Wednesday, December 13, 2017

تېرورلۇق توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز پاراڭ


تېرورلۇق توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز پاراڭ
مەمەت ئمىن
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەندە نىيورۇك شەھرىدە بىر تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى. بىزنىڭ بىر زىيالى فەيىسبۇكتا بۇ تېرورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىپلەپ بىر يازما ئىلان قىپتۇ. ئۇ زىيالى فەيىسبۇكتا ئىلان قىلغان يەنە بىر يازمىسىدا پەلەستىن ئىسرايىلىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئۆزنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇپتۇ. مەن ئۇ  يازمىلارنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن، ئۇلار توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويغۇم كەلدى.
بىزنىڭ بۇ زىيالى نىيورۇكتا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى توغۇرسىدا توختۇلۇپ، ئۇنى قاتتىق ئەيىپلەپتۇ، ۋە سۆزىنى مۇنداق باشلاپتۇ "تۈنۈگۈن نيۇيورك شەھىرىدە، مۇسۇلمان پۇشتىدىن بولغان يەنە بىر مەخلۇق، تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلدى". بۇنداق بىر تەرورلۇق ۋەقەسىى ھەقىقەتەنمۇ ھەممىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە ئەرزىدۇ. ئۇ يازمىسىدا دىگەندەك تېرورلۇق پەيدا قىلغۇچى پەقەتلا مۇسۇلمان پۇشتىدىن بولغان بىر مەخلۇق. مۇسۇلمان بولۇشنىڭ، ئۆزىگە چۇشلۇق تەلەپ ۋە قاھىدىلىرى بار.  مۇسۇلمان پۇشتىدىن بولغان ۋە ياكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ناتايىن. ئىسلام دىنىدا گۇناسىز ئادەمنى ئۆلتۈر دەيدىغان ھىچقانداق بىر تەشەببۇس يوق. ئۆزىنى ھەقىقى مۇسۇلمان دىگەن ئادەم تېرورلۇق قىلمايدۇ، تەرورلۇق قىلغان ئادەم ھەققى مۇسۇلمان بولالمايدۇ. مەن بۇ جەھەتتە ئارتۇق سۆزلىمىسەممۇ، مۇسۇلمان ئاھىلىسىدە چوڭ بولغان ھەرقانداق ئىنسان، بۇ جەھەتتە ئاز تولا بىر نەرسە بىلىشى مۈمكىن.
بىز ھەقىقەتەنمۇ ئۇ تېرورلۇق ۋەقەسىنى ئەيىپلىشىمىز كىرەك. بىز يالغۇز بۇ تىرورلۇق ۋەقەسىنىلا ئەيىپلەپ قالماستىن ھەرقانداق تېرورلۇق ھەركەتىنى ئەيىپلىشىمىز كىرەك. يالغۇز مۇسۇلمان پۇشتىن بولغانلارنىڭ ئامىركا خەلقىگە ئىلىپ بارغان تېرورلۇق ھەركىتىنى ئەيىپلەپ قالماستىن، باشقا ھەر قانداق پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ تېرورلۇق ھەركىتىنى ئەيىپلىشىمىز كىرەك.
 ئامىركىدا مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان قانخورلۇق، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلار ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جىنىغا زامىن بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان پۇشتىدىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى باشقا دىندىكىلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار بولۇپ ئۇلار نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئىنساننىڭ جىنىغا زامىن بولدى. بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ئەمەس. نۇرغۇن ئىنسانلار ئىتىراپ قىلغان، ۋە كۆپلىگەن ئاخباراتلاردا ئىلان قىلىنىپ كەلگەن بىر ھەقىقەت.

بىز زوراۋانلىقنى ۋە تېرورلۇقنى ئەيىپلىگەندە، يالغۇز ئۇنى قايسى دىندىكىلەرنىڭ پۇشتىن بولغانلارنىڭ ئامىركا ۋە ياكى غەرىپ دۆۋلىتىدە ئىلىپ بىرىلغانلىقىنى ئەيىپلەپ قالماستىن، دىندىن، رايۇندىن ھالقىغان ھالدا ھەممە تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى ئوخشاشلا ئەيىپلىشىمىز كىرەك. يالغۇز مۇسۇلمان پۇشتىدىن بولغانلار غەرىپتىكى بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرسە تېرورلۇق ھىساپلىنىپ، باشقا دىندىكىلەر ۋە ياكى دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار باشقا يەردە باشقا بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرسە تېرورلۇق ھىساپلانمايدىغان ئىش يوق. بىرمىدىكى بۇددىستلار بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ، ئۇلارنى ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرسە، ئۇمۇ تېرورلۇق ھىساپلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىمۇ ئەيىپلىشىمىز كىرەك. ئەلۋەتتە بىز ئۆلگۈچىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچىنىڭ بىگۇناھ بىر ئىنسان بولغىنى ئۈچۈن، ھەرقانداق تەرورلۇق ھەركىتىنى قاتتىق ئەيىپلەئىشىمىز كىرەك.
بىز پالەستىنلىكلەرنىڭ بىگۇناھ يەھۇدىلارنى ئۆلتۈرگىنىنى ئەيىپلەپ قالماستىن، ئىسرايىل ئەسكەرلىرىنىڭ بىگۇناھ پالەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرىشىنىمۇ ئەيىپلىشىمىز كىرەك. ئىنسان قانداق بىر ئىنسان بولۇشتىن قەتتى نەزەر، بىگۇناھ ھامان بىگۇناھتۇر. ھايات ھەممە ئادەمگە قىممەتلىكتۇر. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز زىمىنىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، ئەركىن ياشاش ھەق ھوقۇقى بار. بىر ئىنساننىڭ بىزگە پايدىسى كەلگەن بولسا، ئۇ ئىنسان ھەقلىق ئىنسان، بىر ئىنساننىڭ بىزگە پايدىسى كەلمىگەن بولسا ئۇ ئىنسان ھەقسىز ئىنسان بولۇپ قالمايدۇ.
بىزنىڭ ئۇ زىيالى يازمىسىدا "ئامېرىكادىكى ياپونلۇقلار ۋە جۇڭگولۇقلار ھېچقانداق بىر دىنغا ئىشەنمەيدۇ. بىراق ئۇلار ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قارشىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئامېرىكادا تىرىشىپ ئوقۇپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسىلەپ تۆھپە قوشۇپ، ھازىرغىچە بىگۇناھ ئامېرىكا خەلقىنى ئۆلتۈرىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ باقمىدى" دەپتۇ.
مىنىڭ قارىشىمچە يالغۇز ئامىركىلقنى ئۆلتۈرسە ئاندىن تېرورلۇق بولۇپ، باشقىلارنى ئۆلتۈرسە تېرورلۇق بولمايدىغان ئىش يوق.  خىتتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان خىتتاي خەلقىنىڭ مىللىتىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرىشى ۋە قىرغىنچىلىقىمۇ ئەيىپلىنىشكە ئەرزىدىغان دۆۋلەت تېرورلۇقى. بەلكىم بىزنىڭ بۇ زىيالى ئۇنى ھۆكۈمەتتىنىڭ قىلمىشى، خىتتاي خەلقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دىيىشى مۈمكىن. ئۇ ھەتتا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندە يۈرگىزىۋاتقان باستۇرۇش سەياسىتىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى قانۇن بويىچە جازالاش دەپ قارىشى مۈمكىن. ئىلھام توختى، مۇددەتسىز جازالانغىدەك نىمە جىنايەت ئۆتكۈزۇپتىكەن؟ ھازىر ھەر خىل  بوھتان ۋە قالپاقلار بىلەن تۇتۇقلانغان نۇرغۇنلىغان زىيالىلار نىمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتىكەن؟ چەتەلدە باللىرى، ئۇرۇق تۇققان ۋە دوست بۇرادەرلىرى بار نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تەربىلەشكە يىغىۋىلىنغىدەك، چەتەلدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا پىتىنالمىغىدەك نىمە گۇناھ قىپتىكەن؟ بەزىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىرىشتىمۇ يوق، مەن ئۇنى بىلمىدىم، بىراق چەتەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتا ئانا، ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرى، ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدە بولۇشى سەۋەبىدىن جازالانماقتا.
بىزنىڭ بۇ زىيالى بەلكىم مەن ئامىركىدىكى ئەھۋالنى دىسەم، سەن مەسىلىنى باشقا يەرگە يۆتكەۋاتىسەن، بۇ ئىككىسى ئىككى مەسىلە دىيىشى مۈمكىن. توغۇرا، بۇ ئىككىسى گەرچە كۆرۈنۈشتە ئوخشىمىغان ئىككى مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشلا ھەقسىزلىق، ئادالەتسىزلىك. بىز ئۆزىمىزنى تىچلىقنى سۆيىدىغان ھەققانىيەتچى دەپ قارايدىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ كىچىككىنە مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆزلىشىمىز كىرەك. ئەيىپلەشكە تىگىشلىك ھەممە ھەقسىزلىكلەرنى ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ئەيىپلىشىمىز كىرەك. بولۇپمۇ چوڭ دۆۋلەتلەر كىچىك دۆۋلەتلەرنى، كۈچلۈك مىللەتلەر ئاجىز مىللەتلەرنى بوزەك ئەتكەندە، تىخىمۇ ھەق تەرەپتە تۇرىشىمىز كىرەك. خىتتايغا ئوخشاش چوڭ دۆۋلەت ھازىرقى خەلقارا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ خەلقىمىزنى باستۇرسا، خەلقىمىزنى ئۆزى خالىغانچە بوزەك ئەتسە، ئۇنىقلىق ئۈچۈن ئۆزىمىز توغۇرا دەپ بىلگەن ھەرقانداق ئۇسۇلدا قارىشىلىقىمىزنى بىلدۈرىشىمىز، ئۆز ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز كىرەك.
ئەمدى بۇ زىيالىمىز دىگەن شۇ "ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قارشىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئامېرىكادا تىرىشىپ ئوقۇپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەسسىلەپ تۆھپە قوشۇپ كەلگەن جوڭگولۇقلار" غا كىلەيلى. مەن ئامىركىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، ئامىركىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئامىركىغا توھپە قوشقان ۋە قوشىۋاتقان خىتتايلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق ئۇلار خىتتايلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؟ بىر مىللەت سۈپىتىدە باج ئوغۇرلاش ئەڭ ئىغىر بولغان ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان مىللەتلەرنىڭ بىر خىتتاي مىللىتى بولسا كىرەك. ئامىركىدا ئۇزۇن مۇددەت ياشاپ، ئۆزى ئامىركا ۋەتەندىشى بولۇپ تۇرۇپمۇ، ئوقىغانلىرى ياكى سەل ئادەپلەكلىرى ئۆزىدىن باشقا ئامىركىلىلقارنى "لاۋۋەي" يەنى "چەتەللىك" دەپ ئاتايدىغان، ئوقۇمىغان ياكى ئەدەپسىزلىكلىرى ئۆزىدىن باشقا ئامىركىلىلقارنى "گۇيلاۋ" يەنى "ئالۋاستى" دەپ ئاتايدىغان، پايدىغا كەلگەندە ئۆزىنى ئامىركىلىق، مەسۇلىيەتكە كەلگەندە ئۆزىنى بۇ دۆۋلەتنىڭ بىر ئەزاسى كۆرمەيدىغان، خىتتايدىن باشقا يەنە قانچىلىك مىللەتت بار، مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۇندىن باشقا مۇسۇلمان ۋە ياكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بولغاندا، ئۇلارنى "قىرىۋىتىش كىرەك" دىگەنگە ئوخشاش ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئىنكاسلىرى، ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئامىركا قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلغانلىق ھىساپلىنارمۇ؟ خىتتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئوقىدىغانلىرى راستىنلا ئاز ئەمەس، بىراق ئامىركىدا ھەر خىل قارا جەمىيەت قۇرۇپ، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتتايلارمۇ ئاز ئەمەس.
بىز، بىلىش ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم قىلىنغان، ھەققانىيەت بۇرمىلانغان، ئىنسانلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ۋە بىر خىل ئىدىيە، بىر خىل ئىقىم ھۆكۈمۈرانلىق ئورۇندا تۇرىدىغان دىكتاتۇر بىر دۆۋلەتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق ۋە تەربىلەندۇق. بەزىلىرىمىز راس يالغاننى ۋە ھەق ناھەقنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان ھالدا ياشىدۇق، بىراق بىز ھازىر سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولغان دېموكىراتىك بىر دۆۋلەتتە ياشاۋاتىمىز. سۆز ئەركىنلىكى دىگەنلىك، ھەرگۈزمۇ ئىغىزىغا كەلگەننى سۆزلەۋىرىش دىگەنلىك ئەمەس. سۆز ئەركىنلىكى دىگەنلىك، زالىملار ۋە مۇتەھەملەرنىڭ تەھدىتىگە تىز پۈكمەي، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇپ ھەقنى سۆزلەش دىگەنلىك.
زىيالى دىمەك ھەرگۈزمۇ بىر ساندۇق كىتاپ ۋە ياكى نۇرغۇن بىلىملەر قاچىلانغان بىر كومپىيۇتۇر دىمەك ئەمەس؛ زىيالى دىمەك ئاق قارىنى، ھەق ناھاقنى پەرىق ئىتىدىغان بىر بىلىم ئادىمى دىمەك؛ زىيالى دىمەك ئۆز ئەخلاقى پەزىلىتى بىلەن مىللەتكە يىتەكچى بولىدىغان، مىللەتكە ئۆلگە بولىدىغان ۋە مىللەتنى تەربىلەيدىغان بىلىم ئىگىسى دىمەك.

No comments: