Friday, September 13, 2019

مۇنازىرە ئەخلاقى ۋە بىزدىكى رىياللىق

مۇنازىرە ئەخلاقى ۋە بىزدىكى رېئاللىق

Yingiz yiziq nusqisi
https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/09/munzire-munazire-exlaqi-we-bizdiki.html
مەمەت ئىمىن

ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىش ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان نورمال ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گەرچە ئادالەت دەۋىر سۈرگەن جەمىيەتتە نورمال داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق دىكتارتۇرلۇق جەمىيەتتە ھەر خىل چەكلىمىلىرىگە ئۇچۇراپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئىنسانلار سىنىپقا ئايرىلغان، ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرگە، كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە، كەمبىغەللەرنىڭ بايلارغا، پۇخرالارنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرگە مۇتلەق بوي سۇنۇش تەلەپ قىلىنغان جەمىيەتتە، "مۇنازىرە قىلىش" ياكى "گەپ تالىشىش" ئىنسانلارنىڭ ئەنەنىۋى ئەخلاق پەزىلىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئادەپسىزلىك قىلمىش دەپ قارىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتۇرغا قويۇشىغا ھەر خىل چەكلىمىلەر قويۇلغان؛ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇنازىرلەر ساغلام تەرەققى قىلىشتىن مەھرۇم قالغان.

دېموكىراتىك تۈزۈمنىڭ دۇنياغا كىلىشى، قانۇن تۈزۈمنىڭ تەدىرىجى  مۇكەممەلىشىشى ۋە ساغلام ئىجىرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا بارەۋەرلىككە بولغان تونۇشى ۋە تەلەپلىرى ئۈزلۈكسىز ئىشىپ بارغان؛ ئىنسانلار كۆڭۈل  بۆلىدىغان ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىشقا سورۇن ھازىرلانغان. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۆز ئارا مۇنازىرنىڭ ساغلام ئىلىپ بىرىلىشى ۋە مۇنازىرە جەريانىدا پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئىنسانلار مۇنازىرە جەريانىدا ئۆز ئارا بوي سۇنۇش كىرەك بولغان ئەخلاقى ئۆلچەملەر ئوتۇرغا قويۇلغان.

ئۇنداقتا "مۇنازىرە ئەخلاقى" نىڭ ئۆلچىمى نىمىلەردىن ئىبارەت؟ مەن مۇنازىرە ئەخلاق ئۆلچىمى توغۇرسىدا توختۇلۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئەخلاق توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئەخلاق دىگىنىمىز  ئىنسانلارنىڭ سۆز ھەركىتى ۋە قىلمىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى، ياخشى  ياكى يامانلىقىنى، ھەق ياكى ناھەقلىقىنى، ئالىجاناپ ياكى پەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان تارازا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان جەمىيەت ۋە ئوخشىمىغان دەۋىردا بىرىلگەن تەرىپ ۋە ئۆلچەملەر پەرىقلىق. مەسىلەن ئامىركا فەدېرال ئالى سوتنىڭ بۇرۇنقى سوتچىسى پوتتەر ستىۋارت (Potter Stewart ئەخلاق توغۇرسىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەخلاق دىمەك، ئىنسانلارنىڭ نىمە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى بىلەن نىمە قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ پەرىقىنى بىلىش دىمەكتۇر". ئامىركىلىق مەشھۇر تىجارەتچى ۋە ساخاۋەتچى ھەنرى كراۋىس (Henri Kravis)  مۇنداق دىگەن ئىكەن، "ئەگەر سەندە سەمىمىلىك بولمىسا، سەندە ھىچنىمە بولمايدۇ. سەن ئۇنى پۇلغا سىتىپ ئالالمايسەن. سەن دۇنيادىكى بارلىق بايلىققا ئىرىش، ئەمما ئەگەر سەن ئەخلاقى يوق بىر ئىنسان بولساڭ، سەندە ھىچنىمە بولمايدۇ"

ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى، ھەر بىر ئىنسانغا، ھەر بىر ئائىلىگە ۋە ئۇ ئىنسان ياشىغان جەمىيەتكە نىسبەتەن ناھايتى  موھىم بولۇپ، ئۇنىغا ئىنسانلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، قىممەت قارىشى، ئىتىقاتى، سەمىمىيەتلىكى، راسچىللىقى، ئۇنىۋىرسال ساپاسى، تاشقى موھىت ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمايى كەچۈرمىشى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەخلاق پەزىلەت توغۇرسىدا ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ئۆلچەم بىكىتىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئەخلاقنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن: شەخسى ئەخلاق، ئىجتىمايى ئەخلاق، دىنىي ئەخلاق، كەسپى ئەخلاق، تىجارەت ئەخلاقى، مۇنازىرە ئەخلاقى، تەنقىت ئەخلاقى. مەن تۆۋەندە ئاساسلىقى مۇنازىرە ئەخلاقى ۋە بىزدىكى رىياللىق توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويىمەن.

مۇنازىرە ئەخلاقى

مۇنازىرە ئەخلاقى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى  ۋە پىكىرلىرىنى ئوتۇرغا قويۇشتا بوي سۇنۇش زۆرۈر بولغان ئەخلاقى ئۆلچېمى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىكىر ۋە كۆز قاراش پەرىقى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. مۇنازىرە ئەخلاقىنىڭ ئەڭ نىگىزلىك يىرى ھەر بىرىمىز ئۆز سۆز ھەققىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىزنى تەكىتلىگىنىمىزدە، باشقىلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش سۆز ھەققى ۋە ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي، باشقىلارنى زورلۇق بىلەن بوي سۇندۇرۇش ئەمەس، بەلكى سۆز بىلەن قائىل قىلىش كىرەكلىكىنى، ئەگەر قارشى تەرەپ قائىل بولمىسا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش، ئىتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بىردەك ئىتائەت قىلىشتۇر. مۇنازىرە ئەخلاقىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھەق ھوقۇقتا باراۋەر بولىشى، قانۇننىڭ ئادالەتلىك ئىجىرا قىلىنىشى ۋە دەموكىراتىيەنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولىشىدۇر. ئۆز ئارا باراۋەرلىك بولمىغان موھىتتا  مۇنازىرە ئەخلاقى ۋە مۇنازىرىنىڭ ئادىل بولىشىدىن سۆز ئىچىش مۈمكىن ئەمەس.

كۆز قاراش (Opinion) دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ مەلۇم شەيى، مەلۇم ھادىسە ۋە مەلۇم ۋەقەگە بولغان كۈزۈتىشى، ئىزدىنىسى، تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ئوتۇرغا قويغان يەكۈنى بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ئىنساننىڭ كۆچۈرمىشلىرىگە، تەجىربە ساۋاقلىرىغا، بىلىم ساپاسىغا، دۇنيا قارىشىغا ۋە ئىتىقادىغا قاراپ پەرىقلىق بولىدۇ. كۆز قاراش، پاكىتتىن تۈپ پەرىقلىق بولۇپ، ئۇ نورمالدا مۇتلەق توغرا ۋە ياكى مۇتلەق خاتا بولمايدۇ. ئۇ پەقەتلا مەلۇم شەخىسنىڭ مەلۇم شەيى، مەلۇم ھادىسە ۋە ياكى مەلۇم ۋەقەلىككە بولغان تونىشى ۋە چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىق قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاي شەيى، ئوخشاش ھادىسە ۋە ياكى ئوخشاش ۋەقەلىككە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن ئوخشاش بىر ئالمىنى 5 كە پارچىلاپ، ئۇنى 5 ئادەم يىگەن بولسا، بەزىلەر ئۇ ئالمىنى بەك تاتلىقكەن دىيىشى مۈمكىن، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇ ئالمىنى ئۇنچە تاتلىق ئەمەسكەن دىيىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ھىچكىمنى خاتا دەپ ئەيىپلىيەلمەيمىز. ئۇ ئالمىنى بەك تاتلىقكەن دىگەنلەر بەلكىم بۇرۇن ئۇ ئالمىدەك تاتلىق ئالمىنى يەپ باقمىغان بولىشى مۈمكىن. ئۇ ئالمىنى ئۇنچە تاتلىق ئەمەسكەن دىگەنلەر بەلكىم بۇرۇن ئۇنىڭدىن تاتلىق ئالمىنى يەپ باققان بولىشى مۈمكىن. ئۇ پەقەت ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆتمۈشتىكى كەچۈمىشلىرىگە باغلىق. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قىلىشقا ھەقلىق. چوقۇم مىنىڭ توغرا، سىنىڭ خاتا دەپ، قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس.

پاكىت (Fact)، ئىسپاتلانغان ۋە ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغان ھەقىقەت بولۇپ، ئۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، زامان ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايدۇ، ھەممە ئىنسان قايسى نۇقتىدىن قارىشىدىن قەتتى نەزەر، ئىرىشكەن خۇلاسە ئوخشاش بولىدۇ؛ توغرا بولمىسا خاتا بولىدۇ، خاتا بولمىسا توغرا بولىدۇ. شۇڭا نورمالدا پاكىت توغۇرسىدا ئۆز ئارا كۆپ تالاش تارتىش بولمايدۇ. مەسىلەن 10 قەۋەتلىك بىر بىنا، ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاشلا 10 قەۋەت؛ 5 كىلومىتىرلىق مۇساپە، ھەرقانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاشلا 5 كىلومىتىر؛ 60 كىلوگىرام ئىغىرلىقتىكى تۆمۈر، ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاشلا 60 كىلوگىرام تۆمۈر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پاكىت بولۇپ، ئۇلار ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاش.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇكى، بەزىدە كۆز قاراش دەپ تالاش تارتىش قىلىشقان بەزى قاراشلار زاماننىڭ ئۆتۈشىگە، ئىلىم پەن ۋە تەخنىكىنىڭ تەرەقىياتىغا، ئىنسانلارنىڭ كائىناتقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، ئۇ پاكىتقا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ يەر شارىنىڭ شەكلىگە بولغان تونۇشى يىتەرلىك بولمىغان دەۋىرلەردە، بەزىلەر يەر شارىنى يۇمۇلاق دەپ قارىغان بولسا، يەنە بەزىلەر يەر شارىنى تۈز دەپ قارىغان ۋە شۇ سەۋەپتىن يەر شارىنىڭ شەكلىنىڭ قانداقلىقى توغۇرسىدا ناھايتى ئۇزۇن بىر زامان مۇنازىرە بولغان. ئاستىرونومىيە ئىلىمىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ۋە ئۇنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىنسانلار ھەقىقەت قاتارىدا قوبۇل قىلغان؛ نەتىجىدە يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكى ئەسلىدىكى كۆز قاراشتىن پاكىتقا ئايلانغان.

ئەگەر بىز تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىختا يۈز بەرگەن نۇرغۇن توقۇنۇشلارنىڭ، ئىنسانلارنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىق تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇزۇن زامانلىق توقۇنۇشلاردىن كىيىن، ئىنسانلار، مۇنازىرە جەريانىدىكى پىكىر ۋە كۆز قاراش پەرىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان توقۇنۇشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ بەلگۈلۈك قائىدە يوسۇنلارغا بويسۇنىشى كىرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بارا بارا مۇنازىرە ئەخلاقى شەكىللەنگەن.

ئۇنداقتا ئىنسانلار مۇنازىرە قىلغاندا نىمە ئۈچۈن توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەپلىرى نىمىلەردىن ئىبارەت؟

ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئوتۇرغا قويۇپ، ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلالىشىنىڭ ئاساسى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش ھەققىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدۇر. دىكتاتۇرلۇق ھۆكۈم سۈرگەن جەمىيەتتە، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇتلەق بويسۇندۇرۇش ۋە مۇتلەق بويسۇنۇش بولۇپ، ئۇنداق جەمىيەتتە بىر خىل ئاۋاز، بىر خىل ئىدىيە ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرغان. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئىزھار قىلىش پۇرسىتى بولمىغاچقا، ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىش ۋە ئۇ مۇنازىرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇش كۆپ ئەمەس، ياكى توقۇنۇش بولسىمۇ ئاساسەن ھۆكۈمىران سىنىپلار ئارىسىدىلا چەكلەنگەن. ئىنسانلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئەركىن ئىپادىلەش پۇرسىتى بولغاندا، ئاندىن مۇنازىرە بولىدۇ، مۇنازىرە بولغاندا ئاندىن پىكىر، كۆز قاراشتىكى پەرىق ۋە ئىختىلاپ ئوتۇرغا چىقىدۇ. يەنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىكىر، كۆز قاراشلارنىڭ پەرىقلىق بولىشى ۋە ياكى پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ئوتۇرغا چىقىشى، ئەركىنلىك بولغان دېموكىراتىك بىر جەمىيەتتىكى نورمال ھادىسە.

ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ھادىسە، ۋەقەلىك ۋە شەيىلەرگە بولغان كۈزۈتۈشى، ئىزدىنىشى، چۈشىنىشى ۋە تونۇشى پەرىقلىق بولغاچقا، ئۇلارغا نىسبەتەن چىقىرىلىدىغان يەكۈنمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئىنسانلار ئارىسىدا پىكىر، كۆز قاراش پەرىقى ۋە ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ. يەنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ كۆز قاراشتىكى ئوخشىمسسلىق ۋە پىكىردىكى پەرىقتۇر. ئەلۋەتتە ئىنسانلار بەزىدە  كۆز قاراش بىلەن پاكىتنى ئارلاشتۇرۇپ، ياكى كۆز قاراشنى پاكىت ئورنىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ۋە باشقىلارنى بىسىشقا ئۇرنىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئىنسانلارنىڭ پاكىتقا قارىتا خاتا چۈشەنچىسى تۈپەيلىدىن بىھۇدە تالاش تارتىش قىلىپ، ئۆز ئارا توقۇنۇش پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى ئورتاقلىق، ئىنسانلارنى بىر يەرگە توپلايدۇ؛ دوست ۋە ئىجتىمايى مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىدۇ. پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى ئورتاقلىققا، ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق غايە قوشۇلۇپ، تەشكىلات ۋە سىياسى پارتىيەلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى بىرلىك، ئىنسانلارنىڭ ئىتىپاقلىقىنى ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ. بىراق دەل شۇ پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى ئوخشاشلىق سەۋەبىدىن، خاتالىقمۇ قايتا قايتا سادىر بولىشى، كۆپ يىڭىلىق ۋە تۈپ ئۆزگۈرۈش ئاسان دۇنياغا كەلمەسلىكى ۋە ياكى يىڭىلىق ۋە ئۆزگۈرۈش ئاستا بولىشى مۈمكىن.

پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىق، بەزىدە ئىنسانلارنىڭ يالغۇز قىلىشىغا سەۋەپ بولسىمۇ، ئۆز ئارا ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىش ئۈنىمىگە توسالغۇ بولسىمۇ، ھەتتا ئىنسانلار ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھادىسە، ۋەقەلىك ۋە شەيىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۈزۈتىشىگە، ئۇلارغا بولغان تونىشى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ تىخىمۇ ئەتىراپلىق ۋە تولۇق بولىشىغا، يۈزلەنگەن مەسىلىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئوخشاش خاتالىقنىڭ قايتا قايتا سادىر بولۇشتىن ساقلىنىشقا سەۋەپ بولىشى مۈمكىن. ئوخشىمىغان ۋە ياكى يىڭى ئىدەيەلەرنىڭ دۇنياغا كىلىشىگە شاراھىت ھازىرلىشى مۈمكىن. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەكلى، يىڭىلىق ۋە ئۆزگۈرۈش نورمالدا پىكىر ۋە كۆز قاراشتا، باشقىلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغانلار ئىچىدىن ئەمەس، بەلكى پىكىر ۋە كۆز قاراشتا باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغانلار، ئالاھىدە ۋە ئۆزگۈچە تەپەككۇر قىلىدىغانلار ئىچىدە دۇنياغا كىلىدۇ. ئۆزگۈرۈش دىمەك، بۇرۇن مەۋجۇت بولغانلاردىن پەرىقلىق دىمەك. يىڭىلىق دىمەك، كونىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ دىمەك. پەرىق، ئۆزگۈرۈش ۋە يىڭلىقنىڭ نىگىزى؛ پەرىق بولمىسا، ئۆزگۈرۈش ۋە يىڭىلىق بولمايدۇ. شۇڭا پەرىقنى چەكلەش، پەرىقنى ئىنكار قىلىش دىمەك؛ ئۆزگۈرۈشنى ۋە يىڭىلىقنى قوبۇل قىلماسلىق ياكى ئۇنى چەكلەش، ئىنكار دىمەكتۇر.

بىز، پۇخرالارنىڭ، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى چەكلەنگەن، ھەممە جەھەتتە مەركەزنىڭ، پارتىيەنىڭ تەلىماتى بويىچە ئىش كۆرۈش تەلەپ قىلىنغان، مۇستەملىكە ۋە دىكتاتۇر بىر ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىدا ياشىغان ۋە تەربىلەنگەن بولغاچقا، بىز ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئەركىن ئىپادىلەشتىن ۋە ساغلام مۇنازىرە قىلىشتىن مەھرۇم قالغان. شۇ سەۋەپتىن بىزدە ساغلام مۇنازىرە قىلىشقا ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىغا بولغان چۈشەنچە ئىنىق ئەمەس. بىز ھە دىسەك ئۆزىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى نوقۇل ھالدا تەكىتلەپ، باشقىلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ھەق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭىمىز ياكى باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قارىشىنى ئىنكار قىلىمىز. ئەگەر باشقىلار قوبۇل قىلمىسا، ئۇنى شەخسى ئالىمىز؛ ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايمىز. بىز مەيلى ھەقلىق بولايلى ياكى ھەقسىز بولايلى، بىز ئوتۇرغا قويغان پىكىر تەكلىپلەر مەيلى توغرا بولسۇن ۋە ياكى خاتا بولسۇن، بىز ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى قانداق ۋە قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ئوتۇرغا قويساق، ئۇنىڭ ئەڭ مۇئاپىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيمىز. بىز دىكتاتۇرلۇق ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈلمىدىن شىكايەت قىلىمىز، بىراق ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي باشقىلارغا دىكتاتۇرلۇق قىلىمىز. بىز مۇنازىرە قىلغاندا،  پاكىت بىلەن كۆز قاراشنى ئاسان ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز، ياكى كۆز قاراشنى پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىمىز. پاكىتقا ھىس  تۇيغىمىزنى قىتىۋالائىمىز ۋە ئاسانلا مۇنازىرە بولۇۋاتقان تىمىدىن چەتنەپ، بۇرۇنقى مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى مۇنازىرىگە سۆرەپ كىرىمىز.

ئادەتتە، بىز مەلۇم پىكىر ۋە كۆز قاراشنى ئوتۇرغا قويغىنىمىزدا، ئەگەر باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشسەك، كۆڭلىمىز راھەت تىپىشى مۈمكىن؛ ئۆزىمىزنىڭ توغۇرلىقىغا ئىسپات تاپقاندەك بولىمىز. بۇ كۆپۈنچە ئىنسانلاردا بولىدىغان نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئۇنىڭ گەرچە ئۆز ئۆزىمىزدىن قانائەت قىلىشىمىزغا ۋە سىرداش تىپىشىمىزغا پايدىسى بولسىمۇ، بىراق بىز بىلەن ئوخشاش پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى كىشىلەر، بىزنىڭ كەڭ دائىردە تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ۋە ئۆز كۆز قارىشىمىزنى تىخىمۇ ئەتىراپلىق قىلىشىمىزغا كۆپ ياردەم بىرەلمەيدۇ. ئەكسىنچە، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلار، بىزنىڭ مەسىلەلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تەپەككۇر قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىشى مۈمكىن.

ئۇندىن باشقا بىز مەلۇم پىكىر ۋە كۆز قاراشنى ئوتۇرغا قويغىنىمىزدا، ئەگەر باشقىلار ئۇنىنغا قارشى چىقسا ۋە ياكى بىرسى بىز بىلەن پۈتۈنلەي پەرىقلىق پىكىر ۋە كۆز قاراشنى ئوتۇرغا قويسا، ئۇ بىزنىڭ غۇرۇرىمىزغا تىگىشى ۋە بىز ئۇنى ئۆزىمىزگە ئىلىشىمىز مۈمكىن. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىپ سوغاققانلىق بىلەن، "نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ پىكىر ۋە كۆز قارىشى مەندىن پەرىقلىق؟" دەپ ئويلاپ باقساق، بەلكىم ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشىمىزدىكى بەزى يىتەرسىزلىكلەرنى پەرىق ئىتەلىشىمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تەپەكۇر قىلىش ئۇسۇلىمىزدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىشىمىز مۈمكىن. نەتىجىدە، بىزنىڭ مەلۇم مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىمىز تىخىمۇ كەڭىيىشى مۈمكىن. ئەپسۇس، بىز رىياللىقتا، بىزگە ئوخشىمايدىغان پىكىر قىلغانلارنى، ئالدىراپ "ئىتىپاقلىقنى بۇزغۇچى"، "پىتنە پاسات تارقاتقۇچى" قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئەيىپلەيمىز ۋە چەتكە قاقىمىز. "باشقىلارمۇ ئاز تولا بىر نەرسە ئويلاپ، بۇ پەرىقلىق پىكىر ۋە كۆز قاراشنى ئوتۇرغا قويغاندۇ" دەپ ئويلاپ باقمايمىز. دالاي لاما مۇنداق دىگەن ئىكەن، "سەن سۆزلىسەڭ، پەقەت بىلىدىغىنىڭنى تەكرارلايسەن، بىراق سەن باشقىلارنى ئاڭلىساڭ، بىلمىگەننى بلىۋالىسەن". دىمەك، باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشىنى ئاڭلاپ قويۇش، زىيانلىق ئىش ئەمەس.

بىز چوڭ بولغان موھىتتا، يالغۇز تەبىئې پەن ئەمەس، ئىجتىمايى پەن دائىرسىدىكى نۇرغۇن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى بار بولۇپ، سورالغان ھەر قانداق سوئالغا، باشقىلار تەييارلىغان ۋە بىز يادقا ئىلىۋالغان ئۆلچەملىك جاۋاپ تەلەپ قىلىنغىنى ئۈچۈن، بىزدە ئۆلۈك يادلاش ئەھۋالى ئىغىر، مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىش كەم؛ پاكىت بىلەن كۆز قاراش ئارىسىدىكى پەرىق ئىنىق ئەمەس. مەسىلەن تارىخ كىتاپلىرىدا ئوتۇرغا قويۇلغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى پاكىت بولىشى ناتايىن. بىز بىلىمىزكى، تارىخ، مەلۇم ۋەقەلىك يۈز بەرگەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن ماتىريال بولۇپ،  ئۇنىڭ ئىچىدە گەرچە بەزى پاكىتلار بولسىمۇ، بىراق تارىخنىڭ كۆپ قىسمى، تارىخچىنىڭ شۇ ۋەقەلىكنىڭ يۈز بىرىش سەۋەپلىرى توغۇرسىدىكى چۈشەنجىسى ۋە كۆز قارىشىدىن ئىبارەت. تارىخى كىتاپلاردا ئوتۇرغا قويۇلغان ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ۋاقىت، ئورۇن، ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەر پاكىت بولغاندىن باشقا نۇرغۇن مەزمۇنلار، يازغۇچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلىككە بولغان كۈزۈتىشى، ئىزدىنىشى، چۈشەنچىسى ئاساسىدا  يىزىپ چىققان خۇلاسە ۋە يەكۈندىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپتىن ئوخشىمىغان تارىخچى يىزىپ چىققان تارىختا پەرىق بولىدۇ ۋە تارىخ داۋاملىق قايتا يىزىلىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئەيىتقاندا، ساغلام بىر جەمىيەتتە، ھەم پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى ئورتاقلىق، ھەم پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كىرەك. پىكىر ئورتاقلىقىنى ھەددىدىن زىيادە تەشەببۇس قىلىپ، پىكىردىكى پەرىقنى چەتكە قىقىش ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىش نورمال ئەمەس. پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىق بەك ئىغىر بولۇپ، پىكىر ۋە كۆز قاراشتا بىرلىك ۋە ئورتاقلىق بولماسلىقمۇ توغرا ئەمەس. مەسىلە بىزنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىققە قانداق مۇئامىلى قىلىشىمىزدا؛ بىزنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىق تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان توقۇنۇشلاردىن قانداق ساقلىنىشىمىز ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىشىمىزدا. ئەگەر بىز مۇنازىرە جەريانىدا، مۇنازىرە ئەخلاقىغا بوي سۇنۇپ، ئۆزىمىزنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى تەكىتلىگەندە، باشقىلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتسەك ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلساق، كۆز قاراش پەرىقى ۋە پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان توقۇنۇشلاردىن ئۈنۈملىك ساقلىنالايمىز. ئۇ چاغدا بىزنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشتىكى پەرىقلەر، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ساغلام تەرەققى قىدۇرۇشتا، ھەم شۇنداقلا ئىشلىرىمىزدا ئۆزگۈرۈش ۋە يىڭىلىق يارىتىشتا ئىجابى رول ئوينادىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىشى مۈمكىن.


No comments: