ئىنسانلارنىڭ سەخسىيىتى،
ئەخلاقى، مەسئۇليىتى ۋە
ھەق ھوقۇقى
مەمەت ئىمىن
ئىنسانلارنىڭ سەخسىيىتى يەنى سەخسى سىرى دىگىنىمىز
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان، باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ۋە
باقىلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۆزگىچە سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلار
بولۇپ، ئۇنىڭ كونكىرىت مەزمۇنلىرى ۋە ياكى نىمىنىڭ ئىنساننىڭ شەخسىيەتى (شەخسى سىرى)
داھىرسىگە كىرىدىغانلىقى ئوخشىمىغان دەۋىردە، ئوخشىمىغان جەمىيەتتە، ئوخشىمىغان
جىنىس، ئوخشىمىغان ياش ۋە ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئىنسانلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.
نۇرغۇن
دۆۋلەتلەردە ئىنسانلارنىڭ يىشى، جىنسى تۇرمىشى، دىنى ئىتىقادى، ساغلاملىق ئەھۋالى،
بەدەندىكى روھى، جىسمانى ئاجىزلىقلار، كىرىم ئەھۋالى، ھەتتا ئۇرۇق تۇققان، يىقىن
دوست بۇرادەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسى سۆھبەت مەزمۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ
ئىنساننىڭ شەخسىيىتىگە (شەخسى سىرغا) تەۋە. بۇنداق دىگەنلىك بۇلارنى ھىچكىم بىلسە
بولمايدۇ دىگەىنلىك ئەمەس، بىراق شۇ شەخىسنىڭ رازىلىقى ۋە قانۇنى مەجبۇريەتنىڭ سىرىتىدا
باشقىلارنىڭ بىلىش ھەققى يوق، ۋە ياكى بىلىدىغانلارنىڭ ئۇلارنى شۇ شەخىس ئۈچۈن
مەخپى تۇتۇش مەجبۇريىتى بار دىگەنلىك.
بىر ئىنساننىڭ شەخسىيىتى (شەخسى سىرى)، شۇ
ئىنساننىڭ غۇرۇر ۋە ھەق ھوقۇقىنىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمەت قىلىنىش
قىلىنماسلىقى شۇ جەمىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، مەسئۇليەتچانلىقى،
قانۇن ئىڭى، قانۇن تۈزۈمنىڭ مۈكەممەل ۋە ئادىللىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئەخلاق پەزىلەت دىگىنىمىزدە ئاساسلىقى ئۇنۋىرسال
ئەخلاق پەزىلەت ۋە كەسپى ئەخلاق پەزىلەتنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ
ئۇنۋىرسال ئەخلاق پەزىلىتى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يىتىلگەن ئائىلە، مەكتەپ
تەربىيەسى ۋە شۇ ئىنسان ياشاۋاتقان ئىجتىماي جەمىيەتنىڭ ئۇنىۋىرسال
ساپاسى بىلەن زىچ مۇنسىۋەتلىك. كەسپى ئەخلاق بولسا ھەر بىر ئىنساننىڭ
شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ ئالاھىدىلىكى، مەسئۇليەتچانلىقى، قانۇن ئىڭى، پۈتكۈل
جەمىيەتنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى ۋە ئۇ جەمىيەتتىكى قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەللىكى
قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئىنسانلار يۇقارقى
ئىككى خىل ئەخلاق پەزىلەت ۋە قانۇن تۈزۈمنىڭ ئورتاق كونتۇرۇللىقىدا مەشغۇلات ئىلىپ
بارىدۇ.
بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە دوختۇر بىلەن سەتىراچ
ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئىككى كەسىپ نىسبەتەن ئەڭ يۇقۇرى
دەرىجىدە كەسپى ئەخلاق تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ ھىساپلىنىدۇ. سەۋەبى بىزنىڭ ئۇلارغا
ھاجىتىمىز چۇشكەندە بىز ئۇلارغا يالغۇز پۇلىمىزنى ئەمەس بەلكى ئۆز ھاياتىنىمىزنىمۇ
ئامانەت قىلىمىز. شۇ سەۋەپتىن بۇ كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تارىىختىن بىرى خەلقىمىز
ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن.
ھەممىز بىلگەندەك ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن
شۇغۇللانغۇچىلار ئىچىدە تىببى خادىملار بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئەجەللىك
شەخسىيەتلىرىنى (شەخسى سىرلىرىنى) بىلگۈچى ھىساپلانسا كىرەك. بىمار ئۆز كىسىلىنى
ئامال قلىپ تىزراق ساقايتىش ئۈچۈن تىببى خادىملارنى ئامال بار كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن
تەمىنلەشكە تىرىشسا، تىببى خداىملارمۇ بىمار گىرىپتار بولغان كىسەلگە توغۇرا
دىياگۇنۇز قويۇپ، ۋاختىدا داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن، ئامال بار بىمارلارغا
مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشىشكە تىرىشىدۇ. بۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن تىببى
خادىم بىلەن بىمار ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ بولۇشتىن باشقا، ئەڭ موھىمى تىببى
خادىملار بىلەن بىمارلار ئارىسىدا ئىنسانى ھەق ھوقۇق باراۋەرلىگى بولۇش كىرەك. تىببى
بىلىم جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن تىببى خادىملار بىلەن تىبابەت
جەھەتتا كۆپ بىلىمى بولمىغان بىمارلار ئارىسىدىكى ئىنسانى ھەق ھوقۇقنىڭ باراۋەر بولشىغا كاپالەت
قىلىدىغان نەرسە دەل شۇ كەسپى ئەخلاق بىلەن تىببى خادىملارنىڭ كەسپى، قانۇنى
مەسئۇليىتى ۋە بىمارلارنىڭ قانۇنى ھەق ھوقۇقىدۇر. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئەيىتقاندا تىببى
خادىملار ئۆز كەسپى ئەخلاقىغا قەتتى بوي سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە قانۇنى
مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىمارلار ئۆزىنىڭ قانداق ھەق
ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە ئۇنى قانداق قوغداشنى بىلىشى كىرەك.
ئامىركىنىڭ بىمارلارنىڭ شەخسىيىتىنى (شەخسى
سىرىنى) قوغداش جەھەتتە تىببى خادىملارغا قويغان قانۇنى تۈزىمى ناھايتى قاتتىق
بولۇپ، ھەر قانداق تىببى خادىمدىن بۇ جەھەتتە ھەر يىلى بىر قىتىم مەخسۇس لىكسىيە
ئاڭلاپ، كىچىپ تىپتىكى ئىمتاھان بىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر تىببى خادىم
ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن بىمارلارنىڭ رۇخسىتىسىز، بىمارنىڭ شەخسى سىرىنى ئاشكارلاپ قويسا، 100 دوللاردىن 250 مىڭ دوللار
ئارىسدا جىرىمانە تۆلىشى، ھەتتا قولغا ئىلىنىپ جازالىنىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن
نورمالدا بىمارنىڭ ئەھۋالىنى پەقەت بىمارغىلا دەيدۇ، بالغەتكە يەتمىگەن بالىلاردىن
باشقا بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى بىمارنىڭ رۇخسىتىسىز ھىچكىمگە بەزىدە ھەتتا
بىمارنىڭ ئاھىلىسىگىمۇ دىمەيدۇ.
2010
- يىلى مەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇرنىڭ ئىھتىياتسىزلىقىدىن،
كومپىيوتۇردىكى 6800 بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى تورغا چىقىپ كەتكەن ئىكەن.
ئۇنىڭلىق ئۈچۈن دوختۇرخانا 4.8 مىلىيۇن دوللار جىرىمانە تۆلىگەن ئدى.
بىمارلار ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قانداق قوغداشنى
بىلمىگەندە ۋە ياكى تىببى خادىملار ئۆز ھوقۇقىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، كەسپى
ئەخلاققا قىلاپلىق قىلغاندا، بىمارلارغا زۆرۈر بولمىغان ماددى ، جىسمانى ۋە روھى
ئازاپلانى ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر قانۇن ئۆز رولىنى
جارى قىلدۇرمىسا، جەمىيەتتە ئۆز ئارا ئىشەنچ ئىغىر دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچۇرىشى
مۈمكىن.
ئامىركىنى مىشىگەن شىتاتىدا بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ
ھوقۇقىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، كەسپى ئەخلاققا خىلاپ ھالدا، 553 نەپەر دورا بىلەن
داۋالاش زۆرۈر بولمىغان راك كىسىلى بىمارلىرى بىلەن ھەتتا راك كىسىلىگە گىرىپتار
بولمىغان بىمارلارنى ئۇزۇن
مەزگىل راك كىسىلى دورىلىرى بىلەن داۋالاپ، سۇغۇرۇتتا شىركەتلىرىدىن
جەمى 17.6 مىلىيۇن دوللار پۇل ئالغان ئىكەن. 2015 - يىلى ئۇ دوختۇرنىڭ بۇ
قىلمىشى پاش بولۇپ، سۇغۇرۇتتا شىركەتلىرىدىن ئالغان 17.6 مىلىيۇن
دوللار پۇلنى قايتۇرۋالغاندىن سىرىت، ئۇنىڭغا 45 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەن.
بىر جەمىيەتتە ھەتتا بىر گۇرپا كىشىلەر
ئارىسىدا ئىناقلىق بەرپا بولۇش بولماسلىقى، شۇ جەمىيەت ۋە ياكى شۇ گۇرپىدىكى
كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، ئىنسانلارنىڭ شەخسىتى ۋە غۇرۇرىنىڭ ھۆرمەتلىنىش
ھۆرمەتلەنمەسلىكى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچ قاتارلىق ئامىللار بىلەن
زىچ مۇنسىۋەتلىك.
كۆپۈنچىمىز ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرى ۋە
شەخسىيىتى (شەخسى سىرى) ھۆرمەتلەنمىگەن، ھەتتا خالىغانچە ئاياق ئاستى قىلىنغان بىر
دەۋىر ۋە بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇقۇم ۋە
ئاڭ سەۋىيەرىمىز خىلىلا تۆۋەن. بىز يالغۇز ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيىتىمىزنى ۋە
ياكى شەخسى سىر ھەق ھوقۇقىمىزنى قانداق قوغداشنى بەك بىلىپ
كەتمەيلا قالماستىن، ھەتتا نىمىنىڭ شەخسىيىتمىز (شەخسى سىرىمىز)
بولىدىغانلىقنى، ئۇنىڭ قانۇندا قانداق قوغدىلىدىغانلىقىنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز،
ھەم باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە (شەخسى سىرغا) ئۇنچە ھۆرمەت قىلماۇيمىز.
بالا كەلسە قىرىنداشتىن دەپ ھەتتە بىزنىڭ شەخسىتىمىز (شەخسى سىرلىرىمىز) دەل شۇ
ئەتىراپىمىزدىكى يىقىنلىرىمىز تەرىپىدىن خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىدۇ. بىز بەزىدە
باشقىلارنىڭ نۇقسانلىرىنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ باشقىلار ئارىسىدا سۆزلەپ،
ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى خوش قىلىشقا ئۇرۇنساق، يەنە بەزىدە ئۇلار يوق يەرلەردە
ئۇلارنىڭ كەمچىللىكلىرىنى چوڭ بىر خەۋەر قاتارىدا قۇرۇق پاراڭلىرىمىزنىڭ بىر
قىسمىغا ئايلاندۇرىۋالىمىز.
ھۆرمەت دىگەن باشقىلار تەرىپىدىن بىرىلىدىغان نەرسە
سەمىيەتلىك دىگەن قەدىرلەيدىغان نەرسە
ئىشەنچ دىگەن ئۆزىمىز ئىرىشىدىغان نەرسە
ساداقەتلىك دىگەن باشقىلارغا قايتۇرىدىغان نەرس
No comments:
Post a Comment