Tuesday, November 20, 2018

Mendin manga

ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا - ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى

مەندىن ماڭا
(تۈركىيەنىڭ تۋ سىدىن ئۇگەنگەن بىر ھىكايە)

بۇرۇنقى زاماندا بىر زات بار ئىكەن، ئۇنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ زات قىزىنى كۆپنى بىلگەن بىرسىگە بەرمەك ئۈچۈن "كىم سۇ قاينىغاندا نىمە ئاۋاز چىقىرىدىغانلىقىغا توغۇرا جاۋاپ بەرسە، ئۇنىنغا قىزىمنى بىرىمەن" دەپ جاكارلاپتۇ.

قىزغا كۆزى چۈشكەن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇ زاتنىڭ قىزىنى سوراپ كەپتۇ، ۋە ئۇ سوئالغا ئۆزى بىلگەنچە ھەر خىل جاۋاپلارنى بىرىپتۇ، بىراق ئۇ زات ھەممىسىنىڭ جاۋابىنى توغۇرا ئەمەس دەپ ئۇلارنى يولغا ساپتۇ.

قىزنىڭ بىر سۆيگەن يىگىتى بار ئىكەن، ئۇ يىگىت قىزغا "سەن بىلەن توي قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى، سەن داداڭدىن ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىلىپ ماڭا دەپ بەرمەك" دەپتۇ.

قىز ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئۇ يىگىت ئۈچۈن، دادىسىدىن ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى سوراپتۇ.

قىزىغا قىيالمىغان دادا، سوئالنىڭ جاۋابىنى قىزىغا دەپ بىرىپتۇ.
سۇ قاينىغاندا "مەندىن ماڭا، مەندىن ماڭا يەنى ئۆزۈمدىن كەتتى، ياكى ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا" دەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ دەپتۇ.

دادىسى سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەپتۇ، سۇ دەيدۇكى، "ئەگەر مەن يامغۇر بولۇپ يەرگە چۈشمىگەن بولسام، دەل دەرەخلەر بولماس ئىدى؛ دەل دەرەخلەر بولمىسا ئىدى، ئوتۇن بولماس ئىدى؛ ئوتۇن بولمىغان بولسا، ئىنسانلار ئوت يىقىپ، مىنى قايناتماس ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمدىن كەتتى"

قىز بۇ جاۋاپنى دەرھال سۈيگەن يىگىتىگە سۆزلەپ بىرىپتۇ.

ئۇ يىگىت قىزنى سوراپ كەپتۇ، قىزنىڭ دادىسىنىڭ جاۋابىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بىرىپتۇ ۋە قىزنى ئىلىپ كىتىپتۇ.



Özem tapqan balagha nege baray dawagha - Uyghur xelq maqal temsilliri

Mendin manga
(Türkiyening TV sidin ugen’gen bir hikaye)

Burunqi zamanda bir zat bar iken, uning bir qizi bar iken. U zat qizini köpni bilgen birsige bermek üchün “kim su qaynighanda nime awaz chiqiridighanliqigha toghura jawap berse, uningha qizimni birimen” dep jakarlaptu.

Qizgha közi chüshken köpligen kishiler u zatning qizini sorap keptu, we u soalgha özi bilgenche her xil jawaplarni biriptu, biraq u zat hemmisining jawabini toghura emes dep ularni yolgha saptu.

Qizning bir söygen yigiti bar iken, u yigit qizgha “sen bilen toy qilishning birdin bir charisi, sen dadangdin u soalning jawabini ilip manga dep bermek” deptu.

Qiz özi yaxshi körgen u yigit üchün, dadisidin u soalning jawabini soraptu.

Qizigha qiyalmighan dada, soalning jawabini qizigha dep biriptu.
Su qaynighanda “mendin manga, mendin manga yeni özümdin ketti, yaki özem tapqan balagha nege baray dawagha” dep awaz chiqiridu deptu.

Dadisi sözini dawam qilip mundaq deptu, su deyduki, “eger men yamghur bolup yerge chüshmigen bolsam, del derexler bolmas idi; del derexler bolmisa idi, otun bolmas idi; otun bolmighan bolsa, insanlar ot yiqip, mini qaynatmas idi; bularning hemmisi özümdin ketti”

Qiz bu jawapni derhal süygen yigitige sözlep biriptu.

U yigit qizni sorap keptu, qizning dadisining jawabini özige qayturup biriptu we qizni ilip kitiptu.

No comments: