Friday, July 20, 2018

روھىي كەيپىيات ۋە پىسخىكىلىق بىنورماللىق

روھىي كەيپىيات ۋە پىسخىكىلىق بىنورماللىق
مەمەت ئىمىن

بىزدە "ئىنساننىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھاياۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا" دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. بۇ دىگەنلىك ھاياۋاننىڭ رەڭگىنى ۋە قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى سېرىتقى كۆرنۈشىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، بىراق بىر ئىنساننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىگىنى بىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس دىگەنلىك. ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننىڭ ئالىسى ئىچىدە بولۇپ، بەزىدە بىر ئىنساننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ناھايتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

بىر ئىنساننىڭ روھىي ھالىتىنى، كەيپىياتىنى، مىجەز خۇلقىنى، خارەكتېرىنى، ئادىمىلىكىنى ۋە خېسلىتىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق، ئۇ ئىنساننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە بەزى يەكۈنلەرنى چىقىرىش مۈمكىن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالەتى ۋە كەيپىياتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا بولغان تەسىر ئالاھىدە چوڭ.

ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كەيپىياتى، ئۇلارنىڭ ھېس تۇيغا ۋە سىزىمىنىڭ تەسىرگە ئۇچۇرايدىغان بولۇپ، ئۇ بىر يىل 4 پەسىلگە ئوخشاش ئۆزگۈرۈشچان بولىدۇ. ئىنسانلار بەزىدە خوشال بولسا بەزىدە خاپا بولىدۇ؛ بەزىدە كۈلسە بەزىدە يىغلايدۇ؛ بەزىدە ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي كەتسە بەزىدە ئاچچىقلىنىپ ۋاقىراپ كېتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى ياكى كەيپىياتى گەرچە ئىنسانلارنىڭ ئادىمىلىكى، خېسلىتى، مىجەز-خۇلقى ۋە خارەكتېرىدىن پەرىقلىق بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرايدۇ، ھەم چىرايىغا ئاسان ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، باشقىلار ئاسان ئۇنى كۈزۈتەلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ياكى كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق ياكى تۇراقلىق ئەمەسلىكى، بىر ئىنساننىڭ قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال ياكى بىنورمال، ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە يەكۈن چىقىرىشتا بەك چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىنسانلاردىكى پىسخىكىلىق بىنورماللىققا ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىسخىكىسىدا مەسلە بارلار نورمالدا ئۆزىدە مەسىلە بارلىقىنى ھەرگۈز ئىتىراپ قىلمايدۇ؛ ئۇندىن باشقا بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە بار دەپ دىياگۇنۇز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، دوختۇرلارمۇ ئۇلارغا ئۇنداق بىر دىياگۇنۇزنى قويۇشتا ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تەرەققى قىلغان باي دۆۋلەتلەردە تەخمىنەن 42%، تەرەققى قىلمىغان كەمبىغەل دۆۋلەتلەردە 80% پىسخىكىسى نورمال بولمىغان ئىنسانلارغا دىياگۇنۇز قويۇلمايدۇ ۋە ياكى ھىچقانداق داۋالاش ئىلىپ بىرىلمايدۇ؛ ئۇلار تامامەن نورمال ئىنسانلار قاتارىدا مەشغۇلات ئىلىپ بارىدۇ. بۇنداق ۋاختىدا دىياگۇنۇز قويۇلمىغان ۋە ۋاختىدا داۋالاش ئىلىپ بىرىلمىغان بىر قىسىم روھىي كىسەل بىمارلىرىنىڭ  جەمىيەتكە بولغان زىيىنى ناھايتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا بولغان تونۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىن ئىلىش بەك موھىم.

نورمالدا  ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە ياكى كەيپىياتىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا ۋە روھىي ساغلاملىقىغا بەلگۈلۈك دەرىجىدە يەكۈن چىقىرىش مۈمكىن.



روھىي ھالىتى ۋە كەيپىياتى تۇراقلىق، ئاكىتىپ بولغان ئىنسانلارنىڭ ئۇيقىسى ياخشى، تەپپەكۇرى ئوچۇق، خىزمەت ئۈنىمى يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتە تەمكىن، سالماق، ئوچۇق چىراي كېلىدۇ؛ بىر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان ھېسياتقا ئەمەس، بەلكى پاكىتقا تايىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە سوغۇققان كىلىدۇ، ئاسان تۇيغىلانمايدۇ، ئاسان ھاياجانلانمايدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ، ئاسان ئۈمۈتسىزلەنمەيدۇ، بىر ئىشتىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ؛ ئۇلار چىداملىق، تىرىشچان ئۈمۈتۋار، پوزىتىپ بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە كەڭ قوساق، مەرت بولىدۇ، قىلغان سۆزىدە تۇرىدۇ، ۋاقىتقا رايە قىلىدۇ، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدۇ.

روھىي ھالىتى ۋە كەيپىياتى تۇراقسىز، پاسسىپ بولغان ئىنسانلارنىڭ ئۇيقىسى ياخشى بولمايدۇ؛ ئۇلار ئادەتتە ھېسياتچان، تەنتەك ۋە تەلۋە كىلىدۇ؛ ئاسان ھاجانلىنىدۇ، ئاسان كۈلىدۇ، ئاسان خاپا بولىدۇ، ئاسان يېغلايدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، ئاسان چۈشكىنلىشىدۇ؛ بىر ئىشقا ئاسان قىززىقىپ ئاسان ۋاز كېچىدۇ؛ تەپەككۇرى ئوچۇق بولمايدۇ، بىر ئىشقا ئويلىمايلا ئاسان قارار بېرىدۇ، ئاسان پۇشايمان قىلىدۇ، سەۋەنلىكنى ھەر دائىم باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ. بۇنداق ئىنسانلار ئادەتتە ئىچى تار، چىدىماس، يالغانچى، سۆزىدە تۇرماس كېلىدۇ، چوڭ ئىش قىلالمايدۇ؛ باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالمايدۇ ۋە ياكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۇراقسىز بولىدۇ، كۆزىگە سىغمايدىغان ئادەملەرنى يامان كۆرىدۇ.

ئىنسانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ روھىي ھالىتىنى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشىيەلىشى مۈمكىن.

1. ئۇرۇق تۇققان ۋە يېقىن دوستلار بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلغان ياكى كۆڭلىنىڭ يېرىم بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ئىشلارنى دىيىش، ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىغا ۋە كۆڭەل بۆلىشىگە ئىرىشىش.
2. قېيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزىگە بەك چوڭ يۈك قىلىۋالماسلىق، يولۇققان قېيىنچىلىقنى ئەھۋالغا قاراپ بىر نەچچىگە بۆلۈپ، ئەۋال كىچىك ۋە ياكى ئاساندىن باشلاپ قىلىش.
3. پۇشايمەن قىلىش ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆز ئەيىپلەشتىن ساقلىنىش. پوزىتىپ بولۇش، ئۆزىگە تەسەللى بىرىش.
4. ھوزۇرلىنىدىغان ۋە كۆڭەل ئاچىدىغان پالىيەتلەر بىلەن كۆپرەك شۇغۇللۇنۇش. ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلارنى ئوقۇش، بەدەن چىنۇقتۇرۇش، تەتىلگە چىقىش، ساياھەت قىلىش.
5. ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋالماسلىق، سىرىتقا چىقىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئىلىش، بازار ياكى باغچا ئايلىنىش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش.
6. سەلبى قاراش ۋە سەلبى خىياللارنى كاللىدىن چىقىرىش تاشلاش ياكى ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
7. نىمە قىلالايدىغان نىمە قىلالمايدىغانلىق توغۇرسىدا رىيالىستىك بولۇش، مۇئاپىقىيەتنىڭ بىر كىچىدە يۈز بەرمەيدىغانلىقنى ياخشى تونۇپ يېتىش.
8. ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش.
9. موھىم ئىشلاردا ئالدىراپ تىنەپ قارار چىقارماسلىق؛ تەمكىن بولۇش، ياخشى ئويلىنىش، خاتا قارار چىقىرىپ پۇشايمان قىلىشتىن ساقلىنىش.
10. يىتەرلىك ئۇخلاش، ياخشى ئارام ئىلىش.
11. خەيرى ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش، ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش.
12. دوختۇر  ياكى ساغلاملىق مەسلەھەتچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش.

2018 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى نىيورۇك

No comments: