Monday, May 13, 2019

خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر داۋاسى

خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر داۋاسى
Xelqara weziyet we Uyghur dawasi
مەمەت ئىمىن


"پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ" بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، بىز قانداق قىلىپ ھەم باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ھېسىداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشەلەيمىز، ھەم باشقىلارنىڭ ئويۇنىغا كەلمەي، بەزى دۆلەت ۋە بەزى ئىنسانلارنىڭ شەخسى مەنپەتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىشتىن ساقلىنالايمىز؟ بۇ ھەممىمىزنىڭ ئويلاپ بىقىشىغا تىگىشلىك موھىم مەسىلە. مەن گەرچە ئۇزۇندىن بىرى بۇ جەھەتتە بىر نەرسە يىزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بىراق مەن ئۆز كەسسىپىم بولمىغان تېمىغا كىرىپ، يازمامنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قىلىشىدىن ۋە باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا قەتتى ئىرادىگە كىلىپ، بۇ جەھەتتە ئويلىغانلىرىمنى يىزىپ، باشقىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققەت ئىتىۋارىنى قوزغاش قارارىغا كەلدىم.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك سۆۋىت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئورتا ئاسىيادىكى تۈركى جەمھۇريەتلەر مۇستەققىل بولغاندىن كىيىن، خىتتاي ھۆكۈمىتى،  خەلقىمىز ئىچىدە ئويغانغان ۋە باش كۆتەرگەن ئىنسانلىرىمىزنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇلارنى باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 2001 – يىلدىكى 11 – سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز سەۋەبىدىن، خەلقارالىق تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى "دىننى رادىكالچى"، "ئىسلامى تېرورچى" ۋە "بۆلگۈنچى" دىگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەپ، خەلقىمىزگە قاتتىق قول سىساسەتلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تىخىمۇ چىكىدىن ئاشۇرۇپ، دىننى رادىكاللىقنى يوقۇتۇش ۋە كەسپى تەربىلەش نامى بىلەن مىللىيونلىغان ئىنسانلىرىمىزنى تۇرمە ۋە لاگىرلارغا سولاپ، ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.



نۆۋەتتە، بىزنىڭ داۋا ۋە خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى، دېموكىراتىك تۈزۈمدىكى غەرىپ دۆلەتلىرى، دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمدىكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۇرجەكنىڭ ئارىسىغا قىستۇرلۇپ قالماقتا. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانى ۋە ئىگىلىك ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن دېموكىراتىك تۈزۈمدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ۋە ياردىمىگە ئىھتىياجلىق بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ دىننى ئېتىقادىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ قېلىۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن، خىتتاي ھۆكۈمىتى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەرىپتىكى سەلبى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، بىزگە دىننى ئەسەبىلىك قالپىقىنى كەيدۈرۈپ، بىزنى "دىننى رادىكالچى ۋە ئىسلامى تېرورچى" قاتارىدا قاتتىق باستۇرماقتا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئۆزىمىزنىڭ "دىننى رادىكالچى ۋە ئىسلامى تېرورچى" ئەمەسلىكىمىزنى تەكىتلەپ، داۋايىمىزنى غەرىپتە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىمىز. بىز بىر تەرەپكە قارىساق، ئامىركا باشلىق دېموكىراتىك تۈزۈمدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگىزىۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا كۈچلۈك تەنقىتلىرى؛ يەنە بىر تەرەپكە قارىساق، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگىزىۋاتقان سىياسەتلىرىگە كۆز يۇمۇشى، ھەتتا ئۇ سىياسەتنى مەدھىلەشلىرى. بىز بىر تەرەپكە قارىساق، خېرىستىيان قاتارلىق باشقا دىندىكىلەرنىڭ بىزگە بولغان ھېسىداشلىقى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا، مۇسۇلمانلارغا بولغان سەلبى قاراشلىرى؛ يەنە بىر تەرەپكە قارىساق، مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە بولغان ھېسىداشلىقى ۋە غەرىپ دۇنياسى، خېرىستان قاتارلىق باشقا دىندىكىلەرگە بولغان سەلبى قاراشلىرى، گۇمانلىرى، ھەتتا ئۆچمەنلىكى. بىز ھازىر ھەقىقەتەنمۇ مانا شۇنداق ئۈچ بۇرجەك ئارىسىغا قىسىلىپ قىلىشتىن ئىبارەت مۈرەككەپ بىر ئەھۋالدا قالماقتىمىز.

پەۋ تەتقىتقات مەركىزى ئىلىپ بارغان راي سىناشتا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن غەرىپلىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان كۆز قارىشى. جەدىۋەلدىكى نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، مەيلى غەرىپلىكلەر بولسۇن ياكى مۇسۇلمانلار بولسۇن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇسۇلمانلار بىلەن غەرىپلىكلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ناچار دەپ قارىشىدىكەن.

بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىزنىڭ ھەم غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ھەم ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، دۈشمەنگە قارشى داۋانى ئۆزىمىز ئۈمۈت قىلغان يوسۇندا راۋان ئىلىپ مىڭىشىمىز ئۇنچە ئاسان بولمىسا كىرەك. خەلقىمىز تەھدىت ئاستىدا قالغان بۇنداق بىر ھايات ماماتلىق مۈرەككەپ مەزگىلدە، ئەگەر بىز سەل دىققەت قىلمىساق "قېتىق ئىچكەن قۇتۇلۇپتۇ، قاچا يالىغان تۇتىلىپتۇ" دىگەندەك ئىش بولۇپ، ئاخىردا زىيان تارتقان بىز بولۇپ قىلىشىمىز مۈمكىن.  شۇ سەۋەپتىن بىز ئالاھىدە سەزگۈر بولىشىمىز كىرەك. باشقىلارنىڭ ئويۇنىغا كەلمەسلىكىمىز، بەزى كىچىك پايدىلارنى دەپ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا چىتىلىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

سىرىلانكىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەدىن كىيىن، بۇ ۋەقەلىكنى بانا قىلىپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى "دىننى رادىكاللىق" نى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ مەدىلەيدىغانلار ئوتۇرغا چىقماقتا. بىزنىڭ ئۇنداق كۆز قاراشتىكىلەرنى خىتتاي ھۆكۈمىتىگە سىتىلغانلار دەپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان سەلبى قارىشىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىشى ناتايىن. باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق قارىشى يالغۇز بەزىلەرنىڭ بىزنى قانداق تەشۋىق قىلىشىغا باغلىق بولۇپ قالماستىن، ئەڭ موھىمى بىزنىڭ نىمە قىلىشىمىزغا ۋە بەزى سەزگۈر مەسىلىلەرگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولىشىمىزغا باغلىق.

خەلقىمىز نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ھايات ماماتلىق بۇ كىرزىس ھەرگۈزمۇ يالغۇز دىننى ئىتىقات مەسىلىسى بولماستىن، ئۇ ئەڭ موھىمى خەلقىمىزنىڭ مىللى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى. ئەلۋەتتە دىننى ئىتىقادىمىز، بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمى؛ دىننى ئىتىقادىمىز، بىزنىڭ مىللى مەدىنىيىتىمىز ۋە مىللى كىملىكىمىزنى ساقلاپ قىلىشتا موھىم رول ئوينايدۇ. بىراق ئەگەر بىز بۇ كىرزىستا مەغلۇپ بولساق، تەھدىت ئاستىدا قالغىنى ۋە ۋەيران بولغىنى ئىسلام دىنى بولماستىن بەلكى بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىز بولىدۇ. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادا ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر بولۇپ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 1.8 مىلىيارت بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 24.1% ئىگەللەيدۇ؛ ئەيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئەڭ تىز بولۇپ، 2060 - يىلغا بارغاندا 3 مىلىيارتقا يىتىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 31.1% نى ئىگەللەيدىكەن؛ بىراق ئۇيغۇر مىللىتى پەقەت بىرلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋەتەندە ياشايدۇ؛ ئەگەر ۋەتەندە مەدىنىيىتىمىز ۋە  مىللى كىملىكىمىز ۋەيران قىلىنسا، ئىسلام دىنى ئەمەس بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى ئىغىر دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچۇرايدۇ.

ئىسلام دىنى تىچلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر دىن. ئىسلام دىنى ھەرگۈزمۇ تېرورلۇق تەرغىپ قىلىدىغان دىن ئەمەس. تېرورىست، ئۇ مەيلى كىم بولسۇن ۋە نىمە سەۋەپتىن تېرورلىق قىلسۇن، ئۇ ھامان تېرورىست. بىراق ھازىرقى مەسىلە، مەيلى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى، بىز قوبۇل قىلايلى ياكى قوبۇل قىلمايلى، دۇنيانىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان قارىشىنىڭ سەلبى ئىكەنلىكى، ئۇ بىر ھەقىقەت. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك دۇنيادا ئەڭ كۆپ بىگۇناق ئىنسانلارنىڭ بىۋۇدە ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغانلار مۇسۇلمانلار ئەمەس. بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغانلار مۇسۇلمانلار ئەمەس. كورىيە ئۇرۇشىنى، ۋىتنام ئۇرۇشىنى، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغانلار مۇسۇلمانلار ئەمەس. 1995 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۇنى ئامىركىنىڭ ئوكلوخوما شەھەرىدىكى فەدىرال بىناسىنى پارتىلىتىپ 168 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە 680 ئادەمنىڭ ياردار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەرورىست مۇسۇلمان ئەمەس. مەيلى سۇرىيە / ئىراق، ئافغانىستان / پاكىستاندا بولسۇن ۋە ياكى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە بولسۇن تەرورلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى مۇسۇلمانلاردۇر. ئەمما بەزى مۇسۇلامانلار ۋە ياكى بەزى ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان ئىنسانلار، ئامىركا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىدە تەرورلۇق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت.




ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار، تەرورلۇق بىلەن باغلىنىپ قالدى؟ بۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن غەرىپ ۋە باشقا دىندىكىلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا چۈشەنمەسلىك ۋە ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن مەسىلە. ھەرقانداق بىر ئىنسانغا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتماق ئاسان، بىراق باشقىلارنىڭ نەزىرىدە شەكىللەنگەن خاتا قاراشنى ۋە ئىشەنمەسلىكنى ئۆزگەرتمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

 پەۋ تەتقىتقات مەركىزى ئىلىپ بارغان راي سىناشتا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئەرەپلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا بولغان قارىشى.  جەدىۋەلدىكى نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، راي سىناشقا قاتناشقان كۈپ ساندىكى مۇسۇلمانلار 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئەرەپلەر كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قارايدىكەن.

پەۋ تەتقىتقات مەركىزى ئىلىپ بارغان راي سىناشتا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەرىپلىكلەرنىڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلىشىگە ۋە غەرىپلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللارنى  ھۆرمەتلىشىگە بولغان قارىشى.  جەدىۋەلدىكى نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، غەرىپتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەرىپلىكلەرگە بولغان قارىشىدا چوڭ پەرىق بار بولۇپ، غەرىپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى غەرىپلىكلەرنى ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ قارايدىكەن. بىراق غەرىپلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلارنى ئاياللارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ دەپ قارايدىكەن.

بەزىلەر، غەرىپ مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى بۇرمۇلاپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار تەرورلۇق بىلەن باغلىنىپ قالغان دەپ قارىشىدۇ؛ بىراق بىز ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان بەزى ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە بومبا تەڭىپ ئۆزىنى پارتىلىتىپ، بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپ بولغاندا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ ۋاقىرىشىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن سەلبى تەسىرىنى ھەرگۈز نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كىرەك. ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەن بۇ سۆز ئەسلى ئاللاھ ئۇلۇغ دىگەن مەنادىكى بىر سۆز بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان بىر قىسىم ئىنسانلار بۇ سۆزنى تەرورلۇق بىلەن بىرگە ئىشلىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تەرورلۇق بىلەن باغلىنىپ قىلىشىدا چوڭ رول ئوينىغان. مەن ئىشىنىمەنكى ئاللاھ ھىچكىمگە ئۆز نامىنى قوللۇنۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىنى بەرگەن ئەمەس. ھىچكىمنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بىرلىرىنى جازالاش ۋە ياكى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى يوق.

سۇرىيەدە دائىش يەنى ئىسلام دۆلىتى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، دائىشچىلارنىڭ كامىرا ئالدىدا ئىنسانلارنى قوينى قۇربانلىق قىلغاندەك ئاللاھۇ ئەكپەر دەپ بوغۇزلىشى، مىنىڭ كىچىك چىغىمدىن بەرى شۇنداق سۆيۈنۈپ ئاڭلايدىغان بۇ "ئاللاھۇ ئەكبەر" سۆزىگە بولغان قارىشىمغا بەلگۇلۇك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن، مەن ھەر قەتىم "ئاللاھۇ ئەكپەر" دىگەن سۆزنى ئاڭلىسام، قولىدىكى پىچاق بىلەن بىر ئىنساننىڭ بوينىنى بوغۇزلاۋاتقان بىر جاللات ۋە بويىنىدىن قان ئىقىۋاتقان ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمدا كۆرىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ؛ ئاللاھ شۇنداق ئۇلۇغكەن ئۇنى ھەر يەردە تەكىتلەپ يۇرۇش زۆرۈرمۇ؟ قوي، كالىنى قۇربانلىق قىلغاندا ئاللاھۇ ئەكپەر دىسەك، جامائەتنى نامازغا چاقىرغاندا ۋە ناماز ئوقۇغاندا ئاللاھۇ ئەكبەر دىسەك، تەرورچىلار ئۆزىنى پارتىلىتىش خارەكتىرلىق ۋەقە پەيدا قىلىپ، بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندىمۇ ئاللاھۇ ئەكپەر دىسە؛ بىز غەرىپ دۆلەتلىرىدە خىتتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلغاندىمۇ ئاللاھۇ ئەكپەر دەپ ۋاقىرساش، ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ؟

پەۋ تەتقىتقات مەركىزى ئىلىپ بارغان راي سىناشتا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خارەكتىرلىك زوراۋانلىق ۋەقەگە بولغان پوزىتسىيەسى.  جەدىۋەلدىكى نەتىجىگە ئاساسلانغاندا،  ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى راي سىناشقا قاتناشقان 7% - 29% ئارلىقىدىكى مۇسۇلمانلار زوراۋانلىق ۋەقە ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ ئىسلام دىنىنى قوغدىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن، ئەمما كۆپ قىسمى زوراۋانلىق ۋەقە ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ ئىسلام دىنىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن.

سامى سىتەگمەن ئەپەندى بولسا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ھايات قالغان يەھۇدى بولۇپ، مەن ئۇنى تۇنجى قىتىم 2019 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن نىيورۇكتا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلانى قوللاپ، خىتتاي ھاكىمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىگە قارشى نامايىشتا كۆرگەن ئىدىم.  سامى سىتەگمەن ئەپەندى  2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ۋاشىنگىتون شەھەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقىلى بارغان ئىكەن. نامايىشتىن  قايتىشىمدا، نىيورۇكقا بىرگە قايتىپ كەلدۇق. ئۇ كۈنى قاتناش توسۇلاپ قىلىش سەۋەبىدىن يولىمىز پەقەت ئاۋىمىغان ئىدى. ئادەتتە 4، 5 سائەت ماڭىدىغان يولنى گەرچە  7 سائەت ماڭغان بولساقمۇ، بىراق بۇ 7 سائەت ئۇنچە زىرىكىشلىك بولمىدى. سەۋەپ يولدا كەلگۈچە سامى سىتەگمەن ئەپەندى بىلەن ناھايتى قىزغىن سۆھبەتتە بولدۇق.

سامى سىتەگمەن ئەپەندى رومانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، يولدا كەلگىچە ئۆز كۆچۈرمىشلىرىنى، ئۆزىنىڭ كومىنىستىك تۈزۈمگە بولغان قاراشلىرىنى، يەھۇدىلارنىڭ ئۆز داۋاسىنى دۇنياغا قانداق ئاڭلاتقانلىقىنى ۋە يەھۇدىلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئاخىردا ئۇ مۇسۇلمانلار توغۇرسىدا توختۇلۇپ،"  ئەگەر مۇسۇلمانلار، ئىسلام دىنى ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن بىر يەردە تىلغا ئىلىنىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئوزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغانلار تېرورلۇق ھەركىتى پەيدا قىلغاندا، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ نىمە بولىشىدىن قەتتى نەزەر، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۇنى تېرورلۇق ھەركىتى دەپ قاتتىق ئەيىپلىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، باشقىلارنىڭ ئىسلامنى خاتا چۇشىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ"  دىگەن ئىدى.

ئەگەر مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى كۈندە ئاللاھۇ ئەكپەر دەپ ۋاقىرغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلە ھەل بولىدىغان بولسا، پەلەستىن مەسىلىسى ئاللا بۇرۇن ھەل بولغان بولاتتى. بىرما مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەل بولغان بولاتتى. چىچەن مەسىلىسى ئەينى ۋاقىتتا غەرىپنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، ناھايتى ئوبدان تەرەققى قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن تەرورلۇق ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن، چىچەن مەسىلىسى خەلقارانىڭ قوللىشىدىن تامامەن قۇرۇق قالدى. ھازىر بولسا، ھەممەيلەن كۆرەۋاتقاندەك، چىچەن مەسىلىسى توغۇرسىدا ھىچقانداق سادا يوق. بىز مۇسۇلمان بولغىنىمىز ئۈچۈن، ئىسلام دۆلەتلىرى ئاۋازىنى چىقارمىغان يەردە، خەلقارانىڭ بولۇپمۇ غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ بىزنى مۇسۇلمانكەن دەپ بىزگە ئالاھىدە ئىچىنى ئاغرىتىشى ناتايىن. بۇ يەردە موھىم بولغان ئىككى نەرسە بار؛ ئۇنىڭ بىرى بىزنىڭمۇ باشقا ئىنسانلاردەك ياشاش ھەققىمىز بار بولغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمىز، يەنە بىرى ئەگەر خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتىھەملىكى داۋام قىلىۋەرسە، بىزگە كەلگەن بۇ بالايى ئاپەتنىڭ باشقا ئىنسانلارغىمۇ كىلىدىغانلىقى، نەتىجىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مەنپەتىنىڭ تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەش.

ئىرلاندىيەلىك يازغۇچى ۋە سىياسى پالىيەتچى جورج بەرنارد شاۋ مۇنداق دىگەن ئىكەن، "توغرا پۇرسەتكە ساقلاپ تۇرما؛ ئۇنى ئۆزەڭ يارات."

توغرا، بىزگە پايدىلىق پۇرسەت كەلسە، بىز ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كىرەك. ئەگەر بىزگە پايدىلىق پۇرسەت كەلمىسە، بىز قانداق قىلىپ ئۆزىمىزگە پايدىلىق پۇرسەت يارتىشنى بىلىشىمىز كىرەك.

2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى

No comments: