Monday, September 28, 2020

ئىنسانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش

ئىنسانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم بولغان پىسخىكىلىق ئاددى ساۋات



ئەگەر رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغان بولسا،  ھەر جەھەتتە قارشى تەرەپكە ۋە ياكى رىقابەتچىسىگە (دۈشمەنگە) نىسبەتەن ئۈستۈنلىكنى ئېگەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى تەنقىدلەش، ئۇنىڭ كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كۈچىنى كۆپلەپ تەكىتلەش،  قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نى تەھلىكىلىك قىلىپ كۆرسىتىش، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن.


ئەگەر رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە نورمال شارائىتقا ئىگە بولغان بولسا،  كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە قارشى تەرەپ ۋە ياكى رىقابەتچى (دۈشمەن) بىلەن باراۋەر بولسا، ئۇ چاغدا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى تەنقىدلەش بىلەن ماختاشنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، كەمچىللىك، ئاجىزلىق، ئارتۇقچىلىق ۋە ئەۋزەللىكلىرىنى باراۋەر ئوتتۇرىغا قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە كۈچىنى ھەم بەك كۆپتۈرمەسلىك، ھەم  بەك ئىنكار قىلماسلىق، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن.


ئەگەر رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ناچار شارائىتتا بولسا،  كۈچ سىېلىشتۇرما جەھەتتە قارشى تەرەپكە ۋە ياكى رىقابەتچىسىگە (دۈشمەنگە)  نىسبەتەن ئاجىز ئورۇندا بولسا، ئۈمىتسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ئېغىر بولسا، ئۇ چاغدا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ۋە ئەۋزەللىكىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈش،  ياردەم قىلىش، ئۇنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ ئاجىزلىقىنى كۆپرەك تەكىتلەش، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن.


رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسان ھەر جەھەتتە ئالاھىدە ناچار ئەھۋالدا بولسا، كۈچ سىېلىشتۇرما جەھەتتە قارشى تەرەپكە ۋە ياكى رىقابەتچىسىگە (دۈشمەنگە) نىسبەتەن ئاجىز بولسا، ئۈمىتسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئېغىر بولسا، بىز رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويساق، سەلبى نەرسىلەرنى بەك تەكىتلىسەك، قارشى تەرەپ (دۈشمەن تەرەپ) نىڭ كۈچىنى كۆپلەپ تەكىتلەپ ۋە ياكى ئۇنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشساق،  ئۇنى  (دۈشمەننى) بەك تەھلىكىلىك قىلىپ كۆرسەتسەك، قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقاتساق، ئۇ چاغدا بىز رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنساننى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ، ئۇنى ئورنىدىن قوپالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن.


بىزدە “ئاغرىغان يەرگە تۇز چاچما” دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. تۇز ئاغرىغان جاراھەتنى تىخىمۇ ئاغرىتقىنى ئۈچۈن، بىز باشقىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ياردەم قىلالمىساقمۇ، لېكىن كەم دېگەندە جاراھەتكە تۇز چاچماسلىقىمىز، باشقىلارنىڭ ئاغرىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. 

 

ئېغىر دەرىجىدە روھىي چۈشكۈنلەشكەن، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىتىنى يوقاتقان بىر ئادەمگە نىسبەتەن، ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى تەنقىت، ئەيىبلەش، ۋەھىمە، ئەندىشە پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى رىغبەت، سۆيگۈ، ياردەم، دەستەك ۋە ئۈمىت.


ئۇخلاپ قالغان روھنى، قامچىلاش ئارقىلىق ئويغىتىش مۇمكىن؛ لېكىن سۇنغان روھقا زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.


مەنپىيگە مەنپىي قوشۇلسا، مۇسىبەتكە ئايلانغىنى بىلەن، دەرد ئەلەم ۋە ھەسرەتكە دەرد ئەلەم ۋە ھەسرەت قوشۇلسا، ئۇنىڭدىن خوشاللىق ۋە بەخت چىقمايدۇ. 

مەۋجۇت مەسىلىنى تونۇپ يىتىش يەنى كېسەللىكنى بايقاپ ئۇنىڭغا توغرا دىئاگنۇز قويۇش كېسەللىكنى داۋالاشتا بەك مۇھىم، بىراق ئەگەر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بولمىسا، كېسەلگە داۋا بولمىسا، ئۇ قويۇلغان دىئاگنۇزنىڭ ئەمىلى ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ.


بىزدە ھازىر ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغان كېسەللىك كەم ئەمەس، ئەكسىنچە خىلى كۆپ؛ شۇڭا ھازىر بىزگە جىددى كېرەكلىك بولغىنى تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكنى ئىزدەپ تېپىش ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئاللا بۇرۇن ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغان كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى تېپىش؛ ئۈنۈملۈك دورا تېپىشتۇر 


No comments: