Saturday, December 7, 2019

سىياسى ئاكىتىپلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان تەنقىت ۋە ھۇجۇملار توغۇرسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە


سىياسى ئاكىتىپلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان تەنقىت ۋە ھۇجۇملار توغۇرسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

مەمەت ئىمىن

مۇھاجىرەتتىكى سىياسى داۋايىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئامىركا باشچىللىغىدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ۋەزىيەتكە بولغان دىقىتى ۋە كۆڭەل بولۈشىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئەگەر دىققەت قىلساق، يىقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان رەزىل  سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقات ماتىرياللارنىڭ كۆپىيىش بىلەن بىرگە، ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا داۋاغا، بولۇپمۇ داۋانىڭ ئالدىدا مىڭىۋاتقان سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزغا قارىتا ھەر خىل سەلبى ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. گەرچە سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزغا قارشى سەلبى ئۇچۇرلار تارقىتىۋاتقان ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئۇ ئىنسانلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار تارقاتقان ئۇ سەلبى ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملار، بىر تەرەپتىن بىر قىسىم سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتىغا، نورمال ھاياتىغا، خىزمەت ۋە ئۈگۈنۈش ئۈنىمىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ داۋادىكى ئاكىتىپچانلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ جامائەت ئىچىدە ھەر خىل سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزغا قارشى ئوتۇرغا چىققان ئۇ سەلبى ئۇچۇرلار ۋە ھۇجۇملارنىڭ بەزىلىرى ئىسمى جىسمى ئىنىق بولغان بەزى شەخىسلەردىن كەلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىسمى جىسمى ئىنىق بولمىغان، ئۆزلىرىگە ھەر خىل چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇۋالغان ئاتالمىش "ئۆتكىچىلەر" لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان نادان، جاھىل، رادىكال، پىسخىكىسى بۇزۇلغان ۋە ياكى ھەسسەتخور، كۆرەلمەس ئىنسانلار بولسا كىرەك. بىز ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزغا قارشى ئوتۇرغا قويۇلغان ئۇ سەلبى ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارنى كۆرگەندە، بەزىلىرىمىز ئالدىراپلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خائىنلارنىڭ قىلمىشى دەپ يەكۈن چىقارساق، يەنە بەزىلىرىمىز ئۇ سەلبى ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارغا ئەگەشىپ چۇقان كۆتۈرۈشتۇق؛ بەزىلىرىمىز نىمە قىلىشنى ۋە كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي بىر بىرىمىزدىن گۇمان قىلىشقا باشلىساق، كۆپىنچىمىز ئۇ ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىشنى تاللىدۇق.

ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك، ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىشى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققان، دوست بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزىلىشى، ۋەتەندىن كىلىۋاتقان قاباھەتلىك خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەممىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە پىسخىكىسى ئازدۇر كۆپتۇر بۇزۇلماقتا؛ كۆپۈنچىمىزدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە غەم ئەندىشە، قايغۇ ھەسىرەت، نالە شىكايەت، غەزەپ نەپىرەت، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمۈتسىزلىكلەر مەۋجۇت. شۇ سەۋەپتىن بەزىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتۇرغا قويغاندا ۋە ياكى تەنقىدى پىكىرلىرىمىزنى بەرگەندە گەپ سۆزلەرگە بەك دىققەت قىلماي، قارشى تەرەپنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا ئوتۇرغا چۈشكەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئالدى بىلەن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىتنە پاسات ۋە ياكى ئۆزىمىزگە قىلىنغان  ھۇجۇم دەپ قارىماي، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ياخشى نىيەت بىلەن بەرگەن تەكلىپ ۋە تەنقىدى پىكىرلەرنى پەرىقلەندۈرىشىمىز كىرەك. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ ياشىغان مۇھىتىمىز، كۆرگەن تەربىيەرىمىز ۋە بىلىم سەۋىيەرىمىز پەرىقلىق بولغىنى ئۈچۈن، مەسىلىگە قارىغان يۆلۈنىشىمىز، تەنقىت پىكىرلەرنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز ئوخشىماسلىقى مۈمكىن؛ شۇ سەۋەپتىن تەنقىت بىرىش ئۇسۇلىمىز، ھەممىمىزگە يىقىپ كىتىشى ناتايىن، ھەتتا بەزىلىرىمىزدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۈمكىن. ئۇندىن باشقا داۋا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى بولغاچقا، ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ داۋانىڭ توغرا يولدا ساغلام يۈرىشىنى كۈزۈتۈش ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ پىكىرى بىرىش ھەققى بار. سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزمۇ، ئىنسانغا قاراپ مۇئامىلە قىلماي، باشقىلار ئوتۇرغا قويغان تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ سىمىمىيىتىگە قاراش كىرەك. چۈنكى داۋا شەخسى داۋا ئەمەس؛ ئۇ خاتا يولغا كىرىپ قالسا، ئۇنىڭ زىيىنىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تەڭ تارتىدۇ.

مىنىڭ قارىشىمچە سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزغا قارشى ھەر خىل سەلبى ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقان ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىنسانلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن ئانالىز قىلىش مۈمكىن.

1. كۆز قاراش ۋە ئىدىلوگىيەدىكى پەرىق تۈپەيلىدىن. بەزى ئىنسانلار كۆز قاراش ۋە ئىددىيە جەھەتتە ئۆزىدىن پەرىقلىق بولغانلارغا ۋە ياكى پىكىر كۆز قاراشلىرى ئۆزىگە ياقمىغانلارغا ھەر خىل بوھتانلارنى چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. يەنە بەزى ئىنسانلارنىڭ سىياسى ئاكىتىپلىرىمىزنى ۋە ياكى داۋانىڭ ئالدىدا مىڭىۋاتقانلارنى مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز ھالدا مۇستەققىللىق تەلەپ قىلىدىغان ۋە مۇستەققىللىق تەلەپ قىلمايدىغان دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۆز ئارا ھۇجۇم قىلىشقا سەۋەپ بولاۋاتقانلىقىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت. ئۇندىن باشقا ئەگەر دىققەت قىلساق بەزى ئىنسانلىرىمىز، مەدىنىيەت سەۋىيە ۋە دىننى جەھەتتىكى پەرىقلىق كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن، ئىنسانلارنى پەقەت مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىگىلا ئايرىپ، مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن ئىش بىرلىكى ئىلىپ بارغانلارغا ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇلارنى بىراقلا ئىنكار قىلىدىغان ۋە ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.

2. شوھرەتپەرەسلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە قىزغانچۇقلۇق تۈپەيلىدىن. داۋا ئىچىدىكى بەزى ئىنسانلىرىمىز ئارىسىدا، ئۆزىنىڭ داۋادىكى ئورنىنىڭ موھىملىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، مەخسەتلىك ۋە مەخسەتسىز ھالدا ئۆزدىن باشقا سىياسى ئاكىتىپلارنىڭ سىياسى پالىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنىكلەشتۈرۈشكە ئۇرىنىۋاتقانلار بولۇشى بولۇشى مۈمكىن.

3. چۈشكىنلىشىش ۋە ئۈمۈتسىزلىك تۈپەيلىدىن. ۋەتەندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزىلىشى سەۋەبىدىن، ئېغىر دەرىجىدە چۈشكىنلىشىش ۋە ئۈمۈتسىزلىككە گىرىپتار بولغان بەزى ئىنسانلار، مىللەتنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنى داۋا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە ياكى تەشكىلات باشلىقلىرىنىڭ خەلقنى خاتا يولغا باشلىغانلىقىدىن دەپ بىلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى راھەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.

4. خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدىغانلار ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ئۈگەنگەن خىتايلار، قەستەن ئارىمىزدا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. ۋەتەندىكى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى، ۋەتەندىكى تۇققانلارغا بىسىم ئىشلىتىپ، ھەر خىل يۇمشاق ياكى قاتتىق تاكتىكىلارنى قوللۇنۇپ، ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئەھۋاللار ئوتۇرغا چىققان ئىدى. بىز پەقەتلا ئوتۇرغا چىققانلىرىنى بىلىمىز، بىراق ئوتۇرغا چىقمىغانلىرى قانچىلىك، ئۇلار قايسى دۆلەتلەردە ۋە نىنە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ؟ بىز ئۇلارنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز. ئۇندىن باشقا پۇل ئۈچۈن سىتىلغانلار ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ئۈگەنگەن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملارمۇ، ھەر خىل ئىسىملارنى قوللۇنۇپ، سىياسى ئاكىتىپلارغا ۋە داۋانىڭ بىشىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرىنىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن.

يۇقارقى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى بەلكىم كىمگە ئىشىنىشىپ، كىمگە ئەگىشىشنى بىلمەسلىكتىن ياكى باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرىشىدىن، بىلىپ بىلمەي شۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىۋاتۋان بولۇشى مۈمكىن؛ بەزىلىرى ھەتتا ئۆزلىرىنى مىللەت ئۈچۈن ھەققى خىزمەت قىلۋاتقانلار دەپ ھىساپلىشى مۈمكىن. بىز ئۆز پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىمىزنى بايان قىلىش، جامائەت پىكىرى توپلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىشىمىز ۋە ئۇلارنى قىلىۋاتقان خاتا ھەركەتلىرىدىن ياندۇرالىشىمىز مۈمكىن؛ لىكىن كۆپۈنچىسى ئىسمى جىسمى يوق كۆلەڭگۈ بولغاچقا، ئۇلار ئۆز نىيىتىدىن يانمىغىچە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ياكى ئۇلارنى خاتا يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس؛ بولۇپمۇ بىزگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەخسىتى بىزنىڭ ئىتىپاقلىقىمىزنى بۇزۇپ، بىزنى روھىي جەھەتتە ۋەيران قىلىش بولغاچقا، ئۇلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچۇرمىغىچە، بىز ئۇلارنى قىلىۋاتقان ئىشىدىن توسۇپ قالالماسلىقىمىز مۈمكىن. شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ ھەر خىل ھۇجۇم ۋە روھىي زەربىگە ئۇچۇرغان سىياسى ئاكىتىپلارنىڭ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلەلەرگە روھىي جەھەتتىن قانداق تاقابىل تۇرۇش توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.

ئىنسانلار ھاياتىدا ھەر خىل ماددى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدىغان بولۇپ، دۇش كەلگەن مەنىۋى قىيىنچىلىقلار ئىچىدە يەڭمەك ئەڭ قىيىن بولغىنى ئۆز ئۆزىمىزنى يىڭىش ھىساپلىنىدۇ. يەنى باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق باھا بىرىشى ۋە قانداق قارىشىدىن بەكرەك، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە قانداق قارىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان سەلبى باھاسىغا بولغان ھىس تۇيغىمىز ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىمىزدۇر. نۇرغۇن ئىنسانلار روھىي جەھەتتە باشقىلارنى ئەمەس ئۆز ئۆزىنى يىڭەلمىگىنى ۋە ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمىگىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىگە بولغان تونۇشىدىن بەكرەك باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىغا ئىتىۋار بىرىدۇ؛ باشقىلار سەلبى باھا بەرگەندە، ئاسانلا رەنجىدۇ، كۆڭلى يىرىم بولىدۇ ۋە چۈشكۈنلىشىدۇ؛ باشقىلار ئىجابى باھا بەرگەندە ۋە ياكى ماختىغاندا، ئاسانلا خوش بولۇپ، لەيلەپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانلارغا باھا بەرگەندە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىرىشىدىغان نەتىجىسىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىگە قاراپ باھا بىرىدۇ. شۇڭا ئەگەر يەتمەكچى بولغان نىشان ئىنىق بولسا، مىللەتكە پايدىلىق ئىش بولسا، ئالدىغا قاراپ مىڭىش كىرەك. ئامىركىلىق داڭلىق رىغبەتلەندۈرۈش نۇتىقى سۆزلىگۈچى، تونى گاسكىنس مۇنداق دىگەن ئىكەن، "يالغۇز يۈرۈشكە ھازىر بولۇڭ، چۈنكى سىز بىلەن يولغا چىققان كۆپلىگەن ئىنسانلار سىز بىلەن ئاخىرغىچە يۈرىشى ناتايىن". نىشان ئىنىق بولسا، نىيەت دۇرۇس بولسا، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، خەلقىمىزگە جۈملىدىن سەلبى پىكىر بەرگەن ۋە ھۇجۇم قىلغانلارغا نىسبەتەن، ئەڭ كۈچلۈك جاۋاپتۇر. باشقىلارنىڭ بىزگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىشىگە ۋە ياكى قىلغان ئىشىمىزدىن ۋاز كەچۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز كىرەك. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالماسلىق كىرەك دىمەكچى ئەمەسمەن. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالغاندا، ئەڭ موھىمى ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىگە قاراشىمىز كىرەك؛ سەمىمى تەنقىتلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك.

  

ئىنساننىڭ ماھىتى شەخسىيەتچى بولىدۇ، شۇڭا ئىنسان ئەۋەل ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۇرۈشتە ئەڭ موھىم رول ئوينايدىغان ئامىل ھەرگۈز "باشقىلار" بولماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى ئىھتىياجىدۇر. ئىنساننىڭ ئىھتىياجى دىگەندە ئاساسلىقى ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجلىرى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددى ئىھتىياج، بىخەتەرلىك ئىختىياجى، روھىي ئىھتىياج ۋە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۆزىنى قانائەتلەندۇرۇش ئىھتىياجىدىن ئىبارەت بىر نەچچە تۈرلۈك ئىھتىياجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنساننىڭ ماددى ئىھتىياجىنىڭ چېكى بولىدۇ، بىراق ئىنساننىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنىڭ چېكى بولمايدۇ؛ ماددى ئىھتىياجدىن ئاشقان ھەرقانداق ماددى بايلىق ئەمىلىيەتتە ئىنساننىڭ مەنىۋى ئىھتىياجى ئۈچۈندۇر. ئىنسان قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى، پەقەت ئۆز مەنپەتىگە بىۋاستە باغلىغاندا، ئاندىن ئەڭ زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولۇپ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئەڭ ياخشى قىلالايدۇ. بەزىلەر بىر مىللەتكە ياكى بىر دولەتكە باش بولۇپ، ئوز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئوزىنىڭ ئوزىنى قانائەتلەندۇرۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرغان بولسا، يەنە بەزىلەر داڭلىق، ئالىم، دوختۇر تىجارەتچى، ئارتىس بولۇپ، نەتىجە يارتىش ئارقىلىق ئوزىنىڭ ئوزىنى قانائەتلەندۇرۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ئىنساننىڭ ماھىتى شەخسىيەچى بولىدۇ دىيىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆز خەلقى، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، ئىنسانىيەتكە مەنپەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان ئالى جاناپ روھنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. مەن پەقەت ئۇ روھنىڭ ئىنساندا بولىدىغان مەنىۋى ئىھتىياج تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. مەسىلەن دۇنيادا ساخاۋەتلىك بىلەن ئۆچمەس ناملارنى قالدۇرغان نۇرغۇنلىغان شەخىسلەر، ئۆزلىرى قىلغان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى تۈپەيلىدىن مەنىۋى جەھەتتە ئەڭ چوڭ خوشاللىققا ۋە قانائەتكە ئىرىشكەن. يەنى ئۇلار ئۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز رازىلىقى ۋە خوشاللىقى بىلەن ئۆز كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلغان، ياكى ئۇلار شۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئۆزىنىڭ خوشاللىقى دەپ بىلگەن ۋە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ زور مەنىۋى ئوزۇققا ئىرىشكەن. ئۇلار قىلغان ئىشىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن،  باشقىلاردىن بىر نەرسە كۈتمىگەن. باشقىلارمۇ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ، ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمەتلەر ئاتا قىلغان ۋە ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئەتكەن.

ئاللاھ ھەممىمىزنى باراۋەر ياراتقان؛ مەسئۇليەت يالغۇز داۋا قىلىۋاتقانلارغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۈشلۇق مەسۇلتىمىز ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىز بار. ئامىركا پىرەزىدەنتى ئابلاخان لىنكىن مۇنداق دىگەن ئىكەن، "سەن بۈگۈندىن قىچىش ئارقىلىق ئەتىدىكى مەسۇليىتىڭدىن قۇتۇلالمايسەن". بىز بىر ئىش قىلساق، باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز مەسۇليىتىمىز ۋە ئۆز ۋىجدانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىمىز، ھەم ئۇنىڭ جاۋابىنى باشقىلارغا ۋە ياكى ئىسمى جىسمى يوق ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى ئەۋەل ئۆز ۋىجدانىمىزغا، ئاللاغا ئاندىن بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئىنسانلارغا بىرىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىسمى جىسمى يوق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا يازغان ھەر خىل سەلبى ئۇچۇرلىرى، بوھتانلىرى ۋە ھۇجۇملىرى ئۈچۈن، رەنجىشىمىزنىڭ، كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىشىمىزنىڭ، ئۇلارغا چۈشەنچە بىرىپ ياكى ئۇلارغا قارشى ئىنكاسلارنى يىزىپ، ۋاختمىزنى ئىسىراپ قىلىشىمىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە بىز ئىنسان بولغاچقا، ھىسياتىمىز بار، كۆڭلىمىزگە كىلىدۇ، بىراق بىز بىر ئىش قىلىمەن دەپ ئوتۇرغا چىققان ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى يىڭەلەيدىغان بىر كۈچ ۋە جاسارەت بولىشى كىرەك. بولمىسا، دۈشمەن مەخسەتكە يەتكەن بولىدۇ؛ بىز ۋەتەن داۋاسىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئىشقا تىخى تازا ھازىر بولمىغان بولىمىز.


بىز بىر ئىش قىلغاندا، مەيلى ئۇ قانداق ئىش بولىشىدىن قەتتى نەزەر، بىز داۋاملىق ئۇنى مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلار ئۈچۈن دەپ بەك تەكىتلەپ كىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مىللەتمۇ بىزنىڭ، ۋەتەنمۇ بىزنىڭ؛ ئۇ ۋەتەندە ياشاۋاتقان مىللەت بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلغانلىق، ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلغانلىق؛ ئۆز ۋىجدانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلغانلىق؛ بىز ئۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى راھەتلىتەلەيمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالايمىز. ئەگەر بىز قىلغان ئىشىمىزنى ۋە كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقىمىزنى ئۆز مەسۇلىتىمىز ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا بىز ئۆزىمىز خالاپ قىلغان ئىشىمىز ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقىمىز ئۈچۈن، ئالدىراپ باشقىلاردىن بىر نەرسە كۈتمەيمىز ۋە ئالدىراپ باشقىلاردىن رەنجىمەيمىز. ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئىنسان بولغاچقا، قىلغان ئىشىمىزنى ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىشنى ئۈمۈت قىلىمىز؛ لىكىن بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەككى، بىز باشقىلاردىن رەنجىش، خاپا بولۇش، قىلغان ئىشىمىزنى ھەر كۈنى نەچچە قىتىم تەكىتلەش ۋە ياكى باشقىلارنى زورلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمەيمىز؛ بىز پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزلىتىمىز ۋە سۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلى نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا سازاۋەر بولالايمىز.

ھەر بىرىمىز ھەم ئۆزىمىزگە ھەم بىز تەۋە بولغان ئىجتىمايى چەمبىرەككە تەۋە. ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزىنى رازى قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن ئەتىراپتىكىلەرنى ۋە باشقىلارنى رازى قىلالايدۇ. ئۆزىنى رازى قىلالمىغان ئىنسان ھەرگۈز باشقىلارنى رازى قىلالمايدۇ؛ ئۆزىنى خوش قىلالمىغان ئىنسان ھەرگۈز باشقىلارنى خوش قىلالمايدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يىتىشىمىز، ئەتىراپىمىزدىكىلەرگە پوزىتىپ ئىنىرگىيە، خۇشاللىق ۋە ئۈمۈت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز چوقۇم پوزىتىپ، خوشال ۋە ئۈمۈتۋار بولىشىمىز كىرەك.


2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

No comments: