Tuesday, September 10, 2019

ئوقۇتقۇچۇمنى ئەسلەپ

ئوقۇتقۇچۇمنى ئەسلەپ


بۈگۈن 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى پۈتۈن خىتتايدا جۈملىدىن بىزنىڭ ۋەتەندە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولۇپ، مەن بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىنىڭ ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىشتىن بىرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

مىنىڭ كىيىنكى ھاياتىمغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم، مىنىڭ تولۇق ئوتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم ۋە پەلسەپە (سىياسەت) ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ، مەن تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنى تۈگۈتۈپ، داۋاملىق ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ۋاختىمدا، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ۋە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ، مىنىڭ تولۇق ئوتۇردا داۋاملىق ئوقۇشۇشۇمغا ۋە ھازىرقى ھاياتىمدا ياشاشقا سەۋەپ بولغان ئىدى.

مەن 1978 - يىلى تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ سىنىپقا ھەپتىدە ئىككى قىتىم پەلسەپە يەنى ماركىسىزىم نەزىريەسى دەرىسى ئۆتكەن ئىدى ۋە مىنى پەقەت يىراقتىن بىلەتتى. 1981 - يىلى مەن تولۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئوتۇرا تەخنىكۇمغا ئىمتاھان بەرگەن ۋە ئىمتاھاندا گەرچە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن بولساممۇ، بىراق مىنىڭ ئورنۇمغا باشقا بىرسىنى ئالماشتۇرىۋەتكەنلىك سەۋەپتىن ئوتۇرا تەخنىكۇمدا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان ئىدىم. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر شۇ ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن، قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ، مىنى ئوقۇماسلىققا دەۋەت قىلغان ئىدى. 1981- يىلى 11- ئايلاردا، يەنى مەكتەپتە ئوقۇش باشلاپ ئىككى ئايدىن كىيىن، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم ئۆيگە ئادەم ئەۋەتىپ، ماڭا ۋە بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ، مىنى داۋاملىق ئوقۇشقا كۆندەرگەن ۋە ئۆزى سىنىپ مۇدىرى بولغان بىزنىڭ ناھىيە بويىچە بىردىن بىر نۇقتىلىق سىنىپقا ئىمتاھانسىز قوبۇل قىلغان ئىدى.

ناھايتى ئەپسۇس، ئۇ چاغلاردا "دىن ئادەم زەھەرلەيدىغان ئەپىيۇن" دەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان يىللار بولۇپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىممۇ دىنغا قارشى ۋە دىننى ئىنكار قىلىدىغان، ئەمما ئاق كۆڭۈل، مەرت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان، مەرىپەتۋەر ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەن تولۇق ئوتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ناھايتى كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇرغۇنلىغان ياخشى ئۈگۈنۈش شاراھىتلارنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. مەن تولۇق ئوتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، مەن ئۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماي،  يۇقۇرى نەتىجە بىلەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ئىدىم.

مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم تىل راكىغا گىرىپتار بولۇپ قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئوپىراتسىيە قىلىپ تىلىنى كىسىۋەتكەن ئىدى. مەن تەتىلدە ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا يوقلاپ بارغىنىمدا، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پۇشايمانلىرىنى يىزىق ئارقىلىق ماڭا ئىزھار قىلغان ئىدى. كىيىن ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

ئەسلى تىل راكى، باشقا ھەرقانداق بىر راك كىسىلى ۋە ياكى باشقا كىسەللىكلەرگە ئوخشاش ھەرقانداق ئىنسان گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالى بولغان بىر خىل كىسەللىك بولسىمۇ، ھەم ئۇنىڭ دىننى ئىنكار قىلىش بىلەن ھىچقانداق سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، بىراق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تىگىگە يىتەلمىگەن ھادىسلەر ئالدىدىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن، داۋاملىق دىننى ئىنكار قىلىدىغان ئۇ رەھمەتلىك ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تىلىدا ئۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشىغا قاراپ، نۇرغۇن ئادەملەر چۆچۈشكەن ۋە تۆۋە قىلىشقان ئىدى. ئەپسۇس ئۇلار، ئەگەر ئىنسانلار دىننى ئىنكار قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا ئاللاھ تەرىپىدىن جازالىنىدىغان ئىش بولسا، بۇ دۇنيادا زۇلۇم كۆرىۋاتقان ۋە كۈلپەت چىكىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسۇلمانلار بولماستىن، بەلكى دىنسىزلار بولىدىغانلىقىنى، ئەمىلىيەتتە بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسى ئىكەنلىگىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

86 - يىلى ياكى 87 - يىلى بولسا كىرەك، مەن تۇققان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتقا بارسام، ئۇ رەھمەتلىك ئوقۇتقۇچۇم بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ئۇ ئوقۇتقۇچۇمدىن چەت چىگىرسىنى پۈتۈنلەي ئايرىپ، بىراقلا 180 گىرادۇد ئۆزگۈرەپ، ھىچ بىر جۈمەدىن قالمايدىغان تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەن ئىكەن. يەنە ناھايتى ئەپسۇس، ئۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەر، ئوقۇتقۇچۇم ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن پۈتۈن دوست بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ، يالغۇزلا قالغان ئىكەن. بىر قىتىم مەن ئۆقۇتقۇچۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ بارسام، رەھمەتلىك ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ، كونا دوستلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ، ئۆز بىشىغا كەلگەن دەرت ئەلەملىرىنى ئەيتىپ بەرگەن ئىدى. بۇلاردىن خەلقمىزدىكى نادانلىقنىڭ نەقەدەر ئىغىر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كىرەك. چۈنكى ئۇ "كونا دوستلار"،ئۇ  ئوقۇتقۇچۇم دىنغا قارشى تۇرغاندا، دىننى ئىنكار قىلغاندا ئەمەس، بەلكى تىل راكىغا گىرىپتار بولۇپ، بىشىغا ئىغىر كۈنلەر كەلگەندە، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭمۇ تىل راكىغا گىرىپتار بولۇپ، تىلى كىسىلىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن يىراقلاشقان ئىدى.

مەن ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇزۇن بىر زامان، ئۇ ئوقۇتقۇچۇمنى ھۆرمەتلەشنى ياكى ئۇنىڭ دىننى ئىنكار قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنى ئەيىپلەشنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم. كىيىن ئويلاپ باقسام، كومنىست خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزگەن دىننى چەكلەش، دىننى بۇرمىلاش ۋە ياكى دىننى ئىنكار قىلىش سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن، خەلقىمىز دىنىي بىلىملەرنى ئۈگۈنۈش پۇرسەتلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇنى توغرا ئۈگۈنۈش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ۋە نادان قالدۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە تەلىم ئالغان بىر قىسىم زىيالىلار، شۇ دەۋەئىردىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن دىنسىز بولۇپ يىتىشكەن بولسا، يەنە كۆپ قىسىم ئاۋام خەلق دىننى توغرا ئۈگىنەلمەي، ھەممە ئىشنى دىنغا باغلايدىغان، بىشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى تەقدىردىن كۆرۈپ، كۆرگەن كۈنىگە قانائەت قىلىدىغان ۋە ياكى تەقدىرگە تەن بىرىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن. مەن ئاللاھتىن ئۇ ئوقۇتقۇچۇمنىڭ شۇ رەزىل تۈزۈلمە سەۋەبىدىن بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى كۆچۈرۋىتىشنى تىلەش بىلەن بىرگە شۇ نادان قالغان خەلقىمگە ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.

ئەمدىلىكتە قارايدىغان بولساق، ۋەتەندە ئۇ ئوقۇتكۇچۇم ئوقۇغان ۋە ياشىغان مەدىنيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىن كىيىنكى يەنە بىر قىتىملىق كەڭ كۆلەملىك دىننى چەكلەش، دىننى بۇرمىلاش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىش سىياسىتى يۈرگىزىلىۋاتقان بولۇپ، خىتتاي ھۆكۈمىتى، بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنى ئۆز دىننى ئىتىقادى ۋە مىللى كىملىكىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرى قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنى دىنىي ئەسەبىلىك ۋە تىرورلۇققا باغلاپ يوق قىلماقتا. بىر قىسىم ئىنسانلىرىمىز بولسا، دىنىمىزدا ئوتۇرغا قويغان تەلىماتلارنى توغرا ئۈگۈنۈش ۋە ئۇنى توغرا ئىجرا قىلىشنىڭ ئورنىغا، دىنىي تەلىماتلارنى خاتا ئىستىمال قىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماقتا. ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، دىننى ئىنكار قىلغانلارنىڭ "تىل راكى" غا گىرىپتار بولۇپ، تىلى كىسىلىپ كىتىشتىن ساقلاش بىلەن بىرگە، ئەڭ موھىمى دىننى سۇيى ئىستىمال قىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان شۇ نادان خەلقىمىزنى، توغرا يولغا باشلار.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى


No comments: