Saturday, September 1, 2018

ئۆزەڭ بول


ئۆزەڭ بول
مەمەت ئىمىن



ئىنگىلىزچىدا "Be yourself" دەيدىغان بىر سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە تەرجىمىسى "ئۆزەڭ بول" دىگەنلىك بولىدۇ، ۋە ئۇنىڭ مەنىسى تىلىمىزدىكى "ئۆزگىچە" دىگەن سۆزگە ئەڭ يىقىن كىلىدۇ. بەزىلەر بەلكىم بۇ تېمىنى كۆرگەندە، ئىنسان ئۆزى بولماي ئەجىبا باشقا بىرسى بولامدۇ دەپ سورىشى مۈمكىن. توغۇرا، ئىنسان باشقا بىرسى بولماي ئۆزى بولىشى كىرەك ، بىراق رىيال تۇرمۇشتا كۆپۈنچى كىشىلەر ئۆزى بولماي ۋە ياكى ئۆزى بولالماي، ھەر دائىم باشقا بىرسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆزىنى داۋاملىق باشقىلار بىلەن ياكى باشقىلارنى ئۆزى بىلەن سىلىشتۇرىدۇ؛ باشقىلارغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلىدۇ. ئۆز ھاياتىنى ياشاشنىڭ ئورنىغا  باشقىلار بىلەن دائىم پۈت تېپىشىدۇ،  باشقىلارنى كۆرەلمەيدۇ. ئۆزى بولۇشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. ھەر ئىش قىلغاندا ئالدى بىلەن "باشقىلار قانداق ئويلاپ قالار" دىگەننى ئويلايدۇ. ئۆزىنى قەپەزنىڭ ئىچىگە سولاپ، ئۆز تەپەكۇرىنى چەكلەيدە ۋە ياكى ئەركىن تەپەككۇر قىلالمايدۇ.

ئۇنداقتا بىز بۇ "ئۆزەڭ بول" دىگەن سۆزنى قانداق چۈشەنسەك، توغۇرا چۈشەنگەن بولىمىز؟  ئۆزى بولۇش دىگىنىمىز، ئىنسان ئۆزىنى، ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆز تالانتىنى توغۇرا تونۇپ يىتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۆز تالانتىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرۇپ، ئۆز ھاياتىدا ياشاشنى ۋە ئۆزگىچە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتىمىزدا بىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قىلالايدىغان ئىشلار بولىدۇ، ھەم ھەرقانچە تېرىشساقمۇ قىلالمايدىغا ۋە ياكى قىلىپ قاملاشتۇرالمايدىغان ئىش بولىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز چەكلىك بولغىنى ئۈچۈن، ھەممە ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالىشىمىز مۈمكىن ئەمەس. ئىنسان ئۆزىنى توغۇرا تونىغاندا ۋە ئۆزى بولغاندا، ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشلارغا بەك چاپلىشىۋالمايدۇ. ئەگرى توقاي يوللارنى ئاز باسىدۇ؛ ئۆز ئىستىكى بويىچە ئارزۇلىرىغا ئەڭ قولاي يىتەلەيدۇ. ئۆزى بولغان ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقۇرى بولىدۇ، ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغان بولىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ياشىمايدۇ. داۋاملىق ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرمايدۇ، باشقىلارغا ھەسسەت قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلمايدۇ. كۈلەلمىسە ھەرگۈز ھىجايمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغۇرا بەلگىلىيەلەيدۇ، ۋە ئۆز قىممىتىنى يارىتالايدۇ.

مەن سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇننى تىخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مەلۇم كەسسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە ياكى بىر ئىش قىلىۋاتقانلارنى، ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشنى قىلىشتىكى ياكى قىلىۋاتقان كەسسىپىنى تاللاشتىكى چىقىش نۇقتىسىغا ۋە مەخسىتىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە ئايرىشنى مۇئاپىق كۆردۇم.
1. ياشاش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىدىغانلار، يەنى تۇرمۇشنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن مەلۇم كەسسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى بىر ئىش قىلىدىغانلار. ھەر قانداق جەمىيەتتە بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا زور پەرىقلەر بولىدۇ. بەزىلەر ئۆمۇر بويى ئاتا ئانىسىدىن مىراس قالغان كەسسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئۆز ھاياتىنى ئاددى ساددا ئۆتكۈزسە، يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىپ يۇقۇرى مۇئاشلىق خىزمەتلەرگە ئىنتىلىدۇ ۋە ئۆز ھاياتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ. بەزىلەر ناھايتى باياشات ياشىسا، يەنە بەزىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتى يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ؛ بەزىلەر ئۆز ئىرىشكىنىگە شۈكۈر قىلىپ، ئۆز بەختىنى تاپسا، يەنە بەزىلەر پۈتۈن ئۆمۈرىنى جاپا مۇشاقەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.
2. بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ياشايدىغانلار؛ بۇنداق كىشىلەر ھەر قانداق جەمىيەتتە ناھايتى ئاز ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردە يالغۇز تۇغما بىر تالانت بولۇپ قالماستىن، ئەڭ موھىمى ئۇلاردا ئۇلۇغ غايە، يۈكسەك مەسۇليەت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ بولىدۇ؛  ئۆزىنى ئوبدان تونىيالايدۇ؛ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق، بىر ئۆمۈر ئىشلەش ۋە ئۆز غايىسىگە يىتىش ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئۇلار كىچىك ئىشلارغا ئىسىلىۋالمايدۇ؛ چوڭ ئىش قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ پىتنە پاسساتلىرىغا پىسەن قىلماي، ئۆزى توغۇرا دەپ بىلگەن يولنى قەتتى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ نۆۋىتى كەلگەندە پۇتلى كاششاڭ بولغانلارنى يوق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات يولى بەك داغدام بولمايدۇ، ھەم بەك بەخىتلىك بولىشىمۇ ناتايىن، بىراق ئۇلار مەيلى مەغلۇپ بولسۇن ياكى غەلبە قىلسۇن، دۇنيادا ئۇلارنىڭ نامى قالىدۇ.
3. ھەۋەس ۋە قىززىقىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىدىغان ياكى ئۆزىنىڭ قىززىقىشىغا ئاساسەن كەسسىپ تاللايدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەردە سەل كۆپ بولسىمۇ بىراق ئومۇمەن قىلغاندا ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئوبدان چۈشەنگەن، ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشىنى ئوبدان بىلگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تالانلىق بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز قىلىۋاتقان كەسسىپتە بەلگۈك نەتىجە ياراتقان بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى بەك باياشات بولمىسىمۇ، بىراق بىر خىل خاتىرجەملىك ۋە ئەركىن ئازادىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ئۆز كەسسىپىنى ياخشى كۆرىدۇ؛ خىزمىتىنى سەمىمى ۋە ئەستايىل قىلىدۇ؛ مەسۇليەتچانلىقى كۈچلۈك بولىدى. ئۇلار ئادەتتە ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرمايدۇ؛ باشقىلارغا ھەۋەس ۋە ھەسەت قىلمايدۇ؛ باشقىلارغا ئورا كولىمايدۇ، باشقىلارنىڭ پەيىغا چۈشمەيدۇ؛ مەنمەنچىلىك قىلمايدۇ.
4. شەخسى مەنپەت ۋە ئاتاق ئۈچۈن بىر ئىش قىلىدىغانلار، يەنى شامالغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان، نەدە پايدا بولسا شۇنى قىلىپ باقىدىغان پۇرسەتپەرەسلەر. بۇنداق كىشىلەر ھەر قانداق جەمىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ، سان جەھەتتىمۇ ئۇنچە ئاز ئەمەس. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ، ئۈزىنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ۋە نىمە قىلىشىنى بەك بىلىپ كەتمەيدۇ؛ نەدە پايدا بولسا شۇ يەرگە چاپىدۇ؛ داۋاملىق ئۆزىنى چاغلىمايدۇ، ئۆزىنى بىلەرمەن ۋە قالتىس ھىساپلايدۇ؛ باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سىلىشتۇرىدۇ. ئۇلار چىدىماس، نامەرت كىلىدۇ؛ ئىرىشكەن نەرسىسىگە شۈكۈر قىلمايدۇ؛ ھەرقانچە نەرسىگە ئىرىشسىمۇ يەنىلا ئاچ كۆزلىك قىلىدۇ؛ ئىنسانلارغا سەمىمى مۇئامىلە قىلمايدۇ؛ ياسالمىلىق ئىچىدە ياشايدۇ، ئۆز تۇيغۇسىنى يوشۇرىدۇ؛ پۈتۈن ئۆمۈرىنى باشقىلارغا ھەسسەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن سۆز چۆچەك تارقىتىش، شىكايەت قىلىش ۋە قاخشاش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.

يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى مۇتلەق بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ياخشىغان دەۋرى، شارائىتى ۋە ئۇلارنىڭ كۆرگەن تەربىيەلىرىگە قاراپ بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ.

مەن كېچىك ۋاختىمدا كىنو قويىدىغان ئادەم بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم، چۈنكى ئۇ چاغلاردا پۈتۈن جەمىيەت سىرىتقا پۈتۈنلەي تاقالغان بولۇپ، ھەممە نەرسە نورمۇلۇق ۋە بىلەتلىك ئىدى. كىنودىن باشقا سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچۇراشقىدەك ھىچقانداق بىر ۋاستە يوق ئىدى. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل يوقسۇزلۇق ئىچىدە، ناھايتى ئاددى ئۆتەتتى. ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا سىلىشتۇرۇش، ئۆز ئارا بەسلىشىش ۋە ئۆز ئارا ئارقا ئىشىك قىلىش دىگەندەكلەر ئاساسەن يوق ئىدى. مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ كۆپ ئىنسانلار ئىزدەيدىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىنسانلار ئارقا ئىشىك قىلىدىغانلار شۇ كىنو قويىدىغانلار ياكى كىنوخانىدا خىزمەت قىلىدىغانلار ئىدى. چۈنكى ھەر قەتىم چەتەلنىڭ كىنولىرى ۋە ياكى ياخشى كىنولار كەلسە، پەقەت كىنوخانىدا تونۇشى بارلار ئاندىن ئۇ كىنونى كۆرىدىغان بىلەتكە ئىرىشەلەيىتتى. مەن ھەر قېتىم ئۆزەم ئارزۇ قىلغان كىنونى كۆرەلمىگىنىمدە ئۆز ئۆزۈمگە "چوڭ بولسام چوقۇم كىنوچى بولىمەن" دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم. كىيىن كىنولار كۆپەيدى؛ كىنولارنى كۆرۈش بۇرۇنقىدىن ئاسان بولدى، كىنوچىلارنىڭ ئورنىمۇ ئاستا ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئۇندىن كېيىن شوپۇرلار باشقىلار تەرىپىدىن ھەۋەس قىلىدىغان بىر كەسىپ بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن  ئۆز ئۆزۈمگە "چوڭ بولسام چوقۇم شوپۇر بولىمەن" دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم.

70 – يىللارنىڭ ئاخىرى، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتۇرا مەكتەپكە چىققىنىمدا، مەن ئوقۇغان مەكتەپتە ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىدىغانلار يىلدىن يىلغا كۆپىيىشكە باشلىدى. 1981 – يىلى مەن تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئۇزۇن يىللىق ئارزۇم بىلەن شوپۇرلۇق مەكتىۋىگە ئىمتاھان بەردىم. ئەپسۇس، گەرچە نەتىجەم ياخشى بولغان بولسىمۇ، بىراق شوپۇرلۇق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىدىم. نەتىجىدە تولۇق ئوتۇرا مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇپ، ئاخىردا تىببى مەكتەپكە كىردىم.

ئۇ زامانلاردا مەيلى ئائىلە تەربىيەسى بولسۇن، مەيلى مەكتەپ تەربىيەسى بولسۇن، ۋە ياكى جەمىيەت تەربىيەسى بولسۇن، بىزدە تەكىتلەنگەن بالا تەربىلەش ئۇسۇلى، باشقىلار تەرىپىدىن بىزگە تىكلەنگەن ئۈگۈنۈش ئۆلگىلىرىدىن ئۈگۈنۈش بولۇپ، ھىچكىم شەخىسلەرنىڭ ئۆزى بولۇشنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى ھەرگۈزمۇ تەكىتلىمەيىتتى؛ ھەتتا بۇنداق بىر ئۇقۇممۇ يوق ئىدى. بىزدىكى تەربىيە، ئۆيدە ئاتا ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ياخشى بالا، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ياخشى ئوقۇغۇچى، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، رەھبەرنىڭ، باشلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ياخشى خىزمەتچى دىگەندەك بوي سۇنۇش، ئىتائەت قىلىش خارەكتىرلىك تەربىيە ئىدى.

مەن مۇشۇ تەربىلەش ئۆلچەملىرى بويىچە ئائىلىدە ياخشى بالا، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، خىزمەتتە ياخشى خىزمەتچى بولدۇم. ئويلاپ باقسام كىنو كۆرۈش ئۈچۈن كىنوچى بولغۇم كەپتۇ؛ شوپۇرلارغا قاراپ شوپۇر بولغۇم كەپتۇ؛ تىببى مەكتەپكىمۇ پەقەت قوبۇل بولغۇنۇم ئۈچۈن بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەيلا بىرىپتىمەن. ئۆزەمنىڭ تالانتى نىمە، كەلگۈسىدە نىمە كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانسام ئۆزۈمگە ئەڭ مۇئاپىق دىگەنلەرنى ئەستايىل ئويلاپ باقماپتىمەن. ھەر زامان باشقىلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، باشقىلارنىڭ ئىستىكى بويىچە، باشقىلار ئۈمۈت قىلغان ئادەم بولۇشقا تىرىشىپ كەپتىمەن.

كېيىن يىشىمنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ، بەزى نەرسىلەرنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئادەم ياشاشتىن مەخسەت زادى نىمە؟ ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشتىن مەخسەت، يالغۇز ئاتا ئانىسىنى خوش قىلىشمۇ؟ ئوقۇتقۇچىسىنى خوش قىلىشمۇ؟ ياكى رەھبەرنى، باشلىقنى خوش قىلىشمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئايرىم مۇستەققىل بىر ئادەم بولاپ بۇ دۇنياغا كىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئىستىكى، ئارزۇسى قاچان ۋە قەيەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم، كۆپ ئىزدەندىم. ئامىركىغا كىلىپ بىر نەچچە يىل ياشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپتىم. ئەسلى ئۇنىڭ جاۋابى ناھايتى ئاددى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ "ئۆزى بولىشى" ئىكەن. ئىنسان پەقەت ئۆزى بولغاندا، ئاندىن ئىنساننىڭ مۇستەققىل بىر ئادەم بولۇپ بۇ دۇنياغا كىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقى تۈردە ئىپادىلىنىدىكەن؛ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئارزۇ ئىستىكى ۋە قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىشقا ئاشىدىكەن.

بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى باللىرىمغا ھەمرا بولۇپ، ئامىركىنىڭ كارتۇن فىلىمى گۇمپىچى مۈشۈك ئېيىق (كوڭ فۇ پاندا) دىگەن كىنونى كۆرگەن ئىدىم. مەن گەرچە بۇ كىنونى بىر كارتۇن فىلىم قاتارىدا كۆرگەن بولساممۇ، بىراق بۇ كىنونىڭ مەزمۇنى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. بۇ فىلىمدە دەل بۇ "ئۆزى بولۇش" نى ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى ناھايتى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى.

سىنىڭ ھەقىقى ئارتۇقچىلىقىڭ سىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆزۇڭ بولۇشتىن كىلىدۇ.

فىلىمدە بىر ئۆمۈر لەغمەن (noodle) تىجارىتى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كىلىۋاتقان ئۆدەك ئاشپەزنىڭ بىقىۋالغان ئۈگەي بالىسى مۈشۈك ئېيىقىنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىر كۈنى باش پىرسىناج مۈشۈك ئېيىقى مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇمپىچى تالاش مۇسابىقىسىغا بارىدۇ، ۋە تاسادىپى پۇرسەتتە ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمىغان بىر شەكىلدە كەلگۈسىدە ئەلنى قۇتقازغۇچى باش گۇمپىچى (باش چەۋەنداز) غا بىردىن بىر كاندىدات بولۇپ تاللىنىدۇ.

شۇندىن ئېتىۋارەن مۈشۈك ئېيىقى ئوڭىدىمۇ چۈشىدىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ يىرىتقۇچ ھايۋانلارنى يىڭەلەيدىغان ئەڭ كۈچلۈك گۇمپىچى بولۇشنى ئويلايدۇ. كۆپ جاپالىق مەششىق قىلىدۇ، بىراق ئاخىردا ھەرقانچە مەششىق قىلىپمۇ، ئۆزىنىڭ ئۇنداق بىر گۇمپىچى بولۇشتىن كۆپ يىراق ئىكەنلىكنى سەزگەن مۈشۈك ئېيىقى، پۈتۈن ئۈمۈدىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى ئېگىز بىر يەرگە قويۇپ قويغان مەخپىيەتلىك يىزىلغان يۆگىمە قەغەز (Secrets of the scroll) نىڭ ئىچىدىكى سىرنى بىلىشكە باغلايدۇ. يەنى گۇمپچىلار ئۇستازى، قېرى تاش پاقا ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا، "كىم بۇ مەخپىيەتلىك يىزىلغان يوگىمە قەغەزنى ئىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى كۆرسە، شۇ ئەلنى قۇتقازغۇچى مەشھۇر گۇمپىچى بولىدۇ" دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن.

مۈشۈك ئېيىقى ئاخىر ئۇ مەخپىيەتلىك يىزىلغان يۆگىمە قەغەزنى قولىغا ئىلىپ قارىسا، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچنىمە يوق، قۇرۇق بىر قەغەز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئۈمۈتسىزلەنگەن مۈسۈك ئېيىقى پۈتۈن خىياللىرىدىن ۋاز كېچىپ، لەغمەن ساتىدىغان ئۈگەي دادىسىنىڭ قېشىغا بىرىپ، ئۇنىڭ لەغمەن تىجارىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قارارىغا كىلىدۇ.

مۈشۈك ئېيىقى ئۆيىگە قايتىپ بارغاندا، ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭغا، "مەن ياشىنىپ قالدىم، ئەمدى لەغمەن تىجارىتىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بىرىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئەمدى مەن ساڭا لەغمەنىمنىڭ سىرىنى دەپ بىرەي" دەيدۇ، ۋە ئۇنىڭغا قاراپ، "مىنىڭ سىرىم، ئەسلى لەغمىنىمنىڭ تەركىۋىدە  ھىچقانداق مەخپىيەتلىك يوق؛ بىر نەرسىنى ئالاھىدە قىلماقچى بولساڭ، سەن ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭ كىرەك" دەيدۇ.

بىر نەرسىنى ئالاھىدە قىلماقچى بولساڭ، سەن ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭ كىرەك.

ئۈگەي دادىسىنىڭ ئۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مۈشۈك ئېيىقى دەرھال بىر نەرسە بايقىغاندەك بولۇپ، ئۆيدىن چىقىپ، ئىبادەتخانىغا بىرىپ تاشلىۋەتكە ھىلىقى قۇرۇق يۆگىمە قەغەزنى قولىغا ئىلىپ ئۇنىڭغا قارايدۇ، ۋە ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن "ئۆزى بولۇش" تىن ئىبارەت چوڭ بىر ھەقىقەتنى بايقايدۇ، ۋە ئۆزى بولۇش قارارىغا كىلىدۇ. نەتىجىدە مۈشۈك ئېيىقى ھازىرقىدەك دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئەتىۋار ھايۋانغا ئايلىنىدۇ.

ئىنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئامىركىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھەرىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۈشۈك ئېيىقى، خىتتايدىن 10 يىللىق ئىجارە ئىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر مۈشۈك ئېيىقىنىڭ 10 يىللىق ئىجارە ھەققى ئۈچۈن ئامىركا تەرەپ خىتتايغا 10 مىلىيۇن دوللار تۆلەيدىكەن. بۇ جەرياندا تۇغۇلغان مۈشۈك ئېيىقى يەنىلا خىتتايغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەڭگۈ خىتتايدا بولىدىكەن، ۋە ئامىركا تەرەپ ئۇ مۈسۈك ئېيىقى ئۈچۈنمۇ ئىجارە ھەققى تۆلەيدىكەن.

بىزدە "ھەر قانداق نەرسە ئۆز قىممىتى بىلەن" دەيدىغان سۆز بار. ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقان ۋاقىتتا، ھەر بىر ئىنساننى پەرىقلىق قىلىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن ياراتقان. ئاللاھ ھەر بىر ئىنسانغا ئوخشىمىغان ئەقىل پاراسەت، ئىقتىدار ۋە تالانت ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ بىرى ئىنسانلارنى ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرۈش بولسا، يەنە بىرى ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان كەسىپ ۋە ئوخشىمىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈندۇر. ئوخشىمىغان ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلارنى قىلىشتىكى قابىلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ؛ بەزىلەر مەلۇم جەھەتتە تالانتى بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ باشقا بىر جەھەتتە تالانتى بولىدۇ. ئىنسانلار پەقەتلا ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە تالانتىنى توغۇرا تونۇپ، ئۇنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرغاندا، ئاندىن ئەگرى توقاي يوللارنى ئاز بىسىپ، ئۆزى بولۇش مەخسىتىگە يىتەلەيدۇ؛ ئۆز قىممىتىنى تولۇق يارىتالايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدۇ.

بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، بەزىلىرىمىز ھە دىسەك ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرىمىز، ھە دىسەك باللىرىمىزنىڭ نىمە تالانتى بارلىقى ۋە نىمىگە قىززىقىدىغانلىقىغا ئۇنچە قاراپ كەتمەي، ئۆز ئىستىكىمىز بويىچە باللىرىمىزنى داڭلىق شەخىسلەردىن ئۈگۈنۈپ، كەلگۈسىدە شۇ داڭلىق شەخىسلەردەك داڭلىق شەخىس بولۇشقا ئۈندەيمىز؛  نەتىجىدە باللىرىمىزنىڭ تالانتى ۋە ئۆز ئارزۇ ئىستەكلىرى نەزەردىن ساقىت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى تالانتى جارە بولماي كۆمۈلەپ قالىدۇ. بەزىلىرىمىز ھە دىسەك بىلەرمەنلىك، مەنمەنچىلىك قىلىپ، "كاتتا كىشىلەر" بولۇشقا تىرىشىمىز؛ مەخسىتىمىزگە يىتەلمىسەك ھەسسەتخورلۇق قىلىمىز؛ ھەتتا باشقىلارنىڭ پۇتىغا ھۆل قىش قويۇپ، ئۇلارنى يىقىتىشقا ۋە ۋەيران قىلىشقا ئۇرىنىمىز. ئازراق كىتاپ كۆرۈپلا، ئۆزىمىزنى مۇتىخەسىس ساناپ، باشقىلارغا قالايمىقان يول كۆرسۈتۈپ، ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ئىشلارغا ئىسىلىۋالىمىز؛ ئاخىردا ھىچ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمايمىز، ھەم باشقىلارنىمۇ نابۇت قىلىمىز. كۈلەلمىگەن يەردە ھىجىيىپ، ئاتتىن چۈشسەكمۇ ئىلانگىسىدىن چۈشمەي، ھەر ئىشلاردا باشقىلارغا توسالغۇ بولۇپ، ئۆز يولىدا يۈرىشىۋاتقان ئىشلارنىمۇ ئاقسىتىپ قويىۋاتىمىز.

بىزدە "ھالىڭغا بېقىپ ھال تات، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تات" دەيدىغان ئاتا سۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسىمۇ، بىزنى "ئۆزىمىز بولۇش" قا چاقىرىشتىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا بىزدە يەنە "ئالتۇننى زەگەر سوقسۇن" دەيدىغان ئاتا سۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ھەر ئىش ئۆز كەسسىپى بىلەن بولغان ياخشى دىگەن مەنادا.  ياخشى گېنىرالنىڭ غەلبە قازىنىشى ياخشى ئەسكەرگە باغلىق بولىدۇ. ياخشى ئەسكەرنىڭمۇ جەڭدە ئۇتۇق قازىنىشى ياخشى گېنىرالغا باغلىق بولىدۇ. ئەگەر گېنىرال گېنىرال بولمىسا، ئەسكەر ئەسكەرلىكىنى قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قازىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەس بولىدۇ.

ئاخىردا مەن يېغىنچاقلاپ ئەيىتسام، ھەر بىرىمىز ئۆز ئورنىمىزنى توغۇرا بەلگىلەپ، ئۆز ئىقتىدارىمىزنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە نامايەن قىلغىنىمىزدا ئاندىن ئۆز قىممىتىمىزنى توغۇرا يارىتالايمىز. ئىنساننىڭ قىممىتى ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ ھوقۇق مەنسەپلىرىدە، قانچىلىك كۆپ پۇل تىپىشىدا، قانچىلىك چوڭ ئۆيدە ئولتۇرشىدا ۋە ياكى قانداق نوچى ماشىنا ھەيدىشىدە بولمايدۇ. ئىنساننىڭ قىممىتى ئاللاھنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا بەرگەن ئەقىل پاراسىتى ۋە تالانتىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرالىشىدا بولىدۇ؛ ئىنساننىڭ قېممىتى يالغۇز نەتىجىدە ئەمەس بەلكى جەرياندا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز مەۋجۇت زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا يەتمىسە، كەم دىگەندە بىز زىدىيەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز، كۆيىۋاتقان ئوتقا ماي چىچىپ زىدىيەتنى ئۇلغايىتماسلىقىمىز كىرەك. ھېچ بولمىسا ئىش قىلغانلارنىڭ ئىشىنى قىلغىلى قويىشىمىز، ئۇلارغا ياردەم قىلالمىساق، دەستەك بولالمىساق، كەم دىگەندە ئۇلارنىڭ يولدىكى داڭگال بولۇپ، ياكى ئۇلارغا ئورا كولاپ، كېتىۋاتقانلارنىڭ يولىغا پۇتلى كاشاڭ بولماسلىقىمىز كىرەك.

2018 – يىلى 8 - ئاينىڭ 30 – كۈنى، نىيورۇك

No comments: