Monday, October 8, 2018

پىكىر ۋە كۆز قاراش

پىكىر ۋە كۆز قاراش

مەمەت ئىمىن

بىز نورمالدا پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىمىز ئوخشاش بولغانلار، بىر يەرگە توپلۇشۇپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، بىرسىمىز بىر گەپ قىلساق، يەنە بىرىمىز ئۇنى ئۆز كۆڭلىمىزدىكىنى سۆزلەۋاتقاندەك قوللاپ قۈۋەتلەشكە ئادەتلەنگەن. قارشى پىكىرلەر قۇلاققا ئۇنچە ياقمايدۇ ۋە ياكى قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلىغاندا، “قارشى تەرەپ نىمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى مەندىن پەرىقلىق ئويلايدۇ؟” دەپ ئويلاپ باقماي، ئۇنى ئىنكار قىلىمىز، ھەتتا ئۇلارنى دۈشمەن كۆرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرن ۋە ياكى “دۈشمەن” لەرنى ئۈزلۈكسىز سىقىپ چىقىرىپ، سىپىمىزنى “ساپلاشتۇرىمىز”. نەتىجىدە بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدا بىر خىل ئوخشاش كۆز قاراش ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەپ، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدا چوڭ ئۆزگۈرۈش ۋە ئىلگىرلەش بولمايدۇ.
دالاي لاما مۇنداق دىگەنىكەن، “بىز سۆزلىگەندە پەقەتلى بىلدىغىنىمىزنى تەكرارلايمىز. بىز پەقەت باشقىلارنى ئاڭلىغاندا ئادىن بىلمىگەن يىڭى نەرسىلەرنى ئۈگۈنەلەيمىز”.
ئىنسان، بىر ئىش قىلىپ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن پىكىر ۋە كۆز قاراش ئوخشاش بولغان سىرداشلارغا مۇختاج، بىراق يىڭى ئىدىيەگە ئىگە بولۇش ۋە ياكى شەيىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۈزۈتۈپ، كۆز قاراش داھىرسىنى تىخىمۇ كەڭەيتىش ئۈچۈن پىكىر ۋە كۆز قاراش تامامەن پەرىقلىق بولغان ئۆتكۈچىلەرگە ۋە ياكى رىقابەتچىلەرگە مۇختاج.


Biz normalda pikir we köz qarashlirimiz oxshash bolghanlar, bir yerge toplushup, öz ara pikir almashturushqa, birsimiz bir gep qilsaq, yene birimiz uni öz könglimizdikini sözlewatqandek qollap qüwetleshke adetlengen. Qarshi pikirler qulaqqa unche yaqmaydu we yaki qarshi pikirlerni anglighanda, “qarshi terep nime üchün bu mesilini mendin periqliq oylaydu?” dep oylap baqmay, uni inkar qilimiz, hetta ularni düshmen körimiz. Shuning bilen arimizdiki oxshimighan pikirdikilerni we yaki “düshmen” lerni üzlüksiz siqip chiqirip, sipimizni “saplashturimiz”. Netijide bizning köz qarishimizda bir xil oxshash köz qarash üstünlikni igellep, bizning köz qarishimizda chong özgürüsh we ilgirlesh bolmaydu.
Dalay lama mundaq digeniken, “biz sözligende peqetli bildighinimizni tekrarlaymiz. Biz peqet bashqilarni anglighanda adin bilmigen yingi nersilerni ügüneleymiz”.
Insan, bir ish qilip netije qazinish üchün pikir we köz qarash oxshash bolghan sirdashlargha muxtaj, biraq yingi idiyege ige bolush we yaki sheyilerni oxshimighan nuqtidin küzütüp, köz qarash dahirsini tiximu kengeytish üchün pikir we köz qarash tamamen periqliq bolghan ötküchilerge we yaki riqabetchilerge muxtaj.

No comments: