Sunday, September 22, 2019

بىزدىكى ئىنكار قىلىش پىسخىكىسى

بىزدىكى ئىنكار قىلىش پىسخىكىسى


مەمەت ئىمىن

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، ۋەتەندىكى لاگىر مەسىلىسىنىڭ ئوتۇرغا چىقىشى ۋە ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ توسالغۇغا ئۇچۇرشى نەتىجىسىدە، بىزنىڭ ئىجتىمايى تاراتقۇلىرىمىزدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يىڭىلىقلار دۇنياغا كەلدى. خەلقىمىز ئىچىدە يۈزلىك (فەيىس بووك)، تۋىتتەر قاتارلىق ئىجتىمايى تاراتقۇلارنى ئىشلىتىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپەيدى. كۆپلىگەن ۋھاتساپپ گۇرپىلىرى قۇرۇلدى. خەلقىمىز بۇ ئىجتىمايى تاراتقۇلار ئارقىلىق ۋەتەندىكى ۋەزىيەتلەرنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئەركىن ئىزھار قىلىشىدىغان بولدى. خەلقىمىزگە، ئۆز ئارا تونىشىدىغان، ئۆز ئارا چۈشىنىشىدىغان، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەتتا بىر بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان پۇرسەتلەر ھازىرلاندى. ماڭا نىسبەتەن خەلقىمىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ۋە پىسخىكا روھىي ھالىتىنى ئەتىراپلىق كۈزىتىدىغان بىر پۇرسەت ۋە سورۇن ھازىرلاندى. مەن بۈگۈن ئۇزۇندىن بىرى كۈزۈتۈپ كىلىۋاتقان خەلقىمىز ئىچىدىكى ئىنكار قىلىش پىسخىكىسى توغۇرسىدا ئازراق توختالماقچىمەن.



ئىنكار قىلىش (Denial) دىگىنىمىز ئىقرار قىلىش، قوبۇل قىلىش بىلەن قارشى مەنادىكى سۆز بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەسۇليىتىدىن قىچىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى. ئىنكار قىلىش گەرچە ھەرقانداق ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ئازدۇر كۆپتۇر مەۋجۇت بولغان خائىش بولسىمۇ، بىراق ئۇ نورمالدىن ئاشسا بىر خىل روھىي كىسەللىك ھىساپلىنىدۇ. مەن كۈزەتكەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بىزدىكى بۇ ئىنكار قىلىش خائىشى باشقىلاردىن ئىغىر، ھەم دائىرسى كەڭ بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ كۈندۈلۈك ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكىدەك بىر خىل روھىي كىسەللىك باسقۇچىغا يەتكەندەك. بەلكىم مەن خاتالاشقاندىمەن. بەلكىم مەن ئۇنى كۆپتۈرىۋەتكەندىمەن. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتتى نەزەر، مەن ئۆزۈم كۈزەتكەن خەلقىمىز ئىچىدىكى ئىنكار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى ۋە ئۆزىمنىڭ ئۇ مەسىلەلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىمنى يىزىپ، ۋەتەنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۈزىتىشىگە ئاساسەن يىزىپ چىققان شەخسى كۆز قاراش بولۇپ، توغرا بولغان تەرەپلەر بولسا توغرا بويىچە، توغرا بولمىغان تەرەپلەر بولسا، ئۇنى توغۇرلاپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بىزدە مەۋجۇت بولىۋاتقان ئىنكار قىلىشلار:

1. پىكىر ۋە كۆز قاراشتا ئوخشاش بولمىغانلارنى ئىنكار قىلىش.
2. پەننى زىيالىلار بىلەن دىننى ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىنكار قىلىش
3. ئىسلام دىنى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان دۆلەتلەردە ياشۋاتقانلار بىلەن غەرىپ دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىنكار قىلىش.
4. ئىسلام دۆلەتلىرىدە تەربىيە ئالغان قىرىنداشلارنىڭ غەرىپ قىممەت قارىشىنى ۋە غەرىپنىڭ ئىنسان ھەق ھوقۇق تەشەببۇسىنى ئىنكار قىلىش.
5. غەرىپ دۆلەتلىرىدە تەربىيە ئالغان قىرىنداشلارنىڭ مۇسۇلمانلاردىكى ئەنەنىۋى ئادەت ۋە كۆز قاراشلارنى ئىنكار قىلىش
6. ئەڭ موھىمى كۆڭلىمىزگە ۋە سوبىكتىپ ئاريۇمىزغا ياقمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش.

بىلىشىمىز كىرەككى، ھەرقانداق شەيىنىڭ مىكرو ۋە ماكرو قۇرۇلمىسى بولىدۇ.  شەيىلەرنىڭ مىكرو قۇرۇلمىسىنى كۈزۈتۈش ئۈچۈن،  ئۇنى يىقىندىن كۈزۈتىشكە توغرا كىلىدۇ.  شەيىلەرنىڭ ماكرو قۇرۇلمىنىسى توغرا ۋە ئەتىراپلىق كۈزۈتۈش ئۈچۈن،  ئۇنىڭغا سىرىتتىن قاراشقا توغرا كىلىدۇ.  چەمبىرەكنىڭ ئىچىدە تۇرغان ئادەم،  چەمبىرەك ئىچىدىكى بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارنى ياخشى ۋە توغرا كۈزىتەلىگەن بىلەن،  ئەڭ كۆپ بولغاندا چەمبىرەكنىڭ پەقەت 145 گىرادۇس دائىرسىنى كۆرەلەيدۇ.  چەمبىرەكنىڭ 360 گىرادۇس دائىرسىنى تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن،  چەمبىرەكنىڭ سىرتىغا چىقىپ قاراشقا توغرا كىلىدۇ.  شۇڭا چەمبىرەكنىڭ ئىچىدىكىلەر،  چەمبىرەك تىشىدىكىلەرنى،  چەمبىرك تىشىدىكىلەر چەمبىرەك ئىچىدىكىلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.  چۈنكى ئۇلار بىر بىرىنى تولۇقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.  شەيىلەرگە توغرا ۋە ئەتىراپلىق باھا بىرىپ، توغرا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن،  ئىككى تەرەپنى بىرلەشتۈرۈش،  يەنى چەمبىرەكنى ھەم ئىچىدىن، ھەم سىرتىدىن كۈزۈتىش كىرەك. باشقىلار پىكىر قىلغاندا،  ۋاختىمىز بولسا،  ئاڭلاپ تەپەككۇر قىلىپ،  ئاندىن پىكىر قىلايلى.  ئەگەر ئاڭلىغىدەك ۋاختىمىز بولمىسا،  نىمە دەۋاتقانلىقنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،  ھىسياتىمىزغا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىپ،  باشكىلارنى ئىنكار قىلمايلى.

2015 – يىلى گەرمانىيەدە ياشايدىغان رۇنە يەنى ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈسۈپجان دىگەن دوستىمىز مەن خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتە "ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتى" توغۇرسىدا 2 سائەتلىك ئىلمى دوكىلار بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ دوكىلاتىنى ئاڭلاپ، بىر چەتەللىكنىڭ بىزنىڭ توي ئادەتلىرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە نۇقتىلارنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نىمە مەناسى بارلىقىنى بىر بىرلەپ ئوتۇرغا قويغانلىقىدىن ھەيران بولغان ئىدىم. كىيىن مەن نۇرغۇن ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق،  ئۇنىڭ "ئىنسانلار ئادەتلەنگەن مۇھىتتىكى ئادەتلەنگەن شەيىلەرنىڭ ئىنسانلاردا ئالاھىدە دىققەت قوزغىمايدىغانلىقى" بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. دىمەكچى بولغۇنۇم بەزى ئادەتلەر، بەزى ھادىسلەر، بەزى شەيئېلەر، مەيلى ئۇ توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ئۇ بىزنىڭ نورمال ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئالاھىدە تۇيۇلمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ دىقىتىمىزنى قوزغىمايدۇ، بىزمۇ ئۇنىڭ مەۋقۇتلىقىنى پەرىق ئەتمەيمىز. مەسىلەن بىز كۈندە ياشىغان مۇھىتتا، بىز تۇغۇلغاندىن بىرى مەۋجۇت بولغان مەلۇم شەيئى، بىزنىڭ ئالاھىدە دىقىتىمىزنى قوزغىمىغان بولىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن ئۇ شەيى كۈندە كۆزىمىزگە چىلىقىپ تۇرسىمۇ، بىز ئۇنى كۆرمەيمىز. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ شەيى ئۇشتۇمتۇت كۆزىمىزدىن غايىپ بولسا، ئۇ بىزنىڭ دىقىتىمىزنى دەرھال تارتىدۇ. شۇڭا ئىنسان مەلۇم شەيىنى ئەتىراپلىق كۈزەتمەكچى بولسا، بىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، سىرىتتىن باقماق لازىم، يەنە بىر باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن باقماق لازىم.

نورمالدا بىرەر ئىنسان مەلۇم كۆز قاراش ياكى ئۆزگىچە ئىدىيەنى ئوتۇرغا قويغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا پەقەت ئۇ كۆز قاراش ۋە ئىدىيەنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىماسلىقىغا، ياكى ئۇ كۆز قاراش ياكى ئىدىيەنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىغا قاراپ باھا بىرىدۇ. ئوتۇرغا قويۇلغان كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەر، ئۆزى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئۇنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى قوللايدۇ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن دىيىشىپ، ئۇنى مەدھىكەيدۇ. ئەگەر ئوتۇرغا قويۇلغان كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەر ئۆز بىلەن پۈتۈنلەي پەرىقلىق بولسا، ۋە ياكى ئۇنى پەقەت ياخشى كۆرمىسە، ئۇ كۆز قاراش ۋە ئىدىيەنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتتى نەزەر، ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇ كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەر ئۇ ئىنسانلار بىلەن ئوخشاش بولغاچقا،  ئۇنىڭدا ھىچقانداق پەرىق ۋە يىڭىلىق بولمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلار ئۇ كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەردىن ئۆزى بىلمىگەن يىڭى نەرسىلەرنى ئۈگۈنەلمەيدۇ. ئەكسىنچە، ئىنسانلار دەل شۇ ئۆزىدىن پەرىقلىق بولغان كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەردىن ئۆزلىرى بىلمىگەن يىڭى نەرسىلەرنى ئۈگىنەلەيدۇ. مەن يىقىندا يازغان "مۇنازىرە ئەخلاقى ۋە بىزدىكى رېئاللىق" دىگەن ماقالىدا بۇ جەھەتتە تەپسىلە توختالغان ئىدىم.

يىقىندا ئۆزىگە كاسىنى دەپ تەخەللۇس قويغان بىر قىرىندىشىمىز ئىلان قىلغان "تىمتاس ئەمەس ئىستانبۇل" دىگەن بىر ماقالا، ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر خىل ئىنكاسلار چۈشكەن. بەزىلەر ئۇنى ئۆزگۈچە يىزىلغان ماقالە دىيىشكەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىسلام دىنىغا قىلىنغان توھمەت دەپ ئىنكار قىلىشقان. بەزىلەر ئۇنى خەلقىمىز ئىچىدە مەۋجۇت بولغان يامان ئىللەتلەرنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن دىسە، يەنە بەزىلەر ئارىمىزدىكى ئايرىم مەسىلىلەرنى بۈيۈتۈپ، خەلقنىڭ دىقىتىنى خاتا يۆلۈنۈشكە بۇراشقا ئۇرۇنغان دەپ ئىنكار قىلىشقان. بەزىلەرنى ئۇنى ھەتتا يامان نىيەت بىلەن يازغان، خەلق ئىچىدە ئىچكى زىدىيەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن يازغان دەپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، ئۇ ماقالىدا ئوتۇرغا قويغان مەسىلە ئومۇملۇققا ئىگە بولمىغان موھىم مەسىلە ئەمەس، ئالدىمىزدىكى جىددى مەسىلە لاگىرنى تاقاش، ئالدىمىزدىكى موھىم مەسىلە خەلقىمىزنى ھۆرلىككە چىقىرىش؛ ئەگەر بىزدىكى موھىم مەسىلە ھەل بولسا، يەنى خەلقىمىز گىرىپتار بولغان دۈشمەننىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئىبارەت يۈرەك كىسىلى ساقايسا، قالغان ئىشلار ئۆزلىگىدىن ھەل بولۇپ كىتىدۇ دەۋاتىدۇ. توغرا، لاگىرنى تاقاش ھازىرقى جىددى مەسىلە؛ ئالدى بىلەن لاگىرنى تاقاپ، خەلقىمىزنى ئازراق بولسا ئەركىن نەپەس ئالدۈرشىمىز كىرەك؛ بىراق شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان تەھدىت يالغۇز لاگىر ئىچىدە ئەمەس؛ لاگىر خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسىتىگە يىتىشتىكى بىر ۋاستە؛ لاگىر ھەرگۈزمۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەخسىتى ئەمەس؛  شۇڭا لاگىرنىڭ تاقىلىشى بىلەن خەلقىمىز يۈزلەنگەن تۈپ مەسىلە ھەل بولماي. توغرا، بىز مۇستەملىكىلىكتىن قۇتۇلساق، نۇرغۇن ئىشلىرىمىزدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، بىراق ھەممە ئىشىمىز ئۆزلىگىدىن ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ.

يۈرەك كىسىلى ھازىر خەلقارادا بىرىنجى نومۇرلۇق قاتىل دەپ ئاتالغان كىسەللىك بولۇپ،  ئۇ ھەقىقەتەن ئالدىن داۋالاش كىرەك بولغان ھايات مامات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىگىر كىسەللىك.  بىراق ھازىرقى زامان تىببىئى ئىلىمىنىڭ ئەڭ ئالى غايىسى،  يالغۇز كىسەلنى داۋالاش بولماستىن،  بەلكى كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش.  كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش،  تارىختىن بىرى كىسەل داۋالاشتەك ئىتىۋارغا ئىلىنماي كەلگەن مەسىلە بولۇپ،  ھازىر تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئۇنىڭ موھىملىقى تىببىئى ئالىملارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا. تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەخ سالماقتا. بىزچۇ،  كىسەل بولۇپ ئامال بولمىغاندا،  ئاندىن داۋالاشنىڭ كويىدا. كىسەل بولۇپ، سالامەتلىكىمىزنى يوقاتقاندا، ئاندىن سالامەتلىكنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى تونۇپ يىتىمىز،  لىكىن ئۇ كىسەل قانداق پەيدا بولغان،  نىمە سەۋەپتىن پەيدا بولغان دىگەننى بەك ئويلاپ كەتمەيمىز.  شۇ سەۋەپتىن بىز يەكەن خاندانلىقى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،  ھەتتا ئۇ مەغلۇپ بولۇشتىن بۇرۇنقى دەۋىردىن باشلاپ يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشقا باشلىدۇق،  ۋە ئۇندىن كىيىن بىز  بۇ يۈرەك كىسىلىگە قايتا قايتا گىرىپتار بولۇپ كەلدۇق.  گەرچە ئارىلىقتا ئۇ يۈرەك كىسىلىمىزنى داۋالاشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، ھەم قىسقا مۇددەتلىك ئازراق ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، بىراق داۋالاش يەنىلا ئۈنۈم بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ يۈرەك كىسىلىمىز يىلدىن يىلغا ئىغىرلىشىپ كەتتى.  چۈنكى بىز ئۇنىڭ سەۋەپلىرى جەھەتتە بەك كۆپ ئويلاشمىدۇق؛ بىرسى قوپۇپ، بىز نىمە ئۈچۈن يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولاۋىرىمىز، ئۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە دەپ ئويلاپ، بەزى سەۋەپلەرنى ئوتۇرغا قويسا، بەزىلىرىمىز قوپۇپ، سەن نىمە ئۈچۈننى قويۇپ،  ئەۋەل ما يۇرەك كىسىلىنى داۋالاشنى ئويلاشقىن، يۈرەك كىسىلىمىز ساقايسا ئۇ ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ ياكى ئۇنى كىيىن ئويلىشىۋالىمىز دەپ، پىكىر قىلغان كىشىنى ئىنكار قىلساق، يەنە بەزىلىرىمىز ئۇ دىگەن كىچىك مەسىلە، بىزنىڭ يۈرەك كىسىلىمىز بىلەن نىمە ئالاقىسى بار دەپ ئۇ پىكىرلەرنى ئىنكار قىلىشتۇق.  شۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ يۈرەك كىسىلىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئويلاشقا پۇرسىتىمىز بولمىدى.  چۈنكى بىز يۈرەك كىسىلىنىڭ تاق سەۋەپتىن ئەمەس، نۇرغۇن چوڭ كىچىك سەۋەپلەرنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيىتتۇق. چۈنكى بىز يۈرەك كىسىلىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي،  پەقەت ئۇنى داۋالىتىشنىڭلا كويىدا ئىدۇق.  كىسەلنىڭ سەۋەبى ھەل بولمىسا،  ئۇ كىسەلنى داۋالاپ ساقايىتقاندىن كىيىن،  ئۇنىڭغا يەنە قايتا گىرىپتار بولىدىغانلىقنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيىتتۇق. 

شۇڭا قىرىنداشلار يۈرەك كىسىلىنى داۋالاشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىگەندە،  بەزىلەر ئۇنىڭ سەۋەبى توغۇرسىدا ئىزدەنسە،  ئۇ توغۇرسىدا پىكىر قىلىسا، ئۇنى ئالدىراپ ئىنكار قىلمايلى.  چۈنكى يۈرەك كىسىلى بىر قىتىم داۋالاپ ساقايتىلغان بىلەن،  تەل تۆكۈس ساقىيىپ كىتىدىغان كىسەل ئەمەس.  ئۇ يەنە قايتا قايتا قوزغىلىدۇ. پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىق تۈپەيلىدىن بىر بىرىمىزنى ئىنكار قىلمايلى؛ چۈنكى بىز بىنانىڭ ئالدىدىن بىناغا كۈزەتكىنىمىزدە، بىنانىڭ كەينىدە ۋە بىنانىڭ ئىچىدە نىمە بار، ئۇنى كۈزەتكىلىمۇ ئادەم لازىم. بىز يۈزىمىزدىكى قارىنى پەقەت ئەينەك ياكى باشقىلارنىڭ ياردىم ئارقىلىق بايقايمىز. ئالدىراپ غەرىپنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا غەرىپتىكى تەرەققىياتقا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى، ۋە ئۇلارنىڭ يىقىنقى 100 – 200 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنىڭ، مۇسۇلمانلار ۋە ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى قۇدىرەتلىك دەۋىرلىرىمىزنى يوقۇتۇپ، ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى؛ سەۋەنلىكنى يالغۇز باشقىلاردىن ئىزدىمەي، ئۆزىمىز نەدە كەتكۈزۈپ قويدۇق دەپ ئويلاپ باقايلى. بىزدىكى ھەممە يامان ئىللەتلەرنى، يالغۇز ئۆزىمىزنىڭ مۇستەققىل دۆۋلىتىمىز بولمىغانلىقتىنلا ئىزدىمەي، مۇستەققىل دۆلەتلەردىكى بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى ھەر خىل مەسىلىلەرگىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى. ئەگەر باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە كۆز قارىشىغا قوشۇلمىساق، ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ نىمە ئويلايدىغانلىقى توغۇرسىدا بىر تەكشۈرۈش ئىلىپ بارماي تۇرۇپ،  ئۆزىمىزنى ئالدىراپ پۈتۈن مىللەتنىڭ ۋەكىلى قاتارىغا قويۇپ، خەلقىمىز ئۇنداق قارايدۇ، مىللىتىمىز مۇنداق ئويلايدۇ دىمەيلى. باشقىلارغا دىكتاتۇر تەلەپپۇزىدا بۇيرۇق بىرىدىغان ئىشنى تىخىمۇ قىلمايلى. ئوتۇرغا قويۇلغان كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەرگە ، ئوخشىمىغان كۆز قارىشىمىز بولسا، ئۇنى شەخىسكە قارىتىپ ئەمەس، ئوتۇرغا قويۇلغان كۆز قاراش ۋە پىكىرگە قارىتىپ ئوتۇرغا قويايلى. چۈنكى ھىچكىم ئەۋلىيا ئەمەس؛ ھىچكىم ھەممىنى بىلگۈچى ئەمەس. شەخىسلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتتى نەزەر، شەخسى چوقۇنۇش قىلمايلى، چۈنكى خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى

No comments: