "ئىشىم چىقىپ قالدى، مىنىڭ ئورنۇمغا تازلىق قىلىۋەت" دىسە، بارا بارا ئۇلاردىن ئۆزىنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىدىغان بوپتۇ.

ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە گۇمان قىلىشنى توغرا دەپ، ئۇنى مەدىلىمەكچى، ۋە باشقىلارنى گۇمان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى ئەمەسمەن. بىراق بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ھەرگۈزمۇ سەمىمىيەتلىك ۋە راسچىللىق بىلەن تولغان، ئادىل ۋە غايىۋى دۇنيا بولماستىن، بەلكى كاززاپلىق ۋە ئالدامچىلىق مەۋجۇت بولغان، ئادالەتسىزلىك بار بىر دۇنيا بولغاچقا، ھەر بىر ئىنسان باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا ۋە شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ، ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ۋە باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، سەگەك بولۇش، ئىھتىيات قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.

ئەڭ موھىمى، بىز شەخسى ئاداۋىتىمىز سەۋەبىدىن ھىسياتىمىزغا تايىنىپ، باشقىلاردىن قالايمىقان گۇمان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىتنى پاسسات تەرىماسلىقىمىز كىرەك. ھەم شۇنداقلا باشقىلار نىمە دىسە، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى زىيانغا ئۇچۇرتىشتىن، باشقىلارنىڭ توزاقىغا چۈشۈشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك. ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ئەقىل پاراسىتىمىزنى جاھىدا ئىشلىتىشىمىز،  مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىشىمىز، ئۆز ئۆزىمىزگە، ئۆزىمىز قىلغان گەپ سۆز ۋە ئىش ھەركەتلەرگە مەسۇل بولىشىمىز كىرەك. قىسقىسى گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلىقنى ياخشى ساقلاپ، گۇمان قىلىشنى، يىشىلمىگەن سىرلارنى يىشىشنىڭ، تىگىگە يەتمىگەن ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتىشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىشىمىز كىرەك. بىز پەقەت شۇنداق قىلغىنىمىزدا، ئاندىن خەلقىمىزنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرالايمىز. بىز پەقەت شۇنداق قىلغىنىمىزدا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغدىيالايدىغان بولىمىز. بولمىسا مەن باشتا تىلغا ئالغان ۋىدەئودىكى چاشقانلاردەك، ئىنسانلارنىڭ توزاقىغا چۈشۈپ كىتىشىمىز، باشقىلار سىززىپ قويغان چەمبىرەك ئىچىدىلا ياشىشىمىز مۈمكىن.

2019 – يىلى 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 
  
قوشۇمچە: گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
يۇقارقى گىرافىكتە كۆرسىتىلگەندەك، ئەگەر يالغۇز ئىشىنىش بولۇپ، پەقەت گۇمان قىلىش بولمىغاندا، بىخەستەلىك كىلىپ چىقىشى، ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، بىۋۇدە زىيان تارتىشىمىز مۈمكىن. ئەگەر يالغۇز گۇمان قىلىش بولۇپ، پەقەت ئىشىنىش بولمىغاندا، گۇمانخورلۇق ئەۋجە ئىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئىغىر تەسىر يىتىشى ۋە ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۈمكىن. كۈندۈلىك ھاياتىمىزدا، گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئارىسىدا مۇئاپىق بىر تەڭپۇڭلۇق بولىشى بەك موھىمدۇر. (ئەسكەرتىش: بۇ دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ گۇمان قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، ئىشىنىش قانچە كۆپ بولسا، گۇمان قىلىشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس) 

Guman rastinla imanni qachuramdu?


Guman rastinla imanni qachuramdu?
Memet Emin

Bezilerning xewri bolghandek men yiqinda guman qilish we gumanxorluq kisili toghursida bir maqala yazghan we Pidailar ikiranida bu heqte bir liksiye sözligen idim. Men yiqinda youtube qanilida körgen bir video, meni bu jehette tiximu choqur oylandurup qoydi.

Maqalining ulanmisi:
Liksiyening ulanmisi
Youtube qanilidiki u videoning ulanmisi

U videoda chashqanlarning insanlar qurup qoyghan tozaqqa chüshüsh jeryanini kamiragha ilin’ghan bolup, gerche insan qollan’ghan usul nahayti addi bolsimu, biraq chashqanlarning kallisi melum nuqtidin eyitqanda bek addi bolghachqa, insanlarning hili mikirlirini tesewur qilalmighachqa we yaki uningdin hich guman qilimighachqa, qirindashlirining insanlar qurup qoyghan tozaqqa chüshkenlikini öz közi bilen körüsh turup, oxshash qiltaqqa chüshüsh jeryani kameragha ilin’ghan. Gerche chashqanning guman qilishigha hichkim cheklime qoymighan bolsimu, biraq Allah chashqanlargha insanlargha bergen eqil parasetni bermigenliki üchün, insanlarning özige tozaq qurishidin hich guman qilmighan. Men bu videoni körgendin kiyin, bizning hazirqi halgha chüshüp qilishimizning belgülük seweplirini körgendek boldum, we shu seweptin guman toghursidiki bu timini qaytidin toluqlap yizish qararigha keldim.

Bizde “guman imanni qachuridu” deydighan ata sözi bar. Hem dinimizda guman qilishning nahayti ighir gunah ikenliki alahide tekitlen’gen. Men bu yerde bundaq bir timini soal sheklide oturgha qoyushimdin sewep, hergüzmu guman qilishning ighir gunah ikenlikini inkar qilish emes, belki özüm yashighan we özüm bilgen ehwallargha asasen, guman qilishni zadi qandaq chüshensek, uni tiximu toghra chüshen’gen bolimiz digen toghursida öz köz qarashlirimni oturgha qoyup ötmekchimen.

1949 - yili rayunda üstünlikni igellep weziyetni konturul qilghuchi küchler, Exmetjan Qasim qatarliq eyni waqittiki dölet erbablirimizning ayrupilan weqeside qaza qilghanliqini ilan qildi, biraq köp sanda kishiler gerche qolida iniq delil ispati bolmisimu, ulaning aprupilan weqeside ölgenlikige guman bilen qarashti. Meningche buningliq bilen biz u weqedin guman qilghanlarning imanini kachti diyelmeymiz.

2001 – yili Amirkida yüz bergen 11 – sintebir weqesini Amirka hökümiti köpligen delil ispatlar bilen Elqayda teripidin peyda qilghan terorluq weqe dep ilan qilghan bolsimu, biraq yene köpligen kishiler bolupmu musulman döletliridiki kishiler uni bashqilarning oynighan oyni dep guman qilishti. Buningdimu biz u guman qilghan kishiler imanini yoqatti dep yekün chiqiralmaymiz

Hemmimiz bilgendek saqchi yaki raziwitchiklarning mutleq köp sandiki jinayet dilosini iniqlap, jinayet jawapkarini jazalashning deslepki qedimi, bir yaki bir nechche jinayet gumandari toghursida tekshürüsh ilip birishtin bashlinidu. Saqchilar dilo turghuzghanda, bir yaki bir nechche insanni jinayet gumandari qilip turghuzush dimek, tixi delil ispati yoq dimek; eger delil ispat bolsa u bir yaki bir nechche insan jinayet gumandari emes, belki jinayetchi süpitide qolgha ilinishi mümkin. Saqchilarning jinayet gumandari turghuzushtiki mexset, hergüzmu pitne passat peyda qilish we yaki guman’gha tayinip yekün chiqirip, bashqilarni naheq jazalash emes, belki tekshürüsh ilip birish arqiliq, bir tereptin jinayet dilosini iniqlap, jinayet ötküzgüchige heq etken jazani birish bolsa, yene bir tereptin jinayet gumandarini aqlap, uni gumandin saqit qilishtur. Saqchilarning dilo ishlishide jinayet gumandari turghuzush, musulman döletlirini öz ichige alghan hemme döletlerde mewjut. Ejiba ularmu delil ispatsiz bashqilarni jinayet gumandari digen qalpaqni keydürgenlik sewebidin, imanini yoq qilarmu?

Men yuqarqi bu misallarni oturgha qoysam, belkim beziler biz dewatqan guman qilish bu emes diyishi mümkin. Shu seweptin, guman imanni qachuridu dep qara qoyuq höküm chiqirishtin burun, aldi bilen guman qilishning menisige, guman qilghan konkirit ehwalgha,  guman qilishning mexset mudduasi we gumanning aqiwitige qarishimiz kirek.

Undaqta guman qilish digen sözning hazirqi zaman puxra tilimizdiki menisi nime?

Guman qilish diginimiz ishenmeslik, jezmenleshtürelmeslik, köngelde soal tughulush, eqlidin ötmeslik, tigige yitelmeslik, ihtiyatchan bolush, alahide diqqet qilish, bashqilar dewatqan sözni yalghan dep qarash, bashqilarni semimi emes dep qarash, bashqilarni yoshurun yaki oghurluqche yaman we qanunsiz ish qildi, jinayet ötküzdi dep qarash digendeklerdin ibaret. Biz köpünche halda guman qilishni delil ispatsiz guman qilish dep ishlitimiz. Emiliyette guman dimek delil ispat yoq dimek. Eger delil ispat bolsa, u guman bolmaydu.

Guman diginimiz, iniq delil ispati yoq ehwal astida, insanlarning birinji sizimigha asasen oturgha qoyghan perez, qiyas we köz qarashtur. Guman hergüzmu pitne passat bilen barawer emes. Guman qilish dimek hergüzmu noqul halda bashqilargha qarisigha bohtan chaplap, bashqilarni haqaret qilish digenlik emes. Guman qilish dimek, mesilining tigige yitelmeslik, chüshenmeslik dimek; u bezide tiximu chongqurlap tekshürüsh ilip birishning bashlinishi we herketlendürgüch küchidur. Gumanning 100% toghra bolushi natayin bolghinigha oxshash, gumanning hemmisining 100% xata bolushimu natayin.

Ilmi tetqitqatta aldi bilen melum hadislerning yüz birish ehwaligha nisbeten, melum perez we qiyas oturgha qoyilidu. U perez yaki qiyas otturgha qoyulghanda, tixi hichqandaq delil ispat bolmighachqa, biz uni bir xil qiyas, perez yaki guman dep qaraymiz. Undin kiyin her xil wastilerni qollunup, tejirbe ilip birish arqiliq, deslepte oturgha qoyghan u qiyas, perez we gumanlarning toghra ikenlikini ispatlaymiz yaki uni xatagha chirip, uni inkar qilimiz.

Siyasi we weziyet toghursida mulahize ilip baridighanlarmu, özlirining eqil parasitige we burun ügen’gen bilimlirige tayinip, kelgüsi xelqara siyaset, xelqara weziyet we yaki melum shexislerning kelgüsi qilmishi toghursida mulahize ilip birip, özlirining köz qarashlirini oturgha qoyishidu. Bu jeryanda  gerche ötmüshte yüz bergen bezi pakitlar oturgha qoyulghan bolsimu, biraq kelgüz toghursida chiqirilghan yekenler asasen shu mualahze ilip barghuchilarning qiyas, texmin we gumanigha asasen logikiliq tepekkur qilish arqiliq chiqirlidu.

Undin bashqa kündilik turmushimizdimu biz guman qilishtin mutleq xali bolalmaymiz. Mesilen, biz kechte sirittin öyge qaytip kilip, chiraqni yandurghinimizda, eger chiraq yanmisa, belkim biz lampushka köyüp ketken bolishi mümkin, bixeterlik simi köyüp ketken bolishi mümkin digendek gumanlarni qilimiz, we shu guman’gha asasen tekshürüp ilip birip, chiraqning yiqilmasliq mesilisining sewebini iniqlash we uni hel qilish üchün herket qilimiz.

Qosqimiz aghrip qalsa, könglimiz iliship, qusup yandursaq, aldi bilen yigen tamaqtin guman qilimiz. Qoyghan nersimizni tapalmisaq, birlirining uni alghanliqidin we yaki bashqa yerge yötkiwetkenlikidin guman qilimiz. Bir nersimizni yoqutup qoysaq, özimizning uni chüshürüp qoyghanliqidin yaki birsining uni oghurliwalghanliqidin guman qilimiz. Axirda belkim shu gumanlirimizning biresi toghra bolup chiqishi mümkin, yaki hemmisi xata bolup chiqishimu mümkin.

Eger birsi yigili bolmaydighan bir nersini ekilip, bu tamaq dep bizge berse, uni maqul dep yiyish emes, belki uningdin guman qilish, hergüz xata emes. Shunga melum nuqtidin eyitqanda, guman qilish, insan’gha xas eqil paraset we musteqqil tepekkur yürgüzüshning simowuli. Guman qilishni qara qoyuq cheklesh, melum nuqtidin eyitqanda, insanlarni musteqqil tepekkur qilmaydighan, bashqilar nime dise shuninggha ishinidighan halgha chüshürüp qoyidu. Bashqiche qilip eyitqanda eqil ishletmey, musteqqil teppekkur qilmay, hemme nersige we hemme ademge qara qoyuq ishinish, melum nuqtidin eyitqanda, nadanliq we dötlikning alamiti.

Nurghun yillar ilgiri mundaq bir hikayini oqughunum isimde. Bir idarining bir taziliq ishchisi bolup, gerche uning eqli ajizliq kisili bolsimu, biraq özige texsim bolghan xizmetni nahayti estayil qilidiken; hetta herqandaq waqitta bashqilarning ishi chiqip qalsa, u ikkilenmey ularning ishlirinimu estayil tamamlaydiken; bashqilar purserperslik qilsimu, ishqa kiyin kilip baldur qaytip ketsimu, hich bir zaman özini bashqilar bilen silishturmaydiken; özi toxtimay idaridiki barliq ishxanilarni tazlap turidiken; hich bir zaman nale shikayet qilmaydiken; bashqilardin özini bozek qiliwatqidu dep guman qilmaydiken. Shu seweptin nurghun yil idarining emgek nemunchisi bolup bahaliniptu. Uningdin tesirlen’gen idare rehbiri, u kishige alahide köngül bolup, idare pul chiqirip, uning eqli ajizliq kisilini dawalitiptu. Shuningdin itiwaren, u kishi asta asta özini bashqilar bilen silishturidighan boptu; özi qilishqa tigishlik xizmettin artuqini qilmaydighan boptu; bashqilar uninggha “ishim chiqip qaldi, mining ornumgha tazliq qiliwet” dise, bara bara ulardin özini bozek qiliwatidu dep guman qilidighan boptu.

Elwette, men bu yerde guman qilishni toghra dep, uni medilimekchi, we bashqilarni guman qilishqa righbetlendürmekchi emesmen. Biraq biz yashawatqan bu dunya hergüzmu semimiyetlik we raschilliq bilen tolghan, adil we ghayiwi dunya bolmastin, belki kazzapliq we aldamchiliq mewjut bolghan, adaletsizlik bar bir dunya bolghachqa, her bir insan bashqilarning heq hoquqigha we shexsiyitige hörmet qilish bilen birge, öz ishigha puxta bolup, öz heq hoquqini qoghdash we bashqilarning aldam xaltisigha chüshüp ketmeslik üchün tirishchanliq körsütüsh, segek bolush, ihtiyat qilish zörür dep qaraymen.

Eng mohimi, biz shexsi adawitimiz sewebidin hisyatimizgha tayinip, bashqilardin qalaymiqan guman qilip, ularning keynidin pitni passat terimasliqimiz kirek. Hem shundaqla bashqilar nime dise, uninggha ishinip, özimizning heq hoquqini ziyan’gha uchurtishtin, bashqilarning tozaqigha chüshüshtin saqlinishimiz kirek. Allah bizge ata qilghan eqil parasitimizni jahida ishlitishimiz,  musteqqil tepekkur qilishimiz, öz özimizge, özimiz qilghan gep söz we ish herketlerge mesul bolishimiz kirek. Qisqisi guman qilish bilen ishinish arisidiki tengpungliqni yaxshi saqlap, guman qilishni, yishilmigen sirlarni yishishning, tigige yetmigen ishlarning tigige yitishning herketlendürgüch küchige aylandurishimiz kirek. Biz peqet shundaq qilghinimizda, andin xelqimizni nadanliqtin qutulduralaymiz. Biz peqet shundaq qilghinimizda andin özimizning heq hoquqimizni qoghdiyalaydighan bolimiz. Bolmisa men bashta tilgha alghan videodiki chashqanlardek, insanlarning tozaqigha chüshüp kitishimiz, bashqilar sizzip qoyghan chembirek ichidila yashishimiz mümkin.

2019 – yili 3 – ayning 31 – küni 


Qoshumche: Guman qilish bilen ishinish arisidiki munasiwet
Yuqarqi girafikte körsitilgendek, eger yalghuz ishinish bolup, peqet guman qilish bolmighanda, bixestelik kilip chiqishi, asanla bashqilarning aldam xaltisigha chüshüp, biwude ziyan tartishimiz mümkin. Eger yalghuz guman qilish bolup, peqet ishinish bolmighanda, gumanxorluq ewje ilip, kishiler arisidiki munasiwetke ighir tesir yitishi we oylimighan yaman aqiwetler kilip chiqishi mümkin. Kündülik hayatimizda, guman qilish bilen ishinish arisida muapiq bir tengpungluq bolishi bek mohimdur. (eskertish: bu digenlik hergüzmu guman qilish bilen ishinish ong tanasip bolidu, ishinish qanche köp bolsa, guman qilishmu shunche köp bolidu digenlik emes)

Sunday, March 10, 2019

كىمنىڭ خاتالىقى؟

كىمنىڭ خاتالىقى؟
مەمەت ئىمىن

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئامىركىنىڭ كولورادو شىتاتىدا ناھايتى چوڭ بىر ئوت ئاپىتى بولۇپ كۆپلىگەن ئورمان كۆيۈپ كۈل بولغان ئىدى. كىيىن ئۇنىڭغا بىر ياش بالىنىڭ ئوت قويغانلىقى مەلۇم بولدى. ساقچىلار ئۇ بالىدىن ئوت قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ بالا باشقىلارنىڭ دىقىتىنى تارتىش دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.

بىرسى قانداق قىلغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نام چىقارغىلى بولىدۇ دەپ سورىسا، يەنە بىرسى باشقىلارنىڭ دىقىتىنى دەرھال چىكىدىغان ھەرقانداق غەلىتە ئىش قىلساڭ، ئەڭ تىز نامىڭنى چىقىرالايسەن دەپ جاۋاپ بىرىپتىكەن.

فولورىدانىڭ كىچىك بىر شەھەرىدىكى بىر پوپ قۇرئان كۆيدۈرىمەن دەپ دەۋراڭ سىلىپ دۇنياغا تونۇلغان ئىدى. ئەگەر ئۇ پوپنىڭ مەخسىتى پەقەتلا قۇرئان كۆيدۈرۈش بولسا، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بىرەر يۈز قۇرئاننى كۆيدۈرىۋەتسىمۇ، ئۇنى ھىچكىم بىلمىگەن بولاتتى ۋە كىيىنكى قانلىق پاجىلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئەكسىنچە بىزنىڭ ۋەتەندە خىتتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن قۇرئاننى ككيدۈرۋەتتى، بىراق ئۇنىڭغا ھىچكىم ئاۋاز چىقارمىدى. ئەمىلىيەتتە جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ، ئۇ كىشىنىڭ مەخسىتى قۇرئان كۆيدۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنى بانا قىلىپ شۇ ئاسان يول بىلەن نام چىقىرىش ئىدى.

ھەممىمىز بىلگەندەك ھەر بىر دۆۋلەتتە بىردىن بىرنەچچە ئون ھاۋا يولى شىركەتلىرى بار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ھاۋا يولى شىركىتى 5000 دىن ئاشۇدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن مەن قانچە ھاۋا يولى شىركىتىنى بىلىمەن دەپ سوراپ باقساق، جاۋاپ 10، 20، بەلكىم ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 ھاۋا يولى شىركىتىنى بىلىشىمىز مۈمكىن. دىمەك مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇتلەق كوپ ساندىكى ھاۋا يولى شىركىتىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بەزى ھاۋا يوللى شىركەتلىرى نەچچە ئون يىللار بىرەر ۋەقە چىقارماي قاتناپ كەلگەن، ئەمما ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن بىلىنمىگەن بولسىمۇ، بىراق بىر قىتىملىق ۋەقە تۈپەيلىدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا بىلىنىشى مۈمكىن.


بىر يازغۇچى "How to change your life in 30 days " يەنى "قانداق قىلىپ 30 كۈن ئىچىدە ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز" دىگەن كىتاپ يازغان ئىكەن. ئۇ كىتاپ نەشىردىن چىقىش جەريانىدا، بىر ھەرىپنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، "life" (ھايات) دىگەن سۆز  "wife" (خوتۇن) غا ئۆزگۈرەپ، ئۇ كىتاپ نامى "قانداق قىلىپ 30 كۈن ئىچىدە ئايالىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز"  بولۇپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇ كىتاپ بىر ھەپتە ئىچىدە 2 مىلىيۇن پارچە سىتىلىپتۇ. كىيىن يازغۇچى خاتالىقنى بايقاپ، "wife" دىگەن سۆزنى "life" قىلىپ تۈزەتكەندىن كىيىن بىر ئاي ئىچىدە ئاران 3 پارچە سىتىلىپتۇ.

ئۇندىن باشقا غەيۋەت شىكايەت، پىتنى پاسساتقا ۋە يالغان سۆزلەرگە، گەرچە ھەممە ئادەم نالەت ئوقىسىمۇ، بىراق ئۇ ھەرقانداق ياخشى داستانلاردىن تىز تارقايدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن يامان ئىشلار، ياخشى ئىشلاردىن تىز تارقايدۇ؟ غەيۋەت شىكايەت ۋە پىتنە پاسساتلار، ياخشى سۆزلەردىن تىز تارقايدۇ؟ يالغان سۆزلەر، راس سۆزلەردىن تىز تارقايدۇ؟

سەۋەپ يامان ئىشلاردا، غەيۋەت شىكايەتتە، پىتنە پاسساتتا ئەمەس، بەلكىم شۇنى تارقاتقۇچىلاردا. ھىچقانداق مال، ئەگەر يىتەرلىك بازار ۋە خىرىدار تاپالمىسا، ھەرگۈز زورلاپ سىتىلماس. ئەگەر غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاسسات ئوتۇرغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قىززىقىدىغان ۋە ئۇنى تارقىتىدىغانلار بولمىسا، يالغۇز غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاسساتلار مەلۇم دائىردە چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇ غەيۋەت شىكايەت، پىتنە پاسساتلارنى توقىغان ۋە شۇ ئارقىلىق نام چىقارماقچى بولغان ئادەملەر ھەرگۈز بازار تاپالمايدۇ؛ كۆزلىگەن مەخسىتىگە يىتەلمەيدۇ، ئۆزىدىن ئۆزى ئىشى پۇشۇپ، ئاىىردا ئۇ ئىشلاردىن قولىنى تارتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز گەرچە ئۇلارغا نالەت ئوقىغان بولساقمۇ، لىكىن ئۆزىمىز خالىغان ياكى خالىمىغان، سەزگەن ياكى سەزمىگەن يوسۇندا، ئۇلارغا ياردەمدە بولدۇق؛ ئۇلارنىڭ بازار تىپىشىغا پۇرسەت ھازىرلاپ بەردۇق؛ ئۇلارغا يول ئىچىپ بەردۇق؛ ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان يول بىلەن نامىنى چىقىرىشىغا ياردەم قىلدۇق.  شۇ سەۋەپتىن بەزى ئىنسانلار بازار تاپتى؛ بىزدىن پايدىلىنىپ نام چىقىرىشتەك ئاسان يولنى تاللىدى.

ئەگەر بىز بىر بىرىمىزنى ئەمەس، بىر بىرمىز بىلەن سۆزلەشسەك، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر تۈگەپ كىتىدۇ.

ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق بىر خىل غەلىتە ئادەت ياكى بىنورمال پىسخىكا باركى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگە بولغان ھاياتىدىن ۋە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلرىدىن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ھوزۇرسىزلىقى، پالاكەتكە ئۇچۇرشى، ۋەيران بولۇشى ۋە پاجىيەلىرىدىن راھەتلىنىدىغان، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ئۆزىنى قانائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلاردىكى بۇ خىل غەلىتە ئادەت ۋە بىنورمال پىسخىكا، دەل شۇ يامان ئىشلار، يالغانلار، غەيۋەت شىكايەت ۋە پىتنە پاسساتلارنىڭ تىز تارقىلىشىنىڭ ئاساسىدۇر.

ئىنسانلار، پەقەت غەيۋەت ئۆزى توغۇرسىدا بولغاندا ئاندىن غەيۋەتنى ياخشى كۆرمەيدۇ

Kimning xataliqi?



Memet Emin

On nechche yil ilgiri Amirkining Kolorado shitatida nahayti chong bir ot apiti bolup köpligen orman köyüp kül bolghan idi. Kiyin uninggha bir yash balining ot qoyghanliqi melum boldi. Saqchilar u balidin ot qoyushning sewebini sorighanda, u bala bashqilarning diqini tartish dep jawap bergen iken.

Birsi qandaq qilghanda qisqa waqit ichide nam chiqarghili bolidu dep sorisa, yene birsi bashqilarning diqitini derhal chikidighan herqandaq ghelite ish qilsang, eng tiz namingni chiqiralaysen dep jawap biriptiken.

Foloridaning kichik bir sheheridiki bir pop Qur'an köydürimen dep dewrang silip dunyagha tonulghan idi. Eger u popning mexsiti peqetla Qur'an köydürüsh bolsa, öyide olturup birer yüz Qur'anni köydüriwetsimu, uni hichkim bilmigen bolatti we kiyinki qanliq pajiler yüz bermigen bolatti. Eksinche bizning wetende Xittay hökümiti nurghun kur'anni köydüriwetti, biraq hichkim uninggha awazini chiqarmidi. Emiliyette jinning qesti shaptulda dep, u kishining mexsiti Qur'an köydürüsh emes, belki uni bana qilip asan yol bilen nam chiqirish idi.

Hemmimiz bilgendek her bir döwlette birdin birnechche on hawa yoli shirketliri bar bolup, pütün dunyadiki hawa yoli shirkiti 5000 din ashidu. Eger biz özimizdin men qanche hawa yoli shirkitini bilimen dep sorap baqsaq, jawap 10, 20, belkim eng köp bolghanda 50 hawa yoli shirkitini bilishimiz mümkin. Dimek mutleq köp sandiki kishiler mutleq köp sandiki hawa yoli shirkitini unche bilip ketmeydu. Bezi hawa yoli shirketliri nechche on yillar birer weqe chiqarmay qatnap kelgen, emma asasen bashqilar teripidin bilinmigen bolsimu, biraq bir qitimliq weqe tüpeylidin eng qisqa waqit ichide pütün dunyagha bilinishi mümkin.

Bir yazghuchi "How to change your life in 30 days" yeni "Qandaq qilip 30 kün ichide hayatingizni özgerteleysiz" digen kitap yazghan iken. U kitap neshirdin chiqish jeryanida, bir heripning almiship qalghanliqi sewebidin, "life" (hayat) digen söz  "wife" (ayal, xotun) gha özgürep, u kitapning ismi "Qandaq qilip 30 kün ichide ayalingizni özgerteleysiz" bolup qaptu. Shu seweptin u kitap bir hepte ichide 2 miliyun parche sitiliptu. Kiyin yazghuchi xataliqni bayqap, "wife" digen sözni "life" qilip tüzetkendin kiyin bir ay ichide aran 3 parche sitiliptu.

Undin bashqa gheywet shikayet, pitni passatqa we yalghan sözlerge, gerche hemme adem nalet oqisimu, biraq u herqandaq yaxshi dastanlardin tiz tarqaydu. Undaqta nime üchün yaman ishlar, yaxshi ishlardin tiz tarqaydu? Gheywet shikayet we pitne passatlar, yaxshi sözlerdin tiz tarqaydu? Yalghan sözler, ras sözlerdin tiz tarqaydu?

Sewep yaman ishlarda, gheywet shikayette, pitne passatta emes, belki shuni tarqatquchilarda. Hichqandaq mal, eger yiterlik bazar we xiridar tapalmisa, hergüz zorlap sitilmas. Eger gheywet shikayet, pitne passat oturgha chiqqanda, uninggha qizziqidighan we uni tarqitidighanlar bolmisa, yalghuz gheywet shikayet, pitne passatlar melum dairde cheklinip qalmastin, belki u gheywet shikayet, pitne passatlarni toqup chiqqan we shu arqiliq nam chiqarmaqchi bolghan ademler hergüz bazar tapalmaydu; mexsitige yitelmeydu, özidin özi ishi pushup, uzun'gha barmay u ishlardin qolini tartidu. Emiliyette biz gerche ulargha nalet oqighan bolsaqmu, likin özimiz xalighan yaki xalimighan, sezgen yaki sezmigen yosunda, ulargha yardemde bolduq; ularning bazar tipishigha purset hazirlap berduq; ulargha yol ichip berduq; ularning ghelite ishlarni qilip namini chiqirishigha yardem qilduq.  Shu seweptin bezi insanlar bazar tapti; bizdin paydilinip nam chiqirishtek asan yolni tallidi.

Eger biz bir birimizni emes, bir birmiz bilen sözleshsek, dunyadiki nurghun mesililer tügep kitidu.

Insanlar arisida shundaq bir xil ghelite adet yaki binormal pisxika barki, u bolsimu ular özlirining ige bolghan hayatidin we qolgha kelturgen netijilridin emes, belki bashqilarning hozursizliqi, palaketke uchurshi, weyran bolushi we pajiyeliridin rahetlinidighan, we shu arqiliq öz özini qanaet qilidighan bolup, insanlardiki bu xil ghelite adet we binormal pisxika, del shu yaman ishlar, yalghanlar, gheywet shikayet we pitne passatlarning tiz tarqilishining asasidur.

Insanlar, peqet gheywet özi toghursida bolghanda andin gheywetni yaxshi körmeydu


2019 - yil 3 - ayning 10 küni New York