Friday, January 17, 2020

گىرمانىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كىلىپ چىققان ئويلار

گىرمانىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كىلىپ چىققان ئويلار

Yingi yiziq nusqisi
https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2020/01/girmaniyede-yuz-bergen-hujumdin-kilip.html

مەمەت ئىمىن

مەن يىقىندا سىياسى ئاكىتىپلىرىمىز ۋە سەرخىللىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان تەنقىت ۋە ھۇجۇملار توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئىپادىلەپ بىر ماقالە يازغان ۋە پىدائىلار ئىكرانىدا سۆھبەتتىمۇ بولغان ئىدىم. مەن ماقالامدا ۋە سۆھبەتتە ئۆزۈم كۈزەتكەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، خەلقىمىزنىڭ روھىي ھالىتىدىن چىقىش قىلىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا خىلى ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان، ئۆز -ئارا گۇمان قىلىش ۋە ئۆز- ئارا ئىنكار قىلىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان ئۆز - ئارا خاتا چۈشىنىش، ئۆز ئارا ئەيىپلەش ۋە ئۆز- ئارا ھاقارەت قىلىشنىڭ سەۋەپلىرى، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش توغۇرسىدا بەزى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويغان ئىدىم. مەن تۆۋەندە 12 - يانۋار كۈنى گىرمانىيەدە يۈز بەرگەن تەھدىت تۈسىنى ئالغان ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ماقالىغا قوشۇمقە قىلىپ، بۇ ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر توغۇرسىدا ئەمەس بەلكى بۇ ھۇجۇمنىڭ خارەكتىرى توغۇرسىدا قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.

كۆپۈنچىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىشى، مىللىيونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىزنىڭ لاگىر، تۈرمىلەرگە سولىنىشى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلىشى شۇنداقلا ۋەتەندىكى خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقلار سەۋەبىدىن، مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەلقىمىزنىڭ خىتاي كومۇنىستىك ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بولغان غەزەپ نەپرىتى تولۇپ تاشقان؛  نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چارەسىزلىك تۈپەيلىدىن ئەندىشە قىلىشقا، قايغۇرۇشقا، چۈشكۈنلىشىشكە ۋە ئۆز- ئارا گۇمان قىلىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا پەيدا بولغان بۇ ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلىدىن، خەلقىمىز ئىچىدە ئۆز - ئارا ھۇجۇم قىلىدىغان، بولۇپمۇ خەلقىمىز ئىچىدە تونۇلغان ۋە داۋادا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلىرىمىزنى قارىلاپ، ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان  ئەھۋاللار بىراز كۆپىيىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق سىياسى ئاكىتىپلىرىمىز ۋە سەرخىللىرىمىزگە ھۇجۇم قىلغانلار، ئاساسەن ئۆزلىرىنى ۋەتەن مىللەتكە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان  ھەقىقىي مىللەتچى قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خائىن، ساتقۇن قىلىپ كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەمىلىلەشتۈرىۋاتقان قورچاق ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق يان تاياق بولۇش ۋە ئۇلارنى قوغداش مەقسىتىدە، قارشى تەرەپكە ۋە ياكى سىياسى ئاكتىپلىرىمىزغا، سەرخىللىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ قەتىم گىرمانىيەدە يۈز بەرگەن تەھدىت تۈسىنى ئالغان ھۇجۇم ماڭا بەكلا غەيرى تۇيۇلدى. بولۇپمۇ گىرمانىيەدەك دەموكراتىك قانۇن دۆلىتىدە ئۇزۇن ياشاپ كىلىۋاتقان، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۇ جاسارەتنى نەردىن ئالغانلىقى مەنى تىخىمۇ ھەيران قالدۇردى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمۈتى ۋە ئۇنىڭ ۋەتەندىكى قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتەندە يۈزگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچۇرغانلار يالغۇز مەلۇم بىر شەخىس ۋە ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولۇپ قالماستىن، بەلكى ۋەتەندىكى مىليونلىغان خەلقىمىز، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق تۇققان، خۇلۇم خوشنا ۋە دوست بۇرادەرلىرى ئىدى. ۋەتەندىكى قىرغىنچىلىققا نارازى بولغان ۋە غەزەپ - نەپرەتكە تولغانلار، يالغۇز بىر ياكى بىر نەچچە شەخىس بولماستىن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، تومۇرىدا ئۇيغۇر قەنى ئەقىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئىدى. چۈنكى بۇ تەھدىت ۋە ھۇجۇم يالغۇز ئۆز - ئارا زىددىيىتى بار ئىككى شەخىس ئارىسىدىكى تەھدىت ۋە ھۇجۇم بولماستىن، بەلكى  مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرغا قىلىنغان تەھدىت ۋە ھۇجۇم ئىدى. ئۇ 70 يىلدىن بىرى بىزنى مۇستەملىكە قىلىپ كەلگەن، مىللىيونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىزنى لاگىرلارغا سولاپ جازالاۋاتقان قانخور ھاكىمىيەتنى قوللاپ،  ئۇلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان، خورلانغان ۋە دەپسەندە قىلىنغان خەلققە قىلىنغان تەھدىت ۋە ھۇجۇم ئىدى. ئۇ كومىنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى زومىگەرلىك ئىدىيەسىنىڭ دىموكراتىك قانۇن جەمىيىتىگە سىڭىپ كىرىشى، ئۇنى ئاياق ئاستى قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قىلغان تەھدىتى ئىدى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خىتايلار ئىچىدە،  خىتاي كومۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۇ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتنى قوللاپ، غەرىپتە خىتاي كومىنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى پالىيەت ئەلىپ بەرىۋاتقان دىموكراتىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى پالىيەتچىلىرىگە قارشى تۇردىدىغان خىتايلار خەلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق خىتاي دۆلىتى قانداقلا بولسۇن خىتاي خەلقىنىڭ دۆلىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇلارغا ۋەكىللىق قىلىدىغان ھاكىمىيەتتۇر. ئۇلار ئارىسىدىكى زىدىيەت پەقەتلا ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى كومىنىست پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار،  ياكى ھاكىمىيەتنى قوللۇغىچىلار بىلەن ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدىغان ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى زىدىيەت بولۇپ، بىز بىلەن خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بولماستىن، بەلكى مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى، ئەزگۈچى بىلەن ئىزىلگۈچى، قىرغىن قىلغۇچى بىلەن قىرغىن قىلىنغۇچى ئارىسىدىكى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيەتنى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا يان تاياق بولۇش مەقسىتىدە، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرغا قىلغان تەھدىتى، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان تەھدىت ۋە مىللەتكە قىلغان خائىنلىق ھىساپلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىرمانىيە بىلەن ياپۇنىيە، خوشنا دۆلەتلەرگە قارشى كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش قوزغاش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، گەرچە ئۇ گىرمان خەلقى ۋە ياپۇن خەلقىنىڭ جىنايىتى بولماستىن، بەلكى ئاساسلىقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتى ئىدى. بىراق ئۇرۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولغان ۋە ئۇرۇشنى ئوچۇقتىن ئوچۇق قوللاپ ھىمايە قىلغان كۆپلىگەن ئىنسانلار، ئۇرۇشتىن كىيىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازاغا ئۇچۇرغان، ۋە ياكى كەم دىگەندە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىنسانلىق ئەخلاقى جەھەتتە جىنايەتچى ھىساپلىغان ھەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن ئەپۇ سوراشقان ۋە تۆۋە قىلىشقان.

نورمالدا بىز نەدە ۋە قانداق ئائىلىدە دۇنياغا كىلىشىمىزنى، كىمنىڭ تۇققىنى بولۇشىمىزنى ئالدىن بەلگۈلىيەلمەيمىز. بىر ئىنساننىڭ مەلۇم بىر جىنايەتچى قانخۇر ۋە ياكى ئوغرى بۇلاڭچىنىڭ ئەۋلادى ياكى تۇققىنى بولۇشى، ئۇ ئىنساننىڭ خاتالىقى ئەمەس. ھىچكىم ئۆز ئاتا- ئانىسى ۋە ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭلىسىنى تاللىيالمايدۇ؛ بىراق ھەرقانداق ئىنسان جىنايەتچى قانخور ۋە ياكى ئوغرى بۇلاڭچىغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى، كىمنى قوللاپ كىمگە قارشى تۇرۇشنى، نىمە دىيىشنى، نىمە ئىش قىلىشنى تاللىيالايدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان ئۆز تۇققىنى قىلىۋاتقان جىنايەتتىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇ تۇققىنى بىلەن چىگرىسىنى ئايرىسا، ئۇ تۇققىنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتكە ئورتاق بولمىسا، ۋە  ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرسە، ئۇ ئىنساننىڭ كىم بولۇشىدىن قەتتىي نەزەر، ئۇنىڭغا نورمال مۇئامىلە قىلىش، ياكى ئۇ ئىنسان بىلەن نورمال ئالاقىدە بولۇش يامان ئىش ئەمەس. لىكىن ئۇ ئىنسان ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپ، مۇستەملىكە ھاكىمىيەت تەرىپىدە تۇرۇپ، مىللەتنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالسا، مىللەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن تۇققانلىرىدىن چەت چىگىرسىنى ئايرىماي، تۇققىنىڭ جىنايىتىگە ئورتاق بولسا، ئۇ تۇققىنىنىڭ جىنايىتىگە يان تاياق بولۇپ، ئۇنى قوللىسا، قوغدىسا، ئۇ چاغدا بىزگە چۈشكەن ۋە بىز قىلالايدىغان ۋەزىپە ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئەيىپلەش، ئۇلارنى قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىپ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ۋە جىنايىتىنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزۈشتۇر.

ۋەتەندىن ئايرىلىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى ۋەتەندە ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بىرلىرىمىز ياكى بەزىلىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى خەلى يۇقۇرى دەرىجىلىك مەنسەپلەر تۇتقان. ئۇلار گەرچە ۋەتەندە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بوي سۇنۇپ، باشلىقىنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن ئىش قىلىپ، بىلىپ بىلمەي مىللەتنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خەلى كۆپ قىسمى ئەركىن دۇنياغا چىققاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكە، قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن، ھەتتا بەزىلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە ئوچۇق ئاشكارە جەڭ ئەلان قىلىدىغان سىياسى ئاكىتىپلارغا ئايلانغان. گەرچە ئارىمىزدا ئاستىرىتتىن شەخسى مەنپەئەتىنى دەپ، يوشۇرۇن ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلار ئازدۇر - كۆپتۇر بولۇش ئىھتىمالى بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارىغان بىرسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى قورچاق رەھبىرىنى قوغداش مەقسىتىدە، سىياسى ئاكتىپلىرىمىزنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سەلىپ، ھۇجۇم قىلىشى، ئۇچىغا چىققان نامەرتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ مىللەتكە قىلىنغان ئاسىيلىق.

ئەگەر بىز يىقىنقى تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ، مۇستەملىكە ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋە ياكى مۇستەملىكە ھاكىمىيەتكە يان تاياق بولغان غالچىلار ئۆتكەن. بۇ قەتىم گىرمانىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم، بىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەن داۋايىمىزدا يۈز بەرگەن بىردىن بىر ھۇجۇم ئەمەس. ئەگەر بىز بۇ ئىشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىپ، بۇ ئىشنى لايىقىدا ھەل قىلمىساق، بۇنداق ھۇجۇملار بۇنىڭدىن كىيىن يەنە يۈز بەرىشى ھەتتە كۆپىيىشى مۈمكىن. شۇڭا ھەممىمىز بۇ قەتىمقى ھۇجۇم نىمە سەۋەپتىن ئوتۇرىغا چىقتى؟ ھۇجۇم قىلغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى يەتمەيدىغا ئەركىن، دىموكراتىك قانۇن دۆلىتىدە ياشاپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىگە قارشى ھالدا، باشقىلارغا تەھدىت قىلىدىغان  جاسارەتنى زادى نەدىن ئالدى؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقساق.

مەنىڭ قارىشىمچە ئۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. بىرىنچى: ھۇجۇم قىلغۇچىدا ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان ئەمەلدارلاردا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردە ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغان زومىگەرلىك ئىدىيەسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرۈۋەلىش مۇمكىن. ئىككىنچى: ھۇجۇم قىلغۇچى گەرچە ئۇزۇن مۇددەت غەرىپتە ياشىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ھىچقانداق قانۇن ئېڭىنىڭ يوقلۇقى، ئىش بەجىرىش ئۇسۇلىدا يەنىلا ئۆكتەملىك، مۇتىھەملىك، نامەرتلىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنى قارشى تەرەپكە ياكى رىقابەتچىسىگە كۈچى يەتمىگەندە ئۇنىڭ ئاجىز يېرىنى تۇتىۋەلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سەلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇچىغا چىققان نامەرتلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەرت، نورمال ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئۈچۈنچى: ھۇجۇم قىلغۇچىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى قورچاق ئەمەلدارلىرىنى كۈچلۈك يۆلەنچۈك دەپ بىلىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ قولى بىلەن خالىغان ئادەمنى جازالىيالايمەن دەيدىغان ئاڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىلىشىمىز كىرەككى نۇر بەكرىمۇ شۇنداق چوڭ ئەمەللەرگە ئەرىشكەن. تۆتىنچى: مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ ئۆز- ئارا شەخسىي زىددىيەت ۋە ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بىلەن مۇستەملىكە ھاكىمىيەت ۋە مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلق ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىن پەرقلەندۈرمەسلىكىمۇ سەۋەپ بولغان. شۇنى ئەنىق بىلىشىمىز كىرەككى كۆپۈنچە ئىنسانلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدىكى زىدىيەتلەر، شەخسىي زىددىيەت ۋە ياكى ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ، ئۇ پەقەتلا شەخسىي مۇناسىۋەت، كۆز قاراشتىكى پەرىق تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ھەرگىزمۇ شەخسىي زىددىيەت ياكى ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بولماستىن، بەلكى مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلق ئارىسىدىكى زىددىيەتتۇر. بەشىنچى: بىزدىكى پىرىنسىپسىزلىق ۋە كۆڭەلچەلىك.

ئۇنداقتا بىز كەلگۈسىدە بۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىمىز؟  مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىمىز؟ مىنىڭ قارشىمچە ئالدى بىلەن بىز، خەلقىمىز بىلەن مۇستەملىكە ھاكىمىيەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيىتىنى ئەنىق تونۇپ يىتىشىمىز، ئۇلارغا مۇئامىلە قىلغاندا، ھەرگىزمۇ شەخسىي زىددىيەت ۋە خەلقىمىز ئارىسىدىكى كۆز قاراش پەرقىدىن كىلىپ چىققان ئۆكتىچىلىك خارەكتەرىدىكى زىددىيەتلەرگە ئوخشاش مۇھامىلە قىلماسلىقىمىز لازىم. بولۇپمۇ شەخسىي زىددىيەتلەر ۋە ئۆز - ئارا ئۆچمەنلىك تۈپەيلىدىن، ئۆز پىرىنسىپىمىزنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىمىز، دۈشمەنگە دۈشمەندەك، رىقابەتچىمىزگە رىقابەتچىمىزدەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك. خىتاي ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قوللايدىغان، ئۇلارغا يان تاياق بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەنپەتىگە زىيان سالىدىغان سۆز ۋە ئىش- ھەركەتلەرنى قىلىدىغان غالچىلارغا ھەرگىز دوستانە، جامائەت مۇئامىلىسى قىلماسلىقىمىز، ئۇلارنى يىتىم قالدۇرىشىمىز كىرەك. زۆرۈر بولغاندا قانۇن بويىچە ئۆز ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغداپ، ئۇلارنى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، جازاغا تارتىشىمىز كىرەك. ئەڭ موھىمى، بىز چوقۇم پرىنسىپسىزلىق ۋە كۆڭەلچەكلىكىمىزنى تاشلاپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە پىرىنسىپ بويىچە مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك.

2020يىلى 1ئاينىڭ 16 - كۈنى

No comments: