ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇش
مەمەت ئەمىن
ئۆز ئۆزىنى تونۇش بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى
باشقىلاردىن پەرىقلەندۇرۇش دىگەن مەنادىكى سۆز بولۇپ، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە
تاشقى جەھەتتە ئۆزىگە خاس بولغان ئىنسانلىقىنى، مەخسەت مۇدداسىنى، بارلىق
ئالاھىدىلىك ۋە كەمچىللىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئۆزىگە نىسبەتەن
توغۇرا باھا بىرىش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.
ئۆز ئۆزىنى تونۇش قارىماققا ناھايتى ئاددى بىر سۆز
بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ چىرايىدىكى ئالاھىدىلىكىنى
تونۇشتىن باشلانسىمۇ، بىراق بىر ئىنساننىڭ
ئۆز ئۆزىنى تولۇق تونۇشى ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقىنى، بۇرنىنىڭ
ئىگىز پەسلىكىنى، قىشىنىڭ قويۇق ياكى قويۇق ئەمەسلىكىنى، كۆزىنىڭ قارا ياكى كۆك رەڭلىك
ئىكەنلىگىنى بىلىشتەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىر ئىنسان ئۆز خارەكتىرىنى، مىجەزىنى،
تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى، ئوي خىيالىنى، ئۆزىنىڭ شەخىيىتىنى، مەخسەت مۇدداسىنى ۋە
ئەقىل پاراسىتىنى، ئەڭ موھىمى ئۆزىدىكى ئۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ باشقىلار بىلەن
بولغان تۈپ پەرىقىنى ھەم شۇنداقلا ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە يىتەرسىزلىكنى تولۇق تونۇپ
يەتكەندە، ئاندىن ئۆز ئۆزىنى ھەققى ھالدا تونۇغان بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى تونۇشى، ئىنساننىڭ ئۆزىگە
بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۆزىنى توغۇرا
تونىغان ئادەمدە رىياللىققا ئۇيغۇن بولغان ئىشەنچ شەكىللىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى
ياخشى تونىغاندا، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ياخشى بەلگۈلىيەلەيدۇ. ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى
تونۇغاندا، ئۆز ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ۋە باشقىلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىنالايدۇ. ئىنسان
ئۆزىنى تونىدى دىگەنلىك ئۆزىنى قوبۇل قىلدى دىگەنلىك، ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى
بىلدى دىگەنلىك.
ئۆزىنى ئۆزى يىتەرلىك ۋە توغۇرا تونىيالمىغان
كىشىلەردە ئىككى خىل ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۈمكىن. بىرى ئۆزىنى داۋاملىق باشقىلارنىڭ
ئۈستىگە قويۇپ، ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىش، داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئەقىل
پارەسەت ۋە قابىلىتىدىن گۇمانلىنىش ۋە ياكى باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق. يەنە بىرى
ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۈمۈدسىزلىك ۋە باشقىلارغا چوقۇنۇش، تەنقىدكە
ئالاھىدە سەزگۇر بولۇش، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارىشىدىن بەك ئەندىشە قىلىش،
داۋاملىق باشقىلاردىن ئۆزىنى كەمسىتىۋاتىدۇ ياكى كۆزىگە ئىلمايۋاتىدۇ دەپ گۇمان
قىلىش، ھەر زامان ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، ۋە ئىشىك ئالدى خىزمىتىگە ھەددىدىن
زىيادە ئەھمىيەت بىرىش، يەنى ياسالمىلىق
قىلىش.
مەن ئامىركىغا يىڭى كەلگەن چاغلار بولسا كىرەك، مەن
ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىل ئاخىرلىق ئولتۇرۇشتا، بەزىلەرنىڭ
ئالاھىدە ياسىنىپ، زىبۇ زىننەتلەرنى تاقاپ كەلگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ ناھايتى ئاددىلا كىيىنىپ، ھەتتا خىزمەت كەيىمى
بىلەن كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. مەن دەسلەپتە ئۇ ئالاھىدە ياسىنىپ كەلگەنلەرنى بۇرۇن
ئادەتلەنگە ئادەت بويىچە دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى باشلىقلار ياكى چوڭ
دوختۇرلار ئوخشاشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. كەيىن بىلسەم ئۇ ئالاھىدە ياسىنىپ، زىبۇ
زىننەتلەرنى تاقاپ كەلگەنلەر ھەر قايسى بولۇملەردىكى كاتىپلار، ئارقا سەپتە ئىشلەيدىغانلار،
ھەتتا تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىغانلار ئىكەن. ئاددىلا كەيىنگەن ياكى خىزمەت كەيىملىرى
بىلەن كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بولسا، دوختۇرخانىدىكى ئاساسلىق دوختۇرلار ۋە پىشقەدەم
سىستىرالار ئىكەن. مەن بۇنىڭدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقاردىمكى، ئىنسان ئۆز ئۆزىنى
ياخشى تونىمىغاندا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يىتەرلىك شەكىللەنمىگەندە ۋە ياكى ئۆز ئۆزىنى
كەمسىتىش تۇيغۇسى شەكىللەنگەندە، ئۆزىدىكى شۇ يىتەرسىزلىكلەرنى، تاشقى قىياپەتلەر
بىلەن پەدازلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يۇقۇرى قىلىپ كۆرسۈتىپ، ئۆزىدىكى ئاجىزلىق ياكى
ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.
ھەممىمىز بىلگەندەك بىز ئۆي بىزىگەندە ئەڭ
چىرايلىق قىلىپ ياسايدىغان ئۆي، مىھمانخانا ئۆي، يەنى باشقىلار كۆرىدىغان ئۆي. غەرىپ
ئەللىرىدە بولۇپمۇ ئامىركىدا بولسا ئەڭ چىرايلىق قىلىپ ياسايدىغان ئۆي ئۆزىنىڭ
ياتاق ئۆيى بىلەن ئۆزى ئايرىم ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانا بولۇپ، بىزدىن ئالاھىدە پەرىقلىق
ئىكەن. كەيىن ئويلاپ باقسام بۇ ئىنسانلاردىكى مەدىنىيەت پەرىقى بولماستىن بەلكى ئۆز
ئۆزىنى تونۇپ يەتكەنلىك ۋە ئۆز ئۆزىگە يىتەرلىك ئىشەنچ شەكىللەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى
ئىكەن. چۇنكى ئامىركىدىمۇ بوينىغا زەنجىرنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئاسىدىغانلار، تاشقى
قىياپىتى ۋە "ئىشىك ئالدىنى" ئالاھىدە بىزەيدىغانلار بار بولۇپ، ئۇلار
ئاساسەن يۇقۇرى قاتلامدىكى كىشىلەر ئەمەس ئىكەن.
ئۇنداقتا بىز ئۆز ئۆزىمىزنى تونىمىزمۇ ؟ ئەگەر
تونىساق قانچىلىك تونىمىز؟
مەن بۇنداق دىسەم بەزىلەر ئۆزىنى تونىمايدىغان
ئادەممۇ بارمۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ بەزىلىرىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى
ياخشى تونىساقمۇ، بىراق كۆپۈنچىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى يىتەرلىك تونىمايمىز، بولۇپمۇ
بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۆز ئۆزىمىزنى يىتەرلىك ۋە توغۇرا تونۇمايۋاتىمىز ۋە ياكى
تونىيالمايۋاتىمىز. تۆۋەندە مەن بەزى ئاددى مىساللارنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە
ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
بىز دائىم باشقىلارنىڭ بىزنى خاتا چۈشۈنۈپ
قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بولۇپمۇ بىز بەزىلەر بىز توغۇرسىدا بەزى سەلبى پىكىرلەرنى
ئوتۇرغا قويغاندا ۋە ياكى بىز توغۇرسىدا سەلبى كۆز قاراشلىرنى ئوتۇرغا قويغاندا
تىخىمۇ شۇنداق. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ۋە ئۆزىمىزنى
باشىلارغا "توغۇرا" تونۇتۇشقا تىرىشىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ توغۇرا ئىكەنلىگى
توغۇرسىدا باشقىلارنى تىخىمۇ ياخشى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن چوڭ ئەيىپ ياكى خاتالىقنıڭ باشقىلاردا ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ
تىخىمۇ ناچار ئادەملەر ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيمىز. نەتىجىدە بىز ئۆزىمىز يەتمەكچى
بولغان مەخسەتكە يىتەلمەي، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى تىخىمۇ خۇنۇكلەشتۈرىۋالىمىز. بۇنىڭ
ئاساسلىق سەۋەبى باشقىلارنىڭ بىزنى چۈشەنمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى
چۈشەنمەسلىكىدە. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى تولۇق چۈشەنسەك، ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز كامىل
بولسا، باشقىلارنىڭ بىز توغۇرسىدا ئوتۇرغا قويغان سەلبى كۆز قاراش ياكى تەنقىتىدىن
ئۇنداق ئەندىشە قىلىشنىڭ ھىچ بىر زۆرۈريىتى يوق. ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت، ئۇنىڭلىق
ئۈچۈن پەقەت ئازراق ۋاقىت كىرەك. ھەقىقى بىر باي، باشقىلارنىڭ كەمبىغەل دىيىشىدىن
ئەندىشە قىلمايدۇ. شۇڭا بىزدە "تازنى تاز دىسە ئۆلگۈسى كىلەر، ساقنى تاز دىسە
كۈلگىسى كىلەر" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىنى يەنە بىر ئادەم
خۇنۇكلەشتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەم رىياللىقتىن ھالقىپ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن
بولمىغان ھالدا باشقىلارنىڭ كەينىدىن يامان گىپىنى قىلسا، بۇ ئادەم ئۇ ئادەمنىڭ
قىلغىنىنى ئەخلاقسىزلىق دەپ ئەيىپلەپ تۇرۇپ، ئۆزى ئاخىردا ئۇ ئادەم قىلغان ئىشنىڭ
ئەينەئىسىنى قىلسا، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ نىمە پەرقى بولىدۇ؟
كوپۇنچىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك يىقىندا مەن تور
ئارقىلىق "خىتتاي سىياسىتىنىڭ چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا
ئىلىپ كەلگەن تەسىرى" توغۇرسىدا بىر
راي سىناش باشلىغان ئىدىم. ئەسلى مەن بۇ راي سىناشنى چەتەلدە ياشاۋاتقانلار ئۆز
ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچە پەيدا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى
پۇرسىتى دەپ بىلەنگەن بولساممۇ، بىراق بەزى دوستلار ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى
ئوتۇرغا قويۇپ، ئەگەر بىز بۇ راي سىناشنىڭ نەتىجىسىنى ئوچۇق ئاشكارە ئىلان قىلساق،
خىتتايغا ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرگەن بولىمىز دەپ ئۇنىنغا قارشى چىققان
بولسا، يەنە بەزى دوستلار ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى بۇنداق راي سىناش بىلەن
ئىنىقلاشنىڭ ھىچقانداق بىر ئەمىلى ئەھمىيىتى يوقلىقىنى، بىزدىكى بارلىق روھىي
مەسىلىلەرنىڭ ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئىكەنلىگىنى، ئەگەر بىز مۇستەققىل بولۇپ ۋەتەنسىزلىككە خاتىمە بەرسەك، بىزدە
مەۋجۇت بولغان روھىي ساغلاملىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويۇپ
ئۇنىنغا قارشى پىكىرلىرىنى ئوتۇرغا قويغان بولدى.
مەن گەرچە يۇقارقى پىكىرلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق
ئاساسى بار دەپ قارىساممۇ، بىراق يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدا ناھايتى چوڭ بىر
تەرەپلىمىلىك قاراش بار دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزنى
تولۇق بىلمىگەنلىكىمىزدىن ۋە ئۆز ئۆزىمىزنى بىلىشتىن قورقانلىقىمىزدىن.
ئىككىنجى قاراشتا بىزدە مەۋجۇت بولغان روھىي
ساغلاملىق مەسىلىلەرنى ۋەتەنسىزلىك ۋە مۇستەملىكە ھايات بىلەن باغلاپ، ئەگەر بىز مۇستەققىل
بولمىساق، مۇستەملىكىلىك ۋە ۋەتەنسىزلىك ھاياتقا خاتىمە بەرمىسەك، بىزدىكى مەسىلە
مەڭگۈ ھەل بولمايدۇ دەپ قاراش، قارىماققا توغۇردەك قىلسىمۇ، بىراق بىز ئۇنى تەتۈر
تەرەپتىن قارىساق مۇستەققىل دوۋلەتلەردە ۋە ۋەتىنى بار مىللەتلەردە روھىي مەسىلە
بولمايدۇ دىگەن يەكۈن چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي خاتا بىر يەكۈن. بىز مۇستەملىكە
ھاياتتا ياشۋاتقىلى 1884 - يىلدىن ھىساپلىساق 134 يىل، 1949 - يىلدىن باشلاپ
ھىساپلىساقمۇ 70 يىل بولاي دەپ قالدى. گرچە بىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى شۇ
مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتەنسىزلىك ھايات بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر كۈندۈلۈك
تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى بىر بىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كونكىرىت ئامىللار بىلەن
مۇناسىۋەتلىك.
ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ روھىي ساغلاملىقىدا چوڭ
مۇھىت ۋە كىچىك مۇھىت يەنى كونكىرىت ئامىل قوشلاپ رول ئوينايدىغان بولۇپ، مۇستەملىكە
ئاستىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەن روھىي ساغلاملىققا تەسىر قىلغان چوڭ مۇھىت يەنى
ئاساسى سەۋەپ مۇستەملىكە بولسىمۇ، بىراق ئۇندىن باشقا يەنە نۇرگۇن كونكىرىت سەۋەپلەرمۇ
بار. ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆۋلەتلەر گەرچە مۇستەققىل بولغىلى 60-70 يىل بولغان
بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىكى مۇستەملىكە ۋاقىتتا شەكىللەنگەن نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇستەققىل
بولۇپلا ياخشىلىنىپ كەتكىنى يوق. چۈنكى چوڭ مۇھىت ئۆزگەرگەن بىلەن، ئىنسانلارنىڭ
روھىي ھالىتىگە سىڭىپ كەتكەن نۇرغۇن كونكىرىت ئامىللار داۋالىق رول ئوينايدۇ. ئۇندىن
باشقا ئامىركا گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۇچلۇك دوۋلەتلەردىن بىرى بولسىمۇ، بىراق
ئامىركا دۇنيادا روھىي ساغلاملىق مەسىلە ئەڭ ئىغىر بولغان بىر دوۋلەت. شۇڭا بىر
مىللەتكە نىسبەتەن ھەرقانداق دەۋىردە ۋە ھەرقانداق شاراھىتتا ئۆز ئۆزىنى توغۇرا
تونۇپ، ئۆز ئەمىلىيىتىگە قاراپ ئىش ئىلىپ بىرىش بەكلا موھىم.
بىزدىكى مۇستەملىكە ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن
مەسىلىلەر بىز مۇستەققىل بولمىغىچە ھەل بولمايدۇ. بىز ئۇلاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە
ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالمايمىز، بىراق بەزى كونكىرىت ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى،
شۇ كونكىرىت مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان ئامىللارنى تونۇپ يىتىش، ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن
بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەل قىلالايمىز.
مەن يەنە بىر مىسال ئالسام، بەزىدە بىرسى مىللەتنىڭ
ئىللەتلىرىنى تەنقىتلەپ، بەزى تەنقىدى ماقالا يازغاندا، كۆپۈنچىمىز ئۇ خىلدىكى
يازمىلارنى ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلەنمىگەن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەي
مىللەتكە ئۈمۈتسىزلىك ئىلىپ كىلىشكە ئۇرۇنغان دەپ تەنقىتلەيمىز ياكى ئۇنداق
يازمىنى ياخشى كۆرمەيمىز. كۆپۈنچىمىز ياخشى كۆرىدىغىنىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى ماختاش ۋە
ياكى ئۆز ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى، مەدىنيىتىمىزنى
نامايەن قىلىش.
ئەگەر بىز دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆز ئۆزىنى
ياخشى تونىغان، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يىتەرلىك شەكىللەنگەندە ۋە شۇنىڭغا چۇشلۇق
يىتەرلىك دەسمى بولغان مىللەتلەر، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى مىللەتنى رىغىبەتلەندۈرۈش
ۋە دۆۋلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋاستىسى قىلغان. ئۇنداق جەمىيەتتە ئۆز ئۆزىنى
ماختاش ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر توغۇرسىدا ئالاھىدە تەنتەنە قىلىشلارنى ئۇنچە
كۆپ كۆرمەيمىز. ئەكسىنچە ئۆز ئۆزىنى تولۇق تونىمىغان، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى
تىخى يىتەرلىك يىتىشمىگەن مىللەتلەر ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ
ئاجىزلىقىنى ئاشكارە قىلىپ قويۇش دەپ ئەندىشە
قىلىپ، ماختاش ۋە پەخىرلىنىشنى ئۆزلىرىنى رىغىبەتلەندۇرۇش ۋە دۆۋلەتنى تەرەققى
قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات قورالى قاتارىدا قوللىنىدۇ. ئۇلار ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەشتىن
ۋە ياكى باشقىلار تەرىپىدىن تەنقىتلىنىشتىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىشىدۇ. ئۇنداقلار
يىگىدەك تامىقى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ناھايتى باي كورسىتىشكە تىرىشىدۇ. داۋاملىق
باشقىلار بىلمەي قالارمىكىن دەپ ئۆزلىرىنى بىرىنجى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە تىرىشىدۇ.
ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇل بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇئاپىق؟
قايسى خىل ئۇسۇل بىزگە نىسبەتەن مىللەتنى رىغىبەتلەندۇرۇشتە ئەڭ ئاكىتىپ رول
ئوينايدۇ؟ مەنىڭچە ھەر ئىككىلىسى مۇتلەق توغۇرا ياكى مۇتلەق خاتا ئەمەس. ئەڭ توغۇرسى
تەنقىد بىلەن ماختاش ياكى پەخىرلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ھەر ئىككىلىسىنى تەڭ ئىلىپ
بىرىش، يەنى مۇئاپىق تەنقىت بىلەن مۇئاپىق ماختاش ۋە پەخىرلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە
بىر تەرەپكە ئىغىپ كەتمەسلىك. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇپ
يىتىشىمىز كىرەك. ئەگەر بىز بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ماختاش، پەخىرلىنىشنى قوللاپ،
تەنقىتنى ئىنكار قىلساق، ياكى تەنقىتنى ئالھىدە تەكىتلەپ، ماختاش ۋە پەخىرلىنىشنى
ئىنكار قىلساق، بىز ئۆز ئۆزىمىزنى تىخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن بولمىز، ئاقىۋەتتەن ئۆز
ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ئىغىر زىيان تارتىمىز.
ئۆز ئۆزىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن ۋە ئۆزى ئۆزىگە
ئىشەنچىسى بار مىللەت ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەشتىن ئەندىشە قىلمايدۇ. چۈنكى مۇئاپىق
ھالدا ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىش ھەرگۈزمۇ ئۆز ئۆزىمىزگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولماستىن
بەلكى ئۆز ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ داۋادا
دۈشمەننى توغۇرا تونۇش قانچە موھىم بولغىنىغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى توغۇرا
تونۇپ يىتىشىمىزمۇ شۇنداق موھىم.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆز ئۆزىمىزنى يىتەرلىك
ۋە توغۇرا تونىيالايمىز؟
بىر مىللەت ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇش ئۈچۈن ئالدى
بىلەن شۇ مىللەتكە تەۋە ھەر بىر ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇشى كىرەك. ھەر بىر
ئىنسان ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇغاندا ئاندىن بىر مىللەت پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى
بىلەن ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونىيالايدۇ.
ھەر بىرىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇش ئۈچۈن
ئالدى بىلەن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە ئوبىكتىپ جەھەتتىن قارىشىمىز كىرەك. ئۆزىمىزنىڭ
ئۆتمۈمىشىمىزنى ۋە بۈگۈنىمىزنى ياخشى كۈزۈتىشىمىز، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئىلىپ، ئۇنى بۈگۈنىمىز
ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز كىرەك. داۋاملىق باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سىلىشىمىز،
باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ يىقىن دوستلىرىمىزنىڭ سەممى پىكىرلىرىنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن
ئەينەك دەپ تونۇپ، ئۇلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئۆز ئەمىلىيىتىمىز بىلەن باغلاپ
كۆرىشىمىز، بار بولسا تۈزىتىشىمىز، يوق بولسا ئۇنىڭغا بەك كىرىپ كەتمەسلىكىمىز
كىرەك. دالاي لاما مۇنداق دىگەن ئىكەن، "بىز سۆزلىگەندە
پەقەت ئۆزىمىز بىلىدىغان نەرسىنى تەكرارلايمىز، بىز پەقەت باشقىلارنى ئاڭلىغاندا
ئاندىن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلەلەيمىز. دىمەك باشقىلارغا قۇلاق سىلىش، ئۈزلۈكسىز
ئۈگۈنۈش ۋە كەمتەر بولۇش بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزدا بەك چوڭ رول ئوينايدۇ.
No comments:
Post a Comment