Saturday, October 19, 2019

خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ داۋا

 مەمەت ئىمىن

      خوڭكوڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ قىسقىغىنە 4 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادا ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ،  پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى،  شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىدىن باشقا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان خەلقنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ،  بىراق يېقىندىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر،  ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەرنى،  بولۇپمۇ خوڭكوڭلۇقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە نىسبەتەن ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ.  ئۇنداقتا خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا بۇنداق تېز دىققەت قوزغىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ بىزنىڭ داۋايىمىزغا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار؟ بىز خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن نېمىلەرنى يەكۈنلىشىمىز كېرەك؟ مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

      خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى،  1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنى 50 يىل ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ،  كېلىشىم بويىچە خوڭكوڭلۇقلار 50 يىلغىچە ئالاھىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك ئىدى.  ئەپسۇس،  خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن،  ھەر خىل يوللار ئارقىلىق خوڭكوڭنىڭ ھەر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئىدىئولگىيەسى ۋە قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىكە باشلىدى.  نەتىجىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان خوڭكوڭلۇقلار،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىنى كونترول قىلماقچى بولغان قارا نىيىتىنى بارا-بارا بايقاپ،  بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكە باشلىدى.  ئۇلار 2014 - يىلى "كۈنلۈك ئىنقىلابى " نى قوزغىغان بولسىمۇ،  بىراق ئۇ ئىنقىلاب ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.  بۇ قېتىم خوڭكوڭدا تۈزۈلمەكچى بولغان "خوڭكوڭدىكى جىنايەتچىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى" سەۋەبىدىن خوڭكوڭلۇقلار يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ چىققان.

      خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقارادا بۇنداق تېز تەسىر قوزغىشى ۋە خەلقارانىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،  ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يەكۈنلەشكە بولىدۇ.  ئالدى بىلەن،  خەلقارانىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى ۋە غەربنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە بولغان تەھدىتىدىنى تونۇپ يېتىشى. ئىككىنچىدىن،  خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى،  ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەرنى پەقەت مۇھاجىرەتتىكى خوڭكوڭلۇقلار ئارقىلىق ئەمەس،  بەلكى خوڭكوڭ ئىچىدىكى خەلقنىڭ بىۋاستە قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى سەۋەبىدىن خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خەلقارا ئاخباراتىدا ئۆز ۋاقتىدا ئەينەن خەۋەر قىلىنىپ تۇرۇشى.  ئۈچىنچىدىن،  غەربنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ 30 يىل ئىلگىرىكى خىتايدا يۈز بەرگەن تىيەنەنمېن ۋەقەسىنىڭ خوڭكوڭدا قايتىلىنىپ قېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈزگۈزۈۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلىرىنىڭ خوڭكوڭدا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىشى. تۆتىنچىدىن، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ غەرب بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشتا بولۇشى ۋە غەربنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلمىسىغا تەھدىت بولمايدىغانلىقى.  بەشىنچىدىن،  خوڭكوڭلۇقلار ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەلەپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئەڭىلىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى،  شۇ سەۋەبتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭنى قوللىشى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن دېپلوماتىك كېلىشىملىرىگە زىت كەلمەيدىغانلىقى.

      خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بەش تەلىپى:
      1. خوڭكوڭدا ماقۇللىماقچى بولغان "خوڭكوڭدىكى جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى"  نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
      2.  6 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى نامايىشىغا بېرىلگەن "توپىلاڭ"  قالپىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
      3.  نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى جىنايەتچى سۈپىتىدە ئەيىبلىمەسلىك.
      4.  مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ،  ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.
      5. خوڭكوڭدا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىل سايلامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

      ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك،  گەرچە خوڭكوڭلۇقلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بەش تەلەپ شۇنچە ئاددىي،  خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە تەھدىت ئېلىپ كەلمىسىمۇ،  پۈتۈن دۇنيانىڭ بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ،  جۈملىدىن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ،  ناھايىتى ئەپسۇس، ھازىرغىچە خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەل بولمايۋاتىدۇ. ئەكسىچە نامايىشقا قاتناشقۇچىلار خوڭكوڭدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇۋاتىدۇ.  قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئوقۇغۇچىلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەگەر خەلقارا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايغا ئەمەلىي بىر بېسىم قىلمىسا،  ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمى ئۈچۈن "خوڭكوڭ مەسىلىسى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ "  دەپ ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاشلاپ بەرسە،  شۇنداقلا  شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ،  پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىدە "كىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىنىنى پارچىلاشقا ئۇرىنىدىكەن،  ھەممىسىنىڭ بەدىنى يانجىلىپ،  سۆكەكلىرى پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ " دەپ تەھدىت سالالىسا،  خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوڭۇشلۇق ھەل بولۇشى ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك.

      خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئاشكارلاپ،  بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ ھەقلىق بىر داۋا بولۇپ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.  خوڭكوڭ مەسىلىسى مەيلى قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشسۇن،  ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنىڭ داۋاغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا،  ئەڭ مۇھىمى بىزگە كۆپلىگەن دەرسلەرنى بەردى.  مېنىڭ قارىشىمچە،  ئەگەر خوڭكوڭ مەسىلىسى غەلبە بىلەن ئاخىرلاشسا،  بىزگە تىنىچلىق بىلەن قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ، خەلقىمىزنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۈمىد ۋە كۈچ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.  ئەگەر خوڭكوڭ مەسىلىسى مەغلۇپ بولسا،  بىر تەرەپتىن بىزنىڭ پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس،  بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن پەرقلىق قاراشتىكى ھەرقانداق خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ باستۇرۇلدىغانلىقىنى خەلقاراغا نامايەن قىلىپ، خەلقارانىڭ بىزنى قوللىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.  لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا،  خەلقارانىڭ بولۇپمۇ غەربنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئاشكارلاپ،  خەلقارانىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەسىر كۈچىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ،  تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىغانلارغا بەلگىلىك ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

      ھەممىمىزگە مەلۇم،  ۋەتەندە بىزنىڭ خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.  خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كەلگىنى پەقەت ياشاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ،  ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ.  ئۇلار ئۆز ھوقۇقىنى ۋە ئىپتىخارىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق بىلدۈردى،  خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى،  مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولدى.  ئەمما بىزنىڭ نەچچە مىليون خەلقىمىز تۈرمىلەر ۋە لاگىرلاردا،  پۈتۈن مىللىتىمىز يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.  ناھايىتى ئەپسۇس،  يېتەرلىك قارشىلىق كۆرسىتىش يوق.  پەقەت ۋەتەن ئىچىدىكىلەر ئەمەس،  ھەتتا ۋەتەن سىرتىدا ئەركىن ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭمۇ ھەقىقىي ئويغانغىنى ناھايىتى چەكلىك.  7 مىليون خوڭكوڭلۇقنىڭ يېرىمى پەقەت تېخىمۇ ئەركىن ياشاش ئۈچۈن قوزغىلىپ كوچىلارغا چىقتى،  بەدەل تۆلىدى ۋە تۆلەۋاتىدۇ.  ئەمما ۋەتەندە 15 مىليوندىن 35 مىليونغىچە،  مۇھاجىرەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىمىز بار دېگەن بىزنىڭ 10% تىمىزمۇ تېخى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتەلمىدۇق،  ئورۇنسىز بەدەل تۆلىدۇق،  بىراق ئەركىنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە پېتىنالمىدۇق.  مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك،  خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقارادا تېز قوللاشقا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتا دادىل بولۇشى،  ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكنى پەقەت مۇھاجىرەتتىكى خوڭكوڭلۇقلار ئارقىلىقلا ئەمەس،  بەلكى ئىچكى خەلق ئارقىلىق بىۋاستە ئاڭلىتىشى بولۇپ،  ناھايىتى ئەپسۇس بىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بۇنداق بىر پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى،  ھەتتا ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشى،  ئۆزى خالاپ ياكى خالىمىغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىيىتىنى ماختىشى، ۋەتەن سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ بولسا ئومۇمىيۈزلۈك ئويغانماسلىقى، بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ خەلقارادا كەڭ تارقىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.

      يېقىندا بىرسى تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغان نامايىشقا قاتناشقان بىر خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچى بالا بىلەن مۇخبىر ئارىسىدىكى دىئالوگ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى.
      مۇخبىر:  نامايىشقا چىققىنىڭنى ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەمدۇ؟
      ئوقۇغۇچى:  بىلىدۇ،  ئۇلار مېنى قوللايدۇ.
      مۇخبىر:  نامايىشقا چىققاندا قورقتىڭىزمۇ؟
      ئوقۇغۇچى:  ياق،  قورقمىدىم.  نامايىشقا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيۋى تەييارلىق قىلىپ قويغانتىم،  بەلكىم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىم ياكى يوقاپ كېتىشىم مۇمكىن.  لېكىن مەن چىقمىسام كېيىنكىلەر قانداق قىلىدۇ؟ شۇڭا مەن ۋەسىيەتنامىنىمۇ يېزىپ تەييارلاپ قويغان.
      مۇخبىر:  ۋەسىيىتىڭىزدە نېمىلەرنى يازغانتىڭىز؟
      ئوقۇغۇچى:  ئەگەر مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئىچكى ئەزالىرىمنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تەقدىم قىلىڭلار دەپ يازغانىدىم.
      مۇخبىر:  ئاتا-ئانىڭىز ۋەسىيەت قالدۇرغىنىڭىزنى بىلەمدۇ؟
      ئوقۇغۇچى:  ياق،  ئۇلار بىلمەيدۇ.  ئۇلارنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دېدىم.  ئەمما ئۇلار نامايىشقا چىقىشىمنى قوللايدۇ.  ئاتا-ئانام يىغلاپ تۇرۇپ:   "بالام بىزنى كەچۈرگىن،  ھەممىنى قىلغان بىز،  ئەينى چاغدا بىز سىلەردەك دەس تۇرۇپ،  سىلەر ئۈچۈن ئەركىن دۇنيا يارىتىپ بېرەلمىدۇق،  بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىزنىڭ بەدىلىنى سىلەر تۆلەۋاتىسىلەر،  بىزنى كەچۈرگىن بالام "  دەپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

      مەن يۇقىرىقى دىئالوگنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن،  مەن پاراڭلىشىپ باققان ياشلارنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا تاپىلىغان نەسىھەتلىرى ئېسىمگە كەلدى.  بالىلىرىنى چەتەلگە ئوقۇشقا يولغا سالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گەرچە ھەر جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ،  بىراق ئۇلار بالىلىرىغا: " بىزگە ئەركىن ياشاش نىسىپ بولمىدى، سىلەر بولساڭلىمۇ چەتەلگە چىقىپ ھەقىقىي بىر ئىنساندەك ئەركىن ياشاڭلار "  دەپ نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنىغا  "سىياسەتكە ئارلاشمىغىن،  سىياسەتكە ئارلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا يېقىن كەلمىگىن" دەپ نەسىھەت قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن.  ھەتتا مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بالىسىنى يوقلاپ كەلگىنىدە،  ماڭا  "بالامغا قالايمىقان مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتمىگىن"  دەپ ئالاھىدە تاپىلىغان ئىدى.  بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە خوڭكوڭلۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلار گەرچە ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ  مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشىغان مىللەت بولسىمۇ،  خوڭكوڭلۇقلار  ئەنگىلىيەنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ئاستىدا سىرىتقا ئېچىۋىتلگەن ئوچۇق بىر جەمىيەتتە ياشىغان؛ گەرچە خوڭكوڭلۇقلار ئۆز باشلىقىنى سايلاش سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمىغان بولسىمۇ،  بىراق نۇرغۇن جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچۇرمىغان، ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولغان ۋە ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشىغان؛ ئەمما بىز ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكاتورلۇق تۈزۈمى ئاستىدا سىرىتقا يىپىق ھالدا ياشىدۇق؛ بىز نۇرغۇن جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچىراپ، ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياشاپ،  بىلىپ - بىلمەي ئۆزىمىزگە قۇللۇق روھنى سىڭدۈرۈۋالغان ئىكەنمىز.  ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ھېچكىمنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن.  مەن پەقەتلا خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،  بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئەھۋالدىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك ئويغىنالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.

      2019 – يىلى  10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى  "خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكىراتىيە قانۇن لاھىيەسى "،   435 مىللەت ۋەكىلى بار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى.  يېقىن كەلگۈسىدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتۈپ،  پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىغا سۇنۇشى مۇمكىن.  بىز مىللىيونلارچە خەلقىمىزنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى ۋە نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە "ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى"،   100  مىللەت ۋەكىلى بولغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى.  پات يېقىندا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ.  خوڭكوڭلۇقلار بىزدەك ئۇنداق چوڭ بەدەل تۆلىمەي،  قىسقىغىنە 4 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق قوللاشقا ئېرىشتى.  ئۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ  غەرب بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشتا بولۇشى ۋە غەربنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلمىسىغا تەھدىت بولمايدىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن.  خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇدداھ دىنى ۋە داۋ دىنىغا،  بىر قىسمى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلسا،  يەنە بىر قىسمى ئېنىق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان دىنسىزلار بولسىمۇ،  بىراق ئۇلار مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلماقچى بولغان ۋە ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىرقتىن بولغان خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ،  يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتى؛ ئورتاق بىر قىممەت قاراش ئەتراپىغا توپلاشتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ھەممىدىن ئەلا  كۆردى.  شۇ سەۋەبتىن خوڭكوڭلۇقلار،  خەلقارادىكى ئىرقى ۋە دىنى جەھەتتە ئۇلار بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ھېسىداشلىق قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەپسۇس،  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان،  خەلقىمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىت ئاستىدا قالغان بولسىمۇ،  بىراق بىز يەنىلا بەك كۆپ زېھنىمىزنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز.  مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بولسۇن ۋە ياكى ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بولسۇن،  بىز كەڭ كۆلەمدە ئويغىنىپ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەڭ كۆلەمدە بىرلىشىپ بولالمىدۇق.  بېشىمىزغا ئېغىر كۈن كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە،  بىزنىڭ ئىرقى ۋە دىننى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەممەيلەڭە ئايان؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق،  خېلى كۆپ ساندىكى بىر قىسمىمىز يەنىلا ئۈممەتچىلىكنى مىللەتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،  دۇنيانى مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ پەقەت ئىككىگە بۆلۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز.  شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى،  دۇنيا نوپۇسىنىڭ 20% ئى مۇسۇلمان بولۇپ،  بىزنىڭ نوپۇسىمىز پۈتۈن مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ ئاران 1 – 2% ئىگەللەيدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ يوق بولۇشى بىلەن مۇسۇلمان يوق بولمايدۇ.  دىنىي ئىتىقادىمىز چەكلەنسە ياكى ئۇ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا،  ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ،  بىراق مىللەت يوقالسا،  ھەممە نەرسىمىز يوقايدۇ ۋە ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
  
بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى،  يەر شارى بىزنى مەركەز قىلىپ ئايلانمايدۇ.  بىزدە "ئاياقنىڭ قانداقلىقىنى پۇت بىلىدۇ" دەيدىغان سۆز بار.  ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار.  ئەگەر بىز ئۆزىمىز تولۇق قوزغۇلۇپ، جىددىي ھەركەتكە ئۆتۈپ ئۆزىمىز قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك، دەردىمىزنى باشقىلارغا يېتەرلىك ئاڭلاتمىساق،  باشقىلار دەردىمىزنى تولۇق ھېس قىلالىشى ۋە بىزنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس.  ھېلىمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى،  بولۇپمۇ ئامېرىكا پارلامېنتى بىز ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ياۋروپا، ئەنگىلىيە،  كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيەلەردە بىزنىڭ مەسىلىلىرىمىز مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ،  بولۇپمۇ ئامېرىكا پارلىمېنتىدا ھازىرغا قەدەر بىز ئۈچۈن كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ،  دەردىمىزنى ئامېرىكا خەلقىگە،  جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىلدى.  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدا،  تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيورۇكتىكى باش شىتابىغا ئېلىپ كىرىلدى.  جازا لاگىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلۇپ، 28 ئورۇنغا جازا بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.  بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا ۋە لاگىرنى تاقاشقا تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە،  بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئىتىپاقداش دۆلەتلىرى بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھازىرقىدەك پوزىتسىيەدە بولمىغان بولسا،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە يەنە نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن.  شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىشىمىز كېرەككى،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگىرلارنى تاقىشى ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توختىتىشى بىلەن مەسىلىمىز ھەل بولمايدۇ؛ بىراق ئەگەر بىز لاگىرنىمۇ تاقىتالمىساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توختىتىپ،  خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمىساق، ئۇنىڭدىن چوڭ ئىشنى قىلالىشىمىز تېخىمۇ قىيىن.  شۇڭا بىز بىر بىرىمىزنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ،  مىللى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،  كەڭ كۆلەمدە بىرلىك سەپ قۇرۇپ چىقىشىمىز ۋە داۋانى ھەر تەرەپتىن جانلاندۇرىشىمىز كېرەك.

Xongkong mesilisi we bizning dawa


Xongkong mesilisi we bizning dawa
 Memet Emin


      Xongkong mesilisi otturigha chiqip qisqighine 4 aydin köprek waqit ichide dunyada alahide tesir qozghap,  pütün dunyaning diqqitini tartti,  shundaqla Xitay hökümiti we uning sadiq qollighuchiliridin bashqa pütün dunyadiki erkinlikke intilidighan xelqning ortaq qollishigha érishken bolsimu,  biraq yéqindin béri yüz bériwatqan özgirishler,  erkinlikke intilgüchilerni,  bolupmu Xongkongluqlarni özlirining aqiwitige nisbeten endishige salmay qalmaydu.  Undaqta Xongkong mesilisining dunyada bundaq téz diqqet qozghishining sewebliri néme? Xongkong mesilisining bizning dawayimizgha nisbeten qandaq tesiri bar? Biz Xongkong mesilisidin némilerni yekünlishimiz kérek? Men bu heqte özümning közitishlirige asasen köz qarashlirimizni otturigha qoyup ötmekchimen. 

      Xongkongning igilik hoquqi,  1997 - yili 7 - ayning 1 - küni, Xongkongning démokratik tüzülmisini 50 yil özgertmeslik sherti bilen Xitaygha qayturup bérilgen bolup,  kélishim boyiche Xongkongluqlar 50 yilghiche alahide aptonomiye hoquqidin behrimen bolushi kérek idi.  Epsus,  Xitay hökümiti Xongkongning igilik hoquqini qolgha alghandin kéyin,  her xil yollar arqiliq Xongkongning her sahesige singip kirip, Xongkongluqlarning idiolgiyesi we qimmet qarishigha tesir körsitike bashlidi.  Netijide En’giliye hökümitining bashqurushida erkinlikke könüp qalghan Xongkongluqlar,  Xitay hökümitining hemmini kontrol qilmaqchi bolghan qara niyitini bara-bara bayqap,  bu ishqa nisbeten öz naraziliqlirini bildürüshke bashlidi.  Ular 2014 - yili "Künlük inqilabi" ni qozghighan bolsimu,  biraq u inqilab uzun ötmey Xitay hökümiti teripidin basturulghan.  Bu qétim Xongkongda tüzülmekchi bolghan "Xongkongdiki jinayetchilerni Xitay hökümitige ötküzüp bérish qanuni" sewebidin Xongkongluqlar yene bir qétim keng kölemde qozghilip chiqqan. 

      Xongkong mesilisining xelqarada bundaq téz tesir qozghishi we xelqaraning bolupmu Amérikining qollishigha érishishi köp xil amillar bilen munasiwetlik bolup,  uning seweblirini töwendikidek bir qanche nuqtigha yekünleshke bolidu.  Aldi bilen,  xelqaraning bolupmu Amérika qatarliq gherb döletlirining Xitay hökümitining kéngeymichilik pilanini we gherbning démokratik tüzümige bolghan tehditidini tonup yétishi. Ikkinchidin,  Xongkongluqlarning öz heq-hoquqlirini qoghdash üchün dadilliq bilen otturigha chiqishi,  özliri duch kelgen adaletsizliklerni peqet muhajirettiki Xongkongluqlar arqiliq emes,  belki Xongkong ichidiki xelqning biwaste qarshiliq körsitishi we Xongkongning alahide orni sewebidin Xongkongda yüz bériwatqan weqelerning xelqara axbaratida öz waqtida eynen xewer qilinip turushi.  Üchinchidin,  gherbning bolupmu Amérikining 30 yil ilgiriki Xitayda yüz bergen tiyenenmén weqesining Xongkongda qaytilinip qélishi we Xitay hökümitining sherqiy türkistanda yüzgüzüwatqan bir qisim siyasetlirining Xongkongda kéngiyishidin endishe qilishi. Tötinchidin, Xongkongluqlarning gherb bilen oxshash qimmet qarashta bolushi we gherbning démokratik qurulmisigha tehdit bolmaydighanliqi.  Beshinchidin,  Xongkongluqlar otturigha qoyghan besh telepning Xitay hökümiti bilen engiliye arisida tüzülgen kélishimge uyghun ikenliki we uning Xitayning zémin pütünlükini we igilik hoquqigha héchqandaq tesir körsetmeydighanliqi,  shu sewebtin bashqa döletlerning Xongkongni qollishi özlirining Xitay hökümiti bilen tüzgen déplomatik kélishimlirige zit kelmeydighanliqi. 

      Xongkongluqlarning besh telipi: 
      1. Xongkongda maqullimaqchi bolghan "Xongkongdiki jinayetchilerni Xitaygha ötküzüp bérish qanunini emeldin qaldurush. 
      2. 6 - Ayning 12 - künidiki namayishigha bérilgen "Topilang" qalpiqini emeldin qaldurush. 
      3. Namayishqa qatnashqan oqughuchilarni jinayetchi süpitide eyiblimeslik. 
      4. Musteqil tekshürüsh komitéti qurup chiqip,  saqchilarning zorawanliqigha nisbeten tekshürüsh élip bérish. 
      5. Xongkongda heqiqiy menidiki musteqil saylamni emeliyleshtürüsh. 

      Hemmimiz körüwatqandek,  gerche Xongkongluqlar otturigha qoyghan bu besh telep shunche addiy,  Xitay hökümitige alahide tehdit élip kelmisimu,  pütün dunyaning bolupmu gherb döletlirining,  jümlidin Amérika parlaméntining alahide qollishigha érishken bolsimu,  nahayiti epsus, hazirghiche Xongkong mesilisi hel bolmaywatidu. Eksiche namayishqa qatnashquchilar Xongkongda Xitay saqchiliri teripidin basturuwatidu.  Qolida tömürning sunuqi bolmighan oqughuchilar Xitay saqchilirining zorawanliqigha uchrawatidu. Eger xelqara we Amérika hökümiti Xongkong mesiliside Xitaygha emeliy bir bésim qilmisa,  tramp Xitay bilen bolghan soda kélishimi üchün "Xongkong mesilisi özlükidin hel bolidu" dep uni Xitay hökümitige tashlap berse,  shundaqla Shi Jinping uningdin ilham élip,  pütün dunyaning közide "Kim Xitay hökümitining zéminini parchilashqa urinidiken,  hemmisining bedini yanjilip,  sökekliri parche-parche bolup kétidudep tehdit salalisa,  Xongkong mesilisining qisqa waqit ichide ongushluq hel bolushi unche asan bolmisa kérek. 

      Xongkong mesilisining otturigha chiqishi Xitay hökümitining epti-beshirisini téximu ashkarlap,  bizning dawayimizning heqliq bir dawa bolup dunyagha tonulushi üchün nurghun yaxshi pursetlerni yaritip berdi.  Xongkong mesilisi meyli qandaq netije bilen axirlashsun,  uning otturigha chiqishi bizning dawagha ijabiy tesir körsetkendin bashqa,  eng muhimi bizge köpligen derslerni berdi.  Méning qarishimche,  eger Xongkong mesilisi ghelbe bilen axirlashsa,  bizge tinichliq bilen qarshiliq herikiti élip bérish we küresh qilish arqiliq öz heq-hoquqini qoghdashning neqeder muhimliqini yene bir qétim ispatlap, xelqimizning tinch yol bilen élip bériwatqan qarshiliq herikitige ümid we küch élip kélishi mumkin.  Eger Xongkong mesilisi meghlup bolsa,  bir tereptin bizning peqet musulman bolghanliqimiz üchün emes,  belki Xitay hökümiti bilen perqliq qarashtiki herqandaq xelqning Xitay hökümiti teripidin ret qilinip basturuldighanliqini xelqaragha namayen qilip, xelqaraning bizni qollishigha türtke bolushi mumkin.  Lékin yene bir tereptin Xongkong mesilisini hel qilishta,  xelqaraning bolupmu gherbning Xitay hökümitige yéterlik bésim chüshürelmigenlikini ashkarlap,  xelqaraning yüz bériwatqan adaletsizliklerni hel qilishtiki tesir küchining bek ajiz ikenlikini körsitip,  tinchliq bilen küresh qilish yolini tallighanlargha belgilik ümidsizlik élip kélishi mumkin. 

      Hemmimizge melum,  wetende bizning xelqimiz duch kéliwatqan tehdit we adaletsizliklerni Xongkongluqlar duch kéliwatqan tehdit we adaletsizlikler bilen sélishturush mumkin emes.  Xongkongluqlar duch kelgini peqet yashash süpitini yuqiri kötürüsh mesilisi bolup,  ularning kündilik turmushigha héchqandaq tehdit élip kelmeydu.  Ular öz hoquqini we iptixarini qoghdash üchün qarshiliq bildürdi,  xeterge tewekkül qildi,  mushu ishlar üchün bedel töleshke razi boldi.  Emma bizning nechche milyon xelqimiz türmiler we lagirlarda,  pütün millitimiz yoqilish tehditige duch keldi.  Nahayiti epsus,  yéterlik qarshiliq körsitish yoq.  Peqet weten ichidikiler emes,  hetta weten sirtida erkin yashawatqan xelqimizningmu heqiqiy oyghanghini nahayiti cheklik.  7 Milyon Xongkongluqning yérimi peqet téximu erkin yashash üchün qozghilip kochilargha chiqti,  bedel tölidi we tölewatidu.  Emma wetende 15 milyondin 35 milyonghiche,  muhajirette bir milyondin artuq nopusimiz bar dégen bizning 10% timizmu téxi resmiy heriketke ötelmiduq,  orunsiz bedel töliduq,  biraq erkinlik üchün bedel töleshke pétinalmiduq.  Men yuqirida dep ötkendek,  Xongkong mesilisining xelqarada téz qollashqa érishishining sewebliridin biri ularning öz hoquqini qoghdashta dadil bolushi,  özliri duch kelgen adaletsizlikni peqet muhajirettiki Xongkongluqlar arqiliqla emes,  belki ichki xelq arqiliq biwaste anglitishi bolup,  nahayiti epsus bizning weten ichidiki xelqimizning bundaq bir pursitining bolmasliqi,  hetta weten ichidiki xelqimizning eksiche Xitay hökümitige maslishi,  özi xalap yaki xalimighan halda Xitay hökümitining siyasiyitini maxtishi, weten sirtidiki xelqimizning bolsa omumiyüzlük oyghanmasliqi, bizning dawayimizning xelqarada keng tarqilishigha selbiy tesir körsetmekte. 

      Yéqinda birsi terjime qilip torda élan qilghan namayishqa qatnashqan bir Xongkongluq oqughuchi bala bilen muxbir arisidiki dialog alahide diqqitimni tartti. 
      Muxbir:  Namayishqa chiqqiningni öyingizdikiler bilemdu?
      Oqughuchi:  Bilidu,  ular méni qollaydu. 
      Muxbir:  Namayishqa chiqqanda qorqtingizmu?
      Oqughuchi:  Yaq,  qorqmidim.  Namayishqa chiqishtin burunla idiywi teyyarliq qilip qoyghantim,  belkim tuyuqsiz ölüp kétishim yaki yoqap kétishim mumkin.  Lékin men chiqmisam kéyinkiler qandaq qilidu? Shunga men wesiyetnaminimu yézip teyyarlap qoyghan. 
      Muxbir:  Wesiyitingizde némilerni yazghantingiz?
      Oqughuchi:  Eger men ölüp kétip qalsam ichki ezalirimni éhtiyajliq kishilerge teqdim qilinglar dep yazghanidim. 
      Muxbir:  Ata-aningiz wesiyet qaldurghiningizni bilemdu?
      Oqughuchi:  Yaq,  ular bilmeydu.  Ularni ensirep qalmisun dédim.  Emma ular namayishqa chiqishimni qollaydu.  Ata-anam yighlap turup:  "Balam bizni kechürgin,  hemmini qilghan biz,  eyni chaghda biz silerdek des turup,  siler üchün erkin dunya yaritip bérelmiduq,  bizning ötküzgen sewenliklirimizning bedilini siler tölewatisiler,  bizni kechürgin balam" dep méni quchaqlap yighlap ketti. 

      Men yuqiriqi dialogni oqup chiqqandin kéyin,  men parangliship baqqan yashlarning wetendin ayrilish aldida, ularning ata-anilirining ulargha tapilighan nesihetliri ésimge keldi.  Balilirini chetelge oqushqa yolgha salghan Uyghurlarning mutleq köp qismi gerche her jehette Uyghurlarning aldigha wekillik qilidighan kishiler bolsimu,  biraq ular balilirigha: "Bizge erkin yashash nisip bolmidi, siler bolsanglimu chetelge chiqip heqiqiy bir insandek erkin yashanglar" dep nesihet qilishning ornigha "Siyasetke arlashmighin, siyasetke arlishidighan kishilerning yénigha yéqin kelmigindep nesihet qilip yolgha salghan iken.  Hetta méning bir sawaqdishim Amérikida oquwatqan balisini yoqlap kelginide,  manga "Balamgha qalaymiqan mezmundiki uchurlarni ewetmigindep alahide tapilighan idi.  Bu yerdiki halqiliq mesile Xongkongluqlar bilen Uyghurlar gerche oxshashla bashqilarning  mustemlikisi astida yashighan millet bolsimu,  Xongkongluqlar  En'giliyening démokratik tüzümi astida siritqa échiwitilgen ochuq bir jemiyette yashighan; gerche Xongkongluqlar öz bashliqini saylash saylinish hoquqidin behriman bolalmighan bolsimu,  biraq nurghun jehette cheklimige uchurmighan, erkinliktin behriman bolghan we erkinlikning néme ikenlikini bilip yashighan; emma biz Uyghurlar Xitay hökümitining dikatorluq tüzümi astida siritqa yipiq halda yashiduq; biz nurghun jehetlerde cheklimige uchirap, erkinlikning néme ikenlikini bilmey yashap, bilip-bilmey özimizge qulluq rohni singdürüwalghan ikenmiz.  Elwette men bu yerde héchkimni eyiblimekchi emesmen.  Men peqetla Xongkongluqlar bilen biz Uyghurlar arisidiki perqlerni sélishturush arqiliq,  bizning néme üchün hazirqidek ehwaldimu omumi yüzlük oyghinalmasliqimizning seweblirini otturgha qoyup ötmekchi. 

      2019 – Yili  10 – ayning 15 – küni "Xongkong kishilik hoquq we démokiratiye qanun lahiyesi", 435 millet wekili bar Amérika awam palatasining maqullishidin ötti.  Yéqin kelgüside kéngesh palatasining maqullishidin ötüp,  prézidéntning imzalishigha sunushi mumkin.  Biz milliyonlarche xelqimizning éghir bedel tölishi we nechche yilliq tirishchanliq netijiside "Uyghur kishilik hoquq qanun lahiyesi", 100 millet wekili bolghan Amérika kéngesh palatasining maqullishidin ötti.  Pat yéqinda awam palatasining muzakire qilishigha sunulidu.  Xongkongluqlar bizdek undaq chong bedel tölimey,  qisqighine 4 aydin artuq waqit ichide shundaq qollashqa érishti.  Uning muhim seweblirining biri men yuqirida dep ötkendek, Xongkongluqlarning  gherb bilen oxshash qimmet qarashta bolushi we gherbning démokratik qurulmisigha tehdit bolmaydighanliqi bolushi mumkin.  Xongkongluqlarning köp qismi buddah dini we daw dinigha,  bir qismi xiristiyan dinigha étiqad qilsa,  yene bir qismi éniq bir dingha étiqad qilmaydighan dinsizlar bolsimu,  biraq ular milletning menpeitige kelgende, özlirini idare qilmaqchi bolghan we özliri bilen oxshash irqtin bolghan Xitay kominist hakimiyitige qarshi chiqip,  yüksek derijide birleshti؛ ortaq bir qimmet qarash etrapigha toplashti. Ular özining insani heq-hoquqini qoghdashni hemmidin ela  kördi.  Shu sewebtin Xongkongluqlar,  xelqaradiki irqi we dini jehette ular bilen köp munasiwiti bolmighan nurghun milletlerning hésidashliq qilishigha we qollishigha érishti. Epsus,  Uyghurlarning mutleq köp qismi islam dinigha étiqad qilidighan,  xelqimiz tarixta misli körülmigen derijide tehdit astida qalghan bolsimu,  biraq biz yenila bek köp zéhnimizni zörür bolmighan ishlargha serp qilip kéliwatimiz.  Meyli weten ichidiki xelqimiz bolsun we yaki weten sirtida yashawatqan qérindashlar bolsun,  biz keng kölemde oyghinip we milletning menpeitini birinchi orungha qoyup keng kölemde birliship bolalmiduq.  Béshimizgha éghir kün kéliwatqan bügünkidek weziyette,  bizning irqi we dinni qérindashlirimizning bizge tutqan pozitsiyesi hemmeylenge ayan؛ shundaq turuqluq,  xéli köp sandiki bir qismimiz yenila ümmetchilikni milletning üstige qoyup,  dunyani musulman we kapir dep peqet ikkige bölüp muamile qiliwatimiz.  Shuni untup qalmasliqimiz kérekki,  dunya nopusining 20% i musulman bolup,  bizning nopusimiz pütün musulman nopusining aran 1 – 2% igelleydu.  Uyghurlarning yoq bolushi bilen musulman yoq bolmaydu.  Diniy itiqadimiz cheklense yaki u tosqunluqqa uchursa,  uni eslige keltürgili bolidu,  biraq millet yoqalsa,  hemme nersimiz yoqaydu we uni qayta eslige keltürgili bolmaydu. 

      Biz shuni tonup yétishimiz kérekki,  yer shari bizni merkez qilip aylanmaydu.  Bizde "Ayaqning qandaqliqini put bilidudeydighan söz bar.  Her ademning özige chushluq derdi bar.  Eger biz özimiz toluq qozghalmisaq,  toluq herketke kélip özimizni özimiz qutquzush üchün tirishchanliq körsetmisek, derdimizni bashqilargha yéterlik anglatmisaq,  bashqilar bizning derdimizni toluq hés qilalishi we bizni bu pajiedin qutuldurup qoyushi mumkin emes.  Hélimu Amérika qatarliq gherb döletliri we xelqliri,  bolupmu Amérika parlaménti biz üchün izchil halda eng küchlük awaz chiqirip kéliwatidu. Amérikida, Yawropada, En'giliyede,  Kanadada we Awistiraliyede bizning mesilimiz muzakire qilindi,  bolupmu Amérika parliméntida hazirgha qeder biz üchün köp qétim guwahliq bérish yighini ötküzülüp, bizning derdimizni Amérika xelqige,  jümlidin pütün dunyagha anglitishimiz üchün purset yaritip berdi.  Amérika hökümiti bashchiliqida,  tunji qétim Uyghur mesilisi birleshken döletler teshkilatining niyoruktiki bash shitabigha élip kirildi.  Jaza lagiri bilen munasiwetlik Xitay emeldarlirigha wiza cheklimisi qoydi, 28 orungha jaza béridighanliqini élan qildi.  Elwette bularning hemmisi Xitay hökümitining wetinimizde yürgüzüwatqan siyasitide tüptin özgirish peyda qilishqa we lagirni taqashqa téxi yéterlik emes,  biraq Amérika hökümiti we uning itipaqdash döletliri biz üchün awaz chiqarmighan we Xitay hökümitige hazirqidek pozitsiyede bolmighan bolsa,  Xitay hökümitining bizge yene némilerni qilidighanliqini tesewur qilish qiyin.  Shuni tekitlep ötishimiz kirekki,  Xitay hökümitining lagirlarni taqishi bilen bizning mesilimiz hel bolmaydu؛ Xitay hökümitining wetinimizde yürgüzüwatqan siyasitini toxtitishi bilen bizning mesilimiz hel bolmaydu؛ biraq eger biz hetta lagirnimu taqitalmisaq, Xitay hökümitining wetende yürgüzüwatqan siyasitini toxtitip,  xelqimizning mewjutliqini saqlap qalalmisaq, uningdin chong ishni qilalishimiz téximu qiyin.  Shunga biz bir birimizni eyibleshni toxtitip,  milli menpeetni aldinqi orungha qoyup,  keng kölemde birlik sep qurup chiqishimiz we dawani her tereptin janlandurishimiz kérek. 

2019- yili 10 - ayning 19 - kuni