Friday, April 15, 2016

ئالدامچىلىق

ئالدامچىلىق 

مەمەت ئىمىن


نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، مەن « ئالدامچى » ناملىق بىر كىنو كۆردۈممۇ ۋە ياكى شۇنداق بىر كىىتاپ ئوقۇدۇممۇ، ئىنىق ئىسىمدە يوق، ئىش قىلىپ ئالدامچىلىق توغۇرسىدا بىر نەرسە كۆرگۈنۈم ئىسىمدە. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئالدامچىنىڭ ئالدامچىلىق پەلسەپىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئالدامچىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن  كىشىلەرنىڭ  ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ كىچىكىنە پايدىنى كۆزلەيدىغان ئاچ كۆز كىشىلەر ئىكەنلىگى ئوتۇرغا قويۇلغان.  بۇ پەلسەپە مەلۇم نۇقتىدىن ئەيىتقاندا توغۇرا بولسىمۇ، بىراق ئالدامچىلىق تىز تەرەققى قىلىۋاتقان ۋە ئومۇملىشىۋاتقان  بۈگۈنكى كۈندە ئالدانغانلارنىڭ ھەممىسىنى كىچىكىنە پايدىنى كۆزلەيدىغان ئاچ كۆز ئادەملەر دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئالدامچىلىق بولسا ئىنسانلارنىڭ يالغان سۆز، مۇبالىغە قىلىش، كۆپتۈرۈش، ئەمىلىيەتنى  يوشۇرۇش، بۇرمۇلارش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق مەلۇم مەخسەتكە يەتمەكچى بولغان قىلمىشىدۇر. ئۇ سەمىمىيەتسىزلىك، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك قاتارلىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىەمىمىيەتسىزلىك يالغانچىلىقنىڭ باشلىنىشى، يالغانچىلىق ساختىپەزلىكنىڭ باشلىنىشى، ساختىپەسىزلىك ئالدامچىلىقنىڭ باشلىنىشى.  بىر ئادەمنىڭ ئالدامچى بولۇشى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى ئاھىلە ۋە مەكتەپ  تەربىيە، ئەتىراپتىكى مۇھىت،  ئىجتىمايى كۆچۈرمۈشلىرى،  ياشاۋاتقان جەمىيەتتنىڭ ئىجتىمايى تۈزۈلمىسى ۋە  قىممەت قارىشى قاتارلىقلار بىلەن  زىچ مۇناسىۋەتلىك.  سەمىمى مۇھىتتا سەمىمى ئىنسانلار يىتىشىىپ چىقىدۇ.  سەمىمى بولمىغان مۇھىتتا سەمىمى بولمىغان ئىنسانلار يىتىشىىپ چىقىدۇ.

بەزى كىشىلەر سەمىمىيەتسىزلىك، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە ئالدامچىلىقنى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ  مەسۇلاتى دەپ قارشسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئالدمچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشى باي كەمبىغەللىك پەرىقىنىڭ زورىشى ۋە جەمىيەتنەڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىشىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا دىننى ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى ۋە ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇلسا ئۇلار جەمىيەت تەرەققىياتى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى  ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە جەمىيەتنىڭ باراۋەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

پەقەت ئالدامچىلىق يوق جەمىيەت، مىللەت، رايۇن ۋە دوۋلەت بولمىسا كىرەك. بۈگۈنكى كۈندە گەرچە  ئالدامچىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تارقالغان بولسىمۇ، بىراق بەزى رايۇن ۋە دوۋلەتلەردە ئالدامچىلىق ئەھۋالى ئىغىر ھەم ئومۇملاشغان بولسا، يەنە  بەزى رايۇن ۋە دوۋلەتلەردە ئالدامچىلىق ئۇنچە ئىغىر دەرىجىدە ئەمەس.

مەسىلەن غەرىبى ياۋروپادىكى دوۋلەتلەردە، كانادا، ئامىركا، ئاۋۇرستىرالىيە، يىڭى زىرلاندىيە، ياپۇنىيە، جەنۇبى كورىيە، سىنگاپۇر قاتارلىق تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەردە ئالدامچىلىق نىسبەتەن ئۇنچە ئىغىر ئەمەس بولۇپ، بۇ دۆۋلەتلەردە  ياشاۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا نىسبەتەن سەمىمى. كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ مەۋجۇت. بۇ دۆۋلەتلەردە ئىشلەپ چىقارغان ھەر خىل ئىسىتىمال بويۇملىرىمۇ نىسبەتەن سۈپەتلىك، يالغان نەرسىلەر نىسبەتەن ئاز، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىستىمال بويۇملىرىنى خاتىرجەم  ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ. ئەكسىنچە جۇڭگو، ھىندىستان، مىكسىكا قاتارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان دۆۋلەتلەردە ئالدامچىلىق بىر ئاز ئومۇملاشغان ھەم نىسبەتەن  ئىغىر  بولۇپ، بۇ دۆۋلەتلەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا  سەمىمىيەتلىك نىسبەتەن كەمچىل. كىشىلەرئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك، ئۆز ئارا گۇمان قىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن  ئىغىر. بۇ دۆۋلەتلەردە ئىشلەپ چىقارغان ھەر خىل ئىسىتىمال بويۇملىرىنىڭ سۈپىتى نىسبەتەن تۆۋەن، يالغان ياكى سۈپەتسىز مەسۇلاتلارمۇ نىسبەتەن   كۆپ.

غەرىبى ياۋروپادىكى دۆۋلەتلەر ئىچىدە ئىتالىيەنىڭ بەزى ساياھەت شەھەرلىرىدە ئالدامچىلىق ۋە ئوغۇرى يانجۇقچىلىق ئەھۋالى غەرىبى ياۋروپادىكى باشقا شەھەرلەرگە  نىسبەتەن بىر ئاز ئىغىر بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىتالىيەنى ياۋروپادىكى "جوڭگو" دەپ ئاتىشىدىكەن.

جۇڭگودا بولسا  ئىختىزدى ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىنكى 20 - 30 يىل جەريانىدا جۇگونىڭ ئىىختىزادى  گەرچە غايەت زور دەرىجىدە  يۈكسەلگەن  بولسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىىتى غايەت زور بىر كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. جەمىيەتتە ھەر خىل يالغانچىلىق، ساختاپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق كەڭ داھىردە ئەۋجى ئىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك ئىقىمى كۈنسايىن ئىغىرلاشماقتا. يالغانچىلىق  ۋە ئالدامچىلىق يىمەك ئىچمەكتىن دورادەرمانلارغىچە، دىخانچىلىق مەسۇلاتلىرىدىن سانائەت مەسۇلاتلىرىغىچە، قەغەز پۇلدىن ئالتۇن كۈمۈش زىبۇ زىننەتقىچە، مۇھارىپ ۋە ئوقۇ ئوقۇتۇشتىن پەن تەخنىكىغىچە بولغان  ھەر قايسى ساھەلەرگە سىڭىپ كىرمەكتە

بىز جەمىيەتتىكى  ئالدامچىلىق ۋە ياكى باشقا يامان ئىلەتلەردىن سۆز ئاچقىنىمىزدا، بىز ئالدى بىلەن سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن ئىزدەپ، باشقىلارنى تەنقىت قىلىمىز ۋە ئەيىپلەيمىز. نورلمالدا بىز "مىنىڭ مەسئۇليىتىم بارمۇ؟" دەپ ئۆزىمىزدىن سۇئال سوراپ  باقمايمىز. ئەمىلىيەتتە بىر جەمىيەتنىڭ قانداق بىر جەمىيەت بولۇشى يالغۇز ئۇ جەمىيەتنىڭ قانۇن تۈزۈلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى شۇ جەمىيەتتە ياشىاۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، قىممەت قارىشى ۋە مەسئۇليەتچانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.  بىز بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى مەيلى شۇ جەمىيەتنى ئىدارە قىلغۇچى ھۆكىمەتكە باغلايلى ۋە ياكى بىرەر ساھەگە باغلايلى، ۋە ياكى بىر ۋە بىر گۇرپا كىشىلەر دەپ قارايلى، ئۇلار يەنىلا  ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ يەردە  دىيىلگەن ئىنسان كونكىرىت بىرشەخىسدىن تارتىپ شۇ دۆۋلەتنى، رايۇننى ۋە ئورگاننى باشقۇرۇپ ئىدارە قىلىۋاتقان بارلىق شەخىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بۇ جەمىيەتتە ياشىغۇچى ئىنسانلار ماددى بايلىقنى ئەڭ ئاساسى ئورۇنغا قويۇپ، مەنىۋى بايلىقنى «قوساق تويغۇزامتى» دەپ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىسە، جەمىيەتنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت ئۆلچىمى تۆۋەنلەپ، پۇل بولسا ھەرقاندا ئىش قىلغىلى بولىدۇ دەيدىغان بىر ئىقىم شەكىللىنىدۇ. نەتىجىدە  مال دۇنيا ئۈچۈن ھەر ئىش قىلىشتىن يانمايدىغان،  ھەم پۈل ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان، ھەر قانداق كاززاپلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىشتىن يانمايدىغان ئىنسانلار دۇنياغا كىلىدۇ.

مەسىلەن بىز سودىلىق قىلىش جەريانىدا بىرسى بىزگە 100 سوم يالغان پۇل بەرسە ۋە ياكى بىرسىنىڭ بىزگە 100 سوم يالغان پۇل بەرگەنلىكىنى بايقىغىنىمىزدا، ئالدى بىلەن بىز  بىزگە شۇ يالغان پۇلنى بەرگۈچىنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى ئەيىپلەيمىز، ۋە ئۇنى مىڭ كىرە قاغايمىز، بىراق ئارقىدىنلا  ئامال قىلىپ شۇ يالغان پۇل بىلەن بىر نەرسە سىتىۋىلىپ، ئۇ زىياننى تولۇچلىۋىلىشقا ئۇرۇنىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇيالغان پۇل قولدىن قولغا ئۆتۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى "زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى" غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ يەردىكى پۈتۈن زىيان باشتىن ئاخىر گەرچە  پەقەت ۋە پەقەتلا 100سوم بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى "زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى" دەپ قارىغۇاچىلارنىڭ سانى بەلكىم 5 بولۇشى، ۋە ياكى 10 بولۇشى، ھەتتا 100 - 200 بولۇشى مۈمكىن.  بۇ   "زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى" لار باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغانلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان غەزەپ نەپىرىتىنى باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىككە ئايلاندۇرۇپ، باشقىلارندىن"قىساس" ئىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يولىنى تاللىغان،  نەتىجىدە "زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى"  دىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئالدامچىغا ئايلانغان.  ئەگەر تۇنجى ئالدانغان ئادەم پاك ۋىجدانىنى 100سومدىن ئەلا كۆرۈپ، ئازراق زىياندىن ۋاز كەچسە ئىدى، كىيىنكى ئالدامچىلىقلار يۈز بەرمەس ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئاددى مىسال، جەمىيەتتە يۈز  بىرىۋاتقان ئالدامچىلىق بۇنىڭدىن كۆپ مۈرەككەپ، بىراق شۇ مۈرەككەپ ئالدامچىلىقلار  بىراقلا شۇنداك مۈرەككەپ ئالدامچىلىق سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى  شۇنداق بىر ئاددىدىن مۈرەككەپكە، كىچىكتىن چوڭغا، تار داھىردىن كەڭ داھىرگە تەرەققى قىلغان.

ھازىر جەمىيەتتە كىشىلەر ئالدانغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغاندىن كىيىن شەكىللەنگەن "ئۆچ ئىلىش" پىسخىكىسى ئىنسانلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن،  بۇ خىل "ئۆچ ئىلىش" پىسخىكىسى بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش بولۇپ، ئالدانغانلارنىڭ كۆپىيىشى ئالدامچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا.  ئەيتىشلارغا قارىغاندا 2010 يىلىدىن بۇيان ئىچكىرگە بالا ئالداپ ئەكىرىپ يانجۇقچۇلۇچ ۋە ئوغۇرلۇققا سىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى  1990 ۋە 2000  يىللاردا  باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ، ئوغۇرلۇققا مەجبۇرلانغانلار ئكەن.  ئەسلى قاھىدە بويىچە ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچۇراشنىڭ دەردىنى ئوبدان بىلىشى ۋە باشقىلارنى ئالداپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقى كىرەك ئىدى، بىراق ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇلار جەمىيەتكە بولغان بىر خىل ئۆچمەنلىك پىسخىكىسى بىلەن، ئالدامچىلىق قىلىپ، باشقىلارندىن ئۆچ ئىلىش يولىنى تاللىۋالغان.

بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلسا يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ قىلىمىشىنىڭ ئالدامچىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلماقتا. بەزىلەر ئۆزى باشلامچە بولۇپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتسا، يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا شىرىك بولماقتا ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغا ھەمكارلاشماقتا. ھازىر جەمىيەتتە ئەۋجى ئالغان ھەر خىل ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرىنى ھەممە كىسەلگە شىپا قىلىدىغان دورا دەپ، ئۇلارنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلىپ، راس بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سىتىش بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. ئۇ مەسۇلاتلارنى مەيلى قايسى دۆۋلەت ئىشلەپ چىقارغان بولسۇن، مەيلى باشقىلار نىمە دىگەن بولسۇن، ئەگەر رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا كۆپتۈرۈلسە، مۇبالىغە قىلىنىسا، باشقىلارنى ئالدىغانلىق بولىدۇ.

ئالدامچىنىڭ ۋىجدانى يوق، بىراق ئالدامچىنىڭ ئەڭ ۋىجدانسىزى ياماننى ئالدىيالماي ياخشىنى ئالدايدىغان،  كۈچلۈكنى ئالدىيالماي ياۋاشنى ئالدايدىغان،  باينى  ئالدىيالماي  كەمبىغەلنى  ئالدايدىغان، ساقنى ئالدىيالماي، كىسەل ۋە ئاجىز مىيىپلارنى ئالدايدىغان،  مال دۇنيا ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ۋە ھاياتىنى خەتەرگە ئىشتىردىغان ئالدامچىلار بولسا كىرەك.

ھەرقانداق بىر جەمىيەتنىڭ ساغلام بىر جەمىيەت بولۇش ۋە بولماسلىقىدا، شۇ جەمىيەتتە ياشىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ مەسئۇليىتى بار.  ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ساغلام بىر جەمىيەت بولسۇن دىسەك، ھەممە ئادەم ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشى كىرەك.

No comments: