Tuesday, October 9, 2018

ھىسسى ئەقىل دىگەن نېمە، ئۇ نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟

ھىسسى ئەقىل دىگەن نېمە؟  ئۇ نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟

ئاپتۇرى: رويەل سىكىدېرى
تەرجىمە قىلغۇچى: سەرۋى

تەرجىماندىن ئېلاۋە:
ھىسسى ئەقىل قانچىلىك مۇھىم ؟ ئىنكاسچان ھەرىكەت دىگەن نېمە، جاۋابەن ھەرىكەت دىگەنچۇ؟ بىز مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخى پەيىتتە تۇرۇپ، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرگە ئەقلى ھالدا جاۋابەن ھەرىكەتتە بولىۋاتامدۇق، ياكى  "شۇنداق قىلغىم كەلگەن ياكى دىگۈم كەلگەن"  - دەپ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدىكى ھەرىكەت ئۇسۇلى بىلەن ئىنكاسچان ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتامدۇق؟ ھىسسى ئەقىلنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بولىش مۈمكىن؟ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلاشتا ھىسسى ئەقىل قانداق رول ئوينايدۇ؟ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندا، ئازراق پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسىڭىز يۇقۇرىدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز….

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ھەرگىزمۇ ھىسسى ئەقىل توغرۇلۇق كەسپى سەۋىيەدە يېزىلغان ماقالە ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىشىم بۇ ماقالىنى بەكمۇ ئېسىل ماقالە دەپ ئويلاپ قالغانلىغىمدىنمۇ ئەمەس. مەن بۇ ماقالىنى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر توپتا دوستلارغا  "قانداق قىلىپ روھى ھالىتىمىزنى ئۈنۈملۈك كونتىرۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىدىغان سۆز ۋە ھەركەتلەردە بولمايمىز" - دىگەن نوقتىدا سۆز قاتنۇشتۇرغان ۋاقىتتا پايدىلانغان ئىدىم. بۇ ماقالىنىڭ تىلى بەكمۇ ئاددى بولغاچقا سۆزلەش جەريانىدا بىۋاستە پايدىلىنىشقا تاللىغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ماقالىنى كۆپچىلىككە بىر ئاز نەپ بېرەلەيدىكەن دەپ ئويلاپ تىزلا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ( مۇشۇ تىز تەرجىمىگىمۇ سائەتلەپ ۋاقتىم كەتتى… )  ۋە كۆپچىلىككە سۇندۇم. . ئەگەر ھەقىقەتەن بۇ توغرۇلۇق تەرجىمە قىلىمىز ياكى يازما يازىمىز دەپ ئويلىساق توردا بۇنىڭدىن ياخشى يازمىلار نۇرغۇن. تەرجىمىدە جايىغا چۈشمىگەن تېرمىنلار ئۇچرىسا ئىنكاس شەكلىدە تەكلىپ بەرسەڭلار بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى پىكىر- بايانلار ئاپتۇرغا - رويەل خانىمغا تەۋە.

نۇرغۇنلىغان مۇتەخخەسىسلەر بىر ئادەمنىڭ ھىسسى ئەقىل بۆلۈنمىسنى ئەقىل بۆلۈنمىسىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ ھەمدە ھىسسى ئەقىل بۆلۈنمىسىنى شۇ ئادەمنڭ مۇۋەپپەقىيىتى، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت سۈپىتى ۋە شۇنداقلار ھاياتتىكى ئومۇمىيۈزلۈك خوشاللىقىنىڭ بەلگۈلىگىچىسى دەپ بىلىدۇ.



ھىسسى ئەقىل دىگەن بۇ ئۇقۇم دەسلەپتە 1930 - يىلى ئىجتىمائى ئەقىل دەپ ئوتتۇرغا چىققان بولسا، 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھىسسى كۈچ دىگەن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ ئاتالغۇلار ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغا ھىسسى ئەقىل دىگەن ئاتالغۇغا ئالماشتى.
ھىسسى ئەقىل دىگەن بۇ ئاتالغۇغا بىز زاغرا تىل بىلەن شەرھى بەرسەك، ئۇ تۆۋەندىكى بەش تەرەپنى كۆرسىتىدۇ:

1.ئۆز - ئۆزىنى بىلىش ( ئۆزىگە بولغان ھۇشچانلىق):  ئۆزىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى ۋە ئىنكاسلىرىغا بولغان تونۇشىمىز ۋە بىلىشىمىز.

2.ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش : ھىس تۇيغۇ، كەيپىيات، ئىنكاس ۋە جاۋاپلارنى (ئېغزاكى ۋە ھەركىتىمىزدىكى) باشقۇرۇش، كونتىرۇل قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش.

3.ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ: توغرا ھەم مۇۋاپىق ھەركەتلەرگە ئۆتۈش، مەلۇم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاش، مەلۇم پىلانغا قەتئى ئىجرا قىلىش، ھەمدە مەلۇم نىشانغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەش ئۈچۈن ئۆز ھىسياتىنى قاتتىق يۈگەنلىگەن ئاساستا ئۆز- ئۆزىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش.

4.باشقلارنى چۈشىنىشكە تېرىشىش: باشقىلارنىڭ ھىسياتىنى چۈشىنىشكە تېرىشىش ۋە چۈشىنىش جەريانىدا ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇرلارنى باشقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت جەريانىغا ئاكتىپ تەدبىقلاش.

5. ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ئىقتىدارى: مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرۈش، ئىجتىمائى ئالاقە سورۇنلىرىدا باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، باشقىلارنى يېتەكلەش، زىددىيەتلەردە مۇرەسسەلىشىش، بىر گورۇپپىدا ئەزالىق سۈپىتى بىلەن ئىشلەپ تۆھپە قوشۇش.

ئەگەر سىز ھىسسى ئەقلنى پەقەت داۋاملىق باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ ياشايدىغان ئادەملەر ئۈچۈنلا مۇھىم دەپ قارىسىڭىز، بۇ توغرىدىكى كۆز قارشىڭىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى ھىسسى ئەقلىچانلىق ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىر ياخشى ماسلاشقان تەڭپۇڭ ھاياتنى ياشىشى ئۈچۈن ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.

1. تەن سالامەتلىك: تۇرمۇشىمىزدىكى بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۆز - ئۆزىمىزدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ بۇلار بىۋاستە ھالدا ھىسسى ئەقلىچانلىق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئۆزىمىزنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ بېسىمغا قارىتا ئىنكاسلرىمىزنى توغرا تونۇغاندىلا بىز ئاندىن بېسىملارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بەدەن ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.

2. روھى ساغلامىلىق: ھىسسى ئەقىل بىزنىڭ ھاياتقا بولغان پوزىتسىيىمىز ۋە كۆز قارشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھىسسى ئەقلىچانلىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئالاقىزادىلىك، چۈشكۈنلىشىش ۋە كەيپىيات داۋالغۇشلاردىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم قىلالايدۇ. يۇقىرى دەرىجىدىكى ھىسسى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ھاياتقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە ۋە خوشال تۇرمۇش بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.

3. زىددىيەت توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش: بىز باشقىلارنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تېرىشقاندا ھەمدە ئۇلارنىڭ نوقتى - نەزەرىدە تۇرۇپ ئويلاشقا تېرىشقان ۋاقتىمىزدا زىددىيەتلەرنى ئاسانراق ھەل قىلالايمىز، ھەتتە شۇ زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى تامامەن ئېلىشىمىزمۇ مۈمكىن. باشىقلارنىڭ خاھىشى ۋە ئىھتىياجلىرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگەنلىگىمىز تۈپەيلىدىن زىددىيەتلەردە باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇرەسسەلىشەلەيمىز. كېشىلەرگە نېمە كېرەك ئىكەنلىگىنى ياخشى پەرەز قىلالىغانلىغىمىز تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئھتىياجىدىن چىقاليمىز.

4.مۇۋەپپەقىيەت: يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھىسسى ئەقىل بۆلۈنمىسى بىزگە كۈچلۈك ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تەسىرىدە بىز ئىشلارنى كەينىگە سۆرەش قېتىم سانىمىزنى ئازايتىمىز، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىمىز ۋە بىر نىشانغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىمىز. ھىسسى ئەقلىچانلىق يەنە بىزنى تېخىمۇ ياخشى بولغان قوللاش مۇناسىۋەت تورىغا ئېگە قىلىدۇ، ئوڭۇشسىزلىقنى يېىڭىش ئىقتىدارىغا ئېگە قىلىدۇ، مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كىيىن ئەسلىگە قايتىپ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېرادە بىلەن داۋاملىق تېرىشىدىغان قىلىدۇ. ھىسسى ئەقلىچانلىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز - ئۆزىمىزدىن بالدۇرلا ۋە ئاسانلا قانائەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە بىزنى ئۇزاق مەزگىلنى كۆزلەپ ئىش كۆرىدىغان قىلىدۇ.

5. رەھبەرلىك ئىقتىدارى: باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى، باشقىلار بىلەن ئىجابى مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىش ئورنىدا ئىشداشلار بىلەن مۇستەھكەم رىشتە باغلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھىسسى ئەقىل كۆرسەتكۈچىگە ئېگە كىشىلەرنى ياخشى رەھبەرلەردىن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىدۇ. بىر ئۈنۈملۈك رەھبەر ئۆز خەلقىنىڭ( ئۆز قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ) نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا قول ئاستىدىكى كىشلەرنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ۋە خىزمەت ئورنىدكى رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىھتىياج - تەلەپلىرىنى جايىدا قاندۇرىدۇ. ھىسسى ئەقلىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنى تەتقىق قىلشقا قاتتىق بېرىلگەن ئەقىللىق رەھبەرلەر پۈتۈن گۇرۇپپىغا بىر پۈتۈن ھالدا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ھىسسى ئوخشىماسلىقلىرىغا قاراپ تۇرۇپ سىتىراتىگىيىلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق نەتىجىدە كۈچلۈك گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

ھىسسى ئەقىلنى مۇتەخخەسىسلەر يەنە داۋاملىق تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بىراق بىز تولىمۇ ئېنىق بىلىمىزكى ھىس - تۇيغۇلار بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىز ھەمدە كەسپى ھاياتىمىزدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، بەلكى ھەتتا مېڭىمىزنىڭ ئەمەلى ئەقلى ئىقتىدارىدىنمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۈگىنىش مەنبەلىرى، قوراللىرى ۋە تېخنىكىلار بىزنى ئۇچۇر ئېگەللەش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلسىمۇ، بىراق ھىچقانداق نەرسە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى بىلىش، باشقۇرۇش ۋە تونۇپ يېتىش ئىقتىدارىمىزنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

ھىسسى ئەقىل ھەرگىزمۇ تۇغما بولمايدۇ، ھىسسى ئەقىل سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاماللىرى بار.

ھەر قانداق نەرسىنى ئۈگىنىش ئۈچۈن، سىز ھەر زامان كېچىكمەيسىز! قانچە ياش بولىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، ئەقلى ھىسسىچانلىقنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىڭىز ھامان مەۋجۈت! بۇنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئۆزىڭىزنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىڭىزنى كۆزىتىڭ. بىزنى  "كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئىشنى تۈگتىتپ بولۇپ، يەنە بىر ئىشنى قانداق بىجىرىمەن ۋە قانداق قىىلىپ ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بىجىرىمەن" - دىگەن خىياللار چۇلغىۋالغان ۋاقىتتا، ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنىڭ يۈگىننى قولدىن چىقىرىپ قويىمىز. ئۆزىمىزنىڭ ھىس - تۇيغۇلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئورنىغا ئۇلارغا سەل قارايمىز. بىز شۇنى تونۇپ يەتمەيمىزكى ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنى باسۇرۇپ قويۇش ئىشلارنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ. ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنى كەينىمىزگە تاشلاشقا تېرىشقانسىرى، ھىس - تۇيغۇلىرىمىز شۇ نچە كونتىرۇللىقىنى يوقىتىدۇ.

بىز بەزەن ئىشلارغا قارىتا چېچىلىپ ئىنكاس بىلدۈرۈپ قالىمىز، بۇ خىل ھالەت ئەسلى ھاياتىمىزدا تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۈت بولغانلىغىدىندۇر. شۇڭا ئەگەر سىز يەنە مۇشۇ خېلدىكى پاسسىپ ئىنكاستا بولغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ، مەندە نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ھالەت كۆرۈلدى دەپ ئويلاپ بېقىڭ. چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىتىپ ئاندىن تىنىچ ئولتۇرۇپ بۇ خىل ئىنكاستا بولۇشىڭىزنىڭ ئىھتىمالى بولغان بارلىق سەۋەپلەرنى خاتىرىلەڭ. تىزىملىككە قاراپ بۇ تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ ئامىللىرى ۋە سەۋەپلىرى ۋە بۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرۇلۇق ئويلىنىڭ.

جاۋابەن ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ، ئىنكاسچان ھەرىكەتكە ئۆتمەڭ.

ئىكاسچان ھەركەت بولسا يوشۇرۇن ئاڭدىن قوزغالغان جەريان بولۇپ، بۇ جەرياندا بىز ھىس - تۇيغۇلىرىمىزنى يوشۇرۇن ئاڭدا مەۋجۈت ئۇسۇل بويىچە ئىپادىلەيمىز ياكى سىرتقا قويىۋىتىمىز. جاۋابەن ھەركەتكە ئۆتۈش بولسا بىر خىل ئەقلى ئاڭلىق جەريان بولۇپ، بۇ جەريان ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىزغا دىققەت قىلىش ۋە قانداق ھەركەتتە بولۇش ئۈچۈن پائال قارار چىقىرىدىغان جەرياندۇر.

پاسسىپ ھىس - تۇيغۇلىرىڭىزنى قوزغايدىغان ئامىللارنى بىلىۋالسىڭىز، شۇ خىل تۇيغۇلار تەكرارلانغاندا قانداق ھەركەتتە بولۇش توغرۇلۇق ئالدىنئالا قارار چىقىرىۋالالايسىز.

مەسىلەن: ئەگەر سىز ئىش ئورنىڭىزدا بېسىم ئارتىپ كەتكەندە دائىم خىزمەتداشلىرىڭىزغا چېچىلىپ، ئاچچىقلىنىدىغانلىغىڭىزنى ھىس قىلسىڭىزبۇنى خاتىرىلەپ قويۇڭ ھەمدە يەنە بىر قېتىم شۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىۋىلىڭ. بەلكىم سىز خىزمەتداشلىرىڭىزدىن سەمىمىلىك بىلەن كېلەر قېتىم ئاچچىقلىنىپ قالسىڭىز سىزنى يالغۇز قويىشىنى ئۆتۈنسىڭىز ۋە ياكى ئۆزىڭىز بىر جىمجىت جاي تېپىپ بىر نەچچە مىنۇت شۇ يەردە تېنىچلىنىۋىلىش توغرۇلۇق پىلان قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

دائىم كەمتەر بولۇڭ.

سىز داۋاملىق ئۆزىڭىزنى باشقلاردىن ئەقىللىق ھەم قابىلىيەتلىك دەپ ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىڭىزنى نەزەردىن ساقىت قىپ قويۇشىڭىز مۈمكىن. بۇخىل ئەھۋالدا ئەگەر ئىشلار سىز كۈتكەن يەردىن چىقمىسا بەكلا ئۈمىتىسىزلىنىپ كېتىشىڭىز مۈمكىن.

ئوخشاش بىر ئىشقا ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن نەزەر سېلىشنى سىناپ بېقىڭ. باشقىلار توغرۇلۇق ۋە ياكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاننىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېقىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۇلارغا ئوخشاش ئويلاپ بېقىڭ:

سىزمۇ ئۆزىڭىزنى شۇلاردەك تۇيغۇدا بولدۇم دەپ ئويلامسىز، نېمە ئۈچۈن؟ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئوي - خىياللىرىن ۋە ھىس - تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز، بەلكىم كېلەر قېتىم شۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىڭىز مۈمكىن.

كەمتەر بولۇڭ، شۇنى بىلىڭكى، سىز ھەرقانداق ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرمايسىز، ھەمدە دانا بولۇڭكى، سىز ئۆزىڭىزدىن باشقا ھەر بىر ئىنساندىن ئىنتايىن پەرىقلىق بىر ئىنسانسىز!

ھىسسى ئەقىل ئۈگىنىلىدىغان بىر جەرياندۇر، ئۇنى ئۈگىنىش ئۈچۈن توختىماي كۆزىتىش ۋە مەشىق قىلىش كېرەك. قانچە ياشقا كىرگەن بولىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر، سىز چوقۇم ھىسسى ئەقلىچانلىقىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز ھەمدە ھاياتىڭىزنىڭ قالغان قىسمىى تېخىمۇ ياخشى ھەمدە خوشال ئۆتكۈزەلەيسىز.

ماقالىنىڭ ئاپتۇرى رويەل( ئايال) - ئىجادچانلىق روھىغا باي بولغان سىتىراتىگىيەشۇناس ھەمدە مەسلەھەتچى بولۇپ، ئۇ مەخسۇس قانداق قىلىپ ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ۋە جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خوشال ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش توغرۇلۇق يېزىقچىلىق قىلىدۇ.

ماقالە مەنبەسى:

No comments: