Thursday, September 27, 2018

لاگىر تاقالسا مەسىلىمىز ھەل بولامدۇ؟



مەمەت ئمىن 


"قايتا تەربىلەش مەركىزى" دەپ ئاتالغان ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جازا لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان يىغىۋىلىش مەركەزلىرىگە تۇتۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ تىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچۇرغان ۋەتەن سىرتىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزلۈگىدىن ئويغۇنۇپ، بۇ يىغىۋىلىش مەركەزلەرى ياكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن ھەر خىل پالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ ۋە ئۇ كۈننىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە قاتتىق تەقەززا بولىۋاتىدۇ.

تەشكىلاتلىرىمىز ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تىرىشچانلىقى، بولۇپمۇ ئۆزلىرى جازا لاگىر ھاياتىنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ۋە ياكى ئائىلىسىدىكى يىقىن ئۇرۇق تاققانلىرى جازا لاگىرلىرىدا جازالىنىۋاتقان بەزى قىرىنداشلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتۇرغا چىقىپ، گۇۋالىق بىرىپ، خەلقارا مەتبۇئاتلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى بىرىنجى قول ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى بىلەن، يالغۇز دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مەتبۇئاتلار ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بىرىپ قالماستىن، بەلكى بىرلەشكەن دۆۋلەرلەر تەشكىلاتى، ئامىركا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا بىرلىكى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆۋلەتلەر ۋە ئاۋۇستىرالىيە پارلىمەنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغۇرسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇردى. خەلقارانىڭ بۇ ئىنكاسلىرىنى كۆرگەن بەزى قىرىنداشلار جازا لاگىرلىرىنىڭ پات يىقىندا تاقىلىدىغانلىقىنى ۋە لاگىردىكىلەرنىڭ پات يىقىندا ئازاتلىققا چىقىدىغانلىقىنى ئوتۇرغا قويۇشىۋاتىدۇ.

خەلقارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈشى ھەقىقەتەنمۇ تارىختا بولۇپ باقمىغان ۋە ئادەمگە ئۈمۈت بىغىشلايدىغان زور بىر ئىلگىرلەش. ئۇ خەلقىمىزنىڭ داۋانى خەلقارالاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن چوڭ بىر نەتىجىسى.  بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خۇشاللىنىشىمىزغا ئەرزىدىغان بىر ئىش، بىراق بۇلار ۋەتەندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا يىتەمدۇ؟ خەلقىمىزنى بىشىغا كىلىۋاتقان كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟ ئەگەر جازا لاگىرلىرى تاقالسا، بىز راستىنلا تەشنالىقىمىزغا قانىمىزمۇ؟ ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى راھەت تاپارمۇ؟ بەزىلەر ئەيىتقاندەك لاگىرلار تاقالسا راستىنلا لاگىردىكىلەر ئازاتلىققا ئىرىشەرمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا ئەرزىدىغان موھىم مەسىلەلەردۇر.

ئەگەر بىز ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان باقساق، بىزنى قاتتىق قايغۇ ھەسىرەت ۋە تەشۋىشكە سالغان بۇ كەڭ كۆلەملىك يىغىۋىلىش ئوتۇرغا چىقىشتىن ئىلگىرى، خەلقىمىزنىڭ ئوخشاشلا راھەت ئەمەسلىكىنى، قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس.

بىز ۋەتەننىڭ يىقىنقى 70 يىللىق تارىخىنى قويۇپ تۇرۇپ، سۆۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كەيىنكى ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ باقساق، ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى بۇ 27 يىل ئىچىدە يىلدىن يىلغا ناچار بولۇپ كەلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بارەن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان چوڭ كىچىك ۋەقەلەر يۈز بەردى. خىتتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قاتتىق باستۇردى ۋە ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى. خەلقىمىز بولسا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىنى خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئەمەس، قارشلىق بىلدۈرگەنلەردىن كۆرۈپ، ئۇلارنى "سىڭگەن ناننى يەپ جىم ئولتۇرغان بولسا، بۇنداق كۈنگە قالمايىتتۇق" دەپ ئەيىپلەشتى. بولۇپمۇ 2008يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالدى كەينى ۋە 2009يىلدىكى ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق، جازا لاگىرلىرى يوق ۋاقىتلاردىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.

2006يىلدىن ئىتىۋارەن يالغۇز ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتتاينىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرىدە ۋە ئەتىراپتىكى خىتتاينىڭ ئىتىپاقداش دۆۋلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل چەكلىمەلەرگە ئۇچۇراپ، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن كۆپ يامانلاشقان. ئۇ چاغلاردا بىز ئولىمپىك تۈگىسە ۋەزىيەت ياخشى بولىدۇ دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە تەسەللى بەرگەن ئىدۇق. ئولىمپىك تۈگەپ ۋەزىيەت ياخشى بولماي تىخىمۇ جىددىلەشكەندە، خىتتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر دۆۋلەت بايرىمى ئۆتۈپ كەتسە، ئۇندىن كىيىن چاغان ئۆتۈپ كەتسە ۋەزىيەت ياخشى بولىدۇ دەپ ئۆز ئۆزىمىزگە تەسەللى بەردۇق. ئۇندىن كىيىن شاۋگۇئان ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. ئۇندىن كىيىن خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى تىخىمۇ كەسكىنلەشتى. پۈتۈن تىلفۇن ئالاقە كىسىلدى

5ئىيۇل ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن ۋەتەندىكى پۈتۈن تىلفۇن ئالاقە كىسىلىپ، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلگەندە، تىلفۇن ئالاقىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن تىزراق ئالاقە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە بولسا تىلفۇن ئالاقە كىسىلگىنى يوق، ھەتتە ئۈندىدارمۇ ئوچۇق، بىراق ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئوخشاشلا چەكلىمىگە ئۇچۇراۋاتىدۇ. يالغۇز لاگىرگە سولانغان ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالماستىن، بەلكى لاگىر سىرتىدا "ئەركىن" ياشاۋاتقان ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىمۇ مۈمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئەھۋال شۇنداقكەن لاگىرلار تاقالسا، خەلقىمىز راھەت تاپارمۇ؟ لاگىرلار تاقالسا لاگىردىكىلەر ئازاتلىققا چىقارمۇ؟

ھازىر خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت ۋە ئىشكەنجە يالغۇز جازا لاگىرلىرى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالماستىن، جازا لاگىرلىرى سىرتىدىكىلەرمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك ھەر خىل ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا. مىللى مۇئارىپنى چەككلەش، قوش تىللىق مۇئارىپ نامى بىلەن تىلىمىزنى چەچلەش، دىنىمىز، تارىخىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش، مەجبۇرە توي قىلىش، ھالال بولمىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرى بولۇش، دىننى ئىتىقاد ئىغىر دەرىجىدە چەكلىنىش، مىچىتقا كىرىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ئالدىن رۇخسەت ئىلىپ كىنىشكە بىجىرىش، كىنىشكىسى يوقلارنىڭ مىچىتقا كىرىشى چەكلىنىش ياكى جازالىنىش، مىھماندارچىلىق ۋە تۇققان يوقلاشلارغا چەكلىمە قويۇش، پەتىگە بىرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئىلىش ۋە پەتە قىلىدىغان ۋاقىتنى بەلگۈلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىش، مىللى كىملىكنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش قاتتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لاگىر سىرىتىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار بولۇپ، بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن لاگىر سىرتىدىكى خەلق دۇچ كىلىۋاتقان روھىي ۋە جىسمانى بىسىم، لاگىر ئىچىدە جازالىنىۋاتقانلاردىن كۆپ پەرىقلەنمىسە كىرەك.

مەن ئۈمۈتسىز بىر ئادەم ئەمەس، ھەم مىنىڭ ھىچكىمنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش، ھىچكىمگە سوغاق سۇ سېپىش مەخسىتىم يوق. مەن پەقەتلا مەسىلىنى مەنتىقىلىق ئويلاپ، رىياللىقنى ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداشتىن ساقلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. خىتتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنى ئاچقاندا چوقۇم بىر مەخسەتكە يىتىشنى پىلانلىغان بولىشى مۈمكىن. جازا لاگىرلىرى ئۇ مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان چارىلەرنىڭ بىرى، ھەممىسى ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرى تامامەن مەغلۇپ بولۇشتىن بۇرۇن، بۇ پىلانىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدۇ.

ھازىر كۆپۈنچىمىز لاگىرلارنىڭ خەلقىمىزگە زور تەھدىت بولاۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، داۋانى 100 مىتىرلىك تىز يۈگۈرەشكە ئايلاندۇرۇپ، خۇددى لاگىرلار تاقالسا خەلقىمىز ئەركىن نەپەس ئالالايدىغاندەك، پۈتۈن كۈچ ۋە زىھنىمىزنى لاگىرلارنى تاقاشقا قارىتىۋاتىمىز. مىنىڭ قارىشىمچە لاگىرلار ھەرگۈز بۇنداق ئاسان تاقالمايدۇ، ياكى تاقالغان تەقدىردىمۇ، ماھىيەت جەھەتتە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. خەلقىمىز ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا داۋاملىق جازالىنىشى مۈمكىن. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل ھالدا نىشانىمىزنى لاگىرلارنى تاقاش قىلىۋالساق ۋە ياكى كۈچىمىزنى لاگىرلارنى تاقاشقا مەركەزلەشتۈرىۋالساق، مەيلى لاگىرلار تاقالسۇن ياكى تاقالمىسۇن، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ؛ نەتىجىدە ۋەتەن سىرتىدىكى خەلقىمىز ئارىسىدا ئۈمۈتسىزلىنىش كىلىپ چىقىشى مۈمكىن. شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا داۋانى توغۇرا تەشۋىق قىلىشىمىز، خەلقنى قۇرۇق ئۈمۈتلۈندۈرمەسلىكىمىز ھەم شۇنداقلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشىمىز كىرەك. دۈشمەن ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ بولىدۇ، بۇ كۈنلەر بۇنداق داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. خۇددى مارتىن لۇزىر كىڭ دىگەندەك، "ئىزىلگەن خەلق مەڭگۈ ئىزىلىۋەرمەيدۇ، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ھامان پەيدا بولىدۇ".

ئىزىلگەن خەلق مەڭگۈ ئىزىلىۋەرمەيدۇ. ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ھامان پەيدا بولىدۇ.

بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ مەخسىتى ھەرقايسى ساھالەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە جامەت ئىچىدە تەسىرى بار ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىشىدىكى دىخخانچىلىق دەۋرىگە قايتۇرۇش؛ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كەسپى خادىملار سانىنى تەدىرىجى ئازلىتىش ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى كەسپى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئۇنىڭ ئورنىغا مەمۇرى خادىملارنى نىسپى ھالدا كۆپەيتىش، ياخشى ئوقۇغان ۋە ھۆكۈمەتكە سادىق بولغان ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ تۆۋەن قاتلامدىكى مەمۇرى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يىغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش؛ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ، مىللى كىملىكىنى يوق قىلىش ئىكەن. ئەمىلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدەممۇ قەدەم ئەمىللىشىۋاتىدۇ ۋە ياكى ئەمىللىشىشكە قاراپ كىتىۋاتىدۇ.

ھازىر بىز قارايدىغان بولساق، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقىنى، ھەرگۈزمۇ بىزدىكى "زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ياكى دىنى ئەسەبىلىك" بولماستىن، بەلكى بىزدىكى مىللى كىملىك ۋە ئۆزىمىزنى كۆڭلىمىزدىن خىتتاي پۇخراسى دەپ قارىماسلىق. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ مەخسىتىمۇ بىزدىكى "زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننى ئەسەبىلىك" نىلا يوقۇتۇش بولماستىن، بەلكى بىزدىكى مىللى كىملىك ۋە مىللى ئاڭنى تامامەن يوقۇتۇش بولاۋاتىدۇ. موھاممەد سالىھ ھاجىدىن باشلاپ ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇتقىچە، خالمۇرات غوپۇر، راھىلە داۋۇتتىن تارتىپ ياش پۇتبولچى ئەرفان ھەزىمغىچە بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەسىرى بار دەپ قارالغان ھەرقانداق ئادەمنى يوق قىلىشى، ھەتتا ھۆكۈمەتكە ئەڭ سادىق دەپ قارالغان نۇر بەكرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىدۇر. ھازىر ھۆكۈمەتكە ساداقەتلىكىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان قەيسەر ئابدۇكەرىمگە ئوخشاش كىشىلەرمۇ، ئەگەر ئۇلاردا ئازراقلا ئۇيغۇرلۇق ئىڭى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنى تىخى ئالدىدا.

ھەممىمىز بىلگەندەك ئىلھام توختى، خىتتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خىتتاينىڭ قانۇنى بويىچە ئۇيغۇرلارغا ھەق ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى، بەيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئىلىپ بىرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدا، خەلقارادىكى نۇرغۇن تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ نارازىلىقىغا پىسەن قىلىپ قويماي، ئۇنىنغا مۇددەتسىز جازا بەردى. مۇشىنىڭ ئۆزىمۇ بىزدە باشقا تاللاش يولىنىڭ قالمىغانلىقىغا يىتەرلىك دەلىل بولالايىتتى. ئەمدىلىكتە جازا لاگىرلىرى ئوتۇرغا چىقىپ، تىخىمۇ كۆپلىگەن بىگۇناھ ئىنسانلار سەۋەپسىز تۇتقۇن قىلىنماقاتا ۋە ھىچقانداق قانۇنى رەسمىيەتسىز جازالانماقتا.

جازا لاگىرى خەلقىمىزنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقۇتۇش جەريانىدا قوللۇنىۋاتقان ھەر خىل جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەرگۇزمۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەخسىتى ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ مىللى كىملىكىنى، ئۇ مىللەتنىڭ بىر قىسمىنى فىزىكىلىق قىرغىن قىلىش بىلەن يوق قىلغىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇ مىللەتنىڭ روھىنى يوق قىلىش بىلەن ئۇ مىللەتنى يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا مەيلى جازا لاگىرلىرى تاقالسۇن ياكى تاقالمىسۇن، خىتتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنى روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتىن جازالاپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ۋەيران قىلىشى، روھىي ھالىتى ۋە پىسخىكىسىنى بۇزىشى،  ۋە شۇ ئارقىلىق مىللى كىملىك، مىللى روھنى يوق قىلىش مەخسىتىگە يىتىشى مۈمكىن.

ھازىرغا قەدەر خىتتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. ئەلجەزىريەنىڭ تىلىۋىزۇر قانىلىدا سۆز قىلغان ۋىكتور گائو، خىتتاي زىيالىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يالغۇز جازا لاگىرلىرىنى ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ھەتتە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6، 7 مىللىيۇن دەپ ئىلان قىلدى. بۇ ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ ھىتتاي ھۆكۈمىتى 2015 - يىلى ئىلان قىلغان ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 11.30 مىللىيۇن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىش سەۋەبىدىن ئوتۇرغا قويغان سان ئەمەس. بۇ بەلكىم خىتتاينىڭ 2020 - يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئىلان قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن ئالدىن ئوتۇرغا تاشلىغان بىر سىگىنال بولۇشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن مەن جازا لاگىرى تاقالغان تەقدىردىمۇ، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى تۈپتىن يوق قىلىپ، كەلگۇسىدە خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى چىقماس قىلىپ قويۇش ئۈچۈن جازا لاگىرلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا خىلدىكى ھەتتا ئۇنىڭدىن تىخىمۇ ئىغىر بولغان جازالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى مۈمكىن دەپ قارايمەن.

يىقىندىن بىرى جازا لاگىردىكىلەرنى خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىق توغۇرسىدا بەزى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ۋەتەندىن خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان پويىز بىلەتلىرىنىڭ 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي توختىتىلىدىغانلىق خەۋەرى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانى تىخىمۇ ئىنىق ئوتۇرغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم مەن يۇقاردا ئوتۇرغا قويغان جازا لاگىرلىرى تاقالغاندىن كىيىنكى تىخىمۇ ئىغىر جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولسا كىرەك. ھەممىمىز بىلگەندەك خىتتايدا 5 ئاپتىنۇم رايۇندىن باشقا 22 ئۆلكە بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا 50 مىللىيۇندىن ئارتۇق بەزىلىرىدە ھەتتە 100 مىلىيۇندىن ئارتۇق نوپۇس بار. ھەر بىر ئۆلكىگە يىرىم مىلىيۇن ئۇيغۇرلارنى چىچىۋەتسە، 10 مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خۇددى قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپلا كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندىكى لاگىرلارنى راھەت راھەت تاقاپ، بىزنىڭ ۋەتەندە لاگىر يوق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. 2020يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە خىتتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، بىراق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، خۇددى ۋىكتور گائو ئالدىن سىگنال بەرگەندەك 6، 7 مىلىيۇنغا چۈشۈپ قىلىشى مۈمكىن.

جازا لاگىرلىرى، گۇئانتانامودا تۇتۇلغان قىرىنداشلار مەسىلىسىگە ۋە 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشتا چوڭ رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. جازا لاگىرلىرى يالغۇز داۋانى خەلقارالاشتۇرۇپ قالماي، بۇرۇن داۋادىن ئۆزىنى قاچۇرغان نۇرغۇن كىشىلەرنى داۋا سىپىگە سۆرەپ كىردى. ئەگەر بىز جازا لاگىرلىرىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئاڭلاتماي، زىھنىمىزنى ۋە بارلىق كۈچىمىزنى پەقەت جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا مەركەزلەشتۈرىۋالساق، جازا لاگىرلىرىنىڭ تاقىلىشى بىلەن خەلقىمىز يۈزلەنگەن تەھدىتلەر ھەرگۈز ئازلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جازا لاگىرلىرى تاقالغاندىن كىيىن، داۋانى يەنە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا بىر نەرسىنى كۆتۈرەپ چىقىشقا توغۇرا كىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ مەخسەت، مۇشۇ جازا لاگىرلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋالىنى ۋە داۋانىڭ تۈپ مەخسىتىنى  خەلقاراغا تولۇق ئاڭلىتىپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش بولۇشى كىرەك. ئەگەر بىز باش ئاغرىسا باش ئاغرىقنى، قوساق ئاغرىسا قوساق ئاغرىقنى داۋالاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاغرىق پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىگە ئىتىۋار بەرمىسەك، بۇنداق پۇرسەت بىزگە يەنە كىلىۋەرمەيدۇ.

ئەركىنلىكنى، ھۆكۈمىران سىنىپ مەڭگۈ ئۆزلىگىدىن بەرمەيدۇ؛ ئەركىنلىك ئىزىلگۈچى سىنىپ تەرەپىدىن ئىلىنىدۇ




No comments: