Friday, July 10, 2015

ئىت ۋە ئىنسانلىق

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك ئىت ئىنسانلار ھاياتىدىكى ناھايتى مۇھىم بولغان ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى ئىنسانلارنىڭ كۈندۇلۇك تۇرمۇشى  ئىتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلار ئىتنى ئەتىۋارلايدۇ ۋە ئۇنى ئوينىڭ بىر ئەزاسى قاتارىدا كۆرىدۇ، ئىت بىلەن بىرگە تاماق يەيدۇ، ئىت بىلەن بىرگە ئۇخلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلار ئەڭ يامان كۆرگەن ۋىجدانى يوق، ھورۇن ئادەملەرنى لالما ئىت، كۆپەك دەپ تىللايدۇ. ئىنسانلارنىڭ قايسى خىلدىكى ئىتنى ئەتىۋارلىشى، ياكى ياخشى كورۇشى، قايسى خىلدىكى  ئىتتىن سەسكىنىشى، ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئىتنىڭ تۇرىگە (ئىرقىغا) باغلىق بولماستىن  بەلكى ئىتنىڭ  مىجەزىگە، كۆنگەن خۇيى پەيلى ۋە ئادەتلىرىگە باغلىق.

ئىنسانلار توۋەندىكى ئىككى خىل ئىتنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ، ئاھىلىنىڭ بىر ئەزاسى كۆرۇشىدۇ.

بىرىنجى تۇردىكىسى، قەددى قامەتلىك، ھەيۋىسى بار، باققان ئىگىسىنى تونىدىغان، ئاھىلە كىشىلىرى بىلەن ياتنى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرىقلەندۇرەلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغدايدىغان ئىتلاردۇر.  بۇ خىلدىكى ئىتلار ياۋاشنى بوزەك قىلىپ، خالىغان ئادەمگە قاۋاپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، بىراق ئوزىگە ۋە ئىگىسىگە چىقىلغان ئادەمگە بوش كەلمەيدۇ. ئىنسانلار بۇ خىلدىكى ئىتلارنى  موھىم خىزمەتلەرگە سىلىش ئۇچۇن باقىدۇ،  ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ھوقۇق  ئىمتىيازلارنى  بىرىدۇ. 

ئىككىنجى تۇردىكىسى گەرچە بىرىنجى تۈردىكى ئىتلاردەك ئالاھىدە قەددى قامەتلىك بولمىسىمۇ، بىراق كۆرۈنىشى ئوماق، دوستانە، ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان، ئەدەپ ئەخلاقنى بىلىدىغان، خالىغان يەرگە تەرەت قىلمايدىغان، كۆرگەنلە نەرسىنى يىمەيدىغان، كۆرگەنلە ئادەمگە قاۋاپ، باشقىلارغا خالىغانچە ھۇجۇم قىلمايدىغان ئىتلاردۇر. ئىنسانلار بۇ خىلدىكى ئىتلارنى ئوزىلىرىگە كوڭەل خوشاللىقى ئىلىپ كىلىدۇ دەپ باقىدۇ، ۋە ئۇلارنى زىرىكىپ قالغاندا ئىشى پۇشىقىنى چىقىرىپ كوڭلىنى ئاچىدىغان يىقىن دوستى، ھەمرايى  قاتارىدا ئەتىۋارلايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ يۇقارقى ئىككى تۇردىكى ئىتلارنى ياخشى كورىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا مەلۇم دەرىجىدە  مەنپەت يەتكۇزگەنلىگىدەدۇر.

بۇ ئىككى تۇردىكى ئىتلار كۇنلەرنىڭ بىرىدە ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئىگە چاقىسىز ۋە ئۆي ماكانسىز قىلىپ، كوچىغا چىقىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ۋە ياكى ئىگە چاقىسىز ئىتلارنى باقىدىغان "مۇساپىرلار  لاگىرى" غا كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىتالار خارلانمايدۇ، ۋە ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئىتلارنى بىقىۋالىدىغانلار چىقىدۇ، نەتىجىدە بۇ ئىتلار يىڭىدىن ئوي ماكانلىق بولىدۇ، ۋە بىقىۋالغۇچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە مەنپەت ئىلىپ كىلىدۇ، ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنى بىقىۋالغانلىقىغا پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە بىر خىلدىكى ئىتلار بولۇپ، بۇ ئىتلارنىڭ تۇرى ۋە كىلىپ چىقىشى (ئىرقى) ئالدىنقى ئىككى خىل ئىتلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىق بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىلدىكى ئىتلاردا خالىغان ئادەمگە قاۋاپ قويدىغان، ياماننى كۆرسە قورقۇپ قاچىدىغان، ياۋاشنى كورسە قاۋاپ، چىشلەپ قويدىغان، كىم بىر نەرسە بەرسە ئۇنىڭ كەينىدىن كىتىدىغان، بەرمىسە ئوغۇرلاپ يەيدىغان، ئەتىۋارلاپ قويسا كورپىگىمۇ چىچىپ قويىدىغان ئادەتلىرى بولغاچقا، ئىنسانلار ئۇلارنى ياخشى كورمەيدۇ، ۋە لالما ئىت دەپ تىللىشىدۇ.

كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىرەرسىنىڭ بۇ ئىتلارغا ھىسىداشلىقى كىلىپ، ئۇلارنى بىقىۋالماقچى بولغاندا، ۋە ياكى ئۇلارغا ئوي ماكان بەرگەندە، بۇ ئىتلار يەنىلا بۇرۇن كۆنگەن ئادەتلىرى ۋە خۇينى تاشلىماسلىقى، كورگەنلە ئادەمگە قاۋاپ، بىقىۋالغۇچىلارغا ھىچقاندا پايدا مەنپەت يەتكۇزمەي، ئەكسىنچە ئۇلارنى  زىرىكتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن، نەتىجىدە قايتىدىن ئىگە چاقىسىز ۋە ئوي ماكانسىز قىلىپ، كوچىغا چىقىپ بۇرۇنقى سەرگەردانلىق ھاياتىنى داۋام قىلىشى مۇمكىن.

ئاللاھ خەلقىمىزگە، بىزگە ھىسىداشلىق قىلىپ بىزنى قوللاپ قۇۋەتلىگەنلەرنىڭ يۇزىگە قارا چىقارماسلىققا، ئۇلارنىڭ ھىسىداشلىقىنى سۈيى ئىستىمال قىلىپ، ئۇلارنى پۇشايمان قىلدۇرماسلىقىنى، ئوزىگە ۋە قوللۇغۇچىلارغا غۇرۇر ئىلىپ كىلىشكە نىسىپ قىلسۇن.

No comments: