Monday, June 11, 2018

خەلقىمىز نىمىگە ئىھتىياجلىق؟

خەلقىمىز نىمىگە ئىھتىياجلىق؟

ئاۋازلىق نۇسقىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ

مەمەت ئىمىن


خەلقىمىز نىمىگە ئىھتىياجلىق؟ خەلقىمىز ئەلۋەتتە مۇستەملىكە ھاياتتىن قۇتۇلۇپ مۇستەققىل بولۇشقا ئىھتىياجلىق، بۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى غايىسى ۋە مەخسىتى، بۇ تالاش تارتىش تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت. بىراق بۇ مەن بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان ئاساسى نۇقتا ئەمەس. مەنىڭ كەسسىپىم سىياسەت ئەمەس، مەن پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلغۈچى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلغۇچى بىر تىببى خادىم. شۇ سەۋەپتىن مەن تۆۋەندە ھازىر خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئىجتىمايى ۋە روھىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خەلقىمىز ھازىر جىددى ئىھتىياجلىق بولغان بەزى كونكىرىت مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازمامنى سوغاققانلىق بىلەن ئوقۇپ ئوبدان بىر ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ھەممىمىز بىلگەندەك بىزنىڭ مۇستەملىكە ھاياتىمىزغا  1949 – يىلىدىن ھىساپلىساق 69 يىل، 1884 – يىلىدىن ھىساپلىساق 134 يىل بولدى. خەلقىمىز مۇستەققىللىق داۋاسى قىلىۋاتقىلىمۇ 1949 – يىلىدىن ھىساپلىساق 69 يىل، 1884 – يىلىدىن ھىساپلىساق 134 يىل بولدى. بۇ جەرياندا گەرچە ئەجداتلىرىمىز قىسسقا مۇددەتلىك ئىككى جەمھۇريەت قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىككى ياش جەمھۇريەت ئۆزىمىزدىكى بەزى يىتەرسىزلىك ۋە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانى بۆلۈشىۋاتقان بەزى كۈچلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ، باشقىلارغا يەم قىلىندى.

خەلقىمىز ئۇزۇن يىللىق بۇ مۇستەملىكىلىق ھايات جەريانىدا ھەر خىل زۇلۇملارنى يەتكىچە تارتقان بولسىمۇ، بىراق يىقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندە يۈرگىزىۋاتقان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قاتتىق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق قىرىنداشلار روھىي جەھەتتە تىخىمۇ ئىغىر كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. 

خەلقىمىز بۇرۇن دۇچ كەلگەن زۇلۇملار جىسمانى زۇلۇمنى ئاساس قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىز بولۇپمۇ ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقانلار روھىي جەھەتتە ئىغىر زۇلۇملارغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ. جىسمانى زۇلۇم ھەرقانچە ئىغىر بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان فىزىكىلىق يارا ئۇزۇنغا قالماي ساقىيىپ كىتىشى مۈمكىن، بىراق مەيلى جىسمانى زۇلۇم ۋە ياكى روھىي زۇلۇم سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان پىسخىكىلىق ياكى روھىي زەخمە ناھايتى ئۇزۇن زامانغىچە ئەسلىگە كەلمەيدۇ، ئۇ ھەتتا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا كىيىنكى بىر ياكى بىر نەچچە ئەۋلاتلارغىچە تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن.

2018 - يىلى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ۋەتەننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا  8- مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزسىدىن ئەرلەرنىئىڭ ئوپچى ھالدا ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇش پالىيىتى ئىلىپ بارغان. بۇ پالىيەت بەلكىم نۇرغۇن دوستلارنىڭ دىققىتىنى قوزمىغان بولىشى مۈمكىن. ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىتتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگىزىۋاتقان باشقا قاتتىق زۇلۇملار بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئالاھىدە تىلغا ئالغىدەك چوڭ بىر ئىش ھىساپلانمىسىمۇ، بىراق بىز ئۇنىڭ روھىي جەھەتتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرىنى ئوبدان ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ غۇرۇر ۋە ئىپتىخارىنى يوق قىلىشتا ناھايتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس. ئەرلەرنىڭ ئايالىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويىشى، كۆرۈنۈشتە چوڭايتىۋەتكىدەك ئىش ئەمەس، ھەم خىتتاي ھازىر تەشەببۇس قىلىۋاتقان جەمىيەت مۇقىملىقى ۋە تەرورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەنمۇ ئالاھىدە بىر باغلىنىشى يوق بىر ئىش. ئۇنداقتا خىتتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك، بۇنداق بىر پالىيەتنى ئۇيۇشتۇرىدۇ؟ مىنىڭچە خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئەرلەرنىڭ ئەرلىك غورۇر، ئىپتىخارىنى ۋە ئۇنىڭ ئەجەللىك يەرلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنى پىلانلىغانلار ئەگەر بىر ئىنساننىڭ بولۇپمۇ ئاھىلىنىڭ تۈۋرىكى بولغان ئەرنىڭ غورۇر ئىپتىخارى يەر بىلەن يەكسەن بولسا، ئۇلارنىڭ قانداق بىر ئىنسانغا ئايلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. بەزىلەر بەلكىم بىر ئەر ئايالىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويغانغا ئۇنىڭ غورۇر ئىپتىخارى يەر بىلەن يەكسەن بولامدۇ دەپ سورىشى مۈمكىن. بىر ئىنساننىڭ غورۇرىنىڭ يەر بىلەن يەكسەن بولۇشى ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى شۇ ئىنساننىڭ ئۇ ئىشقا بولغان قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ قانداق قارىشىمىزدىن قەتتى نەزەر نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەركەكلەر جامائەت ئالدىدا ئوچۇق ئاشكارە پۇت قولى ساق ئايالىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇشنى ھەرگۈز قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ پالىيەتتىن كىيىن، بىر قىسىم ئەرلەر ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن ئاچچىغىنى ئايالىدىن چىقىرىپ ئايالىنى ئۇرىشى مۈمكىن، نەتىجىدە ئۇ ئەرلەر ئىدىيەسىدە مەسىلە بار دەپ قارىلىپ جازاغا تارتىلىشى مۈمكىن. قالغان ئەرلەر بولسا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىيالماس بولۇپ كەتتىم دەپ ھىساپلاپ، روھىي جەھەتتە ئۆزىنى قاتتىق بوغۇشى ۋە جازالىشى مۈمكىن.

ئۇندىن باشقا خەلقىمىزگە مەجبۇرى چوچقا گۆشى يىگۈزۈش، ۋە قىزلارنى خىتتايلار بىلەن مەجبۇرى توي قىلدۇرۇش قاتارلىق بەزى سىساسەتلەرنىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان ئۆرپە ئادەتلىرىمىزنى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش قاتارلىق زىيانلىرىدىن باشقا، خەلقىمىزنىڭ پىسخىلوگىيەسىگىمۇ ئىغىر تەسىر ئىلىپ كىلىدۇ.

ھەممىمىز بىلگەندەك ئىسلام دىنىمىزدا ھاراق ئىچىش، زىننا قىلىش، چوچقا گۆشى يىيىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ھارام دەپ بىكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاراق ئىچىش، زىننا قىلىش قاتارلىق بەزى ھاراملىقلارنى ئوخشىمىغان داھىردە ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوبۇل قىلغان، بىراق چوچقا گۆشىنى يىيىشنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلمىغان. ئەگەر ئۇيغۇرلار مەجبۇرە چوچقا گۆشى يىگەندە، كۆپۈنچە كىشىلەر ئۆز ئۆزىنى ھەرگۈز ئەپۇ قىلالمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى گۇناكار ھىساپلايدۇ، ۋە دوۋزاققا كىرىمەن دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە ئۇلار روھىي جەھەتتە قاتتىق زەخمىگە ئۇچۇرايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پىسخىكىسىدا ئىغىر مەسىلىلەر كىلىپ چىدۇ. ئەلۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر مەجبۇرى چوچقا گۆشى يىگەندىن كىيىن، ئۆزلىرىدە ئالاھىدە بىر بىنورماللىق بولمىغاننى كۆرۈپ، بەلكىم ئۇنىڭغا بارا بارا كۆنىشى مۈمكىن، ئاخىردا چوچقا گۆشى يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار بىلەن چوچقا گۆشىنى ھەرگۈز قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆز ئارا ئايرىلىش، ئۆز ئارا چەتكە قىقىش پەيدا بولىدۇ. ئۇندىن كىيىن ھۆكۈمەت چوچقا گۆشى يىيىشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلارنى دەستەكلەپ، ئۇلارنى چەتكە قاققان ئۇيغۇرلارنى باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغان دىگەن جىنايەتلەر بىلەن جازالىشى مۈمكىن. بۇ خىتتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزىۋاتقان "ئۆزىنىڭ يىغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى  قورۇش" تاكتىكىسى ۋە "پىسخىلوگىيەلىك ئۇرۇش" نىڭ بىر قىسمى.

ئۇيغۇر قىزلارنى خىتتاي ئەرلەر بىلەن مەجبۇرى توق قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى تىزلىتىشتىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئىغىر ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىشى مۈمكىن. خىتتايدا ئەرلەرنىڭ نوپۇسى ئاياللارنىڭ نوپۇسىدىن 33.5 مىلىيۇن ئارتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتتاينىڭ ئىختىزادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئالاھىدە باي بولغان. بۇ باي بولغانلار ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەرلەر بىردىن ئارتۇق ھەتتا 8، 10 قىزلارنى كونتۇرۇل قىلىۋالغان. بۇ ئىختىزادى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئاجىز ۋە ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بولمىغان نۇرغۇنلىغان خىتتاي ئەرلەرنىڭ ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولىشىنى تىخىمۇ قىيىنلاشتۇرغان. بۇ ئەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى يالغۇز ئىختىزادى جەھەتتە ئاجىز بولۇپ قالماستىن، جىسمانى ۋە ئەقلى جەھەتتىمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان ئەرلەر بولۇپ، خىتتايلار پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاجىز ئورۇندا قالغان بۇ ئىنسانلارنىڭ سورتىنى ئۆزگەرتىشكە ئىھتىياجلىق. شۇ سەۋەپتىن خىتتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يۈرگىزىۋاتقان مەجبۇرى توي قىلىش، ياكى توي قىلغانلارغا ئىختىزادى جەھەتتە ئالاھىدە ئىتىبار قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خىتتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئۈندەش ۋە ياكى مەجبۇرى قىلىش، بىر تەرەپتىن توي قىلىش تەس بولغان ئۇ خىتتاي ئەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆيلىك ئوچاقلىق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىخىمۇ كۆپ خىتتايلارنىڭ ۋەتەنگە كىلىپ يەرلىشىشكە تۈرتكە بولىشى مۈمكىن، ئەڭ موھىمى مەن يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك ئۇ ئاجىز ئورۇندا قالغان خىتتايلارنىڭ سورتىنى ئۆزگەرتىشتە موھىم رول ئوينىشى مۈمكىن. ئۇيغۇرلارغا بولسا، يالغۇز توي قىلغان ئۇ قىزغا ئەمەس، بەلكى ئۇ قىزنىڭ پۈتۈن ئاھىلىسىدىكلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلاردا روھىي زەخمە پەيدا قىلىشى مۈمكىن. ئۇ قىز توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇ توينىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتتى نەزەر، خىتتاي ئەرلەر بىلەن مەجبۇرى توي قىلغان ئۇ قىزلار ئۇيغۇر جامائەتىدىن ئايرىلىپ قىلىشى مۈمكىن. ئۇنداق قىزلار كىيىن ئاجىرشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كۆز قارىشىدا ئۇ قىزلارنى بىرەر ئۇيغۇر يىگىتلەر ئۆز ئەمىرىگە قايتا ئىلىشى ناتايىن. بۇ خىل توي مەجبۇرى قىلىنغان بىر توي بولغىنى، ئۆزى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغىنى ئۈچۈن، مەيلى توي قىلغۇچى قىز بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى بولسۇن، پىسخىكا جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچىراپ، ئۇلاردا ئىغىر دەرىجىدە روھىي زەخمە پەيدا بولىشى مۈمكىن.

خىتتايلاردا "توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا كۆرسۈتۈش" دەيدىغان بىر ماقال تەمسىل بار. بۇ يەردە دىيىلگىنى دەل شۇ "پىسخىكىلىق ئۇرۇش" تەخنىكىسى بولۇپ، جازالانغىنى يەنى ئۆلگۈنى گەرچە توخا بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىي تەسىرى توخىنىڭ قانداق ئۆلگىنىنى كۆرگەن مايمۇنغا ناھايتى چوڭ بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. پىسخىكا ئىلىمى بىلەن تونۇش بولغانلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، روھىي زەخمە دىگەن جىسمانى زەخمىدىن ئالاھىدە پەرىقلىق بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئۆز تىنىنىڭ زەخمىگە ئۇچۇرشىدىنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ زەخمىگە ئۇچۇرشىنى، يەنى باشقىلارنىڭ ھەر خىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنى، تەن جازاسىغا ئۇچۇرشىنى ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە كۆرۈش ئارقىلىقمۇ پەيدا بولىدۇ. يۇقاردىكى تەمسىلدە دىيىلگەندە توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇننى ئاگاھلاندۇرغىلى بولغان يەردە، ئۇ مايمۇننىڭ قىرىنداشلىرى بولغان باشقا مايمۇننى ئۆلتۈرگەندە، ئۇ مايمۇننىڭ روھىي تىخىمۇ ئىغىر زەخمىگە ئۇچۇرشى مۈمكىن. بىراق ئۇنىڭ مەلۇم خەتىرى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۆز قىرىندىشىنىڭ جازالىنىۋاتقىنىنى كۆرگەن مايمۇن، بەزىدە ئاگاھلىنىپ جىمىش ئەمەس، بەلكى ئەكسىنچە ئىسيان كۆتۈرۈشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن مايمۇننى بىخەتەر ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بىرى مايمۇن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان توخىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق مايمۇننى ئاگاھلاندۇرۇش كىرەك، ياكى بولمىسا ئالدى بىلەن "مايمۇنلار" نى "مىنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن" دىگەن ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ، ئاندىن مايمۇننى ئۆلتۈرۇش ئارقىلىق باشقا مايمۇنلارنى ئاگاھلاندۇرۇش كىرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندا يالغۇز مايمۇنلارنىڭ ئىسىيان كۆتۇرىشىدىن ساقلانغىلى بولۇپ قالماستىن بەلكى مايمۇنلارنى تىخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان بولسا، باشقىلارغا ۋە ياكى ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن پەقەتلا "توخا (بىز) نى ئۆلتۈرۈپ مايمۇن (باشقىلار) غا كۆرسۈتۈش" سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ، ۋە بىر چالمىدا ئىككى پاختەك چوقاۋاتىدۇ.

خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قاتتىق سىياسىتىگە نىسبەتەن ۋەتەندىكى خەلقىمىز ھەقىقەتەن بەك چارىسىز قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، گەرچە بىر قىسىم ئىنسانلار قولدىن كەلگىنىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولىمۇ، بىراق يەنە بەزى بىر قىسىم ئىنسانلار قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك كومپىيۇتۇر ئالدىدا ئولتۇرۋىلىپ باشقىلارنىڭ كەينىدىدىن گەپ تىپىپ، "ئىشەك ئۆلەۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ" دىگەندەك ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا زىدىيەت پەيدا قىلىپ، بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ ئىتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئىغىر دەرىجىدە مەيۈسلىنىش ۋە چۈشكىنلىك ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرىمىز بولسا ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يىتەرلىك مەسىلە تۇرسا، ئۇنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرتىشنىڭ ئورنىغا "كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال" دىگەندەك، نىمە قىلىشىنى بىلمەي،  ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ھىسياتىغا تايىنىپ تولۇق دەلىل ئىسپاتى بولمىغان ھەر خىل قورقۇنۇشلۇق ئاپقاچتى خەۋەرلەرنى، ۋە داۋا بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ھەر خىل قانلىق كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىپ، خەلقىمىز ئىچىدە تىخىمۇ ئىغىر ئەندىشە، جىددىچىلىك ۋە قورقۇنجا پەيدا قىلىۋاتىدۇ. كۆپۈنچە ئىنسانلىرىمىز بولسا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قىلىۋاتىدۇ، ئۆزلىرىگە ئۈمۈت، ئىشەنچە ۋە روھىي ئوزۇق ئىزدەۋاتىدۇ، قاراڭغۇدا قالغان ئادەمدەك چىراق نۇرى ئىزدەۋاتىدۇ.

بەزىلىرىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك مەن 2018 - يىلى 4- ئايدا خىتتاي ھۆكۈمىتى يۈرگىزىۋاتقان قاتتىق سىياسەتىنىڭ چەتەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىر توغۇرسىدا توردا بىر راي سىناش ئىلىپ بارغان ئىدىم. ئۇ راي سىناشقا 4 قىتەدىن جەمى 871 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەقىقتەن ئادەمنى چۆچىتىدۇ. بولۇپمۇ روھىي ساغلاملىق جەھەتتە تەتقىتقات ئىلىپ بارىۋاتقان بەزى كەسسىپداشلارنىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى قوزغىدى.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 48% ئەر،  50% ئايال،  2% ئادەم جاۋاپ بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ 70% تى ئالى مەكتەپ ۋە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە، قالغانلىرى ئوتۇرا باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىكىلەر بولۇپ، 42% تى تۈركىيەدىن، 26% تى ياۋوروپادىن، 17% تى شىمالى ئامىركا (يەنى ئامىركا ۋە كانادا) دىن،  5% تى ئەرەپ دۆۋلەتلىرىدىن،  3% تى ئاۋۇستىرالىيەدىن،  2% تى جاۋاپ بەرمىگەن، قالغان 5% تى باشقا دۆۋلەتلەردىن قاتناشقان.  راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ  90% تىدە ئوخشىمىغان تۈردە پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 40% كىشىدە چۈشكۈنلىشىش، ئۈمۈدسىزلىك،  ئاسان ئاچچىقلىنىش،  ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق،  ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتنىڭ ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كىتىش، ھارغىنلىق ھىس قىلىش ۋە ھىچ ئىشقا خوش ياقماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئالامەتلەر كۆرۇلگەن؛  15% كىشى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ۋە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغان بولۇپ قالغان؛ 11% كىشى ھارغىنلىق ھىس قىلىسدىغان ۋە ھىچ ئىشقا خوش ياقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 10% كىشىنىڭ دىققىتى چىچىلىپ كىتىدىغان، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتكە دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالغان. 6% كىشىدە چۈشكۈنلىشىش، ئۈمۈدسىزلىك پەيدا بولغان.  6% كىشىدە ئىغىر دەرىجىدە روھىي چۈشكۈنلۇك پەيدا بولغان. 18% قاتناشقۇچى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان. 14% قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ قايغۇ ھەرسرىتىنى ئەزەلدىن ھىچ كىم بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پەقەت 9% قاتناشقۇچىدا ئالاھىدە پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلمىگەن.

ئۇنداقتا ۋەتەن سىرتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئادەملەردە يۇقارقىدەك ھەر خىل پىسخىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەپلىرىنى نىمە؟ كۆپۈنچە كىشىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى ۋەتەنسىزلىك دەپ قارىشىدۇ. توغۇرا ئۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى سەۋەبى ئەلۋەتتە ۋەتەنسىزلىك، لىكىن بۇ بەك تۇمتاق سەۋەپ بولۇپ، ئەگەر بىز ئۇنى كونكىرىتلاشتۇرماي، نوقۇل ھالدا ۋەتەنسىزلىكتىن دەپ قارىساق، بىز ۋەتەن مۇستەققىل بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياكى قىسمەن ھەل قىلىشنىڭ بارلىق ئىھتىمالللىقلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلغان بولىمىز. ئۇنداق بولغاندا ۋەتەن مۇستەققىل بولۇشتىن ۋە ياكى بىز ۋەتەنگە قايتىشتىن بۇرۇن بۇ جەھەتتە ھىچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولىدۇ. مەن بىر كەسپى خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يۇقارقىدەك روھىي مەسىلىلەرنىڭ سەۋەپلىرىنى تىخىمۇ ئىنچىكە ۋە كونكىرىت جەھەتتىن ئانالىز قىلىپ، ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەم دىگەندە ئۇ مەسىلىلەرنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن كىلىشچە ئىزدىنىپ  ۋە بۇ جەھەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇشقا تىرىشىمەن، ۋە بۇ جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك كەسسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئاۋۇستىرالىيەنىڭ پايتەختى كەمبىرا شەھەرىدە پىسخىكا كەسسىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  نۇرگۈل ساۋۇت بۇ جەھەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى روھىي زەخمە (trauma) نىڭ ئۇزۇن تارىخى بولۇپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگىزىۋاتقان ئىرقى ئايرىمچىلىق، ئىرقى كەمسىتىش، باستۇرۇش، قىناش، جازالاش سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا روھىي زەخمە پەيدا قىلىپ كەلگەن بولسا، خىتتتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ  يىقىندىن بىرىقى مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرىغا يىغىۋىلىشى، ئۇيغۇر قىزلارنى خىتتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشقا زورلىشى ۋە چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ توسىۋىتىلىشى بۇ خىل زەخمىنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلىشىشىغا سەۋەپ بولماقتا. بۇ مەسىلىگە سەل قاراشقا ھەرگۈز بولمايدۇ.

يۇقاردا تىلغا ئالغان سەۋەپلەردىن باشقا چەتەلدە ياشاۋاتقان بولۇپمۇ ئەسلى ۋەتەندىكى تۇرمىشى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى يۇقۇرى بولغان، ۋەتەندە ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت قىلىپ باققان ۋە چەتەلگە چىققاندىن كىيىن ئۆز ئورنىنى توغۇرا بەلگىلىيەلمىگەن ۋە ئۆز رولىنى ياخشى جارە قىلدۇرالمىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولغان ئىغىر دەرىجىدىكى روھىي تەڭپۇڭسىزلىقمۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە داۋاملىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. يۇقارقى بىر قىسىم كىشىلەر ۋەتەندىكى دوست بۇرادەر ئالدىدا، ئۆزىنىڭ چەتەلدە ياشۋاتقانلىقىدىن پەخىرلەنگەندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۆزلىرى  ۋەتەنگە بارغاندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ چەتەلدىكى ھاياتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئوخشاش سەۋىيەدە بولغان دوستلىرىنىڭ ھازىر ئەھۋالى ئارىسىدىكى پەرىقنىڭ ناھايتى زور ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چەتەلگە چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ توغۇرا قارار ئىكەنلىگىدىن گۇمان قىلىشقان ۋە ياكى ھەتتە ئۇنىڭدىن پۇشايمەن قىلغان. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىدە زور بىر تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلغان، ۋە بۇ روھىي تەڭپۇڭسىزلىقلار ئۇ كىشىلەرنى ئۇزۇندىن بىرى روھىي جەھەتتە قىناپ، ئۇلاردا روھىي زەخمەي پەيدا  قىلغان بولىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە يىقىنقى بىر ئىككى يىلدا ۋەتەن ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ۋە  نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنسانلار  ئارقا ئارقىدىن قولغان ئىلىنغاندىن كىيىن، بۇ كىشىلەر ئۆزىلىرىنىڭ چەتەلگە چىقىپ كىتىشىنى قايتىدىن ئاقىلانە بىر قارار دەپ تونۇپ، ئۆزلىرىدىكى ئىغىر روھىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئاز تولاپ تەڭشىۋالغان بولۇشى مۈمكىن، بىراي ئۇلاردا شەكىللەنگەن روھىي زەخمە ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشنىڭ تامامەن نورماللىشىشى ئۈچۈن يەنە ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت كىرەك.

ئۇنداقتا روھىي زەخمە (trauma) دىگەن نىمە؟ روھىي زەخمە (trauma) دىگىنىمىز پىسخىكىلىق يارا بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ساراسىمغا، قورقۇنجىغا ۋە ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەقەلەرنى كۆرۈش، ئاڭلىش ۋە ئۇلارنى تۈيىشىدىن پەيدا بولىدۇ. روھىي زەخمىنىڭ تونۇش (Cognitive) ، تۇيغۇلۇنۇش (Emotional) ۋە فىزىكىلىق ئىپادىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىپادىسى بولىدۇ. روھىي زەمىلىنىشتىكى تونۇشنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى چەتكە ئىلىش، ھەر دائىم يالغۇزلۇقنى خالاش. تۇيغۇلىنىشنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئىنكار قىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئاسان كۆڭلى يىرىم بولۇش، ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماسلىق. روھىي زەخمىنىڭ فىزىكىلىق ئىپادىلىنىشنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى چىرايى يورغۇن كۆرۈنۈش، ھارغىنلىق ھىس قىلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كىتىش قاتارلىقلار. روھىي زەخمىگە ئۇچۇرغانلاردا چۈشكۈنلىشىش كىسىلى (Depression)، ئەندىشە قىلىش كىسىلى (Anxiety Disorder) ۋە زەخمىدىن كىيىنكى جىددىلىش كىسىلى (PTSD) نىڭ بىرى ياكى ھەممە ئىپادىلىرى بولىشى مۈمكىن.

ھازىر خەلقىمىزدە يۇقارقىدەك خەر خىل مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن، ئۇنداقتا خەلقىمىز ھازىر نىمىگە ئىھتىياجلىق؟ قانداق قىلغاندا مەسىلىنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

خەلقىمىز ياشاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش ھاۋا، سۇ ۋە ئوزۇقلۇققا ئىھتىياجلىق. مەن بۇنداق دىسەم بەزىلەر يالغۇز بىز ياكى باشقا ئىنسانلارلا ئەمەس بەلكىم بارلىق ھايۋانلار، ھەتتا بارلىق جانلىقلارمۇ ياشاش ئۈچۈن ھاۋا، سۇ ۋە ئوزۇقلۇققا ئىھتىياجلىققۇ، بىزنىڭ باشقا ئىنسانلاردىن، جۈملىدىن باشقا ھايۋانلاردىن پەرقىمىز نىمە دىيىشى مۈمكىن. توغۇرا، پۈتۈن ئىنسانلار جۈملىدىن پۈتۈن ھايۋانلار ياشاش ئۈچۈن ھاۋا، سۇ ۋە ئوزۇقلۇققا ئىھتىياجلىق، چۈنكى قوساق تويمىغان ئىنسان بەزىدە قوساق تويغۇزۇشنىڭ كويىدا بولۇپ، ۋە ياكى قوساق تويغۇزىشنى بەك چوڭ بىلىپ، روھىي ئوزۇقنى ئۇنتۇپ قىلىشى مۈمكىن. خەلقىمىز ياشاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يۇقاردا دىيىگەنلەردىن باشقا بارلىق ئىنسانلارغا خاس بولغان روھىي ئوزۇقلۇققا يەنى ئەڭ موھىمى ئۈمۈتكە، ئىشەنچىگە، پەخىرلىنىشكە، غۇرۇرغا ۋە ئىپتىخارغا ئىھتىياجلىق؛ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللى بولغان بارلىق ھەق ھوقۇقلارغا ئىھتىياجلىق؛ ئۆز ئۆزىمىزگە خوجا بولۇشقا ۋە ھۆر ياشاشقا ئىھتىياجلىق. بۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇنىۋەرسال ئىھتىياجى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا خەلقىمىز يەنە نۇرغۇنلىغان كونكىرىت نەرسىلەرگە ئىھتىياجلىق.

بىزدە "بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ" دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا روھىي ئوزۇقلارنىڭ قانچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ، ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىنسانلار ھاياتىدىكى روھىي ئوزۇقلۇقلارغا قانچىلىك ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنىڭ تىپىك بىر مىسالى. ئىنسانلارنىڭ روھىي ئوزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجى ئۇلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن بولغان تۇپ پەرىقلىرىنىڭ بىرى. ئىنسانلار يالغۇز قوساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ياشىمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىچە بولغان ئۈمۈتى، غايىسى، پەخىر، غۇرۇر ۋە ئىپتىخارى بار.

ئادەتتە روھىي زەخمىگە ئۇچۇرغانلاردا بولىدىغان ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇغىسى تۆۋەن بولىدۇ، ۋە ھەر زامان تەھدىت تۇيغىسى ئىچىدە ياشايدۇ. باشقىلاردىن ئاسان گۇمان قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى روھىي ئالامەتلەرنى بىر كىسەللىك ئالامىتى دەپ بىلمەي، ئۇلارنى ئۆزلىرىدىكى ئاجىزلىق ۋە يىتەرسىزلىك دەپ بىلىدۇ، ۋە ئۇنى جىنىنىڭ بىرىچە يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئوتۇرغا چىققان ئۆز ئارا گۇمان ۋە ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئەگەر بىز ئۇنى تونۇپ يەتمىسەك، ۋە ئۇنىنغا يىتەرلىك ئىتىۋار بەرمىسەك، ئاخىردا بۇ بىر ۋابا كىلىسىگە ئوخشاش پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يامىراپ، بىزنىڭ "ئۆزىمىزنىڭ يىغى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى قورىدىغان" ھالغا يىتىپ بىرىشىمىز مۈمكىن.

بۇ خىلدىكى پىسخىكىلىق بىنورماللىلىقلار ئامىركا، كانادا، ئاۋۇستىرالىيەدىكى يەرلىك مىللەتلەر، ئامىركا، ياۋروپادىكى ئەينى ۋاقىتتا قۇل قىلىنىپ سىتىلغان ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادى، ۋە باشقا دۆۋلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشىغان نۇرغۇن كىچىك ۋە ئاجىز مىللەت ئارىسىدا ناھايتى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى گەرچە مۇستەققىل بولغىلى ۋە ياكى ئۆزىگە تىگىشلىك ھەق ھوقۇقلارغا ئىرىشكىلى نۇرغۇن يىللار بولغان بولسىمۇ، براق ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ تارىختا يوللۇققان روھىي زەخمىلىرى تۈپەيلىدىن بۇ خەلىقلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ھازىرغا قەدەر شۇ روھىي زەخمىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان روھىي بىنورماللىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆۋلەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلىك مۇتىخەسىسلەرنىڭ دىقىتىنى تارتىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بۇنىڭغا يىتەرلىك ئىتىۋار بەرمىسەك، ئۇزۇنغا بارماي، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئىلىشىمىز مۈمكىن.

ئەگەر روھىي زەخمىگە ئۇچۇرغانلارغا توغۇرا دىياگۇنۇز قويۇلسا، ئۇلارنى داۋالاش تامامەن مۈمكىن. بۇ يالغۇز شۇ زەخمىگە ئۇچۇرغانلارنىڭ شەخسى مەسىلە بولماستىن، جامائەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى كىرەك بولغان بىر مەسىلە. ئەگەر بىز روھىي زەخمىنى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل ئاقىۋەتلەرنى تونۇپ يەتسەك، ئۇلارنى شۇ شەخىسنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياكى ئەيىپى دەپ بىلمەي، ئۇلارنى چۈشەنسەك، ئۇلارغا كۆڭەل بولسەك، روھىي زەخمەدىن كىيىن كىلىپ چىققان ھەر خىل روھىي ساغلاملىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنالىشىمىز، ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا ياردەم بىرەلىشىمىز مۈمكىن.

مارتىن لۇزىر كىڭ مۇنداق دىگەن ئىكەن، بىز چوقۇم ۋاقىتلىق ئۈمۈتسىزلىكنى قوبۇل قىلىشىمىز، بىراق مەڭگۈلۈك ئۈمۈتنى ھەرگۈز يوقاتماسلىقىمىز كىرەك.

خەلقىمىز ئۈمۈت ۋە ئىشەنجىگە ئىھتىياجلىق، يەنى خەلقىمىز كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈتىنى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ھەرگۈز يوقاتماسلىقى كىرەك. ئۈمۈت، ئەتىراپنى قاراڭگۇلۇق باسقاندا يىراقتا كۆرۈنگەن بىر تال چىراق؛ ئۈمۈت، چول جەزىرلەردە كۆرۈنگەن بىر كىچىك كۆلچەك؛ ئۈمۈت، پايانسىز كەتكەن دىڭىزدا كۆرۈنگەن چىراق مۇناسى. ھەرقانداق بىر شەخىسنىڭ بىزگە ھىسىداشلىق قىلىپ سۆزلىگەن ئىككى ئىغىز سۆزى، بىرەر ھۆكۈمەت رەخبەرلىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈزگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى ئەيىپلىشى خەلقىمىزگە ئالاھىدە ئۈمۈت ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن. خەلقىمىزنىڭ ئۈمۈت ۋە ئىشەنچىسىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق سۆز ھەركەت، سىن فىلىملىرى ھازىر خەلقىمىزگە بىز تەسەۋۇر قىلالمىغىدەك دەرىجىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.

تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە فىلىمى "ساۋاشچى" كۆپۈنچىمىزگە ناتونۇش بولمىسا كىرەك. چۈنكى بۇ تىلۋىزىيە فىلىمىنى كۆرمىگەنلەرنىڭمۇ ئۇ فىلىمدىكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كىلىپ ئەسكەر بولغان بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ھىكاسى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز شەرىقى تۈركىستان تىلغا ئىلىنغان بەزى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەردىن چوقۇم خەۋىرى بار. ھەممىمىز ئۇنىڭ رىياللىق بولماستىن پەقەتلا بىر تىلىۋىزىيە فىلىمى ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، بىراق نۇرغۇن دوستلار ئۇ كۆرۈنۈشلەردىن تەسىرلىنىپ، ئۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئارا ئورتاقلاشقانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان. بۇ ئىشتىن خەلقىمىزنىڭ ئۈمۈتكە، ھەتتاكى ئازراق بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىنى ياساپ، ئۆزىنى خوش قىلىشقا ۋە پوسىتىپ ئۇچۇرلارغا قانچىلىك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس.

خەلقىمىز ئۆز ئۆزىنى توغۇرا تونۇشقا، ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغۇرا بەلگىلەشكە ئىھتىياجلىق. ئىنسان ئۆزىنى توغۇرا تونىمىغاندا، ئۆزنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆز ئۆزىنى كەمسىتىش، ياكى ئۆزىنى بەك ئۈستىن چاغلاپ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇۋىلىش ۋە ياكى بۇ ئىككى خىل تۇيغا ئارلىشىپ كىلىش كىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئىككى خىل تۇيغا ئارىسىدىكى پەرىق قانچە زور بولغانسىرى، روھىي تەڭپۇڭسىزلىقمۇ شۇنچە ئىغىر بولىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق كىشىلەر ئۆز ئۆزىگە ئارتۇقچە دەرت تاپىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنى زورلاپ باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشنىڭ ۋە ياكى باشقا ئادەمنىڭ ھاياتىدا ياشاشقا ئىنتىلىشنىڭ ھىچ بىر ھاجىتى يوق.

كىرىستىن كەيىن مۇنداق دىگەن ئىكەن: سەن بەزىدە قاراڭغۇدا قالغاندا، ئۆزەڭنى قاراڭغۇلۇقتا كۆمۈلەپ قالدىم دەپ ئويلايسەن، ئەمىلىيەتتە سەن ئۇرۇق بولۇپ تىرىلغانسەن.

ئىنسانلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئىرىشكىنى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شۈكر قىلغىنى ئۈچۈن بەخىتلىك بولىدۇ. ئىنسانلار ئۆز ئۆزىنى توغۇرا ۋە تولۇق تونىغاندا، ئۆزنى توغۇرا ئورۇنغا قويالايدۇ ۋە ئۆز رولىنى تىخىمۇ ياخشى جارە قىلدۇرالايدۇ.

مەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى باللىرىمغا ھەمرا بولۇپ ئامىركىنىڭ  گۇمپىچى مۈشۈك ئېيىق" (كوڭفۇ پاندا) دىگەن كارتۇن فىلىمىنىڭ 1- قىسمىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ كىنودا، باش قەرىمان مۈشۈك ئېيىقنىڭ دائىم رىياللىقتىن ھالقىپ، ئەڭ كۈچلۈك گۇمپىچى بولۇشتەك مۈمكىن بولمىغان خىياللارنى قىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت مۇئاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ھىچقانداق بىر سىرى يوقلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە ئەڭ ئاخىردا ئۆزىنى تونۇپ يىتىش ئارقىلىق، ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىنى ھىكايە قىلىش ئارقىلىق، مۇئاپىقىيەت قازىنىشتا ئۆزىنى توغۇرا تونۇش ۋە ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارە قىلدۇرۇشنىڭ موھىملىقىنى، باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوقلىقىنى، ھىچكىمنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئادەم بولالمايدىغانلىقىنى، ھەركىمنىڭ ئۆز ئۆزىنى ياخشى تونۇپ، "ئۆزى بولۇش" نىڭ قانچىلىك موھىملىقىدىن ئىبارەت ئاساسى ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەلقىمىز ئۆزلىرى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت قىلىدىغان ئالىملارغا، قەھرىمانلارغا، ئىنقىلاپچىلارغا ۋە مەشھۇر زاتلارغا ئىھتىياجلىق. خەلقىمىز ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىشكە، ئۆز مىللىتىدىن غورۇر تۇيۇشقا ئىھتىياجلىق. بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى، قەھرىمانلىرى، ئىنقىلاپچىلىرى ۋە مەشھۇر زاتلىرى، شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ زور روھىي ئوزىقى، غۇرۇرى، ئىپتىخارى؛ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈت ۋە كۈچ قۇۋىتىنىڭ مەنبەسى. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى، قەھرىمانلىرى، ئىنقىلاپچىسى ۋە مەشھۇر زاتلىرى، جۈملىدىن شۇ مىللەت پەخىرلەنگىدەك ھەر قانداق بىر ئادەملىرى بولمايدىكەن ياكى ئۇلار يوق قىلىنىدىكەن، ئۇلار ئۆزىلىرىنىڭ روھىي ئوزۇقلىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈدىنى يوقىتىدۇ. ھىچقانداق بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى، قەھرىمانلىرى، ئىنقىلاپچىلىرى ۋە مەشھۇر زاتلىرى زاۋۇتتا ئىشلەپ چىقىرىلمايدۇ، باشقا پىلانىتتىن كەلمەيدۇ ۋە ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇلار شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدىن، شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن يىتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇ مىللەتنىڭ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئالىملىرىنى، قەھرىمانلىرىنى، ئىنقىلاپچىلىرىنى ۋە مەشھۇئە زاتلىرىنى تونىمىسا، ئۇلارنى ئىتىراپ قىلمىسا، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇلارنى ياد ئەتمىسە، خاتىرلىمىسە، ھەتتا ھە دىسە ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە، ئۇلارنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنسا، ئۇنداق مىللەتتىن مەڭگۈ ئالىم، قەرىمان، ئىنقىلاپچى ۋە مەشھۇر زاتلار چىقمايدۇ، ۋە ئۇنداق مىللەتتە ئۈمۈد بولمايدۇ.
  


مايكىل ۋاتسون مۇنداق دىگەن ئىكەن: كۈچلۈك ئادەم باشقىلارنى تۆۋەنگە ئىشتىرمايدۇ، بەلكى باشقىلارنى يۇقۇرغا تارتىدۇ.

خەلقىمىز جامائەت بىلەن توپلۇش ياشاشقا،  جامائەتىنىڭ چۈشىنىشىگە، كۆڭۈل بۆلىشىگە ئىھتىياجلىق. خەلقىمىز ئۆز دەردىنى دوست بۇرادەرلىرىگە، خولۇم خوشنىلىرىغا ۋە ياكى پىسخىك دوختۇرلارغا ئەيتىپ ئىچىنى بوشتۇشقا ئىھتىياجلىق. ھەممىمىز كۆرەپ تۇرىۋاتقاندەك بەزى قىرىنداشلار خىتتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلەپ، ئۆز ئىچىنى بوشۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا  ئوقۇل ھالدا خىتتاينىڭ ناچارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بەزى ئىچىنىشلىق، شىددەتلىك ۋە زوراۋانلىق سىن فىلىملىرىنى ھە دەپ تارقاتماقتا ۋە ئۇلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشماقتا. ئەمىلىيەتتە بۇ پىسخىلوگىيەلىك نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئەيىتقاندا، گەرچە شۇ شەخىسنىڭ ئىچىنى ۋاقىتلىق بوشاتقاندەك قىلغان بىلەن، بىراق ئۆزىنىڭ روھىي زەخمىسىنى ياخشىلاشقا ھىچقانداق پايدىسى يوق، ئەكسىنچە بۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە تىخىمۇ ئىغىر توھىي زەخمە پەيدا قىلىشى مۈمكىن. ھەر خىل نامايىشلارغا قاتنىشىش، خىتتاينىڭ ۋەتەندە يۈرگىزىۋاتقان سىياسەتلىرى توغۇرسىدا گۇۋالىق بىرىش ۋە ياكى مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ۋەتەندىكى ئىغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش، شۇ ئىنساننىڭ ئىچىنى بوشتۇشقا ئاكىتىپ رول ئوينايدۇ. ئەڭ موھىمى ھەر بىر ئىنسان ئۆز قىممىتىنى توغۇرا ئۇسۇلدا نامايەن قىلسا، روھىي دۇنياسىدا بەلگۈلۈك قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، ۋە بۇ قانائەت تۇيغىسى شۇ ئىنساننىڭ روھىي ھالىتىگە پازىتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ئاخىردا مەن دىمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى خۇلاسىلەپ ئۆتسەم، خەلقىمىز ئۈمۈت، ئىشەنچ ۋە غۇرۇر، ئىپتىخارغا ئىھتىياجلىق؛ خەلقىمىز ئۆز ئالىملىرىغا، قەھرىمانلىرىغا، ئىنقىلاپچىلىرىغا،  مەشھۇر زاتلىرىغا ۋە ئۇلارنى قەدىرلەشكە ئىھتىياجلىق؛  خەلقىمىز بىرلىك ۋە ئىتىپاقلىققا ئىھتىياجلىق. خەلقىمىز قاراڭغۇلۇقنى يورىتىدىغان چىراققا، خەلقىمىزنى باشلاپ ماڭىدىغان يول باشلىغۇچىغا ئىھتىياجلىق.  خەلقىمىز شەخسى مەنپەتنى داۋانىڭ ئۈستىگە قويمايدىغان، شەخسى زىدىيەت بىلەن داۋانى بىر بىرىگە ئارىلاشتۇرمايدىغان، مىللەتنىڭ مەنپەتىنى ۋە داۋانى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغانلارغا ئىھتىياجلىق.  خەلقىمىز تەشكىلات ۋە ياكى شەخىسلەر ئارىسىدىكى تالاش تارتىش، جىدەل ماجرالارغا ئىختىياجلىق ئەمەس؛ خەلقىمىز شەخسى زىدىيەتلەرنى داۋانىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئورا كولىشىپ، داۋانى ئاقسىتىپ قويۇشقا ۋە ياكى داۋاغا تەسىر يەتكۈزۈشكە، ئۇنىڭ توسالغۇ بولۇشقا ئىھتىياجلىق ئەمەس. خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ۋاختىنى بىۋۇدە تالاش تارتىشلارغا سەرىپ قىلىشقا ئىھتىياجلىق ئەمەس.

ئەنگىلىيەلىك داڭلىق يازغۇچى جوئاننە روۋلىڭ مۇنداق دىگەن ئىكەن: بىز پەقەتلا ئىتىپاقلاشقاندا ئاندىن كۈچلۈك بولالايمىز، ئايرىلغاندا ئاجىزلايمىز.

توغۇرا، يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس. ئىش بىرلىكتە كۈچ ئۆملۈكتە. توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەپتۇ. ئەگەر كوڭلىمىزدە ھەققى ھالدا ۋەتەن مىللەت بولسا ئىتىپاقلىشايلى قىرىنداشلار، بىرلىكىمىزنى ساقلايلى قىرىنداشلار.

ئاخىردا ئاۋۇستىرالىيەدىنكى نۇرگۈل ساۋۇتقا ئالاھىدە رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

2018 - يىلى 6- ئاينىڭ 10 -كۈنى نىيورۇك

No comments: