Saturday, July 28, 2018

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن تەشنالىقى

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن تەشنالىقى
مەمەت ئىمىن


          ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ كۈنسايىن ئىغىرلىشىشى، جازا لاگىرىغا سولۇنغانلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشىگە ۋە 9 يىل ئىلگىرى ئامىركىدا ئوتۇرغا چىقىپ، ھازىرغا قەدەر ئاخىرى چىقمىغان "ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن" نىڭ قايتىدىن قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامىركىدا قانۇن چىقىرىشقا بولغان تەشنالىقى تىز سۈرەتتە ئىشىپ بارماقتا.

كۆپۈنچىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، 1987 – يىلدىن بۇيان ئامىركىدا تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قارارلار ۋە بىر قانۇن ماقۇللانغان بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ موھىم بولغان تىبەت سىياسىتى قانۇنى دەپ ئاتالغان ئۇ قانۇن، 2001 – يىلى 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئامىركا پارلامەنتىگە تونۇشتۇرلۇپ،  ئامىركىنىڭ كىڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىيەسىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تالاش تارتىش قىلىنىپ، يىرىمدىن ئارتۇق پارالامەنت ئەزالىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، 2002 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى پىرەزىدەن بۇش تەرىپىدىن قول قويۇلۇپ، رەسمى قانۇن شەكىلدە ئىجىرا قىلىنىشقا باشلىغان.

بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇزۇندىن بىرى، بولۇپمۇ يىقىنقى يىللاردىن بىرى دۇچ كىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلار، تىبەت خەلقى يۈزلەنگەن باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن ھەرگۈز ئاز ئەمەس، بىراق ھازىرغا قەدەر ئامىركىدا بىزگە مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق بىر قانۇن ماقۇللانمىدى. بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردە خەلقىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئامىركىدا ئۇيغۇرلار توغۇرسىدا شۇنداق بىر قانۇن چىقىرىشىغا ئاللا بۇرۇن ھەق ئەتتى. ئامىركىدا بىزنىڭ ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغدايدىغان بىر ئەمەس ھەتتا بىر نەچچە قانۇن ۋە قارارلار ماقۇللىنىشى كىرەك. ئۇنداقتا تىبەتلەرگە ماقۇللانغان ئۇ قارارلار ۋە قانۇن نىمە ئۈچۈن بىزگە ماقۇللانمىدى؟ بىز ۋە بىزنىڭ تەشكىلاتلار قايسى تەرەپلەردە يىتەرلىك خىزمەت قىلالمىدى؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامىركىنىڭ قانۇن ماقۇللاش جەريانى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتمەك لازىم.

ئامىركىنىڭ قانۇن ماقۇللاش جەريانى

ئامىركىدا قانۇن ماقۇللاش، ھەرگۈزمۇ يىزىپ تەييارلانغان قانۇن لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى نۇسقىسىنى پارالامەنت بىناسى ئىچىدە ئىشخانىمۇ ئىشخانا كۆتۈرەپ يۈرۈپ، ئالدىغا ئۇچۇرغان پارلامەنت ئەزالىرىغا ئىمزا قويدۇرۇش ئارقىلىق ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس.

ئامىركىدا قانۇن ماقۇللاش جەريانى ناھايتى مۈرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇنىڭ جەريانلىرىنى ناھايتى ئاددى قىلىپ ئەيىتقاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەدەم باسقۇچلارغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن.

ئامىركىدا قانۇن ماقۇللاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىرى ياكى بىرنەچچە پارلامەنت ئەزاسى، ماقۇللىماقچى بولغان قانۇن لايىھەسى (Bill) گە كىپىل (Sponsor) بولۇپ ئىمزا قويىشى كىرەك.
ئىككىنجى قەدەمدە، ئۇ قانۇن لايىھەسى (Bill) گە بىشى (ئاۋام پالاتاسىيەسى ئۈچۈن) H دىن ياكى (كەڭەش پالاتاسىيە ئۈچۈن)  S  دىن باشلانغان قانۇن ماقۇللاش نومۇرى (lagislative number) بىكىتىلىپ، ئاۋام پالاتاسىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كومىتىتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئەگەر مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لايىھەسى كومىتىت تەرىپىدىن تەستىقلانسا، ئاۋام پالاتاسىيەسىدە ئاۋاز بەرىشنىڭ كۈن تەرتىۋىگە قويۇلىدۇ.
ئۈچىنجى قەدەمدە،  قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىيەسى دە مۇنازىرە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاۋام پالاتاسىيەسىدىكى 435 ۋەكىل ئىچىدىن 218 نىڭ قوللىشىغا ئىرىشسە، قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىيەسىدە تەستىقلانغان بولىدۇ ۋە كىڭەش پالاتاسىيەسى گە بارىدۇ.
تۆتىنجى قەدەمدە، قانۇن لايىھەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىگە بارغاندىن كىيىن، كىڭەش پالاتاسىيەدىكى كومىتىتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ. ئەگەر مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لايىھەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىدىكى كومىتىت تەرىپىدىن تەستىقلانسا، كىڭەش پالاتاسىيەسى تەرىپىدىن ئاۋاز بەرىش ۋە مۇنازىرە قىلىشقا سۇنىلىدۇ.
بەشىنجى قەدەمدە، ئەگەر قانۇن لايىھەسى كىڭەش پالاتاسىيەسىدىكى 100 پارلامەنت ئەزاسى (سەناتور) ئىچىدە 51 ئەزا تەرىپىدىن تەستىقلانسا، ئەڭ ئاخىرقى مۇزاكىرە ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلتاي كومىتىتىگە سۇنىلىدۇ.
ئالتىنجى قەدەمدە، ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلتاي كومىتىتى بۇ ئىككى پارلامەنت تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ سەلىشتۇرىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىرلىككە كەلگەن قانۇن لايىھەسىنى قايتىدىن ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيەسىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئايرىم ئايرىم مۇزاكىرە قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلايدۇ.
يەتتىنجى قەدەمدە، ئەڭ ئاخىرقى تەستقىلانغان ۋە بىرلىككە كەلگەن قانۇن لايىھەسى بىسىپ چىقىرلىپ پىرەزىدەنتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىلىدۇ. پىرەزىدەنتنىڭ ئۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاش ۋە ياكى رەت قىلىشى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقىت بار بولۇپ، ئەگەر ئۇ 10 كۈن ئىچىدە تەستىقلاپ قول قويسا، ئۇ قانۇن لايىھەسى رەسمى قانۇن بولۇپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بولمىسا رەت قىلىنىپ پارلامەنت ئەزالىرىغا قايتۇرۋىتىلىدۇ.

ئەمىلىيەتتە ماقۇللىماقچى بولغان قانۇن لايىھەسى يۇقارقى ھەر بىر باسقۇچ جەريانىدا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىشى، ھەتتا تامامەن رەت قىلىنىشى مۈمكىن.

قانۇن ماقۇللاشنىنۋ يۇقارقى قەدەم باسقۇچلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامىركىدا قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن يالغۇز نامايىش قىلىش يىتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ئەڭ موھىم بىر تەرەپتىن داۋانى ئامىركا پارلامەنت ئەزالىرىغا ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىدىغان بىر تۈركۈم كەسپى خادىملار ۋە ياكى لوبىچىلار بولىشى كىرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى شىتاتلاردا ياشاۋاتقان ئامىركا ۋەتەندىشى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر، داۋانى ئۆزى تۇرىۋاتقان شىتاتتىكى ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيە ئەزالىرىغا ئۈزلۈكسىز ئاڭلىتىپ، ماقۇللانماقچى بولغان قانۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پارالامەنتتە ئاۋاز بىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كىرەك.

يىقىندا ئامىركىدا، تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قانۇن لايىھەسى، ئاۋام پالاتاسىيە قانۇن كومىتىتىنىڭ بىردەك تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپتۇ. تىبەتلەرنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى تۇنجى بولۇپ 2014 ـ يىلى ئامىركا ئاۋام پالاتاسىيەسىگە تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن، 4 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاران قانۇن ماقۇللاشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى تاماملاپتۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتتاي پۇخرالىرىنىڭ ئامىركىغا ئەركىن كىلىپ كىتەلىگىنىگە ئوخشاش، ئامىركا پۇخرالىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە مۇخپىرلىرىنىڭمۇ تىبەتكە ئەركىن بىرىپ كىلەلەيدىغانلىقى ئوتۇرغا قويۇلغان ئىكەن. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئەڭ ئاخىردا تەستىقلىنىپ رەسسى قانۇنغا ئايلاندا ۋە ئەمىللەشسە، تاشقى دۇنيانىڭ تىبەتتە بولاۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تىپىشىغا چوڭ پايدىسى بولۇشى مۈمكىن.

ئۇندىن باشقا ئامىركىنىڭ تىبەت مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىش قانۇنى لايىھەسى 2008 – يىلى تۇنجى قىتىم پارلامەنتكە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر يىلى 3000 تىبەتكە، ئامىركىغا كىلىش ئۈچۈن ۋىزا بىرىش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن. 2008 - يىلدىن كىيىن بۇ قانۇن لايىھەسى بىر نەچچە قىتىم ئامىركا پارلىمەنتىگە قايتا قايتا تونۇشتۇرۇلغان. ئەڭ ئاخىرقى قىتىم 2017 - يىلى تونۇشتۇرۇلغان.

        مېنىڭ قارىمشىمچە ئامىركىدا تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن ۋە قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشى تىبەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى 1959، 1961 ۋې 1965 - يىللىرى ئارقا ئارقىدىن ئۈچ قىتىم تىبەتلەر توغۇرسىدا قارار چىقارغان ئىكەن.  تىبەتلەرنىڭ داھىسى 14 – قىتىملىق دالاي لاما 1979 – يىلى ئامىركىنى تۇنجى قىتىم زىيارەت قىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن دالاي لاما بىلەن ئامىركا پارلامەنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشقا باشلىغان. شۇنداق بولغاندا تىبەتلەر تاشقى دۇنيادا داۋا ئىلىپ بىرىۋاتقىلى 60 يىل، ئامىركىدا رەسمى داۋا ئىلىپ بىرىۋاتقىلى 40 يىلغا يىقىن بولغان. ئۇلار بۇ 60 يىل ۋاقىت جەرياندا ئامىركىدا جۈملىدىن غەرىپتە قانداق داۋا قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئوبدان ئۈگەندى. تىبەتلەر  ئامىركا ۋە باشقا غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن داۋا قىلىپ بىرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشھۇر جامائەت ئەربابلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ يىتەرلىك ئىختىزادى بولغاچقا لوبىچىلىققىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

ئىشىنىمەنكى تىبەتلەر ئۇ قانۇن ۋە قارارلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى؛  ئۇلار ئالدى بىلەن تىبەت خەلقىنىڭ مەنپەتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويدى؛ بىزدىكى بەزى ئىنسانلارغا ئوخشاش  مەنمەنچىلىك ۋە ئابروي تالىشىپ، بىر بىرىنى خايىن مۇناپىق دەپ ئۆز ئارا ھاقارەت قىلىشمىدى، مىللەتنىڭ ئىتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى بۇزمىد؛  ئۆز ئارا ئىتىپاقلىشىپ، كۈچنى بىرلىككە كەلتۈردى.  شۇ سەۋەپتىن تىبەت خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بۇ قانۇن ۋە قارالار ماقۇللاندى.  

   بىزچۇ؟ بىز ئامىركىدا داۋا باشلىغىلى 1998 – يىلدىن ھىساپلىساق ئەمدىلا 20 يىل بولدى؛ بىز گەرچە بۇ 20 يىل ۋاقىت جەريانىدا غەرىپتە قانداق ياشاشنى، تەشكىلات قۇرۇپ ھەر خىل پالىيەت ۋە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشنى ئاز تولا ئۈگەنگەن بولساقمۇ، بىراق ئامىركىدا قانۇن قانداق ماقۇللىنىدىغانلىقىنى، ۋە قانۇن ماقۇللاش جەريانىدا قانداق ئامىللارنىڭ موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يىتەلمىدۇق؛ يىتەرلىك پارلامەنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىدۇق؛ ئىختىزادى جەھەتتىكى ھەر خىل قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ۋە ياكى لوبىچىلىقنىڭ موھىملىقىنى تونۇپ يەتمەسلىكىمىز تۈپەيلىدىن، لوبىچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەلمىدۇق؛ ئەڭ موھىمى قولىمىزغا كەلگەن پۇرسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالماي قالدۇق؛ ھە دىسەك بىر بىرىمىزنى ھاقارەتلەپ، سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن ئىزدىدۇق؛ بىر بىرىمىزنى ياراتمىدۇق، بىر بىرىمىزنى ئىنكار قىلىشتۇق.

ئادەتتە پارلامەنتكە تونۇشتۇرۇلغان ھەرقانداق قانۇن لايىھەسى (Bill) گە  (ئاۋام پالاتاسىيەسى ئۈچۈن) H دىن، (كەڭەش پالاتاسىيە ئۈچۈن) S  دىن باشلانغان قانۇن ماقۇللاش نومۇرى بىكىتىلىپ، پارلامەنت ئارخىبىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، مەن پارلامەنت تور بىتىدىن تىبەتلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپتىپ. ئۇيغۇرلارغا ئائىت چىققان قارارلارنى تاپتىم (يازمىنىڭ ئاخىرغا قاراڭ). مەن گەرچە ئۇيغۇرلارغا ئايىت قانۇن لايىھەسى ۋە ياكى قارار لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى قاراپ چىققان بولساممۇ، بىراق 9 يىل ئىلگىرى ماقۇللاتماقچى بولغان ئۇ قانۇن لايىھەسى توغۇرسىدا ھىچقانداق بىر يىپ ئۇچى تاپالمىدىم. مەن ئىگەللىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 9 يىل ئىلگىرى بىز ئۈچۈن تۈزۈلمەكچى بولغان ئۇ قانۇن، ئامىركىنىڭ رەسمى قانۇن ماقۇللاش كۈن تەرتىۋىگە تىخى كىرمەي تۇرۇپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا توختاپ قالغان.

ھەممىمىز بىلگەندەك ئامىركا يۈكسەك دىموكىراتىلاشقان قانۇنى بىر دۆۋلەت. شەخىسلەرنىڭ سايلاش، سايلىنىش ۋە ھەر خىل قانۇنى ھەق ھۆقۇقلىرى بار، بىراق شەخىسلەر ئامىركىنىڭ قانۇن تۈزۈش سىستىمىسىغا خالىغانچە تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئۆزىنىڭ شەخسى غەرىزى ئۈچۈن تۈزىلىۋاتقان قانۇننى خالىغانچە توسۇپ قالالمايدۇ. شۇڭا بىز بۇرۇن كۆنۈپ قالغان ئادىتىمىز بويىچە تەپەككۇر قىلىپ، سەۋەنلىكنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىمەي، مەسۇليەتنى باشقىلارغا، بولۇپمۇ بىزگە ياردەم بەرگەنلەرگە يۈكلەپ قويساق، ئۇ "ئاش بەرگەن قازاننى چاققان" لىق بولىدۇ.

بىزدە "ئۆتكەن ئىشنى سالىۋات" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. مىنىڭ قارىشىمچە، ھازىر ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن، ئىچىمىزدىن "جاۋاپكار" تىپىپ، ئۇنى كۆرەش قىلىش بىلەن ۋاقىت ئىسىراپ قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئەگەر بىزنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىمىز بولسا، گەپنى باشقىلارنى ئەيىپلەشتىن، باشقىلارنى ھاقارەتلەشتىن ۋە تەشكىلاتلارنى ئىنكار قىلىشتىن باشلىماي، بىز قايسى جەھەتتىن يىتەرلىك قىلالمىدۇق دەپ ئويلاپ بىقىشىمىز، تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ياخشى پىكىر تەكلىپلىرىمىز بولسا ئوتۇرغا قويىشىمىز، بولمىسا ئىش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنى قوللاپ، ئۇلارغا كىرەكلىك بولغان ۋە قولىمىزدىن كەلگەن ياردەملەرنى بىرىشىمىز كىرەك.  

ئەگەر ئامىركىدا بىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر قانۇن ماقۇللانسا، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ھەق ھوقىنى قوغداش جەھەتتە ھەقىقەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالدى بىلەن ئامىركىدا روياپقا چىققان بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر قارار ۋە ياكى قانۇن خەلقىمىزگە زور ئۈمۈتلەر ئىلىپ كىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ زەنجىرسىمان تەسىر قوزغاپ باشقا غەرىپ دۆۋلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇتقان سىياسىتىدە ئىجابى ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا قىلىدۇ؛ خەلقارنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىدۇ ۋە شۇنداقلا ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ئامىركىدا چىقىدىغان ھەرقانداق قانۇن، پەقەتلا خىتتاي زىمىنى سىرتىدا، بولۇپمۇ ئامىركا زىمىنىدە قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇ خىتتاي دۆۋلىتى ئىچىدە قانۇنى كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئامىركىدا ماقۇللانغان ھەرقانداق قانۇن ئامىركىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە جۈملىدىن ئامىرىكا – خىتتاي مۇناسىۋەتلىرىدە، تىبەت ياكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشقا يول كۆرسەتكۈچلۈك رول ئوينايدۇ. ئامىركىدا تۈزۈلگەن ھەرقانداق قانۇننىڭ خىتتاي دۆۋلىتى ئىچىدە قانچىلىك ئەمىللىشى پەقەت ۋە پەقەتلا ئامىركىنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە خىتتاينىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەھمىيەت بىرىشىگە، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىلىپ كىلىدىغان پايدا زىيىنىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرىشىغا باغلىق.

ھەممىمىز بىلگەندەك بىزنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتتاي دۆۋلىتىنىڭ ۋە خەلقارانىڭ نۇرغۇن قانۇنلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھىچ قايسىسى خىتتايدا نورمال ئىجىرا بولغىنى يوق. ئامىركىنىڭ تىبەتلەر توغۇرسىدا چىقارغان قانۇن ۋە قارارلىرى خىلى كۆپ بولسىمۇ، 1985 – يىلى 7 – ئايدا ئامىركا پارلامەنتىنىڭ 91 ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىنى، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە سۆزلۈشىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق نەتىجە ھەممىمىز كۆرەپ تۇرىۋاتقاندەك 33 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تىبەت خەلقىنىڭ ئەھۋالىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغىنى يوق، ھەتتا تىبەتلەر تەلەپ قىلغان ئالى ئاپتىنومىيەمۇ رىياللىققا ئايلانغىنى يوق. ئەكسىنچە تىبەت خەلقىگە يۈرگۈزىلىۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسىتى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. تىبەت خەلقىمۇ ئىلىپ بىرىۋاتقان داۋانى بوشاشتۇرماي ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتىدۇ.

شۇڭا ئامىركىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇ قانۇن بۇرۇنراق ماقۇللانغان بولسا ھازىرقى لاگىرلار دۇنياغا كەلمەيىتتى، مىليونلىغان گۇناسىز ئىنسانلار تۈرمىلەردە، لاگىرلاردا ياتمايىتتى دەپ قاراش، ئامىركىدا تىخى مەۋجۇت بولمىغان ئۇ قانۇننىڭ كۈچىنى بەك كۆپتۈرۋەتكەنلىك بولىدۇ. ئەگەر ئامىركا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يەنە بىر دۆۋلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولسا، شىمالى كورىيە مەسىلىسى ھازىرقىدەك بۇنداق ئۇزۇنغا سوزىلىپ كەتمىگەن بولاتتى. ئامىركىنىڭمۇ شىمالى كورىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن خىتتاي ھاكىمىيىتىگە ھاجىتى چۈشمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئامىركا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق باشقا دۆۋلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەن بولسا، ئۆزىگە خوشنا بولغان كىچىككىنە كۇبا، ئامىركا بىلەن شۇنچە ئۇزۇن دۈشمەنلەشمىگەن بولاتتى. ئامىركىدىكى كۇبالىقلارمۇ ئالا بۇرۇن ئەركىن ئازادە يۇرتىغا بىرىپ كىلەلىگەن بولاتتى.

ئەمدى ماگنىتىسكى قانۇنىغا كەلسەك ئۇ ئالا بۇرۇن ماقۇللانغان قانۇن بولۇپ، ھازىرقى موھىم مەسىلە قانداق قىلىپ بۇ قانۇننى، خەلقىمىزگە قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگىزىۋاتقان بىر قىسىم خىتتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىشلىتىپ، ئۇلارنى خىتتاي زىمىنى سىرتىدا جازالىتىش مەخسىتىگە يىتىش. بۇ قانۇنمۇ پەقەتلە خىتتاي زىمىنى سىرتىدا كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى، ئۇ قانۇن ئارقىلىق خىتتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتتاي زىمىنى سىرتىدىكى مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچۇرتۇش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەككلەش، ئىناۋىتىنى تۆكەش ۋە خەلقىمىزگە روھىي جەھەتتىن ئۈمۈت بىغىشلاش. بۇنىڭلىق ئۈچۈن تەشكىلاتلىرىمىز ۋە ئىمكانى يار بەرگەنلەر، جازالاتماقچى بولغان ھەر قانداق بىر خىتتاي ئەمەلدارىنىڭ جىنايى قىلمىشى توغۇرسىدا يىتەرلىك ئىسپات توپلىشى كىرەك.

مەن ئىشىنىمەنكى ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگىرلىرى چوقۇم تاقىلىدۇ؛ خەلقىمىزنىڭ بىشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ۋە زۇلۇملار بۇنداق داۋام قىلىۋەرمەيدۇ؛ خىتتاي ھاكىمىيىتىمۇ زومىگەرلىكىنى مەڭگۈ داۋام قىلىۋىرەلمەيدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، جازا لاگىرلىرىنىڭ قاچان ۋە قانداق تاقىلىشى، ئامىركا ۋە خەلقارانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقارغان قانۇنىغا باغلىق ئەمەس؛ مۇنداقچە قىلىپ ئەيىتقاندا ئامىركا بىر قانۇن ماقۇللاش ئارقىلىقلا ۋەتەندىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىۋىتەلمەيدۇ. ۋەتەندىكى جازا لاگىرلىرىنىڭ تاقىلىشى، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جازا لاگىرلارنى ئىچىشتىكى مەخسەت، مۇدداھاسىغا، ئۇنىڭدىن ئالىدىغان پايدىسى بىلەن ئامىركا ۋە خەلقارانىڭ بىسىمى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدىغان پايدا زىيان ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق. بىر تەرەپتىن، ئەگەر خىتتاي ھۆكۈمىتى بۇ جازا لاگىرلىرىنى ئىچىشتىكى مەخسەت مۇدداسىغا يەتسە ۋە ياكى جازا لاگىرلىرىنىڭ زۆرۈريىتى قالمىدى دەپ قارىسا، جازا لاگىرلىرىنى تاقىشى مۈمكىن.  يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر ئامىركا ۋە خەلقارانىڭ بىسىملىرى، خىتتاي ھاكىمىيىتىگە ھەر جەھەتتىن ئېغىر زىيان ئەكەلسە،  ئۇ زىيان جازا لاگىرلىرىنى داۋالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىرىشىدىغان پايدىسىدىن ئىشىپ كەتسە، ئۇ چاغدا خىتتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنى تاقىشى مۈمكىن، ياكى ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ كۆز بويامچىلىق قىلىشى مۈمكىن. يىغىنچاقلاپ ئەيىتقاندا ئامىركا باشچىللىق غەرىپ دۆۋلەتلىرىدىن ۋە خەلقارادىن خىتتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن قانچە ئېغىر بىسىم كەلسە، خىتتاي ھۆكۈمىتى قانچە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، ئاندىن ئامالسىزلىقتىن جازا لاگىرلىرىنى شۇنچە تىز تاقاشقا مەجبۇرى بولىشى مۈمكىن.

مىنىڭ قارىشىمچە نۆۋەتتە، ئامىركىدا، ئۇيغۇرلارغا ئاھىت قانۇن چىقىرىشقا ئەڭ پايدىلىق بىر پۇرسسەت بار. ئامىركىدا ئۇيغۇرلارغا قانۇن ماقۇللاش ۋە جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن، بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، سىستىمىلىق ھالدا ئۇزۇن مۇددەت ئۈزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەك.  بىزمۇ تەشكىلاتلىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىشىمىز كىرەك.

ئامىركىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماقۇللىتىش ۋە جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن، مەن بارلىق ۋەتەنداشلارغا ۋە تەشكىلاتلارغا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنماقچىمەن.

ئالدى بىلەن تەشكىلاتىمىز لوبىچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەسپى خادىم ياللاپ، قانۇن ماقۇللاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى ئەڭ قىسقا زامان ئىچىدە باشلىسا.
ئۇندىن قالسا ئامىركىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھۆقۇق تەشكىلاتى ياكى ئامىركا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ياكى بۇ جەقەتتە قابىلىيىتى بار ھەر قانداق بىر شەخىس باش بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرىدىغان بىر پارچە دوكىلات يىزىپ چىقسا؛  ئامىركا ۋەتەندىشى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇ دوكىلاتقا ئىمزا قويۇپ،  ئۆزى ياشاۋاتقان شىتاتتىكى ئاۋام پالاتاسىيە ۋە كىڭەش پالاتاسىيە ئەزالىرىغا يوللاپ بەرسە، ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ماقۇللاتماقچى بولغان قانۇن لايىھەسىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرسە.
ئەڭ ئاخىردا، ۋەتەنداشلار ھازىر ئىلىپ بىرىلىۋاتقان نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەرنى ئۆز يولىدا ئىلىپ بىرىۋەرسە؛ ۋەتەن مىللەتكە زىيانلىقلا بولمايدىكەن، ھىچكىم بىر بىرىگە توسقۇنلۇق قىلمىسا، بىر بىرىنى ئىنكار قىلمىسا، بىر بىرىگە ھاقارەت ۋە ھۇجۇم قىلمىسا.

ئەڭ موھىمى ئاللاھ رىزاسى ۋە ۋەتەندىكى شۇ خەلقىمىز ئۈچۈن، ئۆز شەخسى غەرەزلىرىمىزدىن ۋاز كىچىپ، ئۆز ئارا ئىتىپاقلاشساق، كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرسەك؛ تالاش تارتىش ۋە ئىختىلاپلارنى توختۇتۇپ، زىھنىمىز ۋە كۈچ قۇۋىتىمىزنى داۋاغا توپلىساق، داۋانى بىرلىكتە ئىلىپ بارساق، ھىچ بولمىغاندا داۋانى بىر يولۈنۈشتە ئىلىپ بارساق؛ داۋاغا زىيان سالىدىغان ۋە دۈشمەنگە ئويۇن قويۇپ بىرىدىغان ئىشلارنى قىلمىساق.

قوشۇمچە
  تۆۋەندىكىلەر مەن ئامىركا پارلامەنت تور بىتىدىن ئىزدەپ تاپقان 1979 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئامىركا پارلامەنتىدە ئۇيغۇرلار توغۇرسىدا چىقىرىلغان قارارلار بولۇپ ( رەت تەرتىۋى يىقىنقىدىن بۇرۇنقىغا قاراپ تىزىلدى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇنۇن توغۇرسىدا ھىچ بىر ئۇچۇر تاپالمىدىم

H.Res.576 - Expressing the sense of the House of Representatives that the Government of the People's Republic of China has violated internationally recognized human rights by implementing severe restrictions on the rights of Uyghurs to freely associate and engage in religious and political speech, subjecting detained Uyghurs to torture and forced confessions, carrying out extrajudicial killings against Uyghur dissidents, and pressuring other governments to unlawfully return Uyghurs to China, where they face mistreatment and persecution. (2011 - 2012)


S.Res.155 - A resolution expressing the sense of the Senate that the Government of the People's Republic of China should immediately cease engaging in acts of cultural, linguistic, and religious suppression directed against the Uyghur people. (2009 - 2010)


H.Res.953 - Expressing the sense of the House of Representatives that the Government of the People's Republic of China has violated internationally recognized human rights and legal due process standards by carrying out executions after trials marred by procedural abuses and by carrying out arbitrary detentions targeting Uyghurs and other individuals in Xinjiang in the aftermath of a suppressed demonstration and ensuing mob violence on July 5 to 7, 2009. (2009 - 2010)


H.Res.624 - Condemning all violent repression by the Government of the People's Republic of China of peaceful Uighur protests. (2009 - 2010)


H.Res.774 - Expressing appreciation to Bermuda for accepting 4 individuals released from the detention facility at Naval Station, Guantanamo Bay, Cuba. (2009 - 2010)


S.Res.574 - A resolution expressing the sense of the Senate that the Government of the People's Republic of China should immediately release from custody the children of Rebiya Kadeer and Canadian citizen Huseyin Celil and should refrain from further engaging in acts of cultural, linguistic, and religious suppression directed against the Uyghurpeople. (2007 - 2008)


H.Res.497 - Expressing the sense of the House of Representatives that the Government of the People's Republic of China should immediately release from custody the children of Rebiya Kadeer and Canadian citizen Huseyin Celil and should refrain from further engaging in acts of cultural, linguistic, and religious suppression directed against the Uyghur people, and for other purposes. (2007 - 2008)


H.Res.1370 - Resolution calling on the Government of the People's Republic of China to immediately end abuses of the human rights of its citizens, to cease repression of Tibetan and Uighur people, and to end its support for the Governments of Sudan and Burma to ensure that the Beijing 2008 Olympic Games take place in an atmosphere that honors the Olympic traditions of freedom and openness. (2007 - 2008)


S.Res.230 - A resolution calling on the People's Republic of China immediately and unconditionally to release Rebiya Kadeer, and for other purposes. (2003 - 2004)


H.Res.477 - Calling on the People's Republic of China immediately and unconditionally to release Rebiya Kadeer, and for other purposes. (2003-2004)



H.Con.Res.249 - Expressing the sense of the Congress that the Government of the People's Republic of China should immediately release Rabiya Kadeer, her secretary, and her son, abide by the International Covenant on Civil and Political Rights, and permit Kadeer, her secretary, and her son to move to the United States if they so desire. (1999 - 2010)


S.Res.252 - A resolution expressing the sense of the Senate that Rebiya Kadeer, her family member and business associate, should be released by the People's Republic of China. (1999 - 2010)


H.Con.Res.132 - A concurrent resolution expressing the sense of the Congress that Radio Free Europe/Radio Liberty should reinstate Uighur language broadcasts to the Soviet Union. (1979-1980)


پايدىلىنىش ماتىرياللىرى

1. How are laws made



2. U.S. Congressional Legislation for Tibet


3. 美国众院司法委员会一致核准入藏互惠法案





5. The Tibetan Policy Act of 2002


6. Tibetan Refugee Assistance Act



No comments: